ئۇيغۇردىن پەخرلىنىش نىمىدىگەن سۈيۈملۈك

پەرھات مۇھەممەتئىمىن

قانچىلىغان تارىخى مۇساپە ۋە تالايلىغان دەۋىر ئۆزگىرىشلىرى،ئەزەلدىن تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب -شىمالىنى مەركەز قىلىپ ياشاپ كىلىۋاتقان ، ئىشچان ،ناھايتى ساددا ۋە تىرىشچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىڭ يىللاپ تارىخى ئۆزگىرىشىلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائى ئۆزگىرىش ۋە تالايلىغان دەۋىر بۇرلىشلىرىنى قولغا كەلتۈرىشىمىزگە پۇلاتتەك پاكىت ئاساسىنى يىتىلدۈردى.

يەنە تالايلىغان ئۆزگىرىشلەر بىزنىڭ تارىخىمىزغا ئۆز پىتى يېزىلىپ ، بىزنىڭ شانۇ-شەۋكىتىمىز بىلەن ئىللەتلرىمىزنىڭ ئۆز ھالىتىنى بىز ئۈچۈن سىگىنال سۈپىتىدە ساقلاپ نىمىنى چوڭ بىلىش ۋە نىمىنى قەدىرلەش، شۇنداقلا نىمىگە ئىنتىلىپ نىمىنى تەرىك ئىتىش توغىرىسدا ،بىزنىڭ ئاڭ سەۋىيەرىمىزنى غىدىقلاپ كەلمەكتە.

تالايلىغان ئۆزگىرىشلەر بىزگە شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى- بىز يەنىلا ھەقىقەتەن پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك ،شەرەپ ھىس قىلىشقا تىگىشلىك ئىنتايىن گۈزەل بىرخىل مەدىنيەت ۋە ئادەت يىتىلدۈرگەن خەلق ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلىدى. بىز مەيلى سەنئەت ساھەسى بولسۇن ياكى ئىلىم-پەن ھەم ماتىماتىكا شۇنداقلا تەنتەربىيە ،ئىقتىساد ساھەسى بولسۇن راستىنلا باشقىلارنى تاڭ قالدۇردىغان نەتىجىلەرنى ھەر ۋاقىت كەلتۈرەلەيدىغانلىقىمىز نى ئەمىليەتتە كۆرسىتىش قۇربىمىزنىڭ بارلىقىنى، يىقىننىياقى پەرزەنىتلىرىمىزدە كۈرۈلگەن ئەمىلى نەتىجىلەر يەنە بىر ئىسپاتلىدى.گەرچە ئىللەتلىرىمىز يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ يەنىلا بىزنىڭ ھەقىقى پەزىلىتىمىزنىڭ ،تىرىشچانلىقىمىزنىڭ ھەم ئەقلى ساپايىمىزنىڭ تېخى ئۇنچىلىك كىرزىس پاتقىغا پاتمىغانلىقىمۇ ھەم ئەمىليەتتە ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن تۈۋەندە ئىنتايىن رازىمەنلىك ۋە سۈيىنىش شۇنداقلا پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا بۇ ھەقتىكى كۈڭۈل سۆزلىرىمنى ئەلكۈيىدىكى دوسلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق تاپتىم. شۇڭا بۇ يەردە ئۇنداق دەبدەبىۋى ياكى شۇئار مەنىسىدىكى بايانلاردىن ئامال بار ساقلنىشقا تىرىشتىم. ۋە ئۈزۈمنىڭ ھەقىقى ھاياقىنى قەتئى قۇيىۋەتتىم ، چۈنكى مەنمۇ پەخىرلىنىپ باقاي .شۇڭا بۇ ھەقتە دوسلارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىپ ئۆز تۇيغۇلىرىنى بىردەكلەشتۈرۈشكە تەۋسىيە قىلىمەن.

1)- ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقى پەخىرى، سۈيۈملۈك پەرزەنتىمىز پەخىرىيە ،سىزگە دىسەم ، سىزنىڭ نەتىجىڭىز چىققان شۇ دەقىقىدىكى ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ،ئۇرۇق تۇققانلىرىڭزنىڭ كۈزىدىن بۇلۇپمۇ سىزنىڭ كۈزىڭىزدىن ئاققان ھاياجانلىق يىشى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ دىلىدىن، ئاققان ئەڭ تەسىرلىك ياش. بۇنىڭغا ھەقىقى ئىشىنىڭ. كۆز يىشىڭىز ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ دىلىدا مەڭگۇ ياد ئىتىلىدۇ. بىز سىزدىن ھەقىقەتەن پەخىرلىنىمىز.

ئادەم راسلا ياش تۈكىدۇ. ئەمما ياش تۈكۈش سەۋەبى ئوخشاش بولمايدۇ. نىمە ئۈچۈن بەزى كۆز ياشلار ناھايتى ئەھمىيەتسىز بەزىلىرى پۈتۈن ئىنسانىيەتنى تەسىرلەندۈرىدۇ. بۇ ھەقتە توختالساق نۇرغۇنلىغان يىشىملارغا ئىگە بۇلىمىز. ئەمدى بۇ يەردە بىز بۇ نوقتىغا ئىسىلماي ، 2011-يىللىق ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ ، نەتىجە چىققاندا ئۈنسىز-ياش تۈككەن پەخىرلىك ئۇستاز ئەشىرەپ ئاكا ئائىلىسىدىكى ،ھاياجانلىق ئانا-بالا كۆز يىشىغا دىقىتىمىزنى ئىختىيارسىز قارىتىدىغان بولساق ۋە ھەقىقى چۈشىنىپ زەن سالىدىغان بولساق، باغىرىمىز تاش بولمىسىلا سۆزسىز ھەممىز ياش تۈكىمىز.ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەرزەنىتلرىنىڭمۇ تاڭ قالارلىق قابىليىتىنىڭ ئەمىليەتتە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقاپ ھاياجىنىمىزدىن شۇلاردەك راسلا نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قالىمىز. بۇلۇپمۇ بۇ يەردە ھىس قىلىدىغىنىمىز ئادەمگە بىر پۈتۈن ئۆمىرىدە نىسىپ بۇلىشى ئىنتايىن قىيىن بولغان مىسلىسىز ھاياجان ۋە پەخىرى تۇيغۇ. (پىقىرمۇ مۇشۇ قۇرلارنى يىزىۋاتقاندا نىمە دىيىشىمنى ۋە نىمە دەپ بىر نەرسىلەرنى يىزىشىمنى قەتئى ھىس قىلالمىغانلىقى ئەمىليەت) ئىغىر بارماقلىرىمنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ سۆزگە كىلىپ، پىكىرى قىلىشنى باشلىسام ، بىزنىڭ بۇ سۈيۈملۈك،پەخىرلىك قىزىمىز ئىسمىمۇ ھەقىقەتەن بىشارەت كەبى قۇيۇلغان پەخىرىيە،ئادەم سانى 1 مىليارىتتىن ھالقىغان ھەرخىل مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان چوڭ ۋەتەندىكى،نۇپۇسى ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ جاسارىتى چەكسىز بىر خەلققە ۋاكالىتەن ، شۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ ساپاسىنى سىنايدىغان سۇئاللار ئىچىدە بۇلۇپمۇ ماتىماتىكىدا ھەر قانداق ئادەمنى چۈچۈتكىدەك نەتىجە بىلەن ئۈزىنى ۋە ئاتا-ئانىسى شۇنداقلا بىر پۈتۈن خەلقىنى ھەممىگە تۇنۇتتى، قىسقىسى ئەڭ قىيىن ۋە مۇھىم بولغان پەن ماتىماتىكىغا كەلگەندە 150 نۇمۇرنى تۇلۇق ئېلىپ ،ئاڭلىغانلىكىم ۋە كۆرگەنلىكىم ئادەمنى ئىختىيارسىز قاتتىق چۈچۈتۈپ ۋە داڭ قالدۇرۇپ ،بۇ قىتىملىق ماتىماتىكا ئىمتاھان سۇئالىنى قەتئى رەھىم قىلمىغان ئاساستا چاناپ تاشلىدى. ئەزەلدىن قۇرقۇنىچ پەيدا قىلىپ كىلىۋاتقان ، ھەممىنىڭ قەلبىدە تەشۋىش پەيدا قىلىدىغان ،ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرىنىڭ يۈرىكىنى راسلا پارە قىلىۋاتقان ماتىماتىكىدىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم ئۆتكەلگە باتۇرلارچە، يەككە يىگانە جەڭ ئىلان قىلىپ بۇ شەپقەتسىز قۇرقۇنىچنى يىلتىزىدىن پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلدى. ئۇ ئىنتايىن سۈيۈنگەن ۋە ھاياجان يىشى مەڭزىدىن كەتمىگەن ھالدا« بالىلار قورىقماڭلار بۇ قانچىلىك قۇرقۇنىچلىق ئىشتى.مانا بۇ يەردە غالبىيەت بار. ماڭا قاراپ بىقىڭلار مەن بۇقىتىم بۇ تۇساقنى ئىلىۋەتتىم.سىلەرمۇ چۇقۇم ئۈتەلەيسىلەر . قىسقىسى مەن بۇ ئىشقا مەدەت بەرگەن ئاتا-ئانام ،ئۇرۇق تۇققانلىرىم ۋە ئۇيغۇر خەلقىمنى چەكسىز سۈيىمەن. مەن غەلبىە قىلغاندا كۈزۈم ھاياجاندا نەملەندى. بۇ مەن ئۈچۈن ۋە سىلەر ئۈچۈن نىمىدىگەن شەرەپ»دىگەن كۈڭۈل ئىزھارىنى ئۈنسىز خىتاپ قىلدى. پەخرىيەنىڭ بۇ چوڭ غەلبىسى مانا ھازىر پۈتۈن خەلقىگە ۋە مەملىكەتكە پۇر كەتتى. بۇ نىمىدىگەن زور غەلبە. ھىلىمۇ ئىنىق ئىسىمدە تۇرۇپتۇ. مەن 2009يىلى 2-ئاينىڭ 16 كۈنى بىر تۈركۈم بالىلار بىلەن مۇشۇ پەن ماتىماتىكا ھەققىدە مۇنازىرلىشىپ ئەڭ ئاخىرى شەبنەم مۇنبىرىدە «ئۇيغۇر جەمىيتىدە ماتىماتىكا قەھەتچىلىكى » ماۋزۇسىدىكى بىر پارچە ماقالىنى ئىلان قىلغان ئىدىم. ھەم شۇ ماقەلەمدە ماتىماتىكا ئىلمىنىڭ نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق تەخىرسىز ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ بۇ پەنگىمۇ قاتتىق كۈڭۈل بۈلۈش لازىملىقىنى ئەسكەرىتكەن ئىدىم. مانا ئارىدىن 2يىل ئۆتمەيلا ، پەخىرلىك قىزىمىز پەخرىيەنىڭ نەتىجىسى شۇ ئىزتىراپلىق ئويلىرىمغا ناھايتى ياخشى تەسەللى بەرگەندەك مىنى قاتتىق خۇرسەن قىلدى. مەن خۇشال بولماي . ھاياجانلانماي كىم خۇشال بولسۇن. مەن يەنە بىزىرىپ قاراپ تۇرالەيمەنمۇ؟ مەن ئەسلىدە ئەلكۈيى تورىدا ئىلان قىلىنغان پەخرىيە بىلەن ئەلكۈيى ئېكرانىدا سۆھبەت پېروگىراممىسغا ئىنكاس قالدۇراي دىگەن . ئەمما بۇنداق زور شان-شەرەپ ئالدىدا ئاز-تۇلا بىر نەرسە يازالايدىغان كچىىككىنە تەرىپىمنى ئاياشنى خالىمىدىم.قىسقىسى پەرزەنتىمىز پەخىرىيە سىز بىزگە نىمىنىڭ ساپ ھاياجان ئىكەنلىكىنى ،نىمىنىڭ ساپ ئۆز خەلىقىنى سۈيۈش ئىكەنلىكىنى، نىمىنىڭ ھەقىقى كۆز ياش ئىكەنلىكىنى باشقىدىن بىلدۈرۈپ قويدىڭىز . سىزگە دىسەم سىزنىڭ كۆز يىشىڭىز بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ دىلىدىن ئاققان ھەقىقى كۆز ياشتۇر.سىزنى ئۇيغۇر خەلقى مەڭگۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.كۆز يىشىڭىز مەڭگۈ يادلىنىدۇ.

2)-«مەن كىتاپ ئۇقۇشنى ياخشى كۈرىمەن، ئاتا-ئانام شىنخۇا كىتابخانىسىغا ئاپىراتتى. بۇلۇپمۇ تارىخى رومانلارنى بەكرەك ياقتۇرىمەن، ھازىر ئىنىمنى مەن كىتابخانىغا ئاپىرىمەن » بۇ سۆزلەر نىمانچە تاتلىق، نىمانچە سۈيۈملۈك ، نىمانچە يىقىشلىق ۋە نىمانچە غۇبارسىز ۋە نىمانچە تىتىملىق ئاددى ھالدا قىلىنغان خىتاپ.

-«مەن كىتاپ ئۇقۇشنى ياخشى كۈرىمەن، ئاتا-ئانام شىنخۇا كىتابخانىسىغا ئاپىراتتى. بۇلۇپمۇ تارىخى رومانلارنى بەكرەك ياقتۇرىمەن، ھازىر ئىنىمنى مەن كىتابخانىغا ئاپىرىمەن »-پەخىرىيە ئەشىرەپ .

سۈيۈملۈك قىزىمىز پەخرىيە ئەنە شۇنداقلىق يىقىشلىق، تىتىملىق ۋە ناھايتى چۈچۈك ئادەمنىڭ قانچە ئاڭلىسا ئاڭلىغۇسى كىلىدىغان تىلدا، كۈلۈمسىرىگە قىياپەتتە بۇ ئاددى ئەمما مەڭگۇلۈك ھەقىقەتنى بارچە قەلىبكە تەبىئى ھالدا قايتىدىن ئەسكەرىتتى. بۇ قىزىمىز بىزگە راستىنلا مۇۋەپىقىيەتتىن ، غالبىيەتتىن بىشارەت بەردى. ئۈزىنىڭ غەلبە قازىنىشتىكى ھەقىقى ئاساسىنى ھەممىمىز ئۈچۈن نەتىجىسى بىلەن ئىسپاتلاپ بەردى. نەزەرىمىزنى پۈتۈن جاھان تەرەققىياتىغا تاشلىغىنىمىزدا ، زور تەرەققىيات نەتىجىسى ۋە شان-شەرەپلەر راستىن ئىيىتقاندا كىتابنى دوسىت تۇتقان قوۋىملارنىڭ بۇلۇپ كەلمەكتە. ھەم شۇ قوۋىملارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن دۇنيا تەرەققىياتى دىگەن ئۇقۇم ئاساسى شەكىللىنىپ ۋە يىڭىلىنىپ تۇرماقتا. شۇنداقكەن بىز ئالغا سىلجىيمىز دەيدىكەنمىز شۇ ھەقىقەتنى چۈشەنمەي نىمە ئىشلارنى قىلالىشىمىز مۇمكىن. ئادەتتە نۇرغۇن تەتىقاتچىلىرىمىز ۋە جەمىيەشۇناسلىرىمىز ھەر ۋاقىت تەرەققىيات ئاساسىنى چۈشەندۈرگەندە دەل ئىلىمخۇمارلىقنى كۆپلەپ تەكىتلەيدۇ. شۇنداقكەن بۇ ھەقتە كىتاب ھەل قىلغۇچ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەم بۇنى سۈيۈملۈك قىزىمىز پەخىرىيە قايتىدىن ئەمىليەتكە تەدبىقلىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئەڭ مۇھىم ۋە پەرزەنىتلىرىمىزدە چوڭ قاباھەتلىك قۇرقۇنىچ پەيدا قىلىۋاتقان ماتىماتىكا تەشىۋىشىنى چاناپ تاشلىسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىجتىمائى پەنلەردىنمۇ يۇقىرى نەتىجە ئېلىپ ، بۇ ئىككى تۈركۈمنىڭ قارىمۇ-قارشى ئەمەسلىكىنى ھەقىقى ئىسپاتلىدى. ھەم چۇقۇم بىر ئادەمنىڭ ئونۋېرسال ساپاسىنى يىتىشتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇلۇپمۇ ئۇ نەتىجە قازانغاندا ئۆز خەلقىگە تۇتقان يۈكسەك مىھرى مۇھەببەتلىك پۇزىتسىيەسىنىمۇ -«مەن تارىخى رومانلارنى ياخشى كۈرىمەن »دىگەن ئىددىيسى بىلەن ھەقىقى تۈردە ئىسپاتلاپ بەردى. بىتەرەپلىمە تەربىيلىنىشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى چۇقۇم ئونۋىرسال ساپانى چىڭ تۇتۇش لازىملىقىنى ئەسكەرتىشنىڭ زۈرۈرلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى. بىز بۇ جەھەتتە چوڭقۇر پىكىرلىك تەپەككۇرىمىزنى قانات يايدۇرۇپ ۋە ھەقىقى ئەمىلى كۈزىتىپ باھا بەرگىنىمىزدە ساپ بولغان بۇ پەخىرلىك قىزىمىزنىڭ قىزىقىىشنىڭمۇ ناھايتى قەدىرلەشكە تىگىشلىكلىكىنى ھەقىقى ساپ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز. بۇلۇپمۇ بۇ قىزىمىزنىڭ كىتابنى دوسىت تۇتۇشى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇ قىزىمىزغا ناھايتى ياخشى تەربىيە بىرىپ تەربىيلىشى بىزنى زور غەيرەتكە ، پەرزەنىت تەربىيلەشتىكى يىڭىچە ئۈمىد قىلىدۇ. قىسقىسى «مەن كىتاپ ئۇقۇشنى ياخشى كۈرىمەن، ئاتا-ئانام شىنخۇا كىتابخانىسىغا ئاپىراتتى. بۇلۇپمۇ تارىخى رومانلارنى بەكرەك ياقتۇرىمەن، ھازىر ئىنىمنى مەن كىتابخانىغا ئاپىرىمەن » دىگەن بۇ سۈزى بارچە خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن مەڭگۇ ئۇرۇن ئېلىشقا تىگىلشلىك. ۋە ئىنتايىن تاتلىق، تېتىملىق، يىقىشلىق، ئادەمنىڭ ھەر ۋاقىت ئاڭلىغۇسى كىلىدىغان سۆزدۇر.

3)- «ئاتا-ئانام ماڭا ئىنتايىن كۈيىنىدۇ، ئۆگىنىش جەھەتتە بىسىم قىلمايدۇ. ئەخلاقى جەھەتتە قاتتىق تەلەپ قۇيىدۇ. ئۇلار ئوتتۇرا تېىنىكۇم ئۇقۇتقۇچىسى ، مەن ئۇلارنى بەك ياخشى كۈرىمەن. مەن ئۈچۈن ئاتا-ئانامنىڭ پىشانەمگە تاتلىق سۈيۈپ قۇيىشى ئەڭ چوڭ شەرەپ ۋە چوڭ تەبىرىكلەش» بۇ سۆزلەرچۇ؟ راستىن ئىيىتسام مەن مۇشۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان پەخىرىمىز پەخرىيەگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋىجدان جەھەتتە ۋە ھەقىقى بۇرىچ جەھەتتە كۆپ يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھىس قىلدىم. چۈنكى مەنمۇ بىر پەرزەنىت، ئاتا-ئانام بار. ھەم نۇرغۇنلىغان داڭقى پۇر كەتكەن قىسمەن ئاتالمىشلارنىڭ پەرزەنتىنمۇ كۈرۈپ باقتۇق. جار سېلىپ بالا تەربىيلىگەنلەرنىىڭ پەرزەنتىمۇ بىلىپ باقتۇق. يۇقارقى سۆزلەرنى قايتا-قايتا ئاڭلاپ كۈزۈمگە باشقىدىن ياش كەلدى.

بىر جەمىيەتتە ئائىلە شۇ جەمىيەتنىڭ ئاساسىنى بىكىتىدۇ، شۇ ئائىلىنىڭ ئائىلە باشلىقى بىلەن ئائىلە ئەزالىرى ماھىيەتتە شۇ جەمىيەتنىڭ ھەقىقى ۋارىيانتىدۇر. شۇنداقكەن مۇشۇ يەردە مىساللىغان بۇ سۆزلىرىمىزنى ئەمىليەتكە تەدبىقلايدىغان بولساق ، ۋە ياخشى ئانالىز قىلىدىغان بولساق ، بىز بۇ پەخىرلىك قىزىمىزنىڭ ئائىلىسنىڭمۇ ناھايتى پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك ياخشى بىر ئائىلە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەي تۇرالمايمىز. بۇلۇپمۇ بۇ پەخىرلىك قىزىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ پەرزەنىت تەربىيلەشتىكى ئەمىلى ئىقتىدارىنىڭ پۈتۈن رايۇنىمىز ۋە مەملىكەت مىقياسىدا ئىنتايىن ئۆلگىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمىز. شۇڭلاشقا بۇ يەردە ھەمەيلەن بۇنىڭدىن قەتئى ئۈلگە ئېلىش زۈرۈر.يەنى بىر پەرزەنىتكە قۇيىلىدىغان ھەقىقى چىڭ تەلەپنى چۈشىنىشىمىز زۈرۈر. بۇ ئائىلىنىڭ باشلىقى ئەشىرەپ ئاكا بىلەن قىزىمىزنىڭ ئانىسى ئەنە شۇنداق ئۆزىنى جار سالماي ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەرزەنىت تەربيىلەش ئىشىدا قان تەر سىڭدۈرگەن تۆھپە ئىگىلىرىدۇر. خۇددى سۈيۈملۈك پەخىرلىك قىزىمىز پەخىرىيە دىگەندەك ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ زور تەسەللى ۋە ئۇنتۇلغۇسىز بولغىنى ئاتا-ئانىسىنڭ مەڭزىگە سۈيۈپ قويغان ھەقىقى مىھىرىدۇر. جەمىيتىمىزدە ناھايتى ناچار ئەخلاقى بۇزىلىشلار يۈز بىرىۋاتقان ، ھەر ۋاقىت شەھەر ئىچىدە ئۇنداق يامان قىزلار بۇنداق ئەسكى كىشىلەر دىيىلىۋاتقان بەزى بىتەرەپلىمە قىسمەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشلەردە مانا مۇشۇنىڭدەك ھەقىقى سۈيۈملۈك ، پەخىرىيەدەك ،پەخىرلىنەرلىك پەرزەنىتلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئائىلىسى ئىنىق ئايرىلىشى زۈرۈر. چۇقۇم ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش خاتالىق. شۇڭا بۇ يەردە قانچە توختالساق سۈزىمىزنى تۈگىتىپ بۇلالمايمىز. جۈملىدىن ياشاڭ ئەشىرەپ ئاكا ئائىلىسى ۋە سۈيۈملۈك پەرزەنىتلىرىمىز.

4)تەڭرىم بۇ سۈيۈملۈك قىزىمىز پەخىرىيەگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئاسايىشلىق ۋە بەخىت ئاتا قىسۇن. مۇرادىغا يەتكۈزسۇن.

توغرا بۇ يەردە قانچىلىغان سۆزلەرنى قىلساق قەتئى ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز. چۈنكى بىز بىر چوڭ غەلبىنى ۋە پەرزەنىتلىرىمىزدىكى زور ئۈمىدنى كۆردۇق. ھەم بۇ پەخىرلىنىش ۋە سۈيۈنۈش دىگەن ھاياجانلىق مىنۇتلارنى يەنە بىر بىشىمىزدىن كەچۇردۇق. شۇڭلاشقا ھەممىزنىڭ بۇ شەرەپتىن ۋە بۇ شەرەپنى قولغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇر قىزى پەخرىيە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن مەمنۇن بۇلۇش ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ياخشى تىلەك تىلەش مەجبۇريىتىمىز بار. ھەم بۇ بۇ بىزنىڭ مەدىنيەت قىنىمىزغا سىڭگەن ئۆرىپ- ئادەت ۋە ئىتىقاد تۇنۇشىمىز . شۇڭلاشقا بارلىق قىرىنداشلارنىڭ بۇ ئىتىن چوڭقۇر ئىلھام ۋە ئۆلگە ئېلىپ ئاتلىنىشىغا تىلەكداشمەن. گەرچە يۇقىرىدا بىر قانچە نوقتىدا تۇلۇق بولمىغان ھاياجانلىق سۆزلەرنى ياغدۇرۋەتكەن بولساممۇ يەنىلا ھەممىنى توغرا دەپ ئېيتالمايمەن. پەقەت مىنىڭ ھەقىقى چىن دىلىدىن ھاياجانلىنىپ ياش تۆككەن تەرىم ئەمىليەت. شۇڭلاشقا دوسلارنىڭ بۇ جەھەتتە باشقىچە ئويلاپ قالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بولسا بىر-برىمىزنى قوللايلى. مۇشۇنداق پەرزەنىتلىرىمىزنى چوڭ بىلىپ بېشىمىزدا كۈتۈرەيلى. ئەتىۋارلايلى. ئۇلار بىزنىڭ ئەڭ چوڭ بىلىشكە تىگىلشىك پەرزەنىتلىرىمىز. ئازغان ۋە چۈشكۈنلەشكەن پەرزەنىتلىرىمىزنىمۇ ياخشى يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بىرەيلى. قىسقىسى ئۇيغۇر خەلىق بىر سۈيۈملۈك خەلق. ئىللەتلرى بولسىمۇ يەنىلا ئۇيغۇرنىڭ نامى بىز ئۈچۈن زور ئابىدە. مە راستىن ئېيىتسام 28 يىللىق ھاياتىمدا بۇ مۇنەۋۋەر قىزىمىز پەخىريەنىڭ نەتىجىسنى ئاڭلاپ ھاياجانلانغادەك ھەقىقى ساپ ھاياجاننى كۆپ سۈرۈپ باقمىغان.بۇ قىتىم راسلا ھەقىقى ھاياقانلاندىم خۇشال بۇلدۇم. مەنمۇ بۇنى بۇندىن كىيىنكى ئەمىليتىمدە قەتئى ئۈلگە قىلىمەن. چۈنكى مىنىڭمۇ پەرزەنتىم بۇلىدۇ. چۇقۇم مەن شۇ ۋاقىتتا پەرزەنتىمنى سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز سىزنى تەربىيلىگەندەك تەربىيلەشكە تىرىشىمەن. ھەم پەخىرىمىزىمىز پەخىرىيە ۋە ئائىلىڭىز سالامەت بولسۇن. ھەم سىز قەدەمنى تېخى ئەمدى تاشلىدىڭىز بۇندىن كىيىنمۇ قەتئى تەۋرىنىپ قالماي قاتتىق تىرىشىپ مىدىستىنا ساھەسىدە خەلىقىمىزگە ، مەملىكىتىمىزگە ۋە پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر بولغان داڭلىق بىر پەخىرىيە بۇلىشىڭىزنى بۇ ئىسمىڭىزنى پۈتۈن دۇنياغا تۇنىتىشىڭىزنى ھەقىقى سەمىمىيلىك ئۈمىد قىلىمەن.تەڭرىم سىزنى ۋە ئائىلڭىزنى ئەزىزى قىلسۇن. ۋە ھەممىز بۇ سۈيۈملۈك قىزىمىز پەخىرىيەگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئاسايىشلىق ۋە بەخىت تىلەيلى .

مەنبەسى:

http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=10693
ئىسمى جىسمىغا لايىق ئەليۇلئەلا-پەخرىيە ئەشرەپ
http://www.alimahat.com/?p=423