ئۇيغۇرلاردا بەلباغ

مەدەنىيەت ئىنسانلارنىڭ ئۇزاق ۋە ئەگرى – توقاي تارىخىي ئەمەلىيىتى داۋامىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى ھاسىلاتلىرىنىڭ بىباھا يىغىندىسى بولسىمۇ، لېكىن ھېچ نەرسە مەڭگۈلۈك بولمايدىغان بۇ دۇنيادا، بىر مەزگىل قۇياشتەك پارلىغان مەدەنىيەتمۇ دەۋرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خۇددى ئاستا – ئاستا پېتىۋاتقان قۇياشتەك كۆزدىن غايىب بولىدۇ. ئەقىل – پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز ياراتقان كۆپ خىل مەدەنىيەت ئارىسىدىكى كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ بولغان بەلباغ تېخى يوقىلىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يوقىلىشقا يۈزلەنگەن تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

بەلباغنىڭ پەيدا بولۇش تارىخىنى ئەجدادلىرىمىز ياۋايىلىق دەۋرى بىلەن خوشلىشىپ، ئاددىي كىيىم – كېچەكلەرنى قولدا تىكىپ كىيىشكە باشلىغان ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىن تېپىلغان ئاسار ئەتىقىلەر ئارىسىدىكى كىيىم – كېچەككە دائىر تېپىلمىلاردىن قارىغاندا، ئەجدادلىرىمىز ئەڭ دەسلەپ قوي يۇڭىدىن ئىشلەنگەن ئاددىي كىيىم – كېچەكلەرنى، جۈملىدىن نېپىزلىتىلگەن كىگىزدىن قالپاق، كېپىنەك تون، كىگىز ئىشتان، كىگىز ئاياغ كىيىم قاتارلىقلارنى تىكىپ كىيگەن. ئۇ زاماندىكى كىيىم – كېچەكلەر كېلەڭسىز، تىكىلىشى قوپال بولغاننىڭ ئۈستىگە، تۈگمە قاداش تېخى بارلىققا كەلمىگەچكە، تونلارنىڭ ئالدىنى ئېتىشتە تەبىئىي يوسۇندا بەلباغ ئىشلىتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان.

بەلباغ باغلاشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان رىۋايەتتە بەلباغنىڭ پەيدا بولۇشى ئىنسانلار ئاپىرىدە بولغان زامانلار بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ مۇنداق دېيىلگەن: ياراتقۇچى ئالەمنى 18 مىڭ، ئاسماننى يەتتە قات قىلىپ يارىتىپتۇ. ھەربىر قات ئاسماندىكى كىشىلەرنىڭ بەلباغ باغلاش ئادىتى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بىز يەتتە قات ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغاچقا، بەلباغنى بېلىمىزگە باغلايدىكەنمىز. ئۈستىمىزدىكىلەر بەلباغنى قولتۇقىدىن باغلىسا، ئاستىمىزدىكىلەر تېقىمىدىن باغلايدىكەن…

رىۋايەت گەرچە رېئاللىق بولمىسىمۇ، لېكىن يازما تارىخلارغا پۈتۈلمىگەن ئەڭ ئىپتىدائىي رېئاللىقلاردىن مەلۇم دەرىجىدە ئۇچۇر بېرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگىلىكى ھەممىگە ئايان. يۇقىرىقى رىۋايەتتىمۇ بەلباغنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائىي زامانلىرىدىلا پەيدا بولغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن.

ئەجدادلىرىمىز ياراتقان پارلاق مەدەنىيەتلەرنىڭ يازما خاتىرىسى بولغان ئىككى بۈيۈك قامۇس ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› بىلەن ‹‹ قۇتادغۇبىلىگ ›› لەردىمۇ بەلباغ ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، خان جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئالتۇن، كۈمۈش توقۇلۇق بەلباغ (كەمەر) لارغا ياقۇت، مەرۋايىتتىن كۆز قۇيۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. بولۇپمۇ ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دا: ‹‹ كېمسەن ›› دېگەن ئىبارىگە ‹‹ زىننەت ئۈچۈن دوپپا ۋە پوتىغا (بەلباغقا) ئوخشاشلارغا تاقىلىدىغان ئالتۇن قاداق ›› دەپ ئىزاھات بېرىلگەن. بۇلاردىن بەلباغنىڭ بىر تۈرى بولغان پوتىغىمۇ ئالتۇن قاتارلىق قىممەتلىك بۇيۇملارنىڭ زىننەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنىمۇ كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

بەلباغنىڭ خام ماتېرىيالى ۋە تۈرلىرى مۇنداق: بەلباغ ئىنچىكە ئىگىرىلگەن يۇڭ يىپ ياكى بوز يىپلارنى خام ئەشيا قىلىپ توقۇلىدىغان بولۇپ، كەڭلىكى 30 سانتىمېتىردىن 50 سانتىمېتىرغىچە، ئۇزۇنلۇقى 1.5 مېتىردىن ئىككى مېتىرغىچە قىلىپ توقۇلغان. ھەرخىل رەڭلەردە بويالغان ئۆرۈش – ئارقاقلاردىن گۈل ھاسىل قىلىنغان. ئىككى ئۇچىغا چۇچا چىقىرىلغان. بەزىدە چۇچىلارغا كىچىك رەڭدار مارجانلار ئېسىلىپ، كۆركەملىكى ئاشۇرۇلغان. بەلباغ (پوتا) توقۇش ئۇسۇلى ۋە رەڭلىك گۈل نۇسخىلىرىغا قاراپ ‹‹ سۈر تارانلىق پوتا ›› ، ‹‹ تۈز پوتا ›› ، ‹‹ خالتا پوتا ›› دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنگەن. ئۇنىڭ يۇڭ ياكى بوز يىپلارنى ئۆرۈش ئارقىلىق توقۇلىدىغان ئاددىي بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ، ئادەتتە، ‹‹ قۇر ›› دەپ ئاتالغان. قۇرنىڭ ئۇزۇنلۇقى باشقا بەلباغلار بىلەن تەڭ بولسىمۇ، كەڭلىكى ئالتە سانتىمېتىرلا بولغاچقا، ئۇمۇ كېيىنكى كۈنلەردە بەلباغلىق رولىنى يوقىتىپ، ئىشتانباغقا ئايلانغان.

يىپەك ياغلىق ئەجدادلىرىمىز شەھەرلەشكەندىن كېيىن پەيدا بولغان بەلباغ بولۇپ، شايى ياكى چەكمەنلەرگە كەشتە تىكىش ۋە ياكى تامغۇ بىلەن گۈل بېسىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان. يىپەك ياغلىق بەلباغنىڭ باشقا تۈرلىرىدىن قىسقىراق بولۇپ، ئادەتتە، كەڭلىكى 80 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر ئەتراپىدا تىزگىنلىنىپ، قىرغاقلىرىنىڭ ھەممىسىگە چۇچا چىقىرىلغان. بۇنداق ياغلىقمۇ، ئادەتتە، بەلباغ ئورنىدا بەلگە باغلانسىمۇ، لېكىن ئۇ باشقا بەلباغلارغا ئوخشاش كۆپ خىل رولغا ئىگە بولماستىن، ئاساسەن سالاپەت ئۈچۈنلا ئىشلىتىلگەن. شۇڭا ئۇنى بەلگە باغلىغاندا ئۈچ بۇلۇڭ شەكىل چىقىرىپ قاتلىنىپ، ئىككى ئۇچى قورساق ئۈستىگە كەلتۈرۈلۈپ چىگىلىش بىلەن بىللە، ئۈچ بۇلۇڭ چىقىرىلغان تەرىپى بەلدىن كاسىغا ساڭگىلىتىپ قويۇلغان. ئۇنى ھازىر بۇنداق باغلايدىغانلار ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن سەھنىلەردە پات – پات ئۇچراپ تۇرىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، تەييار رەخت ياكى تاۋارلاردىن ئەنلەپ تەييارلىنىدىغان بەلباغمۇ بولۇپ، ئۇنىڭ كەڭلىكى تەييار رەختنىڭ ئەن كەڭلىكى بىلەن ئوخشاش، ئۇزۇنلۇقى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ 1.80 مېتىردىن ئۈچ مېتىرغىچە بولىدۇ. گەرچە شەھەرلىشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، بەلباغ باغلاش بارغانسېرى سۇسلىشىۋاتسىمۇ، لېكىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كۆپى بەلباغدىن ئىبارەت ئەڭ ئاددىي، ئەمما جانغا ئەڭ ئەسقاتىدىغان بۇ بۇيۇمدىن ھازىرمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلمەكتە. ھەتتا توي – تۆكۈنلەردە تويى بولغان يىگىتكە گۈل تاقاش ئورنىغا بەلباغ سوۋغا قىلىش ھېلىھەم داۋاملاشماقتا.

بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇنىڭدىن 15 يىللار مۇقەددەم مەكىت، مارالبېشى، يەكەن ۋە يوپۇغا قاتارلىق ناھىيەلەردىكى مۇتلەق كۆپ جايدا توي – تۆكۈن بولسا، قىز تەرەپ توي كۈنى كۈيۈئوغۇلنىڭ بېلىگە ئەڭ ئېسىل تاۋار – دۇردۇن بەلباغ باغلايتتى. ئارقىدىن يىگىتنىڭ دوستلىرى ئۆز ھالىغا ۋە زوقىغا يارىشا تەييارلىغان ھەرخىل رەڭدىكى بەلباغلارنى بىر – بىرلەپ باغلاپ، تويى بولغان يىگىتنى بەلباغقا كۆمۈۋېتەتتى. ئەھلى مەھەللە، قولۇم – قوشنىلارمۇ باشقا سوۋغاتلار بىلەن بىللە، ‹‹ مېنىڭمۇ بىر بەلباغ سوۋغىتىم باركەن ›› دەپ بەلباغ تەقدىم قىلاتتى. بىر تويدا ئاز بولغاندا 30 – 40، كۆپ بولغاندا يۈز نەچچە بەلباغ تەقدىم قىلىناتتى. كېيىن بۇنداق ئادەتمۇ تەدرىجىي ئۆزگىرىپ، بەلباغ ئورنىغا پۇل ياكى باشقا ماددىي بۇيۇملارنى سوۋغا قىلىش دەسسىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن قىز تەرەپ كۈيۈئوغۇلغا ئېسىل بەلباغ باغلاش ئادىتى ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا.

بەلباغنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى رولىغا كەلسەك، ئۇنىڭ بار – يوقى ئىككى مېتىر ئاددىي رەخت بولسىمۇ، ئەمەلىي ئىشلىتىلىشى جەھەتتە كىيىم – كېچەكلەرنىڭ باشقا تۈرلىرىدە بولمىغان نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە. بۇلارنى تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

1 . بەلباغ بەلنى ئىسسىق ساقلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، بۆرەكنىڭ سوغۇقتىن زەئىپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ .2 ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرگەندە بەلنىڭ چىم بولۇپ كېتىشىنىڭ، يەنى ئومۇرتقا تەخسىسى قوزغىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ .3 سېمىزلىك سەۋەبىدىن قورساق ساڭگىلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.(گەرچە سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالمىسىمۇ، لېكىن بەلباغ باغلاشنى ئادەت قىلغان سېمىزلەر قورسىقىنىڭ كۆرۈنەرلىك ساڭگىلاپ كېتىشىدىن خالىي بولالايدۇ)؛ .4 ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك سەۋەبىدىن پەي – تارمۇچلارنى زەخىملىنىشتىن ساقلايدۇ؛ .5 سەپەرلەردە سومكىلىق رولىنى ئوينايدۇ. نان قاتارلىق مۇھىم لازىمەتلىكلەرنى بەلباغقا چىگىۋالسا، قول سومكا كۆتۈرۈشتىن ئازاد بولىدۇ؛ .6 سەپەر ياكى ئەمگەك ئورۇنىدا داستىخانلىق رولىنى ئوينايدۇ (دەستىخاننىڭ خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا قانچىلىك مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى، جۈملىدىن، ئادەتتە، دەستىخانسىز غىزا يېيىلمەيدىغانلىقى ھەممىگە ئايان)؛ .7 تانا – ئارغامچا لازىم بولغان، ئەمما تېپىلمىغاندا بەلباغنى ئارغامچا ئورنىدا ئىشلىتىپ، نەرسە – كېرەك تېڭىشقا بولىدۇ؛ .8 ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن بېلىنى ئۇنىڭدا باغلىۋالسا، قورساق مۇسكۇللىرىنىڭ، سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق؛ .9 نامازخانلار سەپەردە بەلباغنى جايناماز ئورنىدا ئىشلىتەلەيدۇ؛ .10 يۈز – قولنى يۇيغاندا ياكى تەرلەپ كەتكەندە بەلباغنى لۆڭگە ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ .11 تويى بولغان يىگىتكە بەلباغ باغلىنىدۇ. بۇ سىمۋوللۇق مەنەگە ئىگە بولۇپ، ھالال جۈپتى بىلەن قەدەم باسقان ھاياتلىق سەپىرىدە ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەسلىككە تەققاسلىنىدۇ؛ .12 خەلقىمىز ياخشى كۆرىدىغان ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرى بولغان چېلىشىشلار بەلباغسىز ئۆتكۈزۈلمەيدۇ؛ .13 دولان مەشرەپلىرىدە بەلباغدىن دەررە ياسىلىپ ئوينىلىدۇ. ۋاھالەنكى، دەررە دولان مەشرەپلىرىدىكى ئويۇنلارنىڭ ئەڭ ئومۇملاشقان بىر تۈرى بولۇپ، دەررە ئوينالمىغان دولان مەشرىپىنى مۇكەممەل مەشرەپ، دېگىلى بولمايدۇ.

بەلباغنىڭ رولى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتىكى رولى ھەققىدە خېلى كۆپ تېبابەت كىتابلىرىدا تەپسىلىي توختىلىلغان بولۇپ، ‹‹ ئەشيالار خاسىيىتى، ۋىسال لەززىتى ›› دېگەن كىتابنىڭ 9 – بابىدا مۇنداق قۇرلار ئۇچرايدۇ: ‹‹ ئەي ئەزىز ئىنسان، بىلگىنكى، بۇ بابتا ئەرەنلىككە قۇۋۋەت بېرىدىغان بەلباغ ۋە كەمەرلەر بايان قىلىنىدۇ. زەپەر رەڭلىك يىپەكتىن توقۇلغان بەلباغ ئەڭ ياخشى بولۇپ، بۇ بەلباغ بۆرەكنىڭ ئىسسىق، ئۇرۇقنىڭ ساغلام بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، سېرىق بەلباغ ئاق بەلباغدىن ياخشىراق. ئەگەر تۆگە يۇڭىدىن توقۇلغان بەلباغ بولسا، تېخىمۇ ياخشى… ››

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بەلباغ تارىختىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ ئارىسىدا ئىرادىنىڭ سىموۋولى بولۇپ كەلگەچكە، ھازىرقى رېئاللىقتا بەلباغ باغلايدىغانلار بارغانسېرى ئازىيىۋاتسىمۇ، لېكىن تىل ئىستېمالىمىزدا بىرەر مۇددىئا ياكى ئىش – ھەرىكەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا قەتئىي ئىرادە تىكلەش مەنەسىدىكى ‹‹ بەلنى چىڭ باغلاش ›› تەك تۇراقلىق ئىبارىلەر ھېلىھەم ئىشلىتىلمەكتە. رەھبەرلەرنىڭ دەبدەبىلىك نۇتۇقلىرىدىن تارتىپ، نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ يېتەكلەش خاراكتېرىدىكى باش ماقالىلىرىگىچە، شۇنداقلا ماقال – تەمسىللەردىن خەلق ناخشىلىرىغىچە ‹‹ بەل باغلاش ›› دېگەن ئىبارىلەر كۈندە دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدۇ. خەلق ناخشىلىرىنىڭ بىرىدىكى:

‹‹ مەن بېلىمنى باغلىدىم

بەلبېغىمدا پەم بىلەن؛

سەن بېلىڭنى باغلىساڭ،

ئۆمرۈم ئۆتەر سەن بىلەن ››

دېگەن قوشاقنى يۇقىرىقى پىكرىمىزنىڭ دەلىلى، دېيىشكە بولىدۇ.

يىغىنچاقلىغاندا، كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىمىزدىكى ئەڭ ئاددىي تۈر بەلباغ ئاشۇ ئاددىيلىقى بىلەن زامانىۋىلىشىش، شەھەرلىشىش دولقۇنىدا ئېتىبارسىز قېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇمۇ خۇددى خەلقىمىزنىڭ غىزا مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ ئاددىي تۈر بولغان نانغا ئوخشاشلا كۈندىلىك تۇرمۇشتا جانغا ئەڭ ئەسقاتىدىغان قەدىناس بۇيۇمدۇر.

مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى