ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىقچىلىق ئىگىلىكى

ئۇيغۇرلاردا بېلىقچىلىق

ئابدۇقەييۇم مىجىت

1. مۇقەددىمە

بېلىقچىلىق ـــ دەريا، كۆل، ساھىل، دېڭىزلاردا سۇ جانۋارلىرىنى بېقىش، تۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىشتەك ئىشلەپچىقىرىشى پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئوۋچىلىق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، كونا تاش قۇراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە پەيدا بولۇشقا باشلىغان. كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە كىشىلەر يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنى ئوۋلاپلا قالماستىن، بەلكى سۆڭەكتىن ياسالغان نەيزە، ئارا ۋە قارماق قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ دەريا، كۆللەردىن بېلىقلارنى تۇتۇپ، ئوۋچىلىق ئىگىلىكىنىڭ دائىرسىنى كېڭەيتىپ، بېلىقچىلىقنىمۇ ئوۋچىلىق ئىگىلىكىنىڭ دائىرسىگە كىرگۈزگەن. ئىپتىدائىي ئادەملەر بېلىقچىلىقنى ئوۋچىلىق ئىگىلىكىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۆزلىرىنىڭ تىرىكچىلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىكى بىر خىل ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى قىلغان. كېيىنكى دەۋىرلەردە باشقا ئىگىلىك شەكىللىرىنىڭ پەيدا بولىشى ھەم ئاساسلىق ئىگىلىك شەكلىگە ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، بېلىقچىلىقنىڭ ھەر خىل ئىگىلىك شەكىللىرى ئىچىدىكى ئورنى قوشۇمچە ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ بېلىقنى ئۇزۇقلۇق قىلىش ئېھتىياجى يەنىلا بېلىقچىلىقنىڭ تالاي ئەسىرلەردىن بىرى ئۈزۈلۈپ قالماي، سىجىل داۋاملىشىپ، تەرەققى قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ كەلگەن. بېلىقچىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ قۇرغاق رايۇندا شەكىللەندۈرگەن بىر خىل ئالاھىدە ئىگىلىك شەكلىدۇر. كونا تاش قۇراللار « دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە شىنجاڭدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەر تەرمىچىلىك، دەريا بېلىقلىرىنى تۇتۇش ۋە نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ياكى قۇرۇمىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىغان.»① شىنجاڭنىڭ بېلىقچىلىقى ئارال ۋە دېڭىز بويى رايۇنلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. جۇغراپىيىلىك شارائىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن شىنجاڭنىڭ بېلىقچىلىقى ئارال ۋە دېڭىز بۇيى رايونلىرىدىكىدەك ئۇنداق مەخسۇسلىشىپ، كەسىپلىشىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر خەلقى يەكەن دەرياسى، زەرەپشان دەرياسى، تىزناپ دەرياسى، قەشقەر دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى، تارىم دەرياسى، ئىلى دەرياسى ۋە لوپنۇر كۆلى، باغراش كۆلى قاتارلىق دەريا ۋە كۆللەرنى بويلاپ، ئۆزىنىڭ ئەۋزەل شارائىتىدىن پايدىلىنىپ بېلىقچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ۋە بېلىق تۇتىدىغان قۇرال- سايمان، ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلغان، ھەمدە ئۆزگىچە بېلىق ئىستېمال ئادىتى، ئىشەنچ ۋە چۈشەنچىلەرنى، ئۆرپ-ئادەت تۈسى قۇيۇق بولغان پەرھىزلەرنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇيغۇرلار سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە بېلىقنى ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ. بېلىق سۇدا ياشايدىغان ھايۋان بولغىنى ئۈچۈن، بېلىقچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۇ مەنبەسى ئەۋزەللىكى بولۇشىنى تەلەب قىلىدۇ. ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىكى بېلىق ۋە بېلىقچىلىققا ئائىت بايانلارنى كۆپلىكى ۋە قەدىمىيلىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش، بېلىق ئىستېمال قىلىش ئادىتى ۋە تارىخىنىڭ خېلى ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. مەھمۇد قەشقىرى « تۈركىي تىللار دىۋانى » (تۆۋەندە قىسقارتىپ «دىۋان» دەپلا ئاتىلىدۇ.) دا بېلىق، بېلىق تۈرلىرى، بېلىق تۇتۇش سايمانلىرى ۋە ئۇسۇللىرى ھەققىدە ناھايىتى قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى قالدۇرىدۇ. مەسىلەن، «دىۋان» دا: « ئەتىل ـــ ئېدىل (ۋولگا). قىپچاق ئېلىدىكى بىر دەريانىڭ نامى. بۇ دەريا بۇلغار (كاسپى) دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ؛ بىر تارمىقى رۇس ئېلىدىن ئېقىپ كېلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:

ئېدىل سۈيى ئېقىپ تۇرار،
قىيالارنىڭ تۈۋىگە سوقۇپ تۇرار،
بېلىق، پاقا تولۇپ تۇرار،
كۆلچەك تېخى تېشىپ تۇرار.

ئېدىل دەرياسى تاغ قىيالىرىغا ئۇرۇلۇپ ئاقماقتا، دەريا سۈيىنىڭ تېشىشىدىن پەيدا بولغان كۆلچەكلەردە بېلىق ۋە پاقىلار كۆپەيمەكتە.»(1-100)؛ « بالىق ـــ بېلىق. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: بالىق سۇۋدا كۆزى تاشتىن ــ بېلىق ئۆزى سۇدا، كۆزى تاشقىرىدا… »(1-491)؛ « بالىقلىغ ـــ بالىقلىغ ئۆگۈز – بېلىقلىق دەريا، بېلىقى بار دەريا.»(1-648)؛ « سىزرىلدى ـــ سىيرىلدى ~ سېرىلدى.بالىق ئەلىكدىن سىزرىلدى- بېلىق قولدىن سىيرىلدى. ھەرقانداق بىر سىلىق نەرسىنىڭ قولدىن ياكى باشقا نەرسىدىن سېرىلىشىغىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ…» (2-335)؛ « بالىقلاندى ـــ بېلىقلاندى. كۆل بالىقلاندى- كۆل بېلىقلاندى. بېلىقلىق بولدى.» (2-384)؛ « بالىقسادى ـــ بېلىقسىرىدى، بېلىق يېگۈسى كەلدى. ئەر بالىقسادى- ئادەم بېلىقسىرىدى (بالىقسار- بالىقساماق).»(3-456) … دېيىلگەن. مەھمۇد قەشقىرى « دىۋان » يېزىش ئۈچۈن 15 يىل تىل تەكشۈرۈش جەريانىدا تۈركىي تىللىق قەبىلە- قەۋىملەرنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن- ئاياغ كېزىپ چىقىپ ئۇلارنىڭ دەريا- كۆللىرىدىكى سۇ جانلىقلىرىغىمۇ دىققەت قىلغان ھەم ئۇلارنى خاتىرلىگەن. قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە بېلىقچىلىق ئىگىلىكى خېلى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، « … ئىلى دەرياسى، چۇ دەرياسى، تالاس دەرياسى، سىر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدا بېلىق تۇتۇلاتتى، بېلىقچىلىق ئىشلىرى سۇلالىنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىدىمۇ مۇئەييەن ئورۇنغا ئىگە ئىدى.»② ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى ئالبېرت. فون. لىكوك ئىككىنچى قېتىم ئىكىسپىدىتسىيە ئەترىتى تەشكىللەپ شىنجاڭغا كەلگەندىكى تەكشۈرۈش خاتىرىسىدە، « پۈتكۈل جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىككى جايدىكى خەلقلا دائىم بېلىق يەيتتى، بىرى بارچۇقنىڭ (مارالبېشى) ئەتراپى بولۇپ، تارىم دەرياسىدا بېلىق كۆپ ئىدى، يەرلىك دولانلارنىڭ دائىملىق تامىقى ئىدى؛ يەنە بىرى، لوپنۇر ئەتراپى بولۇپ، بېلىق يەرلىكلەرنىڭ ئاساسلىق ئۇزۇقى ئىدى. ئۇلار بېلىقنى يېڭى ۋاقتىدىلا تازىلاپ پىشۇرۇپ يەيتتى ياكى قۇرۇتقاندىن كېيىن يەيتتى.»③ دەيدۇ. يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىكى دېيارىمىزنىڭ بېلىقچىلىقى ھەققىدىكى بايانلارنىڭ چىنلىقىنى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە بايقاشلارمۇ تولۇق دەلىللەيدۇ. مەسىلەن، « 2008- يىلى لوپنۇر رايۇنىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە تېتىما كۆلىنىڭ شەرقىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتىدە يېڭى خارابىلىك بايقالغان. بۇ يېڭى مەھەللە خارابىلىكىدە بېلىق تورىنىڭ قالدۇقلىرىمۇ بايقالغان.»④ روسىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى پېرژىۋالىسكى 1885- يىلى ئالتىنچى ئايلاردا خوتەندە قىلغان تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىدىن قالدۇرغان خاتىرىسىدە مۇنداق يازىدۇ: « تەۋەككۈل كەنتىنىڭ يېنىدا ئىنتايىن چوڭقۇر بىر كۆل بار ئىكەن. سۇ ئۈستىدە بىر قىسىم ياۋا ئۆردەك، غاز ۋە قارا پوكان تۇرنا، سۇ ئاستىدا نۇرغۇنلىغان چوڭ بېلىقلار بار ئىكەن. »⑤ پېرژىۋالىسكىنىڭ بۇ بايانى خوتەندىكى دەريا- كۆللەردىمۇ بېلىق تۈرلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. دوكتۇر ئەسەت سۇلايمان « ئۇنتۇلغان ھېكايە: كۆچمە كۆل ۋە لوپنۇرلۇقلارنىڭ ھايات شەجەرىسى » ناملىق ماقالىسىدە لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىق ھاياتى ھەققىدە توختىلىپ: « كۆل، قومۇش، قېيىق، قارماق، ساتما ۋە بېلىق پۇرىقى … مانا بۇلار ئۇلارنىڭ ھايات مەئىشىتىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ئىدى. ئۇلار دىماغنى يارغۇدەك ئاچچىق بېلىق پۇرىقى ئىچىدە بۇ دۇنياغا تۇغۇلاتتى، يەنە شۇ بېلىق پۇرىقى ئىچىدە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن، كىيىم- كېچەكلىرىدىن، تېنىقلىرىدىن بېلىق پۇرىقى كېلەتتى، كەنت- مەھەللىلەردىن، كۆل بويىدىن، ھەتتا پۈتكۈل لوپنۇر رايونىدىكى خام بېلىقنىڭ گۈپۈلدەپ تۇرغان پۇرىقى كېلەتتى. شۇنداق، ئۇلار بېلىقچىلىققا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى. بېلىق گۆشىدىن، قىلتىرىقىدىن، مېيىدىن قانداق پايدىلىنىشنى ياخشى بىلەتتى. بېلىق پۇرىقىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرەتتى. »⑥« بۇنىڭدىن ئانچە ئۇزاق بولمىغان ئۆتمۈشتە، لوپنۇر رايونىدىكى ئاھالىلەر نوپۇسى ھازىرقىدىن خېلىلا كۆپ ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا بۇ يەردە جەمئىي 550 تۈتۈن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئاھالە لوپنۇر كۆلىدە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.»⑦ دەيدۇ. ئەپسۇسكى، لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى بىلەن لوپنۇرلۇقلاردىكى بېلىقچىلىق ئىگىلىكى، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئادەتلەر بارا- بارا ئۇنتۇلدى، قاچاق چارۋىچىلىق ۋە تېرىقچىلىق ئىگىلىكى ئاساسلىق ئىگىلىك شەكلىگە ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار بېلىق پىشۇرۇشنىڭ قەدىمي ۋە ئىپتىدائىي ئۇسسۇللىرىنىمۇ ساقلاپ قالغان. « زەرەپشان دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىق كاۋىپى پىشۇرۇشىدا تۆۋەندىكىدەك قەدەم باسقۇچلار ئېلىپ بېرىلىدۇ: ئالدى بىلەن پۈتۈن بېلىقنىڭ قاسرىقى قىرىۋېتىلىدۇ ، بېلىقنىڭ قورساق قىسمى يېرىلىپ، بېلىقنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئېلىۋېتىلىدۇ. بېلىقنىڭ تەكشى پىشىشى ئۈچۈن بېلىقنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى ۋە ئاستىنقى قىسمىغا ئىككى تال قىسقا ياغاچ زىق توغرىسىغا پاراللېل ھالەتتە ئۆتكۈزۈلۈپ، بېلىقنىڭ بەدىنى يەلپۈگۈچسىمان كېرىلىدۇ، بېلىقنىڭ ئاغزىدىن قۇيرۇقىغىچە بىر تال تومراق يۇلغۇن زىق ئۇزۇنىسىغا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۆتكۈزۈپ تەييار قىلىۋېلىنغان پۈتۈن بېلىقلار بېلىقنىڭ بەدىنىگە ئۆتكۈزۈلگەن توم زىق ئارقىلىق دەريا بويىدىكى قۇم ساھىلىغا يۇمىلاق چەمبەر شەكلىدە سانجىپ، تىزىلىدۇ، ‹چەمبەر› نىڭ ئوتتۇرىغا قۇرۇپ كەتكەن توغراق ئوتۇنى ياكى يۇلغۇن شاخچىلىرىدىن كىچىك گۈلخان ياسىلىپ، بېلىق ئۇنىڭ ئوتىدا بىر سائەتلەر ئەتراپىدا قاقلاپ پىشۇرىلىدۇ. پىشۇرۇپ ئېلىنغان بېلىق كاۋىپىغا تۇز، مۇچ ئۇۋىقى، زىرىلەر سېپىلسە، بېلىق كاۋىپى تېخىمۇ خۇش پۇراق ۋە يېيىشلىك بولىدۇ.»⑧ قىسقىسى، بېلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كاۋاب تۈرىدىكى تاماقلىرى ئىچىدە ئەتىۋارلىق تاماقلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىيلىق نوقتىسىدىن قارىغاندا ئۇيغۇرلار بېلىقنى سۇدا پىشۇرۇپ يېگەنگە قارىغاندا، ئوتتا پىشۇرۇپ يېيىشنى بەكرەك ياقتۇرىدۇ.

2.بېلىق ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

بۈيۈك ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرى « دىۋان » دا بەزى سۇ جانلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە ئازدۇر- كۆپتۇر مەلۇمات بەرگەن. مەسىلەن، « دىۋان »دا: « چاباق ـــ تۈرك كۆلىدە بولىدىغان بىر خىل كىچىك بېلىق.» (1-494)؛ « باشغان ـــ ئېغىرلىقى ئەللىك – يۈز رىتىل كېلىدىغان بىر خىل چوڭ بېلىقنىڭ نامى. يۇرت چوڭىمۇ شۇنىڭغا ئوخشىتىپ ‹بودۇن باشغانى› دېيىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى ‹ئەلنىڭ باشلىقى› دېگەن بولىدۇ.» (1-570) دېيىلگەن بولۇپ، مەھمۇد قەشقىرى چاباق، باشغان دېيىلىدىغان ئىككى خىل بېلىق تۈرى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. ھازىر ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭنىڭ بېلىقنىڭ تۈرلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس، بېلىق تەركىبى بىر قەدەر ئاددى. ئۇيغۇرلار بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان رايونلاردا 30 نەچچە خىل بېلىق تۈرى بار. شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېگىز تاغلارنىڭ بىرىكمە گەۋدىسىگە تەۋە بولۇپ، شىنجاڭ چىگىرسى ئىچىدىكى كۆپ قىسىم سۇ دائىرىسىنىڭ سۇ رايى جۇغراپىيىلىك ئورنى ئۈزۈك بولغانلىقتىن، سىرتتىن باشقا بىلىق تۈرلىرى ئېقىپ كېلەلمىگەن. « ئوتتۇرا ئاسىيا ئېگىز تاغلىق بىرىكمە گەۋدىسىدىكى بېلىق تۈرىنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئېگىز، سۇغۇق، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز ۋە تەرتىپسىز تىز ئېقىم مۇھىتىغا ماسلىشالايدۇ. بېلىقلارنىڭ قورسىقى قارا، جۇغى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، ئۇرۇغىدا زەھەر بار، سۇ تىگىدە ياشايدۇ. مەسىلەن، تارىم بېلىقى (شىنجاڭ ئاق بېلىقى، تىرېكسا بېلىقى) ۋە ئىتباش بېلىق. خوتەننىڭ ئۆزىدىن چىقىدىغان يەرلىك بېلىق 15 خىل بولۇپ، كۆزى بىر خىل، ئىككى ئائىلە، تۆت تەۋەلىككە كىرىدۇ. بۇنىڭدىن ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرىراقى تارىم بېلىقى ۋە قوش كالپۇكلۇق بېلىق، ئازراق ئىقتىسادىي قىممىتى بارى تىرېكسا بېلىقى. … تارىم بېلىقىنى كەلكۈن مەزگىلىدە كۆرگىلى بولىدۇ. قوش كالپۇكلۇق بېلىق سانجۇ دەرياسىدا ياشايدۇ.»⑨ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدىكى يەرلىك بېلىقلارنىڭ تۈرى بارغانسىرى ئازىيىپ كەتكەن. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ھەر خىل نوقتىلاردىن تەھلىل قىلىش مۇمكىن. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئېچىلغان بوز يەرلەردە تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئېھتىياجى تۈپەيلى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلدى. سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ھەر قايسى تارام- ئېقىملار ئوتتۇرسىدىكى سۇ يولى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، بېلىقلارنىڭ تۇخۇملايدىغان جايى بۇزۇلۇپ كەتكەن. يەرلىك بېلىقلارنىڭ تۇخۇملايدىغان مۇھىتقا بولغان تەلىپى يۇقىرى، تۇخۇملىنىشى ئاز، كۆپىيىش ۋە قايتا كۆپىيىش ئىقتىدارى تۆۋەن، چوڭىيىشى ئاستا، يېتىلىشى تەس بولۇشتەك سەۋەبلەر بېلىق تۈرلىرىنىڭ ئاز بولىشىغا سەۋەب بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا بېلىق تۇتۇش ئۇسۇلى ۋە سايمانلىرىنىڭ ئىلغارلىشىشى ۋە زامانىۋىلىشىشى بىلەن بېلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىدىن تۇتۇش كۆپ بولۇپ كەتكەن.

3. بېلىق تۇتۇش قۇراللىرى ۋە ئۇسۇللىرى

بېلىقچىلىق سايمانلىرىنى ئاساسلىق سايمانلار ۋە قوشۇمچە سايمانلار دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئاساسلىق سايمانلار بېلىق تۇتۇش جەريانىدا بىۋاستە رول ئوينىسا، قوشۇمچە سايمانلار بېلىق تۇتۇشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇشتەك ياردەمچى رول ئوينايدۇ. مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي دالا تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىدە ئوۋچىلىق، يەنى بېلىقچىلىق ئىگىلىكىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان قەبىلە- قەۋىملەرنىڭ بېلىقچىلىق سايمانلىرى، بېلىق تۇتۇش ئۇسۇللىرىغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلغان. چۈنكى، بېلىقچىلىق سايمانلىرىنىڭ ياسىلىش تېخنىكىسى، قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارى قاتارلىقلار تېخنىكا مەدەنىيىتى ۋە ماددىي مەدەنىيەت تەتقىقاتىدا سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر تەرەپ ھېسابلىنىدۇ. بېلىق تۇتۇش ئۇسۇلى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر قاتار جەريانلارنى ئىزدەش ئۇسۇلى، بېلىقلارنى يېغىش ئۇسۇلى، بېلىق تۇتۇش ئۇسۇلى دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. بۇلارنى يەنە تېخىمۇ ئىنچىكە تۈرلەرگە بۆلۈشكە توغرا كەلسە، بېلىق ئىزدەش ئۇسۇلىنى بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك ئۇسۇل، بېلىقلارنى يېغىش ئۇسۇلىنى ئازدۇرۇش، توسۇۋېلىش، قورقۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللارغا، بېلىق تۇتۇش ئۇسۇلىنى سانچىش، قارماققا ئىلىش، قىستاش، چىرماش، سۈزۈش، قاپقان قۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارغا بۆلۈشكە بولىدۇ. بېلىقچىلار بېلىق تۇتۇش جەريانىدا بېلىقلار توپىنى بايقىشى، سۇ ئېقىمى ۋە ھاۋا رايىغا ئائىت بىلىملەرنى بىلىشى زۆرۈر. بەزى بەدەن، پىسخىكا ۋە بىلىش ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك ئامىللار بېلىق تۇتۇشتا تۇتۇشنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇش- بولماسلىقىنىڭ مۇھىم نوقتىسى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئىشلەتكەن ھەر خىل ھەر ياڭزا بېلىقچىلىق سايمانلىرىنى شەكلى ۋە ئىشلىتىلىش ئۇسۇلىغا قاراپ چوڭ جەھەتتىن ئىلمەك سايمانلار، تور سايمانلار ۋە مۇرەككەپ سايمانلار دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئەمدى نەزىرىمىزنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بېلىق تۇتۇش ئۇسۇلى ۋە سايمانلىرىغا ئاغدۇرۇپ باقايلى !

مەھمۇد قەشقىرى « دىۋان » دا بېلىق تۇتۇش ئۇسۇللىرى ۋە سايمانلىرى ھەققىدىمۇ بەزى ئۇچۇرلارنى قالدۇرغان. مەسىلەن، « سارماشدى ـــ سۈزۈشتى. ئول ماڭا بالىق سارماشدى- ئۇ ماڭا بېلىق سۈزۈشۈپ بەردى. قازاندىن تۇتماچ چۆپ سۈزۈشۈپ بەرسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. سۇيۇق نەرسە ئىچىدىن باشقا بىر نەرسىنى سۈزۈپ ئېلىشقىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. (سارماشۇر- سارماشماق).» (2-311)،« سارمالدى- سۈزۈلدى. بالىق سارمالدى- بېلىق سۈزۈلدى، يەنى بېلىق سۈزۈپ ئېلىندى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق…. »(2-337): « سەرمەتتى ـــ سۈزدۈردى، سۈزۈپ ئالدۇردى. ئول ئاڭار بالىق سەرمەتتى- ئۇ ئۇنىڭغا (سۇدىن) بېلىق سۈزدۈردى. … ھەرقانداق نەرسە سۇيۇقلۇق ئىچىدىن سۈزۈپ ئېلىنسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. (سەرمەتۈر- سەرمەتمەك).» (2-511) دېيىلگەن. « سارماشماق، سارماشدى، سارمالدى، سەرمەتتى…» دېيىلگىنىگە قارىغاندا، بىلىقنى مەلۇم قۇرال- سايماننىڭ ياردىمىدە ھىيلە، پەم بىلەن تۇتىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى ۋە ئۇسۇللىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بېلىق تۇتۇش سايمانلىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە بېلىق تۇتۇش ئۇسۇللىرىنىڭ ئۈنۈمى تېخمۇ ئاشۇرۇلدى. ھازىرغىچە ئىنسانلارنىڭ بېلىقچىلىق تارىخىدا بېلىق تۇتۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى مۇنداق تۆت تۈرگە يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ: ⑴ قول بىلەن تۇتۇش. ⑵ قۇرال– سايمانلار بىلەن تۇتۇش.⑶ ھۇشسىزلاندۇرۇش دورلىرى بىلەن تۇتۇش. ⑷ بېلىقچى قۇشلارنىڭ ياردىمىدە تۇتۇش. ئۇيغۇرلاردا بۇ ئۇسۇللاردىن قۇرال– سايمانلار بىلەن بېلىق تۇتۇش ئۇسۇلى كەڭ ئومۇملاشقان. بىز تۆۋەندە بۇ ئۇسۇللارنى تەپسىلىيرەك تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:

⑴ قول بىلەن بېلىق تۇتۇش

ئىپتىدائىي مەزگىللەردە ئىنسانلار بېلىق تۇتۇش قۇرال– سايمانلىرىنى ياساشتىن بۇرۇن، ئۇلار بېلىقنى قول بىلەن تۇتقان. قول بىلەن بېلىق تۇتقاندا كېتىدىغان ۋاقىت كۆپ، ئەمگەكنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن بولغانلىقتىن، بۇ ئۇسۇل كەڭ ئومۇملىشىپ بولالمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈيى چوڭقۇر بولغان جايلاردا بېلىقلارنى قول بىلەن تۇتۇش مۇمكىن بولمايدۇ. بېلىق تۇتۇشنىڭ باشقا ئۇسۇللىرىدىمۇ ئىنسانلار قولىغا تايانسىمۇ، لېكىن مەلۇم قۇرال- سايمانلار ۋاستە قىلىنىدۇ.

⑵ قۇرال– سايمانلار بىلەن تۇتۇش.

ئوۋچىلىق ئىگىلكىنىڭ ئېھتىياجى ۋە تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئىنسانلار ئوۋچىلىق ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرىنى يېڭىلىدى، تەرەققىي قىلدۇردى. ئىنسانلار كونا ۋە يېڭى تاش قۇراللار دەۋرلىرى، تۆمۈر قۇراللار دەۋرلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ بېلىقچىلىق قۇراللىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بېلىقچىلىق قۇراللىرى تاش ۋە ياغاچ قۇراللاردىن تۆمۈر قۇراللارغا، ئاددى، قوپاللىقتىن سىپتا، نەفىسلىككە قاراپ تەرەققىي قىلدى. ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىنىڭ بېلىقچلىق ئىگىلىكىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن ھالدا بېلىق تۇتۇشنىڭ قۇرال– سايمانلىرىنى ئىختىرا قىلدى. بۇ قۇراللارغا ئەجدادلىرىمىزنىڭ تېخنىكا ئېڭى، ئىجادىي تەپەككۇرى، ئەقىل – پاراسىتى ۋە تەجرىبىلىرى سىڭگەن. ئۇيغۇرلار ئادەتتە بېلىق تۇتۇشتا سېۋەت، تور (گۆلمە)، قارماق، قېيىق (كېمە)، ساچغاق، نەيزە، ئىلغۇ، مانتۇ، چاڭگاك… قاتارلىق قۇرال- سايمانلاردىن پايدىلىنىدۇ. بىز تۆۋەندە ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلغان ۋە ئىشلەتكەن بېلىقچىلىق قۇراللىرى، ئۇلارنىڭ ياسىلىشى ۋە ئىشلىتىلىش ئۇسۇلىلىرى ھەققىدە توختىلىمىز:

1) تور ـــ بېلىق تۇتۇش، قۇش ئوۋلاش ئۈچۈن كۆزلۈك قىلىپ توقۇلىدىغان سايمان بولۇپ، كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە دەسلەپكى ئەقىللىق ئادەملەر (قەدىمكى ئادەملەر) توردىن پايدىلىنىپ بېلىق تۇتۇشنى بىلگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا بېلىق ياكى كېپىنەك تۇتىدىغان تور « قامىچ » ⑩ دەپ ئاتالغان. بۇ بەلكىم قومۇچ بولسا كېرەك. « دىۋان » دا: « تور ـــ تور، تۇزاق. بۇنىڭ بىلەن بېلىق ۋە قۇشلار تۇتۇلىدۇ.» (3-168)؛« ياپتى ـــ ياپتى؛ قويدى، قۇردى؛ ئەتتى. … ئەر تور ياپتى- ئادەم (قۇش ۋە باشقىلارنى تۇتۇش ئۈچۈن) تور قۇردى. …» (3-78)؛ « ئىزدەڭ ـــ ئىزدەم. بېلىق تۇتىدىغان بىر خىل تور: چىۋىقلار سۇغا قاتار تىزىلىپ، توسما ياسىلىدۇ. توسمىنىڭ ئوتتۇرسىدىن ئېغىز قالدۇرۇلىدۇ، تور شۇ ئېغىزغا ئورنىتىلىدۇ، بېلىقلار تورغا كېرىش بىلەنلا، تور تارتىۋىلىنىدۇ.» (1-157) دېيىلگەن. تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە لوپنۇرلۇقلار ئۆزىنىڭ بېلىق تۇتىدىغان تورلىرىنى « گۆلمە » دەيدۇ. « گۆلمە بېلىق تورىنى تورقا يىپىدا توقۇيدۇ. تورقا يىپى سۇدا چىرىمەيدۇ، بەلكى تېخىمۇ چىڭىپ كېتىدۇ، ئۇزاق چىدايدۇ. بىر ئادەم بېلىق جېق يەرنى نىشانلاپ تۇرۇپ تور تاشلايدۇ. تورنىڭ بىر تەرىپىدە چۆكۈرتمىسى، يەنە بىر تەرىپىدە لەيلەتمىسى بولىدۇ. يەنە بىر ئادەم كېمىلىك سۇنىڭ ئۈستۈن ياكى تۆۋەن تەرىپىدىن شۇرۇقنى سۇغا ئۇرۇپ، بېلىقلارنى تور تەرەپكە ھەيدەيدۇ. بېلىقلارنىڭ تورغا چۈشكەنلىكى بىلىنگەندىن كېيىن تورنى يېغىدۇ.»⑪ تور پەقەت بېلىق تۇتۇشقىلا ئىشلىتىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە باشقا جانلىقلارنى ئوۋلاشقىمۇ ئىشلىتىلگەن. ئۇيغۇرلاردا « كۆلمۇ بېلىق تورى. » دېگەن ماقال بار بولۇپ، بۇ ماقال ئۇيغۇرلارنىڭ مەخسۇس بېلىق كۆللىرىنى ياساپ، بېلىقچىلىقنى بىر كەسىپ سۈپىتىدە راۋاجلاندۇرغانلىقىنى دەلىللەيدۇ.

2) ساچغاق (شاشقاق) ـــ ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىق تۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان سايمىنى بولۇپ، تۆمۈردىن ياسىلىدۇ. ئۇچلۇق، بېسى ئۆتكۈر، ئىككى تەرەپتە كەينىگە قايرىلغان ئىلمىكى بار تىغ. ئۇزۇن ياغاچ ساپنىڭ ئۇچىغا ئورنىتىلىدۇ ھەمدە بېلىق سانچىپ تۇتۇلىدۇ. بۇ نەرسە ئاساسەن لوپنۇر رايۇنىدا كۆپ ئىشلىتىلەتتى.

3) كېمە، قېيق، قولۋاق ۋە سال قاتارلىق سۇدا يۈرگۈچى قاتناش قۇراللىرى ئارقىلىق بېلىق تۇتۇش

كېمە. ئادەتتە مەيلى ساچغاق بىلەن بېلىق تۇتقاندا بولسۇن ياكى تور ئارقىلىق بېلىق تۇتقاندا بولسۇن كېمە، قېيىق ياكى سالدا تۇرۇپ تۇتۇلىدۇ. مەھمۇد قەشقىرى « دىۋان » دا: « كەمى ـــ كېمە. (‹ك – k› فەتھىلىك تەلەپپۇز قىلىنىدۇ). ئوغۇزچە ۋە قىپچاقچە.» (3–323)، « ئۇچان ـــ ئىككى يەلكەنلىك كېمە. قىپچاقچە.» (1-166) دەپ خاتىرلەپ كېمە ۋە قېيىقلار ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. كېمە لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا كۆپ ئىشلىتىلگەن بېلىق تۇتۇش قۇراللىرىنىڭ بىرى. « ئۇلارنىڭ ( كېمىلىرى) چاپما بولۇپ، توغراق غولىنى ئويۇپ– چېپىپ ياسىلىدۇ. كەڭ– تارلىقى (چوڭ– كىچىكلىكى)، ئۇزۇن– قىسقىلىقى تەييارلانغان توغراق كۆتىكىگە قاراپ بولىدۇ. ئائىلىدىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى كېمە تاياشنى بىلگەندەك، كېمە چېپىشنىمۇ بىلىدۇ. كىچىك چېغىدىن باشلاپلا كېمە چېپىش، تاياشنى ئۆگىنىدۇ. كېمە چېپىش، كېمە تاياشنى بىلمىگەنلەرنى ياشاشنى بىلمەيدىغانلار، دەپ قارايدۇ. شۇڭا كېمىگە دائىر ئىشلارغا بەك كۆڭۈل قويىدۇ. كېمىدە ئۆرە تۇرۇۋېلىپ تۆت– بەش غۇلاچ ئۇزۇنلۇقتىكى شۇرۇق (مەخسۇس كېمە تاياشقا ئىشلىتىدىغان خادا) بىلەن ياكى كېمىنىڭ قۇيرۇق تەرىپىدە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ كېمە تايىسا، تىزلىكىگە قاراپ كۆزمۇ يېتىشەلمەيدۇ. ئۇلار كېمىدە تۇرۇپ دەريا، كۆلگە تور– گۆلمە يايىدۇ، ئىلغاق، سانچىغاق (شاشقاق) تا بېلىق تۇتىدۇ.» ⑫ قىسقىسى، كېمە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر سۇ يولى قاتناش قۇرالى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بېلىق تۇتۇشتا ئىشلتىدىغان قوش رولى بار مۇھىم قۇرالىدۇر. « دىۋان » دا يەنە: « تامغا ـــ تارماق. دېڭىز، كۆل ۋە دەريالارغا قويۇلىدىغان سۇنىڭ بىر تارمىقى، قولتۇق. كېمە ياكى قېيىق توختايدىغان يەرمۇ شۇنداق دەپ ئاتىلىدۇ….» (1-553) دېيىلگەن. دېمەك، ئەينى ۋاقىتتا بېلىقچىلار ياكى دېڭىز، كۆل ۋە دەريالاردا سەپەر قىلغان يولۇچىلار كېمە، قېيىقلىرىنى « تامغا » لاردا توختىتىپ قويۇشاتتى. « دىۋان » دا تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر بايان بار. « قۇملاق ـــ قۇلماق. قىپچاق يۇرتلىرىدا ئۆسىدىغان، ھەشقىپىچەككە ئوخشايدىغان بىر ئۆسۈملۈك. … بۇ ئۆسۈملۈك كېمىگە چۈشۈپ قالسا، دېڭىز دولقۇنلىنىپ، كېمە چايقىلىپ ئىچىدىكىلەر ھالاكەت خەۋىپىدە قالارمىش.» (1-620) بۇ بىر خۇراپىي جورۇق بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ نەقلىيات فولكلورى (ئەلبىلىكلىرى) دىكى مۇنداق خۇراپىي جورۇقلار قاتناش قۇراللىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ يوقالدى.

قېيىق ـــ سۇدا يۈرىدىغان، يولۇچى، يۈك توشۇشقا، بېلىق ئوۋلاشقا ئىشلىتىلدىغان سايمان بولۇپ، ئۇ بېلىق تۇتۇشتا ياردەمچى قۇراللىق رول ئوينايدۇ. مەھمۇد قەشقىرى « دىۋان » دا: « ئولۇق ـــ ئولاق، قولۋاق، قېيىق…» (1-92)؛ « قازىق ـــ قېيىق. ياغاچتىن ئويۇپ ياسالغان نەرسە. ئارغۇچە.» (1-496)؛ « قايغىق ـــ قېيىق.» (3-242)؛ « ئوقرۇق ـــ ئوقرۇق. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: تاغىغ ئوقرۇقىن ئەگمەس تەڭىزنى قايغىقىن بۆگمەس- تاغنى ئوقرۇق بىلەن ئەگكىلى بولماس، دېڭىزنى قېيىق بىلەن بۆككىلى بولماس. بۇ ماقال ‹ چوڭ ئىشنى كىچىك تەدبىر بىلەن قايتۇرغىلى بولمايدۇ › دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.» (1-136)؛ « كۈرگەك ـــ كۇرەك. قېيىقنىڭ پالىقى ۋە ھەر تۈرلۈك كۇرەك.»(2-422) دەپ تىلغا ئالغان. « قېيىق » نامىنىڭ ھەتتا ماقال- تەمسىللەردە ئىشلىتىلىشى ئۇنىڭ قانچىلىك كەڭ ئومۇملاشقانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

سال ـــ كۆل، دەريالاردا ئېقىتىش ياكى ئۇنىڭدىن ئۆتۈش ئۈچۈن بىر – بىرىگە چېتىپ باغلانغان ياغاچ بولۇپ، بېلىق تۇتۇشتا سالمۇ ئىشلىتىلىدۇ. «دىۋان » دا: « سال ـــ سال. ‹ تار › سۆزىمۇ مۇشۇ مەنىدە. » (3-214) ئۇنىڭدىن باشقا يەنە: « تار ـــ سال. بىر نەچچە تۇلۇمغا يەل بېرىلىپ، ئاغزى باغلىنىدۇ. ئاندىن ئۇلار بىر – بىرىگە چېتىلىپ، سۇنىڭ ئۈستىدە سۇپىغا ئوخشاش بىر نەرسە ياسىلىدۇ. كېيىن بۇنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرۇپ سۇدىن ئۆتىدۇ. بۇ قومۇش ۋە شاخلاردىنمۇ ياسىلىدۇ. » (3-202) دېيىلگەن، بۇ بايانلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلاردا سالمۇ خېلى كەڭ ئىشلىتىلگەن.

4) مايتۇ ( بەزى ماتېرىياللاردا « مانتۇ » دەپمۇ ئېلىنغان ) ـــ بېلىقنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ بېلقنى ئۆلتۈرىدىغان ياغاچ توقماق بولۇپ، بۇ كۆپىنچە كېمە بىلەن بېلىق تۇتقاندا ئىشلىتىلىدۇ. بېلىقچىلار تورغا چۈشۈپ بولغان « بېلىقلارنى توردىن بىر – بىرلەپ ئېلىپ ئۇلارنىڭ سەكرەپ – پالاقلاپ سۇغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مايتۇ ( بەزىلەر مايتۇ چاقمۇ دەيدۇ. بىر ئۇچىنى مۇشتۇمدەك قىلىپ مەخسۇس ياسالغان كىچىك توقماق ) بىلەن بېشىغا ئۇرۇپ ھوشسىزلاندۇرۇپ كېمىگە تاشلايدۇ.»⑬

5) قارماق ـــ بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن ياسالغان ئىلمەككە ئوخشاش، ئۇچى ئۆتكۈر ۋە ئۈستىگە قايرىلغان، تىل چىقىرىلىدىغان قورال بولۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭ ئۇچىغا يەمچۈك سانچىلىدۇ. تۈرك- رۇنىك يېزىقىدىكى يادىكارلىقلاردا بېلىق تۇتىدىغان قارماقلار « چومۇرمىش » دەپ ئاتالغان.⑭ بولسا، « دىۋان » دا:« ئارغاغ ـــ بېلىق تۇتىدىغان قارماق.» (1-191) دېيىلگەن. ئادەتتە قارماقلار «U» شەكىللىك قارماق، «V» شەكىللىك قارماق ۋە ئوقى بىلەن ئەگمە قىسمى تۇتىشىپ كەتكەن قارماق دەپ ئۈچ خىل بولىدۇ. قارماقنىڭ ئىجاد قىلنىشى بېلىق تۇتۇشنىڭ كىشىلەردە بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى سۈپىتىدە ئومۇملىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇرۇنقى دەۋىرلەردە قارماقنىڭ ماتېرىياللىرى ياغاچ، سۆكەڭ، تاش، سەدەپتىن بولغان، ھەتتا بەزى مىللەتلەر تىكەنلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شاخلىرى ۋە چۆجىلەرنىڭ تىرناقلىرىدىنمۇ قارماقلارنى ياساپ ئىشلەتكەن. قارماق تاشلاش ئۇسۇللىرىدا قول بىلەن قارماق تاشلاش، دەستىلىك قارماق تاشلاش، ئارقانلىق قارماق تاشلاش، قارماقنى تارتىش ( قاراق يىپىنى يېغىش) قاتارلىق پەرقلەر بولىدۇ.

6) مانجا ـــ بېلىقچىلىق ئىگىلىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە قىرچىن قىپچىلىرىدىن سوكەن ياكى كۇلا شەكلىدە توقۇلۇپ بېلىق تۇتۇشتا ئىشلىتىلگەن سايمان بولۇپ، كېيىن تورقۇ يىپىدا توقۇلىدىغان بولغان. بۇ سايمان ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى بېلىق تۇتۇش ئىشلىرىدا ئىشلىتىلگەن، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئىشلىتىلىشتىن قالدى.

« دىۋان » دا تىلغا ئېلىنغان بېلىق تۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان بەزى ئوۋ قۇراللىرى ۋە ئۇسۇللاردىن بىز بېلىقچىلىقنىڭ ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى قەدىمىي كەسىپلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز، ھەمدە « دىۋان » دىكى بۇ بايانلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللار بۇرۇنقى بىلىقچىلىق ۋە ئوۋچىلىق ئىگىلكىنى چۈشىنىشىمىزدىكى مۇھىم ۋە قىممەتلىك ماتېرىيالدۇر.

⑶ ھۇشسىزلاندۇرۇش دورلىرى بىلەن بېلىق تۇتۇش.

بۇ ئۇسۇل « دورىلاش ئۇسۇلى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىلەن بېلىق تۇتقاندا بېلىق ئېھتىياجدىن كۆپ تۇتۇلۇپ كېتىش خەۋىپى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇللار مەخسۇس بېلىقچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئارىسىدا كۆپ قوللىنىلىدۇ. ئۇيغۇرلار بېلىقنى دورىلاش ئارقىلىق تۇتۇشنىڭ مۇنداق بىر قانچە خىل ئۇسۇلىنى ئىختىرا قىلغان.

چارۋاغ ـــ دەريالاردا بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن، ياغاچلارنى بىر- بىرىگە قورشام قىلىپ، قويۇلغان دائىرە،بىر ئۇچىغا كۈنجۈت باغلاپ قويۇلىدۇ. بېلىقلار كۈنجۈتنى پۇراپ، چارۋاغنىڭ ئىچىگە كىرىپ تۇتۇلىدۇ. « چارۋاغ » نى ئىلى رايۇنىدىكى ئۇيغۇر بېلىقچىلار كۆپ ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، « شىنجاڭنىڭ بېلىقچىلىق رايۇنلىرىدا ئانار شۆپىكى، ئاچچىق ئۆرۈكنىڭ مېغىزى، شاپتۇل مېغىزى قاتارلىقلاردىن بېلىقنى ھۇشسىزلاندۇرۇش دورىلىرى ياسىلىدۇ. بۇ دورىلارنى سۇغا سەپكەندە، بېلىق ئۇنى يېگەن ھامان ھۇشسىزلىنىپ سۇنىڭ ئۈستىگە لەيلەپ چىقىدۇ. بېلىقچىلار ئۇنى سۈزۈۋالىدۇ.»⑮ بەزى جايلاردا كىشىلەر بېلىق تۇتۇشتا پارتلاتقۇچ دورىلاردىن پايدىلىنىپ كىچىك تىپتىكى پارتلىتىش ئارقىلىق بېلىق تۇتىدۇ. بىراق بۇ ئۇسۇل دەريا ۋە كۆللەرنىڭ تەبىئىي مۇھىتىنى بۇلغايدىغان ناچار ئۇسۇل بولغانلىقتىن، كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلدا بېلىق تۇتۇشى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرپىدىن چەكلەندى.

يەمچۈك ـــ بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن قارماق، تۇزاقلارغا ئېلىپ قويىدىغان گۆش، سازاڭ ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا « بېلىق قارماقنى كۆرمەيدۇ، يەمچۈكنى كۆرىدۇ.»،« يەمچۈكنى يېدىڭ، قارماققا ئېلىندىڭ.» دېگەندەك ماقاللار مۇشۇنىڭدىن كەلگەن.

⑷ بېلىقچى قۇشلارنىڭ ياردىمىدە تۇتۇش.

ئىنسانلار بېلىقلارنى پەقەت ئۆزلىرىلا ئوۋلاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بەزى قۇشلارنىڭمۇ ئوۋلايدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇنداق بېلىقچى قۇشلارنى قولغا كۆندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ياردىمىدە بېلىق تۇتقان. مەھمۇد قەشقىرى ئۇيغۇرلاردا « بېلىقئالغۇچ » ھەققىدە تۇنجى يازما ئۇچۇر قالدۇرغان كىشى بولسا كېرەك. « دىۋان » دا: « بالىقچىن ــ بېلىقاغۇچ. بېلىقچى (قۇش) بېلىق ئوۋلايدىغان ئاق قۇش.» (1-665) دېيىلگەن. بېلىقئالغۇچ ـــ پەي- تۈكلىرىنىڭ رەڭگى قارا، يېشىل ۋە پارقىراپ تۇرىدىغان؛ تۇمشۇقى ياپىلاق، ئۇزۇن، رەڭگى قارامتۇل، ئۈستۈنكى تۇمشۇقىنىڭ ئۇچىدا ئىلمىكى، گېلىدا تۇتقان بېلىقنى سالىدىغان خالتىسىمان پوكىنى بار سۇ قۇشى بولۇپ، « قارنا » دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

يۇقارقى ئۇسۇللار بىلەن بىلەن تۇتقاندا يەنە پەسىل ئامىللرىغىمۇ دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بېلىقچىلىقنىڭ پەسىل خارەكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، باھار ۋە باش ئەتىياز پەسىللىرىدە بېلىقلار كەلكۈن ۋە سۇنىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، دەريا ۋە ئېقىنلارغا ئېقىپ كېرىدۇ، بۇ پەسىللەر بېلىق تۇتۇشنىڭ ياخشى پەيتى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، قىشتا دەريا ۋە كۆللەرنىڭ يۈزى مۇز تۇتۇپ، بېلىقلار سۇنىڭ تىگىدە ھەرىكەت قىلىدىغان بولغاچقا، كەچلىكى دەريا ياكى كۆللەرنىڭ يۈزىدىن چوڭراق كاچكۇل ئېچىپ، چىراغ يېقىپ كاچكۇل ئېغىزىغا ئوت قالاپ بېلىق تۇتۇلىدۇ. بېلىقلار كاچكۇل ئېغىزىدىكى ئوت قالاپ ئىسسىتىلغان جايلارغا يېغىلسا، ئۇلارنى ئاسانلا تۇتقىلى بولىدۇ. بۇ قىشتا بېلىق تۇتۇشتىكى بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. ئۇيغۇر بېلىقچىلار بېلىقلارنىڭ قايسى ۋاقىتتا دەريا- كۆللەرنىڭ قانداق جايلىرىغا توپلىشىدىغانلىقىنى؛ سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىققان بېلىقئوتى ۋە ئۇنىڭ يىلتىز پارچىلىرىغا قاراپ شۇ جايدا قانداق بېلىق بارلىقىنى ئۆزىنىڭ بېلىقچىلىق تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن بىلەلەيدۇ. سۇ تىگىدىكى بېلىقلارنى كۆرۈش ۋە پەرقلەندۈرۈشتە نەزىرى تولىمۇ ئۆتكۈر كېلىدۇ.

4. بېلىقچىلىقنىڭ ئۇيغۇر خەلق فولكلورىدىكى ئىزنالىرى

ھەر بىر خەلقنىڭ ھەر قايسى تارىخى دەۋىرلەردە شۇغۇللانغان ئىگىلىك شەكلى شۇ خەلقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيىتى، فولكلورى (ئەلبىلىكلىرى) دا مۇئەييەن ئىزنالارنى قالدۇرىدۇ، جۈملىدىن بېلىقچىلىق ئىگىلىكىمۇ شۇنداق. بېلىقچىلىق خەلقىمىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي فولكلورىدا روشەن ئىزنالارنى قالدۇرغان. تۆۋەندە بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتىمىز:

1) بېلىقچىلىقنىڭ ئۇيغۇر ماددىي فولكلورىدىكى ئىزنالىرى

بېلىقچىلىق كەڭ تارقالغان جايلاردىكى خەلقلەرنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىدە بېلىقچىلىققا ئائىت فولكلورىستىك ھادىسىلەر بىر قەدەر كۆپ. مەسىلەن، لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ نىكاھ ئىشلىرىدا ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە ئەلچى ئەۋەتكەندە « توققۇز دانە بېلىق بېشىنى پىشۇرۇپ داستىخان قىلىپ بارىدۇ. ئوغۇل تەرەپ مۇناسىپ كۆرمىسە، قىز تەرەپ ئايرىم توققۇز دانە بېلىق بېشىنى پىشۇرۇپ داستىخاننى ياندۇرىدۇ.»⑯ بۇ ئادەتتىن لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ نىكاھ ئىشلىرىدا ئوۋچىلىق ئىگىلىكىنىڭ مۇئەييەن تەسىرى بارلىقى ۋە بېلىق بېشىنىڭ چۇقۇم تۇققۇز بولىش شەرتىدىن ئۇلاردا «توققۇز» سانىنى مۇقەددەس بېلىش ئادىتىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە « لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا بېلىق، بېلىق تۇتۇش قۇراللىرى، چېگە– تۇرقا، جەرەن، تۈلكە قاتارلىق نەرسىلەرنى تويلۇق سېلىش ئادىتى بولغان، بۇ ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان دەريا، كۆل ۋە ئاراللاردا سىرت بىلەن ئالاقىسىز دېگۈدەك ھالەتتە ياشاپ كەلگەنلىكلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. روشەنكى، بۇ ئادەتلەر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىدىكى ئىپتىدائىي ئادەتلىرىنىڭ ئىزنالىرىدىن ئىبارەت.»⑰ ئۇنىڭدىن باشقا، لوپنۇرلۇقلاردا « بېلىقچىلىق سايمانلىرىنىڭ ئۆزى يەنە ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ھېسابلىناتتى. بىرەر كىشى قازا قىلسا ئۆلگۈچىنى يۇيۇپ تاراپ بولغاندىن كېيىن، قېيىققا سېلىپ ئۈستىنى يەنە بىر قېيىق بىلەن دۈم كۆمتۈرۈپ يېپىپ قوياتتى. ئاندىن ئىككىنچى كۈنى دەپنە قىلاتتى. ئۆلگۈچى ھايات چېغىدا ئىشلەتكەن قارماق، تور قاتارلىق تەۋەررۈك بۇيۇملىرىنى مېيىت بىلەن قوشۇپ دەپنە قىلاتتى.» ⑱ « لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە بېلىقنىڭ دولا سۆڭىكىنى ئوتقا سېلىپ پال سېلىش ئادىتى بىر قەدەر ئومۇملاشقان. بۇنىڭدا سۆڭەكتە پەيدا بولغان قاپارتمىلارنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى، قاپارتمىلارنىڭ توپ- شالاڭلىقى، ئارىلىقىنىڭ كەڭ- تارلىقى قاتارلىق ھالەتلەرگە قاراپ مەنە ئېيتىش ئاساس قىلىنغان.»⑲ بېلىقچىلىقنىڭ ئۆمۈر مۇراسىملىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇراسىملاردىن بولغان توي- تۈكۈن ۋە ئۆلۈم يېتىم ئىشلىرىغا بۇنچىۋىلا چوڭقۇر تەسىر قىلىشى لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا بېلىقىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ نەقەدەر تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە نەقەدەر چوڭقۇر سېڭىپ كەتكەنلىكىنى نامايەن قىلىدۇ. تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەردىكى شامانىزىم سېھىرگەرلىكىنىڭ ساقىندىسى بولغان يادا ئەپسۇنىدا ئىشلىتىلىدىغان يادا تاشنىڭ بېلىقنىڭ قارنىدىن چىقىدىغانلىرى ناھايىتى ئەتىۋارلىق ھېسابلىنىدۇ. دولانلىقلاردا « بېلىق ئەقىللىق بولىدۇ، يىلدا بىر قېتىم بولسىمۇ بېلىق يەپ تۇرۇش كېرەك » دەيدىغان گەپ بار. يەنە بەزى يۇرتلاردا بېلىق يېسە ئادەمنىڭ پاقالچىقىغا ( خوتەن دېئالىكىتىدا پاقالچاق « بېلىق گۆشى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ.) پايدا قىلىدۇ، دەيدىغان ئىشەنچمۇ بار. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئاسترونومىيىلىك چۈشەنچىلىرىدە « … ئورنىدىن مىدىرلىمايدىغان قۇتۇپ يۇلتۇزىنى ‹تۆمۈر قوزۇق› دەپ ئاتاپ، دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىنى ئۇنىڭغا قاراپ بەلگىلىدى. ‹تۆمۈر قوزۇق› نىڭ يېنىدىكى ئىككى يۇلتۇز تۈركىمىنى ‹بېلىق› (بالىق) يۇلتۇز ۋە ‹قوزى يۇلتۇز› دەپ ئاتاپ، ‹بېلىق› ــ قىشنىڭ ئاخىرقى ئېيى، … دەپ چۈشەندۈردى.»⑳ ئۇيغۇرلارنىڭ ساددا ئاسترونومىيىلىك چۈشەنچىلىرىدىمۇ بېلىقچىلىق ئىگىلىكىنىڭ قىسمەن ئىزنالىرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە سىرتقى مەدەنىيەت بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ قۇيۇقلىشىشى ۋە بېلىقچىلىق ئىگىلىكىنىڭ ئورنىنى باشقا ئىگىلىك شەكىللىرىنىڭ ئېلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئادەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن يىراقلاشتى. شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىق ئستېمال قىلىشقا بولغان قىزغىنلىقى ۋە بۇرۇنقى ئىشەنچ، ئەقىدە، جورۇقلىرى يەنىلا خەلقنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىدا گاھى ئاشكارە، گاھى يۇشۇرۇن ھالەتتە مەۋجۇد بولۇپ تۇرماقتا.

2) بېلىق ۋە بېلىقچىلىقنىڭ ئۇيغۇر مەنىۋىي فولكلورىدىكى ئىزنالىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىمۇ بېلىقچىلىق ئىگىلىكىنىڭ ئىزنالىرىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن، « ئالتۇن بېلىق »، « بېلىقچى ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى »، « بېلىقچى بوۋاي » … قاتارلىق چۆچەكلەر، « بېلىق بىلەن پاقا »، « بېلىق بىلەن تۈلكە »، « پاقا بىلەن بېلىجان » … مەسەللەر كەڭ تارقالغان بولۇپ، بۇ مەسەل، چۆچەكلەردە بېلىق ياكى بېلىقچى بوۋاي ئوبرازى ناھايىتى ئاقكۆڭۈل، رەھىمدىل، قانائەتچان قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. بېلىق، بولۇپمۇ ئالتۇن بېلىق بولسا ئاقكۆڭۈل كىشىلەرگە ياردەم قىلىدىغان؛ گەپ قىلالايدىغان؛ ياخشىلىققا ياخشىلىق يامانلىققا يامانلىق قىلايدىغان قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. بېلىق يەنە ئون ئىككى مۆچەلنىڭ بىرى بولۇپ، بېلىق يىلى تۇغۇلغان كىشىلەر ئامەتلىك بولىدۇ، دەيدىغان گەپ بار. خەلق ئىچىدە بېلىق بايلىق، رىزىق ۋە خۇشاللىقنىڭ سىمۋولىدۇر، بېلىق كۆرۈپ چۈش كۆرسە كۈتۈلمىگەن بايلىققا ئېرىشىدۇ، دېگەن ئەقىدە بار. خەلق ئارىسىدىكى چۈش تەبىرىگە ئائىت كىتابلاردا « ئادەم چۈشىدە بېلىق كۆرسە ھالالدىن رىزقى كۆپ بولۇر.» دېيىلىدۇ. سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ھالال، ئۇنى تۇتسىلا ئۆلتۈرۈپ يۈرمەي، پاكىزلاپ يىسىلا بولىدىغان بولغاچقا ئۇنى ئۇيغۇرلار كەڭ ئىستىمال قىلغان. بۇ بېلىقچىلىقنىڭ كەڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغان. خەلق ئىچىدىكى رىۋايەتلەردە بېلىقنى خۇدا ئاسماندىن بوغۇزلاپ چۈشۈرۈپ بەرگەن، شۇڭا ئۇنىڭ بوينى كېسىك ( ساقىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) دەپ ھېكايە قىلىنىدۇ. شۇڭا، بېلىقنىڭ بېشىغا كىچىك توقماق بىلەن ئىككى ئۇرۇپ قويۇلسا، ئۇنى بوغۇزلىغانغا باراۋەر دەپ قارىلىدۇ ھەمدە بېلىق پىچاق سۈرۈپ بوغۇزلانمايدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىقچىلىق ئىگىلىك شەكلى ماقال– تەمسىللەردىمۇ ئۆزىنىڭ ئىزنالىرىنى قالدۇرغان. « بۈگۈن تورنى قۇرۇتساڭ، ئەتە بېلىقنى كۆپ تۇتىسەن.»، « بېلىق قارماقنى كۆرمەس، يەمچۈكنى كۆرەر.»، « بېلىقچىنىڭ كۈنى سۇدا.»، « بېلىق بېشىدىن سېسىيدۇ.»، « بېلىق سۇغا تارتىدۇ، توشقان سايغا.»، « بېلىق دەريادا سۇغا تەشنا.»… بۇ ماقال- تەمسىللەرنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىقچىلىق ئىگىلىكىگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى، ئادەت – يۇسۇنلىرىنى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بەزى ماقال-تەمسىللەردە پىكىر « بېلىق، بېلىقچى، يەمچۈك، قارماق » لارنىڭ سىموۋۇللۇق مەنىسى ياكى خۇسۇسىيىتىگە باغلىنىپ بىرەر مۇئەييەن قانۇنىيەتلىك ھادىسىنى ئېچىپ بېرىدۇ.

ـــــــــــــ

ئەسكەرتىش: « تۈركىي تىللار دىۋانى » دىن ئېلىنغان نەقىللەر كۆپرەك بولغىنى ئۈچۈن بۇ نەقىللەرنىڭ توم ۋە بەت سانى شۇنىڭ نەقىلنىڭ كەينىگىلا بېرىلدى ھەمدە نەقىللەر « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980- يىل 8- ئايدا نەشىر قىلغان بىرىنچى نەشرىدىن ئېلىندى.

_____________________
ئىزاھاتلار:

① ئادىل مۇھەممەت: « قەدىمكى خوتەن »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2008-يىل 11-ئاي بىرىنچى نەشرى، 8-بەت.
② لى جىنشىن ( ئابلەت نۇردۇن … قاتارلىقلار تەرجىمىسى ): « شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001- يىلى 11-ئاي بىرىنچى نەشرى، 117- بەت.
③ [گېرمانىيە] ئالبېرت. فون. لېكوك (مۇھەممەد ئىلى، مەخمۇت ۋەلى): « شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى مەدەنىيەت بايلىقلىرى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003- يىل 10 – ئاي بىرىنچى نەشرى، 176-بەت.
④ « لوپنۇردا يېڭى خارابىلىك بايقالدى»، « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى »، 2008-يىل 25-دېكابىردىكى سانى، 6-بەت.
⑤ پېرژىۋالىسكى (نۇرمۇھەممەت توختى تەرجىمىسى): « خوتەن ئەتراپلىرىدا »، « دۇنيادا بىرلا خوتەن بار »(13) « چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى خوتەن » ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى، 2006-يىل 5-ئاي بىرىنچى نەشرى، 87-بەت.
⑥،⑦،⑱ ئەسەت سۇلايمان: « ئۇنتۇلغان ھېكايە: كۆچمە كۆل ۋە لوپنۇرلۇقلارنىڭ ھايات شەجەرىسى »، «مىراس» 2001-يىل 6-سان، 8-بەت ۋە 9-بەتتىكى نەقىلدىن.
⑧ 2008-يىل 11-ئاينىڭ 11-كۈنى قەيسەرنىڭ مۇھەررىرلىكىدە « تەڭرىتاغ تورى » غا يوللانغان « بېلىق كاۋىپى » ناملىق ماقالىدىن.
⑨ نادىر سادىر، سۈن بىڭلار تۈزگەن: « گۆھەر زېمىن خوتەن» ( ئۇيغۇرچىسى)، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت- فوتو سۈرەت نەشرىياتى، 1995-يىل 11-ئاي بىرىنچى نەشرى، 148-بەت.
⑩،⑭ ش ئۇ ئا ر ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، نەشىر قىلىشنى پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئىشخانىسى تۈزگەن: « قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى »، شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1989-يىل 10-ئاي، بىرىنچى نەشرى، 300-، 313-بەتلەر.
⑪،⑫،⑬ مۆيدىن سايىت بوستان: « لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۆرپ– ئادەتلىرى توغرىسىدا »، « مىراس »، 2008- يىل تۆتىنچى سان، 47- بەت.
⑮ ئابدۇكىرىم راخمان: « ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان »، شىنجاڭ داشۆ نەشرىياتى، 1989- يىل 7- ئاي بىرىنچى نەشرى، 97- بەت.
⑯،⑰،⑲ ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا: « ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993- يىل 4- ئاي بىرىنچى نەشرى، 239-، 244-، 245-، 405- بەتلەر.
⑳ ئابدۇكىرىم راخمان، شىرىپ خۇشتار، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا: « ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى »، شىنجاڭ ياشلار– ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1996- يىلى 8- ئاي بىرىنچى نەشىرى، 162-، 163-بەت.

«مىراس» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى.