ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە (ئۈچىنچى بۆلۈم)

غەيرەتجان ئوسمان

ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا، ياۋروپا بىلەن بولغان تارىخىي ئالاقىسى

قىسقىچە چۈشەنچە

ئۇيغۇرلار غەربىي يۇرتتىكى، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى.
ئېلىمىزنىڭ خەنزۇچە تارىخىي ھۆججەتلىرىدە ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ نامى ھەر خىل شەكىلدە خاتىرىلىنىپ كېلىنگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۆزلىرى ۋە ئەرەب، پارسلار جۈملىدىن غەربنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىدىمۇ ھەرخىل ناملاردا ئاتالغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
خەنزۇچە ھۆججەتلەردە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2000- يىللاردا مەركىزىي جۇڭگونىڭ شىمالىدا «گۇيفاڭ»鬼方) ) دەپ ئاتىلىدىغان بىر قوۋمنىڭ پائالىيەت قىلىپ تۇرغانلىقى توغرۇلۇق خاتىرىلەر بار. گۇيفاڭلار يەنە «دىلار»狄,翟) ) دەپمۇ ئاتالغان. ئالىملار «گۇي 鬼) خېتىنىڭ غور-گۇر دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى[1]. «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى» نىڭ «غۇر» مادىسىدا «ئوغۇز دېگەن سۆز قىسقىراپ ‹غۇر› دېگەن شەكىلگە كەلگىنىگە ئوخشاش، ‹ئوغۇز› سۆزىمۇ قىسقىراپ ‹غۇز› دېگەن شەكىلگە كەلگەن. ھەر ئىككىسى ئوخشاش بىر مەنبەدىندۇر، بۇ ئىككى سۆزنىڭ قايسىسىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر نېمە دېيىش قىيىن»[2] دەپ ئەسكەرتىلگەن.
بۇ بايانلار ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ خىلمۇخىل ناملىرى ئىچىدە «ئۇيغۇر» جۈملىدىن ئۇنىڭ «غۇر-غۇز، ئوغۇر-ئوغۇز» شەكىللىرىنىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنىڭ ھەم قەدىمدىن باشلاپلا قوشنا خەلقلەرگە مەلۇم بولۇپ تۇرغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
«دىلار» نامى غۇر-غۇز (ئوغۇر-ئوغۇز) لار نامىنىڭ بىر ۋارىيانتى. مۇتەپەككۇر موزى (تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 468—376- يىللىرى ياشىغان) يازغان، «موزى» ناملىق كىتابىدا جۇڭگونىڭ قەبىلىچىلىك دەۋرىدە ياشىغان قەبىلە ئاقساقىلى ياۋ (尧) بىلەن بىرگە تىلغا ئېلىنغان دىلارنىڭ قەدىمكى سۇمېر تىلىدىكى تەڭرى مەنىسىنى ئۇقتۇرىدىغان «دىڭگېر»، بابىل يېزىقىدىكى «تېگىر-دېگىر» (مەنىسى «تەڭرى) بىلەن مەنىداش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدىغانلارنىڭ قارىشى خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. «ئاۋېستا» دا «Drkh» شەكلىدە خاتىرىلەنگەنلىكى، تۈرك نامىنىڭ لىڭخۇدىفىن يازغان «جوۋنامە»周书) ) ۋە «تۈرك مەڭگۈ تاشلىرى» خاتىرىسىگە چۈشۈشتىن كۆپ بۇرۇنقى چاغلارغا توغرا كېلىدۇ. دى-تېگىر-تۈرك ناملىرى مەنىداش دەپ قارىلىدۇ.
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى III ئەسىردىن باشلاپ، دىڭلىڭ، ئېگىز قاڭقىل-قاڭقىللار (گاۋچې-گاۋگۈي)، تېلى دېگەنلەر ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ قەبىلىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق نامى تەرىقىسىدە قوللىنىلغان.

1. ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا بىلەن بولغان تارىخىي ئالاقىسىنىڭ باشلىنىش دەۋرى

ئىلىم-پەندە خىلمۇخىل قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش تۈپكى ئالاھىدىلىك. قىياستىن نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ. ئالىملارنىڭ قىياسلىرىغا بەزى كىشىلەر دەسلەپتە ئىشەنمەيدۇ، نەتىجە چىققاندىن كېيىن مەمنۇن بولىدۇ.
ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ تارىخىي ئىزلىرى توغرۇلۇق ھەرقايسى ئەل ئالىملىرى ئاجايىپ قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. بۇنىڭ ئىچىدە سۇمېرلارنىڭ زاتىنى ئالتايغا ۋە تۈركىي تىللىق قوۋملارغا باغلىغانلىقى كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. 1904- يىلى پېتربورگ (ھازىرقى سان-پېتربورگ) دا بېسىلغان، 1939-يىلى موسكۋادا رۇس تىلىدا قايتا نەشر قىلىنغان «يېزا ئىگىلىكىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش مەسىلىلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ 5- بېتىدە «… سۇمېرلار مىلادىيىدىن بىرنەچچە ئەسىر مۇقەددەم ئوتتۇرا ئاسىيادىن مىسسوپوتامىيىگە كۆچۈپ بارغان تۈركىي تىللىق قوۋملار ئىدى…» دېيىلگەن بولسا XIX ئەسىرلەردە ئىنگلىز ئالىملىرىدىن سىرلاۋلىنئوس سۇمېرلار سكىفلەردۇر، ئۇلارنىڭ تىلى بولسا موڭغۇل-مانجۇ تىللىرى بىلەن تۇغقانچىلىقى بولغان تۇران تىلى سىستېمىسى (ئالتاي تىلى سىستېمىسى ياكى تۈركىي تىل سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا كېرەك — ئا) دەپ قاراپ، سۇمېرلارغا ئائىت كېيىنكى چوڭ كەشپىياتلارغا يول ئېچىپ بەرگەن. غەربىي ئاسىيادىكى سۇمېر، ئەلام ۋە ھورى قاتارلىق قەدىمكى مەدەنىيەتلىك قوۋملار مۇئەييەن بىر ئېتنىك گۇرۇپپىغا ۋەكىللىك قىلماستىن، ئەينى چاغدا ھىندىستان ۋە يىراق شەرقتە بۈيۈك خانلىق ۋە مەدەنىيەتلەرنى بەرپا قىلغان قوۋملارغا ئوخشاش بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەن ئىجتىمائىي توپنىڭ ياشىغانلىقىنى ئالغا سۈرۈۋاتقانلار بار. سۇمېرلار برالىسفال (ئاق تەنلىك) لار ئىكەنلىكى مەلۇم.
تارىخشۇناس، پروفېسسور ھوممىل (Hommil) سۇمېرلارنى پۈتۈنلەي تۈركىي تىللىق قوۋم دەپ ھېسابلاپ، تۈركىي تىللىق قوۋملارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىدىن بىر بۆلۈكىنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5000- يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئانا يۇرتلىرىدىن غەربىي ئاسىياغا كەلگەنلىكىنى ۋە سۇمېرلارنى تەشكىل قىلغانلىقىنى، سۇمېرلارنىڭ تىلىدا ساقلىنىپ قالغان سۆزلەر تۈركىي تىلنىڭ ئاشۇ قەدىمكى زاماندا قانداق شەكىلدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ ئېيتقان[3].
يەنە بەزى ئالىملار سۇمېر تىلى سام ۋە ھىندى-ياۋروپا تىلى سىستېمىسىغا تەۋە تىل بولماستىن، بەلكى تۈركچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بىرلەشمە-ئارىلاشما گۇرۇپپا تىلىدۇ» دەيدۇ[4] ۋە بىر قاتار ئورتاق سۆز تەركىبلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سۇمېرلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر، ھۇن، ساك ۋە باشقا تۈركىي تىللىق قوۋملارنىڭكىگە ئوخشايدىغان دەپنە قىلىش ئادەتلىرى، ئەلام تىلىدىكى تۈركىي تىل بىلەن ئورتاق بولغان ئېلېمېنتلار ۋە ئۇلاردىكى ئاتچىلىق ئىگىلىكى، ھورى تىلىنىڭ تۈركىي تىل بىلەن تۇغقانچىلىق دەرىجىسىنى بىلدۈرىدىغان خۇسۇسىيەتلەر — تۈركىي تىللىق قوۋملارنىڭ غەربىي ئاسىيادىكى تارىختىن بۇرۇنقى史前) ) ئىزلىرى ھېسابلىنىشى كېرەك، دېگەن قاراشلارمۇ بار[5].
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك بىر خىل قاراشتىكىلەر سۇمېرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆچۈپ بارغان دېگەن. ئېيتىلىشىچە، مىسسوپۇتامىيىدە دەسلەپتە مەدەن يوق بولۇپ، سۇمېرلار كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن مەدەنچىلىك بارلىققا كەلگەن. يەنى بۇ مەدەنلەر ئوتتۇرا ئاسىيا كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىغا چىقارغان. 4600 يىل مۇقەددەم دەپ مۆلچەرلەنگەن سۇمېر قەبىلىلىرى ئىشلەتكەن تاغار شەكىللىك قوپال يۇڭ كىيىم بىلەن ئالتۇن، كۈمۈش، مىس ۋە قوغۇشۇن قاتارلىق مېتاللار سۇمېرلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن مىسسوپۇتامىيە رايونىغا ئېلىپ بېرىلغان[6]. ئۆز زامانىسىدا ئۇ رايوننىڭ ھاۋاسى بەك ئىسسىق بولۇپ، كان قېزىلمىسى بولمىغانىكەن.
يۇقىرىقىغا ئوخشاش بىر قاتار ئەھۋاللار ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئېتنىك ئاساسى بولغان قەدىمكى بىر قاتار قەبىلە-قوۋملارنىڭ بىر بۆلۈكى، شۇ چاغلاردا ھازىرقى ئالتايدىن غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان ۋە سۇمېر، ھورى، ئەلام قاتارلىق قەدىمكى قوۋملارنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم ئېتنىك تەركىبكە ئايلانغان. بۇ تارىختا ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ غەربىي ئاسىياغا بىرىنچى قېتىملىق كۆچۈشى بولۇپ ھېسابلانسا كېرەك[7].
2. ھونلار ۋە دىڭلىڭلارنىڭ غەربكە يۆتكىلىشى

ھونلار قەدىمى گۇيفاڭ يەنى دىلاردىن بۆلۈنۈپ شەكىللەنگەن بىر قوۋم. ئۇلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى III ئەسىرگە كەلگەندە، بولۇپمۇ تۈمەن ۋە مۇدۇ تەڭرىقۇت زامانىسىغا كەلگەندە ناھايىتى كۈچەيگەن.
ھونلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209- يىلى مۇدۇ تەڭرىقۇت موڭغۇل دالىسىنىڭ جەنۇبىدا خانلىق قۇرغاندىن كېيىن غەربىي خەن دەۋرىدىكى كۈچىيىش ۋە ئاجىزلىشىشتەك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى (گۇاڭۋۇدىنىڭ جەنۇۋ 24- يىلى، مىلادىيە 48- يىلى) گە كەلگەندە جەنۇب ۋە شىمال ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن، جەنۇبتىكىلەر خەن سۇلالىسىگە تەۋە بولۇپ، ئۇلارنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ياشىغان. شىمالىي ھۇنلار خەن سۇلالىسى بىلەن ئازارلىشىپ ئۇنىڭ زېمىنىغا داۋاملىق تەھلىكە پەيدا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسى شىمالىي ھونلارغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئاجىزلاشتۇرغان. بۇ خىل ئۇرۇش مىلادىيە 89- يىلى رەسمىي باشلانغان. كۆپ قېتىملىق تىركىشىش ئارقىلىق 91- يىلى شىمالىي تەڭرىقۇت قىسمەن ئادەملىرىنى باشلاپ (قانچىلىك ئادەملىكى نامەلۇم) غەربكە كۆچكەن. شۇنىڭ بىلەن ھونلارنىڭ غەربكە كۆچۈش جەريانى باشلانغان. ھونلار دەسلەپتە ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ئۇيسۇنلار ئېلىگە، ئاندىن كانگىيىگە، ئۈچىنچى مەنزىل قىلىپ ئالان (ئائورسى) يەنى جەنۇبىي رۇسىيە يايلاقلىرى، دون دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرەپلىرىگە كۆچكەن، كېيىن ياۋروپاغا بېسىپ كىرگەن. ئۇلارنىڭ بۇ خىل يۆتكىلىشى V ئەسىرگىچە داۋاملاشقان[8].
غەربكە كۆچكەن ھونلار دەسلەپكى چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنى تەشكىل قىلغان بىر بۆلۈك ئېتنىك تەركىبلەر ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي رۇسىيە ۋە ياۋروپاغا يېتىپ بارغان. يەنە بىر قاراشتا ھونلارنىڭ يۆتكىلىشىدىن ئىلگىرىلا ئوغۇز قەبىلىلىرى شەرقىي ياۋروپاغا كۆچكەن دېيىلىدۇ.
ھونلارنىڭ قەدىمكى دىلاردىن بۆلۈنۈپ چىقىپ شەكىللەنگەن قوۋم ئىكەنلىكىنى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتتۇق، ھۇنلار دۆلىتى تەۋەسىدە دىلارنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادلىرى بولغان دىڭلىڭلار كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھونلار بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغاچقا، ئۇلار بىلەن ھايات-ماماتتا بىرگە بولغان ھەم كۆچكەندىمۇ بىر قىسىم دىڭلىڭلار ھونلار بىلەن بىرلىكتە غەربكە كۆچكەن.
بۇ يەردە تەكىتلەيدىغان بىر مەسىلە قەدىمكى خەنزۇچە تارىخنامىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاسىتە ئەجدادلىرى دىڭلىڭلارغا تۇتاشتۇرۇلۇپ چۈشەندۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھۇنلارنىڭمۇ بىر تارماق ئەجدادى ئىكەنلىكى تارىخىي چىنلىق ئاساسىدا بايان قىلىنغان. مەسىلەن، ليۇ شۈي يازغان «كونا تاڭنامە» 旧唐书))، ئوۋ ياڭشۇ يازغان «يېڭى تاڭنامە» 新唐书))، ماۋدۈن يازغان «يازما ھۆججەتلەر ھەققىدە ئومۇمىي تەھسىل»، 文献通考))، «ئومۇمىي قامۇسنىڭ داۋامى» 续通志))، شۆ جۇجىڭ يازغان «بەش سۇلالە تارىخى»五代史) ) قاتارلىق كىتابلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ھونلار دەپ بىردەك قەيت قىلىنغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىچىدە «قۇت-ھون»浑) ) دېگەن بىر قەبىلىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقى، بايىرقۇ قەبىلىسىنىڭ ھەم ھون قەبىلىسىنىڭ بىۋاسىتە پۇشتى ئىكەنلىكى بۇ خىل مەنىداشلىقنى روشەنلەشتۈرىدۇ.
ياۋروپا تىلشۇناسلىرىدىن كلاپروت (J. Klaproth)، ۋىزانتىيە (شەرقىي روما) تارىخچىلىرىدىن نىكىتا (Nikita)، لېۋگرامماتىك (Lev Grammatik)، جورجى (Georgi) لارنىڭ «Ongur» لار ھونلاردۇر، دېگەن مەلۇماتىغا ئاساسلىنىپ، ھون ئۇلۇس-ئايماقلىرى بىرلەشمىسى ئىچىدە، سانى كۆپ ۋە قۇدرەتلىك بولغان گاۋگۈي (گاۋچې-ئېگىز قاڭقىللار) لارنىڭ قەبىلە ناملىرى بىلەن بىلەن ئوخشاش بولغان «ئوغرى، ئونۇغۇر، ئۇتۇغۇر، قۇتۇغۇر، سارغۇر» دېگەندەك قەبىلە ناملىرىنى ئېنىقلاپ چىققان[9]. جۈملىدىن بۇ قەبىلىلەر ھونلار غەربكە كۆچكەن دەسلەپكى چاغلاردىلا ياۋروپاغا يېتىپ بارغان. ئاشۇ قېتىملىق كۆچۈشتە ھازىرقى ۋىنگىرىيىدە ئولتۇراقلاشقان ھونلارنىڭ قالدۇق پۇشتىنىڭ زورىيىشىدىن شەكىللەنگەن ۋىنگىر (ھونگىر) لار تىلىدا بىرمۇنچە تۈركىي سۆزلەرنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى، ۋىنگىر مۇزىكىسى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى ھېسابلانغان بۈگۈنكى سېرىق ئۇيغۇرلار مۇزىكىسىدا قويۇق ئورتاقلىقنىڭ ساقلىنىشى ۋە باشقا بىر قاتار ھادىسىلەر بۇ نۇقتىنى روشەن ھالدا ئىسپاتلايدۇ. بۇ ھونلار نامى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ شەرقىي ياۋروپاغا كۆچۈشىگە دائىر تارىخىي ئۇچۇرلاردۇر.
دىڭلىڭلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى توغرۇلۇق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تۈزگەن «شىنجاڭ مىللەتلەر قامۇسى» دا مۇنداق دېيىلگەن:
كانگىيە (سەمەرقەنت) دە ياشىغان «غەربىي دىڭلىڭلار جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدە شىمالدا ياشىغان قوۋم ‹دىڭلىڭلار› نىڭ تارمىقى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى I ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇتئۇش تەڭرىقۇت دىڭلىڭلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن سەرسان بولغان بىر قىسىم دىڭلىڭلار ئۇلارغا ئەگىشىپ كانگىيىگە بارغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەسلىي جايىدا قالغانلىرى ‹شىمالىي دىڭلىڭلار› دېيىلگەن بولسا، كانگىيىگە كۆچۈپ بارغانلىرى ‹غەربىي دىڭلىڭلار› دېيىلگەن. ‹ۋەي سۇلالىسى خاتىرىلىرى. غەربىي رۇڭلار تەزكىرىسى› دە تىلغا ئېلىنغان ‹ئۇيسۇنلارنىڭ غەربى، كانگىيىنىڭ شىمالىدىكى دىڭلىڭلار بولسا ھونلارنىڭ قۇتئۇش تەڭرىقۇتى غەربكە كۆچكەندە شۇلارغا ئەگىشىپ بارغان دىڭلىڭلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ۋەي سۇلالىسى ۋە جىن سۇلالىسى خانلىقى زامانىسسىغا كەلگەندە، قۇرامىغا يەتكەنلەر 60 مىڭ، ئومۇمىي نوپۇسى 150 مىڭ ئەتراپىدا بولغان. كانگىيە خانلىقى كېيىنچە سوغدى توققۇز غۇز ئېلى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان. سوغدى توققۇز غۇزلىرى يىپەك يولىدا جانلىق پائالىيەت قىلغان. يەنە ئۇلارنىڭ ئىچىدە دى翟) ) فامىلىلىك غۇزلار بولۇپ، دىڭلىڭلارنىڭ ئىچىدە دى فامىلىلىكلىرى كۆپ ئىدى، بۇلار سوغدى توققۇز غۇزلىرى بىلەن بىرلىكتە دى فامىلىسىنى ئىشلەتكەن غۇز سودىگەرلىرى بولۇپ، بۇلار ئەلۋەتتە غەربىي دىڭلىڭلاردىن ئىدى»[10].
بۇ يەردە زىكرى قىلىنغانلىرى تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. شۇنداق ئىشلار بولۇپ ئۆتكەنكى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، سوغدىيانا (كانگىيە) يەنى ماۋەرائۇننەھر رايونىدا توققۇز جاۋۇپ غۇزلىرى (绍武九性胡人) نىڭ پائالىيىتى يېتەكچىلىك ئورۇندا تۇرغان. شۇڭا، تارىخىي ھۆججەتلەردە تاشكەنت، بۇخارا، سەمەرقەنت، سەلىز国) ) قاتارلىق توققۇز ئايماقتىكى قەبىلىلەر بىردەك «توققۇز جاۋۇپلار» ياكى «توققۇز جاۋۇپ غۇزلىرى» دەپ ئاتالغان[11]. بۇلار تاڭ سۇلالىسى بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغاندا ۋە چاڭئەن قاتارلىق جايلارغا كېلىپ پائالىيەت قىلىپ ئۆزلىرىنى «ئۇيغۇر»回鹘) ) دەپ ئاتىغان. مەسىلەن، شى فۇچىڭ (石福庆)، شى جېجىژ石诫直) ) قاتارلىقلار ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دېيىشىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ۋېن زوڭ (826—835)، ۋۇ زوڭ (841—846) قاتارلىق پادىشاھلىرى بىلەن ئالاقە قىلغان. شۇڭا، 842- يىلى يېزىلغان «لى ۋېنراۋ توپلاملىرى» 李方绕集)) دېگەن كىتابنىڭ «ئۇيغۇر خانىغا يوللانغان مەكتۇپلار» 赐回鹘可汗书) ) نىڭ «ئۇيغۇر شې جىجىنىڭ ئەھۋالاتى»论译语人壮) ) قاتارلىق بابلىرىدا يۇقىرىقىلارنى ئۇيغۇر دەپ يازغان. شۇ كىتابنىڭ 13- جىلدىدا «ئۇيغۇر ئەنشاۋشۈن»回鹘安孝顺) ) دېگەن بىر ئادەمنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. شياڭدا ئەپەندىنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ كىشى ئەسلىي توققۇز جاۋۇپلاردىن بولۇپ، بۇخارالىق ئىكەن[12].

3. تېلىلار ۋە ئېگىز قاڭقىللار زامانىسىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا ۋە
ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرى

1) ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تارقالغان جايلىرى
لى يەنشۇ يازغان «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى. تېلىلار ھەققىدە قىسسە北史.铁勒传) ) دە تېلىلارنىڭ جايلاشقان ئورۇنلىرى مۇنداق بايان قىلىنغان.
تېلىلارنىڭ ئەجدادلىرى ھونلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر، ئۇلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، ئۇلار بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىدىكى تاغلارنى بويلاپ ئايىغى ئۈزۈلمەي جايلاشقان بولۇپ، توغلا دەرياسىنىڭ شىمالىدا بارغۇت، توڭرا، ئۇيغۇر، بايىرقۇ قەبىلىلىرى بار، ئۇلارنىڭ باشلىقى ئېركىن دەپ ئاتىلاتتى؛ چومۇل، تۈركەش، ئىزگىل، قۇن، قوشۇر قاتارلىق قوۋملار بولۇپ، ئۇلارنىڭ 20 مىڭ لەشكىرى بار ئىدى؛ ئېۋىرغول (بۈگۈنكى قۇمۇلنىڭ غەربى)، كىنگىتنىڭ شىمالىي ۋە ئاقتاغ بويلىرىدا چۈبە، بۇلاغ، چىگىل، دىسۇباناغ، ئوغۇز، خاككاس، ئىكدىر، ئونغۇر قاتارلىق قوۋملار بولۇپ، 20 مىڭ لەشكىرى بار ئىدى؛ ئالتاي تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا سىردادۇش، دېلىر، زاباندىر، داچى قاتارلىق قوۋملار بولۇپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بار ئىدى، سوغدىيانانىڭ شىمالى، ئېتىل دەرياسى بويلىرىدا ئاتىئىزم، قاسار، باخۇ، پېچەنەك، جۇخەي، ھايبىچ، قوچاي، سوپۇ، يىماق، قۇتتال قاتارلىق قوۋملار بولۇپ، 30 مىڭدىن ئەسكىرى بار ئىدى. قارا دېڭىزنىڭ شەرقى ۋە غەربىدە ساغۇر، ئۈچ ئۇرۇق يېماق، سورۇڭقار قاتارلىق قەۋملەر بولۇپ، نوپۇسى 8000 دىن ئارتۇق ئىدى؛ قەرەڭ (رىم) نىڭ شەرقىدە ئاسكىل، ئالان، بېيرۇ، قۇلىس، قۇۋىنخۇن قاتارلىق قەۋملەر بولۇپ، نوپۇسى 20 مىڭغا يېقىن ئىدى. شىمالىي دېڭىزنىڭ جەنۇبىدا توباس قاتارلىق قەۋملەر بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا قاغانى يوق بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەرقىي ۋە غەربىي تۈرك خانلىقىغا قارايتتى.
بۇ تارىخىي خاتىرىلەر تېلىلار دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بولمىش قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا تەۋە بىر قاتار قەبىلە-ئايماقلار كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا فورۇمغىچە بولغان دائىرىدە تارقىلىپ، تىرىكچىلىك قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ خاتىرە ۋېيجىڭ يازغان «سۈينامە» دىمۇ قەيت قىلىنغان.
«ئۆز زامانىسىدا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ياڭ شىڭمىن ئەپەندى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
«ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبلىنىشى توغرىسىدىكى تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە ‹ئىچكى توققۇز ئۇرۇق ۋە تاشقى توققۇز قوۋم› دەيدىغان قاراش ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ».
مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىتتىپاقى ئاساسەن ئۈچ قىسىم كىشىلەردىن يەنى توققۇز ئۇيغۇر، ئون ئۇيغۇر ۋە سېرىق ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان. بۇ ئۈچ قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تېلىلار بولۇپ، ئەسلىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ چوڭ دەريا — تۇغلا دەرياسى، ئورقۇن دەرياسى ۋە سېلىنگا دەرياسى بويىغا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار دەريا نامىنى ئۆز قەبىلىسىنىڭ نامى قىلغان.
توغلا土拉) ) تۈركچە ‹توققۇز› دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئەسلىدە توغلا دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان قەبىلە ‹توققۇز› (توققۇز ئۇيغۇر) دەرياسى دەپ ئاتالغان. ئورقۇن 鄂尔浑)) تۈركچە ‹ئون كۈن› دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. شۇڭا، ئەسلىدە ئورقۇن دەرياسى بويىغا جايلاشقان قەبىلە ‹ئون ئۇيغۇر› دەپ ئاتالغان. خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا بۇلار توققۇز ئۇيغۇر ۋە ئون ئۇيغۇر دەپ خاتىرىلەنگەن… ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قىسمى ئەسلىي — سېلىنگا دەرياسى بويىغا جايلاشقان. سېلىنگا色楞格) ) تۈركچە ‹سېرىق› دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. شۇڭا، بۇ قىسىم كىشىلەر ‹سېرىق ئۇيغۇر› دەپ ئاتالغان. لېكىن، 840 – يىلى (غوبى) ئۇيغۇرلىرى غەربكە كۆچۈشتىن ئىلگىرى، سېرىق ئۇيغۇرلار خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا تىلغا ئېلىنمىغان. پەقەت سۇڭ سۇلالىسىنىڭ يۈەنفېڭ 4 – يىلى (مىلادىيە 1081- يىلى) دىن كېيىن تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىدە ‹سېرىق باش ئۇيغۇرلار› پەيدا بولۇپ قالغان. شۇڭا، خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا سېرىق باش ئۇيغۇرلار نامىنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى بەكمۇ تاسادىپىي بولغان. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى تاپقىلى بولمايتتى. ئەمما، غەرب ئەللىرىنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىدا IV ئەسىرلەردىلا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبىي رۇسىيە يايلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى خاتىرىلەنگەن[13].
ياڭ شىڭمىن ئەپەندىنىڭ بۇ بايانىدىكى بەزى قاراشلىرى (مەسىلەن، توغلا — توققۇز سۆزدىن كەلگەن، دېگەنگە ئوخشاش) غا ئايرىم كىشىلەر قوشۇلمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاساسىي روھى بىزنى مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
چيەن بوچۈەن ئەپەندى سارغۇر (سېرىق ئۇيغۇر) لارنىڭ VI – V ئەسىرلەردىلا بارلىقى توغرىسىدا توختىلىپ: بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان سارغۇر («شىمالىي خانلىقلار تارىخى» دىكى بايان كۆزدە تۇتۇلىدۇ) «سارئوغۇز» نىڭ قىسقارتىلغان شەكلى بولۇپ، بۇ نام سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدە لوپنۇر كۆلىنىڭ جەنۇبىدا ياشىغان «سېرىق باش ئۇيغۇر» ۋە يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە لوپنۇر كۆلىنىڭ شەرقىدە، چىڭخەي (كۆكنۇر) كۆلىنىڭ شەرقىدە، خېشى كارىدورىنىڭ غەربىي قىسمىدا ياشىغان سېرىق ئۇيغۇرلار بىلەن تامامەن ئوخشاش. بۇنىڭدىن مەزكۇر قەبىلە ياكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى نامىنىڭ خېلى قەدىمكى نام ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز[14]. دېمەك… سارغۇر، ئۇيغۇر، ئون ئۇيغۇر قاتارلىق «ئۇيغۇر» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان قەبىلىلەر ياكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى V ئەسىردىن ئىلگىرىلا ۋىزانتىيىنىڭ شەرقىگە كۆچۈپ كېلىپ جايلاشقان ھەمدە شەرقىي رىمغا ئەلچى ئەۋەتكەن[15].
بۇ قاراشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تولۇقلىساق، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى د. يېرىميېفنىڭ مۇنۇ بايانىنى كۆرۈپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ:
«ھون قەبىلىلىرى ئىتتىپاقى رەڭگارەڭ قەبىلىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر، موڭغۇللار، ئوگرلار (ئوگۇرلار، ھازىرقى ۋىنگىرلارنىڭ ئەجدادى خانىتلار ۋە مانىسلار)، شۇنداقلا قەدىمكى ئاسىيا قەبىلىلىرى كىرگەن. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، تىلشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، بۇ قەبىلىلەرنىڭ تىلىدا بەزى ئورتاقلىقلار بار. ئالىملار تۈركىي، موڭغۇل ۋە توڭگۇس – موڭغۇل تىللىرىنى ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىگە، بۇ ئىككى تىل ئائىلىسىنى قوشۇپ، چوڭ ئورال-ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىگە كىرگۈزىدۇ[16].
بۇ قاراشتىكىلەر ئوگر (ئوگۇر-ئوغۇز) تىلىنى تۈركىي تىلدىن ئازراق پەرقلەندۈرۈپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ئوگر (ئوغۇر) لارنىڭ ھون دەۋرىدە مەۋجۇدلۇقى سۆزلەنگەن. بۇ، قارىشىمىزغا ماس كېلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئەينى چاغدا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى يالغۇز يۇقىرىقىدەك ئۈچ قەبىلە ئىتتىپاقىغىلا بۆلۈنمىگەنلىكىنى «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى» دىكى بايانىدىنمۇ چۈشىنىمىز. ئۇنىڭدا تىل دىئالېكتلىرىغا ئاساسەن مۇنداق قەبىلە ناملىرى كۆرسىتىلگەن[17]»:
شەرقىي تۈركىي تىل غەربىي تۈركىي تىل
ئوغۇز ئوغۇز
ئون ئوغۇز ئون ئوغرى
ئوتتۇز ئوغۇز ئوتۇغۇر
توققۇز ئوغۇز قوتۇغۇر
سېرىق ئوغۇز سارغۇر

دېمىسىمۇ ماتېرىياللاردا ئېيتىلغانلىرى بويىچە، مىلادىيە 461- يىلى سبىرلار (سابىرىلار، سيانپىيلار) غەربكە قاراپ كۆچكەندە، شۇلار بىلەن كۆچكەن قەبىلىلەر ئىچىدە ئوغرى، ئون ئوغرى، ئوتۇغۇر، قوتۇغۇر، سارغۇر قەبىلىلىرىمۇ بولغان[18].
بۇلاردىن ئون ئوغرى قەبىلىسى، جوردانىنىڭ 551 – يىلىدىكى، ئاكادىيانىڭ 552- يىلىدىكى خاتىرىسىدىن قارىغاندا، ئون ئۇيغۇر قەبىلىلىرى IV ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كاۋكازنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا تۇرغانلىقىنى بىلىش مۇمكىن، مىلادىيە 569- يىلى قەدىمكى سۇرىيە يېزىقىدا يېزىلغان بىر ئەسەردە «ئۇيغۇر» تىلىغا ئېلىنغاندىن كېيىن، يەنە 12 قەبىلىنىڭ نامى جەدۋىلى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر بىلەن سارغۇرنى چىقىرىۋەتكەندە ئون قەبىلىلا قالىدۇ. بۇ ئون ئۇيغۇرلار ئوغرى، سابىر، بۇلغار، قوتۇغۇر، ئابار، سارغۇر، كاسدىمىر، باغرسىق، قۇلس، ئابدال، ئېفتالت.
چيەن بوچۈەن ئەپەندى بۇ قەبىلىلەرنى خەنزۇچە تارىخىي ھۆججەتلەردىكى ماتېرىياللار بىلەن باغلاپ تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن:
(1) بۇلغارلار، شەرقىي رىم يەنى ۋىزانتىيە تارىخىي ماتېرىياللىرىدا بۇ قەبىلە مىلادىيە 480- (بىر قاراشتا 482-) يىلى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان. بۇ قەبىلە ئون ئۇيغۇرلار كاۋكازنىڭ شىمالى ۋە ۋولگا دەرياسىنىڭ غەربىگە يېتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي پەيدا بولغان. بۇ قەبىلىنىڭ تۇرغان جايى باشقا قەبىلىلەرنىڭ تۇرغان جايىغا قارىغاندا غەربكە ئەڭ يېقىن بولۇپ، ئۇلار كاۋكازدىن تاكى دوناي دەرياسىنىڭ ساھىلىغىچە سوزۇلغان. خېلى چوڭ رايون شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ شىمالىي چېگرىسىغا تۇتاشقان.
ۋىزانتىيە تارىخىي ماتېرىياللىرىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ قەبىلە مىلادىيە VII ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدا «بۈيۈك بۇلغارىيە» (Lagrande Bulgaria) دەپ ئاتالغان بىر دۆلەت قۇرغان. كېيىن ئۇلار ئون ئۇيغۇر ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ كەتكەن. «بۇلغار» دېگەن نام «بەلغۇر» يەنى «بەش ئوغرى» ياكى «بەش ئوغۇز» دېگەنلىك، دېگەن قاراش بار[19]. مىلادىيە 469- يىلى ياۋروپا ھون ئىمپېرىيىسى ئاغدۇرۇلغاندا ھونلار ئاتىللانىڭ كىچىك ئوغلى ئېرنەك باشچىلىقىدا ئون ئوغۇرىيىگە كۆچۈپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ تەركىبىگە قوشۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئون ئوغۇرلار ئۆزلىرىنى «ھونۇغۇرلار» دەپمۇ ئاتاشقان[20]. كېيىن «ئون ئوغۇرلار» بۇلغار دېگەن نامنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقىنىڭ نامى سۈپىتىدىمۇ قوللانغان.
(2) قۇتۇغۇر، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىچكى توققۇز قەبىلە» سى ئىچىدىكى بىر قەبىلە بولۇپ، ۋىزانتىيە تارىخىي ماتېرىياللىرىدا كۆپىنچە ئوتۇغۇر — ئۇت ئۇيغۇر، ئۈتىغېر… دەپ يېزىلغان. قوتۇغۇر — قۇت + ئۇيغۇر دېگەن ئىككى سۆزدىن ياسالغان ئىسىم بولۇپ، «قۇتلۇق ئوغرى» دېگەن مەنىدە، ئۇتۇغۇر ئۇت + ئۇيغۇر دېگەن سۆزدىن ياسالغان بولۇپ، ئۇت ئۇتماق، ئۇتۇۋالماق، يەڭمەك، غەلىبە قىلماق دېگەن سۆز بولۇپ، ئۇ «ئۇتۇق قازانغۇچى ئۇيغۇر» ياكى «غالىب ئۇيغۇر» دېگەن مەنىدە. قۇتۇغۇرلار ئەسلىدە ئورقۇن ۋادىسىدىكى «قۇنتاغ» ئەتراپىدا ياشىغان بولغاچقا، شۇنداق ئاتالغان دېگەن قاراش بار.
(3) ئابار، بەزىدە ئاۋار دەپمۇ يېزىلىدۇ. بۇلار رورەنلەردۇر. «ئابار» تۈركىي تىلىدا قەبىلە دېگەن مەنىدە دەپ قارىلىدۇ.
(4) كاسدىمىر، بۇ قەبىلە ئەسلىدە يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، قىرغىزلار بىلەن قوشنا ئىدى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربكە كۆچمەي قالغان بىر قىسمى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە كۆچۈپ كېلىپ، قۇمۇل مۇداپىئە رايونىغا يېقىن جايلارغا ئورۇنلاشقان.
(5) سابىر، خەنزۇچە ھۆججەتلەردە (鲜卑»» شيەنبېي) دەپ يېزىلغان سىيانپىيلاردۇر، بۇلار شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالى، موڭغۇل ئېگىزلىكى، جۇڭغار (يارىش) ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا كۈچلۈك سىيانپىي خانلىقىنى قۇرغان. بۇ خانلىق يىمىرىلگەەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرى بايقال كۆلىنىڭ شەرقى ۋە غەربىي تەرەپلىرىگە تارقىلىپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى «سىبىرىيە» ئەنە شۇ شيەنبېي-سىيانپىيلارنىڭ نامىدىن كەلگەن.
(6) ئابدال، خەنزۇچە 阿嘀، 阿跌 دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ئۇلار ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىچكى توققۇز قەبىلە» سى ئىچىدىكى «ئابدال قەبىلىسى» ھېسابلىنىدۇ ھەم تاشقى توققۇز قوۋمى ئىچىدىكى ئادىز قەبىلىسى دەپمۇ قارىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بۇ قەبىلە ئادەتتىكى ئورۇندا تۇراتتى. لېكىن، بۇ قەبىلىدىن چىققان بىر بالىنى ئۇيغۇر قاغانى ئاسراندى ئوغۇل قىلىپ بېقىۋالغان، كېيىنكى چاغدا بۇ بالا تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ «ئىناۋەت قۇچقان قاغان» دەپ ئاتالغاندىن كېيىن، بۇ قەبىلە «ئىككىنچى قاغان جەمەتى» بولۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئورنى ئۆسۈپ ئىچكى توققۇز قەبىلە قاتارىغا ئۆتكەن.
(7) ئېفتالت، بۇ قوۋم شەرقىي رىم، پېرىسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىدا خاتىرىلەنگەن پەيتاللاردۇر، ئۇلار شۇ زامانلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرغان، كېيىن تۈركلەر بىلەن پارسلارنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى تەرىپىدىن ھالاك قىلىنغان. جەنۇبىي سۇلالىلەردىن بىرى بولغان لياڭ خانلىقى ئۇلارنىڭ دۆلىتىنى خۇاگۇ滑国) دەپ ئاتىغان.滑» (» خۇا) دېگەن خەت قەدىمكى زاماندا «گۇر-غۇر» دەپ ئوقۇلاتتى دېيىلىدۇ. تارىخىي خاتىرىلەردە يەپتاللار (ئىفتالىتلار) «ئېگىز قاڭقىللارنىڭ بىر تۈرى» دېيىلگەن. دېمەك، ئۇلار تۈركىي تىللىق قوۋم بولۇپ، ئەسلىدە ئالتاي تېغىنىڭ ئەتراپىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئېنىقكى، غەربكە كۆچكەن ياكى كۆچمەي قالغان يەپتاللارمۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى.
(8) قولىس، ئۇيغۇر ۋە تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر نامى ئىچىدە بۇنىڭغا توغرا كېلىدىغان نام ئۇچرىمايدۇ.
(9) باغرسىق. بۇنىڭغا توغرا كېلىدىغان ناممۇ ئۇيغۇر ۋە تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر نامى ئىچىدە ئۇچرىتىلمىغان.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا ۋىزانتىيە تارىخىي ماتېرىياللىرىدا قازار (قاسار) دېگەن قەبىلە نامى تىلغا ئېلىنغان. بۇمۇ «ئون ئۇيغۇر» قەبىلىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. تاڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا بۇ قەبىلە ھەمىشە «تۈرك گېسار — 突厥葛萨»»، تۈرك كېسار — 突厥可萨» » دەپ تەرجىمە قىلىنغان. قاسارلار مىلادىيە VI—VII ئەسىرلەردە شىمالىي كاۋكازدا ياشىغان. خەنزۇچە ھۆججەتلەردە قاسارلار ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىچكى توققۇز قەبىلىسى» سۈپىتىدە بايان قىلىنىدۇ[21]. يېقىنقى دەۋردىكى قىسمەن تارىخچىلار قاسارلارنى ھازىرقى زامان قازاق مىللىتىنىڭ ئەجدادى دەۋالغان.

2) غەربكە كۆچكەن غوبى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەسلىي ماكانى
غەربكە كۆچكەن غوبى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەسلى ماكانى موڭغۇل يايلىقى بولۇپ، بۇ توغرۇلۇق قەدىمكى زامان ئاپتورلىرىنىڭ كىتابىدا ئۇچۇرلار ساقلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە پېرىسىيىلىك تارىخچى رەشىدىددىننىڭ بايانى بىرقەدەر ئېنىقراق ئۇچۇرغا ئىگە قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق يازغان: ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلار ۋىلايىتىدە ھەيۋەتلىك ئىككى چوڭ تاغ بار ئىكەن، بىرىنىڭ ئىسمى بوقراتۇبۇزلۇق، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ئاشقۇنلۇق تەڭرىم ئىكەن. ئۇگدايخان بىر شەھەر بىنا قىلىپ ئاشۇ شەھەرنىڭ نامى بىلەن ئاتاپتۇ. ئىككى تاغنىڭ يېنىدا قۇت تاغ دېيىلىدىغان يەنە بىر تاغ بار ئىكەن. بۇ تاغلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جايدىن ئون ئېقىن، يەنە بىر جايدىن توققۇز دەريا ئېقىنى ئاقىدىكەن. قەدىمكى دەۋرلەردە ئۇيغۇر قەبىلىلىرى مۇشۇ دەريا ساھىللىرىدا تاغ ئىچى ۋە تۈزلەڭلىكلەردە ماكان تۇتۇشقان ئىكەن. ئون دەريانى بويلاپ ئولتۇراقلاشقانلار ئون ئۇيغۇر، توققۇز دەريانى بويلاپ ئولتۇراقلاشقانلار توققۇز ئۇيغۇر دېيىلىدىكەن. ئاۇش ئون دەريا ئون ئارغۇن دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ قەبىلىلەرنىڭ ناملىرى رەت تەرتىپى بويىچە تۆۋەندىكىدەك ئاتىلىدىكەن: ئىسلىق ياكى ئىسقۇل، ئوتۇتقار، بۇقىس، ئۇزقۇندۇز، تۇلار، تاردار، ئادار، ئۇچتابىن، قاملامچۇ ۋە ئۆتۈكەندىن ئىبارەت.
ئالدىنقى ئۈچ دەريا ساھىلىغا توققۇز قەبىلە جايلاشقان، كېيىنكى تۆت دەريا ساھىلىغا بەش قەبىلە جايلاشقان. توققۇزىنچى ئېقىن قاملانچۇ دەرياسىنىڭ ساھىلىدا ئولتۇراقلاشقانلار لونك دەپ ئاتىلىدىكەن؛ ئونىنچى ئېقىن ئۆتىكەن دەرياسى بويلىرىدىكىسى قاماق ئاتىقۇز قەبىلىسى ئىكەن. دەريا ساھىلىنى بويلاپ ئولتۇرغان بۇ قەبىلىلەردىن باشقا يەنە بىر دائىرىدە 122 قەبىلە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ نامى ئېنىق ئەمەس[22].
تارىخچىلار ھەر تەرەپلىمە دەلىللەش ئارقىلىق مىلادىيە V-VII ئەسىردە غەربكە كۆچكەن ۋىزانتىيە تارىخىي ماتېرىياللىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن رەشىدىددىن خاتىرىسىدىكى قەبىلە ناملىرى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاشلىقىنى ئىسپاتلىغان.

3) غوبى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ غەربكە كۆچۈشىنىڭ سەۋەبى
ئۇيغۇر قەبىلىلىرى نېمە ئۈچۈن غەربكە كۆچكەن. بۇ توغرۇلۇق بىرقانچە خىل قاراش بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئوخشاش. ئېلىمىزنىڭ خەنزۇچە ھۆججەتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى شىمالىي ۋەي سۇلالىسىنىڭ تەيخې 11- يىلى (مىلادىيە 487- يىلى) پوۋۇرغۇر قەبىلىسى باشچىلىقىدىكى شەرقىي ئېگىز قاڭقىللارنىڭ 100 مىڭ ئادىمىنىڭ غەربكە كۆچكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. ئەينى چاغدا بۇ قاڭقىل قەبىلىلىرى موڭغۇل يايلىقىدىكى رورەنلەر ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمىغا چىدىماي، ھازىرقى تۇرپاننىڭ شىمالىدىكى جۇڭغارىيە ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا ئېگىز قاڭقىللار خانلىقىنى قۇرغان. ئېگىز قاڭقىللار كۈچەيگەندە، ئۇنىڭ تېررىتورىيىسى غەربتە ياپبان (جۇڭغارىيە ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمى) غا تۇتاشقان، شەرقتە بىر مەھەل شىمالىي چۆللۈكنى ئىشغال قىلىپ، رورەنلەر ئوردىسىنى جەنۇبقا كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان، مىلادىيە 541- يىلى ئېگىز قاڭقىللار خانلىقى رورەنلەر تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان. مانا مۇشۇ چاغدا بىر قانچە تارماق ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئاساسىي قەبىلىلەردىن بۆلۈنۈپ، غەربكە كۆچكەن.
قەدىمكى رىم تارىخچىسى پرىسكوسنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندىمۇ، مىلادىيە 461- يىلى سبىرلار (سابىرىلار، سيانپىلار) روەن-ئاۋارلارنىڭ زەربىسى بىلەن جەنۇبىي سىبىرىيىدىكى يۇرتلىرىنى تاشلاپ، غەربكە كۆچكەن. ئۇلارنىڭ غەربكە سۈرۈلۈشى بىلەن ئوغرى، ئون ئوغرى، ئوتۇغۇر، قۇتۇغۇر ۋە سارغۇر قەبىلىلىرىمۇ غەربكە كۆچۈپ، كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالى ۋە دون دەرياسى بويلىرىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇ چاغدا ئون ئوغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ۋولگا دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىنى بويلاپ شىمالغا قاراپ مېڭىپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئېقىن بويلىرىغا ماكانلاشقان. مۇشۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن شەرقتە ئېتىل (ۋولگا) دەرياسى بويلىرىدىن غەربتە دون دەرياسىغىچە بولغان جايلار تاكى مىلادىيە VII ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئون ئوغۇرلارنىڭ نامى بىلەن «ئون ئوغۇرىيە» دەپ ئاتالغان[23].
فرانسىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس خامىلتون ئۆزىنىڭ «توققۇز ئوغۇز ۋە ئون ئۇيغۇر ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈشىنى بىرقەدەر چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شۇنداق بايان قىلىدۇ:
461—464- يىللار ئارىلىقىدا سارغۇر ئوغۇز ۋە ئون ئۇيغۇر كىشىلىرى ۋىزانتىيىگە تۇنجى قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. شۇ ۋاقىتتا بۇ مىللەتلەر ئەمدىلا شەرقتىن كۆچۈپ كەلگەنىدى. يەنە كېلىپ ئۇلارنى سابىر (سيانىپ) لار ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقارغان، سابىرلارنى ئاۋار (ياكى ئابار) لار قوغلاپ چىقارغان. ئاۋارلار يەنە دېڭىزنىڭ ئىككى قىرغىقىدا تۇرۇشلۇق خەلقلەرنىڭ تەھدىت سېلىشى بىلەن ئۇ يەردىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. سارغۇرلار ھونلارنىڭ ئاقازىر قەۋمى (Huns Akatzir) ئارىسىدىن ماكان تۇتقۇدەك بىر جاي ئىزدەش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەن ھەمدە ئۇلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بويسۇندۇرغان[24].

4) غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى
غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ھەرخىل ئۇچۇرلار ساقلانغان. ئۇنىڭ بىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«مىلادىيە V ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار موڭغۇل يايلىقىدىن غەربكە كۆچۈشكە باشلىغان، 558- يىلى ئۇلار ۋولگا دەرياسى ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەن ھەمدە شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ياۋروپانىڭ بىر قىسىم يېرىنى ئىگىلەپ ماكانلاشقان. بەزى غەربلىكلەر ئۇلارنى خاتا ھالدا ‹ئاۋارلار› دەپ ئاتىغان، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇيغۇرلار ئىدى. ئۇلار ساغۇر (سېرىق ئۇيغۇر)، ئون ئۇيغۇر (ئون ئۇيغۇر) ۋە ئۇيغۇر (Uigurs) دىن ئىبارەت ئۈچ ئۇلۇسقا بۆلۈنىدۇ. شۇ چاغدىكى خەلق رىۋايەتلىرىدە Uigur (ئۇيغۇر) لار ‹Ogre› دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ ئەلچىسى گرېتسىيىدىن ياردەم سورىغان»[25]. (《Chapter I, IV. Princeton (D. M. Dunlop 《the History of Jewish Khazars》)
بۇ ئۇيغۇرلارنى چەت ئەل ئالىملىرى غەربىي ئۇيغۇرلار دەپ ئاتىغان ھەم ماتېرىياللاردا ئۇلارنىڭ جايلاشقان ئورۇنلىرىنى كونكرېت قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن:
غەربىي ئۇيغۇرلاردىن ئوغرى ۋە ئون ئۇغۇرلار تارباغاتاي تاغلىرى، قۇبدۇ، ئۇلاستاي ئەتراپلىرىدا؛ ئوتۇغۇرلار قازاق، قىرغىز دالىسى ۋە ئامما دەرياسى بويلىرىدا، قۇتۇغۇرلار ۋە سارغۇرلار بولسا ۋولگا دەرياسى بويلىرىدا ياشىغان»[26].
تارىخنىڭ مۇرەككەپ بولۇشى، دەۋرنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋالغۇشلىرى نەتىجىدە غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ پائالىيەت دائىرىسىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرغان، شۇنداقلا ھەرىكەت شەكلىمۇ خىلمۇخىل بولغان.
غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈكى ئون ئوغۇرلار بولغاچقا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىق سىياسىي پائالىيەتلىرىنى شۇلار باشچىلىقىدا ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ مەركىزى ئون ئۇيغۇر شەھىرى ئىدى[27]. بۇ خانلىق مىلادىيە VI ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە سبىرلارنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشى بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېرىم ئەسىرگە يېقىن سبىرلار، ئاۋارلار قاتارلىق ئاسىي قەبىلىلەرگە ۋە كۆك تۈركلەرگە بېقىنىپ ياشىغان. كۆك تۈركلەرنىڭ بۇ غەربتىكى ئۇيغۇرلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى تۈرك ھۆكۈمرانلىرىدىن ئىستەمى ۋە ئاسىنا (ئاشنا) تارتۇش دەۋرىگە توغرا كېلىش ئېھتىماللىقى بار. ئىستەمى 576- يىلىغىچە، ئاسىنا تارتۇش (تارتۇش قاغان دەپ ئاتالغان) 603- يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
مىلادىيە 583- يىلىغا كەلگەندە قۇتۇغۇر قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان قۇربان (بۆرە) دېگەن كىشى ئون ئۇيغۇر، قۇتۇغۇر ۋە ئۇتۇغۇر قەبىلىلىرىنى قايتا تەشكىللەپ، ئۆزىنى خان دەپ جاكارلاپ ئون ئۇيغۇر بۇلغار خانلىقىنى قۇرغان. بۇ خانلىق ئۇنىڭ دەۋرىدە تازا كۈچەيگەن بولۇپ، زېمىنى شەرقتە ۋولگا دەرياسىدىن غەربتە دوناي دەرياسىغا قەدەر سوزۇلغان[28]. لېكىن، بۇ خانلىقنىڭ تارىخى بىر ئەسىرگە بارمىغان. مىلادىيە 659- يىلى غەربىي تۈرك خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن غەربىي تۈركلەر ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت تىكلەشكە باشلايدۇ. تۈركلەرنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان ئون ئۇيغۇر قەبىلىسىدىن بولغان قاسار (ھازار) قەبىلىسى ئۆز ئالدىغا خانلىق تىكلىۋالىدۇ. 85 يىل مەۋجۇد بولغان ئون ئۇيغۇر بۇلغار خانلىقى ئاسى ھازارلارنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن مىلادىيە 668- يىلى بەش پارچىغا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ.
قۇرباتنىڭ چوڭ ئوغلى ئوتتېگىن ئۆزىگە قاراشلىق ئون ئۇغۇرلار بىلەن ئون ئۇغۇرىيىدە قېلىپ، قاسارلار تەۋەسىگە ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى كوتىراغ بىر بۆلۈك قۇتۇغۇرلارنى باشلاپ شىمالغا مېڭىپ ئېدىل دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىن بويلىرىغا كېلىدۇ ھەمدە 461- يىلى كۆچۈپ كەلگەن بىر قىسىم ئون ئۇغۇرلار، سىبىرلار ۋە ئەتراپتا ياشايدىغان بەزى فىن-ئۇغۇر قەبىلىلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئېدىل ۋە بۇلغار دۆلىتى قۇرىدۇ. بۇ خانلىقلار بەزىدە قاسار (ھازار) لار، بەزىدە موڭغۇللارغا قىسمەن بېقىندى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئالتە ئەسىر مۇستەقىل ھۆكۈم سۈرۈپ، مىلادىيە 1400- يىلىغا كەلگەندە تۆمۈرلەڭ تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلىنىدۇ[29].
قۇرباتنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئاسپارۇغ ئۆزىگە تەۋە ئون ئۇغۇرلار ۋە قۇتۇغۇرلاردىن 25 مىڭ ئاھالىنى باشلاپ، غەربكە كۆچۈپ، بالقان يېرىم ئارىلىغا كېتىدۇ. ئۇنىڭ بالقاندا ئىگىلىگەن زېمىنى يۇنان مەنبەلىرىدە ئون ئۇغۇرىيە» دەپ يېزىلغان. مىلادىيە VIII ئەسىردىن كېيىنكى غەرب تارىخى ماتېرىياللىرىدا «ئون ئۇيغۇر ۋە قۇتۇغۇرلار» دەپ خاتىرىلەنگەن[30]. ئەينى ۋاقىتتا بالقان يېرىم ئارىلىدا ياشايدىغان سلاۋىيان ۋە تىراك خەلقلىرى ئون ئۇغۇرلار بىلەن قۇتۇغۇرلارنى ئۆزلىرىنى شەرقىي رىمنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن ئازاد قىلغۇچىلار دەپ قاراپ، ئاسپارۇغ تەرەپكە ئۆتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئاسپارۇغنىڭ كۈچى تېخىمۇ ئۇلغايغان. بۇ ئىشتىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەن ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى كونىستانتىن مىلادىيە 679- يىلى ئاسپارۇغ ئۈستىگە يۈرۈش قىلغان، لېكىن ئۇرۇشتا ۋىزانتىيە مەغلۇپ بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا مىلادىيە 681- يىلى شەرتنامە تۈزۈلۈپ، ۋىزانتىيە ھەر يىلى ئاسپارۇغقا باج تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە دوناي دەرياسى بىلەن بالقان ئارىسىدىكى زېمىنلارنىڭ ئاسپارۇغقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان[31]. لېكىن، ئون ئۇغۇرلار بىلەن قۇتۇغۇرلارنىڭ سانى ئاز بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار سىلاۋىيان مىللەتلىرى ۋە شەرقىي رىمنىڭ كۈچلۈك ئاسسىملياتسىيە قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، ناھايىتى تېزلا سىلاۋىيان ۋە شەرقىي رىم مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ[32].
قۇرباتنىڭ تۆتىنچى ئوغلى (ئىسمى نامەلۇم) ئۆزىگە تەۋە ئوغرى قەبىلىلىرىنى باشلاپ، غەربىي ۋىنگىرىيىگە كېلىپ ماكانلىشىپ، ئاۋارلار ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرگەن، ئۇنىڭ بەشىنچى ئوغلى (ئىسمى نامەلۇم) ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىغا قالغان ئون ئوغۇرلارنى باشلاپ شىمالىي ئىتالىيىگە بېرىپ، شەرقىي رىمنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتكەن[33]. ئوغۇرلاردىن يەنە بەزىلىرى ئوكرائىنا، مولداۋىيە ۋە ترانسلۋانىيىگە كېلىپ تارقىلىپ كەتكەن ۋە ناھايىتى تېزلا شۇ جايدىكى خەلقلەرگە سىڭىپ كەتكەن[34].
ئورال تاغلىرى بىلەن ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىن بويلىرىدا ئەسلىدە فىن-ئوغۇرلارغا تەۋە، مارى، ۋۇتياك ۋە ماجارلار ياشايتتى. مىلادىيە II ئەسىردە شەرقتىن كەلگەن ھونلار ئورال ۋە ئېدىل بويلىرىغا ئولتۇراقلىشىپ بۇ مىللەتلەرنى بويسۇندۇرغان. مىلادىيە 375- يىلى ھونلار ۋىنگىرىيىگە كۆچكەندە، بۇ يەردە قالغان بىر قىسىم ئاھالىلەر ماجارلارغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. مىلادىيە VIII ئەسىرگە كەلگەندە مانا شۇ ماجارلار جەنۇبقا سۈرۈلۈپ، ئون ئۇغۇرىيىگە كۆچۈپ كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئون ئوغۇرىيىدە قاسارلارغا بېقىنىپ ياشاۋاتقان ئون ئوغۇرلار بار ئىدى. ماجارلار شۇلار تەركىبىگە قوشۇلۇپ «ئون ئوغرى» دېگەن نامنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەمما، مىلادىيە 997- يىلى ئىستىۋان I ۋىنگىرىيىدە ئون ئوغرى خانلىقىنى قۇرىدۇ. بۇ دۆلەت ياۋروپاغا «ھونگىر» دېگەن نام بىلەن تونۇلىدۇ، 1301- يىلىغىچە مەۋجۇد بولىدۇ.

5) غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تەقدىرى
مىلادىيىدىن كېيىنكى چاغدىن مىلادىيە IV—VII ئەسىرلەرگىچە بولغان ئارىلىقتا غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار شەرقىي ۋە جەنۇبىي ياۋروپا رايونىدا ماكانلىشىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادى، مەدەنىيىتى ۋە مىللەتلەرنىڭ زورىيىشى، يۈكسىلىشىگە غايەت زور ھەسسىلەرنى قوشۇپ، شەرق-غەرب مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ شەرقنىڭ مەدەنىيىتىنى غەربكە، غەرب مەدەنىيىتىنى شەرققە يەتكۈزۈشتە ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ. ئاخىر ئۆزلىرىنىڭ تۈپ مىللەت گەۋدىسىنى مەردلىك بىلەن قۇربان قىلىش ھېسابىغا ئاشۇ رايوندىكى كېيىنكى زامانلاردا پۈتۈن-پۈتۈن شەكىللەنگەن بىر قاتار مىللەتلەرنىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ئەجدادى، ئېتنىك قوۋم تەركىبى بولۇپ قوشۇلۇپ كەتكەن[35]. جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ ھازىرقىدەك مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئۆز تەركىبلىرىنى ئاتا قىلغان.
ئۇنداق بولسا، غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار زادى قايسى مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن.
چيەن بوچۈەن ئەپەندى غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى (قەدىمكى ئۇيغۇرلار)… تەدرىجىي ھالدا قازاق، ئۆزبېك، تاتار، ۋىنگىر، بۇلغارلارغا سىڭىپ كەتكەن دېسە، يەنە بەزى كىشىلەر ۋىنگىر، بۇلغارلاردىن باشقا چۇۋاش، باشقىرىت، قازان تاتارلىرى؛ سىلاۋىيان مىللەتلىرى، ۋىزانتىيىدىكى بەزى مىللەتلەر ۋە ياۋروپادىكى بەزى مىللەتلەرنىڭ زورىيىشىغا ھەسسە قوشقان[36]، دەپ قارىغان. ئۇلار يەنە ئەزەبەيجان، تۈركىمەن ۋە تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ مىللەت تەركىبلىرىنىمۇ زورايتقان، دېيىشنىڭ ھەم مۇمكىنچىلىكلىرى بار.
بۇ يەردە بەزىلەرنىڭ ۋىنگىر، بۇلغار ۋە چۇۋاشلارنىڭ نامىنى ئوغۇرلار بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈشلىرىدىن مەسىلىنىڭ مەلۇم تەرىپىنى روشەنلەشتۈرگىلى بولار.
تارىخشۇناسلار ئارىسىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا رۇس تىلىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن «ۋىنگىر» دېگەن نام «ئون ئوغرى — ئون ئۇيغۇر» دېگەن نامنىڭ تومۇرى بىر دېگەن قاراشمۇ بار. يەنى ئون ئۇغۇرلار ياۋروپاغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن شۇ يەردىكى مىللەتلەرنىڭ تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆز نامىنى «ھونۇغۇر» لار دەپ ئاتىغان ھەم ئۇلار قۇرغان دۆلەت ياۋروپاغا «ھونگىر» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان. شۇ سەۋەبلىك لاتىنچە ئۇنگىر، نېمىسچە ئونگار، فرانسوزچە ھونگروس ۋە رۇسچە ۋىنگىر دېگەن ناملارنىڭ ھەممىسى ئون ئوغۇر (ھونۇغۇر) دېگەن نامنىڭ ھەرخىل ئوقۇلۇشىدىن ئىبارەت[37]، دېگەن قاراشنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ۋە ۋىنگىرلارنىڭ فىن-ئوغۇز تىللىرى ئائىلىسىگە مەنسۇپ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىدە، جۈملىدىن ۋىنگىر تىلىدا تەلەپپۇز ۋە مەنە جەھەتتىن ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە بىلەن ئوخشاش سۆزلەرنى تاپقىلى بولىدىغانلىقى، سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكىسى بىلەن ۋىنگىر مۇزىكىسىدىكى يېقىنلىق ئەھۋاللىرى تولۇقلىما ماتېرىيال بولىدۇ.
بۇلغار نامىغا كەلسەك، بۇ نام دەسلەپتە مىلادىيە 480- يىلى ۋىزانتىيە تارىخىي ماتېرىياللىرىدا كۆرۈلگەن. ئۇ «بەلغۇر» يەنى «بەش ئوغرى» ياكى «بەش ئوغۇز» دېگەنلىك ئىكەن[38]. يەنى ماتېرىياللاردا ئون ئوغۇرلارنىڭ «بۇلغار» دېگەن نامنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقىنىڭ نامى قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئۇچۇرلار بار.
باشقىرىت نامىنىڭمۇ ئوغرى نامى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدە گەپ بار. مەسىلەن، ۋىنگىرىيىلىك شەرقشۇناس نېمېت 1929- يىلى ۋىنادا ئېلان قىلغان «ماگنا ھونگارىيە» (بۈيۈك ۋىنگىرىيە) دېگەن ئەسىرىدە «باشقىرىت» سۆزى باشقىر — بەش ئوغرى يەنى بەش ئۇيغۇر دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن[39]. مىلادىيە VIII ئەسىردە موڭغۇلىيىگە ساياھەتكە كەلگەن فرانسىيىلىك سەيياھ روبروك ئۆزىنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە ئېدىل دەرياسىنىڭ باسكاتىر (باشقىرت) دۆلىتىدىن ئېقىپ چىقىدىغانلىقىنى ۋە بۇ يەردىكى مىللەتلەر تىلىنىڭ ھونۇغۇر (ئون ئوغۇر) لارنىڭ تىلى بىلەن بىر خىل ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ھەمدە باشقىرت دۆلىتىنى «بۈيۈك ھونگارىيە» دەپ يازغان.

4. ئۇيغۇرلار ۋە بالاساغۇن

ئوتتۇرا ئاسىيادا بالاساغۇن دېگەن مەشھۇر بىر شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەر بىنا قىلىنغاندىن باشلاپلا ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئارا بالاساغۇن بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە قويۇق بولغان. بۇ يەردە مۇشۇ نۇقتا بىر قانچە تەرەپتىن يورۇتۇلىدۇ.
بالاساغۇن تارىختا بىرقانچە خىل نام بىلەن ئاتالغان. بولۇپمۇ بالاساغۇن بىلەن قۇز ئوردۇدىن ئىبارەت ئىككى نامنىڭ پاراللېل قوللىنىلغانلىقى گەپنىڭ ئورامىنى بەلگىلەيدۇ. ئالدى بىلەن مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ بايانلىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ ئۆتىمىز: «قۇز، تەسكەي، قۇز تاغ — تەسكەي تاغ. ئۇنىڭدا ھەمىشە قار ئۆكسۈمەيدۇ ۋە سوغۇق بولىدۇ. ماقالىدە: قۇزدا قار ئۆكسۈمەس، قويدا ياغ ئۆكسۈمەس — تەسكەيدە قار ئۆكسۈمەس، قويدا ياغ ئۆكسۈمەس»[40] دەپ مىسال كەلتۈرۈلگەن.
«ئوردۇ. ئوردا، خان شەھىرى. بۇنىڭدىن ئېلىنغان خاقانلار تۇرىدىغان كاشغەر شەھىرى ‹ئوردۇكەنت› دېيىلىدۇ»[41].
«ئوردۇ. بالاساغۇنغا يېقىن شەھەر. بالاساغۇن شەھىرىمۇ ‹قۇز ئوردۇ› دېيىلىدۇ»[42].
«ئۇلۇس. يېزا، قىشلاق. چىگىلچە، بالاساغۇن بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى ئارغۇ شەھەرلىرىدە ياشىغۇچى خەلقلەر تىلىدا ‹ئۇلۇس› شەھەر دېمەكتۇر. شۇڭا، بالاساغۇن شەھىرى ‹قۇز ئۇلۇس› مۇ دېيىلىدۇ»[43].
مەھمۇد كاشغەرىنىڭ يۇقىرىقى بىر قاتار بايانلىرىدىن بالاساغۇننىڭ «قۇز ئوردۇ» دېگەن نامى بارلىقىدىن باشقا، «قۇز ئۇلۇس»[44] دەپمۇ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلسەك، پېرىسىيىلىك تارىخچى جۇۋەينىنىڭ مەلۇماتىدىغان «قۇزبالىق» دېگەن يەنە بىر نامنىڭمۇ بارلىقى بىلىنىدۇ[45].
رۇسىيىلىك شەرقشۇناس ۋ. ۋ. بارتولد ئىسلام قامۇسىغا يېزىپ بەرگەن «بالاساغۇن» ناملىق ماقالىسىدە «1218- يىلى بالاساغۇن ھېچبىر قارشىلىقسىزلا چىڭگىزخان سەركەردىسى چۈبە نايان قولىغا ئۆتتى، موڭغۇللار ئۇنى ‹غۇبالىق› دەپ ئۆزگەرتتى» دېگەن بايانىغا ئاساسەن بالاساغۇننىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا «غۇبالىق» دېگەن نامىدا ئاتالغانلىقىنى بىلسەكمۇ، ئەمما بۇنىڭ كېيىنكى ئىش ئىكەنلىكىنى دىققەتتىن يىراقلاشتۇرماسلىق لازىم، ئەلۋەتتە. بۇ يەردىكى «غۇبالىق« (گۇبالىق) ئاتالغۇسىنى بارتولد مىرخۇەندى (1433—1498) نىڭ «رەۋزە تۇسسافا» ناملىق ئەسىرىنىڭ 5- توم 22- بېتىدىن ئالغان بولسا كېرەك، يەنى مىرخۇەندى كىتابىدا موڭغۇللارنىڭ بالاساغۇننى «گۈزەل شەھەر» مەنىسىدە «گۈبالىق» دەپ ئاتىغانلىقىنى يازىدۇ. ئوبۇلغازى «شەجەرەئى تۈرك» تە ھەم شۇ مەنىدە چۈشەندۈرۈلگەن.
«غۇ (گۇ) بالىق» نامى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلىساق، بۇ يەردىكى غۇ-گۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى غۇز-قۇز-گۇزغا يېقىن تۇرىدۇ. ئېھتىمال موڭغۇللار بۇ ئاتالغۇ بىلەن ئۇچراشقاندا بوغۇم ئاخىرىدىكى «ز» تاۋۇشىنى چۈشۈرۈپ قويۇپ، سۆزنىڭ بىرىنچى بوغۇمىنى غۇ-گۇ (غۇبالىق-گۇبالىق) دەپ تەلەپپۇز قىلىشقان، بۇ شەھەرنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ، ئۇنى «گۈزەل شەھەر» دەپ چۈشىنىپ، باشقا مەنىدىكى ئىسمى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن بولسا كېرەك.
بالاساغۇن توغرىسىدا خەنزۇچە، ئەرەبچە ۋە پارسچە تارىخىي ھۆججەتلەردىمۇ خېلى ئوبدان ئۇچۇرلار ساقلانغان. بىر قاتار تارىخىي ئەھۋاللارغا قارىغاندا بالاساغۇن يىپەك يولى، جۈملىدىن مەركىزىي ئاسىيادىكى مۇھىم بىر ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى ياكى مۇھىم ئۆتەڭ-بازار بولغان. تۈركەشلەر، ياغمىلار، توققۇز ئوغۇزلار، قاراخانىيلار ۋە قىتان خانلىقىنىڭ ئۇزۇن يىللار سىياسىي مەركىزى بولۇپ كەلگەن. موڭغۇللار دەۋرىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. قاراخانىيلارغا تەئەللۇق بىر قاتار ئالىملار، ئەدىبلەر، سەركەردىلەر دۇنياغا كەلگەن، شانلىق بىر شەھەر سۈپىتىدە مەۋجۇد بولغان.
بالاساغۇن توپونومىيىلىك — جۇغراپىيىلىك جايلاشقان ئورنى سۈپىتىدە زادى قەيەردە دېگەن مەسىلىدە تارىختىن بېرى ئوخشىمىغان قاراشلار تارقىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ بۇنداق بولۇشىدا موڭغۇللار ئىستېلاسىدىن كېيىن بۇ شەھەر تاشلىنىپ قالغان بولۇپ[46]، ئۇنىڭ نامىنى يادلاپ، ئېسىدە ساقلاپ تۇرىدىغانلار بۇ شەھەردىن كۆچۈپ كېتىپ، كىشىلەرگە ئېنىق ئۇچۇر قالدۇرالمىغان. ھازىرچە بالاساغۇننىڭ ئورنى توغرۇلۇق مۇنداق ئىككى خىل قاراشنى بىرقەدەر پاكىتلىق دېيىشكە بولىدۇ. بىرىنچى، بالاساغۇن چۇ دەرياسى ۋادىسىنىڭ قىرغىزىستان تەۋەسى بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بۇرانا (توقماق) خارابىسىدە[47]؛ ئىككىنچى بىر خىل قاراش بۈگۈنكى كاشغەرگە يېقىن ئاتۇش تەۋەسىدە[48]، دەپ ھېسابلاش.
مەن بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسىدە قەدىمكى دەۋرلەردىن ھازىرغىچە كۆپ تالاش-تارتىشلار بولۇپ كەلگەنلىك ئەھۋالىغا قاراپ شۇنداق چۈشەنچىگە كەلدىمكى، بالاساغۇن ھەم ئۇنىڭ نامى تارىختا يۆتكەلگەن بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. چۈنكى، مۇنداق ئەھۋال، شىنجاڭ، جۈملىدىن دۇنيا تارىخىدا بولغان. مەسىلەن، كۆپ مىساللاردىن مۇنداق بىر پاكىتنى سۆزلىسەك، تەكلىماكان چۆللۈكى — تارىم ۋادىسىدىكى تەخمىنەن 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە «مىرەن» شەھىرىنىڭ نامى پەقەت شىنجاڭغىلا خاس نام ئەمەس، ھازىر دۇنيادا «مىرەن» دەپ ئاتىلىدىغان شەھەردىن 33 ى بولۇپ، بۇنىڭ بەشى ئاسىيادا، تۆتى ياۋروپادا، 23 ى جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئامېرىكىدا، بىرى ئافرىقىدا[49]. شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، مەن بۇ مىسالنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق بالاساغۇن شەھىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيادا چەكسىزلەشتۈرۈۋەتمەكچى ئەمەسمەن. مېنىڭ قارىشىمچە، بالاساغۇن يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغان، جۈملىدىن قاراخانىيلارنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا چۇ دەرياسى ۋادىسىدىكى قىرغىزىستان تەۋەسى بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بۇرانا خارابىسىدە بولۇشى كېرەك.
بالاساغۇن ۋە قۇز ئوردۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلار بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ شەھەرنى بىنا قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۆز تىلىدا ئىسىم قويغان. ئېلىمىزدە «ئىسىم ئىگىسىدىن كېلۇر» دەيدىغان قەدىمدىن قالغان بىر پرىنسىپ بار. بۇ پرىنسىپقا ھەممە كىشى رىئايە قىلىشى كېرەك. «ئىسىم ئىگىسىدىن كېلۇر» نىڭ مەنىسى «شەيئىلەر ئەسلىي ئىگىسىنىڭ نامىنى ئىسىم قىلىشى كېرەك» دېگەندىن ئىبارەت. ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر كۇڭزى بۇرۇنلا «نام ئىگىسىدىن كېلۇر، جۇڭگودىكى شەيئىلەرنىڭ نامى جۇڭگودىن كېلۇر» دېگەنىدى. ئۇنداق بولسا بىز «بالاساغۇن» شەھىرىنىڭ نېمە مەنە ئىكەنلىكى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى. ئىلگىرى بەزى ئالىملار «بالاساغۇن» ئاتالغۇسىنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى ئەرەب[50]، پارس تىللىرىدىن ئىزدەپ كۆرگەن بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. كېيىنچە بۇ شەھەرنى بىنا قىلغۇچىلارنىڭ تىلىدىن ئىزدىنىپ كۆرگەندە كىشىنى قايىل قىلىدىغان يەكۈنگە ئېرىشىلگەن. مەلۇمكى بالاساغۇن شەھىرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېنيۈەن يىللىرى (مىلادىيە 785—804- يىللار) دىكى باش ۋەزىر گۈدەننىڭ خاتىرىلىرى ئاساسىدا پۈتۈلگەن «يېڭى تاڭنامە. جۇغراپىيە تەزكىرىسى» دە «裴罗将军城 (Feiluojiangjuncheng) » شەكلىدە يېزىلغان. بۇنىڭدىكى裴罗将军» » دېگەن تۆت خەت «بويلا ساغۇن» دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە ترانسكرىپسىيە قىلىنىشى بولۇپ، بۇ «بويلا裴罗) ۋە «ساغۇن» 将军) دىن ئىبارەت ئىككى سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان. بۇ سۆزلەردىكى «بويلا-بۇيلا» «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى» دە ئەمەل نامى دېيىلگەن[51]، ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى بوي (قوۋم، خەلق) نى باشلىغۇچى، خەلق رەھبىرى دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ قارىغان[52]، تۈركولوگ تومسون ئۆزىنىڭ «تۈركىي تىل لۇغىتى» دە «بويلا» نى مۇنداق ئىزاھلىغان: يۇقىرى مەرتىۋىلىك رەسمىي ئۇنۋانلاردىن بىرى، قاغاندىن قالسا ئىككىنچى ئورۇننى تۇتىدىغان مەنسەپ بولۇپ، ئىلگىرى ھون ۋە تۈركلەردە قوللىنىلغان بۇ مەنسەپ، دەسلەپتە ئاغى-تاغى بولغان (ئىسيان كۆتۈرگەن) قەۋملەرنى باستۇرۇشقا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە بېرىلىدىغان ئۇنۋان بولۇپ «قەۋمنى يولغا باشلىغۇچى، توغرا يولغا سالغۇچى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرسە كېرەك. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە «بويلا» سۆزى زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن «بالا» دەپ ئۆزگەرگەن، باشقا تىللاردا (مەسىلەن، خەنزۇچىدا پېيلا، غەربىي خەلقلەر تىللىرىدا «بەلا» دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان) بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن.
«ساغۇن» سۆزىگە كەلسەك، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ تەبىرى بويىچە (ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سول يابغۇسى بولغان) قارلۇقلارنىڭ چوڭلىرىغا بېرىلىدىغان ئۇنۋان، ئۇ يەنە تۈرك تېۋىپلىرى ئاتاساغۇن دېيىلىدۇ، دەپ ئۇنىڭ كۆپ خىل مەنىسىنىڭ (يەنىلا مەنسەپ ئۇقۇمىنى ئاڭلاتقان) بارلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ[53]. بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا بىرقانچە خىل قاراش بار. بىرى، «ساغۇن» خەنزۇ تىلىدىكى «将军» (jiangjun) » سۆزىدىن كېلىپ چىققان دېيىلسە [54]، يەنە بەزى ماتېرىياللاردا (相公»» ۋەزىر) دېگەن سۆزدىن كەلگەن دېگەن قاراشنىڭمۇ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان[55]؛ يەنە بىرى «ساغۇن» سۆزىدىن «将军» سۆزى كېلىپ چىققان، دېگەندىن ئىبارەت[56]. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ساغۇن» سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ ئىكەنلىكى نەزەرگە ئېلىنغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىستېمالىدا بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ نامى شەكلىدە ساقلىنىپ كېلىنگەنلىكى روشەنلەشمەكتە[57]. ئاقسۇ، خوتەن رايونلىرى ھەمدە قەشقەرنىڭ يېڭىسار، كوناشەھەر، مارالبېشى ناھىيىلىرىدە ساغان، كەڭ ساغان، ساغان ئۆستەڭ دەپ ئاتىلىدىغان يېزا-كەنتلەر بار. بۇ تەرەپلەردە ساغان بىر خىل ئوتنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. قەدىمكى ئەمەل، ئادەم ناملىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋان ناملىرىدىن كەلگەنلىكى توغرۇلۇق ماتېرىياللار بار. ساغان-ساغۇن-سوغۇن دېگەن ئاتالغۇلار ھەر دەۋردە ھەرخىل تەلەپپۇز قىلىنغان سۆزلەرنىڭ بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلارنىڭ تاۋۇش ئۆزگىرىشىگە ماس كېلىدۇ. مەيلى «بويلا»، مەيلى «ساغۇن» ئاتالغۇلىرى بولسۇن، بۇلار قەدىمكى تۈركلەر، قەدىمكى ئۇيغۇرلار جۈملىدىن، قوچو ئۇيغۇر خانلىقى، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن تارتىپ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىللىرىغىچە ئىزچىل ۋە كەڭ دائىرىدە قوللىنىپ كېلىنمەكتە. بۇ ئەمەل-مەنسەپ نامى دەسلەپتە تۈرك مەڭگۈ تاشلىرىدا ئۇچرايدۇ. يەنى «تۇنيوقۇق مەڭگۈ تېشى» نىڭ غەربىي يۈزىنىڭ 6- قۇرى بىلەن «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» نىڭ جەنۇبىي يۈزىنىڭ 16- قۇرىدا «تۇنيوقۇق بويلا باغاتارقان» دەپ، «بايانچۇر مەڭگۈ تېشى» 4- قۇرىدا «ئانتابويلا» (ئۇ چاغدا بويلا)، «سۇجى مەڭگۈ تېشى» نىڭ 2- قۇرىدا «بوتلا قۇتلۇق تارقان دەپ قوللىنىلغان. ئورقۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇنجى خانى «قۇتلۇق بويلا» نامىدا ئاتالغان. تۇرپاندىن تېپىلغان قوچو ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ ھۆججەتلەردىمۇ «بويلا» سۆزىنىڭ كۆپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، گېرمانىيىلىك ف. ۋ. ك. مۇللېر نەشرگە تەييارلاپ ئېلان قىلغان «تۇرپان تېكىستلىرى» نىڭ II تومىغا كىرگۈزۈلگەن بىر پارچە ھۆججەتتە «ئېل ئۆگەسى ئوتۇر بويلا تارقان» (elogasiotur boylatarkan)، «تاپمىش بويلا تارقان» (tapmis boyla tarkan) «ئاشپادا (ئاشپارا) بويلا» (aspada [aspara] buyla)، «ئوتۇر بويلا تارقان» (Out buyla taryan) دېگەنگە ئوخشاش. گېرمانىيىلىك ئا. ۋ. لېكوك تۇرپاندىن تاپقان مانى دىنىغا ئائىت بىر پارچە ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋرگە ئائىت پارسچە ھۆججەتتە ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەلۇم بىر خاقانىنىڭ دەۋرىدىكى ئەمەل-دەرىجە ناملىرى قاتارىدا «بويلا» نامى ئۇچرايدۇ[58]. خەنزۇچە مەنبەلەردە بولسا ئاتا بويلا 阿多))، قۇتلۇق بويلا 骨力裴罗))، بويلا چور 裴罗啜))، بويلا تارقان裴罗达干) ) دېگەن شەكىللەردە ئۇچرايدۇ. يەنە بەزى ئالىملار «بويلا» ئاتالغۇسى دەسلەپتە سۇلې (كاشغەر) دە ياشىغان يەرلىك قوۋم تىلىدا قوللىنىلغان دەپ قاراپ، بۇنىڭغا سۇلې خانلىقىنىڭ خان جەمەتى مىلادىيە VI ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا裴» (Fei) » سۆزىنى فامىلە قىلىپ ئىشلەتكەنلىكىنى، يەنى سۇلېلىق ئەدىب ۋە سەنئەتكارلاردىن فېي خۇيلىن (裴惠琳، 737 — 820- يىللار)، فېي شىڭاۇ 裴兴符))، فېي شىڭنۇ 裴兴奴))، فېي شەنسەي裴善才能) ) قاتارلىقلارنىڭ ئىسمىدىكى裴» » خېتى «بويلا» دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە قىسقارتىپ يېزىلىشى دەپ ھېسابلىغان[59]. بۇنىڭدا دىققەت قىلىنىدىغان ۋە ئىزاھلاپ قويۇشقا تېگىشلىك بىرقانچە نۇقتا بار. بىرىنچى، ئورقۇن ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئارىسىدا قوللىنىلغان «بويلا» سۆزى خەنزۇچە يېزىلغاندا裴罗» » خېتىنى تاللىغان. بۇ سۇلې خان جەمەتىگە قارىتىپ ئىشلەتكەن (裴» » بويلا) سۆزىنى فامىلە قىلغان زاماندا، بۇ ئەلنىڭ تىلى تۈركىي (ياكى ئۇيغۇر) تىلى بولمىسا، قانداقسىگە ئۇرقۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا خاس بىر سكزى سۇلې خانلىقىدىكى غەيرىي ئۇيغۇر تىللىق قوۋم تىلىدا قوللىنىلسۇن،裴» » خېتى بىلەن裴罗» » خېتىنى «بويلا» دېگەن سۆزنىڭ ترانسكرىپسىيىلىك شەكىلدە يېزىلغان دېيىشكە ئاساسى تولۇق ئەمەس، دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. دۇرۇس، شۇنىسى ئېنىقكى، سۈي، تاڭ سۇلالىلىرىدىن ئىلگىرى ۋە شۇ دەۋرلەردە سۇلې خانلىقىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەردىن ئەمەس ئىدى. يەنى بۇ يەردە ھۆكۈمەت تىلى غەيرىي ئۇيغۇر تىلى ئىدى. بىر قىسىم ئالىملار ئەينى چاغدىكى سۇلې قەۋمىنى ئارىيان ئىرقىغا مەنسۇپ، ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ شەرقىي ئارىيان تىلى تارمىقى ساك تىلىنىڭ سۇلې تىلى دىئالېكتىكىسىدا سۆزلىشەتتى[60]، دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشنى مەن قوللاش تەرەپدارى بولمىساممۇ، ئەمما قەدىمكى زامان، ئوتتۇرا ئەسىر ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىللىرىدا ئارىيان تىللىرىغا خاس ياكى ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ قەدىمكى ئىنسان تۈركۈمىنىڭ تىللىرىغا خاس سۆز-ئاتالغۇلار يامان ئەمەس سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مەسىلەن:
Dada (دادا، ئاتا)، ئىنگلىز تىلىدا dad/dada، ۋېدا تىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1000 يىللار بۇرۇنقى تىل) دا tata ، خەنزۇ تىلىدا 大大 (爹爹) [61]،
mada (مادا-مىدە، ئانا ئېشەك، ئېشەكنىڭ چىشىسى)، madame — madam (ئىنگلىزچە) خېنىم، ئاغىچا (ئايال جىنسقا قارىتىلغان)؛ mother ئانا،
(ئىنگلىزچە)، mamma — ma (ئانا، ئاپا ئىنگلىزچە)،
Padar (padar بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئايرىم تىل ئادىتىدە دادا، چوڭ دادا مەنىسىدە)، pidar (ساك تىلىنىڭ سۇلې-تۇمشۇق دىئالېكتىسىدا)؛ pitar (ساك تىلىنىڭ ئۇدۇن تىلى دىئالېكتىسىدا)؛
Buradar (دوست، ئۈلپەت، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىدا)، baradar (قېرىنداش، سۇلې — تۇمشۇق دىئالېكتىسىدا)، bratar (قېرىنداش، ئۇدۇن تىلى دىئالېكتىسىدا)؛
Kant (كەنت، يېزا — ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا، شەھەر قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلىدا)، Katha (شەھەر، سۇلې — تۇمشۇق دىئالېكتىسىدا)؛ Kantha (ئۇدۇن دىئالېكتسىدا)[62]؛
Kara (قارا، قارا رەڭ). Khara (قارا، ئۇدۇن تىلى دىئالېكتىسىدا)، khara – Krisa (قەندىھار تىلىدا) Krsna (قارا، سانسكرىت تىلىدا)[63]؛
bax (بەش)، bisa (سۇلې – تۇمشۇق دىئالېكتىسىدا)، bissa (ئۇدۇن دىئالېكتىسىدا) pis بەش، توخار تىلىنىڭ B دىئالېكتىسىدا)؛
gilm (گىلەم، زىلچا، پالاس). Kilyamya – glyamya (گىلەم، پالاس، قەندىھار تىلىدا)، gilim (پالاس، گىلەم، پارس تىلىدا) [64]؛
tonur (تونۇر)، tannur (ئوچاق، قەدىمكى سۇمېر تىلىدا)؛
toru-toru (قانۇن، مىزان، بەلگىلىمە، ئادەت… قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا)، ter (ئۆينىڭ تۆرى. بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىدا)، torah (قانۇن، قانۇننامە، ئېبرانى تىلىدا)؛ twere (ئۆينىڭ تۆرى، توخار تىلى B دىئالېكتىسىدا)، uer [b]d (ئىشىك، ھىندى-ياۋروپا تىللىرىدا)[65]؛
(muli پۇل، قارۇشتى يېزىقىدا) پۇلى-پۇل، تۈرك، ئۇيغۇر تىلىدا[66]؛
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «بويلا» سۆزىنىڭ ئورقۇن ۋادىسى، يەتتەسۇ ۋە سۇلې دائىرىسىدە قوللىنىلغانلىقى ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش ئەمەس.
«بويلا» سۆزىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىستېمالىدا مۇنداق ئۈچ خىل ھالىتى مەۋجۇد. 1) جاي نامى. كاشغەر كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا «بويلا» دېگەن بىر كەنت بار. 2) تۆگىنىڭ بۇرنىدىن تېشىپ چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ يېتىلەيدىغان ئىشنى «بويلاڭدىن تارتىش» دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭدىن تۆگىنىڭ بۇرنىدىن تەشكەن تۆشۈكنى «بۇيلا-بۇيلاڭ دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. 3) «بويلا» پىئېل بولۇپ، دەريا بويلىما، ئۆزىنى بويلىماق «بوي-بويلا» سۆزى بىلەن تومۇرداش.
«ساغۇن» سۆزى قەدىمدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئىستېمالىدا كۆپ قوللىنىلغان. بۇنىڭ باشلىنىشى «بالاساغۇن» شەھىرىنىڭ ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىرى تەرىپىدىن بىنا قىلىنىپ، ئۇنىڭغا خاس ئىسىم قويۇلۇشى دېيىلسە، قوچو ئۇيغۇر خانلىقى ۋە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن تارتىپ تا ھازىرقى زامانغىچە داۋاملىشىپ كەلگەنلىكى بىر تارىخىي پاكىت. تۇتۇ يازغان «سۇڭنامە» نىڭ 490- جىلد، 8- بېتىدە بەگ ساغۇن梦索温) ) ناملىق بىر قوچو ئەمەلدارى تىلغا ئېلىنغان. شەرقشۇناس پېللىئوت دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان «3046» نومۇر قويغان بىر پارچە ئۇيغۇرچە تېكىستتە «قۇت ساغۇن دېگەن ئاتالغۇنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان. پېللىئوت بۇنى 1008- يىلىدىكى گەنجۇ ئۇيغۇر ۋەزىرىنىڭ ئىسمى دەپ شەرھلىگەن. «سۇڭنامە. ئۇدۇن تەزكىرىسى» دە مىلادىيە 1009- يىلى «بۇ ئەلدىكى قاراخان پادىشاھى ئۇيغۇرلا (بويلا) ساغۇن回鹘罗斯温) ) قاتارلىقلارنى سوۋغات بېرىشكە ئەۋەتتى» دەپ يېزىلغان بولسا، يەنە شۇ كىتابتا 1063- يىلىدىكى ئۇدۇن ئەلچىسىنىڭ ئىسمى «لا (بويلا) ساغۇن» 罗撒温)) ، 1072- ۋە 1077 يىلىدىكى ئەلچىنىڭ ئىسمى «لا (بويلا) ئارسلان ساغۇن» 罗阿厮难撒温))، «ئۇدۇن ئېلىنىڭ ئۇلۇغ ھۆكۈمدارى ئارۇن دىن ساغۇن» 于阗国大首领阿令颠颡温))، گەنجۇ (شاجۇ، قوچو ۋە كۈسەنلەرمۇ بار) ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا دائىم كۆرۈلىدىغان «سوغۇن ۋەزىر»娑温宰相) » سۇڭ سۇلالىسىنىڭ مۇھىم خاتىرىلىرى 宋会贾» » دا «بوۋىن» 婆温)) دېيىلگەن، (بۇ يەردە «سۇڭنامە» دىكى خاتىرىگە ئاساسلىنىلدى)، «سوغۇن ۋەزىر كىجۇل يو» 左温宰相何居禄越))، «ۋەزىر سوغۇن سوگۇ» 宰相索温守贵))، «ۋەزىر سوغۇن ئى» 宰相撒温诋))، «قوھو ئېلى… تۇتۇق مەي سوغۇن» 高昌国…都督麦索温等))، «كۈسەن ئېلى… ۋۇ سوغۇ» 龟兹国…吴索温等))، «شاجۇ پۇگۇدۇلى سوغۇن» 沙州符骨笃末假似婆温等))، قاتارلىقلاردىكى婆温» » [So-Uan]، «主温» [tso-uan]، «索温» (So-una)، «撒温» [sa-uan] قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولۇپ… «Sangun» دېگەن سۆزنىڭ بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىنىشى، [67] بۇنى ئالىملار ئۇيغۇر تىل سىستېمىسىدىكى ئورتاق قوللىنىلىدىغان ۋەزىر تامىدىن بىرى دەپ قارىغان (خامىلتون سۆزى)[68] بۇنى ئالىملار ئۇيغۇر تىل سىستېمىسىدىكى ئورتاق قوللىنىلىدىغان ۋەزىر نامىدىن بىرى دەپ قارىغان خامىلتون سۆزى)[68] لوسوغۇن 罗厮温) ) دىلى لو罗) ) بولسا 裴罗»» (بويلا) نىڭ قىسقارتىلمىسى بولسا كېرەك. خەتلەرنى قىسقارتىپ يېزىش خەنزۇ تىلىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى. يەنە بىر جەھەتتىن بۇ يەردىكى 罗»»، «裴罗»، دىكى罗» » بىلەن بىر خەت. بۇ يەردە «سۇڭنامە» دە تىلغا ئېلىنغان «ئۇدۇندىكى قاراخان پادىشاھ ئۇيغۇر بويلا سانغۇن قاتارلىقلارنى سوۋغات بېرىشكە ئەۋەتتى»،
«其国(于阗)黑韩王遣回鹘罗斯温等以方物来贡» دېگەن تارىخىي خاتىرىلەرگە دىققەت بىلەن قاراشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا. يەنى «بويلاساغۇن» دېگەن بۇ نام قاراخانىيلار دەۋرىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان. قاراخانىيلارنىڭ خوتەن رايونىدىكى ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا قوللىنىلغانلىقى بۇ نۇقتىنى روشەن ئىسپاتلايدۇ.
تارىخشۇناس چيەن بوچۈەن «سۇڭنامە» دىكى回鹘罗斯温»» نى باشقىچە ئۇسلۇبتا شەرھلەيدۇ. ئۇنىڭچە罗斯温» »(Losowen) دېگەن ئاتالغۇدىكى罗» (Lo) «药罗葛» » (ياغلاقار) دېگەن خەنزۇچە ئاتالغۇنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ئۇدۇن خانى سۇڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتكەن ئەلچىنىڭ ئۇيغۇرچە ئەمەل نامى «ئۇيغۇر ياغلاقار ساغۇن» دىن ئىبارەت ئىكەن[69]. بۇ خىل قاراش، بىزگە خەنزۇچە تارىخنامىلەردە تىلغا ئېلىنغان 罗斯温»»، «罗撒温» دېگەن ئاتالغۇلار بەزىدە «بويلا ساغۇن»، بەزىدە «ياغلاقار ساغۇن» نىڭ قىسقارغان شەكلى تەرزدە قوللىنىلغانلىقىنى ئۇقتۇرىدىغاندەك قىلىدۇ.
«قۇز ئوردۇ» نىڭ ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇ ئىكەنلىكى «دىۋانۇلۇغەتت تۈرك» تە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتتۇق. «قۇزبالىق» تىكى «بالىق» ئوخشاشلا قەدىمكى تۈركىي، يەنى ئۇيغۇر تىلىدا كەڭ قوللىنىلغان بىر ئاتالغۇ بولۇپ، مەھمۇد كاشغەرى تولىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ، «بالىق — ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا شەھەر، قەلئە دەپ ئاتىغان، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى ‹بەشبالىق› دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ‹بەش شەھەر› دېگەن بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر شەھىرى ‹ياڭى بالىق› دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ‹يېڭى شەھەر› دېگەن بولىدۇ»[70] دەيدۇ. دېمەك، مەھمۇد كاشغەرى زامانىسىدا تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر خېلى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن مەھمۇد كاشغەرى «بالىق» تىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە بىر مەدەنىيەت ئاتالغۇسىنى ئۇيغۇرلار بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك قىلىپ شەرھلەپ يېزىشى، ئەينى زاماندا شەھەر قۇرۇش ۋە شەھەرلەردە ياشاش قاراخانىيلار تېررىتورىيىسىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭلا دائىملىق تۇرمۇش ئادىتى بولۇپ قالغانلىقىنى، باشقا بەزى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ تېخىچە بۇنداق سەۋىيىدىكى تۇرمۇشقا كۆنەلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. مەھمۇد كاشغەرى ئىزاھلىغان «بالىق» ماددىسىدىكى «تۈرك» نامى بولسا قاراخانىيلارنىڭ مەركىزىي ئۆلكىسىدىكى ئاساسىي گەۋدە مىللەت ئۇيغۇرلار يەنى توققۇز ئوغۇزلارنىڭ قوچو ئۇيغۇرلىرىدىن پەرقلەندۈرۈلۈپ ئاتىلىشىدىن ئىبارەت. بۇ ھەقتە ئالىملار ئارىسىدا پرىنسىپال ئىختىلاپ يوق.
«قۇز ئۇلۇس» تىكى «ئۇلۇس» قاراخانى ئۇيغۇرلىرى ۋە قوچو ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۈنۈملۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن بىر ئاتالغۇ. ئەھمەد زەكىنىڭ بايانىچە ئۇنىڭ يەنە «ئۈلۈش-ulux) شەكلىمۇ بولغان. يەنى «ئۇلۇش-ئۇلۇس» دېگەن شەكىلدە ھەم قوللىنىلغان. مەھمۇد كاشغەرى «ئۇلۇش-ئۇلۇس» ئوق، ھەسسە، خەلق ئارىسىدا ھەسسە ئايرىش دەپ كېلىپ، بۇنىڭ ئەسلىي شەكلى «ئۆلۈك» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان[71].
«ئۇلۇس» نىڭ قوچو ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە قوللىنىلغانلىقى توغرۇلۇق يازما ھۆججەتلەر خېلى بار. مەسىلەن، ف. لېكوك تەمىنلىگەن T. M.176 نومۇرلۇق مانى يېزىقىدا يېزىلغان قىسقا پۈتۈكنىڭ ئاخىرىدا «قوچو ئۇلۇس ئىككى ئوتۇز بالىق قۇتى ۋە شىسكى» (قوچو ئېلى ۋە يىگىرمە ئىككى شەھەرنىڭ بەخت ھاممىسى) دېگەن جۈملىلەر يېزىلغان بولسا، موللىر 1915- يىلى ئېلان قىلغان «تۇرپاندىن تېپىلغان ئىككى ئۇيغۇرچە تاختا خەت» ناملىق ماقالىسىنىڭ 26- بېتىدە «ئەل ئوغاسى ئالپ تۇتۇغ ئۈگە قۇتلۇق قوچو ئۇلۇسۇغ» دېگەن خەتلەر بار. ئۇيغۇرلارنىڭ ئورقۇن ۋادىسىدىكى مەڭگۈ تاشلىرىدىمۇ «ئۇلۇس» سۆزى ئىشلىتىلگەندىن باشقا، شۇنداقلا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «ئۇلۇس» تارىخىي ئاتالغۇ سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەندىن سىرت، ئۇنىڭ «ئۈلۈش-Ulux» شەكلى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدە دائىم قوللىنىلىدۇ.
دېمەك، بالاساغۇن (بويلا+ساغۇن-ساغان)، قۇز ئوردۇ (قۇز+ئوردا)، قۇز بالىق (قۇز+بالىق)، قۇز ئۇلۇش (قۇز-ئۇلۇش+ئۇلۇش-ئۇلۇس) دېگەن سۆزلەر قەدىمدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئېتنولوگىيىلىك ئادەتلىرىگە پۈتۈنلەي ماس بولغان ئومۇمىي ھادىسە.
بالاساغۇن ئۇيغۇرلار قۇرغان شەھەر، قاراخانىيلار زامانىسىدا بالاساغۇننىڭ ئاساسىي ئاھالىسى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن ئىبارەت ئىدى.
بالاساغۇن شەھىرىنىڭ ئەسلىي ئورنىدا بىرەر بازار-ئۆتەڭ ياكى شەھەرنىڭ بولغان-بولمىغانلىقى توغرۇلۇق تارىختا ھېچقانداق ماتېرىيال يوق، توغلا ۋە ئورقۇن ۋادىسىنى مەركىزىي ئۆلكە قىلغان ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن «بالاساغۇن» دېگەن بىر شەھەر ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ سەھنىسىدە ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان. زامان-زامانلاردىن بېرى ھېچقانداق بىر قەبىلە ياكى قوۋم بۇ يەردە بىرەر بازار ياكى كىچىك شەھەر قۇرۇشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ياكى بۇنداق بىر خاسىيەتلىك ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ھەم قولىدىن كەلمەيۋاتقان بىر شارائىتتا ئۇيغۇر خانى يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە يۈكسەك ئىستراتېگىيىلىك مەيداندا تۇرۇپ، «بالاساغۇن» دىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇش شەھەرنى بىنا قىلىپ، تارىختا ئۆچمەس ئابىدە تىكلەپ، كېيىنكى چاغلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى خەلقلەرنى سۆيۈندۈرىدىغان، ئىپتىخارلىنىدىغان خاسىيەتلىك شەھەر سۈپىتىدە تونۇتقۇزدى. يەنى بالاساغۇن شەھىرىنىڭ بىنا قىلىنىشى توغرۇلۇق بىر خاتىرە پېرسىيىلىك تارىخچى جۇۋەينى (1226 — 1286) «تارىخىي جاھان كۇشايى» (جاھاننى بويسۇندۇرغۇچىلار تارىخى) ناملىق كىتابىدا مۇنداق يازغان.
«بۆگۈخان تۈركىستان چېگرىسىغا بارغاندا، ئوت-سۇلىرى ئەلۋەك، ئىنتايىن گۈزەل بىر تۈزلەڭلىكنى كۆرگەن. ئۇ شۇ يەردە تۇرۇپ قېلىپ بالاساغۇن شەھىرىنى بىنا قىلغان. ھازىر بۇ شەھەر ‹قۇزبالىق› (Quz — Baligh) دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۆگۈخان تۆت ئەتراپقا قوشۇن ماڭدۇرۇپتۇ. 12 يىل ئىچىدە ئۇلار كۆپ ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ، قارشىلاشقۇچى ۋە بويسۇنغۇچىلاردىن بىرەر كىشىنىمۇ قالدۇرماپتۇ… بۆگۈخان سەپىرىدىكى بارلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپتۇ. قۇزبالىقتىن قايتىشنى نىيەت قىلىپ ئاخىر ئەسلىي ماكانىغا قايتىپ كېلىپ، جايلىشىپتۇ»[72].
بۇ خىل مەزمۇندىكى خاتىرە يۇقىرىقىدىن باشقا ئەرەب تارىخچىسى ئىبنى ئەل ئەسىر (1160 — 1233) نىڭ «كىتاب ئەل كامىل فىت تارىخ» ناملىق كىتابىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
بۇ خاتىرە بالاساغۇن شەھىرىنىڭ بىنا قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك يېگانە خاتىرە بولۇپ، ئۇ بالاساغۇننىڭ تارىخىي ئورنىنى بەلگىلەشتە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. بىراق، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان بۆگۈخان دېگەن خاقان زادى قايسى ئۇيغۇرخاننى بىلدۈرىدۇ، دېگەن مەسىلە ئۇزۇندىن بېرى تېپىشماق خاراكتېرىدىكى ئۇقۇم بولۇپ، تارىختا بىر قانچە ئەۋلاد ئۇيغۇر خانلىرى بۆگۈخان دەپ ئاتالغان. ئىلمىي خادىملار ئۇيغۇر تىلىدىكى ئورقۇن مەڭگۈ تاشلىرىدىكى خاتىرە ۋە خەنزۇچە تارىخىي ھۆججەتلەردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 2- ئەۋلاد خاقانى بايانچور (مويۇنچۇر، قاراقاغان، مىلادىيە 747 — 759- يىللىرى سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرغان) نى بالاساغۇن شەھىرىنىڭ بىنا قىلغۇچىسى، دەپ قارىماقتا[73]. چۈنكى، بايانچور خاقان مىلادىيە 747- يىلى ئون ئوقلار يېرىگە كەتكەن قارلۇقلارنى تارمار قىلىپ «ھۆكۈمرانلىقىنى يەنسەي ۋادىلىرىدىن چۇ، تالاس ھاۋزىسى، مەركىزىي ئاسىيا ۋە كىرولونغا قەدەر كېڭەيتكەن»[74]، يەنى بايانچور ئەينى چاغدا «كەڭ كۆلەمدە غەربكە يۈرۈش قىلىپ، قارلۇق ۋە ئون ئوقلارنى بويسۇندۇرۇپ، غەربتە تاكى ماۋەرائۇننەھرگىچە بېرىپ بالاساغۇن شەھىرىنى بىنا قىلدۇرغان»[75].
مەسىلە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلسا، بەزىلەر «بۆگۈ» تۈرك خانلىقى زامانىسىدا خان، شاھزادىلەر ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلگەن نام؛ يەنە بىرى جۇۋەينى خاتىرىسىدە «ئۇيغۇر خانى بۆگۈخان» دېگەن كونكرېت ئېنىقلىما بېرىلمىگەن، دېگەن گۇمانىي قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمۇ مۇمكىن. بىز تارىخىي ماتېرىياللارنى يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان بولساق، بۇ مەسىلىگىمۇ كۆڭلىمىز ئەمىن تاپقۇدەك جاۋاب تاپالايمىز. مەسىلەن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ يىللىرى (1736 — 1796) دا يېزىلغان «پادىشاھلىق زېمىن غەربىي يۇرتنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى»皇舆西域图志) ) ناملىق كىتابتا «بويلا ساغۇن شەھىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇيغۇرلاردىن كېلىپ چىققان كۆل بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقتىدا سۇياب دەرياسى ۋادىسىدا شەھەر بىنا قىلدۇرغاچقا، قەدىمدە بۇ شەھەر بويلا ساغۇن شەھىرى دېيىلىدۇ»، دېگەن پاكىتلىق ھۆججەت بار.
بالا ساغۇن شەھىرىنى تىلغا ئالغان چېغىمىزدا ئۇنىڭ بىلەن ئاچا-سىڭىللاردەك يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان بارىسغان شەھىرىنىڭ ھەم تارىخىي ئورنىنى قىسقىچە بايان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بارىسغان ئىسسىقكۆلنىڭ شەرقىي جەنۇبىي بويىدىكى بىر شەھەر بولۇپ، قاراخانىيلار زامانىسىدا چوڭ شەھەرلەردىن بولغان، يەتتەسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى. بۇ توغرۇلۇق نۇرغۇن ئاپتورلار خاتىرە قالدۇرغان. مەھمۇد كاشغەرى بۇ شەھەرنىڭ بىنا قىلىنىشى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق يازغان:
«بارىسغان ئافراسياب ئوغلىنىڭ ئىسمى. بارىسغان شەھىرىنى شۇ كىشى سالدۇرغان. مەھمۇدنىڭ ئاتىسى ئەنە شۇ شەھەردىن. بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: ئۇيغۇر خاقانىنىڭ بىر يىلغا باشقۇرغۇچىسى بولغان. بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغىنى ئۈچۈن ئۇ شۇ يەردە يىلقا باققان، كېيىن بۇ يەر شۇنىڭ ئىسمى بىلەن بارىسغان دەپ ئاتالغان»[76].
مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بۇ خاتىرىسىدە مۇنداق ئىككى خىل مەزمۇن بار. بىرى، بارىسغان ھاۋاسى ياخشى كاشغەرنى «ئوردۇكەنت» قىلىپ سەلتەنەت سۈرگەن ئافراسىياب زامانىسىدىلا مەۋجۇد بولغان؛ يەنە بىرى، ئۇزاق زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ شەھەر ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ كەتكەن بولسا، ئۇيغۇر خانلىقى زامانىسىغا كەلگەندە، بالاساغۇن شەھىرىنى بىنا قىلغان ئۇيغۇر خاقانى ئۆزىنىڭ خانلىق يىلقىسىنى باققان بارىسغان ئىسىملىك ئات باقارىنىڭ نامى بىلەن ئەسلىي شەھەرنىڭ ئورنىدا يېڭى بىر شەھەر بىنا قىلغان.
شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تېگىشلىككى، بۇ يەردىكى «ئات باقار» ئادەتتىكى چوپان ئەمەس، ئاددىي بىر چوپاننىڭ نامى بىلەن بىر شەھەرگە نام بېرىش قەدىمكى زاماندىكى بىر فېئودال پادىشاھنىڭ ئىرادىسىگە ماس كەلمەيدۇ. بۇ يەردىكى «ئات باقار» يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئەمەلدار. بۇنى بىز مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «ئەل-al» دېگەن سۆزىگە بەرگەن مۇنۇ شەرھىسىدىن ئوچۇق بىلىمىز:
«ئەل ئاتنىڭ يەنە بىر ئىسمى. ئات تۈركلەرنىڭ قانىتى بولغانلىقتىن، ئاتنى ‹ئەل› دەپمۇ ئاتايدۇ. ‹ئات باقار› نى ‹ئەل باشى› دېيىش شۇنىڭدىن كەلگەن. بۇ ‹ۋىلايەت باشلىقى› دېگەن سۆز بولسىمۇ، بۇنىڭدىن ‹ئات باقار› دېگەن ئۇقۇم ئاڭلىنىدۇ»[77].
دېمەك، بارىسغان ئۇيغۇر خانىنىڭ يەتتەسۇ ئۆلكىسىگە قويغان ۋالىيسى بولۇپ، ئۇنىڭ كۆرۈنەرلىك خىزمىتى شەرىپىگە بارىسغان شەھىرى بىنا قىلىنغان. ئۇيغۇر خانلىقى زامانىسىدا خاقانلار ئۆز نامىدا خانىش-قاتۇنلار نامىدا، تېگىن-شاھزادىلەر نامىدا، جۈملىدىن خان جەمەتىنىڭ يۇقىرى تەبىقە مۆتىۋەرلىرى نامىدا شەھەر بىنا قىلىش بىر ئەنئەنىۋى ئادەت بولغان.

5. ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان. بۇنىڭدا بالاساغۇننىڭ بىنا قىلىنىشى مۇھىم يىپ ئۇچى قىلىنغان.
بالاساغۇن بىنا قىلىنغاندىن تارتىپ تا قىتان خانلىقى زامانىسىغىچە بولغان ئۇزۇن بىر جەريان ئىچىدە ئۇنىڭ ۋە ئۇ مەركەز قىلىنغان رايونلارنىڭ ئاساسىي ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى يېتەكچىلىك رول ئوينىغان. بۇلارنىڭ ئاساسىي ئاھالە بولۇش ھالىتى ۋە يېتەكچىلىك رول ئويناش ھادىسىسى بالاساغۇن شەھىرى بىنا قىلىنىشى بىلەن تەڭ باشلانغان ئەمەس. ئۇنىڭ ئۇزاق تارىخىي جەريانى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسى بار. بۇ توغرۇلۇق تۆۋەندە پاكىتلىق ماتېرىياللار بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتىمىز.
ئېلىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن چۈشىنىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، ئۇيغۇرلار ئېلىمىزنىڭ تارىخ سەھنىسىگە چىققاندىن باشلاپ نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، مىڭ نەچچە يىللىق تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، مىڭ نەچچە يىللىق تارىخىي جەرياننى بېسىپ ئۆتكەن، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى دىڭلىڭلار 丁零))، ئېگىز ھارۋىلىقلار (高车،勒敕))، تېلىلار铁勒) ) دىن باشلاپ ھېسابلىغان تەقدىردىمۇ 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخنى بېسىپ ئۆتكەن[78].
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادىيىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى يىللاردىن باشلاپلا بالاساغۇننىڭ جۇغراپىيىلىك رايون چەمبىرىكى بولغان يەتتەسۇ ۋە ماۋەرائۇننەھر رايونىدىن جانلىق ۋە ئۈنۈملۈك پائالىيەت قىلىشقا باشلىغان. مەسىلەن:
فېي سوڭ نەقىل ئېلىپ ئىزاھلىغان «ۋېي سۇلالىسى خاتىرىلىرى. غەربىي روڭلار ھەققىدە قىسسە» («魏略.西戎传»裴松注引之») خۇدى (خۇگې-ئوغۇز) لار خانلىقى پامېرنىڭ شىمالىغا، ئۇيسۇنلارنىڭ غەربىي شىمالىغا، كانگىيىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. ئەسكىرى 10 مىڭدىن ئارتۇق»، «دىڭلىڭلار خانلىقى كانگىيە (سەمەرقەنت) نىڭ شىمالىغا جايلاشقان، 60 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بار» دەپ يېزىلغان.
ئوغۇزلار سىماچيەننىڭ «تارىخىي خاتىرىلەر» ۋە بەنگۇنىڭ «خەننامە» سىگە «ئۇجىې-ئۇگې» 乌))، «خۇجىې- خۇگې» 呼揭)) دەپ پۈتۈلگەن. ئالىملار بۇ قوۋملار تۈركىي تىلدا سۆزلىشەتتى[79]. ئۇجىې-خۇجېلار بولسا ئوغۇز-ئوغۇز ياكى «ئۇيغۇر» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى خەنزۇچە يېزىلىشى دەپ ھېسابلاشتى[80]. «ئوغۇزنامە» دە ئوغۇزخاننىڭ «مەن ئۇيغۇرلارنى خاقانى»[81]، دېيىشى قەدىمكى زامانلاردا «ئۇيغۇر» بىلەن «ئوغۇز» نىڭ ئەمەلىيەتتە بىر ئىسىمنىڭ ئىككى خىل يېزىلىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئېلىمىز ئالىملىرىدىن پروفېسسور ماچاڭشۇ بىلەن پروفېسسور سىن جۇڭميەنلەر بۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى دەپ ھېسابلايدۇ. «ئوغۇزنامە» دىمۇ بۇ نۇقتا روشەن ھالدا يورۇتۇلغان.
يۇقىرىقى نەقىلدە تىلغا ئېلىنغان كانگىيە ئىسسىقكۆلنىڭ غەربىدىكى چۇ دەرياسى بىلەن تالاس دەرياسى ساھىلىدىكى قەدىمكى ئەل. بۇ دىڭلىڭلار قايسى ۋاقىتتا كانگىيىگە بېرىپ ئورۇنلاشقان. ئۇلارنىڭ نوپۇسى قانچىلىك، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغان. بۇ مەسىلە توغرۇلۇق «شىنجاڭ مىللەتلەر قامۇسى» دا ئېنىق بايان بېرىلگەن.
بۇ يەردە تېخىمۇ كونكرېت بايان قىلىدىغان مۇنداق بىرقانچە نۇقتا بار. بىرى، يەتتە سۇ ۋە سۇغدىيانە يەنى ماۋەرائۇننەھر رايونىدىكى دىڭلىڭلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى Ⅰ ئەسىردىن تارتىپ تا تاڭ سۇلالىسى زامانىسىغىچە ئاشۇ زېمىندا داۋاملىق ياشاش جەريانىدا ئۇلارنىڭ نوپۇسى ناھايىتى كۆپىيىپ، توققۇز ئايماقتىكى ئاساسلىق قوۋم بولۇپ قالغان؛ ئىككىنچى، ئورقۇن ۋادىسىنى مەركىزىي ئۆلكە قىلىپ خانلىق تىكلىگەن، شىمالىي دىڭلىڭ قەبىلىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى «ئۇيغۇر» نامى ئاستىدا مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىشىپ، يىپەك يولىدا يېڭىۋاشتىن جانلانغاندىن كېيىن غەربىي دىڭلىڭلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان توققۇز جاۋۇپ غۇزلىرىمۇ شەرقىي شىمالدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزلىرىنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتىغان.
ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تاشقى موڭغۇلىيىدىكى بايبالىق-ئوردۇ بالىق (قارا بالغاسۇن) شەھىرىنى مەركەز قىلىپ خانلىق تىكلىگەندە ئىجتىمائىي، سىياسىي سەۋەبلەردىن باشقا، قانداشلىق مۇناسىۋەتنى ئويلىشىپ كۆرگەن ئاساستا، كۆپ قېتىم ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، يەتتە سۇ ۋە ماۋەرائۇننەھر ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە موڭغۇل يايلاقلىرىدىن زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قەبىلىلىرى يېڭىۋاشتىن بۇ ئۆلكىلەرگە كېلىپ ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەپ، مەزكۇر ئۆلكىنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈشكە كۈچ چىقارغان. بۇنىڭدا مۇنداق پاكىتلار بار:
1. بايانچور خاقان تەختكە چىقىپ مىلادىيە 747- يىلى بىر قېتىم غەربكە يۈرۈش قىلىپ، چۇ، تالاس دەرياسى ۋادىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ۋە ئۇ يەردە بالاساغۇن شەھىرى قاتارلىقلارنى بىنا قىلغان.
2. ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 9- ئەۋلاد خانى سۆيىنگىل خاقان (805-795- يىللىرى خان بولغان) زامانىسىدا ئورقۇن ئۇيغۇرلىرى 2- قېتىم كەڭ كۆلەملىك غەربكە يۈرۈش قىلىپ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى كۈسەن ۋە بالاساغۇن، سىر دەرياسى ساھىلى ھەتتا ھىندىستان ۋە پېرىسىيىنىڭ چېگرىلىرىغىچە يېتىپ بارغان[82]. يەنى ئىنچۇ دەرياسى (سىر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ساھىلىدىكى نارىن دەرياسى) ۋە پەرغانە ئەتراپلىرىغىچە باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولغان[83].
3. ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئىچكى-تاشقى تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 840- يىللارغا كەگەندە مۇنقەرز بولۇپ، ئۈچ-تۆت تارماققا بۆلۈنۈپ، جەنۇب ۋە غەربكە قاراپ كۆچكەندە بىر تارماق يەتتەسۇ ۋە پەرغانە ئويمانلىقىغا بارغان ھەم ئۇلار بۇ يەردە تېزلىك بىلەن ھۆكۈمران قەبىلىگە ئايلانغان. بۇ بىر تاسادىپىيلىق بولماستىن، بەلكى تارىخىي ئايلىنىش، يەنى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى كۆچۈپ بېرىشتىن ئىلگىرىلا ئالتاي ۋادىسى، يەتتەسۇ ۋە ماۋەرائۇننەھر رايونىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى، دىڭلىڭلارنىڭ قالدۇق قەبىلىلىرى ۋە قارلۇقلار، ياغمىلار، چىگىللەر ۋە تۈركەشلەر بار ئىدى. قارلۇق، ياغما، چىگىل ۋە تۈركەشلەر باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە ياشاش جەريانىدا «ئۇيغۇر» نامى ئاستىدا ئۆز ناملىرىنى يوقاتتى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنى زورايتتى.

6. قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى

1) غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرى دەۋرى ۋە ئۇيغۇرلار
مىلادىيە 840- يىللىرى ئىچكى نىزا، تەبىئىي ئاپەت ۋە قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبلىك ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى بىرنەچچە تارماققا بۆلۈنۈپ غەربكە كۆچكەن. ئۇلارنىڭ غەربكە كۆچكەنلىكى ھەققىدە «يېڭى تاڭنامە» 217- جىلد «ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە» دە «پانتېگىن باشچىلىقىدىكى 15 قەبىلە قارلۇقلار يۇرتىغا كەتتى» دېيىلگەن.
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان پانتېگىننى بەزىلەر قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ قارىسا، بەزىلەر، قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەنە بەزىلەر گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ ھېسابلايدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە، پانتېگىن 15 قەبىلىنى باشلاپ، غەربكە كۆچكەندىن كېيىن يېڭى بىر ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي پانتېگىن جەمەتى ئىككى جەمەتكە ئايرىلىپ، بىر تارماق جەمەت قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنى، بىر تارماق جەمەت قاراخانىيلار سۇلالىسىنى شەكىللەندۈرگەن. چەت ئەل ئالىملىرى، بولۇپمۇ ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ بۇ ئىككى خانلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرى دەپ ئاتىشى مۇشۇنداق بىر ھادىسىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان بولسا كېرەك.
بىر قاتار تارىخىي ماتېرىياللاردا قوچو ئۇيغۇرلىرى بىلەن قاراخانىيلارنىڭ تېررىتورىيىلىرى ئېنىق پەرقلەندۈرۈلمەي، ئارىلاش بايان قىلىنىشىمۇ بۇ نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم روشەنلەشتۈرىدۇ. بۇ توغرىسىدا توختىلىشقا توغرا كەلسە، تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز.
قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يىپەك يولىدا تۇتقان ئورنى بەك مۇھىم بولغان. ئۇلارنىڭ جەنۇبتىكى چېگرىسى كۈسەن (كوچا) غىچە يېتىپ بارغان. غەربىي چېگرىسى تولىمۇ كەڭ بولغان. ئۇ كۈچەيگەن چاغلاردا يەتتەسۇ ۋە ماۋارائۇننەھر ئەتراپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاجىزلاشقان چاغلىرىدا بۇ رايوندىكى توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرى ئۆز ئالدىغا سۇيۇرغاللىق يۈرگۈزگەن. تارىخىي ماتېرىياللاردا بۇ ھەقتە قىممەتلىك خاتىرىلەر ساقلانغان. مەسىلەن، Ⅹ ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى پارسچە يېزىلغان «ھۇدۇدۇلئالەم» دە تۇرپان (چىنجىكەنت)، بەشبالىق (پەنجىكەنت) توققۇز ئوغۇزلار پايتەختى»، «تۈركىي تىللىق قوۋملار ئىچىدە بۇ ئۇلۇس (توققۇز ئوغۇز) ئەڭ چوڭى، توققۇز ئوغۇزلار قەدىمدىن باشلاپ ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بىر قوۋم، قەدىمكى زامانلاردا پۈتۈن تۈركىستان پادىشاھلىرى توققۇز ئوغۇزلاردىن چىققان. ئۇلار ئۇرۇشقا ناھايىتى ماھىر بىر قوۋم، زور مىقداردىكى قوراللار بىلەن قوراللانغان»[84]. «توققۇز ئوغۇزلارنىڭ تېررىتورىيىسى شەرقتە چىن ئىلىدىن باشلىنىپ، جەنۇبىي تىبەتنىڭ بىر قىسمى ۋە قارلۇقلار بىلەن، غەربىي قىسمى قىرغىزلارنىڭ بىر قىسمى، شىمالىي تەرىپىمۇ قىرغىزلار بىلەن چېگرىلىنىدۇ«[85]. يەنە مەسئۇدىنىڭ «مۇرۇج ئەززەھەب»، «ئالتۇن يايلاق» (947 — 94- يىلى)، گەردىزىنىڭ «زەينۇلئەخبار» (1048 — 1052) ناملىق كىتابلىرىدا پەرغانە ۋە تاشكەنت ئەللىرىنىڭ توققۇز ئوغۇزلارغا تەۋەلىكى تىلغا ئېلىنغان. مەسئۇدى مۇنداق يازغان: «توققۇز ئوغۇزلار خۇراسان بىلەن چىن ئىلى ئارىلىقىغا جايلاشقان… بۈگۈنكى كۈنلۈكتە (مىلادىيە 934 — 944- يىللار كۆزدە تۇتۇلغان-نەقىلچىدىن) پۈتۈن تۈركىي تىللىق قوۋملار ئىچىدە ئەڭ جاسارەتلىك، ئەڭ كۈچلۈك، ھەر قانداق خانلىققا قارىغاندا ناھايىتى ياخشى باشقۇرۇلغان بىر خانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ»، «ئۇ خانلىق چىن ئىلى بىلەن خۇراسان ئارىسىدىكى دەشتى باياۋان ئوتتۇرىسىدا. ئۇ ئۇيغۇر خاقان (Uyghurkhan) دېگەن نام بىلەن مەشھۇر. تۈركىي تىللىق قەۋملەر ئىچىدە ھېچكىممۇ بۇ خاقان بىلەن ئۇرۇش-تالاش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ»[86]. ئىبنى ھەۋقەل (Ibn Hauqal) ئىشلىگەن «دۇنيا خەرىتىسى» دە سىر دەرياسىدىن مەركىزىي جۇڭگوغىچە بولغان كەڭ زېمىن ئۈستىگە «توققۇز ئوغۇز» ئىبارىسى چۈشۈرۈلگەن[87]. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «توققۇز ئوغۇز» «ئۇيغۇر» نامىنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتىدىن ئىبارەت. قوچو ئۇيغۇرلىرى، جۈملىدىن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ غەربىي چېگرىسىنىڭ غەربىي ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى توغرۇلۇق مەلۇمات خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەردىمۇ ئۇقۇشلۇق ئىبارىلەر بىلەن خاتىرىلەنگەن. مەسىلەن، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى (960 — 1127) نىڭ ئەلچىسى ۋاڭ يەندى 980- يىلى يازغان «قوچوغا ئەلچىلىككە بېرىش» ناملىق كىتابىدا قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ «زېمىنى جەنۇبتا خوتەنگىچە، غەربىي جەنۇبىي ئەرەب-پارسقا، غەربىي ھىندىستان، پىشاۋۇر، قارلىقتاغ (ھىندىقۇش)، كۆكئارت تېغىغا تۇتاشقان، مىڭلىغان يول ئۇزۇنلۇقتا» دەپ يازغان. قەدىمكى بىر ئۇيغۇرچە ھۆججەتتىمۇ غەربىي چېگرا تاشكەنتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى چىرچىككىچە بارىدۇ[88]، دېيىلگەن.
قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مۇنقەرز بولۇپ غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قاراخانىيلار بىلەن «بەشبالىق (ياكى قوچو-نەقىلچى) نىڭ خانلىق جەمەتى بىر مىللەت ئىدى»[89]. ئۇلار ئوخشاشلا «توققۇز ئوغۇز ياكى توققۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئىدى»[90]، «ئۇلار ئارىسىدا Ⅺ ئەسىرنىڭ بېشىدا دىنىي زىددىيەت كۈچەيگەندە بىر پۈتۈن غەربىي ئۇيغۇر خانلىقى ئىككىگە ئايرىلىپ كەتكەن»[91]. دېمەك، خېلى بىر مەزگىل بىر پۈتۈن ئۇيغۇر-توققۇز ئوغۇز خانلىقى كۈچلۈك ئورۇندا تۇرغان چېغىدا شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرى بۇ خانلىقنىڭ تەركىبىدە بولغاندىن باشقا، ئالتاي ۋادىسى، يەتتەسۇ، پەرغانە قاتارلىق جايلارمۇ ئوخشاشلا بۇ خانلىق تېررىتورىيىسى ئىچىدە بولغان، ئىككى خانلىق بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن كۈچىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ، شىنجاڭغا قوشنا غەربىي ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى قوچو ئۇيغۇر خانلىقى باشقۇرغان، بەزىدە قاراخانىيلار سۇلالىسى باشقۇرغان. بولۇپمۇ Ⅺ ئەسىرلەردىن كېيىن بۇ رايوندا قاراخانىيلارنىڭ تەسىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.

2) قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتى
بۇ يەردە تەكىتلەشكە تېگىشلىك مۇنداق بىر نۇقتا بار. ئۇ بولسىمۇ، قاراخانىيلار خان جەمەتى ئۇيغۇر ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى قەبىلىسى خان چىقىدىغان قەبىلە ئىدى، دېگەن مەسىلە. چۈنكى، بۇ نۇقتا بۇ يەردىمۇ بىر قېتىم ئېنىقلىۋېتىلمىسە، ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى بولغان قاراشنىڭ قاراتمىلىقى روشەنلەشمەي قالىدۇ. شۇ نەرسە ئايدىڭكى، «ئۇيغۇر» نامى ھەم قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئىچىدىكى بىر يېتەكچى قەبىلە «ئۇيغۇر» دېگەن نامدا ئاتالغان. شۇنىڭ بىلە بىرگە غەربىي ئۇيغۇر خانلىقى تېررىتورىيىسىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى «ئۇيغۇر» دېگەن ئورتاق نامدىن باشقا «توققۇز ئوغۇز» دېگەن ئورتاق نامدىمۇ ئاتالغان[92]. توققۇز ئوغۇز قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئىچىدىكى «ئۇيغۇر» دېگەن ھۆكۈمران بىر قەبىلە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە «توققۇز ئوغۇز» دېگەن نامنىمۇ ئىشلەتكەن[93]. مەھمۇد كاشغەرى ئىسلام ئېتىقادى تەسىرىدىن شىمالدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۆلۈنۈش يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبلىك ئارىدا كۆرۈلگەن نىزاغا ئاساسەن قاراخانىيلار زېمىنىدىكى توققۇز ئوغۇز (ئۇيغۇر» لارنى «تۈرك»، بۇ خانلىقنىڭ خان جەمەتى قەبىلىسىنىمۇ «تۈرك» دەپ ئاتىغان. بۇ ھەقتە زامانىمىز تارىخشۇناسلىرىنىڭ قارىشىدا ئىختىلاپ يوق.
قاراخانىيلار ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر خانلىق بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈندۇر، بىر قىسىم ئالىملار ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىشكەن. بەزىلەر «ياغما» قەبىلىسى خان جەمەت قەبىلىسى ئىدى، دېگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ پاكىت ئاساسى تولىمۇ ئاجىز بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك قوللاشتىن خېلىلا يىراق. قازاقىستان ئالىمى ئۇ. مەمەتاخونوۋ[94]، جۇڭگو ئالىملىرىدىن ۋاڭ رېفى (1935- يىلى)[95]، فېڭ جياشىڭ (1958-1981)[96]، لى فۇتۇڭ (1963- يىلى)[99]، ۋاڭ جىلەي (1977- يىلى)[100]، تاڭ كەيجىئەن، ۋاڭ شۈكەي (1984- يىلى)[101]، ليۇ زىشاۋ (1985- يىلى) [102]، ۋېي لياڭتاۋ (1986- يىلى)[103]، ياڭ شىڭمىن (1991- يىلى)[104]، لىن گەن، گاۋ زىخوۋ (1995- يىلى)[105]، ئىبراھىم مۇتىئى (1996- يىلى)[106]، چيەن بوچۈەن (1997- يىلى)[107] قاتارلىقلار ئۇيغۇر قەبىلىسى خان جەمەتى قەبىلىسى ئىكەنلىكىنى بىردەك كۆرسىتىپ ئۆتكەن. بەزى غەرب ئالىملىرىمۇ ئاللىبۇرۇن بۇ نۇقتىنى تەكىتلىگەن.
ياپونىيە ئالىملىرىدىن كۇۋاتا روكۇرو-ساڭتيەن ليۇلاڭ 桑田刘郎)) [108]، ئابى تاكېئو-ئەنبۇجيەنفۇ (安部健夫) [109]، مورى ياسۇ تاكاۋ-سېن ئەنشياۋفۇ森安孝夫))[110] قاتارلىقلارمۇ غوبى ئۇيغۇرلىرىنىڭ غەربكە كۆچۈپ، پامېرنىڭ غەربىدە تەسىرلىك پائالىيەتلەرنى قىلغانلىقى توغرۇلۇق ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ ئالىملارنىڭ قاراخانىيلار سۇلالىسىدە ئۇيغۇر خان جەمەت قەبىلىسى دېيىشتە بىرەر پاكىتى بارمۇ؟ ئېنىقكى، ئۇلار پاكىتسىز گەپ قىلمايدۇ. بۇ توغرۇلۇق ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى خەنزۇچە تارىخنامىلىرىدە ماتېرىياللار بار. بۇنىڭدىن باشقا شەرقشۇناس مىنورىسكى (Minoriskiy) نىڭ «مەرۋەزىنىڭ چىن، تۈركىيە ۋە ھىندىستان ھەققىدە ئېيتقانلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ 12 — 21- بېتى (1942- يىلى لوندون نەشرى) دە مۇنداق بىر جۈملە گەپ بار بولۇپ، بۇ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغايدۇ:
قاراخانىيلار سۇلالىسى بىلەن لياۋ (قىتان) سۇلالىسىنىڭ يېقىن مۇناسىۋىتى بار ئىدى، ئەرەبلەردىن مەرۋەزى (Marvazi) نىڭ خاتىرىسىدە يېزىلىشىچە، لياۋ سۇلالىسىنىڭ شېڭ زوڭ خانى تەيپىڭ 4- يىلى (مىلادىيە 1024- يىلى) بىر ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئافغانىستاندىكى غەزنەۋىلەر سۇلالىسىگە ئەۋەتكەندە، سۇلتان مەھمۇد (930 — 998- يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) قا بىر پارچە مەكتۇپ ئېلىپ بارغان بولۇپ، شۇ خەتتە دېيىلىشىچە، قىتانلار مەلىكىسى ئۇيغۇر قاراخانىيلار سۇلالىسى قادىرخان (Kadirhan) نىڭ ئوغلى چاغرىتېگىنگە ياتلىق قىلىنغان. قادىرخان بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، غەزنەۋىلەرگە بارىدىغان يولنى ياساتقۇزغان، ئىككى ئەل ئوتتۇرىسىدىكى ئەلچىلەرنىڭ بېرىپ كېلىشى ئاسانلاشقان»[111].
دېمەك، «ئۇيغۇر قاراخانىيلار» دېگەن سۆزنى مەرۋەزى كىتابىدا تىلغا ئالغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ گەپنى قىتانلار خانى شىڭ زۇڭنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن يازغانلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس.
خەتتە تىلغا ئېلىنغان «قادىرخان» يۈسۈپ قادىرخان بولۇپ، ھەقىقەتەن ئاشۇ يىللاردا چوڭ خانلىق تەختىدە ئولتۇرغان ۋە كاشغەردىكى ئوردىدا تۇرغان. تۇتۇنىڭ «لياۋ سۇلالىسى تارىخى»辽史) 16 ) جىلد، «شىڭ زوڭ 7-» خاتىرىسىدە قاراخانىيلارنىڭ قىتانلاردىن مەلىكە سورىغانلىقى (مىلادىيە 1015- يىلى)، مىلادىيە 1021- يىلىغا كەلگەندە بىر مەلىكىنىڭ ياتلىق قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە بار. بۇ مەرۋەزىنىڭ دېگەنلىرىگە ماس كېلىدۇ. قاراقىتانلار پادىشاھىنىڭ «ئۇيغۇر قاراخان» دېيىشى مۇنداقلا دەپ قويغان گەپ ئەمەس. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئورقۇن ۋادىسىنى مەركىزىي رايون قىلىپ خانلىق تىكلىگەندە قىتانلار 100 يىلغا يېقىن ئۇيغۇرلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 840- يىللىرى بۇ ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەەندىن كېيىن قىتانلار زېمىنىدا ئەمەل تۇتقان ئۇيغۇرلار بىر قانچە جەمەت بولۇپ شەكىللىنىپ، قىتانلار بىلەن بىرلىكتە ياشاپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ شۇلۇ جەمەتى قىتانلارنىڭ خان جەمەتى بىلەن قۇدا-باجا بولىدىغان جەمەتكە ئايلانغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى قىتانلار دۆلەت قۇرغان 200 يىللىق تارىختا 9 نەپەر داڭلىق ئۇيغۇر خانىش، 22 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئۆتكەن. قىتانلار ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلگەندىن كېيىن دەسلەپكى چاغلاردا قوچو ئۇيغۇرلىرى ۋە قاراخانىيلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلىغان.
بىرىنچى، قىتان خانلىرىنىڭ ئانا جەمەتى ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن، ھېسسىيات جەھەتتىنمۇ يېقىنلىق ھېس قىلىپ، يۈسۈپ قادىرخاننى تارىخقا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا «ئۇيغۇر قاراخان» دەپ ئاتىغان بولسا كېرەك.
ئىككىنچى، مەسئۇدى «ئالتۇن يايلاق» (Murudjadh—dhab) ناملىق كىتابىدا توققۇز ئوغۇزلارنىڭ خانى (Uyghurkhan) دەپ ئاتىلىدۇ دېيىلگەن. قوچو ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسى توققۇز ئوغۇزلار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خاقانىنىڭ «ئۇيغۇرخان» دەپ ئاتىلىشى تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن.
ئۈچىنچى، مىلادىيە Ⅺ — Ⅹ ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ئارىسلان» ئېتىقادچىلىقى باكلا كۈچىيىپ كەتكەن. بۇ غوبى ئۇيغۇرلىرىنىڭ شىنجاڭغا ۋە ئۇنىڭغا قوشنا رايونلارغا كۆچكەندىن كېيىن ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ئۆزگىچە مەدەنىيەت ھادىسى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىدى. بۇ خىل ھادىسە مىللەت، خاقان ناملىرىغا «ئارسلانخان» سۆزىنى قوشۇش قاتارلىق تەرەپلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ھەم ئەينى شارائىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ غەربىي يۇرتتا قۇرغان ھەرقايسى خانلىقلىرى ئارىسىدىكى ئېتنىك ئوخشاشلىقىنى روشەنلەشتۈرىدىغان ئېنىق بەلگىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. قاراخانىيلار «ئارىسلان قاراخان» ۋە «ئارىسلان ئېلىك» دەپمۇ ئاتىغان[112]. قوچو (شىجۇ— 西州 غەربىي ئوبلاست) ئۇيغۇرلىرى «ئارسلانخان» 狮子王阿厮兰汉) [113] ) دېيىلگەن. كۈسەن ئۇيغۇرلىرى «ئۆز ئېلىدىكىلەر ئۆزلىرىنى ئارسلانخان» 其国自称姓狮子王)) [114] دەپ ئاتىلىدۇ، دېيىشكەن. ئۇدۇن خانى ۋىسارا تەڭرىخان ياكى ۋىسارا سامخاۋا (即李圣天尉迟缚婆)، 912 — 966- يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان.) مۇ «ئارسلانخان» دەپ ئاتالغان. گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ھەم «ئارىسلان ئۇيغۇر» نامى بولغان بولۇپ، ئۇلار «گەنجۇ ئۇيغۇر ئارىسلان قەبىلىسى»甘州回鹘阿萨兰部) ) دېگەن نامنى ئىشلەتكەن[115]. ئومۇمەن، غوبى ئۇيغۇرلىرى غەربىي يۇرتقا سۈرۈلگەندىن كېيىن «لياۋ سۇلالىسى تارىخى» 辽史))، «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى»宋史) ) قاتارلىق خەنزۇچە كلاسسىك كىتابلاردا «ئارىسلان ئۇيغۇرلىرى 阿萨兰回鹘))، «ئۇيغۇر ئارىسلان» 回鹘阿萨兰)) دەپ، ئۇلارنىڭ خانلىقلىرى (مەسىلەن، قوچو ئۇيغۇر ئىلى، گەنجۇ ئۇيغۇر ئىلى قاتارلىقلار) «ئارسلان ئۇيغۇر ئىلى» دەپ ئاتالغان[116].
غەربىي يۇرتتا شەكىللەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قانچە خانلىقلىرىدىكى ئاساسىي ئاھالىنىڭ «ئارىسلان» غا بولغان چوقۇنۇشى ياكى ئۆز مىللىتى ۋە خانلىرىنىڭ نامىنى «ئارىسلان» بىلەن سۈپەتلەپ ئاتىشى «غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرى»西回鹘国) ) دەۋرىدە تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسە بولماستىن، بەلكى بۇ ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى زامانىسىدىن باشلانغان. ھەتتا ئۇنىڭ تارىخى مىلادىيىدىن بىر قانچە ئەسىر بۇرۇنقى چاغلارغا تۇتىشىدۇ. مەسىلەن، سىماچيەننىڭ «تارىخىي خاتىرىلەر» 史记))، بەنگۇنىڭ «خەننامە»汉书) ) دېگەن كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئالتاي تېغى ئەتراپىدا ياشىغان خۇجى (揭 — 呼 غۇز)، تەڭرىتېغىنىڭ ئەتراپلىرىدا ياشىغان ئۇجى (揭 — 乌 ئوغۇز) لار شىرغا چوقۇنغان، «شىر ئۇلارنىڭ توتېمى بولۇپ، بىزەكلەرگە ئۇلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلەتتى»[117]، مىللىي ئېتىقادتا قايتا ھاياتىي كۈچىنى بەرق ئۇرغۇزۇش مىللەتلەر تارىخىدا كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئادەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار بىرقانچە يىرىك قەبىلىلەردىن شەكىللەنگەن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوخشىمىغان توتېمغا چوقۇنغان. بۇ قەبىلىلەرنىڭ ئېتىقاد ئوبيېكتلىرى مىللىي ئېتىقاد مەركىزىگە يىغىلغاندىن كېيىن خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى جارى قىلدۇرغان. «ئارىسلان» (شىر) غا چوقۇنۇش ئۇيغۇر مىللىتىگە قېتىلغان غوللۇق قەبىلىلەردىن بىرىنىڭ توتېمى بولۇپ Ⅻ — Ⅸ ئەسىرلەرگە كەلگەندە بۇ خىل ئېتىقاد قەبىلە ئېتىقاد دەرىجىسىدىن ھالقىپ، مىللىي ئېتىقاد ھالىتىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان.
تۆتىنچى، خەنزۇچە كلاسسىك تارىخنامىلەردە غوبى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سۈرۈلۈشى بىلەن قاراخانىيلارنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مول ماتېرىياللار ساقلانغان.
غوبى ئۇيغۇرلىرى قۇرغان ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرز بولۇشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ غەرب تەرەپتە تىزگىنلەپ تۇرغان يەرلىرى پۈتكۈل جۇڭغارىيە ئويمانلىقىنى، كىنگىت (قاراشەھەر)، كۈسەن ۋە پامېرنىڭ غەربىدىكى ئىسسىقكۆل رايون (قاتارلىق جايلار) نى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ رايونلاردا ئاساسەن قارلۇقلار، ياغمىلار ۋە چىگىللەر ياشايتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارغا بېقىندى قەبىلىلەر ئىدى. ئۇيغۇرلار بۇ بېقىندى قەبىلىلەرگە نازارەتچى بەگلەرنى ئەۋەتەتتى ياكى ئۇلارنى ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىگە سۇيۇرغال قىلىپ بېرەتتى ۋە بۇ ئاقسۆڭەكلەرنى مىراسخور ئاقساقاللاردىن قىلىپ تەيىنلەيتتى. مۇشۇلارغا ئاساسەن «ھۇدۇدۇلئالەم» دېگەن كىتابتا «پۈتۈن تۈركىستاندىكى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى توققۇز ئوغۇز (ئۇيغۇر) قەبىلىلىرىدىن ئىدى»[118]، دەپ خاتىرىلەنگەن. مىلادىيە 840- يىلى پانتېگىن 15 قەبىلە ئۇيغۇرنى باشلاپ غەربكە كۆچتى. ئۇزۇن ئۆتمەي (يەنى 856 — 857- يىللىرى) پانتېگىن庞特勒) ) ئۆزىنى «خاقان» دەپ ئاتاپ غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرىنىڭ ئاساسىنى سالغان.
تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە پانتېگىن بىرقانچە غەربىي ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغۇچى دېگەن قاراش بار:
1) پانتېگىن قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى [119].
2) پانتېگىن قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى[120].
3) پانتېگىن كۈسەن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى.
4) پانتېگىن گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى.
ھەر تەرەپلىمە ئەھۋالغا قارىغاندا پانتېگىننى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۆت غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرىنىڭ ئورتاق قۇرغۇچىسى بولسا كېرەك دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ.
بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار. غوبى ئۇيغۇرلىرى غەربكە كۆچكەندە، پانتېگىن باشچىلىقىدا ئەنئەنىۋى يايلاق يولى بىلەن مېڭىپ ئاۋۋال بەشبالىققا يېتىپ بارغان. ئۇلار يېتەرلىك ئوتلاقلارنى ئىگىلەش مەقسىتىدە تەدرىجىي يوسۇندا تارقاقلاشقان. بىر بۆلۈك قەبىلىلەر داۋاملىق غەربكە ئىلگىرىلەپ، پامېرنىڭ غەربىدىكى قارلۇقلار ئولتۇراقلاشقان جايلارغا كىرگەن ھەمدە ئاساسەن ئىسسىقكۆلنىڭ ياقىسىغا ۋە ئىلى دەرياسى جىلغىلىرىغا ئورۇنلاشقان[121]. بۇ ئۇيغۇرلار كېيىنچە پامېرنىڭ غەربىدىكى قارلۇق قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرغان. غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۈگۈنكى شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىدە قېلىپ كىنگىتنىڭ شىمالىدىكى تەڭرىتاغ جىلغىسى بىلەن بەشبالىقنىڭ ئەتراپىغا تارقىلىپ ئورۇنلاشقان.
Ⅸ ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا پانتېگىن كىنگىتتە ئۆزىنى يابغۇ دەپ ئېلان قىلغان. چۈنكى، غوبى چۆلىنىڭ جەنۇبىغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئۆگە تېگىننى خاقانلىققا كۆتۈرگەن. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئۆگە تېگىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. 856- يىللىرىدىن كېيىن پانتېگىن ئۆزىنى خاقان دەپ جاكارلايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزىي پۈتۈنلەي دېگۈدەك شەرقىي تەڭرىتاغ رايونىغا يۆتكىلىدۇ. تاڭ سۇلالىسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزىنىڭ غەربكە يۆتكەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىككىنچى يىلىلا پانتېگىنگە پەزىلەتلىك قۇرغۇچى怀健) ) خاقان دېگەن ئوتۇغات نامىنى بېرىدۇ. پانتېگىن خاقان دەپ ئاتالغاندىن كېيىن غەربكە كۆچكەن بارچە ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئۇنى ئۆزلىرىگە سەركەردە قىلىپ قۇتلۇقلايدۇ. بۇلار ئاساسلىقى خېشى كارىدورى، پامېرنىڭ غەربى ۋە بۈگۈنكى شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىدى. نەتىجىدە كەڭرى تېررىتورىيىگە چېچىلغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى پانتېگىن باشچىلىقىدىكى غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ھاكىمىيەتنىڭ دەسلەپكى مەركىزى كىنگىت ئىدى[122].
كېيىنچە، كۈسەن ئۇيغۇر خانلىقى، قوچو ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىيلار خانلىقى ۋە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقلىرىنىڭ خان جەمەتلىرى پانتېگىن يېتەكچىلىك قىلغان ئۇيغۇر خان جەمەتىدىن بۆلۈنۈپ چىققانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە» دە مۇنداق بىر خاتىرە بار: «دەسلەپتە، ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەن، ئۇرۇق-قەبىلىلىرى چېچىلىپ كەتكەن، گەنجۇدا خاقان可汗王) ) بولغان، شىجۇ (西州، غەربىي ئوبلاست — قوچو) دا خاقان 克韩王))، شىنفۇجۇ新复州) ) دا خاقان黑汗王) ) بولغان.» بۇ يەردىكى 可汗» (Kehan)»، «克韩» (Kehan)، «黑汗» دېگەن خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى كۆپچىلىك ئالىملار تەكشۈرۈپ ئۇيغۇر تىلىدىكى «خاقان» دېگەن سۆزنىڭ ترانسكرىپسىيە قىلىنىپ يېزىلىشى دەپ قاراشتى. شىنفۇجۇ ئۇدۇننى كۆرسىتىدۇ، دېيىلىدۇ. قاراخانىيلار سۇلالىسى 1006- يىلى ئۇدۇن ۋىسارا خانلىقىنى مۇنقەرز قىلغاندىن كېيىن ئۇ رايون «Yangi Kutcub» (يېڭى قۇتلۇق ئايماق) دېگەن نام بىلەنمۇ ئاتالغان. بۇ نام خەنزۇچە新复州» » دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ئىسىمدىكى复» » ئەسلىي خەنزۇچە «قۇتلۇق» مەنىسىدىكى福» » بىلەنمۇ يېزىلغان[123]، خەنزۇچە تارىخنامىلەرگە «يېڭى قۇتلۇق ئايماق» مەنىسىدە 新复州»» دەپ يېزىلغان[124]. دېمەك، «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى» دا ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىنكى ئەھۋاللارنى بايان قىلغاندا، شىنفۇجۇ (ئۇدۇن)، شىجۇ (قوچو) ۋە گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى دەپ بىرلەشتۈرۈپ بايان قىلغان بولۇپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى» دىن ئىبارەت سەۋەبنى شەرت قىلغان. پاكىتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇدۇننىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى 840- يىللاردىن كېيىن رەسمىي ئۇيغۇر回鹘) ) لارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. شۇڭا، «ھۇدۇدۇلئالەم» دە ئۇدۇننىڭ خانلىرى «‹تۈركلەر بىلەن تۈبۈت بەگزادىلىرى› دىن بولىدۇ» دېيىلگەن[125]. (بۇ يەردىكى تۈبۈتلەر ئۇدۇندا قېپقالغان قالدۇق تۈبۈتلەر) نى كۆرسىتىدۇ. تۈركلەر بولسا مەزكۇر رايوندا ئەسلىدىن ئولتۇراقلىشىپ كېلىۋاتقان ۋە غەربكە كۆچۈپ بۇ يەرگە كەلگەن غوبى ئۇيغۇرلىرىدىن ئىبارەت.
بەشىنچى، Ⅻ—Ⅹ ئەسىرلەردىكى يەنى بەش دەۋر (五代، 907 — 979- يىللىرى) ۋە سۇڭ سۇلالىسى دەۋرى (960 — 1279- يىللىرى) نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۇدۇننىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى ۋىسارا تەڭرىخان (لى شىڭتيەن) نىڭ بەزى ئەھۋاللىرىدىن قاراخانىيلارنىڭ ۋاسسالىقىدا بولغان ئۇدۇننىڭ مىلادىيە 840- يىللاردىن كېيىن رەسمىي ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيىتى بولۇپ ئالماشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇ يىللاردا ئۇدۇننىڭ ھۆكۈمران جەمەتى ئىچىدە تەڭرى天圣) ) خاقان可汗) ) ئارىسلان، ئالتۇنخان 金汗))، تەڭرى قۇنچۇي (天公主، تەڭرى خانىش)، (ياغلاقار ساغۇن، قۇتلۇق福-Kutlu) ) دېگەن ئاتالغۇلار ئالاھىدە ئىشلىتىلگەن. بۇ ئاتالغۇلارنىڭ غوبى ئۇيغۇرلىرىدىن تارىخىي ۋارىسلىق قىلىنغان ئاساستا قوللىنىلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئالىملار يېتەرلىك ماتېرىياللار بىلەن دەلىللەپ چىققان. ئۇدۇننىڭ ئەڭ داڭلىق خانى ۋىساراسامخاۋا (لى شېڭتيەن) نىڭ ئەمەل-مەنسەپ، سەلتەنەت ناملىرى، ئۆرپ-ئادىتى، ئوردا قەسىرلىرى، رەسىملەردىكى قىياپەت-كۆرۈنۈشلىرىدىن ئۇيغۇر ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ[126].
تۇتۇ يازغان «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى. ئۇدۇن تەزكىرىسى» دە 1009- يىلى «بۇ خانلىقنىڭ خاقانى ((黑韩王ئۇيغۇر ياغلاقار (بويلا؟) ساغۇن回鹘罗斯温) ) نى ئولپان تاپشۇرۇپ كېلىشكە ئەۋەتكەن» دېگەن خاتىرە بار. مۇسۇلمان تارىخچىلىرىنىڭ خاتىرىلىرىگە ئاساسلانغاندا، قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن يۈسۈپ قادىرخان Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇدۇننى بويسۇندۇرغان. سۇڭ سۇلالىسى تارىخنامىلىرىدىكى «黑韩王» نىڭ قاراخانىيلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۇدۇن ھاكىمىيىتىنىڭ خەنزۇچە ئىپادە قىلىنىشى بولۇپ، بەزى ئالىملار «خاقان»، يەنە بەزى ئالىملار «قاراخان» سۆزىنىڭ يېزىلىشى دەپ قارىشىدۇ. يۈسۈپ قادىرخان ھۆكۈمرانلىقى بۇ ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئەينى چاغدا سۇڭ سۇلالىسى ئوردا مۇئەررىخلىرى ئۇلارنى «ئۇيغۇر»回鹘) ) دەپ ئالاھىدە ئىسىم بىلەن تارىخنامىگە پۈتكەن. بۇ ئەلچىلەر ئۆمىكى پەۋقۇلئاددە ئۆمەك بولۇپ، قاراخانىيلارنىڭ ئۇدۇننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن سۇڭ سۇلالىسى بىلەن مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان. ئۇنىڭغا «ئۇيغۇر ياغلاقار ساغۇن» ئۇنۋانلىق يۇقىرى تەبىقە-خان جەمەتى ئېسىلزادىسىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى مەنتىقىگە ئۇيغۇن.
ئالتىنچى، ئىجتىمائىي ئېتىقاد ۋە بەزى ئادەتلەر جەھەتتە غوبى ئۇيغۇرلىرىدىن «توققۇز ۋەزىر» ئارقىلىق خانلىقنى باشقۇرۇش ئەنئەنىسىنى خانلىق باشقۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلغان. بۇ ئادەت قوچو ئۇيغۇرلىرى، قاراخانىيلار، كۈسەن ئۇيغۇرلىرى ۋە گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىدا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلغان.
يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن «ئارىسلان» (شىر) ئېتىقادچىلىقىدىن باشقا بۆرە، چاغرى (توغرۇل ياكى شۇڭقار)، ئات، بۇغرا قاتارلىق ھايۋانلارغا ئېتىقاد قىلىش، بۇ خىل ئېتىقادنىڭ مۇھىم بىر ئىپادىسى، بۇ خىل ھايۋانلارنىڭ نامىنى ئەمەل-مەنسەپ، سەلتەنەت نامى قىلىپ قوللىنىش قاراخانىيلار ھۆكۈمرانلىرى ئىدېئولوگىيىسىدىكى مۆتىۋەر ئالامەتلەر سۈپىتىدە نامايان بولۇشى ئۇنىڭ غوبى ئۇيغۇرلىرىدىن باشلانغان ئېتىقاد ھادىسىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن.
«قۇت» (بەخت) ئېتىقادچىلىقى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى مەنىۋى دۇنياسىنىڭ بۆلەكلىرىگە مەھكەم چىرماشقان. غوبى ئۇيغۇرلىرى نەزىرىدە قۇت ئېتىقادچىلىقى يېتەكچى مىللىي ئېتىقادنىڭ مۇھىم ئېلېمېنتى بولۇپ شەكىللىنىپ بولغان. ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاستانىسىگە يېقىن بىر تاغنى ئۇيغۇرلار مۇقەددەس تاغ دەپ تونۇپ ئۇنى «قۇتتاغ» 胡的大哈) ) دەپ ئاتاپ، ئەل-يۇرتنىڭ تەقدىرىنى مەزكۇر تاغنىڭ كۆركەملىكى ۋە دەخلى-تەرۇزسىزلىقىغا باغلاپ قارىغان. بۇ خانلىقنىڭ بىرقانچە خانلىرى «قۇتلۇق» نامى بىلەن ئاتالغان. قوچو ئۇيغۇر خانلىقى بەزىدە «ئۇلۇغ قۇتلۇق ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئىلى ((大福大回鹘国دەپمۇ ئاتالغان. بۇ خانلىقنىڭ خانلىرى دائىم ئۆز ئىسمىغا «قۇتلۇق» نامىنى قوشۇپ ئاتىغان. «يېڭى قۇتلۇق ئايماق» قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ 1006- يىلى ئۇدۇننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئۇ يەردىكى ۋىسارا جەمەتىنى ئىمتىيازدىن بىكار قىلىپ، ئۇيغۇر سەردارىنى خان قىلىپ تىكلىگەندىن كېيىنكى ئۇيغۇر خانى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇدۇنغا بەرگەن يېڭى نامدىن ئىبارەت. بۇلار «قۇت» ئېتىقادچىلىقىنىڭ غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرىدىكى ئۇيغۇر قوۋمىدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە تۇتقان ئورنىنىڭ روشەن ئالامەتلىرىدىن بىرى بولسا، يەنە بىر ئالامىتى ئۇلۇغ شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ «قۇت چۈشەنچە» سىنى يۈكسەك دەرىجىدە سىستېمىلاشتۇرۇپ ۋە ئىلمىيلاشتۇرۇپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن ئىدېئولوگىيىلىك چۈشەنچىسىگە كۆتۈرگەن.
يەتتىنچى، «قاراخان» (ياكى قاراخانىيلار) دىن ئىبارەت خانلىق نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى تارىخ مەنبەسى جەھەتتە، قاراخانىيلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۇلۇغ خانلىرىنىڭ ھەممىسى «قاراخان» نامىنى قوللانغان. مەسىلەن، قاراخان، ئارىسلان قاراخان، تابغاچ بۇغراقاراخان دېگەنگە ئوخشاش. مەزكۇر خانلىقنىڭ نامى مەنبەلىرىدە ھەرخىل ئاتالغان. ئالىملار، جۈملىدىن ئەڭ دەسلەپتە فرانسىيە ئالىمى يۇسېف دىگۈيگىنىس (J. Deguignes) «ھونلار، تۈركلەر، موڭگۇللار ۋە تاتارلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى» دېگەن ئەسىرىدە خىلمۇخىل ناملار توغرىسىدا تەپسىلىي تەھلىل يۈرگۈزۈپ، بۇ خانلىقنىڭ نامىنى «قاراخانىيلار سۇلالىسى» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. مانا مۇشۇ «قاراخانىيلار» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تارىخشۇناسلاردىن ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىقلار ئۇنىڭ «كۈچلۈك»، «باتۇر»، «ئۇلۇغ»، «ئالىي» دېگەن مەنىلىرى بولۇش بىلەن بىرلىكتە، بۇ نام ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ناھايىتى شۆھرەت قازانغان دەسلەپكى خاقانى كۆلبىلگە خاقاندىن كېيىن بۇ خانلىققا ئاساس ئورنىتىپ، ئۇنى گۈللەندۈرگەن ئەجدادى مويۇنچۇر (بايانچۇر) قاراخاقان (مىلادىيە 759 — 774- يىللار) نى ئەسلەش ھەم ئۆزىنىڭ يېڭى قۇرغان بۇ خانلىقىنى ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ داۋامى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن قوللانغان بولسا كېرەك، شۇڭا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئورقۇن ۋادىسىدىن كۆچۈپ كېلىپ، ئەڭ دەسلەپتە ئولتۇراقلاشقان بالاساغۇن شەھىرىنى بېسىۋېلىش بىلەنلا، ئۆزىنى «قاراخان» دەپ ئېلان قىلغان، دەپ ھېسابلىشىدۇ[127].
يۇقىرىقىلار مۇشۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قىسقىچە مۇلاھىزىدىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن ئەتراپلىقراق مۇلاھىزە ۋە قاراشنى تارىخشۇناس ۋېي لياڭتاۋ «قاراخانىيلار سۇلالىسى تارىخىدىن ئوچېرىكلار»咯喇汗王朝史稿)魏良) ) ناملىق كىتابىدا 12 تۈرلۈك نۇقتا ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن. ئۇ يېقىندا ئېلان قىلغان «قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى بىرقانچە مەسىلە» ناملىق ماقالىسىدە ئۆز كۆز قارىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تولۇقلىدى[128].
يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلىمىز.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تۈزگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: ئۇيغۇرلار (قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ) قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي، مەدەنىي تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان»[129].
دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي پەن فوندى تورى قىلىنغان، تارىخشۇناس شۆ زۇڭجېڭ باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قەدىمكى جەمئىيەت تۇرمۇش تارىخى» ناملىق كىتابىدا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق يېزىلغان:
«قاراخانىيلار سۇلالىسىدىكىلەر بىلەن قوچو ئۇيغۇرلىرى ئوخشاشلا مۇستەقىل قەدىمكى مىللىي ئورتاق گەۋدە ياكى تۈپ گەۋدە بولۇپ، ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلنىڭ مەھسۇلى». بىراق، شۇنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، بۇ ئىككى تۈپ گەۋدە ئۇيغۇر مىللىتى تارىخىنىڭ بىر قىسمى، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئىككى چوڭ تۈۋرۈك، بولۇپمۇ قاراخانىيلار مەدەنىيەت سىستېمىسى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالغان[130].

3) قاراخانىيلار دەۋرىدىكى باشقا قەبىلىلەر
قاراخانىيلار سۇلالىسى تەۋەسىدە ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە قانداق قەبىلىلەر بار، ئۇلار ئاساسىي گەۋدە قەبىلە (مىللەت) بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگىمۇ قانداق؟
لىن گەن، گاۋزىخۇ «ئۇيغۇر تارىخى» (回纥史) ناملىق كىتابىدا بۇ خانلىق تەۋەسىدە ئاساسىي مىللەت ئۇيغۇرلاردىن باشقا قارلۇق، ياغما، غۇز، چىگىل، تۈركەش، سوغدى قاتارلىقلارنى سانىغان بولسا، شۆزۇڭجىڭ قاتارلىقلار «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قەدىمكى جەمئىيەت تۇرمۇش تارىخى» ناملىق كىتابىدا ئۇيغۇرلاردىن سىرت قارلۇق، ياغما، تۈركەش، چۈمۈل، چىگىل، ئوغۇز قاتارلىق تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر، سوغدى، ئۇدۇن ساكلىرى قاتارلىق ئىران تىلى سىستېمىسىدىكى خەلقلەر، خەنزۇ، تۈبۈت، چياڭ قاتارلىق خەنزۇ-زاڭزۇ تىل سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ بارلىقى سۆزلەنگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە مەلۇم نىسبەتتە ئوغراق، تاتار، چارۇق قاتارلىق تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. چيەن بوچۈەن «سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدىكى غەربىي يۇرتتىكى داشى ئىلى ۋە ئۇنىڭدىكى ئاساسىي گەۋدە مىللەت ئۇيغۇرلار ئىككەنلىكىنى سۆزلەپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تاجىك، ياغما، قارلۇق قاتارلىقلار بارلىقىنى تىلغا ئالغان.
دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەل ئالىملىرى ئارىسىدا قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمران قەبىلىسى ياكى بۇ خانلىقنىڭ ئاساسىي گەۋدە مىللىتى مەسىلىسىدە «ئۇيغۇر» دەپ قارىغۇچىلاردىن باشقا يەنە ياغما دېيىش، قارلۇق دېيىش، چىگىل دېيىش ئايرىم ئەھۋاللاردا كۈچەپ تەكىتلىنىۋاتقان نۇقتىلارنىڭ بىرى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قەبىلىلەرنىڭ بىرەرسىگە تەئەللۇق قىلىش بىلەن، بولۇپمۇ قارلۇق قەبىلىسى دېيىش ئارقىلىق، قارلۇقلار، قازاقلار، ئۆزبېكلەر ياكى قىرغىزلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان دېگەن قاراشنى ئاساس قىلىپ، «قۇتادغۇبىلىك» قاتارلىق قاراخانىيلار ئەدەبىي مىراسلىرىنى يۇقىرىقى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايلىقى دېگەن دەۋانىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولماقتا. ئۇنداق بولسا بۇ قەبىلىلەرنىڭ قاراخانىيلار زامانىسىدىكى ئەھۋالى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقايلى.
قارلۇقلار. قارلۇقلار ئەسلىي تۈركلەرنىڭ بىر قەبىلىسى سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە قەدەم قويغان. شۇ چاغدا ئۇلار ئۈچ قەبىلىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەسلىي كېلىپ چىقىشى ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاسىتە ئەجدادى بولغان ئېگىز قاڭقىللارنىڭ فۇلو伏罗部) ) قەبىلىسىنىڭ كېيىنكى پۇشتىدىن ئىدى. مىلادىيە 742- يىلى شەرقىي قىسىمدىكى قارلۇقلار ئۇيغۇرلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، كېيىنكى تۈرك خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، باسمىل قەبىلىسىنىڭ ئاتامانى ئاشىنانى خان قىلىپ تىكلىگەن. 2 يىلدىن كېيىن يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ سەردارى كۆل بويلانى خان قىلىپ تىكلەپ، ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان. 01 يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر خانى قاراقاغان بەشبالىق ئەتراپىدىكى غەربىي قىسىم قارلۇقلارنى بويسۇندۇرغان. شۇنىڭدىن باشلاپ قارلۇقلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تارىخنى بىرگە يارىتىش پائالىيىتى رەسمىي باشلانغان. جۈملىدىن قارلۇقلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەتكەن. مىلادىيە 756 — 758- يىللىرى غەربىي قىسىم قارلۇقلار ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى تەۋەسىدە كۆتۈرۈلگەن ئەنلۇسەن-شىسىمىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇشقا ئەسكەر چىقارغانلىق پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، قەبىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ غەربكە يۆتكىلىپ ئىلى دەريا ۋادىلىرى، سوياپ شەھىرى تەۋەسىگە كېلىپ ماكانلاشقان. Ⅸ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر خانلىقى غەربىي يۇرتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ۋاقىتتا قارلۇقلار يەنە ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىگە ئۆتكەن. ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ غەربىي ئۇيغۇر ئۇلۇسىغا تەۋە بولغان. يەنە بىر قىسمى كۈسەن تەۋەسىگە سۈرۈلۈپ، قارلۇق خانلىقىنى قۇرغان[131]. بەزىلەرنىڭ قارلۇقلار قازاقلارنى، يەنە بەزىلەر ئۆزبېكلەرنى شەكىللەندۈرگەن، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ يېتەرلىك پاكىت ئاساسى يوق. شىنجاڭ جۈملىدىن غەربىي يۇرتنىڭ تارىخ ئىلمىدىن ئەقەللىي ساۋاتقا ئىگە ھەر قانداق بىر ئادەمگە مۇنداق بىر نۇقتا ئايدىڭ بولسا كېرەك، مەيلى ئەرەبچە، پارسچە، قەدىمكى تۈركچە، ئۇيغۇرچە ماتېرىياللارنىڭ ھېچقايسىسىدا قازاقلار ۋە ئۆزبېكلەر بىلەن قارلۇقلارنىڭ بىرەر مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقى ھەققىدە پاكىت يوق. شۇنداق ئىكەن، يېقىنقى زاماندا ئۆتكەن ئايرىم تارىخىي ماتېرىيال يىغقۇچىلارنىڭ قازاق مىللىتى ياكى ئۆزبېك مىللىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىر جەھەتتە قارلۇقلارغا باغلاپ چۈشەندۈرمەكچى بولۇشى فانتازىيىلىك تەسەۋۋۇر ياكى قۇرۇق خىيالدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىلمىي تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە قىلچىمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. تارىخىي ماتېرىياللاردا قارلۇقلار بىلەن ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭلا مۇناسىۋىتى ئەڭ قويۇق بولۇپ، ئۇلار باشتىلا ۋە قاراخانىيلار زامانىسىدا بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە قىزغىن ئىشتىراك قىلغان. بۇ مەسىلىنى سەل باشتىنراق سۆزلىسەك، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر نۇقتا بار، قارلۇقلار ئۇيغۇرلارنىڭ «تاشقى توققۇز قەبىلىسى» نىڭ بىرىگە ئايلانغاندىن كېيىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن قارلۇقلار تەدرىجىي يوسۇندا ئۇيغۇر ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلغان. قاراخانىيلار سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ خىل تەرەققىيات تېخىمۇ تېزلەشكەن، بۇنى قارلۇقلارنىڭ ئۇيغۇر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلىنىشىدىكى مۇھىم باسقۇچ دېيىشكە بولىدۇ. قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، قارلۇقلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئازراق مىللىي پەرق ساقلىنىپ تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە زىددىيەت يۈز بەرگەن، ھەتتا بىرقانچە رەت قوراللىق توقۇنۇشمۇ كېلىپ چىققان، ئەمما، كېيىنكى مەزگىلگە كەلگەندە، بولۇپمۇ غەربىي قىتانلار ھاكىمىيىتى تىكلەنگەن (مىلادىيە 1124- يىلى) دىن كېيىن قىتانلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت قارلۇقلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئورنىغا دەسسىگەن. دەل مۇشۇ چاغدا قارلۇقلار پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئورتاق گەۋدىسىگە قېتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «قارلۇق» دېگەن نامنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي يوسۇندا «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ نامنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي يوسۇندا «ئۇيغۇر» نامى ئىگىلىگەن[132].
قارلۇقلار قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھۆكۈمران قەبىلە ياكى ئاساسىي گەۋدە مىللەتمۇ دېگەن بۇ نۇقتىنىمۇ بۇ يەردە بىر قېتىم ئېنىقلىۋېلىش مۇھىم. مەلۇمكى، ئۇ زامانلاردا قارلۇقلار توققۇز ئوغۇز يەنى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۇلار يەتتەسۇ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە توخارىستان رايونىدا مەلۇم ساندا ئولتۇراقلاشقان، ئاقسۇ رايونىدا ھەم بىر بۆلۈك قارلۇقلار ياشاپ تۇرغان. دۇنخۇاڭدىكى يازما خاتىرىگە ئاساسلانغاندا، «(كۈسەندىن ئۆتۈپ) يەنە غەربكە ئۈچ كۈن ماڭغاندا ‹قارلۇق ئىلى› گە بارغىلى بولىدىغان» بولسىمۇ، شۇنداقلا بۇ قارلۇق ئىلى ئاقسۇغا يېقىن يەردە بولسىمۇ، لېكىن قارلۇقلار قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتى قەبىلىسى ياكى ئاساسىي گەۋدە مىللەت ئەمەس ئىدى. بۇنىڭغا مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «قارلۇق. ئۇلار كۆچمەن تۈركلەرنىڭ بىر گۇرۇھى بولۇپ، ئوغۇزلاردىن باشقىدۇر، ئۇلارمۇ تۈركمەن ھېسابلىنىدۇ»[133]، دېگەن ئاددىي بايانى ئوچۇق پاكىت بولىدۇ. (بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان تۈركمەن ئوغۇزلار بولۇپ، بۇ ئوغۇزلار توققۇز ئوغۇزلارنىڭ بىر قىسمى ئىدى.)
ياغمىلار (ياغما). ئەسلىي تېلى قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دەسلەپتە تېلىلارنىڭ غەربىي قىسمىغا تەۋە بولغان. ئۇلارنىڭ تېگى-تەكتى ھونلار زامانىسىغا تۇتىشىدۇ[134]. «ياغما» قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ نامى، ئۈچ قەبىلىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، «ئۈچ ياغما» دەپمۇ ئاتالغان. ئۇلار ئۆزلىرى ئايرىم خانلىق تىكلىگەندىن باشقا تۈرك خانلىقى، تۈركەش خانلىقى تەۋەسىدە ھەم پائالىيەت قىلغان. ئۇيغۇر خانلىقى غەربىي يۇرتنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىك قىسمى ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە بولغان. شۇنداقلا تەدرىجىي يوسۇندا شەرقىي جەنۇبقا سۈرۈلۈپ سۇلې (كەشبالىق، كاشغەر)، ئۇدۇنغىچە سۈرۈلۈپ كەلگەن. قوچو ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدىمۇ ياغمىلار بولغان. بۇ ھەقتە ۋاڭ يەندىنىڭ «قوچوغا ئەلچىلىك خاتىرىسى» ناملىق ئەسىرىدە بايانلار بار. مانا مۇشۇ ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر خانلىقىدىن كېيىن ياغمىلار غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرىدىكى قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇلارنىڭ سەردارى دائىم «تۇتۇق» دەپ ئاتالغان. كېيىنچە «بۇغراخان» نامىنى قوللانغان بولسا كېرەك. بۇ ھەقتە XII ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پارسچە «مۇجەل ئەل-تەۋارىخ ۋە لقىسەس» تارىخ ۋە قىسسەلەر توپلىمى) ناملىق كىتابتا «ياغمىلارنىڭ پادىشاھى بۇغراخان دەپ ئاتىلىدۇ» دېيىلگەن. ئىلگىرى قارلۇقلار ياغما ۋە چىگىللەردىن ئىبارەت ئۈچ قەبىلە بىرلەشمىسىدىن تەركىب تاپقان دېيىلىپ كېلىنگەن[135]. كېيىنكى تەتقىقاتلار ياغمىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا قەبىلىلەر بىرلەشمىسىنى تەشكىل قىلغان بىر مىللىي گەۋدە ئىكەنلىكى، ئۇ ئارىسلان، بۇغرا ۋە بارچۇق (يولۋاس) تىن ئىبارەت ئۈچ قەبىلىدىن تەركىب تاپقانلىقىنى، مۇشۇ ئۈچ قەبىلە قوشۇلۇپ ئۈچ ياغما دەپ ئاتالغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرمەكتە[136]. بارچۇق قەبىلىسى بارچۇق-مارالبېشىدا مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. جۈملىدىن قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە بارچۇقتا ياغما، قارلۇق ۋە توققۇز ئوغۇزلار ئورتاق تىرىكچىلىك قىلغان. ياغمىلار بارچۇقتا ياشاش جەريانىدا بىرقاتار يازما ھۆججەتلەرنى قالدۇرغان. زامانىمىز ئالىملىرى بۇ ھۆججەتلەرنىڭ تىلىنى ياغما تىلى ياكى بارچۇق تىلى دەپ ئاتىماقتا. گەرچە ياغمىلار غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرى زامانىسىدا نارىن دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىن تارتىپ تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي ساھىلىدا، جۈملىدىن كاشغەر-مارالبېشى رايونىدا، ئىلى دەريا ۋادىلىرى، قوچو ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە خېلى كۆپ ياغما قەبىلىلىرى ياشىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاساسىي گەۋدە مىللەت ئەمەس ھەم خان جەمەتى چىقىدىغان قەبىلىمۇ ئەمەس ئىدى. بىر قاتار تارىخىي پاكىتلاردىن باشقا مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «ياغما تۈركلەرنىڭ بىر قەبىلىسىنىڭ ئېتى. بۇلار ‹قارا ياغما› دەپمۇ ئېيتىلىدۇ» «ياغما تىرازغا يېقىن بىر يېزىنىڭ ئېتى. بۇ سۆز يۇقىرىدىكى سۆزدىن كەلگەن»[137]، دېگەن ئاددىي بايانى ئېنىق پاكىت بولىدۇ. يەنى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تارىخى ھەققىدە ئوبدان چۈشەنچىگە ئىگە مەھمۇد كاشغەرى ياغمىلارنى ئالاھىدە بىر قەبىلە سۈپىتىدە تىلغا ئالمىغان. پەقەت ياغمىلارنىڭ تىلى قىرغىز، قىپچاق، ئوغۇز، توخسى، چىگىل، ئوغراق، چارۇق قەبىلىلىرىنىڭ تىلى قاتارىدا «ساپ تۈركچە» دېگەن ھەم تۈركىي تىللار ئىچىدە «توغرا تىل توخسى ۋە ياغما تىللىرى»[138] دېگەن سۆزنى قىلغان. ئۇ يەنە «يات» دېگەن سۆزگە ئىزاھ بەرگىنىدە ئۇنىڭ بىر خىل سېھىرگەرلىك ئىكەنلىكىنى (ياداتاش سېھىرگەرلىكى) بۇ ئادەت ياغمىلاردا بارلىقىنى، ئۇنى بىر قېتىم ياغمىلاردا قىلىنىۋاتقاندا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ[139]. بۇ يەردە ئۇ ياغمىلارنى ئۆز جەمەتى بىلەن بىرەر يېقىنلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىدىن بېشارەت بەرمەيدۇ. بۇنداق دېگەنلىك ياغمىلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى يوق دېگەن قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلمايدۇ. غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرى زامانىسىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ياغمىلارنىڭ مۇناسىۋىتى پەۋقۇلئاددە مۇناسىۋەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. ئۇلار تولىمۇ يېقىن، ئىتتىپاق تۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان بولسا كېرەك. قاراخانىيلار خان جەمەتى ئارىسىدا ئارىسلان، بۇغرا ناملىرىنىڭ سەلتەنەت نامى قىلىپ قوللىنىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ياغمىلارنىڭ تەسىرىگە مەلۇم دەرىجىدە ئۇچرىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن. پارسچە ھۆججەتلەردە، بولۇپمۇ «ھۇدۇدۇلئالەم» (مىلادىيە 982- يىلى يېزىلغان) دە ياغمىلارنى توققۇز ئوغۇزلارنىڭ بىر تارمىقى دەپ ھېسابلىغان ھەمدە ياغمىلارنىڭ خانى بىلەن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ خانى بىر جەمەتتىن دەپ قارالغان. ھەتتا گەردىزى «زەينىل ئەخبار» ناملىق پارسچە كىتابىدا توققۇز ئوغۇزلارنىڭ خاقانى «ياغما» دەپ ئاتىلاتتى، دەپ يازغان. ۋ. مىنورىسكى «ھۇدۇدۇلئالەم» نى شەرھلەپ يازغان ئەسىرىدە تېخىمۇ تەكىتلىگەن ئاساستا «قاراخانىيلار ھۆكۈمدارلىرى توققۇز ئوغۇزلارنىڭ بىر قىسمى بولغان ياغمىلار گۇرۇھى سەۋەبىدىن باش كۆتۈرگەن، بۇ شۈبھىسىز پاكىتتۇر»، «توققۇز ئوغۇز ياغمىلىرىنىڭ خانلىرى مۇشۇ خەلقلەر خان جەمەتىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى» دېگەن پىكىرنى ئېيتقان[140].
ياغمىلار توققۇز ئوغۇزلار بىلەن مەيلى قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئۇلار ئۇيغۇرلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن بولۇپ[141]، ئۇلارنىڭ نامى «ئۇيغۇر» نامىنىڭ شۆھرەتلىك تەسىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخ سەھنىسىدىن غايىب بولغان. ئۇلارنىڭ قازاق، قىرغىز، ئۆزبېكلەرگە قېتىلغانلىقى توغرۇلۇق قەدىمكى زامان ھۆججەتلىرىدە ئۇچۇر يوق.
چىگىللەر، تۈركەشلەر، ئوغۇزلار، چۈمۈللەرنىڭ قاراخانىيلار سۇلالىسىدە تۇتقان ئورنى ھۆكۈمرانلار سورۇنىدا ئەمەس، بەلكى پۇقرالىق ئورنىدا بولغان. شۇڭا، بۇ توغرۇلۇق تەپسىلىي توختالمىدىم.

4) قاراخانىيلار سۇلالىسى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنى تەقدىرى
يۇقىرىدا قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاساسىي گەۋدە مىللەت ۋە خان جەمەتى چىقىدىغان قەبىلە — ئۇيغۇرلاردۇر، جۈملىدىن توققۇز ئوغۇزلار ھەققىدە، شۇنداقلا ئۆز زامانىسىدا خانلىق تەۋەسىدە مۇھىم ياكى يېتەكچىلىك رول ئوينىغان قارلۇق، ياغما، چىگىل، تۈركەش، ئوغۇزلار ۋە چۈمۈللەر توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتۇق. قاراخانىيلار زامانىسىدا ياشىغان ئاشۇ قەبىلىلەرنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغان دېگەن مەسىلىنى ئۆز يولىدا بايان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى بار، ئەلۋەتتە.
روشەنكى، قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تەرەققىياتى، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى. بۇ ئالدى بىلەن ئۆز زامانىسىدىكى ئاساسىي مىللەت بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي گەۋدىسىنى مۇستەھكەملىدى. چەت ئۆلكىلەر، سەھرا-قىرلاردىكى كۆچمەن ھايات كەچۈرۈۋاتقان مەلۇم ساندىكى كۆچمەن خەلقلەرنى ۋە قوشنا رايون-مەملىكەتلەرگە كۆچۈپ كەتكەنلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قاراخانىيلار تېررىتورىيىسىدە ياشىغان ھەرقايسى قەبىلە-قوۋملار بۇ خانلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىي گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭغا بىر قاتار پاكىتلارنى كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن، قاراخانىيلار سۇلالىسى مۇنقەرز بولۇپ (Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرى) تەخمىنەن 10 يىلدىن كېيىن چاڭچۈنلۈك ئەۋلىيا چۇچۇجى غەربكە سەپەر قىلغان چېغىدا، ئۇ ئىلى دەرياسى ۋادىلىرى (بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى)، يەتتەسۇ ۋادىسى (شەرقى بۈگۈنكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى، غەربىي دەرياسى، جەنۇبى ئىسسىقكۆلگىچە، شىمالى بالقاش كۆلى ساھىلىغىچە بولغان يەرلەر) ۋە ماۋەرائۇننەھر (بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سەمەرقەنت ئەتراپى) دە «زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلار» 大率多回纥人) ) نى كۆرگەن، سەپەر جەريانىدا ئۇنى كۆپلىگەن «ئۇيغۇر سەردارلىرى»回纥帅首) ) قوبۇل قىلغان[142]. چۇچۇجىدىن باشقا ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىدىن غەربىي يۇرتقا سەپەر قىلغانلار ئىچىدە 1220 — 1221- يىللىرى سەپەر قىلىپ قايتقان ئۇگۇسۇن جوڭدۇەن، 1259 — 1263- يىلىغىچە سەپەر قىلغان چاڭدې قاتارلىقلارنىڭ خاتىرىلىرىدىمۇ چۇچۇجىنىڭكىگە ئوخشاش ئەھۋال سۆزلەنگەن. بۇنىڭدىن بۇنداق بىر نۇقتىنى بىلىمىز، يەنى شۇ چاغلاردا تۈزلەڭ رايونلاردا ياشايدىغان بىر قاتار تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرگە قىتانلار ئاسسىملياتسىيە قىلىنغان. شۇڭا، قىتانلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا «ئۇيغۇر ئىلى» دەپ ئاتالغان[143].
يەنە بىر پاكىت مۇنداق: مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئاتاقلىق ئالىم سۇڭ ليەن تۈزگەن «يۈەن سۇلالىسى تارىخى. غەربىي شىمالدىكى يەرلەرنىڭ قوشۇمچە خاتىرىسى» دە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى «ئۇيغۇرلار رايونى» نى چۈشەندۈرۈپ، غەزدە، كابۇل، بەدەخشان، تۈس، تېرمىز، بۇخارا، نەخشاپ، دىرىئان، سەمەرقەنت، خوجەند، مەرغىلان، كاشىغەر، خوتەن، كات، ئوترار، پاپ، ئۈزكەند، ئۇچ، كوچا، كاسان، ئاتباش، پارۋان، چاچ (تاشكەنت)، يىيۇنچ، ئىلىبالىق، بولاد، يىمىش، ئالمالىق، قاراخوجا، لۈكچۈن، بەشبالىق، توقسۇن، يېڭىبالىق، قۇتۇقباي، جانبالىق قاتارلىقلارنىڭ كىرىدىغانلىقىنى يازغان. قوچو ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسى قاتارلىق غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرى سەلتەنەت سۈرگەن يىللارنىڭ ئاخىرىدا، جۈملىدىن قىتانلار ۋە موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقى زامانىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زور بىر تۈركۈم تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر ئۆز زامانىسىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا «تۈرك» نامىنى ئەمەس، بەلكى «ئۇيغۇر» نامىنى قوللانغان[144]. «تۈرك» نامى «ئۇيغۇر» نامىنىڭ نوپۇزى تۈپەيلىدىن خېلى يىللار ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان.
مانا مۇشۇ ھالقىلىق يىللاردا قارلۇق، ياغما، چىگىل، ئوغۇز، توخسى، چۈمۈل، چارۇق، تۈركەش، سوغدى، قىتان قاتارلىق قەبىلە-قوۋملار نامى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ سەھنىسىدە غايىب بولۇپ، پەقەت تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر ئىچىدە «ئۇيغۇر» نامىلا ساقلىنىپ قالدى. شۇنداقلا قىرغىز ۋە تاتارلارنىڭ ئاساسىي قىسمى موڭغۇل دالىسىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرى تېررىتورىيىسىدىكى سانى ئاز بولۇپ، ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكى پائالىيەتلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. قازاق ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ نامى تېخى تارىخ بېتىگە يېزىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تۈزگەن «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» Ⅰ – قىسىم، ئۇيغۇرچە، 1984- يىلى، 315-، 316- بەتلىرىدىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ مىللەتلەر — قازاق ۋە ئۆزبېكلەر XVI ئەسىرلەردە ئاندىن مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشكە باشلىغان. بۇ نۇقتىنى ۋ. ۋ. بارتولد ئاللىبۇرۇن قەيت قىلغان.
قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە نېمە ئۈچۈن بىر قاتار تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ ئاسسىملياتسىيە قىلىنىشى ھېسابىغا ئۇيغۇرلار زورىيىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاساسىي مىللەت سۈپىتىدە تاللىنىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ بۇنداق بىرقانچە سەۋەبى بار.
بىرىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئۇزۇن. تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار تارىخ سەھنىسىگە ئەڭ بۇرۇن، سالماقلىق ھالدا قەدەم قويغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي تارىخىنى نىسبەتەن تۇراقلىق ۋە ئىزچىللىققا ئىگە قىلىپ كەلگەن مىللەت. ئۇلار مۇرەككەپ ۋە شىددەتلىك تارىخ ئېقىمىدا قاتتىق چايقىلىش ۋە داۋالغۇشلارغا بەرداشلىق بېرىپ، شىنجاڭ، جۈملىدىن ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت بۇ كارامەت يالقۇنلۇق پېچتا تاۋلىنىپ چىققان.
ئىككىنچى، قاراخانىيلار، جۈملىدىن غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى باشقا تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرگە قارىغاندا كۆپ، جەڭگىۋارلىقى ئۈستۈن ئىدى. مەسىلەن، «ھۇدۇدۇلئالەم» ناملىق كىتابتا: توققۇز ئوغۇزلارنىڭ يۇرتى «باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ يۇرتىغا قارىغاندا چوڭ، شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ ئاھالىسى ھەم كۆپ… ئۇلارنىڭ ئادەملىرى جەڭگىۋار ۋە ياخشى قوراللانغان، توققۇز ئوغۇزلار باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىچىدە ئەڭ باتۇرلىرى، ئەڭ بايلىرى ئۇلار سىياسىي ئىشلارغا (خانلىق باشقۇرۇشقا) ناھايىتى ماھىر» خەلق دەپ يازغان. ۋ. ۋ. بارتولد بولسا «X ئەسىردە بارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىچىدە ئەڭ قۇدرەتلىك ھېسابلانغان (لار) توققۇز ئوغۇزلار ئىدى»[146]، دېگەن.
ئۈچىنچى، قاراخانىيلار دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ھۆكۈمران قەبىلە يەنى خان جەمەتى چىقىدىغان قەبىلە ئىدى. بۇنى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەندىن باشقا، يەنە بىر مەزمۇننى قىستۇرساق: تۈرك خانلىقى يىمىرىلگەندىن باشلاپلا بەزى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنى يېتەكلەش، ئۇيۇشتۇرۇش ئىشىدا ئۇيغۇرلار باشلامچىلىق رولىنى ئويناشقا باشلىغان. ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ياغلاقار ۋە ئادىز قەبىلىلىرى ئىلگىرى-كېيىن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ يېتەكچىسى سۈپىتىدە پائالىيەت قىلغان. غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرى زامانىسىغا كەلگەندە ئومۇمىي مىللەت ئۇقۇمىنى كۈچەيتىش بەدىلىگە ياغلاقار ۋە ئادىز قەبىلىلىرى باشقا قەبىلىلەرگە سىڭىشىپ، ئۆز نامىنى قايتا تەكرارلىمايدىغان ھالەتكە ئۆتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر، جۈملىدىن «توققۇز ئوغۇز» دىن ئىبارەت ئېتنىك نامى پۈتكۈل ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئورتاق مىللىي نامى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. ۋەھالەنكى، دىنىي ئېتىقادتىكى پەرق تۈپەيلىدىن، قاراخانىيلارنىڭ تېررىتورىيىسىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بىر مەزگىل «تۈرك نامىنى قوللانغان. مەھمۇد كاشغەرىمۇ بۇ نامنى كەڭ مەنىدە بارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەرنى ئىپادە قىلىشقا قارىتىپ، تار مەنىدە «ئۇيغۇر» قەبىلىلىرىنى ئىپادە قىلىشقا قوللانغان. «ھۇدۇدۇلئالەم» دىكى بايانلار ۋە كاشغەردىن تېپىلغان قاراخانىيلار دەۋرىگە مەنسۇپ ۋەسىقىلەردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا[147] كاشغەر تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى قاراخانىيلار سۇلالىسى قۇرۇشتىن ئىلگىرىلا «ئۇيغۇر» ياكى «توققۇز ئوغۇز» نامىنىمۇ ئىشلىتىۋەرگەن. ھەتتا، توققۇز ئوغۇز نامى ئاستىدىكى خەلقلەر خوتەنگىچە يېيىلىپ ياشىغان. كاشغەر تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى قاراخانىيلار سۇلالىسى قۇرۇشتىن ئىلگىرىلا «ئۇيغۇر» ياكى «توققۇز ئوغۇز» نامىنىمۇ ئىشلىتىۋەرگەن. ھەتتا، توققۇز ئوغۇز نامى ئاستىدىكى خەلقلەر خوتەنگىچە يېيىلىپ ياشىغان.

5) قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى
غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، شۇڭا، «كلاسسىك مەدەنىيەت» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن دېيىشكە بولىدۇ. بۇنى ئېلىمىز ۋە چەت ئەل ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرىدا ئاللىبۇرۇن تەكرار قەيت قىلىپ ئۆتكەن. مەسىلەن، ئەنگلىيىلىك ئالىم ئا. ستەين «ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيادىكى باشقا تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرگە قارىغاندا مەدەنىي ھاياتقا خېلى بۇرۇنلا قەدەم قويغانىدى»[148] دېگەن سۆزنى ئېيتقان بولسا، فرانسىيىلىك شەرقشۇناس ر. گروسېت ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ «مەدەنىيەت ئۇستازلىرى» دىن بولۇپ كەلگەن[149]، فرانسىيىلىك يەنە بىر ئالىم خامىلتونمۇ «… ئۇيغۇرلار IX ئەسىردىن باشلاپلا يۇقىرى مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان… ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشقا ئەگىشىپ، XIII ئەسىردىن ئىلگىرى، ئۇلار ئەمەلىيەتتە باشقا تۈركىي، موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ ‹مەدەنىيەت پېشۋالىرى› دېگەن ئاتاققا ئىگە بولۇپ قالغان» دەپ ھېسابلىغان[150]. ئۇنداق بولسا ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «كلاسسىك مەدەنىيەت» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى قايسى ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەنزۇ ئالىمى لى يوڭ مەملىكەتلىك تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇغان «ئۇيغۇرلار: تارىخىي شانۇ شەۋكەت ياراتقان مەرىپەت ئۇستازلىرى» ناملىق ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى ئۈلگىلىك مەدەنىيىتى (1) يېزىق قوللىنىش ۋە تارقىتىشى، (2) ئەدەبىي تىلنى غەربكە تارقىتىش، (3) مەتبەئەچىلىكنى غەربكە تارقىتىش، (4) ياراتقان تارىخىي مەدەنىي ھۆججەتلىرىنىڭ موللۇقى، (5) دىنىي مەدەنىيەتنى تارقىتىش، قاتارلىق بەش نۇقتا ئارقىلىق شەرھلەپ ئۆتكەن[151].
غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىرقانچە نۇقتىغا بۆلۈپ سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن:
① ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكى ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇشى يۈكسەلگەن. شىمالىي يايلاق قىر-سەھرالىرىدا ياشىغان تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلەر داۋامىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكى ئاساسلىقى كۆچمەن ئىگىلىك بولۇپ، ئۇلار پۈتۈن ھاياتىنى ئوت-چۆپ، سۇ قوغلىشىپ، چارۋا توپىغا ئەگىشىپ، كۆچۈپ يۈرۈپ، كىگىز ئۆيلەردە ئۆتكۈزگەن. تۈرك خانلىقى زامانىسىغا كەلگەندىمۇ كۆپچىلىك تۈركىي تىللىق قەبىلىلىرى بۇ ئادەتنى تاشلىمىغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشى، مۇقىم ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتۈشى، شەھەر ھاياتىغا كۆنۈشى باشقىلاردىن بۇرۇن بولغان. بۇ توغرۇلۇق رۇسىيىلىك ئالىم ئا. ي. ياكوۋىسكى ئۇيغۇرلارنىڭ «زور كۆپچىلىكى باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە قارىغاندا بۇرۇنراق تۇراقلىق دېھقانچىلىق ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ئۇلار شامان دىنىنى باشقىلارغا قارىغاندا بۇرۇنراق تاشلاپ دەسلەپتە مانى دىنىنى، كېيىن بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلغان. ئۆز يېزىقىنى باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە قارىغاندا بۇرۇنراق يارىتىپ جۇڭگو بىلەن ماۋەرائۇننەھر ئارىلىقىدا ئولتۇراقلاشقان خەلقلەر ئىچىدىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلقلەردىن بىرى بولۇپ قالغان.» دەپ يازغان[152].
تارىخ بىزگە خېلىلا مول ماتېرىياللارنى قالدۇرغان. ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ كۆپ ئەسىرلەر ئىلگىرى موڭغۇل يايلاقلىرى ۋە ئالتاي تاغلىرى ساھىلىدىن تەڭرىتاغلىرى ۋادىسى، يەتتەسۇ، پەرغانە، تارىم ئويمانلىقلىرىغا سۈرۈلۈپ كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن باشقا دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنى يۈرۈشلەشتۈرگەنلىكىنى بىلمەك تەس ئەمەس. مەسىلەن، يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، دىڭلىك قەبىلىلىرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى I ئەسىردە يەتتەسۇ ۋە ماۋەرائۇننەھر رايونىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان. قەدىمكى دىڭلىڭلارنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادى بولغان ئېگىز قاڭقىللار مىلادىيە V ئەسىرلەرگە كەلگەندە ئاۋۇزلۇ ۋە ئىنىسى چوڭچىنىڭ باشچىلىقىدا جۇڭغار ۋە تۇرپان ئويمانلىقى ئەتراپىدا ئۈنۈملۈك پائالىيەت قىلغان ۋە تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جەم بولۇپ، ئېگىز قاڭقىللار خانلىقىنى قۇرغان ھەم تارىم بوستانلىقىدىكى قەلئەلىك خانلىقلارغا ئەسكەر چىقارغان. بۇ خانلىق ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 487 — 541- يىللار ئارىلىقىدا مەۋجۇد بولغان. ئېگىز قاڭقىللار جەمئىي ئالتە قەبىلە 高车六部))، 12 ئۇرۇققا高车十二姓) ) بۆلۈنگەن. ئالتە قەبىلە ئىچىدىكى «يۈەن خې – 袁纥» (On uygur) « «ئون ئۇيغۇر»، «ئوخۇ –乌护»»، ((Toguz uguz «توققۇز ئوغۇز» دېگەنلىك بولۇپ، بۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى قەدىمكى ئۇيغۇرلار回鹘) ) نىڭ ئاساسىي گەۋدە قەبىلىلىرى ئىدى[153]. شۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ شۇ چاغدا تەڭرىتاغ ئەتراپىدىكى دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە قاتناشقانلىقى ئالدىنقى شەرت بولۇپ، ئورقۇن، سېلىنگە دەريالىرى ۋادىسىنى مەركىزىي رايون قىلغان ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى 840- يىللارغا كەلگەندە مۇنقەرز بولغانىدى، پانتېگىن باشچىلىقىدىكى 15 قەبىلىنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىغا كېلىپ، تېز سۈرئەتتە يەرلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرىنى مۇستەھكەملىشى تېخىمۇ تەس ئىدى. دېمەك، قاراخانىيلار دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئاساسەن يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى. يەتتەسۇ، ماۋەرائۇننەھر ۋە كاشغەر، خوتەن بوستانلىقلىرى ۋە ئۇلارغا ئەۋزەل ئىكىنچىلىك مۇھىتىنى ياراتقانىدى. ئۇزۇن يىللىق دېھقانچىلىق ئەمەلىيىتى شۇ چاغدىن باشلاپلا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان. چارۋىچىلىق ئىگىلىكى قوشۇمچە ئىگىلىك بولۇپ قالغان، بۇ خىل ئەمگەك بىلەن قارلۇق، ياغما، چىگىل، ئوغۇز، توخسى قاتارلىق قەبىلىلەر شۇغۇللانغان بولۇپ، بۇ قەبىلىلەر بولسا يېزا ئىگىلىكىگە تېخى ماسلاشمىغانىدى. شۇڭا، بۇ قەبىلىلەر ئۇيغۇرلاردىن پەرقلىق ھالدا كۆچمەن تۇرمۇشنى ئاساس قىلغان.
② مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ كىتابىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدا «بەش شەھەر» ى بولغان دېگەن پىكرىنىڭ يىلنامىلىق ئارقا كۆرۈنۈشى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى IV ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا تۇتىشىدىغانلىقىنى بەك تەكىتلەپ كەتمىگەندىمۇ، ئۇيغۇر خانلىقى زامانىسىدا، يەنى بۇ خانلىق تېررىتورىيىسىدە نۇرغۇن شەھەرلەر قۇرۇلغان. مەسىلەن، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 2- ئەۋلاد خانى بايانچۇر تەختكە چىقىپ قىسقىغىنا بىرقانچە يىل ئىچىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قۇرغان شەھەرلەر ئىچىدە تۆت ئورۇندىكىسىگە «ئونغىن» («خانبالىق») ياكى «ئوردا ئونغىن» دەپ نام بېرىلگەن. بايانچۇرنىڭ ئوغلى ئىدىكىن تەختكە چىققاندىن كېيىنمۇ بىرقانچە جايدا شەھەر بىنا قىلىنغان. ھەتتا ئۇ قاتۇن-خانىشلارغا ئاتاپ «قاتۇنبالىق» ناملىق ئايىم-قىزلار شەھىرى سالدۇرغان. ئېگىز قاڭقىللار قەبىلىلىرى تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدا خانلىق تىكلەشنىڭ ئالدى- كەينىدە قوچو ئىلى 高昌国) ) تەۋەسىدىكى شەھەرلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، شىمالىي ۋەي سۇلالىسى دەۋرىدە خانلىق زېمىنىدا سەككىز شەھەر بولغان. شىمالىي جۇۋ خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە 16 شەھەرگە كۆپەيگەن. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە 18 شەھەرگە يەتكەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە 21 شەھەر بولغان. فون. لېكوك تەكشۈرۈپ نومۇر قويغان مانى يېزىقىدىكى بىر كەمتۈك ۋەسىقىنىڭ ئاخىرىدىكى «قوچو ئىلى ۋە 22 شەھەرنىڭ بەخت ھامىيسى» دېگەن جۈملىدىكى «22 شەھەر» قوچو ئېلىدىكى شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ چۈشىنىش لازىم، ئەلۋەتتە. مىلادىيە IV — VIII ئەسىرلەردە يەتتەسۇ، ماۋەرائۇننەھر ھەم كاشغەر بوستانلىقلىرىدا نۇرغۇن شەھەرلەر قۇرۇلغان. بۇلار قاراخانىي ئۇيغۇرلىرىنىڭ شەھەر ئېڭى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەشتە چوڭ رول ئوينايتتى، ئەلۋەتتە. ئومۇمەن قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەر تۇرمۇش چۈشەنچىسى ئۆز دەۋرىدىلا بارلىققا كەلگەن ياكى يېتىلگەن چۈشەنچە ئەمەس. ئۇنىڭ يىراق تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار. بۇلار بىزنىڭ يېتەرلىك دىققەت-ئېتىبارىمىزنى قوزغىشى كېرەك.
③ ئۇيغۇرلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودا-تىجارەت ئىشلىرى مەخسۇسلىشىش ۋە كەسىپلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىشى ئىلگىرى باشلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى تۈرلۈك يېمەك-ئىچمەك تۈرلىرىنى تەييارلاشتا، تۆت پەسىلگە مۇۋاپىق، ئەمگەك ۋە باشقا مەشغۇلاتلارغا ماسلاشقان، ئەر-ئاياللىق، ۋە تەبىقە پەرقىگە ئىگە كىيىم-كېچەكلەرنى تىكىشتە، بىناكارلىق قۇرۇلۇشىدا، زىبۇزىننەت، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساشتا ئۆز ماھارىتىنى نامايان قىلغان. تارىختىن بېرى ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىچكى جەھەتتىكى تۇرمۇش ۋە ئېستېتىك ئېھتىياجىنى قامداپ قالماستىن، بەلكى تاشقى ئالماشتۇرۇش، سودا ئىشلىرىدا يېتەرلىك ماددىي ماتېرىيال بولغان.
ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر خانلىقى زامانىسىدىلا يىپەك يولىدىكى سودا-تىجارەت ئىشلىرىدا ئاكتىپ ۋە يېتەكچىلىك رول ئويناشقا باشلىغان. تارىخقا قىزىققۇچىلارغا شۇ نەرسە بەش قولدەك ئايدىڭكى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇر خانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى ئات-يىپەك سودىسى بەك مەشھۇر بولغان. ئەسلىدىكى كېلىشىم بويىچە، ھەر يىلى ئۇيغۇرلار 1000 ئات تاپشۇرسا ئات بېشىغا 40 توپ يىپەك مال ئالماشتۇرۇشقا پۈتۈشۈلگەن بولسىمۇ، بەزىدە ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان ئات 10-20 مىڭغا يەتكەن[154]. ئۇيغۇرلار يىپەك-ئات سودىسىدا غايەت زور پايدا ئالغان. ئۇلار مەركىزىي جۇڭگو رايونىدىن ئاتقا تېگىشىپ كەلگەن يىپەك مال، چاي ۋە باشقا بۇيۇملارنى ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىپلا قالماي، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى جايلارغا ئېلىپ بېرىپ ئۇنىڭ بەدىلىگە تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلات ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار شۇ مەزگىللەردە ئىنتايىن تېز روناق تاپقان. گابائىن خانىم قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارەتچىلىكى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇيغۇرلار سودا ئىشلىرى بىلەنمۇ ئۇزۇن شۇغۇللانغان (بۇ ھال شۇ چاغدا خەنزۇلارنى ناھايىتى ھەيران قالدۇراتتى)، سودا ئىشلىرى ئۇلارغا زور پايدا كەلتۈرەتتى. ئۇلارنىڭ يىراقتىكى مىللەتلەرنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىگە ۋە تاۋارغا بولغان تەلىپىگە نىسبەتەن سەزگۈرلۈكى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى»[155] دەپ ئېيتقان بولسا، رۇسىيىلىك مۇئەللىپ گ. ۋېرنادىسكىي «مەركىزى ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى تارىخىدا سىياسىي جەھەتتە ياكى مەدەنىيەت جەھەتتە بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ رولى بەك چوڭ بولدى. جۇڭگودىن باشلىنىپ كاسپىي دېڭىزغا قەدەر سوزۇلغان سودا يولىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى تىزگىنلەپ تۇرغان ئۇيغۇرلار جۇڭگو بىلەن ھىندى-ئىران مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىشىغا كۆپ جەھەتلەردە ۋاسىتىچىلىك قىلدى[156] دەپ يازغان. ئومۇمەن، ئۇيغۇرلار مەيلى موڭغۇل يايلاقلىرىدا بولسۇن، مەيلى تەڭرىتاغ يامزاللىرىدا ياشاپ تۇرغان چاغلىرىدا بولسۇن سودا-تىجارەتنى ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ مۇھىم بىر ساھەسى سۈپىتىدە تۇتقان. سودا ۋاسىتىسى بىلەن قوشنا خەلقلەردىن يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى ئىدىيىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە بۇ خىل يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى ئىدىيىنى قوشنا دۆلەتلەرگە تارقىتاتتى[157].
④ تېبابەتچىلىك. بۇ ئىنسانلارنىڭ تەن ساقلىقىنى ئاسراش ۋە ئۆمۈرىنى ئۇزارتىشقا زۆرۈر ۋاسىتىچىلىك رول ئوينايدىغان ئۈنۈملۈك كەسىپ. شىنجاڭدا روھىي ۋە ماددىي ۋاسىتىلەر بىلەن كېسەل ئازابىنى يەڭگىللىتىشنىڭ ئامالىنى ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرىدىلا بىلگەنلىكىنى ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللار ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. ئۇيغۇرلار غەربىي يۇرتتا ياشىغان قەدىمكى ئەجدادلارنىڭ ئەمچىلىك ئىشلىرىغا ئاۋانگارتلارچە ۋارىسلىق قىلغان ۋە راۋاجلاندۇرۇشىغا كۈچ چىقارغان. غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرى دەۋرىدە ئۇيغۇر ئەمچى-ئاتاساغۇنلىرى پەرەز ۋە كۆڭۈلدە بوداپ كېسەل داۋالاشتىن رېتسېپ يېزىپ، تەجرىبە توپلاپ، كىتابتا يېزىپ نەزەرىيىۋى بىلىملەر ئاساسىدا بىمارلارنى كېسەل ئازابىدىن يەڭگىللىتىش سەۋىيىسىنى ياراتقان. 1000 يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇرلار يازغان تېببىي ئىلىمغا ئائىت ئەسەرلەر ساقلىنىپ قالغان. 1000 يىل بۇرۇن سېھىرگەرلىك، پېرىخونلۇق بىلەن داۋالاش دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان چاغدا، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەرخىل تەبىئىي ماددىلار (ئۆسۈملۈك، ھايۋان، كان ماددىلىرى) نى دورا قىلىپ ئىشلىتىپ، كېسەلنى داۋالاش چارىلىرىنى ئىزدىگەنلىكى، ھەتتا داۋالاشنىڭ ۋاقتى، دورىلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە مىقدارى ھەمدە مۇددىتىگىمۇ ئېتىبار بەرگەن ئەھۋاللار يېزىلغان. بۇ ماتېرىيالدىن ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ خېلىلا بۇرۇن تاكامۇللاشقان بىر تېبابەت بولۇپ شەكىللەنگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تۇرپاندىن تېپىلغان تېبابەتچىلىك ماتېرىياللىرىنى ئۆگىنىپ كەلگەن تۈركىيىلىك دوكتۇر ئا. سۇھەيىل ئۇنۋەر قوچو ئۇيغۇرلىرىنىڭ تېبابەتچىلىك ساھەسىدىكى نەتىجىلىرىگە باھا بېرىپ «يالغۇز ئىلىم ساھەسىدىلا ئەمەس، تېبابەتچىلىك ساھەسىدىمۇ زور تەسىرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەسىرداش مەدەنىيەتلەر ئىچىدە ھەر جەھەتتىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېرپاننى، ئىلىمنى، تېبابەتچىلىكنى ئاسىيادا ئۇيغۇرلار مۇھاپىزەت قىلدى»[158]، دەپ يازغان.
غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار تەبىئىي پەن ۋە تېبابەتچىلىك ساھەسىدە يەنە ئاسترونومىيە، كالېندارلىق، ۋە گۈزەل سەنئەت-رەسساملىق، ھەيكەلتاراشلىق، نەققاشلىق قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلار قولغا كەلتۈرۈلگەن.
⑤ ئۇيغۇرلاردا مىللىي ئاڭ ۋە مىللەت چۈشەنچىسى ئۇيغۇر خانلىقى زامانىسىدىن باشلاپ روشەن ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان. تۈركىي تىللىق قوۋم-قەبىلىلەر ئىچىدە «ئۇيغۇر» دېگەن ئېتنىك نامى ئەڭ بۇرۇن تونۇلغان. «ئوغۇزنامە» دە ئوغۇزخاننىڭ ئۆزىگە ئەگەشكەن يادرو قەبىلىسىنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتىغانلىقى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىلا مىللىي نام بولۇش شەرتىنى ھازىرلاش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئىلگىرىكى چاغلاردا «ئۇيغۇر» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مەھمۇد كاشغەرى ئېيتقان زۇلقەرنەيىننىڭ مىلادىيە IV ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چارىكىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلىش سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن دەپ چۈشىنىپمۇ كەلگەنىدۇق. ۋەھالەنكى، يەنە بەزى ئالىملار يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك ئۇنىڭ ئېلىمىزنىڭ شياڭ سۇلالىسى (تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى XVI ئەسىردىن تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1066- يىللار) نىڭ دەسلىپىدە ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىنىڭ شىمالىدا پائالىيەت قىلغان «گۇيفاڭ» 鬼方) ) دىكى «گۇي» بىلەن مەنىسىنىڭ ئوخشاشلىقىنى، «گۇي-گۇر-ئوگۇر» غا تەڭ ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرمەكتە[159]. شۇنداق بولغاندا «گۇر-ئوگۇر» نىڭ «غۇر-ئوغۇز-ئۇيغۇر» غا تەڭ ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ بەزى تىلشۇناسلارنىڭ «ئوغۇز-ئۇيغۇر» نامى ئالتاي تىللىرى دەۋرىدىلا بار بولغان دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئىلمىي[160] پەرەز ئىكەنلىكىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇيغۇر قەبىلىلىرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى III ئەسىرلەردە «دىڭلىڭ» نامى ئاستىغا ئۇيۇشقان بولسىمۇ، لېكىن مىلادىيە V ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىن باشلاپلا «ئون ئۇيغۇر» (خەنزۇچە «袁纥» دېگەن قەبىلە ئېگىز قاڭقىللارنىڭ 6 قەبىلە، 12 ئۇرۇقىغا يېتەكچىلىك قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇ دەۋردىلا «توققۇز ئوغۇز» (خەنزۇچە护骨» ») لارمۇ ئېگىز قاڭقىللارنىڭ 6 قەبىلىسى ئىچىدە يىرىك بىر قەبىلە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان. مانا شۇنىڭدىن باشلاپ توققۇز ئوغۇز، ئون ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ يادرو قەبىلىسى يەنى ئاساسىي گەۋدە قەبىلىلىرى سۈپىتىدە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تارىخىنى مۈرىنى-مۈرىگە تىرىگەن ئاساستا يارىتىشقا كىرىشكەن. ئۇيغۇر خانلىقى غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرى دەۋرىدە «ئۇيغۇر»، بەزىدە «ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇزلار» نى يادرو قىلغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئورتاق مىللىي نامى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان بولسا، بەزىدە «ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز» ناملىرىمۇ پاراللېل ھالدا، گاھى يەككە، گاھى قوش شەكىلدە ئىشلىتىلىۋەرگەن. غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرىدىن كېيىن «ئۇيغۇر» نامى بىر پۈتۈن مىللىي نام سۈپىتىدە قوللىنىپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە ئىشلىتىپ كېلىنمەكتە. «ئۇيغۇر» نامىنىڭ تارىخىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يىلتىزىنىلا ئەمەس، بەلكى شەكىللىنىش جەريانىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار مەيلى يادرو قەبىلىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خانلىق تىكلىسۇن، مەيلى قېرىنداش ۋە قوشنا قوۋم-مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا پائالىيەت قىلسۇن ئۆزلىرىنىڭ خاسلىقىنى ساقلاپ، مىللىي ئالاھىدىلىكىنى مۇستەھكەملەپ كەلگەن. ياشاش روھىنى سۇسلاشتۇرمىغان، مىللىي مەدەنىيىتىنى داۋاملىق بېيىتىپ، ئىزچىللىققا كاپالەتلىك قىلغان.
⑥ ئۇيغۇرلاردىكى كىشىلىك قاراش، جەمئىيەت قارىشى ۋە ئاسترونومىيە ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىدە، ئېتىكىلىق ئەخلاق قاراشلىرىدا خاس ئىدىيە ۋە سىستېمىلىق تەپەككۇر ئەندىزىسى يىراق ئەسىرلەرنى مەنبە قىلغان ۋە مىللەتنىڭ ئورتاق پەلسەپىۋى قارىشى بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرىلىرىدا دۇنيانىڭ ماددىدىن پەيدا بولغانلىقىنى قىياس قىلغان، ئۇنى ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىن ئىبارەت «تۆت تادۇ» چۈشەنچىسى بويىچە ئىزاھلىغان. ئادەملەرنى تەبىئەتنىڭ مەھسۇلى دەپ بىلگەن، تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش ئادەملەرنىڭ ئەمگىكى ۋە ئەقىل-پاراسىتى سەۋەبىدىن ئىشقا ئاشىدۇ، دېگەن قاراشنى يېتىلدۈرگەن. ئەمگەك ۋە قەھرىمانلىقنىڭ رولىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. بىلىم ئارقىلىق قۇت-بەختكە ئېرىشكىلى بولىدۇ، دېگەن ئېتىكىلىق ئەخلاق نورمىسىنى داۋاملاشتۇرغان ھەم ئۇنى مىللەتنىڭ ئەخلاق قارىشىنىڭ يادروسى قىلغان.

7) تىل ۋە ئەدەبىيات
(1) قاراخانىيلار دەۋردىكى ئەدەبىي تىل — خاقانىيە تىلى ۋە «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ تىل مەسىلىسى
قاراخانىيلار دەۋرىدە ھۆكۈمران قەبىلە ئۇيغۇر قەبىلىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئۆز زامانىسىنىڭ ئەدەبىي تىلى ئىدى، جۈملىدىن كاتتا ئەدەبىي ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ تىلىنى تەكشۈرگەن نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى، مەسىلەن، رۇسىيە ئالىملىرىدىن ۋ. ۋ. رادلوف (1837-1957)[162]، ئە. ر. تىشىف[163]، ئا. ن. كونونوف[164]، قازاقىستان ئالىمى ئۇ. مەمەتاخونوف[165]، ئېلىمىز ئالىملىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن[166]، گېڭ شىمىن، ۋېي سۈيى[167]، شىرىپىدىن ئۆمەر[168]، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئەھمەد زىيائى، مەمتىمىن يۈسۈپ[169]، خاۋ گۇەنجۇڭ، جاڭ خۇڭچاۋ، لى يوڭ[173]، مىرسۇلتان ئوسمانوف، خەمىت تۆمۈر، ئامىنە غاپپار[174]، ليۇ زىشاۋ[175] قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىدە بۇ نۇقتىنى روشەنلەشتۈردى.
ئەمما، بەزىلەر ئىلىمغا ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بولمىغانلىقى، يەڭگىللىك بىلەن ئىش كۆرگەنلىكى، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا غەرەزلەرنىمۇ مۇناسىپ كۆرگەنلىكى سەۋەبلىك «قۇتادغۇبىلىك» تىلىنى بىردە «چىگىل تىلى»[176]، «قارلۇق تىلى»[177]، «قارلۇق ئۇيغۇر تىلى»[178] دېسە، يەنە بىردە ئورتاق «تۈرك تىلى» دا يېزىلغان دېيىشىدۇ، ئايرىملار بولسا، قارلۇق-قىپچاق ئارىلاشما تىلى دەپ كلاسسىفىكاتىسىيىلەشتۈرىدۇ[179]. بۇ خىل قاراشلار يەككە قاراش بولۇپ، ئۇلارنى ئىسپاتلايدىغان يازما ھۆججەت يوق. يەنى قەدىمكى زامان تارىخىدىن قارلۇق تىلى، چىگىل تىلى، قارلۇق-قىپچاق تىلىدا يېزىلغان بىرەر پارچە ھۆججەت يوق. دېمەك، بۇ خىل قاراش تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەس. يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، قارلۇق بىلەن چىگىللار قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر ئىكەنلىكى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئاساسىي قەبىلە ئەمەس ئىدى، ئۇلار تۈركىي تىلدا سۆزلەشسىمۇ، لېكىن تۈركىي تىلنىڭ قايسى شېۋىسىدە سۆزلىشىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، بۇنىڭغا يازما پاكىتمۇ يوق. مەھمۇد كاشغەرى كىتابىدا بىرنەچچە سۆزگىلا «قارلۇقچە، چىگىلچە» دەپ يەشمە بەرگەن بولۇپ، بۇ سۆزلەر بىر پۈتۈن قارلۇق ياكى چىگىللارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىنى ھازىرلىيالمايدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىمۇ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئاساسلىق مىللەت تىلى بولۇش شەرتىنى ئادا قىلالمايدۇ. مەھمۇد كاشغەرىمۇ بۇ تىللار توغرۇلۇق بىرەر ئېنىق ئۇچۇر بەرمىگەن. شۇنداق ئىكەن، كېيىنكى زاماندىكى بەزى ئالىملار قوللىنىپ كەلگەن «قارلۇق ئۇيغۇر تىلى» دېگەن نام تۈركىي تىللار تەتقىقات ساھەسىدە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. بۇنى يەنىلا «ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئاتاش ئورۇنلۇق قاراش.
تىل مەسىلىسىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رولىنى تارىخشۇناسلار تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئىلمىي يەكۈن چىقارغان. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تۈرك خانلىقى دەۋرىدە تۇنجى قېتىم بىر قاتار تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ ئورتاق تىلى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن تىل ئاساسىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان. ئۇيغۇرلار تۈركىي تىللىق خەلقلەر تارىخىدا قەدىمكى تۈرك تىلىنى بىۋاسىتە يازما ھۆججەتلەردە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا ساقلاپ قالغان. بەزى ئالىملار تۈرك خانلىقى دەۋرىدىكى ھۆججەتلەر ئوغۇز تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىن پەرقلىنىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ، ئوغۇزلارنىڭ جۈملىدىن قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تارىخىنى چوڭقۇر بىلمىگەنلىكى ۋە قەدىمكى تۈركىي تىللىرىنى پىششىق تەتقىق قىلمىغانلىقىنىڭ ئىنكاسى. بىرقانچە فونېما پەرقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا قەدىمكى تۈركىي تىلى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرىسىدا پرىنسىپلىق پەرق يوق. بۇ ھەقتە ئېلىمىزنىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناسى پروفېسسور گېڭ شىمىن ئەپەندى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلغاندىن كېيىن «ئەمەلىيەتتە تۈرك خانلىقى دەۋرىدىكى ‹كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى›، ‹بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى›، ‹ئونگۈن مەڭگۈ تېشى›، ‹كۆلچور مەڭگۈ تېشى› قاتارلىقلار تىل جەھەتتە ئۇيغۇر خانلىقىغا مەنسۇپ مەڭگۈ تاشلار بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق»، «‹تۇنيوقۇق مەڭگۈ تېشى› نى غوبى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھۆججەتلىرى دېيىشكە بولىدۇ»[180]، دەپ ئېنىق كۆرسەتكەنىدى. نېمە ئۈچۈن ئىلىم-پەن ساھەسىدە شۇنداق قارىلىدۇ. بۇنىڭ ئىككى خىل سەۋەبى بار. ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى زاماندىكى مەشھۇر ئالىمى پروفېسسور لىن گەن ئەپەندىنىڭ قارىشىنى مىسال قىلىمىز: «كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى» ۋە «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» دا «توققۇز ئوغۇز بۆدۇن كەنتۇ بۆدۈنۈم ئەرتى» (توققۇز ئوغۇزلار ئەسلىي ئۆز خەلقىم ئىدى) دەپ يېزىلغان. بۇ تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قارىشى. نۆۋەتتىكى ئەڭ ئىشەنچلىك قاراش. ئۇيغۇرلار بىلەن تېلىلارنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسىغا ئاساسلانغاندا، قەدىمكى ياكى ئاشنا تۈركلىرى يەنى كۆك تۈركلەر بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇرلار بىر ئوخشاش قەۋم回纥与突厥同族) ) بولۇپ، تۈركلەرنىڭ تېلىلارغا مەنسۇپلۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. دېمەك، ئۇلار تېلىلارنىڭ بىر تارمىقى[181]، يەنى ئاشنا تۈركلىرى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئېتنىك كېلىپ چىقىش جەھەتتە تېلىلارغا، تېلىلاردىن دىڭلىڭلارغا تۇتىشىدۇ؛ تۈرك خانلىقى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىنكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تەقدىرى — ھاكىمىيەت ئورنىدىن چۈشۈپ قېلىپ، خانلىق سەلتەنىتىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر قىسىم تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر مەركىزىي جۇڭگو رايونىغا بېرىپ تاڭ سۇلالىسىگە تەۋە بولغان، بىر قىسمى غەربكە كەتكەن. ئەمما، ئۇنىڭ يادرو قەبىلىلىرى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئۇيغۇرلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن. بۇ مەسىلىنى گېڭ شىمىن ئەپەندى مۇنداق چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن:
«‹تۇنيوقۇق مەڭگۈ تېشى› نىڭ تەۋەلىكى (يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن) ئوۋ ياڭشۈەننىڭ ‹گۋاجەي توپلىمى. قوچولۇق شې جەمەتىنىڭ شەجەرىسى› دىكى تونيوقۇق شې偰)) جەمەتىنىڭ ئەجدادى دېيىلگەن خاتىرىگە ئاساسەن تۈرك خانلىقىغا مەنسۇپ مەشھۇر ‹تونيوقۇق مەڭگۈ تېشى› نى غوبى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھۆججەتلىرى دېيىشكە بولىدۇ»[182]. ئۇنداقتا بولسا تونيوقۇق بىلەن شې جەمەتىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ نېمە ئۈچۈن «تونيوقۇق مەڭگۈ تېشى» نى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرى دەيمىز؟
خەنزۇ ئەدىب ئوۋ ياڭشۇەن 1358- يىلى «گۋاجەي توپلىمى»斋文集挂»玄殴阳) ) ناملىق كىتابىغا «قوچودىكى شې جەمەتىنىڭ شەجەرىسى» نى كىرگۈزگەن. بۇ نەسەبنامەدە قوچودىكى شې جەمەتىنىڭ 700 يىل جەريانىدىكى ئاساسلىق تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە شې جەمەتىنىڭ ئەجدادلىرى قوچودا ئۇزۇن يىللار ئولتۇراقلاشقان. ئۇلارنىڭ ئەسلىي ماكانى بولسا غوبى يايلىقىدىكى سېلىنگا偰辇) ) دەرياسى ساھىلىدىن ئىبارەت. بۇ جەمەتنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى تۇنيوقۇق بولۇپ، ئۇ تۈرك خانلىقى دەۋرىدە باش ۋەزىر بولغان، قىزى بوپۇنى تۈرك خانى بىلگە قاغانغا ياتلىق قىلغان. تۇنيوقۇق ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئاقسۆڭەك قەبىلە ئاشىد قەبىلىسىدىن، تۈرك خانلىقى مۇنقەرز بولغان چاغدا، قاتۇن بوپۇ بىر بۆلۈك قەبىلىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ، تاڭ سۇلالىسى تەۋەسىگە كەتكەن. تۇنيوقۇق بولسا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قېلىپ، ئۇلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. كېيىن ئوردىدا مۇھىم خىزمەت ئىشلىگەن. بەزىلەر ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە باش ۋەزىر بولغان دەپ قارايدۇ. «قوچودىكى شې جەمەتىنىڭ شەجەرىسى» دە «تۇنيوقۇقنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ باش ۋەزىرلىرىدىن بولۇپ كەلگەن» دېيىلگەن. ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ ئۇيغۇر خانلىقىدا تۇنيوقۇق جەمەتى باش ۋەزىر بولىدىغان بىر خىل ئەنئەنىۋى ئادەت شەكىللەنگەن. 840- يىللاردىن باشلاپ غوبى ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر قىسمى غەربىي جەنۇب، جەنۇب ۋە غەربكە كۆچكەندە، ئۇيغۇرلار بىلەن 100 يىلغا يېقىن بىرلىكتە ياشىغان. بۇ جەمەت تۇرپانغا كېلىپ، بۇ يەردە تىكلەنگەن قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ باش ۋەزىرلىرىدىن بولۇپ، يۈەن سۇلالىسى زامانىسىغىچە سەلتەنەت سۈرگەن. تۇنيوقۇق سېلىنگا دەرياسى ۋادىسىدا دەۋر سۈرگەن بولغاچقا ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ شان-شۆھرىتىدىن تولىمۇ سۆيۈنگەن. سېلىنگا دەرياسى خەنزۇچە 辇河»» (Xiejian he) دەپ ئاتالغان بولۇپ، يۈەن دەۋرىگە كەلگەندە تۇرپاندىن مەركىزىي جۇڭگو رايونىغا بېرىپ ھەرخىل مەمۇرىي ۋەزىپىلەردە بولغان بىر قىسىم تۇنيوقۇق ئەۋلادلىرى خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى بىلەن فامىلە قوللىنىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ مۇقەددەس يۇرتىدىكى دەريانىڭ نامىنىڭ بىرىنچى بوغۇمى 偰»» (Xie) نى جەمەتىنىڭ فامىلىسى قىلىپ تاللىۋالغان. تۇنيوقۇق جەمەتىنىڭ 700 يىللىق نەسەبنامىسى خاتىرىلەنگەن بۇ كىتابتىن مۇنداق بىر تارىخىي پاكىتنى بىلەلەيمىز، «قوچودىكى شې جەمەتىنىڭ شەجەرىسى» خاتىرىلەنگەن پاكىتتىن قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ئاشىد ۋە ئاشنا دىن ئىبارەت ئىككى يادرو قەبىلىسىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇرلارغا قېتىلىپ كەتكەنلىكىدەك ئەھۋالنى بىلىۋالالايمىز. دېمەك، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن تۈرك تىلىنىڭ ئوخشاشلىقىنىڭ تارىخىي يىلتىزى مانا مۇشۇنداق ئېتنىك مەنبەداشلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى بار. ئېتنىك جەھەتتىكى مۇنداق يېقىنلىق پەقەت قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن تۈرك قەبىلىلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە قويۇق كۆرۈلگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر، مەسىلەن، قىرغىز، تاتار، قازاق، ئۆزبېكلەرنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن بولغان تارىخىي ئالاقىنىڭ ئالامەتلىرىنى روشەنلەشتۈرىدىغان بىرەر تارىخىي مەنبەنىڭ يوقلۇقى بىلەن روشەن ھالدا سېلىشتۇرما بولالايدۇ.
تۈرك خانلىقى ۋە ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ تۈركىي تىل ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۆججەتلەردە بۇ تىلنىڭ قايسى تىلغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى ئېيتىلمىغان. پەقەت قوچو ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار دەۋرىگە كەلگەندىلا ئاندىن ئۇيغۇر تىلشۇناس، ئالىملار بۇ خىل تىلغا ئىسىم قويۇشتەك شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. مەسىلەن، قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە خاتىرىلەنگەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «مايتىرى سىمىت» ناملىق ئەسەردىكى بايانلارغا قارىغاندا، «تەڭرى بۆگۈ ئېل بىلگە ئارىسلان تەڭرى ئۇيغۇر خانى» ھۆكۈمرانلىقىدىكى «ئون ئۇيغۇر» خەلقىنىڭ تىلىغا «تۈرك تىلى» دەپ نام بېرىلگەن؛ ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇر تىلشۇناسى سىڭقۇ سېلى تۇتۇڭ بولسا ئىلمىي ئۇسۇلنى قوللىنىپ بۇ تىلنى «تۈرك ئۇيغۇر تىلى»، «تۈرك تىلى» دەپ ئاتىغان. تەرجىمىسى IX ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇرۇنراق ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ دەپ قارىلىپ كېلىنىۋاتقان[183]، «ئالتۇن يارۇق» («ئالتۇن ئۆڭلۈگ يارۇق يالتىرىغىغ قوپتا كۆتۈرۈلمىش نوم ئېلىگى ئاتلىغ نوم بىتىگ») نىڭ بىرىنچى جىلىدىنىڭ ئاخىرىدا تەرجىمان ئوچۇق ئىبارىلەر بىلەن «مەن تۈبۈت تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئەۋىردىم« (مەن تۈبۈت تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئۆرۈدۈم) دېگەن جۈملەر بار. بۇ بايانلار قوچو ئۇيغۇرلىرى ياكى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى «ئۇيغۇر» («تېرخىن مەڭگۈ تېشى»، «سۇجى مەڭگۈ تېشى»، «ئوغۇزنامە» ۋە باشقا ماتېرىياللارغا قاراڭ) ھەم ئۆزىنىڭ تىلىنى «ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئاتىغانلىقى ئايان بولىدۇ. مەھمۇد كاشىغەرىمۇ بۇ تىلنى «ئۇيغۇر تىلى» دېگەن نام بىلەن ئاتىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ تىلغا «ساپ تۈركچە» دېگەن ئېنىقلىمىنى بەردى. ئۇ يەنە قاراخانىي ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىنى شىمالدىكى ئۇيغۇرلىرنىڭ تىلىدىن شەكىل جەھەتتە پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن «تۈرك تىلى» دېگەن ئىسىمنى ئىشلەتتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «تۈرك تىلى» دېگەن نامنى ئىشلەتكەندىن باشقا «قۇتادغۇبىلىك» دە «بۇغراخان تىلى» ۋە «خان تىلى» دېگەن ئاتالغۇلار ئۇچرايدۇ. قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن شائىر ئەھمەد يۈكنەكى ھەققانىي ھالدا «كاشغەر تىلى» دېگەن نامنى قوللانغان.
يۇقىرىقىلاردىن تارىختا «تۈرك ئۇيغۇر تىلى» غا پەقەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئالىملارلا دەسلەپتە ئىسىم قويغان. بۇنداق ئاتاش تۈرك تىلى، ئورقۇن تىلى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى (قوچو ئۇيغۇر تىلى، قاراخانىي ئۇيغۇر تىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ سۆز تومۇرىلا ئوخشاش بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئاساسىي قىسمى ئوخشاش. تارىخقا نەزەر تاشلىساق، ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر خانلىقى زامانىسىدىلا بارلىق ئۇيغۇر قەبىلىلىرى، جۈملىدىن توققۇز ئوغۇز، ئون ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ھەممىسىگە چۈشىنىشلىك چوڭ بىر تىل بولۇپ قالغان. يىپەك يولى ئالاقىسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتقان. ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدىكى ھەرقايسى خەلقلەر مۇشۇ تىلنىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك رولى بىلەن شەرقتە قۇدرەتلىك تاڭ سۇلالىسى، تۈبۈتلىكلەر، غەربتە پارسلار ۋە ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن سودا، مەدەنىيەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئالاقىسى قىلىشقان. يۈز نەچچە يىل بىرلىككە كېلىش ۋە يۈكسىلىش جەريانىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئوڭايلا بىكار قىلغىلى بولمايدىغان ھالەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكى ئۇيغۇر تىلىنى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ يادرولۇق بىر ئىلمىي دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىپ، قەبىلىلەر پارچىلىنىپ كەتكەن ئاشۇ كۈلپەتلىك يىللاردا ئۇيغۇر تىلى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى قوچو ئۇيغۇرلىرى بىلەن قاراخانىي ئۇيغۇرلىرىنى بىر-بىرىگە مەھكەم باغلاپ تۇرىدىغان قېرىنداشلىق رىشتىسى سۈپىتىدە ئۆز رولىنى ئۇتۇقلۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى بۇ ئىككى خانلىق تەۋەسىدە ياشىغان ئاساسىي قوۋملارنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە يەنە بىر قاتلام مۇھىم ئېتنىك تەركىب بولۇپ، زېمىن ھازىرلىغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
گېپىمىزنىڭ ئورامىغا كەلسەك مىلادىيە IX—XIII ئەسىرلەردە، قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئىككى خىل ئەدەبىي تىلنى قوللانغان، يەنى بۇ ئۇيغۇر (قوچو ئۇيغۇر) ئەدەبىي تىلى بىلەن قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئەدەبىي تىلىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەدەبىي تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلغان، بۇنى ئادەتتە شىمالىي قىسىم ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ؛ قاراخانىيلار سۇلالىسى ئەدەبىي تىلى كاشغەرنى مەركەز قىلغان ھالدا قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە قوللىنىلغان، بۇنى جەنۇبىي قىسىم ئۇيغۇر تىلى دەپمۇ ئاتاشقا بولىدۇ. ئىككى خىل ئەدەبىي تىل قوللىنىش دائىرىسى جەھەتتىن جەنۇب ۋە شىمال تەرەپكە ئايرىلسىمۇ، ئەمما ئاساسىي ئالاھىدىلىك جەھەتتە ئورتاقلىققا ئىگە، روشەن پەرقى كۆرۈلمەيدۇ، پەقەت ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىككى خىل ئەدەبىي تىلى بولۇپ ئايرىلىپ قالغانلىقى مەسىلىسىلا مەۋجۇد[184]. قاراخانىيلار ئەدەبىي تىلى بىلەن قوچو ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئوخشاش بولۇشىدىكى سەۋەبى نېمە؟ بۇ ھەقتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تىلشۇناسى ن. ئا. باسكاكوفنىڭ مۇنداق بىر قارىشىنى ئەسكە ئېلىش مۇۋاپىق دەپ قارايمەن: «تىل تەرەققىياتى جەريانىدا ھەربىر تىل نەسەب جەھەتتىن ئالدىنقى ئەۋلاد تىلىنىڭ بىر سابىق دىئالېكتى ياكى ئالدىنقى ئەۋلاد تىلىنىڭ بىۋاسىتە ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاشۇ ئالدىنقى ئەۋلاد تىلىغا تەۋە بولىدۇ ھەمدە گرامماتىكىلىق قۇرۇلۇشى ۋە لېكسىكا ئاساسىنىڭ ئەڭ تۇراقلىق ئېلېمېنتلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەزكۇر تىل بىلەن ئالدىنقى ئەۋلاد تىلى ئوتتۇرىسىدا بۆلۈنۈشلەر ھەم پەرقلەرمۇ بولىدۇ. تىلنىڭ تۇراقلىق ئېلېمېنتلىرى ۋە ۋارىس تىلىدىكى ئالدىنقى ئەۋلاد تىلىغا نىسبەتەن پەيدا بولغان ئۆزگىرىشلەر مەزكۇر تىللار گۇرۇپپىسىنىڭ پۈتكۈل تەرەققىيات مۇساپىسىنى خېلى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا ھەمدە تىللارنىڭ ئايرىم پاكىتلىرى ۋە ھادىسىلىرىگە قاراپ، بۇ گۇرۇپپىدىكى ھەممە تىللارنىڭ ئەسلىدىكى بىرلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا ئىمكانىيەت بېرىدۇ»[185]. بۇ قاراش بويىچە بولغاندا، ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن ئاشۇ خانلىق تەۋەسىدىكى ئاساسلىق قەبىلىلەر ئاساسىدا قۇرۇلغان قوچو ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسى تېررىتورىيىسىدە بىر خىل ئەدەبىي تىلنىڭ قوللىنىلىشى يەنى ئىككى خىل ئەدەبىي تىلنىڭ ئوخشاش بولۇشى ئىنسانلارنىڭ تىل تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن.
ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىككى خىل ئەدەبىي تىل ئوتتۇرىسىدا زادى پەرق يوقمۇ، پۈتۈنلەي پەرق يوق دەپ ئېيتىش ئىلىم-پەنگە ئۇيغۇن ئەمەس، ئەلۋەتتە مەلۇم پەرق بار. ئىككى خانلىق ئۇزۇن مۇددەت دىن جەھەتتە قارىمۇ قارشى ھالەتتە تۇرغان بولغاچقا بىردىنبىر تىل ئالاقىسى قىلىدىغان چاغدا مۇئەييەن توسالغۇ بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشاش بولمىغان تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان بولغاچقا، جەنۇب بىلەن شىمالدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا چەكلىگىلى بولمايدىغان پەرق كېلىپ چىققان. بۇ دېمىسىمۇ چۈشىنىشلىك بىر مەسىلە.
مەيلى جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي تىلى بولسۇن، مەيلى شىمالدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي تىلى بولسۇن، بىر پۈتۈن ئەدەبىي تىل سۈپىتىدە يالغۇز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇش تارىخىدا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ قالماستىن، بەلكى باشقا بەزى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان. بۇ توغرۇلۇق «سوۋېت چوڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى» (4- توم، 1956- يىلى نەشرى، 58- بەت) دە ئېنىق ھالدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي تىلى مەركىزىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە مەدەنىيەت ئالاقىلىشىش تىلى بولۇپ كەلدى» دېگەن بايانى بىلەن تۈركىيىلىك مەشھۇر ئالىم شەمسىدىن سامى ۋە ئەھمەد زەكىلەرنىڭ مۇشۇ مەزمۇندا ئېيتقان بايانلىرى مىسال بولىدۇ.
ئومۇمەن، «مايتىرى سىمىت»، «ئالتۇن يارۇق»، «ئىككى تېگىن ھېكايىسى»، «شۇەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى»، «دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئاممىباب ھۆججەتلەر» ۋەكىللىكىدىكى شىمالىي قىسىم ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى ھۆججەت، ۋەسىقىلەر بىلەن «دىۋانۇلۇغاتىت تۈرك»، «قۇتادغۇبىلىك» ۋەكىللىكىدىكى جەنۇبىي قىسىم ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى ھۆججەتلەر قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەر تەرەپلىمە خۇسۇسىيەتلىرىنى تولۇق ئىپادە قىلغان كلاسسىك ئەسەرلەر بولۇپ ئۇلار، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ سىستېمىلىق يازما ھۆججەتلىرى سۈپىتىدە داڭلىقتۇر. چاغاتاي تىلى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئۇنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋارىسى، جۈملىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنى بۇ تىلنىڭ ھەقلىق ئىگىسى. باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا پەقەت ۋاسىتىلىك ھالدا ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
(2) ئەدەبىيات. بىر مىللەتتە يازما ئەدەبىياتنىڭ مەيدانغا كېلىشى بەلگىلىك ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. تەتقىقاتچى لاڭ يىڭ خانىم مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق بىر ئۇلۇغ ئەسەر ئوخشاشلا دەۋرنىڭ مەھسۇلى. غايەت زور داۋالغۇش ۋە چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى بېشىدىن كەچۈرگەن ھەر قانداق بىر دەۋر گىگانت ئەسەرلەرگە موھتاج بولىدۇ.»
ئۆلمەس ئەسەر ‹قۇتادغۇبىلىك› ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس ياكى تاسادىپىي ھالدا يارىلىپ قالغان ئەمەس. ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى مۇئەييەن باسقۇچقا يېتىپ بارغانلىقىنىڭ مەھسۇلى. ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان داڭلىق ئەسەر»[186].
مىلادىيە IX ئەسىر ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەت تارىخىدا مۇھىم بىر بۇرۇلۇش بولغان ۋاقىت ئىدى. يەنى ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرز بولۇپ غوبى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى كەڭ كۆلەملىك كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە غەربكە كۆچكەن قەبىلىلەر شىمالىي شىنجاڭ، يەتتەسۇ، ماۋەرائۇننەھر، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئەسلىدە بار ئۇيغۇر قەبىلىلىرى باشقا تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر، ئارىيانلار، توخارلار، سوغدلار ۋە شىنجاڭ تەۋەسىدە ياشاپ تۇرغان خەنزۇلار بىلەن بىرلىشىپ يېڭى بىر ئىجتىمائىي ۋە مىللىي گەۋدىنى يەنى قەبىلىلەر بىرلەشمىسىنى ئاساس قىلغان ئىپتىدائىي قەبىلىلەر ئىتتىپاقى تۈزۈمى باسقۇچىدىن ئوتتۇرا ئەسىردىكى فېئودال مىللەت شەكلىدىكى بىر تارىخىي دەۋرگە كىرىپ كەلدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق قوۋملار ئىچىدە ئۇيغۇرلار فېئوداللىق مىللەت شەرتىنى باشلامچى بولۇپ ئورۇنلاپ، ئۆزىنىڭ يېڭى بىر تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشلىغان. بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مۆجىزىلەرنىڭ يارىتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ۋاسىتە قىلغان ئەدەبىياتى ئورقۇن ۋادىسىدىلا چاپچىپ تۇرغان ئاتقا ئوخشاش تېزلىكتە يۈكسىلىشكە شەرت ھازىرلىغان. لېكىن، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بولسا كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگۈدەك دەرىجىدە گۈللەنگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىلى نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشقا پۇختا مۇمكىنچىلىكلەرنى تەييارلاپ بېرىۋاتاتتى. غوبى ئۇيغۇرلىرى شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن بۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىدىن يۇقىرى بىلەن مەدەنىيەت ھادىسىسىنىڭ خرىسىغا دۇچ كەلدى. ئەمما، جاسارەتلىك، ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە غايىلىك ئۇيغۇر مىللىتى بۇ خىل يۈكسەك مەدەنىيەت ئالدىدا تەمتىرەپ ياكى يەم بولۇپ كېتىش ھېسسىياتىدا بولماستىن، بەلكى ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ، يايلاقتىكى چەۋەندازلاردەك مەغرۇرلۇقىنى ساقلىغان ھالدا ھەم ئۇزۇن يىللىق بوستانلىقتىكى قوۋملارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەنلىكىدەك ئىلغار ئىدىيە ۋە كەڭ قورساقلىقنى نامايان قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقتە تاڭ سۇلالىسى، غەربتە ئىران، ئەرەبىستان، جەنۇبتا ھىندىستانغا ئوخشاش مەدەنىيەتلىك ئەللەر بىلەن قويۇق دوستانە ئالاقە قىلىش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتەك بىر قاتار ئامىللار قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پسىخىكىسىدا «ئۆزىنى مەغرۇر تۇتۇپ، ئاستىرتىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش» تەك روھى مۇستەھكەملەنگەن. ئۇلار شىنجاڭنىڭ روناق تاپقان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت باغچىسىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق باغۋەنلىرى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن بۇ گۈلزارلىقتىكى مەرىپەت گۈللىرىنى ئۈششۈتۈپ قويماستىن، بەلكى ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلدى، ئۆزلىرى مۇھاپىزەت قىلىپ ئېچىلدۇرغان خۇشپۇراق گۈللەردىن ھۇزۇرلاندى ھەم تېخىمۇ كۆركەم مەرىپەت گۈللىرىنى ئېچىلدۇرۇپ، ئۆز دىيارىنى كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگۈدەك چىمەنزارلىققا ئايلاندۇرۇشقا ئىرادە تىكلىدى.
غەربىي ئۇيغۇرلىرىنىڭ يادرو قەبىلىلىرى IX ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىنجاڭغا كېلىشتىن ئىلگىرى قوچو، كۈسەن، كاشغەر، ئۇدۇن قاتارلىق جايلارنى مەركەز قىلغان ھەر قايسى بوستانلىقلاردا مول مەزمۇنلۇق رەڭگارەڭ ئەدەبىيات بەرق ئۇرۇپ تۇرۇۋاتاتتى. مەيلى دىن مەزمۇنىدىكى ئەدەبىيات، مەيلى ئاممىباب ئەدەبىيات يەنى ئۆرپ-ئادەت ئەدەبىياتى بولسۇن ئومۇمىي خەلقنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىدى. تەرجىمە ۋە ئۆزلەشتۈرمە ئەدەبىياتتىن باشقا، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازغۇچىلار ئەدەبىياتى ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا ئوخشىمىغان دەرىجىدە يېقىنلاشقان. بۇ يەرلەردىن پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى، بولۇپمۇ تىل-ئەدەبىيات، تەرجىمە، شەرھشۇناسلىق ساھەسىدە مەشھۇر ئالىملار ئۆتكەن. كوماراجىۋا، فۇتۇدىڭ، سىكساناندالارنى ھېسابقا ئالمىغاندىمۇ، قاراخانىيلار سۇلالىسى قۇرۇلۇشتىن سەل ئىلگىرىلا سۇلې خانلىقىدا چوڭ ئالىم خويلىن، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوخشىنغا ئوخشاش كاتتا ئالىملار ياشىغان.
دەل قاراخانىيلار سۇلالىسى قۇرۇلغان چاغلاردا خانلىقنىڭ ھۆكۈمران قەبىلىلىرى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە تىجارىتى يۈكسەلگەن، شەھەرلىشىش جەمئىيەتنىڭ مۇھىم بىر يۈزلىنىشى بولۇپ قالغان بىر ئۇلۇسقا جەمئىيەتنىڭ مۇھىم بىر يۈزلىنىشى بولۇپ قالغان بىر ئۇلۇسقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ بىر بالداق يۈكسەلدۈرۈشتەك يۈكسەك مەجبۇرىيەتنىمۇ تارىخىي يوسۇندا ئۈستىگە ئالغان.
غەربىي ئۇيغۇرلىرى شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن قۇرۇلغان قوچو ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسى IX ئەسىردىن XIII ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر 400 يىلغا يېقىن ۋاقىت مەۋجۇد بولۇپ تۇردى. بۇ يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئۇچقاندەك راۋاجلاندى. 400 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى ھەم دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەتتىكى گۈللىنىشى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پۈتۈن شەرق دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى[187].
مەدەنىيەت ھادىسىسى ئىدېئولوگىيە كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپ. ھالبۇكى، ئىدېئولوگىيە يەنە ئىقتىسادىي بازىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىمۇ ئىقتىسادىي گۈللىنىشنىڭ ئىپادىسى. قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ئەل فارابى، جەۋھەرى، مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق مەشھۇر ئالىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى بولۇپمۇ «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مەيدانغا كېلىشى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش شەرتىنى ھازىرلىغانلىقىنىڭ، ئىجتىمائىي ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە يۈكسىلىپ، پۇختا، سىستېمىلىق مەدەنىيەت، مەنىۋى ئاساسى ياراتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئۇ ھەرگىزمۇ ئىپتىدائىي قەبىلىلەرنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادىي بازىس ۋە ئىپتىدائىي تەپەككۇرىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. بۇ بىر روشەن پاكىت، «قۇتادغۇبىلىك» ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتىدا تۈركىي تىللىق قوۋملار ئىچىدە پەقەت ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدىلا بارلىققا كېلىش مۇمكىنچىلىكىنى ھازىرلىغان نادىر ئەسەر. يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن بىر قاتار مەسىلىلەردىن باشقا، ئۆز زامانىسىدا ئۇيغۇرلار يەنە ھۆكۈمران ئىدېئولوگىيە بولغان دىن مەدەنىيىتىنىڭ تۈپ نېگىزى ۋە ئەمىر مەرۇپلىرىنى ئىگىلەپ، جارى قىلدۇرۇشتا، قانۇن-تۈزۈم ۋە ئەل-يۇرت باشقۇرۇش ئىشلىرىدا، باج-مالىيە، پۇل-مۇئامىلە كەسپىدە ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەپەككۇر پائالىيەتلىرىدە ئۆزىنىڭ پىشقان ۋە سىناقتىن ئۆتكەن مول تەجرىبىلىرىگە ئىگە ئىدى. ئۆز زامانىسىدا «غەربىي يۇرت مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى«[188] (جۇ چىڭباۋ سۆزى) بولۇپ قالغانلىقى ھەرگىز ئەجەبلىنەرلىك ياكى غەلىتىلىك ئەمەس.

8) يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد كاشغەرى
(1) يۈسۈپ خاس ھاجىپ
«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ «B مۇقەددىمە» 57- بېتىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «تەكتى ياخشى نەسەبتىن» دېگەن جۈملە ۋە «قۇتادغۇبىلىك» تە «خاس ھاجىپ» قانداق بولۇشى كېرەك دېگەن مەسىلىگە بېرىلگەن مۇپەسسەل ئۆلچەملەردىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ھۆكۈمران قەبىلە ئۇيغۇر قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېيتقان «ياخشى نەسەب» لىك جەمەت قاراخانىيلار سۇلالىسى تەۋەسىدىكى ئاساسىي مىللەت ۋە ھۆكۈمران قوۋم ئۇيغۇر بولۇپ، قانداقتۇر يەنە باشقا بىر قەبىلىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، فېئودال قەبىلىچىلىك تۈزۈمىنى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا ئەسىر خانلىقى قاراخانىيلار سۇلالىسىدە ھۆكۈمران قەبىلە بولغان ئۇيغۇر قەبىلىسىدىن باشقىسىنىڭ ياخشى — «ئېسىل نەسەبلىك» بولۇشى ئەقىلگە سىغمايدۇ. شۇنداقلا «ماھىر ئەر، كىشىلەرنىڭ سەرخىلى»، «تۈرلۈك پەزىلەت ۋە پاراسەت بىلەن بېزەلگەن ۋە خۇشال ئۆتكەن»، «توغرىلىقى، ھۆرمىتى ۋە خۇداكۇيلۇقى سەۋەبىدىن تەقۋادار، بىلىملىك، پاك ئۆتكەن»، «سۆزگە ماھىر» بۇ ئادەمنىڭ پادىشاھقا كىتاب تەقدىم قىلىپ، «خاس ھاجىپ» نامىنى ئېلىپ ھەم پادىشاھ تەرىپىدىن قەدىرلىنىپ، «مۇكاپات ئېلىپ، قەلەم ھەققى ۋە ئەقىل-پاراسىتى ئۈچۈن ھۆرمەتلىنىپ» پادىشاھقا «تېخىمۇ يېقىنلىشىشى» (قۇتادغۇبىلىك»، «B مۇقەددىمە») مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. بولۇپمۇ، شائىر داستانىنى تاماملاپ، قاراخانىي پادىشاھىغا تەقدىم قىلغاندىن كېيىن تابغاچ قارا بۇغرا خاقان مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن شائىرغا «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» (نەسرىي مۇقەددىمە 72-، نەزمىي مۇقەددىمە 82- بېيتلار) ئۇنۋانى بەرگەنلىكى شائىرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بەلگىلىشىمىزگە ۋاسىتىلىك ماتېرىيال بولۇشى كېرەك. دەرۋەقە، كېيىنكى بېيتلەردە بۇ سۆزگە «ئۇلۇغ» دېگەن سۆز قوشۇلۇپ، «ئۇلۇغ خاس ھاجىپ» يەنى بارلىق ساراي ئەھلىلىرىنىڭ باشلىقى دەپ ئاتالغان.
بۇ ئۇنۋاننى ئالغان كىشىنىڭ دەرىجىسى ۋە ئىمتىيازى داستاندا «ۋەزىپىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ نازۇك ۋەزىپە ھاجىپلىق ۋەزىپىسىدۇر» (2524 — 2435-، 2484- بېيتلار) دەپ كۆرسىتىلىدۇ. «ھاجىپلىق ئۈچۈن ئونلىغان پەزىلەت بولۇشى كېرەك؛ ئۆتكۈر كۆز، دىڭ قۇلاق، سېخىي كۆڭۈل، كۆركەم چىراي، كېلىشكەن قامەت، گۈزەل قىياپەت، شېرىن سۆز، ئەقىل-ئىدراك، بىلىم» دېيىلىدۇ (2487 — 2488- بېيىتلار).
ئۇلۇغ خاس ھاجىپ — ئەلىگنىڭ كۆرەر كۆزى. ئۇ قانۇنلار ۋە قائىدە-يوسۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدۇ، ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، كاتىپلار، ھۈنەرۋەنلەر ۋە خەزىنىچىلەرنى باشقۇرۇىدۇ. رەسمىي مۇراسىملارنىڭ، زىياپەتلەرنىڭ تەشكىللىنىشىنى كۆزىتىدۇ، كەمبەغەللەر، تۇل خوتۇن-يېتىم ئوغۇللارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى ئاڭلايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئەلىگكە دوكلات قىلىدۇ، ۋەھاكازالار…
بۇنداق خىزمەتلەرنى خان جەمەتى ۋە قەبىلە ئاقسۆڭەكلىرى ئىچىدىن چىققان ئېسىلزادىلەر قىلىشقا تېگىشلىك.
«قۇتادغۇبىلىك» دە ئۆز زامانىسىنىڭ رېئال ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن. مۇتەپەككۇر شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش، قايتا قۇرۇش ۋە بىر بالداق يۈكسەلدۈرۈش مەقسىتىدە بىر قاتار غايىۋى ئارزۇ-ئۈمىد ۋە تەلەپلىرىنى چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرلەر ۋە جانلىق، تىپىك بەدىئىي ئوبرازلار ۋاسىتىسى ئارقىلىق روشەن سۈرەتلەپ بەرگەن. «قۇتادغۇبىلىك» دە بۇ ئىككى خىل يۆنىلىشلىك كۆز قاراشنىڭ ئىجتىمائىي مەنىۋى ئاساسىي سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي قاراشلىرى قويۇق ۋارىسلىق قىلىنغان ئاساستا، ئاڭلىق ۋە مەقسەتلىك ھالدا ئىپادە قىلىنغان. يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىش مۇساپىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن خېلىلا بىرلىككە كەلگەن ۋە سىستېمىلاشقان كىشىلىك قارىشى، ئالەم قارىشى ۋە پەلسەپىۋى قاراشنى شەكىللەندۈرگەن. بۇلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي ئىدىيىۋى قارىشى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان. «قۇتادغۇبىلىك» دە ئىپادىلەنگەن بۇ خىل قاراش كۆپ لىنىيە ۋە كۆپ تارماقلاردىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە بارلىق ھاياتنىڭ ئاساسى بولغان تەبىئەتنى سۆيۈش، تەبىئەت دۇنياسىدىكى كۈللى جانلىقلارنىڭ سەرخىلى ئىنساننى سۆيۈش، ئىنساننىڭ زورىيىشى ۋە قۇدرەت تېپىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى ئەمگەكنى قەدىرلەش، ئەقىل ۋە پاراسەتنىڭ غايەت زور دەرىجىدە قويۇقلاشقان جەۋھىرى — بىلىم-ھېكمەتنى ئۇلۇغلاش، مېھنەت ۋە بىلىم ئارقىلىق ئىنسان ھاياتىدا يېتىشكە تېگىشلىك رېئال تۇرمۇشتىكى بەخت (قۇت)، بۇنداق بەختتىن بىر مەزگىل لەززەتلىنىش بىلەن كۇپايىلەنمەي، ئۇنىڭدىن ئۇزۇنغىچە ھۇزۇرلىنىش، پەيزىنى سۈرۈش ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەھمىيىتى دېگەنگە ئوخشاش ئاكتۇئال مەسىلىلەر جانلىق، ئوبرازلىق ۋە روشەن ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مۇبادا قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇشۇ مەسىلىلەردە بىرلىككە كەلگەن سىستېمىلىق ئىدىيىۋى قاراش بولمىغان بولسا ئىدى، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي ئىدىيىۋى سىستېمىسى مۇنچىلىك دەرىجىدە مۇكەممەل ۋە سىستېمىلىق بولمىغان بولاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىدىيە، پەلسەپىۋى قاراشلىرى ئۇزاق تارىخنى بويلاپ، ئىزچىل زورىيىپ كەلگەنلىكى، ئوتتۇرا جۇڭگو، ھىندىستان، ئەرەب، پارس ۋە گىرىك مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئېسىل تەركىبلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ بارغانلىقى، ئۆز زامانىسىدا پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىگە ئورتاق ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدە خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن ھەقلىق يوسۇندا ۋارىسلىق قىلىنغان «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئىبارەت بۇ قامۇس خاراكتېرلىك ئەسەردە بېيىتىلىپ، سىستېمىلاشتۇرۇلۇپ، دەستۇر تۈسىنى ئالغان ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان.
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن كېيىنكى تارىخىدا ئۆتكەن بىر قاتار ئالىم، مۇتەپەككۇرلىرى ۋە شائىر، يازغۇچىلىرى ئىچىدە «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك تەسىرىگە ئۇچرىغانلىرى ياكى «قۇتادغۇبىلىك» نى كۆرگەن ياكى كۆرمىگەنلىرى بولسۇن يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى ھەرخىل ئۇسلۇب ۋە يول بىلەن ئەكس ئەتتۈرمىگەنلىرى يوق دېيەرلىك. بۇ نۇقتا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەلسەپىۋى قاراشلىرىنىڭ يىراق تارىخى بىلەن يېقىنقى زامان تارىخىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇشتا مەركىزىي باغلىغۇچىلىق رول ئوينىغان كاتتا مۇتەپەككۇر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
(2) مەھمۇد كاشغەرى
مەھمۇد كاشغەرى «دىۋانۇلۇغاتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە «… مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زېرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن.» (I توم، 2-، 3- بەتلەر) دەپ يېزىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان قەبىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىدۇ.
بىرمۇنچە ئالىملار، بولۇپمۇ ئۆمەلژان پرىتساك مەھمۇد كاشغەرى «دىۋان» ىدا «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزگە بەرگەن ئىزاھاتىدا (I توم، 152- بەت) «تۈرك ئەللىرىنى سامانى ئوغۇللىرىدىن قايتۇرۇۋالغان بوۋىمىزنى ‹خەمىرتېگىن (ئەمر تېگىن) دەيدۇ» دېگەن سۆزىگە ئاساسەن ئىبنى ئەل ئاتھرنىڭ قاراخانىيلار جەمەتى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىنى دەلىل كەلتۈرۈپ، ھىجرىيە 389- يىلى (992- يىلى) بۇخارانى ئالغان ئەبۇل ھەسەن ھارۇن ئىبنى سۇلايمان خوتەننى ئالغان يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوغلى مۇھەممەد بۇغراخان مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بوۋىسى ئىكەنلىكىنى، مۇھەممەدنىڭ چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن ئىبنى مۇھەممەد مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىنى، «ئارىسلان ئىلىك» دېگەن ئۇنۋان بىلەن ھىجرىيە 488 — 449- (مىلادىيە 1057 — 1056) يىللىرى بارىسغان ئەمىرى بولۇپ تۇرغان ۋە «شەمسىد دۆلەت ئارىسلان ئىلىك» دېگەن نام بىلەن شۇ دەۋردە سوقتۇرۇلغان ئاقچىلار مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن تەرىپىدىن سوقتۇرۇلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قاراخانىيلار خان جەمەتىدىكى ئورنى ئىلمىي يوسۇندا ئىسپاتلاپ چىقىلدى.
مەھمۇد كاشغەرىنىڭ تولۇق نامى — مەھمۇد ئىبنى ئەل ھۈسەيىن ئىبنى مۇھەممەد ئەلى كاشغەرى تەخمىنەن مىلادىيە 1020- يىللىرى كاشغەرنىڭ غەربىدىكى ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىق كەنتىدە تۇغۇلۇپ، تەخمىنەن 1117- يىللىرى يەنە شۇ يېزىدا ۋاپات بولغان. ئۇ مىلادىيە 1072 — 1075- يىللىرى «دىۋانۇلۇغاتىت تۈرك» ناملىق ئۈچ جىلدلىق كىتابنى ئەرەب تىلىدا يېزىپ قالدۇرغان. يەنە «كىتابۇ جەۋاھىرىن نەھۋى فى لۇغەتىت تۈرك» ناملىق بىر ئەسەرنى يازغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەسەر ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس.
مەھمۇد كاشغەرى توغرىسىدا ئېلىمىزدە يېقىنقى 20 نەچچە يىل مابەينىدە كۆپ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن ئارتۇقچە چۈشەندۈرمىدۇق.

7. قىتانلار ۋە ئۇيغۇرلار

قىتانلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رولى
قىتانلار ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا ئاپىرىدە بولغان شەكىللەنگەن قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار شەرقىي غۇزلارنىڭ ئەۋلادى، بەزىلەر توڭغۇس تىپىدىكى خەلق دېسە، بەزىلەر موڭغۇل تىپىدىكى، يەنە بەزىلەر تۈركىي تىپتىكى قەبىلە دەپ قارايدۇ[189].
مىلادىيە IV ئەسىردە مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى خۇاڭخې دەرياسى (سارمورېن دەرياسى) ۋە توخې دەرياسى (لوخا دەرياسى) ۋادىلىرىدا قىتانلار بېلىقچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. قىتانلار تۈرك خانلىقى (552 — 744) كۈچەيگەن چاغلاردا ئۇلارغا بېقىنغان. تاشقى موڭغۇلىيىنى ئاساسىي بازا قىلىپ ئۇيغۇر خانلىقى (744 — 840) قۇرۇلغاندا قىتانلار ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا 100 يىلغىچە ياشىغان[190]. شۇ چاغدا ئۇيغۇر خانلىقى رۇسى糯思) ) دېگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارنى قىتانلارغا ھۆكۈمران قىلىپ ئەۋەتكەن. 840- يىللىرى ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن قەبىلىلەر تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ كەتكەن. قىتانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرى ئاغدۇرۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار موڭغۇلىيىدىكى ئورقۇن دەرياسى ساھىلىغا قايتىپ كەتمەي، ئاۋۋالقىدەكلا قىتانلار يېرىدە قېلىپ، قىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىغان. بىر مەزگىللىك ياشاش ۋە تىرىكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىر قەبىلە بولۇپ زورايغان ۋە بىر قانچە جەمەتكە بۆلۈنگەن، «شۇلۇ» بىر جەمەتنىڭ ئىسمى ئىدى. ئۇلار قىتانلارنىڭ خان جەمەتى بىلەن قۇدا-باجا بولۇشالايدىغان يۇقىرى ئىمتىيازنى مۇستەھكەملىگەن. شۇلۇ يولىدۇ خانىشنىڭ ئوغلى قىتانلارنىڭ تۇيزوڭ خانى بولمىش ياللۇغ دېگۇاڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ «خانىش (ئانىسى شۇلۇ يولىدۇنى دېمەكچى — نەقىلچىدىن) نىڭ جەمەتى چوڭ قېرى ئارچىنىڭ يىلتىزىغا ئوخشايدۇ، يۆتكەش مۇمكىن ئەمەس» («ئومۇمىي ئۆرنەك» 286- جىلد، «كېيىنكى خەن سۇلالىسىگە ئائىت خاتىرىلەرنىڭ بىرىنچىسى»،后汉纥»卷 286 «通鉴») » دېگەن.
«لياۋ سۇلالىسى تارىخى. خانىشلار تەزكىرىسى» دە مۇنداق دېيىلگەن: «تەيزۇڭنىڭ چۈن چىن خانىشى شۇلۇ ئۇرۇقىدىن، يوشۇرۇن ئىسمى پىڭ، ئەركىلەتمە ئىسمى يولىدۇ، ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى (مۇنۇلار). ئۇيغۇر رۇسى ۋەي نىڭ شېلىنى تاپقان، ۋېينىڭ (شېلى) جېنسى مېيلىنى تاپقان، جېنسى (مېيلى) پوگۇ مېيلىنى تاپقان، پوگۇ (مېيلى) يۇندى جياۋاڭ (لياۋتەيزۇ ياللۇغ ئاباگىنىڭ بوۋىسى يۇندىشى — نەقىلچىدىن) نىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن. ئۇلار قىتانلارنىڭ ئوڭ تەرەپ قەبىلىسىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن. بۆگۇنىڭ ئىسمى يۈەن بولۇپ، ياۋليەن ئۇرۇقىنىڭ ئاقساقىلى بولغان». دېمەك، شۇلۇ يولىدۇ مىلادىيە 879- يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى، يەنى تۆتىنچى بوۋىسى بولۇپ، ئارىلىقتا ئۈچ ئەۋلاد ئۆتكەن. ھەر بىر ئەۋلاد 30 يىلدىن ھېسابلانغاندا، بۇنىڭغا تەخمىنەن 100 يىل بولغان. يەنە بۇنىڭغا رۇسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈپ، يۆتكىلىپ ماكانلاشقان ۋاقتىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، ئومۇمەن شۇلۇ يولىدۇ خانىشنىڭ ئەجدادى قىتانلارغا بېرىپ ماكانلاشقان ۋاقتى مىلادىيە 750 — 760- يىللار ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ، دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ۋاقىت ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەڭ كۈچەيگەن چاغلىرى ئىدى. شۇلۇ يولىدۇ قىتانلارنىڭ دۆلەت قۇرغۇچى خانى لياۋ تەيزۇ — ياللۇغ ئاباگىغا ياتلىق بولغان. دادىسى يۈەن ياۋلىيەن قەبىلىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئازاگېزىسى (ئەمەل نامى — ئاتامان مەنىسىدە بولسا كېرەك) بولغان. ياللۇغ ئاباگى 907- يىلى خان دەپ ئاتالغاندا، ئۇ «زېمىن خانىش» دەپ ئاتالغان. شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەرنى توپلاپ، ھەربىي تەييارلىقلارنى ئىشلىگەن. 913- يىلى 3- ئايدا ئىنىسى لاگى ئاباگىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن. ئىسيانچىلار بىرقانچە قەبىلىلەرنى ئەگەشتۈرۈۋالغان بولغاچقا كۈچىمۇ خېلى زور ئىدى. بۇ ھالقىلىق پەيتتە ئاباگى ئالدىن يۈرەر قىسمىغا قوماندانلىق قىلىپ، لاگى قاتارلىقلارنى قوغلاش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلىنىدۇ. شۇلۇ يولىدۇ ئوردا مۇھاپىزەت لەشكەرلىرىگە قوماندانلىق قىلىپ، يىندىشى باشچىلىقىدىكى ئىسيانچىلارنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. يەنە ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىپ ئىسيانچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ئاباگى خانلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان تۇغ — سۇتۇقنى ۋە ئاباگىنىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن مىراس بولۇپ كېلىۋاتقان «قۇتلۇق چېدىرى» نى قايتۇرۇپ كېلىدۇ[191]. 916- يىلى ئاباگى (لياۋ تەيزۇ) قىتان قۇلدارلىرىنىڭ باش رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېڭى خانلىق تۈزۈمىنى تىكلەيدۇ، پادىشاھلىق نامىنى قوللىنىپ، «ئۆزىنى تەڭرى خان» دەپ ئاتايدۇ. خوتۇنى شۇلۇ يولىدۇغا «لاياقەتلىك، دانىشمەن زېمىن خانىش» ى دېگەن ئۇنۋاننى بېرىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ قىتان پادىشاھلىقىنىڭ ھەربىي، دۆلەت ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلارغا شۇلۇ خانىش قاتنىشىدىغان بولغان ۋە سىياسەت-تەدبىر بەلگىلىگەن.
ئۇ ئەقىللىق، باتۇر، ئەسكىرىي ئىشلارغا پىششىق بولغاچقا، يېڭىدىن تىكلەنگەن ئاباگى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئەسكىرىي تەييارلىقلارنى پۇختىلىغان. ئەينى چاغلاردا قىتانلارنىڭ ھەربىي تۈزۈمى روشەن مىللىي ئالاھىدىلىكلەرنى ساقلىغان. قەبىلىلەر ئاۋۋالقىدەكلا ھەربىي تەشكىلىي تۈزۈمنى ئاساس قىلغان. قىتان ئارمىيىسىنىڭ غوللۇق قىسمى پادىشاھنىڭ بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى زەربىدار قوشۇندىن ئىبارەت بولۇپ، ئاباگى بۇ قوشۇننى «پېشى قوشۇن» («پېشى» قىتانچە سۆز بولۇپ، قەيسەر، باتۇر دېگەن مەنىدە) ۋە «خاس قوشۇن» دېگەن قىسىملارغا بۆلگەن. «پېشى قوشۇن» «زېمىندىكى نادىرلاردىن تاللانغان» بولۇپ، 30 مىڭ چەۋەندازدىن تەشكىل تاپقان. «خاس» 属珊)) «ئەتىۋارلىق» دېگەن مەنىدىمۇ بولۇپ، بۇ شۇلۇ خانىش تەرىپىدىن تاللانغان 20 مىڭ چەۋەندازدىن تەشكىللەنگەن. ئەمەلىيەتتە «خاس قوشۇن» شۇلۇ خانىشنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىدا بولاتتى.
شۇلۇ يولىدۇ ئاساسىي قوشۇننى كونترول قىلىپ تۇرغانلىقتىن لياۋ تەيزۇ ئاباگى داڭشاڭ قەبىلىسىگە ھۇجۇم قىلغان، بۇ چاغدا سىرۋېيلارنىڭ خۇاڭ تو (سېرىق باشلار)، چوپۇ ئىككى ئۇرۇقى مەخپىي پىلان تۈزۈپ، قىتانلارنىڭ خان ئوردىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ. شۇلۇ خانىش خەۋەرنى تاپشۇرۇۋېلىپلا دەرھال قوشۇنلارنى تەرتىپكە سېلىپ، قەھرىمانلىق بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەن قوشۇنىنى تارمار كەلتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كەڭ قەبىلىداشلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.
شۇلۇ يولىدۇنىڭ قىتان خانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتلىرى سان-ساناقسىز. بۇنىڭ ئىچىدە 925- يىلى قىتانلارنىڭ شەرقىي بۇخەيگە يۈرۈش قىلىشىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. شۇ يىلى قىتان خانى ئاباگى، خانىش شۇلۇ يولىدۇ، شاھزادە باي، ئىككىنچى ئوغلى دىگۇاڭ قاتارلىقلار بىرگە بارغان. بۇ ئۇرۇش دەھشەتلىك بولۇپ، بۇ ئۇرۇشقا قىتانلار پۈتۈن ئەسكىرىي كۈچىنى توپلىغان. ئاخىرى قىتان قوشۇنى غەلىبە قىلغان. خانىش بۇ ئۇرۇشتا كۆپ ئەقىل كۆرسەتكەن.
926- يىلى 7- ئايدا لياۋ تەيزۇ ئاباگى بۇخەيلىكلەرنى مۇنقەرز قىلغاندىن كېيىن فۇيۇ دىيارىدا ئۆلىدۇ. ئاباگى ئۆلگەندىن كېيىن خانىش شۇلۇ يولىدۇ نايىب شاھ بولۇپ، خاقانلىقنىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئىشلىرىنى ئۆز قولىدا تۇتىدۇ. 927- يىلى 11- ئايدا ھەربىي ھوقۇقنى تۇتۇپ تۇرغان ئەمىر لەشكەر ياللۇغ دىگۇاڭ خانىش شۇلۇ يولىدۇنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا خانلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىدۇ. خانىش شۇلۇ يولىدۇ 953- يىلى 75 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى پۈتۈن ئوي-پىكرى قىتانلارنىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئارىلىشىپ، ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىش، ھالقىلىق پەيتلەردە تەدبىر بەلگىلەش بىلەن بولىدۇ. بۇنىڭغا مۇنداق بىر قانچە مىسال كۆرسەتسەكلا كۇپايە قىلىدۇ. خانىش ئاباگى ئۆلگەندىن كېيىن مۇرەككەپ زىددىيەتلەرنى يېڭىپ ۋە باشقا تېگىنلەرنى قايرىۋېتىپ ئۆزىنىڭ ئوغلى ياللۇغ دىگۇاڭنى خانلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلدۇردى، شۇ چاغدا ئاباگىنىڭ يەنە بىر ئوغلى ياللۇغ باي ھەم خانلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىشقا تېگىشلىك ئىدى. دىيلى قاتارلىق يۇقىرى ئابرۇيلۇق قىتان ئاقسۆڭەكلىرى ئۇنى قوللايتتى. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، خانىش دىيلىنى «شەرقىي قىتان خانىغا يان باستى» دېگەن پەرماننى چۈشۈرۈپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەيۋىسىنى يوقىتىپ، دىگۇاڭنىڭ ئورنىنى ئوڭۇشلۇق قوغداپ قالىدۇ. دىگۇاڭ تارىختا لياۋتەيزۇڭ دەپ ئاتىلىپ، 947- يىلىغىچە خان بولىدۇ. بۇ جەرياندا، خانىش ئوغلىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇشى جەھەتتە كۆپ مەسلىھەتلەرنى بېرىپ تۇرىدۇ. دىگۇاڭ ئۆلگەندىن كېيىن خانىش ئۆزىنىڭ يەنە بىر ئارزۇلۇق ئوغلى لىخۇنى خانلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلدۇرماقچى بولۇپ نۇرغۇن ھەرىكەت قىلىدۇ. ھەتتا لىخۇ بىلەن ئىككىسى سارمۇرىن دەرياسى بويىدا نۇرغۇن قوشۇن توپلاپ، ئۆكتىچى گۇرۇھ بىلەن ھەل قىلغۇچ ئېلىشماقچى بولىدۇ. ئەمما، قىتان ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئارىغا چۈشۈشى، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئالىي مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى سەۋەبلىك، چوڭ شاھزادە يوڭكاڭۋاڭ (بۇنىڭ ئانىسى باشقا، لىخۇ بىلەن دادا بىر) تەختكە ئولتۇرىدۇ ۋە لياۋشىنزۇڭ دەپ ئاتىلىدۇ.
لياۋ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاباگى خان دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا شۇلۇ خانىشنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقىنىڭ پاكىتى يەنە مۇنداق: «جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى» 6- توم، 68- بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خانىش شۇلۇ (يولىدۇ- نەقىلچىدىن) كۈنچىقىشتىكى جايلارنى ئىستېلا قىلىش جەريانىدا، ئەسىر ئالغان قۇللارغا يىكۈن ئايمىقىنىڭ گۇاڭيى ناھىيىسىنى قۇرۇپ بەرگەنىدى (ئۇ ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يايلىقى ئىدى). بۇ ئەسىرلەر شۇلۇ خانىشنىڭ ‹خۇسۇسىي قۇللىرىغا ئايلىنىپ قالغان› ئىدى». «پادىشاھ ۋە خانىشنىڭ قول ئاستىدىكى قىتان ئاقسۆڭەكلىرىنىڭمۇ ‹قارام› قوللىرى بولاتتى».
لياۋ سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ياللۇغ ئاباگى قىتانلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم ھەسسىلەرنى قوشتى. ئۇنىڭ ھوقۇق ئىگىلىشى قىتان ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلسىمۇ، ئەمما ئەينى تارىخىي شارائىتتا قىتان جەمئىيىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەت، شۇنداقلا قىتان خەلقىنىڭ قىزغىن ۋە ئورتاق ئارزۇسى ئىدى. لياۋ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىنىڭ شىمالىدىكى كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان كەڭ رايونلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، قىتانلارنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ قالماستىن، بەلكى خانلىق تەۋەسىدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقى ۋە ئارىلىشىشىنى ياخشىلىدى ۋە تېزلەتتى. ئاباگىنىڭ ئايالى شۇلۇ يولىدۇ تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يۈزلىنىشىنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ، باشتىن-ئاخىر خان بىلەن بىرگە بولدى. چارە-تەدبىرلەرنى بىرلىكتە تۈزدى. ئالدىنقى سەپتە بىللە جەڭ قىلدى، قىتانلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى قاتتىق ۋە دەھشەتلىك توساقلارنى باتۇرلارچە بۆسۈپ ئۆتۈپ، قىتانلارنىڭ سەككىز قەبىلىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تېزلەتتى. ئاباگى ئۆلگەندىن كېيىن، لياۋ سۇلالىسىنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن قەتئىي تەۋرەنمەي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ھەم ئىقتىساد، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى داۋاملىق ئىلگىرىلىتىۋەرگەن. پروفېسسور سۇ بېيخەي خانىشقا مۇنداق باھا بەرگەنىدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆچمەس تۆھپىدۇر، ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئۇ ئۇنتۇلمايدىغان مۇھىم ئايال سىياسىيون، ھەربىيشۇناس، بىر ئەۋلاد مەشھۇر ئاياللار سەھىپىسىنى ئاچقۇچى».

1) قىتانلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا خانلىق تىكلىشى ۋە ئۇيغۇرلار
بىز ئەمدى قاراقىتان — لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭغا قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پائالىيىتى توغرۇلۇق توختىلىمىز.
قوچو ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسى قاراقىتانلارنىڭ غەربكە سۈرۈلۈشى ۋە قۇدرەت تېپىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەدرىجىي ئاجىزلاشتۇردى. موڭغۇللارنىڭ باش كۆتۈرۈشى بىلەن قوچو ئىدىقۇتى، سىياسىي ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلدى (1211-يىلى)، قاراخانىيلارمۇ بۇ چاغلاردا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي سەھنىسىدىن غايىب بولغانىدى.
ئىككى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى ۋە موڭغۇللار باش كۆتۈرۈشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە شىنجاڭغا قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادا باشقا ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە ئوخشاش نۇرغۇن ئېتنىك تەركىبلەر ئۈزلۈكسىز زورايغانىدى. قاراقىتانلارنىڭ بۇ رايوننى غادىرۇسكۆل قىلىشى، بۇ خىل ئەھۋالنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى. شۇڭا، قاراقىتانلار ۋە موڭغۇللار دەۋرىدىكى يەتتەسۇ ھەم ماۋەرائۇننەھر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى يېڭىۋاشتىن بايان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
قاراقىتانلارنىڭ غەربىي رايوندا قۇرغان ھاكىمىيىتى خەنزۇچە ھۆججەتلەردە «غەربىي لياۋ دۆلىتى» دەپ ئاتالدى. بۇ دۆلەت مىلادىيە 1124- يىلىدىن 1211- يىلىغىچە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي رايونلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا، شۇنىڭدەك شەرقىي ئىران ئېگىزلىكىدە ھۆكۈم سۈرۈپ، بۇ رايونلاردا چوڭقۇر تارىخىي ئىز ۋە تەسىرلەرنى قالدۇردى.
بۇ دۆلەت مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش جەريانىدا قوچو ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسى بىلەن بىرلىكتە مەۋجۇد بولۇش، ئىتتىپاق تۈزۈش، بەيئەت قىلدۇرۇش، پارچىلىنىش، مۇنقەرز بولۇش، خانلىق سىستېمىسىدا ئالمىشىش يۈز بېرىش قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائىي، سىياسىي ھادىسىلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىر بۇ ئۈچ ھاكىمىيەت بىرلا ۋاقىتتا (مىلادىيە 1211 — 1212- يىللىرى) ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سياسىي سەھنىسىدىن ئايرىلدى.
بىز غەربىي لياۋ دۆلىتىنىڭ يەتتەسۇ ۋە ماۋەرائۇننەھر رايونلىرىدا ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ تۇرغان مەزگىللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشۇ ئورۇندىكى ئورنى ۋە پائالىيەت تەسىرىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈش ئارقىلىق، موڭغۇل دەۋرىدىكى خۇددى شۇ خىل ئەسلەشكە مۇقەددىمە ھازىرلاپ چىقىمىز.
قىتانلار يەتتەسۇ، ماۋەرائۇننەھر رايونلىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى بىر مەزگىل ئىگىلەپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن «ئۇيغۇرلار غەربىي لياۋ دۆلىتى چېگرىسى ئىچىدىكى ئاساسىي مىللەتلەرنىڭ بىرى»[192] بولۇپ قېلىۋەرگەن. چۈنكى، بۇ ئىككى مىللەت خەلقى تارىختىن بېرى ئۆزئارا دوستانە ئۆتۈپ كەلگەن، ئۇرۇش-تالاشمۇ قىلغان. بىر خانلىق تەۋەسىدە ھايات كەچۈرگەن.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قىتانلار ئۇيغۇرلارغا بېقىنغان[193]. قوچو ئۇيغۇر خانلىقى قىتانلار بىلەن سودا-ئالاقە، دوستانە مۇناسىۋەت ئورناتقان. غەربىي لياۋ دۆلىتى ئۇيغۇرلارغا ئۆز تەۋەسىدىكى ئاساسىي ئاھالە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى ھەرگىز ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. بۇنىڭدا بىرقانچە خىل سەۋەب بار. قىتانلار ئانا جەمەتتىن ئۇيغۇرلار بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار. يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك قىتان قاغانلىرى ئانا جەمەت تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە ئاساسلىقى ياللۇغ تاشىننىڭ قىتان قوشۇنلىرىنى باشلاپ، غەربكە سەپەر قىلىشىنىڭ دەسلەپكى مىنۇتلىرىدا قوچو ئۇيغۇر خانى بىلگە ئىززەت ئىكرام بىلەن كۈتۈۋېلىپ ئۆز ئېلىدىكى يولدىن بىخەتەر ئۆتكۈزۈپ قويغان. يەنە بىر جەھەتتىن، «ئۇيغۇرلارنىڭ… ماۋارائۇننەھردە ئولتۇراقلىشىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگىنىگە 300 يىلغا يېقىن ۋاقىت بولۇپ قالغان»[194]، يەنى ئۇنىڭدىن بۇرۇن پامېرنىڭ غەربىدىكى يەرلىك ئاھالە ئاساسەن ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن. بۇنىڭغا نۇرغۇن پاكىت كەلتۈرۈش مۇمكىن. بىز بەزى پاكىتلارنى باشتا سۆزلەپ ئۆتكەندىن باشقا يەنە خەنزۇچە ھۆججەتلەردىن جىن خانلىقى (1115 — 1234) نىڭ يىلنامىسى «جىن سۇلالىسى تارىخى»金史) ) دا پامېرنىڭ غەربىدىن كەلگەن سودىگەرلەر ئۆز يېرىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر قەۋمى (دىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان. «جىن سۇلالىسى تارىخى»، 121- جىلد «نيەن خەن گېنۇ تەزكىرىسى» دە «دادىڭ يىللىرى (1116 — 1198) نىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇرلاردىن ئىسلام移习览) ) قاتارلىق ئۈچ ئادەم غەربىي جەنۇبقىچە بېرىپ سودا-سېتىق قىلىشقا كېلىشكەنىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىدىكىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ زوكۇفەن (回纥邹括番部 چىگىل؟) قەبىلىسىدىكىلەردىن بولۇپ، تۇرىدىغان شەھىرى قۇزئوردۇ (بالاساغۇن) ئىكەن» دېيىلگەن.
ياللۇغ تاشىن غەربىي لياۋ قوشۇنلىرىنى باشلاپ، بالاساغۇنغا قاراپ ئىلگىرىلىگەندە، تېخى، شۇ مەزگىللەردە بالاساغۇننىڭ ھۆكۈمدارى قاراخانىيلارنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى[195]. جۇۋەينى «بالاساغۇن، موڭغۇللار قۇزبالىق دەيدۇ. بۇ رايوننىڭ ھۆكۈمدارى ئۆزلىرىنى ئافراسياپنىڭ ئەۋلادى دېيىشەتتى…»[196] دەپ يازغان. دېمەك، ياللۇغ تاشىن بالاساغۇنغا كىرگەندىن كېيىن ئافراسياپ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىشى بىلەن[197] بۇ ئورۇندا خان بولغان. دېمەك، مۇشۇ چاغدا بالاساغۇن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى ئۇيغۇرلار، قارلۇقلار ياشايدىغان يەر ئىدى.
ياللۇغ تاشىن يەتتەسۇ ئۆلكىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ سەمەرقەنت ۋە بۇخارانى ئىگىلىگەندىن كېيىن مەھمۇدخاننىڭ ئىنىسى تابغاچ ئىبراھىم III نى سەمەرقەنتنىڭ قاراخانى ئورنىغا تىكلەپ، ئۆزىگە قارام قىلىپ قويغان. يەنى ئۇ ماۋەرائۇننەھرگە بارغاندا ئۇ يەردە ئۇچراتقان ئاھالە ئۇيغۇر بولغان. مەسىلەن، «لياۋ سۇلالىسى تارىخى. تيەنزۇخان تەزكىرىسى» دە مۇنداق دېيىلگەن، «ياللۇغ تاشىن… غەرب تامان سەپەر قىلدى… لەشكەرلەر 10 مىڭ چاقىرىملاپ يول يۈرۈپ، نۇرغۇن ئەللەرنى بەيئەت قىلدۇردى. خۇراسان دېگەن يەرگە بارغاندا قاتتىق ئۇرۇش بولدى… قوشۇن سەمەرقەنتتە 90 كۈن تۇردى. خۇيخۇي — ئۇيغۇر回回) ) خانى كېلىپ بەيئەت قىلدى، نۇرغۇن سوۋغا-سالام تارتۇق قىلدى» دېيىلگەن. دېمەك، «بۇ يەردىكى ئۇيغۇر回回) ) لار ئەينى چاغدا غەربتە قارلۇقلار ئارىسىغا كەتكەن ئۇيغۇر [198]回鹘) ) لار ۋە يەرلىك مىللەتلەرنى كۆرسىتەتتى»[199]،[200].
يىغىشتۇرۇپ ئېيتقاندا، قاراقىتانلار غەربىي يۇرت بولۇپمۇ يەتتەسۇ ۋە ماۋەرائۇننەھر رايونىدا دۆلەت قۇرغاندا، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر، قارلۇق قاتارلىق قوۋملارنى ئاساس قىلىپلا قالماستىن، بەلكى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغاندىن باشلاپ نەچچە ئەسىر ئىزچىل يوسۇندا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرى ۋە خانلىق پايتەختى بولغان بالاساغۇن شەھىرىنى پايتەخت قىلىپ تۇرغان.
بۇ دۆلەت تېررىتورىيە جەھەتتە كەڭ دائىرىگە ئىگە مىللەت تەركىبى جەھەتتە كۆپ خىل بولۇشىغا قارىماي، يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەندەك، ئۇيغۇر قوۋملىرى ئۇ دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاھالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ دۆلەت تەركىبىدىكى تۈركىي تىللىق قوۋملار ۋە باشقا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەت، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ (چوڭ مىللەتنىڭ نامى بىلەن) «ئۇيغۇر»回纥) ) دەپ ئاتالغان[201]. يەنە دۆلەت ئىچىدىكى بۇ قوۋملار پەرقلەندۈرۈلۈپ «مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار» 没速鲁蛋回纥))، «ھىرات ئۇيغۇرلىرى» 遗里诸回纪))، «ھىندى ئۇيغۇرلىرى»回纥印都) ) دەپ ئاتالغان. دېمەك، ئەينى چاغدا «غەربىي لياۋ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ‹ئۇيغۇر خانلىقى›回纥国) ) دەپ ئاتالغان»[202].

8. موڭغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پائالىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار

غەربىي لياۋ دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئوتلاقلىرىدا موڭغۇل قوشۇنلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ رايون بىرقانچە ئەسىر موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ تەۋەسىدە بولدى. سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ ئالمىشىشى بىلەن ئۇلۇس-ئايماقلارنىڭ قۇرۇلمىسىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولدى. شۇڭا، بۇ مەزگىللەردىكى شىنجاڭغا قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا (ئاپتور بۇ يەردە يەتتەسۇ ۋە ماۋەرائۇننەھر رايونلىرىنى مۇشۇ نام بىلەن ئاتاپ تۇردى) دىكى ئۇيغۇر ئۇلۇسلىرىنىڭ ئەھۋالىنى يېڭىۋاشتىن بايان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
چىڭگىزخان كرولون دەرياسى بويىدا ئۇچۇم بولۇپ، ئەتراپقا كۆز تىكىۋاتقان مىنۇتلاردا قوچو ئۇيغۇرلىرىنىڭ خانزادىسى بارچۇق ئارتتېگىن، ئۇنىڭغا ھەۋەسلىنىپ، بەيئەت قىلىش ئىپادىسىنى بىلدۈردى. 1211- يىلى شەخسەن ئۆزى چىڭگىزخان ئوردىسىغا بېرىپ، چىڭگىزخانغا تاۋاپ قىلدى، چىڭگىزخان بارچۇق ئارتتېكىنگە نۇرغۇن سوۋغا-سالام ئىنئام قىلدى. 5- ئوغۇلىنىڭ قوبۇل قىلىشى بىلەن بىرگە قىزى مەلىكە ئەلئالتۇننى ياتلىق قىلىشقا ماقۇل بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، قوچو ئۇيغۇرلىرى بىلەن موڭغۇللار ئارىسىدا پەۋقۇلئاددە مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى[203].
قوچو ئۇيغۇر ئىدىقۇتىنىڭ چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلغان ۋاقتى دەل چىڭگىزخاننىڭ موڭغۇل ئىمپېرىيىسى سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى باشلىغان مەزگىل ئىدى. شۇڭا، ئۇ چىڭگىزخاننىڭ تارىخىي ھاياتىدا ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قوزغىغان پائالىيەتلەرگە — ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىران ئېگىزلىكىگە قىلغان ھەربىي يۈرۈشلىرىگە قاتنىشىشقا نائىل بولدى.
1219- يىلى، چىڭگىزخان يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننى باشلاپ، ئېرتىش دەرياسى بويىغا كەلگەندە، قوچو ئىدىقۇتى بارچۇق ئارتتېگىن 10 مىڭ كىشىلىك ئۇيغۇر قوشۇنىنى باشلاپ، موڭغۇل قوشۇنىغا قوشۇلدى. يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن سىر دەرياسى ۋادىسىغا يېتىپ بارغاندا، ئۇيغۇر قوشۇنى چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى چۇجىنىڭ قوماندانلىقىغا ئاجرىتىپ بېرىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇيغۇر قوشۇنى سىر دەرياسى سېپىدىكى سىگناخ قەلئەسى، يېڭى كەنت قەلئەسى قاتارلىق جايلاردا بولغان ئۇرۇشلارغا قاتناشتى.
موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرى ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ سىر دەرياسى ۋادىسىدىكى جەڭلەردە كۆرسەتكەن ئىپادىسىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، ئۇلارنى «ئىنتىزامى قاتتىق، ھەممە يەردە غالىب» دەپ مەدھىيىلىگەن[204].
سىر دەرياسى ۋادىسىدىكى ئاخىرقى جەڭ يېڭى كەنت جېڭى تۈگەپ، جۇجى قوماندانلىقىدىكى قوشۇن چىڭگىزخاننىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ خارەزم قەلئەسىگە يۈزلەنگەندە، ئۇيغۇر قوشۇنىنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنىپ، تۈركمەن قوشۇنى خارەزمگە كېتىۋېتىپ توپىلاڭ كۆتۈرگەنلىكتىن، ئۆز يۇرتىغا قايتىشقا رۇخسەت قىلىنغان ئۇيغۇر قوشۇنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئاخىرقى جەڭ بولغان خارەزم جېڭىگە قاتناشتۇرۇلدى. ئالتە ئاي داۋام قىلغان خارەزم جېڭىدە موڭغۇل قوشۇنىغا ئوخشاشلا، قاتتىق چىقىم تارتتى.
1220- يىلى، چىڭگىزخان ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئىران ئېگىزلىكىگە ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلغاندا، 10 مىڭ كىشىلىك ئۇيغۇر قوشۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا يېڭى ئاساسىي قوشۇن تەشكىللىدى. شۇنداق قىلىپ بارچۇق ئارتتېگىن قوماندانلىقىدىكى ئۇيغۇر قوشۇنى موڭغۇل قوشۇنى بىلەن بىللە ئىران ئېگىزلىكىگە كەلدى.
ئىران ئېگىزلىكىدە ئۇيغۇر قوشۇنى تولىنىڭ قوماندانلىقىدا بولۇپ، مەرۋى، نىشاپۇر، ئېلا قاتارلىق قەلئەلەردە ئېلىپ بېرىلغان جەڭلەرگە قاتناشتى[205].
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، قوچو ئۇيغۇر ئىدىقۇتى، چىڭگىزخاننىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى، ماۋەرائۇننەھر رايونى، (ئىران ئېگىزلىكى)، خېشى كارىدورى قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرۇشتىكى ھەربىي پائالىيىتىدە مۇھىم بىر ھەربىي كۈچ ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنى جەڭگىۋارلىققا ئىگە قوشۇن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىنتىزامىمۇ كۈچلۈك ئىدى، شۇڭا ھەممە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدى[206].
ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇللار بىلەن كەڭ كۆلەملىك شىنجاڭغا قوشنا ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىشى، ئورقۇن دەۋرى، قوچو دەۋرى ۋە قاراخانىيلار دەۋرىدىن كېيىنكى 4- قېتىملىق كىرىشى ئىدى. ئالدىنقى ئۈچ قېتىمدا، ئۆز قوماندانلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆز پۇقرالىرىنى يېتەكلەپ، بارغان بولسا، ئاخىرقى قېتىملىق يۈرۈشتە، قوشنا قوۋملارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئاساسەن ئەسكىرى خىزمەت تۈپەيلىدىن بېرىشتى. شۇنداق بولسىمۇ بۇ قېتىمقى سەپەر ئالدىنقى قېتىملىق يۈرۈشلەرگە ئوخشاشلا ئەھمىيەتلىك بولدى.
موڭغۇللارنىڭ بۇ رايونغا يېتىپ كېلىشىنىڭ ھارپىسىدا، يەتتەسۇ ۋە ماۋەرائۇننەھر رايونلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مىللىي قۇرۇلمىسىدا يەنىلا ئۆزگىرىش، مۇرەككەپلىشىش ھادىسىلىرى ئۈزلۈكسىز سادىر بولۇپ تۇرۇۋاتاتتى. بۇنىڭغا بەزى يېڭى تۈركىي تىللىق قوۋملارنىڭ ئۇلغىيىپ، سىياسىي سەھنىدىن ئورۇن ئېلىشى، قىتان مىللىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش جەريانى، خارەزم شاھلىقىنىڭ قۇدرەت تېپىشى، سالچۇقلار (1031 — 1157) ۋە غەزنەۋى (960 — 1189) لەرنىڭ جانلىق پائالىيەتلىرى، قوچو ئۇيغۇرلىرىنىڭ غەربىي چېگراسىنىڭ تارىيىشى، قاراخانىيلارنىڭ پارچىلىنىپ، غەربىي قىسىمدىكى باشباشتاقلىق ھەرىكەتلىرى شىنجاڭغا قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ياشاۋاتقان باشقا خەلقلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈركلەشتۈرۈش، ئۇيغۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، شۇنىڭغا تەتۈر تاناسىپ ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى قەبىلىلىرى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەزى تۈركىي تىللىق قوۋملارنىڭ بۇ رايوندا پەيدا بولۇشى يۇقىرىقىدەك ھەر ئىككى خىل ھادىسىنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىغا ياخشى شەرت-شارائىت ھازىرلىماقتا ئىدى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ XIII ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى موڭغۇللارنىڭ غەربكە (ئوتتۇرا ئاسىيا) غا يېتىپ بارغان چاغدىكى تارقىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي بايان قىلىدىغان ئېلىمىزنىڭ خەنزۇچە بىر قانچە پارچە ساياھەت خاتىرىلىرى بار. ئەينى چاغدىكى غەربكە ئەلچىلىككە بارغانلارنىڭ يىل-دەۋرى مۇنداق ئىدى.
ياللۇغ چۇسەي — 1218- يىلى غەربكە يۈرۈپ ئوتتۇرا ئاسىياغىچە بارغان، ئۇ غەربىي يۇرتتا 6-7 يىل تۇرغان، قايتقاندىن كېيىن «غەربكە ساياھەتتىن ئەسلىمىلەر» 西游录) ) دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققان.
ئۇگۇ سۇن جۇڭدۇەن乌古孙仲端) ) — 1220 – يىلى 4- ئايدا غەربكە ساياھەت قىلىپ، 1221- يىلى 10- ئايدا قايتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىگە ئاساسەن ليۇچى刘祁) ) قەلەم تەۋرىتىپ «شىمالغا ئەلچىلىكتىن خاتىرىلەر» 北使记) ) دېگەن كىتاب مەيدانغا كەلگەن.
چۇچۇجى — چاڭچۈنلۈك ئەۋلىيا چۇچۇجى长春真人丘处机) ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ 1221- يىلى غەربكە سەپەر قىلىپ، 1223- يىلى شەرققە قايتقان، ئۇ «غەربكە ساياھەتتىن خاتىرىلەر» 西游记)) دېگەن كىتابنى يازغان، تۇغقىنى لى جژچياڭ دېگەن كىشى رەتلەپ چىققان.
چاڭ دې常德) ) — 1259 – يىلى پېرىسىيىگە سەپەر قىلغان. 1263- يىلى قايتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشى بىلەن ليۇيۇ刘郁) ) دېگەن كىشى «غەربكە ئەلچىلىكتىن خاتىرىلەر»西使记) ) دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققان.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا سۇڭ ليەن يازغان «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» قاتارلىق كىتابلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تارقىلىش ئەھۋالى توغرۇلۇق كۆپ مەلۇماتلار بار.
تۆۋەندە بىز يۇقىرىدا ساناپ ئۆتكەن سەيياھلارنىڭ خاتىرىلىرىدىن قىسقىچە ئۈزۈندىلەرنى كەلتۈرىمىز.
ئۇگۇسۇن جۇڭدۇەن مۇنداق سۆزلەيدۇ: «… يەنە بىر نەچچە 10 مىڭ چاقىرىم يول يۈرگەندە ئۇيغۇر دۆلىتىدىكى ئىلى شەھىرىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇ رخانى回纥国) ) نىڭ زېمىنى ناھايىتى كەڭ ئىكەن، ئۇنىڭ غەربىي چېگراسىنى كۆرگىلى بولمايدىكەن» دەپ كېلىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاھالىلەرنى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار، ھىرات ئۇيغۇرلىرى، ھىندى ئۇيغۇرلىرى دەپ پەرقلەندۈرۈپ ئاتىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە بايان قىلغان[211]. يۇقىرىدىكى خاتىرىدىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى: غەربكە كۆچكەن قاراقىتانلار ئاساسەن ئۇيغۇرلارغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ تۈگىگەن. قاراقىتان ئاقسۆڭەكلىرى ئۇيغۇرلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ ۋە ئۈزلۈكسىز قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، كۈرەشلەر بولغان. «ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يوقىتىلغان» دېگەن سۆز كۈرەشنىڭ جىددىيلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ[212]. لېكىن، قاراقىتان خانلىقىنى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، موڭغۇللار بىلەن بىرلىكتە يوقاتقان.
غەربىي لياۋ (قاراقىتان) خانلىقىنىڭ مەركىزى قۇز ئوردۇدىن يەنىمۇ غەربىي جەنۇبقا ماڭسا تالاس ۋە سايرامغار بارغىلى بولاتتى. چاڭ دې «غەربكە ئەلچىلىكتىن خاتىرىلەر» دە 1259- يىلى 2- ئاينىڭ 28- كۈنى تالاستىن ئۆتتۈم، 3- ئاينىڭ 1- كۈنى سايرامدىن ئۆتتۈم، ئۇ يەردە بۇت بار بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەن، 3- كۈنى تاشكەنتكە باردىم، ئۇيغۇرلارنىڭ سودىسى بازارنى قاپلاپ كېتىپتۇ» دېگەن[213]. چۇچۇجى «غەربكە ساياھەتتىن خاتىرىلەر» دە «يەنە تاش كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ، غەربىي جەنۇبىي تاغ بىلەن بەش چاقىرىم ماڭسا سايرام شەھىرىگە بارغىلى بولىدىكەن، ئۇ يەردە كىچىك مۇنار بار ئىكەن. ئۇيغۇر خانى回纥王) ) مېھمانلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالدى»[214]. دېگەن بۇ خاتىرىلەردە تىلغا ئېلىنغان تالاس塔剌寺) ) تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تالاس恒逻斯) ) تۇر، سايرام (塞蓝، 赛蓝) بولسا «يۈەن سۇلالىسى تارىخى. غەربىي شىمالدىكى يەرلەرنىڭ قوشۇمچە خاتىرىسى»元史.西北地附录) ) دېگەن كىتابتىكى سايرام شەھىرىدۇر. بۇ ھازىرقى چىمكەنتنىڭ شەرقىگە 13 چاقىرىم كېلىدۇ. بۇ ئەۋلىيا ئاتادىن تاشكەنتكە بارىدىغان مۇھىم يولدۇر. دېمەك، ئەينى چاغدا مۇشۇ يەردىن سەمەرقەنتكە بارىدىغان يولنى بويلاپ ئالغا قاراپ ماڭسا يول بويى ئۇيغۇر يېزىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ دېگەن[215]. تۆۋەندە چۇچۇجىنىڭ مۇشۇ يول توغرىسىدىكى ئەسلىمىسىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. «غەربكە قاراپ يەنە ئۈچ كۈن ماڭسا يەنە بىر شەھەرگە بارغىلى بولىدىكەن[216]. ئۇنىڭمۇ خانى ئۇيغۇر ئىكەن، ئۇ ياشىنىپ قاپتۇ. بىزنى قارشى ئېلىپ سوۋغا تەقدىم قىلدى… يەنە بىر شەھەرگە باردۇق، ئۇيغۇرلارنىڭ كاتتىۋېشى قارشى ئالدى. شەھەرنىڭ جەنۇبىدا غىزالاندۇردى، ئۈزۈم شارابى تەقدىم قىلدى، بىر بالا مومىغا چىقىپ، پىچاق ئويۇنى كۆرسىتىپ بەردى»[217]. چۇچۇجى ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە مەشھۇر بولغان سەمەرقەنتكە بارىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرگىلى بولىدۇكى، تالاستىن سەمەرقەنتكە قەدەر بولغان يول بويى ئاساسەن ئۇيغۇر يېزا شەھەرلىرى ھېسابلىناتتى[218].
ئەينى چاغدا سەمەرقەنتنىڭ ئاساسىي ئاھالىسى كىملەر ئىدى؟ چۇچۇجىنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا ئۇيغۇر回纥) ) لار بولۇپ ھېسابلىناتتى. ئۇ «غەربكە ساياھەتتىن خاتىرىلەر» دېگەن كىتابىدا مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ: «10- ئاينىڭ 8- كۈنى، دەريادىن ئۆتۈپ، سەمەرقەنت شەھىرىنىڭ شىمالىغا باردۇق… دۆلەتنىڭ ئاھالىسى ئىككى دەريادىن ئۆتۈپ شەھەرگە كىرىدىكەن، شەھەردە 100 مىڭدىن ئوشۇق ئاھالە بار ئىكەن، دۆلەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن بېرى تۆتتىن بىرىلا ساقلىنىپ قاپتۇ. ئۇ (شەھەردىكىلەرنىڭ) كۆپچىلىكى ئۇيغۇر (回纥) لار ئىكەن»[219]. چۇچۇجى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شېئىر بىلەن «2- ئايدا سەپەرگە چىققان كىشى 10- ئايدا غەربتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ شەھىرىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ» دەپ يازغان. دېمەك، ئۇ سەمەرقەنتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى «ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ شەھىرى»回纥达城) ) دەپ ئاتىغان.
چۇچۇجى سەمەرقەنت توغرۇلۇق خېلى كۆپ مەلۇمات ئىگىلىگەن. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ. «ھارۋا ۋە دېھقانچىلىق سايمانلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك (جۇڭيۇەن) تىن پەرقلىنىدىكەن، ئاھالىلەر قاشتېشى ۋە مىس جابدۇقلارنى ئىشلىتىدىكەن… بازاردا تىللا خەجلىنىدىكەن… تىللانىڭ ئىككى تەرىپىگە ئۇيغۇرچە خەتلەر回纥字) ) چۈشۈرۈلىدىكەن». ئۇ شېئىر بىلەن «ئۇيغۇرلار توپىدىن 10 مىڭ چاقىرىملىق سېپىل سوقۇپ دەريا ئارىسىدىكى بۇ شەھەرنى بەكمۇ مۇستەھكەم قىلىپ چىقىپتۇ» دەپ يازغان.
سەمەرقەنت شەھىرىدىن جەنۇبقا ماڭسا تۆمۈر قاپقىدىن تارتىپ ئامۇ دەرياسى ساھىلىغىچە بولغان يەرلەردىمۇ ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان. شۇڭا، چۇچۇجى تۆمۈر قاپقىدىن ئۆتكەندە «… تاغلاردا خۇددى تاشتەك قىزىل تۇزلار بار… بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار كۆپىنچە قوتۇرماچ饼食) ) يەيدىكەن، تۇز ئىستېمال قىلىدىكەن، سوغ سۇ ئىچىدىكەن،…» دەيدۇ. دېمەك، تۆمۈر قاپقا ئەتراپلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار ياشىغان. شۇنداقلا ئامۇ دەرياسىنىڭ شىمالىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىكى ئاساسىي مىللەت ئۇيغۇرلار بولغان[220].
يۇقىرىدىكى بىرمۇنچە خاتىرىلەردىن كۆرگىلى بولىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭغا قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادا تەكرار-تەكرار ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇشى ۋە ئاساسىي ئاھالە سۈپىتىدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە شۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن قوشۇلۇپ، باشقا تۈركىي تىللىق قوۋملار ئەينى چاغدىكى بەزى ئەھۋاللارغا ئاساسەن «تۈرك» (تۈركىي) نامىنى ئەمەس، بەلكى «ئۇيغۇر» نامىنى قوللانغان[221]. «تۈركىي» نامى «ئۇيغۇر» نامىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى بىلەن بىر مەزگىل ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى ئاجىزلاشتۇرغان.
بىز بۇ يەردە يەنە بىر مەسىلىنى قىستۇرۇپ ئۆتەيلى، چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلغان چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ «ئۇيغۇر يېرى» دەپ ئاتىلاتتى. «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» 151- بۆلۈمىدە «… ۋاڭخان … قاراقىتانلار خانى گورخان تەرەپكە قاچتى. ئۇ يەنە گورخان بىلەن چىقىشالماي، ئۇيغۇر شەھەرلىرى ئارقىلىق تاڭغىتلار ئىچىگە كەتتى» دېيىلگەن، 198- بۆلۈمىدە «ئۇي يىلى (1205) ئەتىيازدا نايمان خانى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك (ئادەم ئىسمى) قارلۇق قەبىلىسىنىڭ يېرىدىن ئۆتۈپ، سارت ئاۋۇللارنىڭ يېرى ئارقىلىق قاراقىتان خانى گورخان تەرەپكە كەتتى» دېيىلگەن. بۇ يەردە چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلغاندا شىنجاڭ ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر رايونى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپلا قالماستىن، بەلكى بىرقەدەر يىرىك تۈركىي تىللىق قەۋملەرنىڭ بىرى بولغان قارلۇقلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بايانىمىزنىڭ تۇتاملىق يېرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن «يۈەن سۇلالىسى تارىخى. 63- جىلد. غەربىي شىمالدىكى يەرلەرنىڭ قوشۇمچە خاتىرىسى»元史. 63 卷. 西北地附录») ») دە ئۇيغۇر يېرى — ئۇيغۇرىيە» دېگەن ئۇقۇم ئالاھىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ دائىرىسىدە تۆۋەندىكى 35 شەھەرنىڭ بارلىقى بىر-بىرلەپ ساناپ ئۆتۈلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىمىز: سۇ بېيخەي ئەپەندى بۇ خاتىرىنى ئىزاھلاپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ شەھەرلەر تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي قىسىملىرى ھەم پامېر ئەتراپلىرىدا ئىدى[222]. بۇ راشىددىن (1247 — 1318) نىڭ «جامىئۇل – تەۋارىخ» دا تۈركىي تىللىق قەۋملەر ياشايدىغان يەرلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ قەدىمدىن ھازىرغىچە ھەر قايسى تۈركىي تىللىق قوۋملار «… تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرىستان رايونىدا ياشاپ ئۆتكەن»[223]، دېگەن غەربچە تەبىرى بىلەن توغرا تاناسىپ ھاسىل قىلالايدۇ.
موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇيۇرغاللىققا تەرەققىي قىلىشى، جۈملىدىن شىنجاڭ ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىنىڭ چاغاتاي ئۇلۇسى بولۇپ، تەشكىل تېپىشى بۇ رايوننىڭ مىللىي قۇرۇلمىسى ئىجتىمائىي ھەم سىياسىي مۇھىتىدا تارىخىي ھادىسىلەرنىڭ تەكرار ئۆزگىرىپ تۇرۇش قانۇنىيىتىگە ئوخشاش نۇرغۇن ۋە كۆپ قىرلىق ئۆزگىرىشلەر بولغان.
9 . ئېلخانىلار خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار

تۆۋەندە ئېلخانىلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
ئېلخانىلار دۆلىتى (1258 — 1388) چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى تولۇينىڭ ئوغلى ھىلاكۇ (1259 — 1265- يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) غا سۇيۇرغال قىلىنغان تېررىتورىيە بولۇپ، 1258- يىلى موڭغۇل قوشۇنلىرى باغدادنى ئالغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن.
بۇ دۆلەتنىڭ تېررىتورىيىسى پېرىسىيە ۋە كىچىك ئاسىيانى مەركەز قىلغان ھالدا شەرقتە ئامۇ دەرياسىغىچە (بىز مۇشۇ ماۋزۇدا سۆزلەۋاتقان تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىكى زېمىن دائىرىسىگىچە) غەربتە ئوتتۇرا دېڭىزغىچە، شىمالدا كاۋكازغىچە، جەنۇبتا ھىندى ئوكيانغىچە بولغان يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇرلار كۆزگە كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.
موڭغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىران ئەتراپلىرىدىكى ھۆكۈمرانلىق مەزگىللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى دەۋرىدىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى نەۋرىلىرى دەۋرىدىمۇ ئىزچىل داۋاملاشقان.
1258- يىلى ھىلاكۇخان باشچىلىقىدىكى موڭغۇللار باغداد خەلىپىلىكىنىڭ ھوقۇقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، شۇنداقلا ئىراننىمۇ بويسۇندۇردى. چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادلىرى چوڭ خانلىق ئورنىنى تالىشىش نەتىجىسىدە موڭغۇل ئىمپېرىيىسى پارچىلاندى، 1259- يىلى مۆڭكېخان ئۆلدى. ھىلاكۇخان يېڭىدىن موڭغۇللارنىڭ دۆلىتىنى قۇردى. ھىلاكۇخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى قۇرغان «ئېلخانىلار خانلىقى دەۋرى» دە ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا پائال ئارىلاشتى، قېرىنداش موڭغۇل خەلقىگە يېقىندىن ياردەمدە بولدى.
ئىران ۋە غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكى توپ-توپ ھالدا رەي، قۇم ۋىلايەتلىرىگە، ئاناتولىيىدە بولسا قەيسەرى، كۇنيا ۋە قارامان، ئىگدى قاتارلىق جايلاردا يەرلەنگەن.
ئىران چېگرىسىغا ھىلاكۇخان كېلىشتىن بۇرۇن خۇراسان ۋە شەرقىي ئىران قاتارلىق جايلارغا مۆڭكېخان تەرىپىدىن چىن تۆمۈر، كور كۈز ۋە ئارغۇن ئاكا قاتارلىق ئۇيغۇرلار ۋالى بولۇپ تەيىنلەنگەن. كوركۇز چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرىغا ئۇستاز بولغان. ئۇ ئەسلىدە، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. كېيىن ئىسلام دىنىغا كىردى. ئارغۇن ئاكا يېتىشكەن شائىر ۋە خەتتات ئىدى. ئۇ ئەسلىدە ئىسلام دىنىغا بەكلا مايىل كىشى بولغاچقا، دائىم ئىران شائىرى شەيخ سەئىدى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ تۇراتتى. ئۇ ھاياتىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئىسلام دىنىغا كىردى. ئۇنىڭ ئوغلى نەۋرۇز ئېلخانىلار خانى خازانخاننىڭ (1295 — 1304) ئىسلام دىنىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولغانىدى.
فرانسىيە كارولىنىڭ موڭغۇللارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسى روبرۇكنىڭ 1253- يىلىدىكى خاتىرىسىگە قارىغاندا، خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئىراندىكى «مۇسۇلمانلار شەھەرلىرى» دە ئولتۇراقلاشقانلىقى توغرىسىدىكى تارىخىي پاكىتلار سۆزلەنگەن[224]. تارىخچى راشىددىننىڭ خاتىرىسىگە قارىغاندا، ھىلاكۇخان دەۋرىدە 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئۆز ئېلىدىن كېلىپ ئىراندا پوچتا-ئالاقە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
دىيار بەكرىگە بارغان بىرقانچە ئۇيغۇر «ئامىل» (مەمۇرىي ۋە مالىيە ئەمەلدارى — باسقاق) دېگەن ۋەزىپىگە قويۇلغان چورماغۇن رەھبەرلىكىدە ئاناتولىيىگە كەلگەن ئۇيغۇرلار بۇددىست ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلار سارىجى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن قاراسۇدەر، سىنشى باخشى، ئالىي باخشى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مىڭ ئىگەتمىش قوماندان بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئاجاي، ئۇنىڭ ئوغلى توغرۇل ۋە سوبۇكتاي قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ قوماندانى ۋە بەگلىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ[225].
ئاباقاخاننىڭ ئىرانغا باش ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەن ئەمەلدارى ئەنگىيانۇ ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. ئۇنىڭ ياردەمچىسى جالالىدىن خوتەنى بولسا تەقۋادار مۇسۇلمان ئىدى. بۇ دەۋردە ھەربىي، مەمۇرىي ۋە دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا ياردەملەشكەن ئۇيغۇرلاردىن خېلى بار ئىدى.
كۆپچىلىككە مەلۇمكى، 1260- يىلى ھىلاكۇخاننىڭ سۈرىيە (شام) نى بويسۇندۇرغان موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى بار ئىدى[226]. شۇنداقلا ⅩⅣ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا كەلگىچىمۇ، ئېلخانىلار قوشۇنلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى بارلىقى توغرۇلۇق خاتىرىلەر بار. يېزىلىشىچە ئېلخانىلار دۆلىتىنىڭ خانلىرىدىن ھىلاكۇخان ۋە ئاباقاخان دەۋرلىرىدە (1265 — 1282) ئۇلارنىڭ ئىشەنچسىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر گېنېراللىرىدىن سوقۇن چار دېگەن كىشى بولغان[227].
قازانخان دەۋرى (1295 — 1304) دە ئۇيغۇرلاردىن نەۋدار «مىڭبېگى» لىك ۋەزىپىنى بېجىرگەن ۋە سۈرىيىگە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان، نەۋدارنىڭ دادىسى ئوردۇقايا بولسا ئەسلىدە ئاباقاخاننىڭ مۇھاپىزەتچى چېرىكى ئىدى، كېيىنچە، ئارغۇن خان (1284 — 1291) نىڭ ئىشەنچلىك ئادىمىگە ئايلانغان. ئارغۇن خان دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، توقچار 秃合察儿))، كۆچ بار宽彻巴勒) ) لار سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغاندا، ئوردۇقايا ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىدە ئۆلتۈرۈلگەن. قازانخان تەختكە چىققاندىن كېيىن ئوردۇقايانىڭ جىيەنى بۇلادقايا (مىڭبېگى مەنسىپىدە ئىدى) بىلەن قۇتلۇق قايا ئاكا-ئۇكا ئىككىسى قازانخان دۈشمەنلىشىۋاتقان كۈچلەرگە قارشى ھەرىكەتكە ۋە سۈرىيىگە يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. ئودرۇقايا جەمەتىدىن تامتامىش دېگەن كىشىمۇ قازانخان دەۋرىدىكى ئەمىرلەردىن بىرى بولۇپ، سۈرىيىگە يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. ئوردۇقايا جەمەتى بىردەك سىياسىي كۈرەشنىڭ مەركىزىدىكى شەخسلەر تۇقچار، كۆچ بارلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ھەرىكىتىگە قارشى تەرەپتە تۇرغان، ئۇيغۇر قەبىلىسىدىن چىققان ئەمىرلەر شەك-شۈبھىسىز ھالدا خۇراساندىن يۈرۈشكە ئاتلانغان خانىدان بېگى قازانخانغا يۆلەنگەن. قازانخان دەۋرىدىكى نەۋدار رەھبەرلىك قىلغان مىڭ تۈتۈن ئۇيغۇر، قارلۇقلاردىن تەشكىل تاپقان «ئەزەربەيجان ئارمىيىسىنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك 10 مىڭ تۈتۈنلۈك قوشۇنى» دىن كېلىپ چىققانىدى. مەزكۇر 10 مىڭ تۈتۈن قازانخان دەۋرىدە بىردەك تاتار قوشۇنىغا ئۆزگەرتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھىلاكۇخان دەۋرىدىكى «ئۈچىنچى دەرىجىلىك 10 مىڭ تۈتۈن» تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن قازانخان بۇ قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى نەۋدار، بۇلادقايا، قۇتلۇق قايا، تامتاش قاتارلىق ئۇيغۇر جەمەتىدىكىلەرگە تارقىتىپ بەرگەن. ئولجايتۇخان دەۋرى (1304 — 1316) دە ئۇلار 18-، 17-، 16- دەرىجىلىك ئەمىرلىككە ئايرىلغان. ئەمما، كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە بۇلادقايا ئابۇسېيىد دەۋرى (1317 — 1335) نىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە كەلگەندە مەلۇم پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشقا، تارىخىي ھۆججەتلەردە ئۇلارنىڭ كونكرېت پائالىيەت ئەھۋالى ئۇچرىمايدۇ[228].
ئېلخانىلار دەۋرىدە ئەمىرلەر تەبىقىسىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىنمۇ بار ئىدى.
ئولجايتۇخان دەۋرىدە سىۋىنچ失温只) ) 5 – دەرىجىلىك ئەمىر بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئىدى، خۇراساننىڭ خانىدان بەگلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئولجايتۇخاننىڭ ئۇستازى بولغان، كېيىن باغداتقا كەتكەن، كېيىنچە يەنە خۇراسانغا ئەۋەتىلىپ، ئولجايتۇخاننىڭ ئورنىغا خىزمەتكە تەيىنلەنگەن ئوغلى ئابۇسېيىدنىڭ ئۇستازى بولغان ئەھمەدخان دەۋرىدە سىۋىنچنىڭ دادىسى شىس باخشى失昔巴克失) ) مۇ خۇراسان رايونىدا ئولجايتۇخاننىڭ دادىسى ئارغۇن خاننىڭ خىزمىتىدە بولغان. ھۆججەتلەردىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا، قازانخان دەۋرىدە سىۋىنچ سۈرىيىگە يۈرۈش قىلىشقا قاتناشقان، ئولجايتۇخان دەۋرىدىن باشلاپ ئۇ شەۋكەتلىك ئەمىر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. ئۇ ئابۇسېيىدخان دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ۋاپات بولغان ئىنىسى ئاقرانچ كېيىنچە ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ كۈرىشىگە قاتناشقان. قازانخان دەۋرىدە ئۇيغۇرلاردىن بۇلادقايا، قۇتلۇق قايا، نەۋدار، تامتاشلار تايانچ مىڭبەگلىرى بولغانىدى. ئولجايتۇخان دەۋرىدە بولسا سىۋىنچنىڭ تەسىر كۈچىيىپ كېتىپ، (تايانچ مىڭبەگلىرى) 16 — 18- دەرىجىلىك ئەمىرلەر دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالغان[229].
ئابۇ سەئىد دەۋرىدە پۈتۈن ئېلخانىلار خانلىقىنىڭ ئەمىر چوپان مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئۇلۇس بېگى ئېسەن قۇتلۇق نويان ئۇيغۇر ئىدى. بۇ چاغدا ئابۇ سەئىدنىڭ ئۇيغۇر نائىبى ئەمىر چوپان يۇلدۇزنىڭ ئوغلى تەمۇرتاش (1317 — 1327) رۇم ۋىلايىتىنىڭ ئەمىرلەشكىرى ۋە باش ۋالىيسى بولغان. تەمۇرتاش 1327- يىلى دادىسى ئۆلتۈرۈلگەندە ئابۇ سەئىدكە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، مىسىرغا قېچىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلاردىن چىققان جەپەر ئوغلى ئەرتەنە رۇم ۋىلايىتىگە (ئاناتولىيىگە) باش ۋالىي بولدى، مىلادىيە 1335- يىلى ئابۇ سەئىدخان ئالەمدىن ئۆتكەندە ئەرتەنە ئاناتولىيىدە مىلادىيە 1353- يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئالىي بەگ (1352 — 1380- يىللار)، ئالىي بەگدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى مەھمۇد بەگ چەلەبى (1380 — 1381) قاتارلىقلار ئەرتەنە سۇلالىسىنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان. مىلادىيە 1381- يىلى تۈركمەنلەرنىڭ سالور ئۇرۇقىدىن بولغان ھەمدە ئەرتەنە ئەۋلادلىرىنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلغان قازى بۇرھانىددىن 46 يىل دەۋر سۈرگەن ئەرتەنە سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇۋېتىدۇ. ئەرتەنەنىڭ ئىنىسى تاخرەتەن بولسا تۆمۈرلەڭ ۋە يىلدىرىم بايەزىد دەۋرىگە قەدەر ئەزەربەيجانغا ۋالىي بولغان. رۇم ۋىلايىتىدە يەنە ئۇيغۇر بەگلىرىدىن تارىمتا ۋە سەنەكتەيلەرمۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن[230].
ئەرتەنە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن قەيسەرىگە دەپنە قىلىنغان. بۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇنى «ئەرتەنە» دېيىشەتتى. ئۇ موڭغۇللارنىڭ رۇم (ئاناتولىيە) گە تەيىنلىگەن باش ۋالىيلىرى ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلارنى توپلىغان. مۇھەممەد ئىبنى شاباگەرە ئەرتەنە توغرىسىدا: «ئەمىر ئەرتەنە ئەمىر سەئىدخان (ئەبۇسەئىدخان — نەقىلچىدىن) نىڭ يارلىقى بىلەن رۇم ۋىلايىتىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلەندى. ئەبۇ سەئىدخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇ مەملىكەتنى ئادالەت بىلەن ئىدارە قىلىپ خەلقنى باياشات قىلدى. شەرىئەتنىڭ كۈچىيىشىگە، سەييىد، ئۆلىما-ئالىم ۋە ماشايىخلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە بەكلا ئەھمىيەت بەردى[231]»، دەيدۇ. ئەرەب ساياھەتچىسى ئىبنى بەتتۇتە ئەرتەنەنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن ۋە ئەرتەنەنىڭ ئۆزى بىلەن ئەرەب تىلىدا سۆزلەشكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتكەن. ئەرتەنەنىڭ دەۋرداشلىرىدىن ھەلەبلىك نۇرىددىن ھەسەن: «ئەرتەنە ئادىل، ھۆرمەتكە سازاۋەر، ئېغىر-بېسىق، ئىنتايىن غەيرەتلىك ۋە جاسارەتلىك كىشى ئىدى. ئۇ ھەر قانداق كىشىگە خۇشخۇي مۇئامىلە قىلاتتى»، دەپ يازغان. مىسىرلىق سالاھىدىن سابادى ئەرتەنەنىڭ دىندار، ياخشىلىق قىلغۇچى، پاكىز، پەرھىزكار، ئالىم ۋە پازىللار بىلەن داۋاملىق سۆھبەتلىشىپ تۇرىدىغان بىر پەزىلەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. بۇ ئىككى مۇئەللىپنىڭ ئەرتەنە توغرىسىدا يازغان شېئىرلىرىمۇ بولغان[232]. ئېلخانىلار دەۋرىدە ئەلچىلىك ۋە دىنىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئىككى نەپەر داڭدار ئۇيغۇر شەخس ئۆتكەن. ئۇلار راببان سائۇما ۋە ماركوسلار ئىدى. بۇ ھەقتە كىتابنىڭ بېشىدا تەپسىلىي توختالدۇق.
ئېلخانىلار دەۋرىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ ئورنى يۇقىرى بولغان. بۇ ھەقتە پېرسىيىلىك تارىخچى جۇۋەينى «تارىخىي جاھانكۇشاي» دا مۇنداق يازغان: «دۇنيانى ۋەيران قىلغان بۇ كۈرەشلەر نەتىجىسىدە مەدرىسلەر خاراب بولدى، ئالىملار ئۆلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ توپلانغان يېرى ۋە ئوچىقى بولغان خۇراسانمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچار بولدى.
بۇ يەردە قەلەمكەشلىك قىلىدىغان ئۇلۇغ شەخسلەرنىڭ ھەممىسى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈلدى. ھايات قالغانلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشتىن باشقا چارە قالمىدى».
راشىددىننىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا، خۇراسان ۋە ھىندىستانلاردا ئەمر-پەرمانلار ئۇيغۇر تىل-يېزىقى بىلەن چۈشۈرۈلگەن. ئارغۇن خاننىڭ فرانسىيىنىڭ كارولى فىلىب Ⅳ كە ئەۋەتكەن دۆلەت خېتى موڭغۇل تىلىدا ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان. ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا شېئىر يېزىپ داڭق چىقارغان كازۋىندەك داڭلىق شائىرلار ياشىغان. «ئوغۇزنامە» ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن.
ئېلخانىلار دەۋرىدە ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ رەسساملىق ساھەسىدە ئاجايىپ شاھانە ئەسەرلەرنى ياراتقانلىقى توغرۇلۇق ئۇچۇرلار بار. مۇشۇ مەزگىللەردە «جامىئۇل-تەۋارىخ» دېگەن ئەسەرگە ئىشلەنگەن قىستۇرما رەسىملەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ قولىدىن چىققان. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ تۈرتكىسىدە غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىدا ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدا رەسىم سىزىش دولقۇنى ۋە دەۋرى شەكىللەنگەن[233].
«ئېلخانىلار» دېگەن دۆلەت نامىدىكى «ئېل» قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى يەنى تۈركىي تىلدىكى «ئەل» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، دۆلەت ئىسمىدىن تارتىپ، نۇرغۇن ئەمەل-مەنسەپ ناملىرى، دەرىجىسى ۋە ئۇنۋانلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن كەلگەنلىكى ۋە يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن بىر قاتار ئەھۋاللار ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئېلخانىلار دۆلىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىپ يەتكىلى بولىدۇ.
10. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەققىدە

1) چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى (ئورقۇن-يەنسەي ئۇيغۇر تىلى ۋە قوچو ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە خاقانىيە تۈركچىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىغىچە كەڭ قوللىنىلغان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىن ئىبارەت[234].
ⅩⅢ ئەسىردىن كېيىن تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى، غەربىي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىلىدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەر ئارىسىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ھەم خاقانىيە تۈركچىسى ئاساسىدا ئەرەب، پارس تىللىرىنىڭ تەسىرى بىلەن يېڭى بىر خىل تىل شەكىللەنگەن. بۇ خىل تىل ئەڭ دەسلەپتە چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونلاردا شەكىللەنگەنلىكى ئۈچۈن «چاغاتاي تىلى» دەپ ئاتالغان. ⅩⅤ— ⅩⅤ ئەسىرلەردىن كېيىن چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇجى ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى، جەنۇبىي رۇسىيە يايلاقلىرى ۋە تۆمۈر (1370 — 1405) نىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئافغانىستان، ئىراننىڭ شەرقىي ھەم شەرقىي شىمالىي قىسمى، ھىندىستان رايونلىرىدىكى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرمۇ چاغاتاي تىلىنى قوللانغان[235].
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى
رۇس شەرقشۇناسى ۋ. ۋ. بارتولد «ئەگەر موڭغۇللار بۇ يەرگە ئىستېلا قىلىپ كەلمىگەن بولسا چاغاتاي ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى»[236]، دېگەن. چۈنكى، موڭغۇللار غەربىي يۇرت ۋە ئۇنىڭ غەربىدىكى رايونلارغا قىلغا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈشلىرى بۇ رايونلاردىكى بىر مۇنچە مۇستەقىل تاجۇتەختلەرنى، دۆلەت بايراقلىرىنى، دۆلەت چېگرا سەھرالىرىنى ۋە بىرمۇنچە مىللەت، قەبىلە ئايرىملىرىنى ناھايىتى تېز ئارىدىلا يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت، مەدەنىيەت، بولۇپمۇ تىل جەھەتتىكى ئورتاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ رايوندىكى خانلىقلار خېلى ئۇزاق زاماندىمۇ ھەل قىلالمىغان زور تارىخىي ۋەزىپىنى ئۆتىدى.
چاغاتاي ئۇلۇسى شەكىللەنگەن چاغدا، ئۇنىڭ ئىلكىدىكى رايونلاردا ئاساسەن تۈركىي تىل ۋە ئۇنىڭ ھەرخىل شېۋىلىرىدە، پارس تىلى ۋە ئەرەب تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەبىلە ۋە مىللەتلەر ياشايتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر مەزگىل ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىر دەرياسىنىڭ باش ئېقىمىدىن، شەرقىي ياۋروپادىكى دوناي دەرياسىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان[237]، ۋە ئەسلىدە ئىران تىلىنىڭ ئالاھىدە بىر شېۋىسى بولغان تاجىك تىلىدا سۆزلىشىدىغان خارەزملەر ناھايىتى تېز تۈركلەشمەكتە ئىدى. ئەرەب تىلى بولسا، ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئەرەب مۇھاجىرلىرى ھەم دىنىي تەبىقىدىكىلەرنىڭ بىر خىل ئالاقە قورالى ئىدى. موڭغۇل ئىستېلاسىدىن كېيىن بۇ جايغا موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەر كېلىپ ئورۇنلاشتى. لېكىن، بۇلارمۇ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تۈركلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى. شۇڭا، ھۆكۈمران تائىپىلار ھەممە قەبىلە ۋە مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان بىر خىل تىلنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى. يەرلىك تۈركىي تىلنى (ئۇيغۇر تىلىنى) ئاساس قىلىپ، ئەرەب، پارس ۋە موڭغۇل تىللىرىدىن نۇرغۇن تىل ئېلېمېنتلىرىنى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن بۇ تىل تارىختا «چاغاتاي تىلى« نى ئەينى زاماندا تۈركىي تىلىنىڭ ئىچىدە تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇر شېۋىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن، دەپ قارايدۇ. بۇ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشتۇر.
ئۇيغۇر تىلى نېمە ئۈچۈن چاغاتاي تىلىنىڭ ئاساسىي غولى بولغان؟ ئالدى بىلەن بۇ تىلنىڭ ئۆتمۈشىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ سۆزلەپ باقايلى. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قوشۇنلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىران ئېگىزلىكىگە قىيان سۇدەك كېلىۋاتقان چاغدا، ئىمپېرىيىنىڭ پۇقرالىرى ئىچىدە مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئۇيغۇرلاردىن ئېشىپ كېتىدىغانلار يوق ئىدى. شۇڭا، يېڭىدىن بويسۇندۇرۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيادا ۋە ئىران ئېگىزلىكىدە تەسىس قىلىنغان ھەر دەرىجىلىك ھەربىي، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ كاتىپلىقىغا ۋە ھېساب-كىتاب خىزمەتلىرىگە كۆپىنچە ئۇيغۇرلار قويۇلغان. چىڭگىزخاننىڭ 13- ئەۋلادى ئەبۇلغازى باھادۇرخان بۇ توغرۇلۇق توختىلىپ، «چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى ھۆكۈمرانلىق قىلغان ماۋەرائۇننەھر، خۇراسان، ھەتتا ئىراق قاتارلىق جايلاردا مۆھۈردارلىق بىتىكچىلىك ۋە ھېسابات ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىلا ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا ئىدى»[239] دەپ يازغان. ئەگەر بىز بۇ ئورگانلارنىڭ مىليونلىغان يەرلىك ئاھالىلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تۇرمۇشى بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقىدىغان بولساق، ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلىنىڭ شۇ مەزگىللەردە بۇ رايونلاردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا نەقەدەر كەڭ ئارىلاشقانلىقىنى ئاسانلا تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. ئەگەردە، بۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنراق تارىخىي ئۆتمۈشنى سۈرۈشتە قىلىدىغان بولساق، بىز يەنە Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا سامانىيلار سۇلالىسى (874 — 999) گۇمران بولغاندىن كېيىن قاراخانىيلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ھۆكۈمەت تىلى سۈپىتىدە قىلچە مۇرەسسەسىز ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغىچە ئومۇملاشتۇرغانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ نۇرغۇن جەھەتلەردە تاجىك تىلىنىڭ ئورنىنى باسقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. غەربىي لياۋ سۇلالىسى مەزگىلىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تىللار دائىرىسىدە ئاساسەن قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ھالەت ساقلاپ قېلىنغان. بۇ ئۇزاق تارىخىي مەزگىلدە كەلگۈسىدىكى چاغاتاي تىلىنىڭ ئۇرۇقى ئەمەلىيەتتە سېلىنىپ بولغان. ئۇيغۇر تىلى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ كۈچىگە سۆيۈنۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا قايتا ئومۇملاشقاندا، بۇ ئومۇمىي تىلنىڭ تەرەققىياتى يەنىمۇ تېزلىتىلدى[240].
چاغاتاي تىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ ئېيتقانلىرىنى ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكىلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت.
ⅩⅨ ئەسىردىكى تۈركىيىنىڭ مەشھۇر ئالىمى شەمىسدىن سامى «چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ئۇيغۇر تىلى بارلىق تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلىغا ئايلانغان ھەم چاغاتاي تىلى دەپ ئالەمگە مەشھۇر بولغان.»، يەنى «چاغاتاي خانىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقتىدىكى ئۇيغۇر تىلى شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ چاغاتاي تىلى دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان»[241] دەپ يازغان. مەشھۇر ئالىم ئەھمەد زەكىي ۋەلىدى بولسا «ئۇيغۇرلار تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ ئىچىدە ناھايىتى يۇقىرى مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت ئىدى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ تىلى بارلىق تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلىغا ئايلانغان»[242]، دەپ يازىدۇ. شەمسىدىن سامى يەنە «قەدىمكى ئۇيغۇرلار مەدەنىيەتتە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان خەلق بولۇپ، بۇلارنىڭ تىلى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدا ئەدەبىي تىل ئىدى»[243] دېسە، رۇس ئالىمى ۋ. ۋ. رادلوۋ «چاغاتاي تىلىنىڭ ئاساسى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى ۋە موڭغۇل ئىستېلاسىدىن بۇرۇنلا پىشىپ يېتىلگەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدۇر»[244] دەپ كۆرسىتىدۇ. مەشھۇر رۇس ئالىمى بارتولد چاغاتاي دەۋرىدىكى جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەتنى سۆزلىگەندە «مەدەنىي خەلقلەر ئىچىدە، مۇسۇلمانلار (بولۇپمۇ تاجىكلار) ۋە ئۇيغۇرلار، پەقەت ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئۇلۇسلارنىڭ ئۇلۇس باشقۇرۇش ئىشلىرىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ يەرلىك ۋاڭ، گوڭ ئاقسۆڭەكلىرىگە بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى»[245]، دەيدۇ.
چاغاتاي تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكىنى ئۇلۇغ شائىر ئەلىشىر نەۋائىينىڭ «خەزائىنۇلمەئانى» غا يازغان «كىرىش سۆز» ىدىكى مۇنۇ بىر ئابزاس سۆزدىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشىنىمىز. ئۇ چاغاتاي تىل-ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يىرىك ۋەكىللىرى بولغان مەۋلانە سەككاكى بىلەن مەۋلانە لۇتفى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق يازغان: «ئۇيغۇر ئىبارەتىنىڭ فۇسۇھاسىدىن ۋە تۈركىي ئەلفازىنىڭ بۇلاغاسىدىن مەۋلانە سەككاكى ۋە مەۋلانە لۇتفى» (ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇستىلىرىدىن، تۈركىي سۆزلەرنىڭ ماھىرلىرىدىن مەۋلانە سەككاكى ۋە مەۋلانە لۇتفى). بۇ يەردىكى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇستىلىرىدىن، تۈركىي سۆزلەرنىڭ ماھىرلىرىدىن مەۋلانە سەككاكى ۋە مەۋلانە لۇتفى). بۇ يەردىكى «ئۇيغۇر ئىبارەتى» بىلەن «تۈركىي ئەلغازى» ئوخشاش مەنىلىك سۆزلەر بولۇپ، «ئۇيغۇر تىلى» ياكى «تۈركىي تىل» دېگەن مەنىنىلا ئىپادىلەيدۇ. «فۇسەھا» بىلەن «بۇلەغا» مۇ ئوخشاش مەنىلىك سۆزلەر بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى «تىل ماھىرى، تىلدا يېتىلگەن» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، بۇ تەرىپىنىڭ مەنىسى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ياكى تۈركىي تىلىنىڭ يېتىلگەن ماھىرلىرىدىن» دېگەندىنلا ئىبارەت. نەۋائىينىڭ نەسرى ئەسەرلىرىدە مۇنداق ئوخشاش مەنىلىك قۇرۇلمىلار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. دېمەك، يۇقىرىدىكى سەككاكى بىلەن لۇتفىنىڭ تەرىپىدە ئۇلار قوللانغان چاغاتاي تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ياكى تۈركىي تىل ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن[246].
تارىخشۇناس ليۇ جىشاۋ ھەققانىي ھالدا «ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدىكى چاغاتاي تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ئۇيغۇر مىللىتى تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ ۋەقە بولۇپلا قالماستىن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان بۈيۈك تۆھپىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇرغۇن مىللەتلەر ۋە رايونلار مۇشۇ تىلنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە تارىخىنى خاتىرىلىگەن ھەم تارقاتقان»[247]، دەپ كۆرسىتىشى دەل جايىدا ئېيتىلغان باھادۇر. چاغاتاي تىلى تۈپ ماھىيەت جەھەتتىن ئۇيغۇر تىلىدىن ئىبارە بولغانلىقى ئۈچۈن، يېقىندىن بېرى بەزى چاغاتاي تىلى تەتقىقاتچىلىرى، مەسىلەن، ئابدۇرۇپ پولات ئەپەندى قاتارلىقلار بۇ تىلنى «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئاتىسا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ، دېگەن ئىلمىي كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا[248] ھەم ئۇ قوللاشقا ئىگە بولماقتا[249].

2) چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى
يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋاقىت جەھەتتە چاغاتاي ئۇلۇسى ۋە چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدىن ⅩⅩ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چارىكىگىچە بولغان ئۇزۇن بىر تارىخىي دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەزمۇن ۋە كۆلەم جەھەتتە ئىنتايىن زور ئاپتورلار قوشۇنى تەرىپىدىن يارىتىلغان ئەسەرلەر بىلەن بېيىتىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ماكرو جەھەتتىكى چۈشەندۈرۈشىگە قارىتىلغان. بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن تىل «چاغاتاي تىلى» نىڭ ئايرىم لىكسىكىلىق ۋە گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ ئېيتىلغان ئىزاھات خاراكتېرلىك تەبىرلەر يىغىندىسى. ۋەھالەنكى، ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئىپادە قىلىنىدىغان ئىنسان خاراكتېرى، زامان ۋە دەۋرنىڭ ئېستېتىك ئارزۇسى، خاھىشلىرى تولىمۇ ئۇزاق (تەخمىنەن 600 — 700 يىللىق ئارىلىق) دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مۇنداق بىر ئەدەبىياتقا توغرا تاناسىپ بولۇشنى تەلەپ قىلىش ئىلمىيلىك بولمىسا كېرەك. شۇنداق ئىكەن، بىز «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنى شەكىل ئۇقۇمى بويىچە چەكسىزلەشتۈرۈۋەتمەسلىكىمىز، ئىسمى بىلەن جىسمىنىڭ دىئالېكتىك بىرلىكىنى ساقلىغان ئاساستا، مەڭگۈلۈك ماكان دائىرىسىگە تۇراقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
ئۇنداق بولسا، چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قايسى دەۋردىكى ئەدەبىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدا بىر ئۆلچەم بولۇش كېرەك.
مۇشۇ مەسىلىدە مۇنداق ئىككى ئۆلچەمنى دەسلەپكى قەدەمدە ئوتتۇرىغا قويۇش ئىمكانىيىتى بار.
بىرىنچىدىن، تىل مەسىلىسى. ئۆزىمىزنىڭ ۋە چەت ئەللەرنىڭ ئالىملىرى كۆپ يىللاردىن بېرى چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ ۋاقىت چېكىنى بەلگىلەشتە تىلنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ كەلدى. بۇنداق قىلغاندا بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى پارچىلىۋېتىپ، تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە ئورتاق ئەدەبىيات قىلىپ بېرىشكىمۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىۋېتىشكىمۇ بولاتتى. شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، تىلنى چەتكە قېقىش، چاغاتاي ئەدەبىياتىنى چەتكە قاققانلىق ياكى ئىنكار قىلغانلىق. بىز ئالدى بىلەن تىلنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆز نۆۋىتىدە چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ شەكلى دەپ بىلىشىمىز لازىم.
بۇنداق بولغاندا، «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» چاغاتاي ئۇلۇسى شەكىللىنىشكە باشلىغان ۋاقىتتىن ⅩⅩ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چارىكىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەدەبىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىككىنچى، ئېستېتىك خاھىش ۋە ئىدىيىۋى مەزمۇن، چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا يۈزلىگەن تەسىرلىك ئەدىبلەر ياشاپ، ناھايىتى كۆپ ھەجىمدە بەدىئىي ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. لىرىك شېئىرىيەتتە «يار» ئوبرازىنى، داستانلاردا ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ۋە ۋاپادارلىقىنى تەسۋىرلەشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، گۇمانىزم، مەرىپەتچىلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقلەر دوستلۇقى قاتارلىق بىر قاتار تىپىك مەسىلىلەرنى باي تەسەۋۋۇر، كامالەتكە يەتكەن تىل تەسۋىرى ئارقىلىق ئىپادىلەشتە بىر خىل يوشۇرۇن ئورتاقلىق كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەربىر ئەدىبنىڭ ھايات سەرگۈزەشتلىرى، ياشىغان مۇھىتى، ئىدىيىۋى خاھىشى، سىنىپىي مەيدانى، مەۋقەسى قاتارلىق تەرەپلەردە خاسلىقنى، ئۆزگىچىلىكنى ئىپادىلىگەن. بۇ خىل خاسلىق، «ئەدەبىي ئەسەرلەردە دەۋر روھى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ» دېگەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىغا قويۇلىدىغان بىر ئۆلچەمگە يېقىنلىشىدۇ. بۇ ئۆلچەم ئۆز نۆۋىتىدە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىغا قارىتىلغان.
شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، ئىلگىرى چاغاتاي ئەدەبىياتىنى ئايرىغاندا، بۇ ئەدەبىياتنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇقۇملاشتۇرۇۋېتىلىپ ياكى ئومۇملاشتۇرۇۋېتىلىپ، ئاپتورلارنىڭ ئىدىيىۋى خاسلىقى، دەۋر پۇرىقى، قاتارلىقلار ئېتىبارغا ئېلىنمىدى.
مەن، چاغاتاي ئەدەبىياتىنى مەزمۇنىغا قاراپ دەۋرگە ئايرىغاندا، ئومۇملۇقنى قوشۇمچە، خاسلىقنى ئاساس قىلىش بىر قەدەر ئىلمىي قاراش دەپ قارايمەن. بۇنداق بولغاندا، ئالدى بىلەن، بىز «چاغاتاي ئەدەبىياتى» دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ۋاقىت جەھەتتىكى چەكسىزلىكىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز، دەۋر جەھەتتىكى كونكرېت خۇسۇسىيەتلىرىنى پەرقلەندۈرەلەيمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ دەۋر پۇرىقىنى ئايرىپ، تېخىمۇ ياخشى بەدىئىي لەززەتكە ئىگە بولالايمىز.
مەزمۇنىغا قاراپ بۆلۈشكە توغرا كەلسە، چاغاتاي ئۇلۇسى ۋە چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدىكى ئەدەبىياتنى «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى» ياكى «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دېيىشكە بولىدۇ.
شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، بىر قاتار ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە ئوخشاش چاغاتاي تىلى ۋە چاغاتاي ئەدەبىياتى بارلىققا كېلىش، شەكىللىنىش ۋە تاكامۇللىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن. بولۇپمۇ چاغاتاي ئەدەبىياتىدا بۇ خىل خۇسۇسىيەت بىرقەدەر گەۋدىلىك. بەزى ئالىملار چاغاتاي ئۇلۇسى ۋە چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدىكى ئەدەبىيات چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ كېلىپ چىقىش جەريانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نەۋائىي ۋەكىللىكىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭⅩⅥ — ⅩⅤ ئەسىرلەر ئەدەبىياتى چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ گۈللەنگەن باسقۇچى دەپ قارايدۇ. بۇنىڭمۇ مەلۇم ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي ئاساسى بار. مەن بۇ خىل قاراشقا باشقىچە پىكىردە ئەمەس. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم دەۋر روھىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلۈش ئەھۋالىغا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. بۇ چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ بىر ئۆلچىمى قىلىنىشى لازىم دېگەندىن ئىبارەت. شۇنداق بولغاندا، خاس كىتابلار ياكى دەرسلىك كىتابلاردا چاغاتاي ئەدەبىياتى ھەققىدە بايان بەرگەندە، چاغاتاي ئۇلۇسى ۋە چاغاتاي خانلىقى دەۋرىنى بىر بايان قىلىۋېتىپ، ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەر ئەدەبىياتىنى ئايرىم-ئايرىم ئۆز دائىرىسى بويىچە بايان قىلىش بىرقەدەر ئەقىلگە مۇۋاپىق ئۇسۇل دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇنداق قىلغاندا ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنى ھەم ئومۇملاشتۇرۇپ تەتقىق قىلغىلى، ھەم ھەربىر دەۋر ئەدەبىياتىنى ئايرىم-ئايرىم تەتقىق قىلغىلى بولىدۇ.
ئومۇمەن، چاغاتاي تىلى ۋە چاغاتاي ئەدەبىياتى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىيات تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىش تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
چاغاتاي خانلىقى مەزگىلىدە ئەدەبىي ئىجادىيەتكە دائىر ئۇيغۇر تىلى چاغاتاي تىلى، ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى، ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىدا يارىتىلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى چاغاتاي ئەدەبىياتى دېگەن نام بىلەن ئاتالغان.
چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر، جۈملىدىن تۈركىي تىللىق خەلقلەر مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى داۋاملىق راۋاجلىنىپ تۇردى. بۇنىڭ چوڭقۇر تارىخىي، مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي ئاساسى بار.
چاغاتاي خانلىقى ئىلگىرىكى قوچو ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تېررىتورىيىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. مەلۇمكى بۇ ئىككى خانلىقنىڭ كۆپچىلىك ئاھالىسى ئۇيغۇرلار ئىدى. مەسىلىنىڭ تۈگۈنى يالغۇز بۇلا ئەمەس. ھەممىگە مەلۇمكى، موڭغۇللار ئەمدىلا باش كۆتۈرۈپ چىققاندا، چىڭگىزخان «غەربىي شىمال خانلىقلىرىنى ئىستېلا قىلدى، بۇ خانلىقلار ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك بولغان (قوچو) ئۇيغۇر خانلىقى ھەممىدىن ئاۋۋال ئەل بولدى. چىڭگىزخان شۇنىڭدىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئىدىقۇتنىڭ 5- ئوغلىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۆز شاھزادىلىرىنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا بىر قانچە خانلىقنى باشقۇرغۇزدى. ئۇ ئىستېداتلىق سەنئەتكار بولۇپ، ئوردىدا ئۆمۈر بويى سادىقلىق بىلەن ئىشلىدى»[250]. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئۇيغۇرلار، «يېنىدا ئىشلىگەندە يېقىن بېرىۋالماي، تاشقىرىدا قاتار تۇرۇپ»[251]، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇن تۇتتى ھەمدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۆز دەۋرىدىكى ئالىملارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارلا ئەمەس، موڭغۇللارنىڭ خان جەمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقىنى، يەنى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئەڭ بۇرۇن قوبۇل قىلغانلىقىمۇ مۇھىم سەۋەب بولغان[252]. چىڭ دەۋرىدە ئۆتكەن ئەدىب كې شاۋمىن «يۈەن سۇلالىسىنىڭ يېڭى تارىخى» دا «موڭغۇللار نايمانلارنى يوقىتىپ، ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكەن. شۇڭا، ئۇيغۇرلاردىن دانىشمەنلەر كۆپ چىقىدۇ» دەپ يازغان. يۈەن دەۋرىدىكى ئالىم يۈي جى «داۋيۈەن يادنامىلىرى» دا ئۇيغۇرلار «تىل-يېزىق جەھەتتە باشقا مىللەتلەردىن ئۈستۈن تۇراتتى» دېگەن. شۇنداق بولغاچقا، موڭغۇللار دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، جۈملدىن تىل-يېزىقى چوڭ ئېتىبارغا ئىگە بولغان.
ⅩⅢ ئەسىردە ئۆتكەن پېرىسىيىلىك تارىخچى جۇۋەينى موڭغۇللار «ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىلمىلىرىنى بىلىم ۋە ئىلىمنىڭ چوققىسى دەپ ھېسابلايدۇ»، دەپ يەكۈنلىگەن[253]. موڭغۇللار يالغۇز يېزىق ۋە تىلدىلا ئەمەس. بەلكى، دۆلەت باشقۇرۇش، قانۇن-تۈزۈم ۋە باشقا ساھەلەردىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ غايەت زور ياردىمىگە ئېرىشكەن.
چىڭگىزخان دەۋرىدە ئەنئەنىۋى جامائەت قانۇنىدىن ئىبارەت بولغان «تورۇ» دىن تارتىپ، چىڭگىزخان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانۇن-تۈزۈم، ئەمىر-پەرمانلىرىنىڭ ھەممىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «ياساق» (جاساق) دەپ ئاتالغان. ئۇگدايخاندىن كېيىن رەسمىي رەتلىنىشكە باشلىغان. بۇ ياساق كېيىنكى تارىخىي مەنبەلەردە «موڭغۇل ياسىقى»، «چىڭگىزخان ياسىقى»، «چىڭگىزخان ياسىقى»، «چىڭگىزخان كىتابى»، «بىلىك ياساق» ۋە «چىڭگىزخان قۇتادغۇبىلىكى» دېگەن ھەرخىل ناملار بىلەن ئاتالغان. بۇ ھەقتە جۇۋەينى، راشىددىن، ئىبنى بەتۇتە قاتارلىقلار خاتىرە قالدۇرغان.
بۇ يەردە «چىڭگىزخان قۇتادغۇبىلىكى» دەپ ئاتالغان ئەسەرگە نېمە ئۈچۈن «قۇتادغۇبىلىك» ئاتالغۇسىنىڭ قوشۇلۇپ ئېيتىلغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىك. بۇ ھەقتە شەرقشۇناس بروكلىمان ۋە رۇس ئالىمى مېلئورانسىكىيلەر ئالاھىدە توختالغان. گېرمانىيىلىك بروكلىمان 1942- يىلى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ۋېنا نۇسخىسىغا يازغان كىرىش سۆزى «يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇبىلىك» تە «تارىخچى ئىبنى ئەرەبشاھ چىڭگىزخان زامانىسىدا موڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىغا ‹قۇتادغۇبىلىك› نامىنى بەرگەنلىكىنى سۆزلىگىنىگە ئوخشاش راشىددىننىڭ ‹جەمائۇل-تەۋارىخ› ناملىق كىتابىدىمۇ ‹چىڭگىزخان قۇتادغۇبىلىكى› دىن مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى بىلىمىز» دەپ بايان قىلىنغان.
مېلئورانىسكىي بولسا، ھىندوشاھ شەمسۇل كاتىبنىڭ «دەستۇرۇل كاتىب فى تايىنىل مەراتىپ» (ⅩⅣ ئەسىر) ناملىق كىتابىدا ئېلخانىلار دۆلىتىدە ئادالەت ئىشلىرىغا ئاساس بولغان «يازغۇچى» دەپ ئاتىلىدىغان، خەلق ھاكىمىيەتلىرىگە ئائىت تەلىماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كىتابقا «چىڭگىزخان قۇتادغۇبىلىكى» دېگەن نامنىڭ بېرىلگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسىرىنى موڭغۇللارغا مۇئەللىملىك ۋە كاتىپلىق قىلغان ئۇيغۇرلار ئارقىلىق موڭغۇللارنىڭ ئوقۇپ ئۆگەنگەنلىكىنى ۋە ‹يازغۇچىلار› غا ئائىت تەلىماتلار توپلىمىغا بېرىلگەن ‹چىڭگىزخان قۇتادغۇبىلىكى› دېگەن ئىسىمنىڭ شۈبھىسىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ‹قۇتادغۇبىلىك› دېگەن كىتابىدىن كۆچۈرۈپ قوللىنىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى»[254].
ئەپسۇسكى، «چىڭگىزخان قۇتادغۇبىلىكى» ناملىق ئەسەر دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرىقى بايانلار چىڭگىزخاننىڭ قولىدا ۋە ئېلخانىلار خانلىقىدا موڭغۇللارغا مۇئەللىملىك ۋە كاتىپلىق قىلغان ئۇيغۇر باخشى-بىتىكچىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن موڭغۇل تىلىغا تەرجىمە قىلغان، كۆچۈرۈلگەن ياكى موڭغۇللارغا ئوقۇتۇپ ئۆزلەشتۈرۈلگەن ‹قۇتادغۇبىلىك› نىڭ بارلىقىنى، بەلكى موڭغۇللارنى ‹قۇتادغۇبىلىك› نىڭ تەسىرىگە ئۇچراتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر يېزىقىغا ‹قۇتادغۇبىلىك› نامىنى بېرىپ قوللانغانلىقىنى، نەتىجىدە داستاننىڭ موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دائىرىسىدە تارقالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ[255]، [256].
چاغاتايخانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىچىدىن نۇرغۇن ئالىم، ئەدىب، سىياسىئونلار يېتىشىپ چىقتى. جانىبەگ، يۈسۈپ سەككاكى، جامال قارشى، ھېسامىدىن ئىبنى ئاسىم ئەل بارچىنلىقى، رابغۇزى، ئەھمەدئىبنى ئەييۇپ ئەل بالاساغۇنى، ئەييۇب ئىبنى ئەھمەد بالاساغۇنى، ھەيبەت ئالا (؟) ئىبنى مۇھەممەد كاشغەرى، مۇھەممەد خارەزمى، ئابدۇرېھىم ھاپىز، پالۋان مۇھەممەد كاشغەرى، مۇھەممەد خارەزمى، ئابدۇرېھىم ھاپىز، پالۋان مەھمۇد، سەيفى سارايى، «تەئەششۇقنامە» نىڭ ئاپتورى سىدىق ئەھمەد (1435)، «قىسسەئى يۈسۈپ» نىڭ ئاپتورى ئەلى (ⅩⅢ ئەسىر)، «خۇسرەۋ ۋە شېرىن» نىڭ مۇئەللىپى قۇتىب (1340)، «يۈسۈپ-زىلەيخا» نىڭ مۇئەللىپى دۇربېك (ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ياشىغان) قاتارلىقلار.
ھېسامىدىن ئىبنى ئاسىم ئەل بارچىنلىقى ئۆز زامانىسىنىڭ كاتتا ئالىمى ئىدى. جامال قارشىنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ئۇ ئەرەب، پارس، تۈركىي تىللاردا ئەسەر يازغان. بارتولدنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئىسلام دۇنياسىدا بۇ ئۈچ خىل تىلنىڭ سېلىشتۇرما قىلىنىشى، شۇ چاغدا تۇنجى قېتىم بولغان[257].
ئىبنى مۇھەممەد كاشغەرى ئەينى شارائىتتا كاشغەردىن مىسىرغا بېرىپ، ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، مىسىرنىڭ «باي بارىسىيە» مەدرىسىگە مۇدەررىس بولغان ۋە 1363- يىلى «تاجۇلسائادەت ۋە ئەنۋانۇلسىيادات» (سائادەت تاجىلىرى ۋە ھاكىمىيەت ئۇنۋانلىرى) دېگەن بىر كىتاب يازغان.
پالۋان مەھمۇد (1247-1326) خارەزمنىڭ كونا ئۆرگەنچ شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ شېرىن سۇخەن شائىر، دانا پەيلاسوپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران، ھىندىستانلاردا داڭق چىقارغان پالۋان ئىدى. ئۇ مەسنەۋى ۋە رۇبائىي ژانىرىدا گۈزەل ھەم چوڭقۇر مەزمۇنلۇق شېئىرلارنى يازغان[258].
ھەيبەت ئالا ئۆز دەۋرىنىڭ كاتتا ئالىملىرىدىن بولۇپ، تۈركىي تىلى ۋە سۈرىيە تىلىنى پىششىق بىلەتتى. ئۇ ئەسلىي تۈركىستان رايونىدا تۇرغان، كېيىن پېرىسىيىگە بېرىپ خازانخان ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە شۇ يەردە تۇرۇپ، 1293 — 1304- يىللىرى ئەتراپىدا ئۆلگەن. رەشىدىددىن فەزلۇللاھنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ئۇ بارلىق بىلىملەرنى ئىگىلىگەن ئادەم ئىكەن. ئېلخانىلار خانلىقى قازانخان ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىپ، «… ئومۇمەن ئۇ بىلىدىغان نەرسىلەردىن مەن بەك خۇشال، شۇڭا ئۇنى ھۆرمەتلەيمەن، بىز بۇ يەردە خۇلاسە چىقارماقچى بولساق، ھەيبەت ئالا ۋە ئۇ ئېيتقان رۇھانى ئادەتتىكى ئالىملارغا ئوخشىمايتتى»[259].

11. تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى

1) بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كېلىپ چىقىشى
تۆمۈرىلەر دۆلىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ئىككى مەنبەدىن كەلگەن. بىرى، يۇقىرىقى ماۋزۇدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئۇزاق تارىخىي جەريانلاردا ئەزەلدىن ئاشۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار؛ يەنە بىرى، تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ياكى قۇرۇلۇش ھارپىسىدا ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ دەپ ئاتالغان مۇشۇ زېمىندىن تۆمۈرىلەر دۆلىتى تەۋەسىگە بارغان ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت. ئەمدى بىز تۆمۈرىلەر دۆلىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۆتكىلىشى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.
غەربىي چاغاتاي خانلىقى ۋە ئېلخانىلار خانلىقىنىڭ قۇيرۇقىنى تۆمۈرلەڭ يىغىشتۇرۇپ، دەسلەپتە ماۋەرائۇننەھر رايونى، كېيىنچە خۇراسان رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى ۋۇجۇدقا كېلىپ، شىنجاڭغا قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تارىخىدا يېڭى ئىجتىمائىي تەرتىپ ئورنىتىلدى.
تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسىمۇ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىگە ئوخشاش ھەرخىل خەلقلەردىن تەركىب تاپقان دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقا خەلقلەرگە ئوخشاشلا، بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى داۋاملىق جارى بولۇپ تۇردى.
لېكىن، تۆمۈرىلەر دەۋرىدىكى بەزى ۋەقەلەر ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكى ۋەقەلەرگە ئوخشىماي قالدى.
تۆمۈرىلەر دەۋرىدە تۆمۈر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ئۆز دۆلىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىل-پاراستى ۋە كۈچ-قۇدرىتىدىن داۋاملىق پايدىلانغاندىن باشقا، غەربىي چاغاتاي، موڭغۇلىستان (ھازىرقى شىنجاڭ، يەتتەسۇ رايونى ۋە ئىسسىقكۆلنىڭ شەرقىدىكى رايونلار) خانلىقلىرى بىلەن ھەرخىل مۇناسىۋەتتە بولۇپ، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئاممىسىنى داۋاملىق تۈردە ماۋەرائۇننەھر ۋە خۇراسان رايونىغا يۆتكەپ، ئۇلاردىنمۇ پايدىلانغان.
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەرنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتەيلى. شەرقشۇناسلاردىن دوكتور بېللىۋ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى كاشغەرىيە دېگەن نام بىلەن ھەممىگە تونۇلغان بۇ ئۇلۇس تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ‹يەتتە ئۇلۇس› دەپ ئاتىلاتتى، ھازىر پەنجاپتا ياشاۋاتقان يەتتە ئۇلۇسلار ياكى جاتلار قەبىلىسى ئەسلىدە كاشغەرىيىدىن چىقىرىلغانلارنىڭ پۇشتىدۇر، بۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى كاشغەرىيە ‹يەتتە ئۇلۇش› دەپ ئاتىلىدىغان چاغلاردا بۇ ئۇلۇستىن كېتىپ قالغانلار»دۇر[260].
1365- يىلى تۆمۈر سىر دەريانىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى چىناز بىلەن تاشكەنت ئوتتۇرىسىدا شەرقىي چاغاتاي قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغان، 1370- يىلى ئۇ سەمەرقەنتنى ئىگىلەپ، ماۋەرائۇننەھردىكى توپىلاڭلارنىمۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە بېسىقتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ماۋەرائۇننەھر شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ تەۋەلىكىدىن ئايرىلىپ چىقىدۇ. تۆمۈر بۇ جايلاردا ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. تۆمۈرلەڭ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، شەرقىي چاغاتاي ئۇلۇسى بىلەنمۇ داۋاملىق ھەپىلىشىپ ئۆتكەن.
شەرەپىددىن ئەلى يەزىدى «زەپەرنامە» ۋە نىزامىدىن شەمئىمۇ «زەپەرنامە» (1404- يىلى يېزىلغان) دېگەن كىتابلاردا تۆمۈر ۋە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئۆمۈر شەيخنىڭ شەرقىي چاغاتاي ئۇلۇسىدىكى شەھەرلەرنى تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرۇلۇق خاتىرە قالدۇرۇلغان. شەرەپىددىن ئەلى يەزدىنىڭ يېزىشىچە، تۆمۈرلەڭ 1375-يىلدىن 1379- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ يەرگە بەش قېتىم ھۇجۇم قىلغان، بىر قېتىم تۆمۈرلەڭ قوشۇنلىرى بىلەن چاغاتاي قوشۇنلىرى ئىسسىقكۆل ئەتراپىدا قاتتىق ئۇرۇشۇپ، چاغاتاي قوشۇنلىرىنىڭ يېڭىلىشى بىلەن بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئاخىرلاشقان، تۆمۈرلەڭ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ئۆز قوشۇنلىرىنى ئىككىگە بۆلۈپ، ئالمىلىق ۋە كاشغەرغىچە ماڭغۇزغان ۋە بۇ شەھەرلەرنى تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، مال-مۈلۈكتىن باشقا، بىر قىسىم ئاھالىلەرمۇ ئىختىيارىي ۋە مەجبۇرىي يوسۇندا تۆمۈرلەڭ دۆلىتىگە ئېلىپ كېتىلگەن. ئابدۇرازاق سەمەرقەنتى «مەتلە ئۇسسەدەيىن ۋە مەجمەئۇل-بەھرەيىن» (ئۇنلەرنىڭ مەنبەسى ۋە ئىككى دەريانىڭ بىرلىشىشى) (1471- يىلى يېزىلغان) ناملىق كىتابىدا ئۆمەر شەيخنىڭ 1370- يىللىرى (بىر قىسىم) كاشغەر ئاھالىسىنى ئەنجانغا كۆچۈرگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرغان.
موڭغۇلىستان خانلىرىدىن ئىسسەن بۇقا دەۋرلىرى (1432-1462) يىللىرىدا دوغلات قەبىلىسىدىن سەئىد ئەھمەد كاشغەرنى نازارەت، مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئەمما، ئۇ ئادەم ئىقتىدارسىزراق بولغاچقا خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن دېگەندەك چىقالماي قالغان، مۇشۇنداق بولغاچقا يەرلىك خوجىلار سەمەرقەنتتىكى تۆمۈرلەڭنىڭ نەۋرىسى ئۇلۇس بەگ بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ، ئۇنى كاشغەردىن قوغلىۋەتكەن، شۇندىن ئېتىبارەن كاشغەر ئۇلۇغ بەگنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان، ئۈچ يىللىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىسىدا سەئىد ئەھمەد كاشغەرنى قايتۇرۇۋالغان. قايتۇرۇۋېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە سەمەرقەنت تەرەپكە ھېسداشلىق قىلغۇچى ۋە قايمۇققان بىر قىسىم كاشغەر ئاھالىسى ماۋەرائۇننەھر تەرەپكە كېتىپ قالغان.
يۇقىرىقىدەك ئۇرۇش سەۋەبىدىنلا ئەمەس، بەلكى خېلى بىر مەزگىل تۆمۈرىلەر ھاكىمىيىتىدە خاتىرجەملىك، ئىلىم-پەنگە بېرىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنمۇ، كۆڭۈل مايىللىقى بىلەن قوشنا ئەل ماۋەرائۇننەھر قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ بارغان شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى بولۇشى تۇرغان گەپ.
تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ماۋەرائۇننەھرگە كىرىشى تارىختىكى كىرىشنىڭ داۋامى ئىدى. بۇ قېتىم كىشىلەر، ئىلگىرىدىن باشلاپ، مەزكۇر رايوننىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلار بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ ئىشلەپ، بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە تارىختا ئالاھىدە خاتىرىلىنىشكە نائىل بولغان. بۇ كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ نام-نىشانى تارىختا قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بەزىلىرىنىڭ تۆھپىلىرى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغاچقا، تارىخىي دېرەكلەر ئارقىلىق زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ كەلمەكتە.

2) تۆمۈرىلەر دۆلىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر مەمۇرىي ئەمەلدارلار
بۇ دەۋردە بىرمۇنچە ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى تۆمۈرىلەرنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلغان.
دۆلەت شاھ باخشى ئۇيغۇر — تۆمۈرىلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەل تۇتقان مەنسەپدار ئىدى.
غىياسىدىن باخشى (؟ — 1452)، بۇ ئادەم مەنبەلەردە غىياسىدىن كىچىك ياكى كىچىككىنە باخشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلۇغ شائىر نەۋائىينىڭ دادىسىنىڭ بەزى ماتېرىياللاردا شىنجاڭلىق ئىكەنلىكى سۆزلەنگەن[261]. ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئائىلىسى كاشغەرىيىدىن مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. غىياسىدىن باخشى سەبىزۋار (ھازىرقى تاجىكىستاندا) شەھىرىگە ھاكىم بولغان. خۇراسان ھۆكۈمدارى ئوبۇلقاسىم بابۇرنىڭ چاغاتاي (ئۇيغۇر) تىلى ۋە ئەرەب تىلى بويىچە باخشى-كاتىپى بولغان. ئۇ شېئىرىيەتكە قىزىققان. ئۆز دەۋرىدە «تارىخىي خانى» ناملىق بىر كىتاب يېزىلغان. ⅩⅣ ئەسىر ئاپتورلىرىدىن ئابدۇللاھ ئبنى ئەلى نەسرۇللا «زۇبدۇت-ئول-ئەسەر» دېگەن تۈركىي تىلدىكى كىتابىدا «‹تارىخىي خاقانىيە› تۈركىي ئۇيغۇر باخشىلىرى ئۇنى ئۇيغۇر خېتى ۋە تەلەپپۇزى بىلەن بىتىبدۇرلەر» دەپ يازغان[262]، [263]. تۆمۈرنىڭ تارىخىنى يازغان شەرەپىددىن ئەلى يەزدى (؟-1454) «زەپەرنامە» دېگەن كىتابىنى يېزىشتا بۇ كىتابتىن پايدىلانغان. بەزى ئاپتورلار «تارىخىي خانى» نى غىياسىدىن باخشى يازغان بولسا كېرەك دەپ قارايدۇ[264]. ئەپسۇسكى بۇ كىتاب ھازىرغىچە ئىلىم ئەھلىگە مەلۇم ئەمەس.
دەۋرىش ئەلى — ئۆز زامانىسىدا ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بەلخ شەھىرىگە ھاكىم بولغان. ئۇ نەۋائىينىڭ ئىنىسى ئىدى.
ئەھمەد ھاجىمبەگ. ئەلىشىر نەۋائىي «مەجالسۇن نەفائىس» تا ئەھمەد ھاجىبەگ[265] توغرىسىدا مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ: «سۇلتان مالىك كاشغەرى كى زاماننىڭ تەڭدىشى يوق كىشى (سىـ) ى ئىدى. شۇنىڭ ئوغلىدۇر. ‹ۋەفائى› دەپ تەخەللۇس قىلاتتى. ئەخلاقى گۈزەل، كۆڭۈللۈك، ھەممىگە پىسەنت (قادىر) يىگىتتۇر. ئۇ، خۇراساندا تەربىيە تاپدى. خۇراسان مەركىزى ھىراتتا 10 يىلغا يېقىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى.
سەمەرقەنتتە بىر مەزگىل ھاكىم بولدى. ۋە بىر قەرنە- 30 يىلدىن بۇيان مۇستەقىل ئەمىرلىك ئورنى بىلەن پادىشاھ (سۇلتان ھۈسەيىن) گە نائىب (ۋەكىللىك) لىق قىلماقتا. ھېچقانداق كىشى ئۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، ئېتىراز قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئەھمەد ھاجىبەگنىڭ ھەيۋەت-باھادىرلىقىنى ھەممە كىشى تونۇيدۇ ۋە تەسلىم قىلىدۇ. تەبىئىي غايەت گۈزەل نەزمىلەرگە كۆپ ساز چالىدۇ. بۇ مەتلئە ئۇنىڭدۇركى:
مەتلئە
گىرىفتى جانىمەن ئەزتەن بەزۇلفى پۇرشىكەن بەستى،
كوشادى پەردە ئەزرۇخسارى خېشۇ چەشمى مەن بەستى.
(ئەي سۆيۈملۈك! مېنىڭ جېنىمنى تېنىمدىن ئېلىپ بۈدرە چېچىڭغا باغلىۋالدىڭ، ئۆزۈڭنىڭ يۈزۈڭ-جامالىڭنى پەردىدىن ئېچىپ كۆزۈمنى باغلىدىڭ)»
بۇ مەتلىئەدىن ئەھمەد ھاجىبەگنى ئىقتىدارلىق دۆلەت ئەربابى ھەم مۇزىكانت ۋە ئۇيغۇر، پارس تىللىرىدا شېئىر يازالايدىغان شائىر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىمىز[266].
نەۋائىي يۇقىرىقى ئەسىرىدە مەۋلانا زامانى توغرىسىدا توختالغاندا، «مەۋلانا زامانى مەۋلانا مۇھەممەد ئامىلىيىنىڭ ئوغلىدۇركىم، ‹ۋەفائى› تەخەللۇسى قىلۇر ئەردى، پەقىر ‹زامانى› قىلىپ ئۆزگەرتىشكە تەكلىپ بەرگەندۇر. سەۋەبى، بىرىنچىدىن، ئۇ سۇلتان بەدىئۇز زاماننىڭ خىزمەتكارى ئىدى. ئىككىنچىدىن، ئەھمەد ھاجىبەگنىڭمۇ ‹ۋەفائى› تەخەللۇسى بولۇپ، دىۋانى ھەم بار ئىدى»، («مەجالىسۇننە فائىس» 98- بەت) دەيدۇ. «بابۇرنامە» دە بولسا مۇنداق دېيىلگەن: «ئەھمەد ھاجىبەگ — سۇلتان مالىك كاشغەرىنىڭ ئوغلى ئىدى. سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا (1451 — 1469- يىلىغىچە خان بولغان) ھىرى (ھىرات) ھۆكۈمىتىنى بىر مەزگىل ئۇنىڭغا بەرگەنىدى، كىچىك ئاتىسى جانىبەگ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ دەرىجىسىنى بۇنىڭغا بېرىپ، سەمەرقەنتكە ئەۋەتتى. خۇشخۇي، مەردانە كىشى ئىدى. تەخەللۇسى ۋەفائى ئىدى، شېئىرنى يامان ئەمەس يازاتتى. بۇنداق بىر بېيىتى بار:
مەستەم، ئەي مۇھتەسىب، ئىمرۇز زى مەن دەست بىدار،
ئىھتىسابەم بىكۇن ئان روزكى يابى ھوشيار.
(ئەي مۇھتەسىب مەن مەستمەن، بۈگۈن مېنى تۇتقان،
مېنى ئەقلىم كاللامدا بولغان كۈنى سوراق قىل).
مىر ئەلىشىر نەۋائىي ھىرىدىن سەمەرقەنتكە كەلسىلا ئەھمەد ھاجىبەگ بىلەن بىللە بولاتتى»[267]. نەۋائىي سەمەرقەنتتە «تۇرغان بىرنەچچە يىل ئىچىدە ئەھمەد ھاجىبەگ ئۇنىڭغا مۇرەببى ۋە ھامى بولدى»، ئۇ «مەردانە كىشى ئىدى»[268].
دېمەك، ئەھمەد ھاجىبەگ ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق دۆلەت ئەربابىلا ئەمەس، بەلكى شېئىرىي دىۋانى بار، مەشھۇر شائىر ئىكەن. ئۇيغۇر «12 مۇقام تېكىستلىرى» دە «ۋاپائى» تەخەللۇسلۇق شائىرنىڭ بىرقانچە كۇپلېت غەزەللىرى ئورۇن ئېلىپ، دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن. بۇ غەزەللەرنى ئەھمەد ھاجىبەگنىڭ غەزەللىرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىمىز.
ئەھمەد ھاجىبەگ سەمەرقەنتتە ھاكىم بولۇپ تۇرغان چاغدا سەمەرقەنتتە ئوقۇۋاتقان ئەلىشىر نەۋائىيغا ئاتىدارچىلىق قىلغانلىقىدىن ئۇنىڭ ئىلىم سۆيەرلەرنىڭ ھامىيسى ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ.
جانىبەگ دولداي. سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا ئۇنىڭغا سەمەرقەنتنىڭ ھاكىملىقىنى تاپشۇرغان. سۇلتان ئەھمەد بولسا (ئوردىنىڭ) ئىشىك ئىختىيارلىقىنى تاپشۇرغان. «بابۇرنامە» دە ئەمىرلەر تەبىقىسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان ۋە «ئىنتايىن ئەدەپ-ئەخلاقلىق،…»، «مەرد كىشى ئىدى»، «سۇلتان مالىك كاشغەرىنىڭ ئىنىسى ئىدى» دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇ يەنە ناھايىتى باتۇر ئادەم ئىكەن[269].
نەۋائىي ئۇلۇغ شائىر ۋە مۇتەپەككۇر، ئۇ 1472 — 1476- يىللىرى ھۈسەيىن بايقارا ئوردىسىدا باش ۋەزىر بولۇپ، نۇرغۇن پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
يەنە ھاپىز مۇھەممەد بەگ دولداي، ئابدۇلكەرىم ئەشرىت قاتارلىق ئۇيغۇر ئەمىرلەرمۇ خۇراساندا ئەينى زاماندا مەنسەپ تۇتقان.
دېمەك، بۇ دەۋردە بىرمۇنچە ئەمەلدارلار ئۆتكەن.

3) تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنىڭ ئورنى
تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، تۆمۈرىلەر دەۋرىدە بىرقانچە خىل تىل-يېزىق ئىشلىتىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىي تىل-يېزىقىنىڭ ئورنى ناھايىتى يۇقىرى، ئىشلىتىش دائىرىسى كەڭ بولغان.
بىرىنچى، تىل. ئەينى چاغدىكى تۈركىي تىل يەنە «چاغاتاي تىلى»، «ئۇيغۇر ئىبارىتى»، «ئۇيغۇر تەلەپپۇزى» دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەن ئاتالغان، كېيىنكى چاغلاردا «چاغاتاي تىلى» دېگەن نام بىلەن دۇنياغا تونولغان.
تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۇيغۇر تىلى ئەرەب، پارس تىللىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسىدە رولىنى جارى قىلدۇرغان. بۇ دەۋردە ئىسلام دىنىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى نوپۇزى تۈپەيلىدىن ئەرەب تىلى ۋە پارس تىللىرىنى ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئورنى بىلەن ھەمىشە كىشىلەرنى ئۆزىگە قىزىقتۇرغان. بىرمۇنچە ئىلمىي خادىملار ئىلمىي ئىجادىيەتتە ئۇ تىللارنى قورال قىلىشنى شەرەپ ۋە ئىستېداتىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم قىلىۋېلىشقان. ئەمما، تۈركىي تىل ئائىلىسىگە مەنسۇپ خەلقلەردىن چىققان بەزى ئالىملار، جۈملىدىن تۆمۈرىلەرنىڭ ھۆكۈمران جەمەتى «تۈركىي تىلى» نامى ئاستىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى جان تىكىپ قوغدىغان ۋە ئۇ مىللىي تىل سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ، ئەرەب، پارس تىللىرىغا مۇناسىپ ھالدا مۇئامىلە قىلىنغان.
نەچچە ئونلىغان تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرگە مەنسۇپ ۋە باشقا خەلق شائىرلىرى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دېيىلىدىغان ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەرلەر يېزىشقان. ئۆز زامانىسىدا مەشھۇر مەۋلانا لۇتفى، مەۋلانا سەككاكى، ئاتائى، ھەزرەتى نەۋائىيلاردىن باشقا يەنە ھەرەمى، قەلەندەر، يېقىنى، مۇقىمى، كەمالى، لەتىفى، پالۋان ھۈسەيىن، مەۋلانە ھىلال، مىرسېيد، مۇھەممەد ئېلى، مىرزابەگ، سەئىد ھۈسەيىن ئەردەشىر، مەۋلانە ئاشىقى، شەۋقى، گەدائى، يەنە مەجلىسى، يۈسۈپ ئەمىرى، ئەھمىدى قاتارلىقلارنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا شېئىر يازغانلىقى توغرىسىدا نەۋائىي «مەجالىسۇن نەفائىس» تا تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتكەن.
بۇ چاغدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تۆمۈرىلەر دەۋرىدىكى تۈركىي تىل ئائىلىسىدىكى خەلقلەر ئەدەبىياتىغا ناھايىتى زور تەسىرىنى شۇنىڭدىن كۆرگىلى بولىدۇكى، تۆمۈرىلەر خانىدانلىقىنىڭ دۆلەت ئەربابلىرى ئابابەكرى مىرزا، سۇلتان خېلىل مىرزا، ئەھمەد مىرزا، سۇلتان ئەھمەد مىرزا، بايقارا مىرزا (ھۈسەينى)، شاھ غېرىب مىرزا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۈركىي تىلىدا شېئىر يېزىشنىڭ تەرەپدارلىرى بولۇپ، ئۆزلىرىمۇ تۈركىي تىلدا شېئىر يازاتتى. ئەلىشىر نەۋائى ئەنە شۇ يۇقىرىقى ئىسىملار زىكرى قىلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدىن مىساللار ئالغان «ماجالىسۇن نەفائىس» دا ھۈسەيىن بايقارا شېئىرلىرىغا مەخسۇس باب ئېچىپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن مىسال كەلتۈرۈپ، كەڭ تونۇشتۇرىدۇ. ھەتتا ھۈسەيىن بايقارانىڭ تۈركىي تىلدا يېزىلغان «ھۈسەينى» تەخەللۇسلۇق شېئىرىي دىۋانى بولغان[270]. نەۋائىي «مەجالىسۇن نەفائىس» نىڭ Ⅶ مەجلىسىدە ھۈسەيىن بايقارا توغرىسىدا توختىلىدۇ.
تۆمۈرىلەرنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ھىرات ۋە سەمەرقەنتنى مەركەز قىلغان تۈركىي تىللىق خەلقلەر مەدەنىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ قالغانىدى. چۈنكى، بۇ شەھەرلەر ھەشەمەتلىك، ئىلىم ئەھلىلىرى توپلانغان، ئاجايىپ گۈللىنىش مەزگىلىدە تۇرغان. ئەينى چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆلىما-زىيالىيلار ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن چوڭ نوپۇزغا ئىگە بولغان ئەرەب تىلىنى بىردىنبىر ئەدەبىي تىل دەپ ھېسابلىمايدىغان ھەمدە پارسچە بىلەنمۇ چەكلىنىپ قالماي، بەلكى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا شەكىللەنگەن چاغاتاي ئەدەبىي تىلىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىي تىلى قىلىپ قوللىنىدىغان گۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن.
ھىرات ۋە سەمەرقەنتتىكى كۆپچىلىك تۈركىي تىللىق خەلقلەر، موڭغۇل ئەۋلادلىرى (باشقا خەلقلەرمۇ بار) سىياسىي جەھەتتىكى سادىقلىقىدىن، ھەتتا دىنىي جەھەتتىكى سادىقلىقىدىن، ۋاز كېچىشىگە رازى بولغانكى، ئۆز خەلقىنىڭ تىلى، ئەدەبىياتىدىن ۋاز كەچمىگەن.
شۇنداق بولغاچقا، خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھر رايونىدا ئەرەب تىلى ۋە پارس-تاجىك تىلى ئىلمىي تىل بولۇش سۈپىتى بىلەن تولۇق غەلىبىگە ئېرىشەلمىگەن. بولۇپمۇ ئەرەب تىلى يېقىن شەرقتىكى كەڭ رايونلار ۋە ياۋروپادىكى بەزى جايلارغا ئوخشاش جانلىق تىل بولۇشى ۋە غەلىبە قازىنىشى تېخىمۇ مۇمكىن بولمىغان. ھىرات ۋە سەمەرقەنتلەرنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىيات-سەنئىتى بالدۇرقىدەكلا ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنە بازىسىنى مۇستەھكەم ساقلاپ كەلگەن. بۇنداق ئەنئەنىنىڭ مۇقىملىقى توغرىسىدا يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن مەزمۇنلاردىن بەلگىلىك بىر ئەقلىي خۇلاسىنى چىقىرىۋالغىلى بولىدۇ.
تارىخىي پاكىتلارغا قارىغاندا، ئەينى چاغدا ھىرات ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىل ئائىلىسىدىكى خەلقلەر يۇرتلىرىدىكى قوۋم-ئايماقلارنىڭ ئەنئەنىسى دەسلەپتە ئەرەبچىلەشتۈرۈۋېتىلگەن، كېيىنكى ۋاقىتلاردا پارسچىلاشتۇرۇۋېتىلگەن. ئەمما، يەرلىك كىشىلەرنىڭ بىر خىل مىللىي ھېسسىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىش تەسكە چۈشكەن. ⅩⅣ ئەسىردىن باشلاپ، ھەر خىل مىللىي تەركىبتىكى ئاھالىلەردىن قايتا تەشكىل تاپقان ھىرات، سەمەرقەنت قاتارلىق تۆمۈرىلەر چوڭ شەھەرلىرىنىڭ يېڭى شەھەر سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىشى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئەمگەكچىلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك رول ئوينىغانلىقىدىن ئايرىلمايدۇ.
يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلى تۆمۈرىلەر دەۋرىدىكى كۆپچىلىك زىيالىيلارنىڭ ئىلمىي ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئاساسىي قورال رولىنى جارى قىلدۇرغانىدى.
بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلى شۇنىڭدىن كېيىن بەزى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئەدەبىي تىللىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ توغرىسىدا ئۆزبېك تىلىنىڭ تارىخىنى ئۆگەنگەن ئاتاقلىق ئالىم ئا، شىرباك تۆۋەندىكى پىكىرنى ئېيتقان. «ئۆزبېك ئەدەبىي تىلىنىڭ تەرەققىياتىدا سىرتقى ئامىللار دائىرىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك مىراسىنىڭ تەسىرى بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇنغا ئىگىدۇر.ⅩⅣ — Ⅺ ئەسىرلەر مابەينىدە كاشغەردە شەكىللەنگەن ئەدەبىي ئەنئەنىلەر ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇزۇن مۇددەت داۋامىدا ئەدەبىي ئۈلگە سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان ئومۇمىي تىلنىڭ تەرەققىياتىغا زېمىن ياراتتى»، دەپ تەكىتلىگەن («سوۋېت تۈركلوگىيىسى» ژۇرنىلى، 1945- يىلى 4- سان)[271].
ئىككىنچى، يېزىق. تۆمۈرىلەر دەۋرىدىكى تۈركىي-ئۇيغۇر يېزىقى ئىككى خىل ئىدى. بىرى، ئۇيغۇر يېزىقى. بۇ ئادەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بولۇپ، تۆمۈرىلەر دەۋرىدە داۋاملىق ئىشلىتىلىپ تۇرغان يېزىق. يەنە بىرى، ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى. بۇ ئۆز زامانىسىدا تۈركىي يېزىق ياكى چاغاتاي يېزىقى دەپمۇ ئاتالغان. بۇ يېزىقلار توغرىسىدا يۇقىرىقى بابلاردا مەخسۇس توختالغانىدۇق.

4) ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەلسەپە ئىدىيىلىرىنىڭ تۆمۈرىلەر دۆلىتى تەۋەسىدىكى ئىدېئولوگىيىگە كۆرسەتكەن تەسىرى
تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۆلىما-زىيالىيلارغا تەسىر قىلغان ئىدېئولوگىيە خىلمۇخىل مەنبەلەرگە تۇتىشاتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە قەدىمكى دەۋر ۋە ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەلسەپە ئىدىيىلىرىنىڭ تەسىرى بەلگىلىك ئورۇننى ئىگىلەيتتى.
ئۆز زامانىسىدىكى بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ماتېرىياللارغا قارىغاندا، فارابى، مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەد يۈگنەكىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئىجتىمائىي ئىدىيىلەر شۇ چاغ ئالىملىرىنىڭ ئىدىيىلىرىدە ھەرخىل رەۋىشتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ ھەقتە بىز «ئەلشىر نەۋائىي» دېگەن ماۋزۇدا مەخسۇس توختىلىمىز. شۇنداق بولسىمۇ مۇنداق ئىككى مىسالنى تەكىتلەپ ئۆتىمىز. قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، جۈملىدىن پەلسەپە ئىدىيىلىرىنىڭ كېيىنكىلەر تەرىپىدىن «ۋېينامە» نۇسخىسى دەپ ئاتالغان كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى، 1439- يىلى ھىرات شەھىرىدە ھەسەن قارا سائىل شەمسى دېگەن كاتىپ تەرىپىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن. بۇ ھال، بۇ داستاننىڭ ئۆز زامانىسىدا ھىراتتىكى ئىلىم ئەھلى ئارىسىدا ئوقۇلۇپ تۇرغانلىقى مەلۇم. يەنە بىرى نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرىدە «ئەتەبەتۇلھەقايىق» نى كۆرگەنلىكى توغرۇلۇق ئۇچۇرلار بار.
تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە تەسىرى مەسىلىسىدە دەسلەپ قىلىپ، سەئىدىددىن كاشغەرى توغرىسىدا توختىلىمىز.
سەئىدىددىن كاشغەرى (1377 — 1456). كاشغەردە ئۇلۇغلار ئائىلىسىگە مەنسۇپ، ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان. «ئۇلار تەبىقىسىدە ئالىملار ئەھلى، تەقۋادار ۋە ئەۋلىيالار بولغان»[272]. مەسىلەن، زەينىدىن كاغراقى (كاشغەرى) سەئىدىددىن كاشغەرىنىڭ دادىسى بولۇپ، ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق ئۆلىماسى ئىدى؛ بۇ كىشىنىڭ ئەۋرىسى شەيخ ئالامىدىن پارس تىلىدا «مۇناقىب خوجا زەينىدىن» ناملىق كىتاب يازغان. بۇ كىتابنى ئابدۇئەلى سەرمەنى (كاشغەرى) 1797- يىلى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. سەئىدىددىن كاشغەرىنىڭ نەۋرىسى مەۋلانە مىرفازىل پارس تىلىدا «سىررەل ئەسرار» ناملىق سوفىزىم ئاساسىي پرىنسىپلىرى ۋە تەرىقەت قائىدىلىرىنى چۈشەندۈرىدىغان كىتاب يازغان.
سەئىدىددىن كاشغەرىنىڭ تۇغۇلغان يىللىرى كاشغەر ئاھالىسىنىڭ ئىنتايىن ئازاب-ئوقۇبەتلىك يىللىرى ئىدى. چۈنكى، مىلادىيە 1369- يىللىرى ئەمىر قەمەرىددىن كاشغەردە توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، تۇغلۇق تۆمۈر ئەۋلادى ۋە ئۇنى ياقىلايدىغان ھەر قايسى تەبىقىدىكى ئادەملەرنى قىرغىن قىلغان. ئۇنىڭ كەينىدىنلا، يەنى 1375- يىلى تۆمۈر قەمەرىدىنگە قارشى قىلغان ئۇرۇشتا كاشغەر شەھىرىنى تامامەن خاراب قىلغانىدى. نەتىجىدە كاشغەر خەلقى، جۈملىدىن سەئىدىددىن كاشغەرىنىڭ ئائىلىسى ئۆزىنىڭ سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى باشلىغان. سەئىدىددىن كاشغەرى ئىلىم خۇمار ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، سەپەر مەنزىلىنى ئۆز دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىلىم-پەن مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان سەمەرقەنتكە نىشانلىغان. ئۇ سەمەرقەنتكە بارغاندىن كېيىن بىر مەزگىل تولىمۇ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. ئۇ يەردە كاشغەردىن بارغان ئۆلىما مەۋلانە مۇھەممەد بىلەن بىرلىكتە ئىلىم تەھلىل قىلىشقا كىرىشكەن[273]. بىر مەزگىل ئۆتۈپ ئوغلى مىر سەئىد ئەلىنى شەيخ ھەبىب دېگەن ئۆلىمانىڭ خىزمىتىنى قىلىش ۋە مۇھەممەد بائائىدىن نەقشىبەندى (1318 — 1389) يىللىرى مۇدەررىسلىك قىلغان بۇخارا مەدرىسىگە ئوقۇشقا كىرگەن. بۇ يەردە تىرىشىپ ئۆگىنىپ، خوجا باھائىددىن نەقشىبەندىنىڭ ئالقىشىغا ئىگە بولغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ سادىق مۇرىتىغا ئايلانغان. ئۇستازى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ جايدىكى شەيخلىرىنىڭ ھەسەتخورلۇقى تۈپەيلىدىن خۇراسان ئۆلكىسىگە بېرىپ، «خۇراسان ئالىمى مەۋلانە نىزامىدىننى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن پۈتۈن ئەنئەنىۋى بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى تاماملىغان، ئۆز زامانداشلىرى ئارىسىدا زور ئاتاققا ئىگە بولۇپ تونۇلغان[274]». ئۇ يەنە جالالىدىن ئەبۇ يەزىد بۇرابى قاتارلىق تەسەۋۋۇپ پىرلىرىدىن تەسەۋۋۇپچىلىقنى ئۆگەنگەن. شۇنداق قىلىپ، تەسەۋۋۇپ ئۆلىمالىرىنىڭ ئىچىدە ناھايىتى زور شۆھرەت قازانغان[275]. ئۇ شۇ دەۋرنىڭ ئاتاقلىق ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ شۆھرەت قازانغاندىن كېيىن خۇراساندا (ياكى ھىرات شەھىرىدە) ھۈسەيىن بايقارا سالدۇرغان «مەلىكان مەدرىسى» دە مۇدەررىس بولۇپ، نۇرغۇن تالىپ-ئۆلىمالارنى تەربىيىلىگەن.
سەئىدىددىن كاشغەرى ھاياتىدا بىرقانچە ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان. ئۇلار «مۇنيەتۇل مۇسەللى ۋە غۇنيەتۇل مۇفتەدى»، «تۆھفەتۇل مۇسەللى، مۇنيەتۇل مۇسەللى»، «كەلىمات خوجا باھائىددىن»، «رىسالەئى لەتائىف»، «ۋۇجۇدنامە» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ 15 خىل نۇسخىسىدىن كۆپرەك قوليازمىسى ھازىر ئىلمىي خادىملارنىڭ قولىدا ساقلانماقتا ئىكەن[276].
بىزنىڭ بۇ يەردە سەئىدىددىن كاشغەرىنى ئالاھىدە سۆزلىرىشىمىزدىن مەقسەت، كاشغەردە قىرانلىق چاغلىرىنى ئۆتكۈزۈپ ۋە كاشغەرنىڭ مەرىپەت مۇھىتىدا ئۆسكەن ۋە ياشلىق چاغلىرىدا، قەلب چوڭقۇرلۇقىدا مۆھۈردەك ئويۇلغان پەلسەپىۋى بىلىملىرىنى سەمەرقەنت، بۇخارا، ھىرات قاتارلىق جايلاردا يەنىمۇ پىششىقلاپ، چوڭ بىر ئۆلىما، ئالىمغا ئايلىنىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ بىلىملىرىنى ھىرات مەدەنىيەت مەكتىپى (ئېقىمى) دىكى شاگىرتلىرىغا تارقىتىپ، چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى، قىسقىسى، ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئىدىيىلىرىنىڭ بىر بايراقدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز زامانىسىدىكى ئىدېئولوگىيىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى يورۇتۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بىز بۇ يەردە پەقەت ئۇنىڭ ئابدۇراخمان جامىغا بولغان تەسىرىنىلا ئەسكەرتىپ ئۆتىمىز. ئا. جامى (1414 — 1492) ئىسلام دۇنياسى، پۈتكۈل پارس ئەدەبىياتى تارىخىدىكى ئەڭ كاتتا سىيمالارنىڭ بىرى، ياۋروپا ئەللىرىگە داڭق كەتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر شائىر بولۇپ، ئۇ دەل سەئىدىددىن كاشغەرىنىڭ شاگىرتى ئىدى. ئۇ ئۇستازىنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا شېئىرىيەت، مۇسىقا (مۇزىكا) ساھەسىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئا. جامى تەرىقەت سۇلۇكىنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىسى بولۇپ، ئۇ ئومۇمىي دۇنيا قاراش جەھەتتە سەئىدىددىن كاشغەرىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر قاتار ئەسەرلىرىدە[277] سەئىدىددىن كاشغەرىنىڭ تەسەۋۋۇپ تەلىماتىنى شەرھلىگەن، ئۆزىنىڭ پىرى ھەم شەيخى سەئىدىددىن كاشغەرىگە يۈكسەك باھا بەرگەن. ئۇستازى ۋاپات بولغاندا، قاتتىق قايغۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا، سەئىدىددىن كاشغەرىنىڭ لۇتفى، سەككاكىلارغىمۇ كۈچلۈك تەسىرى سىڭگەن.
سەئىدىددىن كاشغەرى ۋاپات بولغاندا، ھىراتنىڭ ھىيابان دېگەن يېرىگە دەپنە قىلىنغان[278].
سۇلتان مالىك كاشغەرى. بۇ كىشى توغرۇلۇق ئەلىشىر نەۋائىي «مەجالىسۇننەفائىس» تا «…. زاماننىڭ تەڭدىشى يوق كىشى ئىدى» دېگەن مەلۇماتنى بېرىپ ئۆتىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇ كىشىنىڭ كاتتا ئالىم ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. ئەمما، باشقا ئۇچۇرلار يوق.
مەۋلانە فەىسھۇددىن مۇھەممەد نىزامى، يەنى «فەىسھۇددىن ئاخۇنۇم». ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئۇستازلىرىدىن ئىدى. بۇ زات ھەققىدە خاندەمىر «خۇلاسەتۇل ئەخبار» دا مەلۇمات بېرىلگەن.
تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىچىدە «ئاخۇن» سۆزى كۆپ قوللىنىلىدۇ[279]. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارغا ئاساسەن فەىسھۇددىن ئاخۇنۇم ئۇيغۇر زاتىغا مەنسۇپ بولسا كېرەك، دەپ قارالماقتا.
ئۇلۇغ شائىر نەۋائىي ھەم ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭقۇر پەلسەپىگە تولغان ئەسەرلىرى خۇراسان ئۆلكىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئىدىيىلىرى ساھەسىگە مۆلچەرلىگۈسىز تەسىرىنى كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي پىكىرلەرنى بېيىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان.
مۇھەممەد ئىبنى رەشىد ئەلى كاشغەرلىك داڭلىق ئالىم. ⅩⅤ ئەسىردە غەربىي ئاسىياغا سەپەر قىلغان ھەم سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆزىنىڭ كەڭ بىلىمى ئاساسىدا ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرى، مەسىلەن، ھېدىق نەسىرنىڭ «ئەلھەينان» ناملىق كىتابىغا، قازى نىيازنىڭ «سۈبھى» دېگەن كىتابىغا ۋە خېلىل بەگ ئىمىن نىيازنىڭ ئىككى پارچە كىتابىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، پۈتۈن ئەرەب دۇنياسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن بۇ زات 1466- يىلى مەككىدە ۋاپات بولغان[280].
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ئەينى زاماندا ھىراتتا سەئىدۇلمىللەت ۋەلەدىل كاشغەرى دېگەن بىر ئالىم ئۆتكەن بولۇپ، بەزى ماتېرىياللاردا ئۇ نەۋائىينىڭ ئۇستازلىرىدىن ئىدى، دېيىلىدۇ. بۇ سەئىدىددىن كاشغەرى بىلەن بىر ئادەم بولۇشىمۇ مۇمكىن دېگەن پەرەزنىڭ تۇغۇلۇشىغا مۇمكىنچىلىك بېرىدۇ. لېكىن پاكىتلار ئازراق.

5) تۆمۈرىلەر ئوردىسىدىكى ئۇيغۇر مۇقاملىرى
ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مۇزىكا تارىخىدا ئۈلگىلىك، نەمۇنىلىك ئورۇنغا ئىگە. ئۇنىڭ مەزمۇنىدا كۈي ئاھاڭلىرى ۋە مۇزىكا رىتىملىرى بولغاندىن باشقا، لىرىك غەزەل يەنى ئەدەبىي ئەسەر جەۋھەرلىرى ساقلانغان. بۇلار شائىرلارنىڭ ئوتلۇق ئىلھامى، ۋەزىنلىك ئىجادىغا كۈچلۈك تەسىر قىلغانلىقىدا شۈبھە يوق. مۇقامنىڭ زامان-زامانلاردىن بېرى مەۋجۇد بولۇپ كېلىشىدە بەدىئىي ئەدەبىيات بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
كىشىنى تولىمۇ قىزىقتۇرىدىغىنى شۇكى، ئالەمشۇمۇل ئىمپېراتور تۆمۈرىلەر ئوردىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ «12 مۇقامى» نىڭ ئورۇندىلىپ تۇرغانلىقى. تۆمۈر پۈتۈن ئۆمرى ھەربىي سەپلەردە ئۆتكەن بولۇشىغا قارىماي، ھەرخىل مۇناسىۋەت بىلەن خىلمۇخىل تويلارنى، بەزمىلەرنى ئۆتكۈزۈشنىمۇ ياخشى كۆرگەن. شۇڭا، ئۆزى ئىشغال قىلغان شەھەرلەردىن باشقا شەھەرلەردىكى تۈرلۈك-تۈمەن ھۈنەرۋەنلەر قاتارىدا ئاتاقلىق سەنئەتكارلار، ناخشىچىلار ۋە سازەندىلەرنىمۇ سەمەرقەنتكە توپلىغان. تارىخچى ئىبنى ئەرەبشاھ تۆمۈر توغرىسىدىكى خاتىرىسىدە شۇ دەۋردە تۆمۈر ئوردىسىدا داڭق چىقارغان مەشھۇر مۇزىكا ئۇستازلىرىدىن ئابدۇللەتىف دامخانى، مەھمۇد ۋە جامالىدىدىن خارەزمى، ئابدۇلقادىر غايىبى مەرغالى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.
شۇ دەۋردە، بولۇپمۇ تۈركىي تىللىق خەلقلەردىن چىققان ئابدۇلقادىر مەرغالى مۇزىكا ساھەسىدە ئۇلۇغ ئۇستاز ھېسابلانغان. ئەنجانلىق ئاتاقلىق ھاپىز يۈسۈپ ئاۋازىنىڭ يېقىملىقلىقى ۋە ناخشا ئېيتىش سەنئىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرغان. پارس ھاكىمى بۇ ئادەمنى بىرقانچە قېتىم بايسۇنقارادىن بېرىپ تۇرۇشنى سورىغان بولسىمۇ، مەقسىتىگە يېتەلمىگەن.
ئابدۇلقادىر مەرغالى ساز چېلىشتىلا دەۋرنىڭ ئاتاقلىق سەنئەتكارى بولۇپ قالماي، مۇزىكا نەزەرىيىسى ساھەسىدىمۇ ئاتاقلىق ئالىم بولغان. ئۇ پارس تىلىدا بىرقانچە پارچە كىتاب يازغان. «مەقاسىددۇلئەلخۇان» (ناخشا-مۇزىكىنىڭ مەقسىتى ۋە نىشانى» (1418- يىلى يېزىلغان) ناملىق كىتابىدا شۇ دەۋردە تۆمۈرىلەر سارىيىدا ئورۇندىلىپ تۇرىدىغان «12 مۇقام» نىڭ ناملىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ:
1. ئوشاق، 2. نەۋا، 3. بۇسەلىك، 4. راست، 5. ھۈسەينىي، 6. ھىجاز، 7. رەماۋى. 8. زەنگۈلە، 9. ئىراق، 10. ئىسفۇھان، 11. زىرئەفكەند، 12. بۇزرۇگ.
ئابدۇلقادىر مەرغالى، شۇ دەۋردە تۈركىي خەلقلەر غەزەل، ناخشا، مۇقام دېگەن ئاتالغۇلار ئورنىدا «كۇگ» (كۈي) دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىدىغانلىقى، تارىم ۋادىسىدىكى شەھەرلەردە ناھايىتى كۆپ «كۇگ» بارلىقى، بۇلاردىن تولقۇز كۇگ بەك داڭلىق ئىكەنلىكى، خان سارايلىرىدا ھەر كۈنى بىر كۇگ ئورۇندىلىپ تۇرىدىغانلىقى، ئۇلاردىن بىر مۇنچىسى «ئۇلۇغ كۇگ» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىدۇ»[281].
بۇ دەۋردە ئۆتكەن بىر قىسىم ئەدىبلەر تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىل ئائىلىسىدىكى خەلقلەر ئىچىدىن يېتىشىپ چىقىپ، ئۆز دەۋرى ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ ھەسسىلەرنى قوشقان.

6) ئەلىشىر نەۋائىي
ئۇلۇغ شائىر ۋە مۇتەپەككۇر ھەزرىتى ئەمىر ئەلىشىر نەۋائىي (144- — 1501- يىللىرى)[282] ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئىنتايىن يۈكسەك ۋە پەخىرلىك ئورۇن تۇتقان شانلىق نامايەندە. ئۇ خۇراسان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ھىرات شەھىرىدە شىنجاڭلىق غىياسىدىن باخشى (غىياسىدىن كىچىك، كىچىككىنە باخشى دەپمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تارىخشۇناس مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر (1500 — 1551 يىللىرى) «تارىخى رەشىدىي» (1541 — 1546 يىللىرى) ناملىق كىتابىدا «1 خىل وي ئاز بخشىيان اويغۈر است پدر اورا كىچىكينە بخشى ميكفتند» يەنى «ئەلىشىرنىڭ ئەسلىي ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن، ئاتىسىنىڭ ئېتىنى كىچىككىنە باخشى دېيىشەتتى»[283] دەپ يازغان.
نەۋائىي ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن باشلاپلا ئەدەبىياتقا قىزغىن ئىشتىياق باغلاپ، بىر مۇنچە ئەدىبلەردىن تەلىم ئالغان. شەرق كلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن.[284].
نەۋائىي ئۆزى ئىلمي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ قالماستى، بەلكى خۇراسان ئۆلكىسىنىڭ مەدەنىي مۇھىتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلغان.
غىياسىدىن ئەلىشىرنىڭ ئاتىسى — ئۇيغۇر سۈپەتلىك باخشىلار، ئۇيغۇرى مەرتىۋىلىك باخشىلار (نەۋائىينىڭ ئۆز سۆزى) دىن كىچىك باھادىر غىياسىدىن «باخشى» نىڭ ئائىلىسىدە دەسلەپتە پەرغانىدە، تۆمۈرىلەر شاھزادىلىرىدىن ئۆمەر شەيخ سىياسىي مەركەز قىلغان ئەسەخ شەھىرىدە ياشىغان. بۇ جاي ئەنجان ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيە ئىدى. كېيىن (تەخمىنەن 15- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ھىراتقا كۆچۈپ بېرىپ، شاھرۇخ مىرزا ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان. ئەلىشىر 1441- يىلى 9- فېۋرالدا ھىرى (ھىرات) دا تۇغۇلغان. نىزامىدىن ئەلىشىر يەتتە ياش چېغىدا شاھرۇخ مىرزا ئۆلۈپ، شاھزادىلەر ئوتتۇرىسىدا تەخت-تاج تالىشىش تۈپەيلىدىن جەڭگى-جېدەل كۆتۈرۈلۈپ تۇرغاچقا، كىشىلەر ئامانلىق ئىزدەپ، تەرەپ-تەرەپكە كۆچۈپ كەتكەن. جۈملىدىن غىياسىدىن ئائىلىسىمۇ ئىراققا كۆچۈپ بېرىپ، تەفىت شەھىرىدە ئۈچ يىلغىچە ياشىغان. خۇراساندا جېدەل-ماجىرا بېسىققاندىن كېيىن غىياسىدىن باخشى ئائىلىسى ھىراتقا قايتىپ كەلگەن. ئوبۇلقاسىم بابۇر (1452 — 1457- يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) غىياسىدىننى سەبىزۋارغا ھاكىم قىلىپ ئەۋەتكەن. 10 ياشلىق ئەلىشىر ھىراتتا قېلىپ ئوقۇغان. ئەلىشىر 12 ياشقا كىرگەندە ئاتىسى ۋاپات بولۇپ ئوبۇلقاسىم بابۇرنىڭ قولىغا قالغان، 15 يېشىدا ھۈسەيىن بايقارا بىلەن ئوبۇلقاسىم ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان. 1456- يىلى ئوبۇلقاسىم بابۇر ئوردىسىنى مەشھەتكە يۆتكىگەندە ئەلىشىرمۇ بىللە بارغان. ھىرات تىنچىغاندىن كېيىن ئەلىشىر ھىراتقا قايتىپ كەلگەن. بىراق، بۇ يەردە ئۇزاق ياشىيالمىغان. چۈنكى، نىزامىدىن 18 ياشلىق چاغلىرىدا چوڭ پالاكەتكە ئۇچرىغان.
سۇلتان ئەبۇسەئىدمىرزا 1458- يىلى پايتەخت ھىراتنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن شاھرۇخ ۋە ئوبۇلقاسىم بابۇرنىڭ ئەربابلىرى ۋە يېقىنلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۆزلىرىنى ھەر جايغا سۈرگۈن قىلغان. شۇ قاتاردا ئەلىشىرنىڭ ئاتا مۈلكىمۇ مۇسادىرە قىلىنغان ۋە ئۆزى سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراپ سەمەرقەنتكە كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئەلىشىر يىگىتلىك چېغىدا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.
ئەلىشىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى مەشھەتتە ئوبۇلقاسىم بابۇر ئوردىسىدا خىزمەت قىلىپ تۇرغان 16 ياش مەزگىللىرىدىلا دەسلەپكى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن ۋە ئۇنىڭ شائىرلىق تالانتى ۋايىغا يەتكەن. نەۋائىي ئەدەبىي پائالىيىتىنىڭ كېڭىيىشى ھەمدە زور كۆلەمدە چوڭقۇرلىشىشىدا ئوبۇلقاسىم بابۇرنىڭ تەسىرى چوڭ بولغان. نەۋائىي مەشھەدتىكى ۋاقتىدىلا ئىككى تىلدا — پارسچە ۋە تۈركچە شېئىرلارنى يېزىشقا باشلىغانىدى. شۇڭا، ئۇ تېز ئارىدا «زۇللىسانەين» («ئىككى تىللىق شائىر») دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازىنىدۇ. ئۇ پارسچە شېئىرلىرىنى «فانى»، تۈركچە شېئىرلىرىنى «نەۋائىي» تەخەللۇسى بىلەن ساۋاقدىشى ھۈسەيىن بايقارا (1506- يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) تەختكە چىقىپ، ھىراتنى ئىگىلىگەن. ھۈسەيىن بايقارا تەختنى ئىگىلىگەن دەسلەپكى يىللاردا نەۋائىي ئۇنىڭغا ئۈمىد بىلەن قاراپ، ئەلدە ئادالەت، مەرىپەت ئورنىتىدۇ، دەپ ھېسابلىغانىدى. لېكىن، ئۇ نەۋائىينىڭ كۈتكىنىدەك بولمىدى. 1470- يىلى ھىراتتا خەلق قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلىدۇ. نەۋائىي قوزغىلاڭغا خەيرخاھلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قوزغىلاڭ نەۋائىينىڭ ئارىلىشىشى ئارقىسىدا سۈلھ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. نەۋائىينىڭ نامى خەلق ئىچىدە چوڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ. 1472- يىلى 4- ئايدا نەۋائىي سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا ئوردىسىنىڭ ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. ۋەزىرلىك لاۋازىمىدا تۇرغان نەۋائىي ئەلدە تەرتىپ ۋە ئادالەت ئورنىتىشقا، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئىنتىلىدۇ. لېكىن، يۇقىرى تەبىقە مۇتەئەسسىپلىرى ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلىدۇ. 1476- يىلى نەۋائىي ساراي پىتنە-پاساتلىرى تۈپەيلىدىن ۋەزىرلىكتىن ئىستېپا بېرىپ، 11 يىلغىچە دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلاشماي، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ يىللار نەۋائىي ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسى بولۇپ قالىدۇ، ئەلىشىر نەۋائىي ئۆزىنىڭ 60 يىللىق ھاياتىدا نۇرغۇن مېھنەت سەرپ قىلغان. ئۇ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى بەدىئىي ۋە ئىلمىي ئىجادىيەتكە بېغىشلاپ، 60 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يېزىپ قالدۇرغان[285]. ئۇنىڭ ئىلىم دۇنياسىغا مەلۇم بولغان ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
① دىۋانلار («خەزائىنۇل مەئانى»): 1) «غەرايىبۇسسىغەر» (ئۆسمۈرلۈك غارايىباتلىرى)، 2) «نەۋادىرۇششەباب» (يىگىتلىك نادىرلىقلىرى)، 3) «بەدائىئول ۋەسەت» (ئوتتۇرا ياشلىق گۈزەللىكلىرى)، 4) «فەۋائىدۇل كىبەر» (قېرىلىق نەپلىرى)، 5) «دىۋان فانى» (پارسچە دىۋانى)؛ ② «خەمسە»: 6) «ھەيرەتۇل ئەبرار»، 7) «پەرھاد ۋە شېرىن»، 8) «لەيلى ۋە مەجنۇن«، 9) «سەبئەئى سەييارە»، 10) «سەددى ئىسكەندەر»؛ ③تەزكىرىلەر: 11) «مەجالىسۇننەفائىس»، 12) «نەسائىمۇل مۇھەببەت» (مۇھەببەت خۇشپۇراقلىرى)؛ ④ تىل ۋە ئەدەبىياتقا دائىر ئەسەرلىرى: 13) «رىسالەئى مۇئەمما»، 14) «مىزانۇلئەۋزان»، 15) «مۇھاكىمەتۇللۇغەتەيىن»؛ ⑤ دىنىي ئەخلاقىي پەلسەپىۋى ئەسەرلىرى: 16) «مۇناجات»، 17) «چىھىل ھەدىس» (ئەربەئىن)، 18) «نەزمۇل جەۋاھىر»، 19) «لىسانۇتتەير»، 20) «سىراجۇل مۇسلىمىن»، 21) «مەھبۇبۇل قۇلۇب»؛ ⑥ تارىخىي ئەسەرلەر: 22) «تارىخىي ئەنبىيا ۋە ھۆكۈما»، 23) «تارىخىي مۈلكى ئەجەم»، 24) «زۇبدەتۇل تەۋارىخ»؛ ⑦ تەرجىمىھال ئەسەرلىرى: 25) «ھالاتى سەئىد ھەسەن ئەردەشىر»، 26) «خەمسەتۇلمۇتەھەييىرىن»، 27) «ھالاتى پەھلىۋان مۇھەممەد»؛ ⑧ ۋەسىقىلەر: 28) «ۋاقفىنامە»، 29) «مۇنشەئات» (يېزشمىلار) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە نەۋائىي ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئۆز قەسىدىلىرىنى توپلاپ، «فۇسۇلى ئەربەئە» (تۆت پەسىل) ۋە «لىستەئى زۆرۈرىيە» (ئالتە زۆرۈرىيەت) ناملىق ئىككى توپلام تۈزۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئېيتىلغان. بۇلاردىن باشقا نەۋائىينىڭ «رىسائەلى مۇفرەدات دەرفاننى مۇئەمما» دېگەن ئەسىرى بولغان. ھەزرىتى ئەلىنىڭ «نەسرۇل-لەئالى» ناملىق ئەسىرىنى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا نەسىرى ئۇسۇلدا ئىشلەپ چىققان.
نەۋائىي ئۆزى ئىلمىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ قالماستىن، بەلكى خۇراسان ئۆلكىسىنىڭ مەدەنىي مۇھىتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلغان. ئۆز يېنىدىن خىراج ئاجرىتىپ، خانىقا-مەدرىسە، ئىلمىي ئورگانلارنى تەسىس قىلىپ، ئۇ يەرگە ئىلىمخۇمارلارنى توپلاپ، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بەرگەن.
نەۋائىي ئىجادىيىتى ئۆز دەۋرىدىكى ئىلىم-مەرىپەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك، يىرىك مەھسۇلى. نەۋائىي تۇغۇلغان ۋە ئاساسلىق پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان ھىرات شەھىرى ⅩⅤ — ⅩⅣ ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان. نەۋائىي ئائىلىسىمۇ مەرىپەت، ئەدەبىيات-سەنئەت ئەھلى بىلەن يېقىن ئىدى. ھەزرىتى نەۋائىينىڭ ئۆزى شۇ چاغدىكى ئەڭ بىلىملىك ئۆلىمالاردىن بىلىم ئالغان. نەۋائىي ئۆزى ئېيتقان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ چېچەن ناتىقلىرىدىن، تۈركىي سۆز ماھىرلىرىدىن بولمىش سەككاكى، لۇتفىلار» ئۇنىڭ ئەسىرداشلىرى ئىدى. نەۋائىي ئۇيغۇر تىلىدا گۈزەل ئەسەرلەرنى يازغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەد يۈكنەكى، لۇتفى، سەككاكى، ئەتائى قاتارلىق ئەدىبلەرنى ئۆز ئۇستازلىرى سۈپىتىدە ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ئەدەبىي ئەنئەنىسىگە قويۇق ۋارىسلىق قىلغان. شۇنىڭدەك ئەرەب، پارس ئەدەبىياتىنىمۇ ئىشتىياق بىلەن ئۆگەنگەن، بولۇپمۇ پارس-تاجىك تىلىدا يىرىك ئەسەرلەرنى يازغان ئەزەربەيجان شائىرى نىزامى ۋە پارس شائىرلىرىدىن فىردەۋىسى، ئۆمەر ھەييام، سەئىدى، ھاپىز شىرازى، ئا. جامى، ھىندىستاندا ياشىغان پارس تىللىق تۈركىي شائىر خۇسرەۋ دېھلەۋى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى پىششىق ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئۆز ئەدەبىي پائالىيىتىگە ئىجادىي تەتبىق قىلغان ۋە پارس تىلىدىمۇ شېئىر يازغان، شۇڭا نەۋائىينىڭ نامى يالغۇز تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئەرەب ۋە پارس خەلقلىرى ئارىسىدىمۇ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە.
نەۋائىينىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يىرىك ۋەكىلى ئىكەنلىكى يالغۇز ئۇنىڭ نەسەبىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى بىلەن ئۆلچىنىپ قالماستىن، بەلكى نەۋائىي مىللىي تىل سۈپىتىدە قوللانغان تۈركىي تىل — چاغاتاي تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكىنىمۇ نەزەرگە ئالغانلىقىمىزدا.
نەۋائىيدىن ئىلگىرى ۋە زامانداش بىرمۇنچە شائىرلار چاغاتاي تىلىنىڭ بىرمۇنچە ئەۋزەللىكلىرىنى كۆرسىتىپ، نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ياراتقانىدى. شۇنداق بولسىمۇ، نەۋائىي دەۋرىدە ئەدىبلەر ئارىسىدا يەنىلا پارسچە يېزىش خاھىشى كۈچلۈك ئىدى. نەۋائىي بۇ خاھىشلارنى ئىسيانكارلىق بىلەن رەت قىلىپ، ئۆز ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە چاغاتاي ئەدەبىي تىلى بويىچە يول ئېچىپ، بۇ تىلنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ شېئىرىيەتنىڭ يۈكسەك بىر چوققىسىنى ئىگىلىدى.
نەۋائىي ئەڭ ئۇلۇغ تىل مۇتەخەسىسى ئىدى. ئۇ ئۆز ئانا تىلىنى بېيىتىش، راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆھپىسى، ئۆزىنىڭ كۆپچىلىك ئەسەرلىرىنى مۇشۇ تىل بىلەن يېزىپ چىققانلىقىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىدىكى سۆز-ئاتالغۇلاردىن كەڭ دائىرىدە پايدىلانغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. ئىلمىي خادىملار نەۋائىينىڭ پەقەت 24 پارچە ئەسىرىدە ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنى لېكسىك-گرامماتىكىلىق، سېمانتىك، ئىستىلىستىك، تېماتىك، گېنېئالوگىك جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ، بۇلاردا 1 مىليون 378 مىڭ 67 سۆز ئىشلىتىلگەنلىكىنى ھېسابلاپ چىققان[286]. يەنى (بۇلار 26.0135 لېكسىكىلىق بىرلىكتە ئىشلىتىلگەن).
نەۋائىي ھىراتتا ۋاپات بولغان ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. نەۋائىي ۋاپات بولغان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇنىڭ نامى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ ئىززەتلىك نام سۈپىتىدە يادلىنىپ كېلىندى. ئۇنىڭ بىباھا ئەسەرلىرى ئەسىرلەردىن بېرى ئەتىۋارلىنىپ، سۆيۈپ ئوقۇلۇپ، خەلققە مەنىۋى لەززەت بېرىلىپ كېلىنمەكتە ۋە مەڭگۈ شۇنداق بولغۇسىدۇر.
12. چىڭ سۇلالىسى ۋە مىنگو دەۋرىدە شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىياغا كۆچۈشى ۋە پائالىيەتلىرى

يەكەن خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ھۆكۈمران گۇرۇھلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى دىنىي مەزھەپ كۈرىشى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى، ھەتتا تەرەققىي قىلىپ، بىر-بىرى بىلەن قەتئىي سىغىشالمايدىغان سىياسىي رەقىبلەرگە ئايلاندى. يەكەن خانلىقىنىڭ ئاخىرقى خانى ئىسمائىل خان (1670 — 1678- يىللىرىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) قاراتاغلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يۆلەپ، ئاق تاغلىقلارنىڭ باشلىقى ئاپاق خوجىنى تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىن ھەيدەپ چىقاردى. 1678- يىلى ئاپاق خوجا جۇڭغار قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ، يەكەن خانلىقىنى يوقاتتى، جۇڭغارلار ئاپاق خوجىنى يۆلەپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىغا قورچاق قىلىپ تىكلىدى. جۇڭغارلار ۋە خوجىلارنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمرانلىقى 1759- يىلىغىچە داۋاملاشتى. ئۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە شىنجاڭدا ئاجايىپ ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتتى. تىنىمسىز سىياسىي ۋەزىيەت، مۇقىمسىز ئىجتىمائىي مۇھىت، شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزدى، قاتتىق زىيانغا ئۇچراتتى، ئەنە شۇ يىللاردا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاھالىسى شىنجاڭغا قوشنا ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى.
1759- يىلى چىڭ سۇلالىسى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، ئىجتىمائىي يۈزلىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بىلەن ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن زور قوشۇن بىلەن شىنجاڭغا يۈرۈش قىلدى. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، جۇڭغارلار ۋە چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ ئاساسلىق كۈچلىرىنى يوقىتىپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتەك ئۇلۇغ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
چىڭ سۇلالىسى چىرىك فېئودال ئاقسۆڭەك زوراۋان كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى بولغاچقا، شىنجاڭدا ئېزىلگۈچى ئەمگەكچى خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق يارىتالمىدى. ئاقسۆڭەك خوجا ئەۋلادلىرىدىن بىر قىسىم ئۆكتەملىرى چەت ئەلگە قېچىپ چىقىۋېلىپ، يوشۇرۇن كۈچ توپلاپ، پۇرسەت تاپسىلا شىنجاڭغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئالىتوپىلاڭ چىقىرىپ تۇردى. بۇنى ئاز دەپ، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ياقۇپبەگ ئۆزبېكىستاندىن شىنجاڭغا بېسىپ كىرىپ، قورچاق يەتتە شەھەر خانلىقى (1865 — 1877 يىللىرى) نى قۇردى. 1870- يىللاردىن باشلاپ جاھانگىر چاررۇسىيە ئىلى رايونىغا كۆپ قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىردى، ھەتتا 1871- يىلىدىن 1882- يىلىغىچە چاررۇسىيە ئىلى رايونىنى ئىشغال قىلىۋالدى.
مانا مۇشۇنداق مۇقىمسىز ۋەزىيەتتە يەنى مەمۇرىي دائىرىلەرنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇقى، ئاقسۆڭەك خوجىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكى، چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىدىن بىر بۆلەك كىشىلەر ئوتتۇرا ئاسىياغا داۋاملىق كۆچۈپ كەتكەن.
سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخشۇناسى س. ماركوفنىڭ مەلۇماتىچە، 1823 — 1828 – يىللىرىدىكى مالىمانچىلىقتا، تەخمىنەن 70 مىڭ ئادەم ئۆچ ئېلىنىشتىن قورقۇپ، سىر دەرياسى ۋادىسىغا، يەنى قوقەنت، دالۋاس ۋە تاشكەنت ئەتراپىغا كۆچۈپ بارغان ھەمدە تاشكەنت ئەتراپىدا يېڭى شەھەر رايونى پەيدا قىلغان[287].
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە قازاق ئالىمى چۇقان ۋەلىخانوفنىڭ ئېنىقلىشىچە، 1825- يىلى جاھانگىر خوجا توپىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن كاشغەرىيىدىن قوقەنت، شەھرىخان شەھەرلىرىگە ۋە پەرغانىنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە 7000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر كۆچكەن، كېيىن بۇ سان كۆپىيىپ 300 مىڭ ئەتراپىغا يەتكەن. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا يەنە 15 مىڭ ئۇيغۇر قوقەنتكە كۆچۈپ بارغان، قاراسۇ قاتارلىق جايلارغا 9000 دولانلىق ئۇيغۇر كۆچۈپ بارغان.
چۇقان ۋەلىخانوفنىڭ قارىشىچە، شۇ چاغلاردا تاشكەنت شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا يەنى يېڭى شەھەرگە كاشغەرلىك ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ئورۇنلاشقان، شەھرىخان شەھىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك كاشغەرلىك ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن، قاراسۇمۇ شۇنداق بولغان، چۇقان ۋەلىخانوفنىڭ ئىسپاتلىشىچە، شۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار 324 مىڭغا يەتكەن[288]. 1847- يىلىدىكى ۋەقە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە 20 مىڭ ئادەم قوقەنتكە كۆچۈپ كەتكەن[289].
زوزۇڭتاڭ 1878- يىلى شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغاندا، تەخمىنەن 100 مىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر قايمۇقتۇرۇلۇش بىلەن ۋە ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن قېچىپ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچكەن[290]. كورپاتكىن بۇ ھەقتە يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش جەريانىدىكى پاجىئەلىك قىسمىتى توغرىسىدا يۈزەكى بولسىمۇ مەلۇمات بېرىدۇ. 1881- يىلى «جۇڭگو-روسىيە-ئىلى شەرتنامىسى» ۋە 1878- يىلىدىكى «جۇڭگو-روسىيە لىۋادىن شەرتنامىسى» غا ئاساسەن ئىلى چىڭ سۇلالىسىگە قايتۇرۇلغاندا، جۇڭگو-روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن 1884- يىلىنىڭ باشلىرىدا 9572 ئائىلە يەنى 45373 ئۇيغۇر كۆچۈپ كەتكەن[291].
سوۋېت ئۇيغۇر ئالىمى خوجا ئەھمەد سەئىدى قاسىموف 1960- يىللاردا «پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر تىلى» ناملىق كىتابىدا قەيت قىلىشىچە، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى 250 مىڭدىن 300 مىڭغىچە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سوۋېت ئالىمى سولوگوفنىڭ مەلۇماتىچە، تۈركىستان گوبىرناتورلىقىدا 1915-يىلى 279 مىڭ شىنجاڭلىق كۆچمەن بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار ئىدى.
ئابدۇللا روزىباقىيوفنىڭ 1926- يىلىدىكى تەكشۈرگەن مەلۇماتىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئەينى ۋاقىتتا تەخمىنەن 710 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭ 500 مىڭى ئوتتۇرا ئاسىيادا، تەخمىنەن 210 مىڭى يەتتەسۇ رايونىدا ياشىغان[292].
سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «ئۆمۈر داستانى» دا ئىشلەمچىلەر توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن. «ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدە، بولۇپمۇ ئىنقىلابتىن كېيىن 1930- يىللارنىڭ باشلىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن، ئاساسلىقى كاشغەر ۋە ئىلى رايونلىرىدىن نۇرغۇنلىغان نامرات ئىشلەمچىلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنى ئىچىگە ئىش ئىزدەپ بېرىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى ۋە كېيىنلىكى ئۈچۈن ئاز-تولا ئىقتىساد ئېشىنىپ قايتىپ كېلەتتى. بۇنداق ئىشلەمچىلەرنىڭ بەزىلىرى ئەتىيازدا بېرىپ كۈزدە قايتىپ كەلسە، بەزىلىرى يىللاپ تۇرۇپ قالاتتى. مۇنداق ئىشلەمچىلەرنىڭ كونكرېت سانىنى ھېچكىم ئىگىلەپ باققان ئەمەس. ئەمما، مېنىڭ بىلىشىمچە، جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەسىدىكى نامراتلارنىڭ ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىگە چىقىپ ئىشلەپ قايتىپ كېلىپ تۇرىدىغانلارنى 10 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدە بىر-ئىككىدىن كەم ئەمەس دېيىشكە بولاتتى.
مىنگو يىللىرى (1911 — 1949 يىللىرىدا) دا رۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلارمۇ ئاز ئەمەس. لېكىن، بۇنىڭ سانى قانچىلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئ ئۆلچەملىك مەلۇمات يوق. بۇنىڭدىن، شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈشىنى توختاتمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
يىراق دەۋرنى قويۇپ، پەقەت ⅩⅨ ۋە ⅩⅩ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ ماكانلاشقان شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، يۇقىرىدا مۆلچەر ساننى كۆرسىتىپ ئۆتتۇق.
شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ غەربكە چىقىشىدا، تۇرمۇش يولى ئىزدەش قاتارلىق سەۋەبلەردىن باشقا، ھەج قىلىش ئۈچۈنمۇ ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىدىغان ئەھۋال بولغان. ھەج سەپىرىگە ئاتلانغانلارنىڭ بەزىلىرى قايتىپ كەلگەن، بەزىلىرى كېلەلمىگەن. قەدىمكى زاماننى قويۇپ، يېقىنقى ئەھۋاللارنى تىلغا ئالىدىغان بولساق، ھەج قىلىش باھانىسى بىلەن غەربىي ئاسىياغا بارغانلار توغرۇلۇق مۇنداق ئۇچۇرنى بايان قىلىمىز.
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى شىنجاڭدىن مەككىگە ھەجىگە بارغانلار 10 مىڭغا يېتىپ بارغان. بۇلارنىڭ كۆپى ئۇيغۇر ئىدى. ئەينى زاماندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەجىگە بېرىش تەلىپى كۈچلۈك بولغاچقا، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بولۇۋاتقان بولسىمۇ، مەككىگە ھەجىگە بارغۇچىلار كېمىيىپ كەتكىنى يوق، ئەكسىچە ھەجىگە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ «كەينى-كەينىدىن يول خېتى سورىغانلار» كۆپەيگەن. كېيىن ئۇرۇش پارتلاپ كەتكەچكە، شىنجاڭدىكى ئىسلام مۇرىتلىرىدىن سەرگەردان بولۇپ مەككىگە بارغانلار «يۈزدىن ئېشىپ كەتكەن»[293].
تىجارەت بىلەن يولغا چىققانلار مەسىلىسىگە كەلسەك، مىنگو دەۋرىدە «ئۇيغۇر سودىگەرلەردىن دۆلەت سىرتىدا تىجارەت قىلىشقا گۇۋاھنامە ئالغۇچىلار خېلى كۆپىيىپ كەتكەن». شىنجاڭ تاشقى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ مىنگونىڭ 7- يىلى 9- ئاينىڭ 3- كۈنىدىكى ئالاقىسىدىكى بايانىغا ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى پۈتۈن شىنجاڭدا گۇۋاھنامە ئالغۇچىلار 20-30 مىڭ كىشىدىن كەم بولمىغان. بۇنىڭ ئىچىدە تىجارەت بىلەن ھەج قىلغۇچىلار 50-60 نەچچە پىرسەنتنى ئىگىلىگەن. بۇرۇنقى يىللاردا سىرتقا چىقىشقا گۇۋاھنامە ئالغۇچىلار ئىچىدە كاشغەرلىكلەر ئەڭ كۆپ بولغان. مىنگونىڭ 8- يىلى تاشقى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرىي ئالاقىسىدە يەنە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: مىنگونىڭ 8- يىلى 1- ئايدىن 6- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر مەھكىمىمىز تەرىپىدىن جۇڭگو پۇقرالىرىدىن سىرتقا چىققۇچىلارغا 10 مىڭ 25 پارچە گۇۋاھنامە تارقىتىلدى»[294] دېيىلگەن. بۇمۇ شىنجاڭدىن چىقىدىغانلارغا بېرىلگەن گۇۋاھنامە بولسا كېرەك.
جاڭداجۈن يازغان «شىنجاڭدىكى بوران چاپقۇنلۇق 70 يىل« دېگەن كىتابتا مۇنداق ئىنكاس قىلىنغان: «شىنجاڭ خەلقىدىن سىرتقا ئېقىپ چىققانلاردىن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جەنۇبىي ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىياغا كۆچكەنلەرنىڭ ئەھۋالى مۇنداق بولغان[295]:
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ھىندىستان، كەشمىردە 400~500 دىن كەم ئەمەس ئىكەن. ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىغا قايتماقچى، ھىندىستاندا قالغان مۇساپىرلار 70 تىن ئاشىدىكەن. مىنگونىڭ 32- يىلىدىكى تەكشۈرۈشتە، شىنجاڭلىقلاردىن كاراچى، بومباي، يېڭى دېھلى قاتارلىق جايلاردا ئۆز يۇرتلىرىغا قايتالماي يۈرگەنلەردىن نەچچە يۈز كىشى بار ئىكەن[296].
كاشغەر ۋالىيسى ئابدۇكېرىمخاننىڭ مىنگونىڭ 36- يىلى 5- ئاينىڭ 17- كۈنى جاڭ جىجۇڭغا يوللىغان ئالاقىسىدە كاشغەر كوناشەھەر ۋە ئاتۇش ئىككى ناھىيىدىن 60 ئادەمنىڭ، خوتەن ۋالىيسى نۇربەگنىڭ يوللىغان ئالاقىسىدە قاراقاش، لوپ قاتارلىق ناھىيىلەردىن 53 نەپەر ئادەمنىڭ ھىندىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرى، جۈملىدىن كەشمىر، بومباي، كاراچى قاتارلىق جايلارغا تىجارەت قىلغىلى كەتكەنلىكى ئېيتىلغان.
1917- يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىغاندا شىنجاڭدىن 20 مىڭ ئۇيغۇر تىبەتكە كۆچكەن. 1940- يىلى ئۇلار ھىندىستانغا بېرىپ پاناھلانغان. تۈرلۈك ھادىسىلەر تۈپەيلى كېيىن ئۇلاردىن 3057 كىشى، ئەڭ ئاخىرىدا 1353 كىشى ھايات قالغان ۋە ئۇلار 1953- يىلى تۈركىيىگە كۆچۈپ بارغان. 1949- يىلى شىنجاڭدىن 7000 كىشى ھىندىستان ئارقىلىق تۈركىيىگە كۆچكەن بولسىمۇ، ئۇلاردىن پەقەت 852 كىشىلا يېتىپ بارالىغان. مۇشۇ ئەسىردىكى ئىككى قېتىملىق كۆچۈشتە ئۇلار پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە، ئافغانىستان ۋە يەنە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ماكانلاشتى.
1980- يىللاردىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە غەربىي ئاسىيا رايونلىرىدا ياكى بۇ رايونلاردىن غەربىي ياۋروپا ئەللىرىگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان جۇڭگو ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى تەخمىنەن 50 مىڭ ئۆپچۆرىسىگە يېتىپ بارىدىكەن[297].
يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سانى خېلى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
ئۇيغۇر مىللىتى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەھنىسىگە ئەڭ بۇرۇن چىققان ھەم ئۇزۇن ئەسىرلىك داۋالغۇشلار، مۇرەككەپ تارىخىي مۇساپىلەردە ھەيۋەت بىلەن ياشاپ، مەۋجۇد بولۇپ كەلگەن، ئۆزىنىڭ مىللىي گەۋدىسىنى مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ بارغان؛ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا جۇڭگو، شەرقىي ياۋروپادىكى بىر قاتار مىللەتلەرنىڭ زورىيىشىغا ئېتنىك تەركىبلىرىنى سىڭدۈرگەن. ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش، شەرق-غەرب مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن چوڭ ھەسسىلەرنى قوشقان. بۇ خىل تۆھپىلەرنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
يىراقنى قويۇپ، مۇشۇ ⅩⅨ ئەسىر ۋە ⅩⅩئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئەھۋاللارنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن بىر تالاي سىياسىئونلار، دىنىي ئۆلىما، مەشھۇر مۇدەررىسلەر، ئالىملار، قەھرىمانلار، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، سەنئەتكارلار بارلىققا كېلىپ، شۇ رايوننىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئالغا سىلجىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىر ئۈلۈش ھەسسىسىنى قوشقان. بۇ خاتىرىلەشكە، قەدىرلەشكە تېگىشلىك قىممەتلىك تەرەپ. ئۇ ئەجدادلارنى ئەمىن تاپقۇزۇپ، ئەۋلادلارنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يېقىنقى زامانغا كەلگەندە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان مەشھۇر كىشىلەر ناھايىتى كۆپ.
مۇترىبان كاشغەرى دېگەن شائىرەنىڭ شېئىرلىرى ⅩⅨ ئەسىردە پەرغانە ۋادىسىدا تارقالغان. ئۇنىڭغا 1785 — 1860- يىللىرى ياشىغان خىسلەت كاشغەرى شېئىرلىرى ئاھاڭداش يېزىلغان. ئەنە شۇ پەرغانە ۋادىسىدا مۇساپىر بولۇپ ياشىغان كاشغەرلىك شائىر خۇشھال غېرىبى مىلادىيە 1845- يىلى «كۈللىيات غېرىبى» ناملىق توپلامنى يېزىپ، ئۇنى غەزەل، مۇخەممەس، مەسنەۋى، رۇبائىي، ساقىنامە، مۇستەھزاد، قىتئەلەردىن تەركىب تاپقۇزدى. نىزامىدىن (1842 — 1902)، موللا بىلال (1824 — 1899) غا ئوخشاش شائىرلار ئىلىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى يەتتە سۇ تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. ئېلىخان موللاخۇن ئوغلى ئارەزى (1869 — 1942) ئۆزبېكىستاننىڭ مەرغىلان ۋىلايىتى شەھرىخان ناھىيىسىنىڭ كاشغەر مەھەللىسىدە كاشغەرلىك مۇھەممەد كېرىم ئاخۇننىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ، 1890- يىللاردىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتىنى يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىغا ئوڭۇشلۇق ئۇلاپ، دېموكراتىك ئەدەبىياتنىڭ راۋاجلىنىشىغا مۇناسىپ ھەسسە قوشۇش بىلەنلا قالماستىن، سوتسىيالىستىك ئۆزبېكىستان ئەدەبىياتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى 1958- يىلى ئۆزبېكىستاندا توپلام قىلىنىشتىن ئىلگىرى ھەرخىل گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ، خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان.
ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خەلق ھەرىكىتىنىڭ قابىل يېتەكچىلىكىدە ئانايەت قۇربانوۋ باشچىلىقىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى چوڭ بولغان.
1906- يىلى غالجات يېزىسىنىڭ نامراتلىرى يەرلىك بايلارنىڭ رەھىمسىز ئېكسپىلاتاتسىيىسىگە چىدىيالماستىن، غوجامبەردى تالىپوپنىڭ رەھبەرلىكىدە بىرنەچچە قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈردى. بۇ قوزغىلاڭ دەسلەپكى رۇسىيە ئىنقىلابى يىللىرى يەتتەسۇدا يۈز بەرگەن ئەڭ تەشكىللىك ۋە ئەڭ ئاممىۋى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئەينى زاماندا يەتتەسۇدا ئىنقىلابىي خاراكتېردىكى تەشكىلاتلاردىن «تەرەققىيپەرۋەر»، «كالتە چاپان» تەشكىلاتلىرى بولغان.
1916- يىلىدىكى ئاقسۇ، چارىن بۇلۇسلىقنىڭ دېھقانلىرى قوزغىغان چاررۇسىيىنىڭ ئارقا سەپ خىزمىتى ئۈچۈن نامرات ئاھالىلەرنى تۇتۇش پەرمانىغا قارشى قوزغىلىڭى خەلق ئازادلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، چاررۇسىيىگە ۋە بايلارغا قارشى تۇرۇش خاھىشى روشەن ھالدا ئىپادىلەنگەن. بۇ قوزغىلاڭ رۇس ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ۋە دېھقانلىرىنىڭ ئىنقىلابى كۈرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يەتتەسۇ ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنىڭ سىنىپىي ئاڭ سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان.
1917- يىلى فېۋرالدا رۇسىيىدە بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى ئەمەلگە ئاشقان. شۇ يىلنىڭ باھار پەسلىدە تۈرلۈك ئەمگەكچىلەرنى بىرلەشتۈرىدىغان كەسپىي ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى پەيدا بولغان. ماي ئايلىرىدا «مۇسۇلمان ئىشچىلىرىنىڭ بىرلەشكەن ئىتتىپاقى» ئۇيۇشتۇرۇلغان. بۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئۇيغۇر ئىشچىلىرى ۋە ھۈنەرۋەنلىرى ئىدى. كەسپىي ئىتتىپاق بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەرىكەت قىلغان. كەسپىي ئىتتىپاق بىرلەشمىسىگە روزىباقىيېۋ قاتارلىقلار رەھبەرلىك قىلغان.
سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش، مۇستەھكەملەش، بايلارنىڭ نۇخۇلىسىنى ئېلىش، باندىتلارنى تازىلاشتا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى كۆرۈنەرلىك بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئابدۇللا روزىباقىيېۋ قاتارلىقلار ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر مىللىي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ جاپالىق ۋە قانلىق جەڭلىرى كۆپ بولغان.

1) سوۋېت ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى
نېمىس فاشىست باسقۇنچىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىغا غالجىرلىق بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، سوۋېت ئۇيغۇرلىرىمۇ ئۆز ۋەتىنىنى قوغداش جەڭلىرىگە پىداكارلىق بىلەن ئاتلاندى ۋە جەڭلەردە غايەت زور قەھرىمانلىق كۆرسەتتى. ئەينى چاغدا بۇ ئۇرۇشقا بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك يوسۇندا سەپەرۋەر قىلىنغان ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ سانى 200 مىڭغا يېقىن بولغان.
ئۇيغۇر جەڭچىلىرى پۈتكۈل ئۇرۇش سەپلىرىدە شۇنداقلا موسكۋا، لېنىنگراد، ستالىنگراد، سىۋاستىپول قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنى قوغداش ۋە ئازاد قىلىش جەڭلىرىدە ئاجايىپ قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن.
ئوفىتسېرلار ۋە قەھرىمان ئەسكەرلەر ئىچىدە «قىزىل يۇلتۇز»، «قىزىل بايراق» ئوردېنلىرىغا ئېرىشكەن شەۋكەت، ئوسمان، توختايىف، ياقۇپ ئەھمىدوف، ئوسمان ھەسەنوف «1- دەرىجىلىك ۋەتەن ئۇرۇشى ئوردىنى»، «قىزىل يۇلتۇز» ئوردېنىغا ئېرىشكەن نىزامىدىنوف، «قىزىل بايراق»، «قىزىل يۇلتۇز»، «شۆھرەت» ئوردېنىغا ئېرىشكەن باتۇر شەرىپوف، بىرىنچى دەرىجىلىك «ۋەتەن ئۇرۇشى ئوردېنى»، «قىزىل يۇلتۇز» ئوردېنلىرىغا ئېرىشكەن ۋالنىتىن نىزامىدىنوف «قىزىل بايراق»، «ۋەتەن ئۇرۇشى»، «ئالېكساندىر نېۋىسكى»، «جاسارەت ئۈچۈن» مېدالىغا ئېرىشكەن ھاشىم نەسىردىنوف، «سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى» مېدالىغا ئېرىشكەن داداش باباجانوف، سۇلچى لۇتپۇللا، مەسۇم ياقۇپوف، «پولشا جۇمھۇرىيىتى قەھرىمانى» مېدالىغا ئېرىشكەن قاھار شەرىپوف قاتارلىقلار، يەنە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن ۋە ئوردېنلارغا ئېرىشكەن ئەزىمەتلەردىن ئى. كامالوف، مەخسۇت نىيازوف، ش. زۇلياروف، م. قاسىموف قاتارلىقلارنىڭ نامى ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ.
سوۋېت ئارمىيىسىدە خىزمەت ئۆتىگەن ئوفىتسېرلاردىن 192- دېۋىزىيىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ئابدۇللا باقىيوف 5 يىللىق جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ياپون كانتون ئارمىيىسىنى يوقىتىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، جەڭدە ئاجايىپ چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ قەھرىمانلىقى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى «ۋەتەن ئۇرۇشى» ئوردېنى بىلەن «قىزىل يۇلتۇز» ئوردېنى ۋە باشقا ئوردېنلارنى بەرگەن[298].
ئارقا سەپتە قالغان ئۇيغۇرلارمۇ ئالدىنقى سەپ ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن ئىشلىگەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى ناھايىتى زور رول ئويناپ ئاجايىپ تۆھپىلەرنى ياراتقان. ھەممە جايدا ئەرلەر قىلىدىغان ئىشلارنى ۋە تېخنىكلارنى ئىگىلىگەن. ئۇلارنىڭ تولىسى كولخوزلار، بىرگادىلار، دىۋىنولارغا باشلىق بولغان. مەسىلەن، 1941- يىلىنىڭ ئاخىرىدا پەقەت بىرلا ئۇيغۇر رايونى بويىچە ئاياللاردىن 3 كولخوز رەئىسى، 17 ھېسابچى، 126 زىۋىنو باشلىقى، 28 بىرىگادا باشلىقى، 14 مىراپ، 22 فېرما باشلىقى، 50 تراكتور-كومبايىنچى ۋە باشقىلار يېتىشىپ چىقتى. نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىلغار ۋە نەمۇنىچىلار بولۇپ سايلىنىپ، مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەتلىرى مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.
1911-يىلىدىن باشلاپ يەتتەسۇدا «ئىلى ئۆلكىسى» ناملىق گېزىتنىڭ چىقىشىنى باشلىنىش قىلغان ئاساستا، «كەمبەغەللەر ئاۋازى» (1921- يىلىدىن باشلاپ) «قىزىل تاڭ»، «لېنىن يولى»، «قىزىل تۇغ»، «سادايى تارانچى»، «ئىنقىلابى شەرق»، «قۇتۇلۇش» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللار نەشر قىلىندى.
ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ئىشلىرىدىمۇ چوڭ ئىلگىرىلەشلەر بولدى. ئۇيغۇر تىياتىرلىرى، رەسساملىقى سەھنىلەرگە چىقىرىلدى ۋە كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلۇپ، مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.
بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاساسىي مىللەت سۈپىتىدە ياشاۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تاشقى موڭغۇلىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، رۇسىيە، ئافغانىستان، پاكىستان، تۈركىيە، ئەرەبىستان، گېرمانىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق ئەللەردىمۇ تارقىلىپ ياشايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە بىرقەدەر كۆپ ۋە ئۇ يەردە مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. 1991- يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلار 249 مىڭ دېيىلگەن. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تىلى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تەرەققىي ئەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. بۇ ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىش، مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئۆزى ياشاپ تۇرغان ئەللەرنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىپ، شۇ ئەللەرنى روناق تاپقۇزۇشقا ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشۇش تارىخىي مەجبۇرىيىتى، ئىنسانىي خىسلىتى بار.
ئومۇمەن، ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخىي جەرياندا غەربىي يۇرتتا ياشاش جەريانىدا شەرق-غەرب مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ تېخىمۇ راۋان بولۇشى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان. بۇلارنى ئەسلەش تارىخ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بۈگۈنكى زامانىۋى دۇنيادا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە خەلقئارا ئالاقە ھەم ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى كۈچەيتىشىگە مۇئەييەن دەرىجىدە مەنىۋى ئىلھام بولۇشى مۇمكىن.
ئۈچىنچى بۆلۈمدىكى ماقالىلەرنىڭ ئىزاھاتى ۋە مەنبە كۆرسەتكۈچى:

[1]،[117]،[159] ۋېن يىن «قەدىمكى زاماندىكى شىنجاڭ مىللەتلىرىنىڭ ئەجدادلىرى»، «شىنجاڭ مىللەتلەر تەتقىقات خەۋىرى» ژۇرنىلى، 1988- يىلى، 1- سان، 180 — 181- بەتلەر.
[2] تۈركىيە مىللىي مائارىپ (ئېگىتىم) نەشرىياتى، 1966- يىلى، 18- توم، 125- بەت.
[3] «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1996- يىلى، 2- سان، 87- بەتكە ئېلىنغان نەقىل.
[4] م. تۇرسۇن «سۇمېر تىلى بىلەن تۈرك تىلى ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما»، «ئاتا تۈرك كونفىرانسىلىرى»، 4- توم، 147 — 168- بەتلەر.
[5] ئا. ز. ۋ. توغان «ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش» 86- بەت.
[6] ئا. م. ئىمىن «نورۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1990- يىلى 3- سان، 31- بەت.
[7] ي. ياسىن «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا بىر قانچە قېتىم غەربىي ئاسىياغا كۆچۈشى»، «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1996- يىلى، 2- سان، 87- بەت.
[8] لىن گەن «شىمالىي ھونلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 1987- يىلى، 1- سان.
[9] ئىمىن تۇرسۇن «تارىمدىن تامچە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990- يىلى، 154- بەت.
[10] ش ئۇ ئا ر مىللىي ئىشلار كومىتېتى تۈزگەن «شىنجاڭ مىللەتلەر قامۇسى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1995- يىلى، 58-، 59- بەتلەر.
[11] ليۇمېيسۇڭ «ئىككى ‹تاڭنامە› دىكى ‹خۇيخې تەزكىرىسى، خۇيخۇ تەزكىرىسى› گە تەپسىلىي ئىزاھ»، مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1989- يىلى، 58- بەت.
[12] شياڭ دا «تاڭ دەۋرىدىكى چياڭ ئەن ۋە غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى»، سەنليەن نەشرىياتى، بېيجىڭ، 1987- يىلى، 22-، 23- بەتلەر.
[13] ياڭ شىڭمىن «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 1993- يىلى، 4- سانىدىكى ماقالىسىگە قاراڭ.
[14] چيەن بوچۈەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە ئەجدادلىرىنىڭ غەربكە كۆچۈشى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1996- يىلى، 4- سان، 63- بەت.
[15] ۋاڭ جىلەي «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993- يىلى، 329- بەت.
[16] د. يېرىميېۋ «ھونلار، تۈركىي مىللەتلەر ۋە تۈركلەر»، «ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى»، ئۈرۈمچى، 1989- يىلى، 2- سان، 57- بەت.
[17] «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»، 5- توم، 401- بەت.
[18] ي. ياسىن «قەدىمكى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپادا يەرلىنىشى»، «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1995- يىلى، 1- سان، 105- بەت.
[19] ئە. ز. ۋ. توغان «ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش»، ئىستانبۇل نەشرى، 1981- يىلى، 155- بەت.
[20] «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»، 25- توم، 430- بەت.
[21] «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1996- يىلى، 4- سان، 65-، 66- بەتلەر.
[22] رەشىدىددىن «جەمائۇل-تەۋارىخ»، سودا نەشرىياتى، بېيجىڭ، خەنزۇچە نەشرى، 1983- يىلى، 1- قىسىم، 2- كىتاب.
[23] «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»، 25- توم، 430- بەت.
[24] خاملتون «‹ئوغۇز›، ‹توققۇز ئوغۇز› نامى توغرىسىدا»، «دۇنخۇاڭشۇناسلىق» ژۇرنىلى، خەنزۇچە، 1984- يىلى، 1- سان.
[25] ياڭ شىڭمىننىڭ «تۈرك، ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىر قانچە مەسىلە» ناملىق ماقالىسىگە ئېلىنغان نەقىل. «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1993- يىلى، 4- سان، 94- بەت.
[26] «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»، 12- توم، 2- كىتاب، 210- بەت.
[27] «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»، 5- توم، 401-، 428- بەتلەر.
[28] يۇقىرىقى كىتاب، 5- توم، 428-، 429- بەتلەر.
[29]، [31]، [33] ي. ياسىن «قەدىمكى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپادا يەرلىنىشى.»
[30] «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»، 5- توم، 428-، 429- بەتلەر.
[32] كامۇران گۈرۈن «تۈركلەر ۋە تۈرك دۆلەتلىرى تارىخى» تۈركىيە ئەنقەرە بىلگە نەشرىياتى، 1984- يىلى، 242- بەت.
[34]،[35] «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»، 8- توم، 374- بەت. مەسىلەن، چيەن بوچۈەن ئەپەندى، بۇ ئۇيغۇرلار تەدرىجىي ھالدا شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا مىللەتلەرگە سىڭىپ كەتكەن، دەيدۇ. «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1996- يىلى، 4- سان.
[36] ي. ياسىننىڭ «قەدىمكى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپادا يەرلىنىشى» ناملىق ماقالىسىگە قاراڭ.
[37] كامۇران گۈرۈن «تۈركلەر ۋە تۈرك دۆلەتلىرى تارىخى»، 247- بەت.
[38] ئە. ز. ۋ. توغان «ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش»، 155- بەت.
[39] باشقىرت — بۇ نام باش+ قۇرت (بۆرە) دېگەن سۆزدىن كەلگەن، مەنىسى باش بۆرە دېگەن بولىدۇ، دېگەن قاراشمۇ بار. بۇ ھەقتە نېنىشىۋنىڭ بايانىغا قاراڭ.
[40]، [41]،[42]،[43]،[44] م. كاشغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» (دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981- يىلى، 1- توم، 85-، 168-، 426- بەتلەر.
[45] جۇۋەينى «تارىخىي جاھان گۇشاي»، ئىچكى موڭغۇل نەشرىياتى، 1981- يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 1- قىسىم، 65- بەت.
[46] «بالاساغۇن» تۈركچە «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»Ⅱ تومىغا كىرگۈزۈلگەن، «شىنجاڭ تەزكىرىسى»، 1997- يىلى، 3- سان.
[47] يۇنۇسجان ئىلى «بالاساغۇن شەھىرى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە»، «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» ژۇرنىلى، 1992- يىلى، 1- سان؛ قاسىم ئارىش «يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە بالاساغۇن»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1998- يىلى، 1- سان.
[48] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن «باسالاغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1995- يىلى، 4- سان.
[49] شيا ليەن «مىرەن كىرورەن ۋە لوپنۇرلۇقلار»، «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى، 1991- يىلى، 1- سان، 75- بەت.
[50] «بالاساغۇن»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، 1988- يىلى، 25- سېنتەبىردىكى سانى.
[51] ئا. ئەمەد، د. مەمتىمىن تۈزگەن «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1989- يىلى، 100- بەت.
[52] ئىمىن تۇرسۇن «يەنە بىرقانچە تارىخىي يەر نامى توغرىسىدا»، «شىنجاڭ تەزكىرىسى»، 1998- يىلى، 3- سان، 54- بەت.
[53] م. كاشغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981- يىلى، Ⅰتوم، 523- بەت.
[54] ليۇ يىتاڭ «ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات»维吾尔研究») ») تەيۋەن جىڭ جۇڭ نەشرىياتى، 1975- يىلى، 159- بەت.
[55] ش. گ. كىلياشتورنىي (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى) «قەدىمكى تۈرك – رونىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000 – يىلى، 237 – بەت.
[56] قاسىم ئارىش «يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە بالاساغۇن»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1998- يىلى، 1- سان، 45- بەت.
[57] سۇلتان مامۇت «بەزى يەر ناملىرىنىڭ مەنىسى»، «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى، 2000- يىلى، 4- سان.
[58] سەمىھ تىزجان «قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى بويلا ۋە باغا دېگەن ئەمەل ناملىرى ھەققىدە»، «تۈرك تىلى تەتقىقاتى» ئىلمىي ژۇرنىلى، 1977- يىللىق سان، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1978- يىللىق قايتا نەشرى (يۇنۇسجان ئىلىنىڭ «بالاساغۇن شەھىرى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە» ناملىق ماقالىسىگە ئېلىنغان نەقىل).
[59] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ «بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىگە قاراڭ.
[60] لىن مېيسۈن «غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى»، شەرق نەشرىياتى، بېيجىڭ، 1995- يىلى، 420- بەت.
[61] جۇ جىڭجىژ «خەنزۇ تىلىغا سىرتتىن كىرگەن سۆزلەردىن ئىككى مىسال»، «تىل ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقات»، بېيجىڭ تىل ئىنستىتۇتى، 1994- يىلى، 1- سان.
[62] خۇاڭ جېنخۇا «ئۇدۇن تىلى تەتقىقاتىدىن ئومۇمىي بايان»، «جۇڭگو مىللىي قەدىمكى يېزىقلار تەتقىقاتى»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى، 1984- يىلى، 68- بەت.
[63]، [64] لىن مېيسۈن «مىلادىيە Ⅲ ئەسىردىكى غەربىي يۇرت توقۇلما ماللىرى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 1998- يىلى، 2- سان، 81- بەت.
[65] ت. ۋ. كامكىرلىز، ۋ. ۋ. ئىۋانوف (رۇسىيە) «تارىخنىڭ ئەڭ دەسلىپىدىكى ئاھالە: توخارلارنىڭ قەدىمكى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەجدادلىرى»، «غەربىي شىمال مىللەتلەر تەتقىقاتى»، 1998- يىلى، 1- سان، 58- بەت.
[66] لىن مېيسۇن «نىيىدىن تېپىلغان كىروران خانى تومگىراكانىڭ يىلنامىسى ھەققىدە»، «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» 1998- يىلى، 2- سان، 44- بەت.
[67]، [68] ئابىتاكىئو (ياپونىيە) «غەربىي ئۇيغۇر خانلىقى تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1986- يىلى، 336- بەت.
[69] چيەن بوچۈەن «قاراخانىيلار بىلەن سۇڭ سۇلالىسى بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ غەربىي تاڭغىتلار بىلەن ئېلىپ بارغان بىر مەيدان ئۇرۇشى»، «دۇنخۇاڭ تەتقىقاتى» 敦煌研究)) 2000 – يىللىق، 2- سان، 4- بەت.
[70] م. كاشغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»، Ⅰ توم، 84-، 85- بەتلەرگە قاراڭ.
[72] جۇۋەينى «تارىخىي جاھان گۇشاي»، خەنزۇچە نەشرى، Ⅰقىسىم، 65- بەت.
[73]، [75] يۇنۇسجان ئىلىنىڭ «بالاساغۇن شەھىرى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە» ناملىق ماقالىسىگە قاراڭ.
[74] ئىبراھىم كافەس ئوغلى «تۈك مەدەنىيەت تارىخى»، 1983- يىلى تۈركىيە تۈركچە نەشرى، 124- بەتكە قاراڭ.
[76] م. كاشغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»، Ⅲ توم، 569-، 570- بەتلەرگە قاراڭ.
[77] م. كاشغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»، Ⅰ توم، 67-، 68- بەتلەرگە قاراڭ.
[78] لىن گەن، گاۋزىخو «ئۇيغۇر تارىخى»
(«回纥史» 林干,稿子厚著) ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى، 1995- يىلى، كىرىش سۆز، 1- بەت.
[79] «شىنجاڭ مىللەتلەر قامۇسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1995- يىلى، 44- بەت.
[80]، [93] «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن، خەنزۇچە نەشرى، 1989- يىلى، 15- بەت.
[81] «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى داستانى ئوغۇزنامە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1980- يىل نەشرى.
[82] ئابىتاكىئو «غەربىي ئۇيغۇر خانلىقى تارىخى ھەققىدە تەتقىقات»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1986- يىلى، 157-، 158- بەتلەر.
[83] «جۇڭگو بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى» نىڭ «جۇڭگو تارىخى قىسمى «سۈي، تاڭ بەش دەۋر تارىخى» (يەككە كىتاب)، جۇڭگو ئېنسىكلوپېدىيە نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1988- يىلى، 198- بەت.
[84]،[85] «ھۇدۇدۇلئالەم» (ئالەمنىڭ چېگرا پاسىللىرى) ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ تەتقىقات ئىنستىتۇتى باستۇرغان. خەنزۇچە، 1983- يىلى، 65- بەت.
[86] مەسئۇدى (ئەرەبىستان) «ئالتۇن يايلاق»، (Murdj adh — dhahab) چىڭخەي خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1998- يىلى، 207- بەت.
[87] ئابىتاكىئو «غەربىي ئۇيغۇر خانلىقى تارىخى ھەققىدە تەتقىقات»، خەنزۇچە نەشرى، 267-، 288-، 330-، بەتلەرگە قاراڭ.
[88]، [89]، [90] ئابىتاكىئونىڭ يۇقىرىقى كىتابى، 237-، 376- بەتلەر.
[92] جياڭ يىڭلياڭ «جۇڭگو مىللەتلەر تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1993- يىلى، 2- قىسىم، 467- بەتكە قاراڭ.
[94] «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، (قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تۈزگەن)، ئالما-ئاتا «پەن» نەشرىياتى، 1983- يىلى، 29-بەت.
[95] ۋاڭ رېفې «پامېرنىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇرلار»، «يۇگۇڭ» ژۇرنىلى، بېيجىڭ، 1935- يىلى، 4- جىلد، 5- سان.
[96] فېڭ جياشىڭ، چىڭ سولۇ، مۇ فۇاڭۋېن «ئۇيغۇر تارىخى ماتېرىياللىرىدىن قىسقىچە توپلام»، مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، 1958 — 1981- يىللىرى، 1-، 2- نەشرى.
[97] لى فۇتۇڭ «ئۇيغۇر تارىخى»، تەيۋەن ۋېن فېڭ نەشرىياتى، 1963- يىلى.
[98] فەن ۋېنلەن «جۇڭگو ئومۇمىي تارىخىدىن قىسقىچە توپلام»، 3- بۆلۈم، 2- قىسىم، خەلق نەشرىياتى، بېيجىڭ، خەنزۇچە نەشرى، 1965- يىلى.
[99] ليۇ يىتاڭ «ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات»، تەيۋەن، 1975- يىلى.
[100] ۋاڭ جىلەي «ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتى»، «شىنجاڭ تارىخىي ماقالىلىرى توپلىمى» غا كىرگۈزۈلگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، خەنزۇچە نەشرى، 1977- يىلى.
[101] تاڭ كەيجيەن، ۋاڭ شۇكەي «ئۇدۇن ھۆكۈمرانلىرى بىلەن قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزدىنىش»، «دۇنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى» 敦煌学辑刊))، خەنزۇچە، 1984- يىلى، 1- سان.
[102] ليۇ زىشاۋ «ئۇيغۇر تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى بېيجىڭ، خەنزۇچە نەشرى، 1985- يىلى.
[103] ۋېي لياڭتاۋ «قاراخانىيلار سۇلالىسى تارىخىدىن ئوچېرك» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1986- يىلى.
[104] ياڭ شىڭمىن «ئۇيغۇر تارىخى»، جىلىن مائارىپ نەشرىياتى، چاڭچۈن، 1991- يىلى.
[105] لىن گەن، گاۋ زىخو «ئۇيغۇر تارىخى»، ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى، كۆكخوت، 1995- يىلى.
[106] ئىبراھىم مۇتىئى «‹دىۋانۇلۇغاتىت تۈرك› ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەر»، «غەربىي شىمال مىللەتلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، لەنجۇ، خەنزۇچە، 1996- يىلى، 2- سان.
[107] چيەن بوچۈەن «سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدىكى غەربىي يۇرتتىكى داشى ئېلى ۋە ئۇنىڭدىكى ئاساسىي گەۋدە مىللەت ھەققىدە تەتقىقات»، «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1997- يىلى، 2- سان.
[108] كوۋاتا روكورو (ياپونىيە) «تاڭ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنقەرز بولۇشى» (جوڭ داۋمىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان)، «دۆلەت ئۇچۇرلىرى ھەپتىلىك گېزىتى» 国闻周报))، خەنزۇچە، 1930- يىلى، 7- جىلد، 1- سان.
[109] ئابىتاكيو «غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرى تارىخىي تەتقىقاتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1986- يىلى.
[110] مورى ياسو تاكاۋ «ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى توغرىسىدا» (چېن جۈنمۇ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان)، «مىللەتلەر دائىر تەرجىمىلەر مەجمۇئەسى»民族译丛) ) ژۇرنىلى، بېيجىڭ، خەنزۇچە، 1980- يىلى، 1- سان.
[111] «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، خەنزۇچە، 1997- يىلى، 2- سان.
[112] گېڭ شىمىن «قاراخانىيلار تارىخىدىن قىسقىچە بايان»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، خەنزۇچە، 1984- يىلى، 2- سان.
[113]، [114] توتۇ «سۇڭنامە. كۈسەن تەزكىرىسى»، جۇڭخۇا نەشرىياتى، 1976- يىلى.
[115] «غەربىي تاڭغىت پۈتۈكلىرى» 西夏书事) ) خەنزۇچە نەشرى، 10- جىلد.
[116] بۇ ھەقتە چيەن بوچۈەننىڭ «ئارسلان ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش» ناملىق ماقالىسىگە قاراڭ. «جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخىي مەدەنىيەت تەتقىقات مەجمۇئەسى»، (ليۇ زىشاۋ باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1- توپلام.
[118] «ھۇدۇدۇلئالەم»، خەنزۇچە نۇسخا، 12- باب.
[119] ۋېي لياڭتاۋ «قاراخانىيلار تارىخىدىن ئوچېرىكلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1986- يىلى، 50- بەت.
[120] چېڭ سولۇ «تاڭ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ماقالىلەر توپلىمى»، بېيجىڭ، خەلق نەشرىياتى، 1994- يىلى، 208- بەت.
[121] «ھۇدۇدۇلئالەم»، خەنزۇچە نۇسخا، 5-، 15- بابلار.
[122] ياڭ شىڭمىن «ئۇيغۇر تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998- يىلى، 325- بەت.
[123] فېڭ جياشىڭ، چېڭ سولۇ، مو گۇڭۋېن «ئۇيغۇر تارىخىي ماتېرىياللىرى قىسقىچە توپلىمى»، خەنزۇچە نەشرى، 1981- يىلى، 1- توپلام، 45- بەت.
[125] «ھۇدۇدۇلئالەم»، خەنزۇچە نۇسخا، 12- بەت.
[126] داڭ كەيجەن، ۋاڭ شۇكەي «ئۇدۇن ھۆكۈمرانلىقى بىلەن قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئىزدىنىش»، «دۇنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى»، 1984- يىلى، 1- سان.
[127] ئە. بايتور، خ، سىدىق «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى»، بېيجىڭ، ئۇيغۇرچە نەشرى، 1990- يىلى، 625- بەت.
[128] «مىللەتلەر تەتقىقاتى»民族研究) ) ژۇرنىلى، خەنزۇچە، بېيجىڭ، 2000- يىلى، 4- سان.
[129] «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1989- يىلى، 73- بەت.
[130] «جۇڭگو شىنجاڭ قەدىمكى جەمئىيەت تۇرمۇش تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1997- يىلى، 380- بەت.
[131] «شىنجاڭ مىللەتلەر قامۇسى»، خەنزۇ نەشرى، 72- بەت.
[132] لىن گەن، گاۋزىخۇ «ئۇيغۇر تارىخى»، خەنزۇچە نەشرى، 114- بەت.
[133] م. كاشغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»، ئۇيغۇر نەشرى، 1- توم، 618- بەت.
[134] شۆ زۇڭجىڭ «ياغمىلارنىڭ مەنبەسى»، «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىي ماتېرىياللىرى»، ئۈرۈمچى، خەنزۇچە، 1984- يىلى، 4- سان.
[135] بۇ، ئو. پرىتساكنىڭ «قاراخانىيلار سۇلالىسى» ناملىق ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراش.
[136] لىن مېيسۈن «غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى»، بېيجىڭ، شەرق نەشرىياتى، 1995- يىلى، 373- بەت؛ يەنە بەزى ماتېرىياللار، مەسىلەن، ۋېي لياڭتاۋنىڭ «قاراخانىيلار تارىخىدىن ئوچېرىكلار» ناملىق كىتابىدا ياغمىلار 1700 قەبىلىدىن تەركىب تاپقانلىقى ئېيتىلغان.
[137] م. كاشغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984- يىلى، Ⅲ توم، 44- بەت.
[138] م. كاشغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»، Ⅰ توم، كىرىش سۆز، 40- بەت.
[139] يۇقىرىقى كىتاب، Ⅲ توم، 2- بەت.
[140] ئابىتاكيو «غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرى تارىخىي تەتقىقاتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1986- يىلى، 303-، 304- بەتلەرگە قاراڭ.
[141] لىن گەن، گاۋ زىخو «ئۇيغۇر تارىخى»، خەنزۇچە نەشرى، 114- بەت.
[142] لى جىچياڭ (يۈەن سۇلالىسى دەۋرى) «چاڭچۈنلۈك ئەۋلىيانىڭ غەربكە ساياھەت خاتىرىلىرى»، ياڭ جيەنشىن تۈزۈپ ئىزاھلىغان «‹قەدىمكى زاماندا غەربكە قىلىنغان سەپەر خاتىرىلىرى› تاللانمىلىرىغا ئىزاھات»، نىڭشيا خەلق نەشرىياتى، 1987- يىلى.
[143] ۋاڭ جىلەي «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ تېزىسلىرى»، خۇنەن مائارىپ نەشرىياتى، 1986- يىلى، 408- بەت.
[144] سۇ بېيخەي «قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتى ۋە ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى»، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى تۇنجى قىسىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماقالىسى، 1983- يىلى، ماي بوياق نۇسخا.
[145] «ھۇدۇدۇلئام» خەنزۇچە.
[146] ۋ. ۋ. بارتولد «‹يەتتەسۇ تارىخىنىڭ ئوچېركى› قاراخانىيلار» ئۇيغۇرچە، 1984- يىلى.
[147] ليۇ گې «قاراخانىيلار دەۋرىگە مەنسۇپ بىر پارچە ئەرەبچە ۋەسىقە» گە قاراڭ. «تارىخ تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، بېيجىڭ، خەنزۇچە، 1995- يىلى، 2- سان، 99- بەت.
[148] تىخونوفنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرۇلۇق مەسىلىگە دائىر» ناملىق ماقالىسىگە كەلتۈرۈلگەن نەقىل. «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىنىڭ 1986- يىلى، 10- ئۆكتەبىردىكى سانىدا.
[149] ر. گروسىت «يايلاق ئىمپېرىيىلىرى»، چىڭخەي خەلق نەشرىياتى، شىنىڭ، خەنزۇچە نەشرى، 1991- يىلى، 147- بەت.
[150] خامىلتون «بەش دەۋردىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخىي ماتېرىياللار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1982- يىلى، 8- بەت.
[151] «ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، خەنزۇچە، 1998- يىلى 1-، 2- سان.
[152] قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تۈزگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» 1- قىسمى، 372- بېتىگە ئېلىنغان نەقىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1986- يىلى.
[153] «شىنجاڭ مىللەتلەر قامۇسى»، خەنزۇچە نەشرى، 60- بەت.
[154] «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، ئۇيغۇرچە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1990- يىل، 82- بەت.
[155] ئا. ۋ. گابائىن «قاراقوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1980- يىلى، 3- سان.
[156] ئا. كـ. مالياۋگىن «Ⅻ — Ⅺ ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى» 405-، 406- بەتلىرىدىن ئېلىنغان نەقىل. بۇ كىتاب شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1994- يىلى، ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان.
[157] كىلىمكايت (گېرمانىيە) «يىپەك يولىدىكى قەدىمكى مەدەنىيەت»، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتو نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى.
[158] ئا. سۇھەيل ئۇنۋەر «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت»، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتى، 1997- يىلى، 5- بەت.
[160] ئىبراھىم مۇتىئى «ئىبراھىم مۇتىئى ئىلمىي ماقالىلىرى» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990- يىلى نەشرى.
[161]، [162]، [163]، [164] ئا. كونونوف «يۈسۈپ بالاساغۇننىڭ — ‹قۇتادغۇ بىلىك› داستانى»، «چەت ئەل ئالىملىرى ‹قۇتادغۇبىلىك› توغرىسىدا»، 1989- يىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى.
[165] «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، قازاقىستان پەن نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە نەشرى، 1983- يىلى 29- بەت.
[166] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ Ⅺ ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى»، «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1956- يىلى 3- سان.
[167] گېڭ شىمىن، ۋەي سۈيى «‹قۇتادغۇبىلىك› كە مۇقەددىمە»، «قۇتادغۇبىلىك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1979- يىلى.
[168] شېرىپىدىن ئۆمەر «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1982- يىلى.
[169] «‹قۇتادغۇبىلىك› كە ‹مۇقەددىمە› (ئا. ئۆتكۈر، ئە. زىيائى، م. يۈسۈپ يازغان)، «قۇتادغۇبىلىك»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984- يىلى.
[170] «قۇتادغۇبىلىك»، مىللەتلەر نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1986- يىلى.
[171] ئىمىن تۇرسۇن «‹قۇتادغۇبىلىك› نىڭ تىلى»، «بۇلاق ژۇرنىلى»، 1993- يىلى، 4- سان.
[172] لاڭ يىڭ «‹قۇتادغۇبىلىك› ۋە شەرق-غەرب مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994- يىلى.
[173] لى يوڭ «‹قۇتادغۇبىلىك› تىكى كۆپ قىرلىق ئېستېتىك ئىدىيە ھەققىدە»، «غەربىي شىمال مىللەتلەر تەتقىقاتى»، 1995- يىلى، 1- سان.
[174] م. ئوسمانوپ، خ. تۆمۈر، ئا. غاپپار «‹قۇتادغۇبىلىك› تە ئىپادىلەنگەن ئەدەبىي تىل توغرىسىدا»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1995- يىلى، 2-، 3- سانلار.
[175] ليۇ زىشاۋ «ئۇيغۇر تارىخى»، خەنزۇچە نەشرى، 1986- يىلى، 1- قىسىم.
[176] س. مۇتەللىپوف «Ⅺ ئەسىر يازما يادىكارلىقلىرىدا پېئىل كاتېگورىيىسى»، تاشكەنت پەن نەشرىياتى، 1955- يىلى نەشرى.
[177] ئا. م. شىرباك «شىنجاڭدىن تېپىلغانⅩ — Ⅻ ئەسىرلەرگە ئائىت تۈركىي تىللار تېكىستىنىڭ گرامماتىكىلىق ئوچېركى»، موسكۋا-لېنىنگراد، 1961- يىلى نەشرى.
[178] ئا. ن. باسكاكوف «تۈركىي تىللار» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1986- يىلى.
[179] گ. ف. بلاگۇۋا «ئوتتۇرا ئەسىر تۈركىي شېئىرىيەت تېكىستلىرىنى مورفولوگىيىلىك جەھەتتىن ئۆگىنىش مېتودى توغرىسىدا»، 1977- يىلى. («چەت ئەل ئالىملىرى ‹قۇتادغۇبىلىك، توغرىسىدا» ئۇيغۇرچە، ئۈرۈمچى، 1989- يىلى، 7- بەت).
[180] لىن گەن تۈزگەن «تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار تارىخىي ماقالىلىرى توپلىمى»، جۇڭخۇا نەشرىياتى، بېيجىڭ، 1987- يىلى، Ⅰ قىسىم، 658- بەت.
[181] لىن گەن «تۈرك تارىخى»، ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى، 1988- يىلى، 8-، 9- بەتلەر.
[182] لىن گەن تۈزگەن «تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار تارىخىي ماتېرىياللىرى توپلىمى»، خەنزۇچە نەشرى، Ⅰ قىسىم، 658- بەت؛ گېڭ شىمىن تۈزگەن «قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىن تاللانما»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1982- يىلى، 5- بەت.
[183] ۋېڭ يىفېي، ياسىن ھوشۇر «ئۇيغۇرلار»، مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، خەنزۇچە نەشرى، 1997- يىلى، 4- بەت.
[184] جېڭ جىې 郑婕)) «ئۇيغۇر ھۆججەت تىلى بىلەن قاراخانىي ھۆججەت تىلى»، «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1987- يىلى، 2- سان، 53- بەت
[185] ن. ئا. باسكاكوف «تۈركىي تىللار»، مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، 1986- يىلى، 15-، 16- بەتلەر.
[186]، [187] لاڭ يىڭ «‹قۇتادغۇبىلىك› ۋە شەرق-غەرب مەدەنىيىتى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1992- يىلى نەشرى، 28- بەت.
[188] ش ئۇ ئا ر «12 مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتى» تۈزگەن «ئۇيغۇر 12 مۇقامى ھەققىدە» ناملىق كىتابنىڭ 49- بېتىگە قاراڭ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1992- يىلى.
[189] ئە. باتور، خە. سىدىق «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990- يىلى، 721- بەت.
[190]، [191] فەن ۋېنلەن «جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى»، 6- قىسىم، 26-، 40- بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1990- يىلى.
[192] سۇ بېيخەي «قازاق مەدەنىيەت تارىخى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، خەنزۇچە، 1989- يىل، 330- بەت.
[193] ۋاڭ يىفېي «قىتانلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا»، «يۇگۇڭ ژۇرنىلى»، 1935- يىلى، 4- جىلد، 8- سان. يەنە «غەربىي شىمالدىكى مىللەتلەرنىڭ دىن تارىخىغا دائىر ماتېرىياللاردىن تاللانما»، شىنجاڭ قىسمى، 2- توم، 658- بەت (گەنسۇ كۇتۇپخانىسى باستۇرغان، 1985- يىلى، خەنزۇچە).
[194] ليۇ جىشاۋ «ئۇيغۇر تارىخى»، 1- قىسىم، 428- بەت.
[195] ۋاڭ جىلەي «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ تېزىسلىرى» 388- بەت.
[196] جۇۋەينى «تارىخىي جاھان كۇشاي»، 1- قىسىم.
[197] ليۇ جىشاۋ «ئۇيغۇر تارىخى»، 1- قىسىم، 412- بەت.
[198] بۇ يەردە غەربكە كەتكەن دېگەنلىك — ئورقۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ 840- يىللىرى موڭغۇل دالىسىدىن كۆچۈشى ۋە بىر تارمىقىنىڭ غەربكە — يەتتەسۇغا سۈرۈلگەنلىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
[199] ۋۇچاۋ «گاۋگېگۇڭنىڭ مىللىتى توغرىسىدا»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، خەنزۇچە، 1990- يىلى، 1- سان، 45- بەت.
[200] بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «خۇيخۇي — 回回» دېگەن ئاتالغۇغا قىسقىچە ئىزاھ: سۇڭ، لياۋ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە خەنزۇچە ھۆججەتلەردە شىنجاڭغا قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنى خۇيخې 回纥))، خۇيخۇ回鹘) ) دېگەن ناملار بىلەن ئاتىغاندىن باشقا، خۇيخۇي 回回 دېگەن نام بىلەنمۇ ئاتىغان. بۇنىڭدا بىر قانچە سەۋەب بار ئىدى، ئاساسلىق سەۋەب توغرۇلۇق ۋۇچاۋ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «ئەھمىيەت بېرىشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ دەۋرلەردە تارىخشۇناسلار پامىرنىڭ شەرقىدىكى مانى دىنى ۋە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن پامېرنىڭ غەربىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈپ قارىغان. شۇڭا回鹘› › بىلەن回回› › مۇشۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.» (ۋۇچاۋنىڭ يۇقىرىقى ماقالىسىگە قاراڭ.)
[201]، [202] ۋاڭ جىلەي «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تېزىسلىرى» 408- بەت.
[203] مۇشۇ يىللاردىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنى خاتىرىلەشتە خەنزۇچە ۋە ئەرەبچە، پارسچە ھۆججەتلەردە ئۆگىرىش بولدى. خەنزۇچە ھۆججەتلەردە موڭغۇل دەۋرىدىن باشلاپ قوچو ئۇيغۇرلىرى قوچو高昌) ) ياكى ۋېيۋۇر — 畏匹儿، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بولسا ئاۋۋالقىدەكلا 回 纥، 回鹘 دەپ ئاتالدى. چەت ئەل مەنبەلىرىدە قوچو ئۇيغۇرلىرى، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى دەپ ئاتالدى.
[204]، [205] ليۇ جىشاۋ «ئۇيغۇر تارىخى»، 1- قىسىم، 471 — 473- بەت.
[206] «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1990- يىلى، 227- بەت.
[207]، [210]، [211] ياڭ جيەنشىن تۈزگەن «‹قەدىمكى زاماندا غەربكە قىلىنغان سەپەر خاتىرىلىرى› تاللانمىلىرىغا ئىزاھات»古西行记›选注») ») نىڭشيا خەلق نەشرىياتى، 1987- يىلى، 223- بەت.
[208] ئىلى بالىق — ھازىرقى غۇلجا شەھىرىگە توغرا كېلىدۇ.
[209] مۇشۇ كىتابتا ئۇيغۇرلار «خۇيخې — 纥回» دەپ يېزىلغان.
[213]، [215]، [218]، [220]، [221] سۇ بېيخەي «قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتى ۋە ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى»، خەنزۇچە، ماي باسما، 1983- يىلى بېسىلغان، 22- بەت.
[213]، [214]، [216]، [217]، [219] ياڭ جيەنشىن تۈزگەن «‹قەدىمكى زاماندا غەربكە قىلىنغان سەپەر خاتىرىلىرى› تاللانمىلىرىغا ئىزاھات»، 204-، 205-، 217- بەت.
[222] سۇ بېيخەي «ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ناملىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدا تەتقىقات»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1985- يىلى، 3- سان، 43-44- بەتلەر.
[223] «جەمائۇل-تەۋارىخ»، بېيجىڭ-شاڭۋۇ نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1983-يىلى، 1-توم، 1- قىسىم، 121-، 122- بەتلەر.
[224] «ج. پ. كارپىن ‹موڭغۇلىيىگە ساياھەت خاتىرىسى›، ۋ. روبرۇك ‹شەرققە ساياھەت خاتىرىسى›» جۇڭخۇا نەشرىياتى، 1985- يىلى، 248- بەت.
[225]، [230]، [232] ئە. ز. ۋ. توغان «ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش.»
[226]، [227] ئا. قادىر بايوۋ «موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىكى ئىران ۋە يېقىن شەرقتىكى ئۇيغۇرلار»، «ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ماتېرىياللىرى»، خەنزۇچە، 1985- يىلى، 3- سان، ئۈرۈمچى.
[228]، [229] جىماۋ شوۋمىي (ياپونىيە) «ئېلخانىلار دەۋرىدىكى موڭغۇللار»، «موڭغۇلشۇناسلىق ماتېرىياللىرى ۋە خەۋەرلىرى ژۇرنىلى»، خەنزۇچە، 1987- يىلى، 3- سان، 13-، 14- بەتلەر.
[230]، [231] ي. ياسىن «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا بىرقانچە قېتىم غەربىي ئاسىياغا كۆچۈشى»، «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1996- يىلى، 2- سان.
[233] «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»، 12- توم، 2- كىتاب، 655- بەت.
[234] غ. ئوسمان «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى قىسقىچە تارىخى»، 1996- يىلى.
[235] «جۇڭگو مىللىي قەدىمكى يېزىقلار تەتقىقاتى»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1984- يىلى، 114- بەت.
[237] بارتولد «ئوتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخىدىن 12 لېكسىيە»، خەنزۇچە نەشرى، 143-، 157- بەت.
[238] ئە. بايتور، خ. سىدىق «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، 851- بەت.
[239] «تارىخىي شەجەرەئى تۈرك»، 27- بەت، چاغاتايچە نۇسخا.
[240] ليۇ جىشاۋ «ئۇيغۇر تارىخى»، 1- قىسىم، 600-، 601- بەت.
[241]، [243] «قامۇسۇلئەلام»، Ⅲ توم، 1889- يىلى، 1640 — 1876- بەت.
[242] «تۈرك-تاتار تارىخى»، 1914- يىلى، 86- بەت.
[244] «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1993- يىلى، 1- سان، 3- بەتكە كەلتۈرۈلگەن نەقىل.
[245] ۋ. ۋ. بارتولد «يەتتەسۇ تارىخىي ئوچېرىكلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىل، 76- بەت.
[246] مىرسۇلتان ئوسمانوف، خەمىت تۆمۈر «چاغاتاي تىلى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىز»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1993- يىلى، 1- سان، 19- بەت.
[247] ليۇ جشاۋ «ئۇيغۇر تارىخى» 1- قىسىم، 612- بەت.
[248] ئا. پولات «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىن ئىلمىي ماقالىلەر»، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1993- يىلى، 7- بەت.
[249] غ. ئوسمان «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، 1992- يىلى، 12- بەت.
[250] جاۋ مېڭجاۋ «چۇەن گۇڭ قەبرىسىدىكى ئابىدە» («سۇڭ شۆجەي ئەسەرلىرى» 7- جىلد).
[251] يۈجى «داۋيۈەن يادنامىلىرى»، 16- جىلد.
[252] تيەن ۋېيجاڭنىڭ ماقالىسىگە قاراڭ. «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1994- يىلى، 2- سان.
[253] جۇۋەينى «تارىخىي جاھان گۇشاي»، ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1981- يىلى، 1- توم، 6- بەت.
[254] «چەت ئەل ئالىملىرى — ‹قۇتادغۇبىلىك› توغرىسىدا» ئۇيغۇرچە، 247- بەت.
[255] ۋ. ۋ. بارتولد «ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنىڭ موڭغۇللارغا تەسىرى»، «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ژۇرنىلى«، خەنزۇچە، 1985- يىلى، 1- سانىغا قاراڭ.
[256] ت. كەلپىن «چىڭگىزخان ۋە تۆمۈرىلەر دەۋرىدە كاتىپلىق، كىتابەت ئىلمى»، «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتى، 1995- يىلى، 1- ئاينىڭ 19- كۈنىدىكى سانى.
[257]، [259] بارتولد «ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخىدىن 12 لېكسىيە»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1984- يىلى، 151—202- بەت.
[258] ق. ئەكبەر «ھەم شائىر ھەم پالۋان» «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتى، 1995- يىلى، 1- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى سانى.
[260] بىللىف: «كەشمىر ۋە كاشغەرىيە»، ئا. ن. كروپاتكىن «كاشغەرىيە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984- يىلى، 122- بەتكە كەلتۈرۈلگەن نەقىل.
[261] «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، ئالما-ئاتا پەن نەشرىياتى، 1983- يىلى نەشرى، 55- بەت.
[262] «تىل – ئەدەبىيات ھەم تارىخ مەسىلىلىرى» ئالما-ئاتا، 1948- يىلى نەشرى، 25- بەت.
[263] بۇ بايانلارنى ۋ. ۋ. بارتولدمۇ تىلغا ئالغان. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخىدىن 12 لېكسىيە» دېگەن كىتابىغا قاراڭ. خەنزۇچە نەشرى، 215- بەت.
[264] ئى. سۇلتان «نەۋائىينىڭ قەلب دەپتەرلىرى»، 1973- يىلى، تاشكەنت ئۆزبېكچە نەشرى، 28- بەت.
[265] «مەجالىسۇننەفائىس» نىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994- يىلى نەشر قىلغان نۇسخىسىدا «ئەھمەد جامىيبەگ» دېيىلگەن.
[266] «ۋەفائى» تەخەللۇسلۇق شائىر توغرىسىدا يەنە مۇنداق ئۇچۇرلار بار: «12 مۇقام» تېكىستلىرىدە «ۋەفائى» تەخەللۇسلۇق بىر شائىرنىڭ بىرقانچە كۇپلېت غەزىلى بار؛ يەنە 1813-، 1814- يىللىرى قۇمۇل ۋاڭى ئوردىسىدا تۈزۈلگەن «باياز» دا «ۋەفائى» تەخەللۇسىدىكى شائىرنىڭ بىر قانچە كۇپلېت شېئىرى ئورۇن ئالغان. «باياز» نىڭ تولۇقلانغان نۇسخىسى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1995- يىلى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «ۋەفائى» نىڭ تۆت پارچە غەزىلىرى كىرگۈزۈلگەن»؛ ق. ھاسانوف، س. موللاۋۇدۇفنىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، ئالما-ئاتا، 1982- يىلى نەشرى ناملىق كىتابى 146- بەتتە «ۋەفائى» نىڭ ⅩⅤ — ⅩⅣ ئەسىردىكى شائىر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ «يۈسۈپ-زۇلەيخا» ناملىق داستانىنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.
[267]، [268]، [269] ز. بابۇر «بابۇرنامە»، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1992- يىلى نەشرى 83-، 39-، 318-، 319- بەتلەر.
[270] «بۇلاق ژۇرنىلى» 1989- يىلى، 2- سان.
[271] س. موللاۋۇدۇف (قازاقىستان) «سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ‹قۇتادغۇبىلىك› نى ئۆگىنىش»، 1994- يىلى، 2- سان، 157- بەت.
[272] مىرزا ھەيدەر «تارىخىي رەشىدىي»
[273] ھ. ھاجى «ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى»، «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1988- يىلى، 6- سان، 60- بەت
[274] ئابدۇراخمان جامى «نەپھاتۇلئۇنىس»
[275] ئە. بايتور، خ. سىدىق «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، 924- بەت.
[276] م. زەئىدى «سەئىدىدىن كاشغەرى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، 1992- يىلى، 11- ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى سانى.
[277] ئۇنىڭ بۇ خىل ئەسەرلىرى «رىسالەئى تەرىقى سوفىيان» (تەرىقەت سوپىلىرى)، «رىسالەئى تەھقىقى مەزھەپ سوفىيە ۋە مۇتەككەلەمىن ۋە ھۆكەما» (سوپى مەزھىپىنىڭ ناتىقلىرى ۋە ھۆكۈمالىرى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
[278] ليۇ جشاۋ «ئۇيغۇر تارىخى»، 1- قىسىم.
[279] ئىمىن تۇرسۇن «نەۋائىينىڭ ئەسلىي نەسەبى توغرىسىدا»، «جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى»، 1998- يىلى، 1- سان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرى.
[280] «شىنجاڭ مىللەتلەر تەتقىقات خەۋىرى» ئۈرۈمچى، 1986- يىلى، 1- سان، 144- بەت.
[281] بۇ ھەقتە ئى. مۇتىئىنىڭ «ئەمىر تۆمۈر ئوردىسىدىكى ‹ئون ئىككى مۇقام›» دېگەن ماقالىسىگە قاراڭ. «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتى، 1995- يىلى، 9- ئاينىڭ 9- كۈنىدىكى سانى.
[282] نەۋائىينىڭ تۇغۇلغان، ۋاپات بولغان يىل، ئاي، كۈنلىرى ئېنىق بولۇپ، ئۇ 1441- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى تۇغۇلۇپ، 1501- يىلى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى ۋاپات بولغان.
[283] بۇ مۇھىم بايانلار موللا مۇھەممەدنىياز ئىبنى ئابدۇغوپۇر بەگنىڭ ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا (؟) ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى بىلەن مۇھەممەد سادىق كاشغەرى (1725~1849) نىڭ تەرجىمە نۇسخىسىدا (1749 — 1750) ئوخشاشلا تىلغا ئېلىنغان. ئەپسۇسكى «تارىخى رەشىدىي» نى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلغۇچىلار بۇ بايانلارنى چىقىرىپ تاشلىغان.
[284] نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانى مەنبەلەردە ھەرخىل كۆرسىتىلىدۇ. مەسىلەن، مۆجىزى «تەۋارىخى مۇسقىيۇن» دە نەۋائىي «63 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ (ئەمەلىيەتتە 60 يىل)، 63 پارچە كىتاب يېزىپ ئالەمدىن ئۆتكەن» دېسە، «جۇڭگو ئىسلام قامۇسى» 416- بەتتە ھەم 63 پارچە ئەسىرى بار، دېيىلگەن.
[285] ئۆزبېكىستان فىلولوگىيە كاندىداتى بەھرىمەن باقايېف «نەۋائىي ئەسەرلىرى لېكسىكىسى» ناملىق كىتابىدا بىر قاتار سېلىشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان. كىتابتا ئېيتىلىشىچە، پۇشكىن ئۆز ئەسىرىدىكى 21197 سۆز، شىكېسپېر 20 مىڭدىن كۆپرەك سۆز، سېرۋانتىس 18 مىڭدىن كۆپرەك سۆز، ئابدۇللا توقاي 14 مىڭ سۆز، ئاباي 6 مىڭ سۆز ئىشلەتكەن. نەۋائىينىڭ بارلىق ئەسەرلىرىدە تەخمىنەن 1 مىليون 378 مىڭ 67 سۆز ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇلار 26 مىڭ 35 لېكسىكىسى بىرلىكتە ئومۇملاشقان. شائىر پەقەت«پەرھاد ۋە شېرىن» داستانىدىلا 5431 سۆز ئىشلەتكەن.
[286] «چوققىغا ئۆرلىگۈچىلەر»، موسكۋا، 1968- يىلى، 28- بەت، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى»، 1998- يىلى 5-، 6- سان.
[287] چۇقان ۋەلىخانوف «كاشغەر خاتىرىلىرى»، ماقالىلەر توپلىمى، ئالما-ئاتا، 1962- يىلى، 172-، 222-، 335- بەتلەر، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى»، 1998- يىلى 5-، 6- سان.
[288] م. روزىيوف «قايتا تۇغۇلغان ئۇيغۇر خەلقى»، ئالما-ئاتا، 1976- يىلى، 47- بەت. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى»، 1998- يىلى 5-، 6- سان..
[289] ن. ئىسيېف «يەتتە شەھەر دۆلىتى»، ئالما-ئاتا، 1990- يىلى، 110- بەت، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى»، 1998- يىلى 5-، 6- سان.
[290] م. كەبىروف (سوۋېت ئىتتىپاقى) «سوۋېت ئۇيغۇرلىرى»، «ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ماتېرىياللىرى»، ئۈرۈمچى، 1985- يىلى، 2- سان، 61- بەت.
[291] ن. تۇرسۇن «موسكۋا خىياللىرى، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى، 1998- يىلى 5-، 6- سان، 54- بەت.
[292] چىن خۇيشىڭ «ياڭ زىڭشىڭ ۋە ئىسلام دىنى»، «ئىسلام دىنى جۇڭگودا» نىڭشيا خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 364- بەت.
[293]، [294]، [295]، [296] ۋاڭ چىڭفېڭ «شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتتىن چىقىپ غەربىي ئاسىيا رايونىدا مۇھاجىر بولۇش تارىخى توغرىسىدا ئىزدىنىش»، «شىنجاڭ مىللەتلەر تەتقىقاتى خەۋىرى»، 1986- يىلى، 1- سان، ئۈرۈمچى.
[297] ن. تۇرسۇن «موسكۋا خىياللىرى، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، 1998- يىلى 5-، 6- سان، 32- بەت. [285]، [286]، [287]، [288] ئىزاھاتتىكى نەقىللەر مۇشۇ ماقالىدىن ئېلىندى.

ئاخىرقى سۆز

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر بۆلۈك قەبىلە-ئايماقلىرى، ئۇرۇق-جەمەتلىرى، سودىگەر، جاھانكەزدىلەر، ئالىملار ۋە مۇساپىرلار، ھەربىيلەر ۋە ئەمەلدارلار خىلمۇخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز مىللىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىي ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، ياقا يۇرتلارغا چىقىپ جاھاندارچىلىق قىلغان. بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆزى ياشاپ تۇرغان جايدىكى مىللەتلەرگە سىڭىپ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن، بەزىلىرى يېڭى مىللىي گەۋدىلەرنى ھاسىل قىلغان، يەنە بەزىلىرى مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ، ئۆزىنى ۋە مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرغان.
ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قوشقا رايونلارغا چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى بۈگۈنكى كۈندە كۆپ سانلىق بىر مىللەت بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ياشاپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە بىر مىللىي گەۋدە سۈپىتىدە تۆھپە قوشقان بولسا، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك، تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، تەسىرى چوڭ بولغان بولاتتى. ئەمما، تارىخ بەك مۇرەككەپ ۋە رەھىمسىز، شۇڭا ئىنسانلار دىققەت قىلمىسا ئۇنىڭ دولقۇنلىرىدا چايقىلىپ، ئەگرى-توقاي قىيالىرىغا ئۇرۇلۇپ، ھالاك بولۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.
بىز يىراق تارىخنى ئەمەس يېقىنقى زامان ئەسەرلىرىدىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن، باشقا يەردىكىنى قويۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىپ كېتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بىز بايان قىلغان ئومۇمىي مەزمۇندىن قىسمەن خۇلاسىگە ئىگە بولىمىز.
ⅩⅨ ئەسىردە ۋە ⅩⅩ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. مۇبادا مۇشۇ سان خېمىرتۇرۇچ قىلىنىدىغان بولسا، ئىنسانلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى مىليوندىن ئاشقان بولاتتى. ئەمما، 1959- يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تەخمىنەن 100 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان، 1991- يىلى 249 مىڭ دەپ ئېلان قىلىندى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ ئۇيغۇرلار زادى نېمە ئۈچۈن كۆپەيمەيدۇ. بۇنىڭ بىر قانچە خىل سەۋەبى بار.
بىرىنچى، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، تاتار قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇقىم ماكان تۇتقان ۋە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەرلىك مىللەتلەر ئۇيغۇرلار بىلەن ئىرق، تىل، دىن، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە يېقىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي مىللىي پسىخىكىسىدا ئۇيغۇرلارنى يەكلەش خاھىشى يوق، بۇ مىللەتلەردە يەنە ئۆزئارا نىكاھلىنىش ئاساسەن چەكلەنمەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا، نۇرغۇن ئۇيغۇر پۇقرالىرى ناھايىتى ئوڭايلا ئۇلارغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن.
ئىككىنچى، ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قىرغىز، قازاق قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىدە يېقىنقى زامان دۇنياسىدىكى مىللىي ئويغىنىش كېيىنرەك باشلانغان. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ تاكى ⅩⅩ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چارىكىگىچە بۇ مىللەتلەر ئۆزلىرىنى يەككە، مۇستەقىل مىللەت دەپ قارىماستىن، بەلكى دىنىي نۇقتىدىن «مۇسۇلمانلار»، ئىرق نۇقتىسىدىن «تۈركلەر»، ئۆز تىللىرىنى «تۈركىي تىل» دەپ ئاتايدىغان بولۇپ قالغان. بۇ مىللەتلەر ئىچىدە «ئۇيغۇر» نامىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن، تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ تارىختا سەلتەنەتلىك رول ئوينىغان بولسىمۇ، ئەمما يىپەك يولىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى، مالىمانچىلىقنىڭ كۆپىيىپ ئىقتىساد، مەدەنىيەتنىڭ چېكىنىشى ۋە ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە قېقىندا-سوقۇندا بولۇشى نەتىجىسىدە «ئۇيغۇر» دېگەن ئېتنىك نام 15-، 16- ئەسىرلەردىن كېيىن ئاساسەن گەنسۇدىكى بۇددىسىت ئۇيغۇرلاردىلا قېلىپ، ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە بارا-بارا ئۇنتۇلۇشقا باشلىغانىدى» 1910- يىللاردىن سەل بۇرۇن «تارانچى بالىسى» مەن دەپ ئىلى ۋادىسىدىن يولغا چىقىپ، تەڭرىتاغلىرىنى ھالقىپ، ئالتە شەھەرلىكلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئالىملارچە كۆز بىلەن كۆزەتمەك بولغان ئوت يۈرەك يىگىت نەزەرخوجا (1887 — 1951) ئاقسۇ دىيارىنىڭ مۇزداۋان يوپۇرىسىدىكى بۇسوغىسىغا قەدەم باسقىنىدا چاچ-ساقاللىرى ئاقارغان، بەللىرى ئازراق مۈكچەيگەن بىر يەرلىك دېھقان بوۋاينىڭ «تارانچى بالىسى دېگىنىڭ نېمىسى، بىز ھەممىمىز ئۇيغۇر بالىسى» دېگەن ئاجايىپ ۋەزىنلىك ۋە ھېكمەت-پاساھەتكە تولغان سۆزىنى ئاڭلاپ، خۇددى بىر ئەڭگۈشتەر تېپىۋالغىنىغا ئوخشاش ئالەمچە شادلىققا تولۇپ، ئۆزىگە «ئۇيغۇر بالىسى» دېگەن تەخەللۇسنى قويۇپ، ئىلمىي ۋە بەدىئىي ئىجادىيەت سەھنىسىدە جەۋلان قىلىپ، ئۆز خەلقىنى ئويغاتماقچى بولغانىدى. لېكىن، ئۇيغۇرلار مۇشۇ ئەسىرنىڭ «30- يىللىرىدىن ئىلگىرى يەر ناملىرى بىلەن: ئىلىلىق، تۇرپانلىق، كۇچالىق، كاشغەرلىك، خوتەنلىك دەپ كىشىلەرنى ئاتاپ كەلگەن» ئۇيغۇر نامى مىللىي نام قىلىنىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، بۇ نام كەڭ خەلق ئارىسىدا ئومۇملىشىشقا باشلىغان. ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز دېگەن ناملارمۇ سوۋېت ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئاندىن شۇ مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي مىللىي نامى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئۆز مىللىتى دائىرىسىدە ئومۇملىشىشقا باشلىغان. بۇ خىل ئەھۋاللار ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ مىللەتلەر ئارىسىدا مىللىي پەرقنى بەك كىچىك ھېس قىلدۇرۇپ، شۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشاشتا ھېچقانداق چەكلىمە پەيدا قىلمىغان.
ئۈچىنچى، ئۇيغۇر مىللىتىدە كېيىنكى ۋاقىتلاردا سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىقنىڭ ئەدەپ كېتىشى، ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ چىرىكلىشىپ، ئەمگەكچى خەلقنى قاتتىق ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشى، ئېزىلگۈچى خەلقنىڭ مىللىي روھىنىڭ قاتتىق سۇندۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر قاتار ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن، شىنجاڭدىن چىقىپ كەتكەن كىشىلەر ياقا يۇرتقا چىقىپ، ئازراق كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئۆز يۇرتى ۋە ئۆز خەلقىنى ئاساسەن ئۇنتۇپ كېتىشكەن.
تۆتىنچى، ئۆز يۇرتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت قالاق، ئاجىز، مالىمانچىلىق بىلەن تولۇپ تۇرۇشى، فېئودال ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ چىرىك ۋە زوراۋان تەبىئىتىنى قىلچىمۇ ئۆزگەرتمەسلىكى، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك سىياسەت يۈرگۈزمەسلىكى ۋەتەندىن ۋاقىتلىق ئايرىلغانلاردا ئۆز يۇرتى ۋە ئۆز خەلقىگە تەلپۈنۈش، سېغىنىش ھېسسىياتىنى ئۇلغايتماستىن ئۇنىڭ ئەكسىچە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سۇسلاشتۇرۇپ قويغان.
بەشىنچى، چېگرا لىنىيىلىرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى، بىپايان چۆل-جەزىرىلەر، قاتمۇقات ئېگىز تاغلار، كۆز يەتكۈسىز ساي-جىرالار بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇشى، قاتناشنىڭ قولايسىزلىقى، ئىقتىساد ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبلىك ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى دەپ يۇرتتىن ئايرىلغانلارنىڭ ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقىسى راۋان بولماي، بىر ئايرىلغان بويىچە مەڭگۈ ئايرىلىپ كەتكەن.
ئالتىنچى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللىي ھېسسىياتى سۇس بولغان. قاراخانىيلار سۇلالىسى ۋە قوچو ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك چۈشەنچىسى ۋە مىللىي ھېسسىياتى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان. قىتانلار، موڭغۇللار، چاغاتايلار، جۇڭغارلار، مانجۇلارنىڭ فېئودال ئاقسۆڭەكلىرى بىرىنىڭ كەيندىن بىرى ئۇيغۇر مىللىتىگە خالىغانچە ئۆكتەملىك قىلىپ، نېمىنى قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى قاتتىق بوزەك قىلغان ۋە دەپسەندە قىلغان، يۇرتمۇيۇرت قوغلاپ يۈرۈپ سەرسان-سەرگەردانلىقتا قالدۇرغان. ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆزىدىن پەخىرلىنىش، ئۆزىنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى قوغداش ئىمكانىيىتىدىن ئاساسەن مەھرۇم قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن مەشھۇر تارىخچى دەپ ئاتالغان موللا مۇسا سايرامى دۇنيا مىللەتلىرى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ⅩⅩ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چارىكىدە يېزىپ چىققان ئۇيغۇرنىڭ بىردىنبىر مۇكەممەل تارىخ كىتابى «تارىخى ھەمىدىي» (1908- يىلى يېزىلغان) دە «بۇ تارىخنى يېزىشتىكى ئەسلىي مەقسەت، تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئەھۋالى، پادىشاھ ۋە ئەمىر-ئۆمەرالىرى، دۆلەتكە ھۆكۈمران بولۇپ دۆلەت ۋە سەلتەنەت تاپقانلار ۋە ئۇلارنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى، نىشان، ئالامەتلىرى، سۆز-ماقالىلىرى قاتارلىقلارنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت. «قەدىمكى زامانلاردا ۋە تارىخ كىتابلىرىدا بۇ يەتتە شەھەر ‹موغۇلىستان› دەپ ئاتالغان. كونا ئىشەنچلىك ھۆججەتلەردىمۇ بۇ جاينىڭ ‹موغۇلىيە› تەۋەلىكىدە بولغانلىقى قەيت قىلىنغان»، دېگەندەك تۇتامى يوق گەپلەرنى يېزىپ قالدۇرىدىغان كەيپىيات شەكىللەندى. كېيىنكى زامانلاردا ئۇيغۇر خەلقى شۇ دەرىجىدە مىللىي مەدەنىيەت نامراتلىقىغا چۈشۈپ قالغانكى، ئۆزلىرىنىڭ ئىككى ئۇلۇغ ئالىمى مەھمۇد كاشغەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ۋە «قۇتادغۇبىلىك» لەرنىڭ قوليازما ياكى كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىنى ئۆز يۇرتىدا ساقلاپ قېلىشقا قادىر بولالمىغان. مانا مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نادانلىق، ساۋاتسىزلىق، بىلىمسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالغان بەزى كىشىلەر يۇرتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىدە مىللىي ھېسسىيات، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ مىللىي خاسلىقىنى يوقىتىپ قويغان.
يەتتىنچى، رۇسىيىدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلاپ، سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇلۇشى بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنى ئايرىشتىكى ئىلمىي بولماسلىق ئەھۋالى، بولۇپمۇ ستالىننىڭ مىللىي مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ماركسىزمدىن چەتلەپ كېتىشتەك خاھىشى، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇيغۇر مىللىتى بولۇشقا تېگىشلىك كىشىلەرنى مەجبۇرىي يوسۇندا ئۆزبېك مىللىتىگە قوشۇۋېتىشى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە ئازايتىۋېتىشكە سەۋەب بولدى.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە بىر قانچە سەۋەبلەرمۇ بار. بۇلارنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ ئولتۇرمىدۇق.
چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشى ئۆتمۈشكە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن، بۇ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن بىر تارىخىي ساۋاق بولۇشى كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيا ھەرقانداق بىر ئادەم مۇئەييەن بىر مىللەتكە ۋە بىر ماكان، بىر ۋەتەنگە مەنسۇپ بولغان بولىدۇ. مىللەت ۋە ۋەتەنگە تەۋە بولمىغان ئادەمنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس، ئادەم ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىسا ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ئۇ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆز مىللىتى، ئۆز يۇرتى، ئۆز ۋەتىنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئادەمنىڭ قىممىتى كۆرۈلىدۇ، ماھىيىتى ئېچىلىدۇ.