ئۇيغۇرلارنىڭ مازار تاۋاپچىلىقى ھەققىدە بىرنەچچە كەلىمە سۆز

ئەخمەتجان ھەسەن

مۇھىم مەزمۇنى: ماقالىدە 17 – ئەسىردىن 20 – ئەسىرگىچە بولغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ناھايىتى زور تەسىرگەۋە كۆلەمگەئىگە مازار تاۋاپچىلىقى ھادىسىسىنى تېخىمۇ روشەن يورۇتۇپ بېرىش، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەۋج ئېلىپ كىتىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش مەقسىتىدە، ئەينى دەۋردىكى مازار تاۋاپچىلىقى ھادىسىسى مەخسۇس تونۇشتۇرۇلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇرلار مازارتاۋاپچىلىقى ھەققىدە بىرنەچچە كەلىمە سۆز

ئىپتىدائىي ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدە ئادەملەر ئۆلۈم ھادىسىنى چۈشەنمەيدىغان چاغلىرىدا، ئۆلگەن ھەمراھ ۋە تۇققانلىرىنىڭ ئەرۋاھلىرى ئۆلمەيدۇ دېگەن ئاڭ تۇغۇلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۆلگەنلەرنى ئەسلەيدىغان بولۇپ، دەسلەپكى يەرچۇلار (قەبرىلەر) ۋۇجۇتقا كەلگەن. جەسەتنى كۆمۈشنىڭ بەلگىلىك ئۇسۇلى پەيدا بولغان. ھەتتا جەسەتلەرنى قەبرە بۇيۇملىرى بىلەن كۆمگەن. مانا شۇ ئاساستا، مەلۇم دىنىي چۈشەنچىلەر بىخلىنىشقا باشلىغان. بارا- بارا ھەر قايسى ئۇرۇقلارنىڭ تۇتېملىق چوقۇنۇشلىرىمۇ پەيدا بولغان. ئۇرۇق ئەزالىرى ئۆز ئەجدادلىرىنى مەلۇم ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈك بىلەن ئالاقىسى بار دەپ ئىشەنگەن. ئەنە شۇ ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈك ئۇلارنىڭ تۇتېمى بولۇپ قالغان. تۇتېم ئۇرۇقنىڭ ھامىيسى ھېسابلىنىپ، ھەر خىل قورال- سايمانلار ۋە قۇرۇلۇشلارغا تۇتېملىق بەلگىسى سېلىنغان. قەبرىلەرگىمۇ شۇ خىل بەلگە سېلىنغان نەرسىلەر بىرگە كۆمۈلگەن ياكى ئويۇلغان.م، دۇنيادىكى باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى يىراق قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا تۈرلۈك دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئانىمىزملىق ئېتىقاد ۋە دۇنيا قاراش، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ رايۇنىدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدا دەسلەپكى ئىپتىدائىي ئېتىقاد سۈپىتىدە شامان ئېتىقاد شەكلىدە ناھايىتى ئۇزاق ساقلانغان ۋە داۋاملاشقان. ئەنە شۇ ئاساستا، كىشىلەرنىڭ ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە تەبىئىي ھادىسلەر (ئاي، كۈن، يۇلتۇز، ئوت، چاقماق ۋە باشقا تەبىئىي ھادىسىلەر) گە تېۋىنىش چۈشەنچىسى يۈكسىلىپ، روھانات (ئەجداد روھاناتى) نى ئۇلۇغلايدىغان، ئىشىنىدىغان ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنىدىغان ئەقىدە شەكىللەنگەن. بۇنىڭدىن تەرەققىي قىلىپ، 《ئاشۇ مەخلۇقاتقا ۋە ھادىسىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان قۇدرەت ئىگىسى بار》 دېگەن ئېتىقاد كېلىپ چىققان. ئەنە شۇنداق قۇدرەت ئېگىسىنى ئاتا- بوۋىلىرىمىز «تەڭرى» دەپ ئاتىغان. بۇ ھەقتە ئۇلۇق تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» (3- توم) دا شۇنداق دەيدۇ : «… ئاسماننى تەڭرى دەيدۇ، ئۇلار كۆزلىرىگە چوڭ كۆرۈنگەن ھەر قانداق نەرسىنى- ئېگىز تاغ، يوغان دەرەخلەرنىمۇ تەڭرى دەيدۇ. شۇڭا، بۇنداق نەرسىلەرگە سەجدە قىلىدۇ. ئۇلار يەنە بىلىملىك ئادەملەرنى تەڭرىكەن دەيدۇ.»

دەرۋەقە، يىراق قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى ھەر بىر ئۇرۇقنىڭ ھايات- ماماتى مەلۇم بىر شەيئى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان دەپ ئىشىنىپ كەلگەن. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار قەبىلىچىلىك دەۋرلىرىنىڭ دەسلىپىدىلا بۆرىنى ئۆزلىرىگە ئەجداد، قوغدىغۇچى، قۇتقۇزغۇچى ئىلاھ ھېسابلىغان. شۇڭا، سەپەرلەرگە چىققاندا، بۆرە ئوشۇقىنى ئۆز يېنىدىن ئايرىمايدىغان بولغان، سەپەرلەردە ئالدىغا بۆرە ئۇچرىسا «سەپىرىم ئاق يوللۇق بولىدىغان بولدى» دەپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغان، ئەگەر تۈلكە ئۇچرىسا «سەپىرىمدە بىرەر كېلىشمەسلىك يۈز بېرىدىغان بولدى» دەپ، يولىنى داۋاملاشتۇرماي قايتىپ كېلىدىغان ئادەتلەر، ئەنە شۇ تۇتېم ئەقىدىسىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇنداق ئادەتلەر خەلقىمىز ئارىسىغا ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولۇپ، بۆرە تۇتېمىنىڭ يىراق قەدىمكى دەۋرلەردىكى ساقىندىلىرىنىڭ تاكى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. كېيىنچە كىشىلەر قەبىلە ئەزالىرىنىڭ باتۇر، چېۋەر بولۇش- بولماسلىقى قەبىلىنىڭ مەۋجۇت بولۇش ياكى خاراپ بولۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى بارغانسىرى تونۇپ يەتكەنسىرى، قەبىلە ئىچىدىكى باتۇر قەبىلە باشلىقلىرى ۋە ئۇرۇش قەھرىمانلىرى كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن. شۇنداقلا ئۆلگەندە، ئۇلارنىڭ روھىي قەبىلىنىڭ ھىمايىچىسىگە ئايلانغان. كېيىنچە ئائىلە باشلىقلىرىغا يەنى ئەجدادلىرىغا بولغان ئېتىقاد تەدرىجى قەبىلە قەھرىمانلىرىغا بولغان ئېتىقادنىڭ ئورنىنى ئىگەللەشكە باشلىغان. بۇ خىل ئەجداد ئېتىقادى ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان دەۋرلەردىمۇ، بۇددا دىنى بىلەن بىرىككەن ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان.

كېيىنچە يۇقىرىقىدەك ئادەتلەر ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىنمۇ، ئىسلام ئەقىدە – ئەھكاملىرىنىڭ روھىغا ئۇيغۇنلاشقان ئاساستا داۋاملاشقان. مەسىلەن، ئاتا- ئانام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلارغا قانداق ياخشىلىق قىلىمەن؟ دېگۈچىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ : «ئىككىسىگە دۇئا قىلغىن، ئىككىسىگە مەغپىرەت تىلىگىن، ئىككىسىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئادا قىلغىن، ئىككىسىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا ساخاۋەت قىلغىن، ئىككىسىنىڭ دوست- بۇرادەرلىرىگە ئىكراملىق مۇئامىلە قىلغىن.»دېگەنگە ئوخشاش ھەدىسلەر، دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋە جىنازە نامىزىنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئىخلاس ۋە ھۆرمەت بىلەن جىنازە نامىزىدا تۇرۇپ، مەرھۇمغا دۇئا قىلىشى، ئاللاھدىن ئۇنىڭغا مەغپىرەت تىلىشى، شۇ ئارقىلىق ئۆلۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چۈشىنىپ، ھاياتنى قەدىرلەپ ياخشى ئىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدىكى ئايەت- ھەدىسلەر ئۇيغۇر روھىيتىگە سىڭىپ كىرىپ، بۇرۇنقى ھەر خىل ئېتىقاد ۋە دۇنيا قاراشلارنىڭ قالدۇق ئىزنالىرى بىلەن بېرىكىپ، ئىسلامىيەتتىن بورۇنقى ئۇزاق تارىختا خەلقىمىزنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە روھىي- مەنىۋى ھاياتىدا ئۇلارنىڭ ھىمايىچىسى، قوغدىغۇچىسى ۋە روھىي يۆلەنچۈكى بولغان شەيئىلەرگە تېۋىنىش پىسىخىكىسىغا ئىسلام تۈسىنى بېرىپ يەنىلا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلدى.

بۇنىڭ ئەڭ تېپىك ئىپادىلىرىدىن بىرى، 17- ئەسىردىن 20- ئەسىرگە قەدەر بولغان ئۇزاق تارىختا تازا ئەۋجىگە چىققان مازار تاۋاپچىلىقى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادى بولغان شامانىزمنىڭ قالدۇق ئىزنالىرىنى ۋە ئىسلامى خاسلىقنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئويلىنىپ كۆرەيلى، شامانىزم ئۇيغۇرلارنىڭ دىن تارىخىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائىي ئېتىقاد بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن تاكى ھازىرقى زامانىمىزغىچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇن ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلدى، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بىر قىسىم شامانىزملىق ئادەتلەرگە ئىسلامى تۈس بەردى. مەسىلەن، قەدىمكى زامانلاردا كىشىلەر شامان باخشىلىرىنى، قام (شامان) دېگەن. «يەلۋى» (سېھىرگەر) بارلىق قۇدرەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەندۈرگۈچى سۈپىتىدە، جىن- شەيتانلارنى ئىشقا سېلىپ، «يىگ» (كىسەل) داۋالايدۇ؛ شۇنىڭدەك «ئىرق» (پال) ئېچىپ، ياخشىلىق- يامانلىقتتىن ۋە كەلگۈسىدىن بىشارەت بېرىدۇ. كىشىگە قايسى جىن- ئالۋاستى ياكى يامان ئەرۋاھنىڭ چېپىلغانلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ، ئۇنى قارغايدۇ، قۇدرەتلىك نۇرانە روھىي كۈچلەرنى ياردەمگە چاقىرىپ، جاھىل جىن- ئالۋاستى ياكى يامان ئەرۋاھلارغا قارشى ئەپسۇن ئوقۇپ، قورال كۆتۈرۈپ، ئوت چېچىپ سېھىرگەرلىك قىلىدۇ، تۇغۇتنى يەڭگىللەشتۈرىدۇ دەپ بىلگەچكە، قەدىمكى زاماندىكى كىشىلەر «يەلۋى» (سېھىرگەر) لەرنى تەڭرىنىڭ سىمۋولى دەپ ئېتىقاد قىلغان. شۇڭا، ئادەتتە تۇغۇلۇش، قېرىش، ئاغرىش، ئۆلۈش، بېيىش، يوقسۇللۇق، كەم ھوسۇل ئېلىش، يارىشىش ياكى ئۇرۇشۇش دېگەندەك ئىشلاردا كىشىلەر شۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغان.

ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي- مەنىۋى دۇنياسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ئەنە شۇ شامانىزملىق ئېتىقاد ۋە دۇنيا قاراش، ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى دەۋرلەرگىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئىسلام دىنىدا گەرچە 《…دىنىڭنى شېرىكتىن (ۋە رىيادىن) ساپ قىلغىنىڭ ھالدا ئاللاغا ئىبادەت قىلغىن. بىلىڭلاركى، (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ دىن ئاللاغا خاستۇر، ئاللانى قويۇپ بۇتلارنى ھىمايىچى قىلىۋالغانلار: <بىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاغا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر> (دەيدۇ). ئاللا ھەقىقەتەن يالغانچىنى، (ئاللانىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ》دېيىلىپ ھەرقانداق مەۋجۇت ئوبيېكىتقا چوقۇنۇش مەنئىي قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بارا- بارا باش كۆتۈرۈپ چىقىپ كۈچىيىشكە باشلىغان سوپى- ئىشانلارنىڭ ئەسلى ئىسلام روھىيىتى، ئايەت- ھەدىس مەزمۇنلىرىغا خىلاپ ئىش- ھەرىكەتلىرى، «پەيغەمبەر ئەۋلادى» دەپ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن توقۇپ، ئويدۇرۇپ چىققان نەسەب- شەجەرىلىرى، ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئۈستۈن تۇرۇدىغان «ئىلاھىي خۇسۇسىيەت» لىرى، بەندە بىلەن ئاللا ئوتتۇرىسىدىكى 《ۋاسىتىچى》، كىشىلەرنى 《جەننىتى – دوزىقى》 دەپ ئايرىغۇچى دېگەندەك قاراشلار، يۇقىرىدا بىز كۆرسىتىپ ئۆتكەن شامانىزملىق ئېتىقاد ۋە قاراشلارغا ناھايىتى تونۇش بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي- مەنىۋى دۇنياسىغا ناھايىتى ئاسان سىڭىپ كىرىپ ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ۋە مازار تاۋاپچىلىقنىڭ ئەۋج ئىلىشىغا سەۋەپ بولغان.

سىلىشتۇرۇپ كۆرەيلى، كىشىلەر شامان باخشىلىرى ئادەملەر بىلەن جىن- ئالۋاستىلار ئارىسىدىكى ۋاسىتىچى دەپ قارىغان، سوپى- ئىشانلارنى بەندە بىلەن ئاللا ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتىچى دەپ قارىغان. شامان باخشىلىرىنى ياخشىلىق، يامانلىق ۋە كەلگۈسىدىن بىشارەت بېرەلەيدۇ دەپ قارىغان، سوپى- ئىشانلارنىمۇ ياخشىلىق، يامانلىق ۋە كەلگۈسىدىن بىشارەت بېرەلەيدۇ دەپ قارىغان. شامان باخشىلىرىنى تەڭرىنىڭ زاھىرى دەپ ئېتىقاد قىلغان، سوپى- ئىشانلارنى ئاللانىڭ دوستى دەپ ئېتىقاد قىلغان. قىسقىسى، شامانىزم دەۋرىدە «تۇغۇلۇش، قېرىش، ئاغرىش، ئۆلۈش، بېيىش، يوقسۇللۇق، كەم ھوسۇل ئېلىش، ئۇرۇشۇش ياكى يارىشىش دېگەندەك ئىشلاردا، شامان باخشىلىرىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالغان»بولسا، ئىسلامىيەت دەۋرىدە «يامغۇرنىڭ يېغىشى، يەر- زېمىندا ئۆسۈملۈك، گۈل- گىياھلارنىڭ ئۈنمەكلىكى، ئۇلۇغ ئەۋلىيالارنىڭ قەدەملىرىنىڭ بەرىكىتىدىندۇر.»دەپ قارىغان.

دېمەك، ئۇيغۇرلارغا پۈتۈنلەي تونۇش بولغان شامانىزملىق ئېتىقاد ۋە قاراشقا تامامەن يېقىن كېلىدىغان رىياكار، تېجىمەل، جاھالەتپەرەس سوپى- ئىشانلارنىڭ ئالدامچىلىق، ساقتىلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان تەلىماتلىرى، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى تارىختا، ئەجداد، پىر- ئۇستاز ۋە ھەر خىل ناملاردىكى تېۋىنىش ئوبيېكىتلىرىغا چوقۇنۇپ، ئارزۇ- ئىستەكلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئىلاھلارغا يەتكۈزۈپ ئادەتلەنگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ھاياتىي دۇنيادا تىرىك سوپى- ئىشانلارغا قول بېرىپ، مۇرىت بولۇپ، قۇلچىلىق قىلىش، چوقۇنۇش، ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مازار- مەقبەرەلىرىنى زىيارەت ۋە تاۋاپ قىلىش، چوقۇنۇش، ناھايىتى كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان ئىدى. خوتەندىكى ئىماملار مازارلىرى، تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى ھەر قايسى بوستانلىقلاردىكى شېھىتلىكلەر، سوپى- ئىشانلار مازار- مەقبەرەلىرى، كىشىلەرنىڭ ئاشۇ خىل پىسىخىك تەلەپلىرىنى قاندۇرۇپ كەلگەن، بۇ خىل پىسىخىك تەلەپنىڭ تەسىرى بىلەن، مازارلارنى زىيارەت قىلىش، تاۋاپ قىلىش ۋە چوقۇنۇش ناھايىتى زور كۆلەمگە ئىگە بولغان. يەنە كېلىپ دەل ئەنە شۇنداق پىسىخىك تەلەپ كىشىلەرنىڭ روھىي- مەنىۋى دۇنياسىدا بولغانلىقتىن، مازار تاۋاپچىلىقىنىڭ كۈچىيىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، مازار تاۋاپچىلىق خەلقنىڭ مەلۇم مەنىۋى ئېھتىياجى، ئارزۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بىر خىل مەدەنىيەت سۈپىتىدە تا ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.

ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى تارىختا مازار تاۋاپچىلىقى ئەڭ ئەۋجىگە چىققان دەۋر 17 – ئەسىردىن 20 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىغا قەدەر بولغان دەۋر بولدى. بۇ تارىخ مەخدۇم ئەزەم جەمەتىدىن ئىبارەت ئەڭ چوڭ دىنىي- سىياسىي كۈچ ۋە ئۇلار پەيدا قىلغان 《ئاق تاغلىق》 ۋە 《قاراتاغلىق》 لار گۇرۇھى باش كۆتىرىپ چىقىش، تەرەققىي قىلىش، زاۋاللىققا يۈزلىنىش، يېڭى سۇلۇك- تەرىقەت تەرغىباتچىلىرى بولغان ئىمام رەببانىچىلار باش كۆتۈرۈپ چىقىپ كەڭ تارقىلىشقا باشلاش، كونا- يېڭى سوپى- ئىشانلار سۇلۇك- تەرىقەتلىرى ئالمىشىشقا، كۈچ- سېلىشتۇرمىسىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە باشلاشتەك جەريانلارنى بىشىدىن ئۆتكۈزدى. گەرچە بۇ دەۋردە ھەرخىل ناملار بىلەن ئاتالغان سۇلۇك- تەرىقەتلەر ئارا شۇنچە چوڭ ئۆزگىرىش ۋە ئالمىشىش بولغان بولسىمۇ، مازار تاۋاپچىلىقى پەسكويغا چۈشمەستىن ياكى تاۋاپ، زىيارەتنىڭ كۆلىمى، قېتىم سانى، ئادەمنىڭ ئاز- كۆپلۈكى جەھەتتە كىچىكلەشكە، ئازلاشقا ۋە ئاجىزلاشقا يۈزلەنمەستىن، ئەكسىچە بىر خىل ئىزچىللىقنى ساقلاپ داۋاملىشىپ كەلدى. تاۋاپ- زىيارەت، چوقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق ئوبيېكتى، تارىخىمىزدا خېلى ئۇزۇنغا سوزۇلغان مالىمانچىلىق، پاتپاراقچىلىق پەيدا قىلغان ئاشۇ بىر توپ سوپى- ئىشانلارنىڭ مازار- مەقبەرەلىرى بولدى. ئۇلار ھايات چېغىدا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا قىلغان ئىخلاسى، ساداقىتى، ئىتائەتمەنلىكى ۋە قۇلچىلىقلىرى ئازلىق قىلىپ يەتمىگەندەك، ئۇلار قارا تۇپراقنىڭ ئاستىغا كۆمۈلگەندىن كېيىنمۇ، مازار- مەقبەرەلىرى يەنىلا ئوخشاش سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ چوقۇنۇش ئوبيېكتىغا ۋە تاۋاپگاھىغا ئايلىنىپ كەلدى.

ئەلۋەتتە ئۇزاق تارىختىن بېرى سانسىزلىغان كىشىلەر تەرىپىدىن تاۋاپ قىلىنىپ كېلىۋاتقان مازارلار يالغۇز ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدە تارقىلىشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان تەرىقەت پېشىۋالىرى، شۇنداقلا سىياسىي ھاكىمىيەتكە ئىنتىلىش روھى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان سوپى- ئىشانلارنىڭ مازار- مەقبەرەلىرى بولۇپلا قالماستىن،بەلكىيەنە ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭدا تارقىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ھەر قايسى دەۋرلەردە ئۆتكەن ھۆكۈمرانلار، ئىسلام دىنىنى تارقىتىش، كېڭەيتىش يولىدىكى «جىھاد» لاردا شېھىت بولغانلار، ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئالىم، مۇتەپەككۇرلارنىڭ مازار – مەقبەرەلىرى ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىسلام دىنى بىلەن باغلىنىشى يوق نۇرغۇن مازارلارمۇ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇنلىغان توقۇلما مازارلارمۇ بار ئىدى. بۇ خىل مازارلار ئىسلام تۈسىنى ئالغان رىۋايەتلەر ئارقىلىق ئىسلام دىنى بىلەن باغلىنىشلىق قىلىپ كېلىنگەچكە، ئىسلام دىنى مۇھىتىدا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تا بۈگۈنگىچە ساقلاپ كەلگەن. بۇ، بىزگە مازار زىيارەت قىلىش، تاۋاپ قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشىمىغان دىن، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر مۇھىتىدا ياشىغان دەۋرلىرىدىمۇ شۇ خىل دىن، شۇ خىل ئېتىقادقا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۆزگىچە خاسلىق ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە قەبرە زىيارەت قىلىش، تاۋاپ قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

بىزگە مەلۇم ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىسلام ئەقىدە- ئەھكاملىرى ئاساسىدىكى دەپنە ئادەتلىرى ۋە قائىدە- يوسۇنلىرى بىزنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ، ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلاندى. بىراق ئەزەلدىن ئاددىي دەپنە قىلىش، تېزلىكتە دەپنە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسلام تەلىماتلىرى، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى بۇددىزملىق، زورۇئاستىرىزملىق ۋە شامانىزملىق ئېتىقاد ۋە تەلىماتلىرىنىڭ قىسمەن قالدۇقلىرىنىڭ ئىسلام مۇھىتىغا ئېقىپ كىرىشى ۋە مۇشۇ خىل شارائىتتا ساقلىنىپ، قىسمەن ئىسلامى ئادەتلەر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە، بىزنىڭ دەپنە ئادەتلىرىمىزدىمۇ قىسمەن ئۆزگىچىلىك ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى پەيدا قىلدى. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ۋە ئۆزگىچىلىك خوجا- ئىشانلار تەرىقىتى قانچىلىك كۈچەيگەنسېرى شۇنچە روشەن نامايان بولدى.

خوجا – ئىشانلارنىڭ مازار- مەقبەرەلىرىنى ھەشەمەتلىك گۈمبەز، قەبرە، خانىقا ۋە ئۆي- تۇرالغۇلۇق قىلىپ ياساتقۇزۇشى، زىيارەت قىلىش، تاۋاپ قىلىش ۋە چوقۇنۇشنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈشى، شۇنداقلا مازار – مەقبەرەلەرنى تاۋاپ ۋە زىيارەت قىلىشنى كۆلەم، داغدۇغا، ۋاقىت، تاۋاپ ئۇسۇلى ۋە ئادەت جەھەتلەردىن مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشى، مازار تاۋاپ قىلىش، زىيارەت قىلىشنىڭ سوپى – ئىشانلىقنىڭ مەھسۇلى ياكى كەشپىياتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەشھۇر سوپى- شەيخلەرنىڭ مازار- مەقبەرەلىرىنى ناھايىتى ھەشەمەتلىك قىلىپ ياساش، زىيارەت ۋە تاۋاپ قىلىش، سوپىزم تەلىماتلىرى ھۆكۈمران ئىدېئولۇگىيىگە ئايلانغان ئوتتۇرا ئەسىردىن تاكى زامانىمىزغىچە ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر خىل ئومۇمىي ئەھۋال بولۇپ، ئوخشىمىغان دۆلەت، رايۇن، مىللەت ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرىكىشىدىن يۇغۇرۇلغان ئىسلام دۇنياسىدا، ئاشۇ ئوخشىماسلىقلار ئىسلام ئەقىدە- تەلىماتلىرى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە بىرىكىپ، يۇغۇرۇلۇپ كەتكەچكە، ھەر قايسى جايلاردىكى مازار تاۋاپچىلىقىدا ئۆز جايىنىڭ يەرلىك، مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە خاسلىقلىرىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ھەر خىل مازار- مەقبەرەلەردىكى ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ تەسىرى ئوخشاش بولمىغاچقا، يەنە كېلىپ بۇ شۇ شەخىسنىڭ ھاياتى دۇنيادىكى ئىش- ھەرىكەت، پائالىيەتلىرى، تۆھپىسى، تەسىرى، قىلغان ياخشى ئىش، ياخشى ئەمەللىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مازار- مەقبەرەلىرىنى زىيارەت، تاۋاپ قىلىشنىڭ كۆلىمى، داغدۇغىسى، ۋاقتى، تاۋاپ ئۇسۇلى ۋە ئادەتلىرى جەھەتتىمۇ مەلۇم پەرقلەر ساقلىنىپ كەلگەن. مەسىلەن، «قادىرىيە» تەرىقىتىنىڭ ئاساسچىسى ئابدۇقادىر جىلانى (1078-1166- يىللار) نىڭ باغدادتىكى قەبرىسى خەلقئارالىق تاۋاپگاھقا ئايلانغان بولۇپ، قادىرىيە تەرىقىتىنىڭ مۇرىت- مۇخلىسلىرى ھەر يىلى مىسىر، سۈرىيە، يەمەن، تۈركىيە، ھىندىستان، پاكىستان، ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىدىن باغدادقا بېرىپ، ئۇنىڭ مەقبەرىسىنى تاۋاپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. «مەۋلىۋىيە» تەرىقىتىنىڭ ئاساسچىسى مەۋلانا جالالىدىن رۇمى (1207-1273- يىللار) نىڭ كونيا (تۈركىيىدە) دىكى قەبرىسى تۈركىيە ۋە باشقا ئەرەب ئىسلام ئەللىرىدىكى «مەۋلىۋىيە» تەرىقىتىنىڭ مۇرىت- مۇخلىسلىرى تەرىپىدىن تاۋاپ قىلىنىپ كېلىنگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدا ئىسلام ئەقىدە- ئەھكاملىرىنىڭ كەڭ تارقىلىشى ۋە ئومۇملىشىشىدا ئاجايىپ خىزمەت كۆرسەتكەن خوجا ئەھمەد يەسەۋى (؟- 1166- يىللار) نىڭ تۈركىستان شەھىرىدىكى قەبرىسى ۋە بەھاۋۇددىن نەقشىبەندى (1314- 1389- يىللار) نىڭ بۇخارادىكى قەبرىسىمۇ ئوخشاشلا خەلقئارا تاۋاپگاھقا ئايلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، شىنجاڭ، ھىندىستان، پاكىستان، ئافغانىستان، تۈركىيە ۋە كاۋكاز رايۇنىدىكى «يەسەۋىيە» ۋە «نەقشىبەندىيە» تەرىقىتىدىكىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ تاۋاپگاھىغا ئايلىنىپ كەلگەن. بۇلاردىن باشقا، يەنە 《سۇھرىۋەردىيە》 ۋە 《چىستىيە》 تەرىقەتلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىمۇ خېلى كەڭ بولۇپ، تا ھازىرغىچە مۇشۇ تەرىقەتلەرنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ مازار – مەقبەرەلىرىنى تاۋاپ قىلىش ئادەتلىرىمۇ داۋاملىشىپ كەلگەن. شىنجاڭدا بولسا 17- 18- 19- ئەسىرلەردە ئەڭ ئەۋجىگە چىققان سوپى- ئىشانلىقنىڭ ئەقىدە- تەلىمات، ۋەز- تەبلىغ ۋە ئاشۇ خوجا – ئىشانلارنىڭ شەرىپىگە ئوقۇلغان مەدھىيىلەرنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، نەچچە ئونمىڭلىغان بىگۇناھ جانغا زامىن بولغان ئاشۇ بىر توپ رىياكار، تېجىمەل، جاھالەتپەرەس خوجا- ئىشانلارنىڭمۇ مازار- مەقبەرەلىرى ناھايىتى ھەشەمەتلىك قىلىپ ياسىلىپ، سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ زىيارەت، تاۋاپگاھىغا ئايلىنىپ كەتكەن.

ئالدىنقى بايانىمىز بىلەن كېيىنكىسىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئويلىنىپ كۆرەيلى، بىرنەچچە ئەسىرلىك تارىخىمىزدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ ئۆتكەن ئاشۇ بىر توپ خوجا- ئىشانلارنىڭ كاساپىتىدىن، ئاشۇ دەۋر تارىخىمىزنىڭ گۇۋا شاھىدى بولغان تارىخ بەتلىرىمىزدىكى ياش بىلەن نەملىنىپ، قان بىلەن بويالغان قۇرلىرىغا نەزىرىمىزنى سالغىنىمىزدا، مۇنداق بىرنەچچە سوئال بىزدىن جاۋاب تەلەپ قىلىدۇ: بىرى، ئابدۇقادىر جىلانى، مەۋلانا جالالىددىن رۇمى، خوجا ئەھمەد يەسەۋى ۋە بەھاۋۇددىن نەقشىبەندىلەر ھەق، توغرا ئەقىدە- تەلىماتلارنى تارقىتىپ، سۈننەتنى تۇتقۇ قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، شۇ ئاساستا پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، كىشىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلىگەچكە، ئۇلارنىڭ نام- شۆھرىتى يالغۇز ئۇلار ھايات چاغدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلار پانىي دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا داۋاملىشىپ كەلگەن. شۇڭا، ئۇلارنىڭ مازار- مەقبەرەلىرىنى زىيارەت قىلىش، تاۋاپ قىلىش، كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتى ۋە سېغىنىشىدىن بولغان تۇرسا، بىزنىڭ تارىخىمىزدا قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالماي، سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلغان خوجا- ئىشانلارغا، خەلقىمىز خۇددىي ئۇلارنىڭ ئاشۇ قىلغان ئەسكىلىكلىرى، قىرغىنچىلىقلىرى، بۇلاڭ-تالاڭلىرىغا، رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تاۋاپ قىلىپ چوقۇنامدىغاندۇ؟ يەنە بىرى، نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ نەچچە ئەسىر مەخدۇم ئەزەم ئەۋلادلىرى بولغان خوجا- ئىشانلارغا قول بېرىپ مۇرىت بولۇپ، ئۇلارغا ئىخلاسى، ساداقىتى ۋە ئىتائەتمەنلىكىنى بىلدۈرگىنى ئازلىق قىلىپ قالغانمىدۇ؟

17 – ئەسىردىن 20 – ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخىمىزدىن مەلۇمكى، مازارلارنى تاۋاپ قىلىش ئاساسلىق رىياكار خوجا – ئىشانلارغا چوقۇنۇش خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ، ئاۋامنىڭ ئۆزلىرىگە ئەسەبىيلەرچە چوقۇنۇشىنى پەيدا قىلىش خوجا – ئىشانلارنىڭ ئاۋام خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە رام قىلىشتىكى مۇھىم ۋاستىسى بولۇپ كەلگەن. 《مەخدۇم ئەزەم تەزكىرىسى》 دىكى: 《خۇدا ئۇلۇغ زاتلارنىڭ قەبرىلىرىنى ھاجەت ئىگىلىرىنىڭ پىنھان جايى قىلدى. ھەرقانداق قىيىنچىلىققا دۇچار بولۇپ، گاڭگىراپ قالغان چېغىڭلاردا ئۇلۇغ مازارلاردىن ياردەم سوراڭلار》دېگەن سۆز دەل شۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن.

ھەقىقەتەن خوجا – ئىشانلارغا تىرىك ۋاقتىدا قول بېرىپ مۇرىت بولۇپ خىزمىتىدە بولۇش، ئۆلگەندىن كېيىن مازار – قەبرىگاھلىرىنى تاۋاپ قىلىش، مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياكى شىنجاڭدا بولسۇن، ئوخشاشلا ئومۇميۈزلۈك بىر ئىجتىمائىي ھادىسىگە ئايلانغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئوتتۇرا ئاسىيادىكىدىنمۇ شىنجاڭدا ئېغىرراق بولغان. بۇخارادا باھاۋۇددىن نەقشىبەندى، ئابدۇخالىق غىژدۇۋانى مازارلىرىغا، سەمەرقەنتتە خوجا ئەھرار، تۈركىستاندا خوجا ئەھمەد يەسەۋى، پەرغانىدا شەيخ شاھىمەردان،قەشقەردە ئاپاق خوجا مازارلىرىغا تاۋاپ قىلىش ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاپاق خوجا مازىرىنى تاۋاپ قىلىش، جۈملىدىن مەخدۇم ئەزەم پۇشتى تۇرۇپ ئۆزلىرىنى 《پەيغەمبەر ئەۋلادى》 دەۋالغان 《ئۇلۇغ خوجىلار》 غا چوقۇنۇش باشقىلارغا قارىغاندا كۈچلۈك بولغان. چۈنكى، شۇ تارىختا ئۇلارنىڭ خەلقىمىزنىڭ روھىي – مەنىۋى دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە ئېغىر بولغان. يەنى گەرچە خوجا – ئىشانلار ئۆز مەقسەت – مۇددىئالىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بىر دەۋر پالاقشىپ، تىنىم – تاپماي قۇتراپ، ھەر خىل رەزىل سىياسىي 《ئويۇنلار》 نى ئويناپ، يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانلىق سەلتەنەتىنى ناھايىتى قىسقا مۇددەت ئالقىنىغا ئېلىپ دۇنيادىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ روھىي مەنىۋىيىتىمىزگە كۆرسەتكەن تەسىرى خوجىلار 《خانلىقى》 تارىخىدىن ئۇزۇن بولغان. بۇ توغرىدا ئەگەر بىز ئەينى دەۋردە ئەۋج ئېلىپ، تەسىرى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن مازار تاۋاپچىلىقى ئادەتلىرىمىزدىكى روھىي – مەنىۋى ئىللەتلىرىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق، تۈركىيىلىك يازغۇچى، مائارىپچى ئە.ك.ئىلكۇل 《قەشقەر ئادەتلىرى》 ناملىق ئەسىرىدە ئەينى دەۋردىكى قەشقەرنىڭ 《ئايەم كېچىسى》 (تۈنەك ئاخشىمى) دىكى 《ھەزرەت سەيلىسى》 توغرىسىدا بىزنى بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇ﹕《قەشقەرلىكلەرنىڭ ئاپاق خوجىغا بولغان ئىخلاسى بەك چوڭ،ئۇ زاتقا بولغان مۇھەببەت ۋە ئېتىقادى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، كىشىلەر قەبرىنىڭ ھاكلانغان ۋە سىرلانغان تاشلىرىغا يۈزلىرىنى يېقىپ، قەبرىنىڭ قىرلىرىنى چىشلىشىپ، ئاشقازان ئاغرىقىغا داۋا بولىدۇ دېيىشىپ، گۈمبەزدىكى ياغاچلارنىڭ قوۋزاقلىرىنى غاجىلايدۇ، ھامىلدار ئاياللار تۇغىتىمىز ئاسان بولىدۇ دەپ، مازارنىڭ ئۈستىگە ئېسىپ قويۇلغان قوشقارلارنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى، ياكى رەخت پارچىلىرىنى قورساق، بەللىرىگە باغلاپ يۈرۈشىدۇ. تويلاشماقچى بولغان ئەر، ئالماقچى بولغان ئايالنى ئايەمدە ئاپاق خوجىنىڭ مازارلىقىغا ئېلىپ بېرىشى شەرت قىلىنغان، ئەگەر ئەرنىڭ پۇلى بولمىسا، قازان، كوزا، چىنە – چەينەكلەرنى سېتىپ بولسىمۇ بۇ شەرتنى ئادا قىلىدۇ، توپ – توپ بولۇپ ئولتۇرۇشقان، مەيدىسى ئوچۇق كىشىلەر قىمار ئوينىشىدۇ، نەشىكەشلەر تاڭ ئاتقۇچە نەشە چىكىشىپ كاللىسىنى قاپاق قىلىشىدۇ》دەيدۇ. بۇ خاتىرىدىن، خۇراپاتلىق، نادانلىقنىڭ قورالى ۋە قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ روھىي – مەنىۋى دۇنياسىدىكى زەئىپلىك، خۇنۇكلۇك، قالاقلىق، قاششاقلىق، نادانلىق ۋە نامراتلىقنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. مانا بۇ، روھىي – مەنىۋى دۇنياسى بۇلغانغان، ھەر خىل《چوڭ – كىچىك ئىللەتلەر بىلەن يۇقۇملانغان》 جاھالەتپەرەس خوجا – ئىشانلارنىڭ نادان – ساددا مۇسۇلمانلارنى 《روھىي پاكلىنىش مەنزىلىگە يېتەكلىگەن》 لىكىنىڭ ئاقىۋىتى ئىدى. شۇ ۋەجىدىن چوقان ۋەلىخانوف: 《كىشىلەر خوجىلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى قەتئىي توغرا دەپ ئىشىنىدۇ. خوجىلار زىناخورلۇق قىلسا، ھاراق ئىچسە، كوچىلاردا ئاياللارنى تۇتۇۋېلىپ چۈمبىلىنى ئېچىۋەتسە، كىشىلەرگە ئۇلار ساۋابلىق ئىش قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى توسۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. بولۇپمۇ قەشقەرلىكلەر خوجىلارنى كاتولك مۇخلىسلىرى پاپانى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلەيدۇ. ئۇلار خوجىلارنى بارلىق ئىشلاردىن پاك ئىنسان دەپ قارايدۇ》دەپ يازغانىدى.

پانىي ئالەمدە نادان، ساددا ئادەملەرنى ئازدۇرۇپ، قايمۇقتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ساداقەتمەن، ئىخلاسمەن مۇرىت – مۇخلىسلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىسلام تۈپ ئەقىدىسىگە پۈتۈنلەي زىت بولغان 《شەخسكە چوقۇنۇش》 نى پەيدا قىلغان خوجا – ئىشانلار بۇنىڭلىق بىلەنلا ئىنساپ قىلىپ قالماي، باقىي ئالەمگە سەپەر قىلىپ جىسمى تۇپراققا ئايلانغاندىن كېيىنمۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆز قەبرىلىرىگە يۈز – كۆزىنى يېقىپ تۇرۇپ يىغلاپ، جانسىز جىسىملىرىغا يالۋۇرۇش، مازار – گۈمبەزلىرىگە ئېسىلغان قوشقار مۈڭگۈزلىرى، كالىلارنىڭ قۇيرۇقلىرىغا يۈزلىرىنى يېقىپ تۇرۇپ 《مازار خوجام مېنى باي قىل》، 《مېنى مەقسەت مۇرادىمغا يەتكۈز》، 《مېنى بالا – قازادىن ساقلا》 دېگەندەك بىر قاتار خۇراپىي، سەپسەتە خاراكتېرىدىكى گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئىسلامنىڭ ھۆكمى ۋە قائىدىلىرىگە تۈپتىن خىلاپ ۋە زىت بولغان بۇنداق خۇراپاتلىقلار تاكى زامانىمىزغىچە داۋاملىشىپ كەلدى.

نىمە ئۈچۈن 17 – ئەسىردىن 20 – ئەسىرگىچە بولغان تارىخىمىزدا مازار- مەقبەرەلىرىنى تاۋاپ قىلىش شۇنچىۋالا ئەۋج ئېلىپ كىتىدۇ؟

بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ :

بىرىنچى، سوپى- ئىشانلارنىڭ ئۆزلىرىنى «پەيغەمبەر ئەۋلادى» دەپ ئاتىۋالغان «ئۇلۇغ»، «ئالىي» نەسەپ شەجەرىلىرى، كەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنە شۇ خوجا – ئىشانلارنىڭ مازارلىرىغا تېۋىنىشنىڭ كۈچلۈك ھەيدەكچىسىگە ئايلانغان.

تەرىقەت پىرلىرى بولغان مەخدۇم ئەزەم ئەۋلادلىرى باشتىن- ئاخىر ئۆزلىرىنى «پەيغەمبەر ئەۋلادى» دېگەن نام بىلەن نىقاپلاپ، كەڭ مۇسۇلمان دۇنياسىدا ئەڭ ئالىي ھۆرمەتكە سازاۋەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى جەمەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ، ئالىي ناملىرىنى سۈيئىستمال قىلىپ، ئاجايىپ ساقتىلىق، يۇقىرى ھىيلىگەرلىك بىلەن، قارىماققا ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەۋلادىكەن دەپ قالغۇدەك دەرىجىدىكى نەسەب- شەجەرە جەدۋەللىرىنى توقۇپ چىقىپ، سانسىزلىغان ئادەملەرنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىززەت- ئىكرامىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ساقتىلىق، ئالدامچىلىق بىلەن مەشغۇل بولغان «ئالىي، ئۇلۇغ نەسەپلەر» ھايات چېغىدا، سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بولسا، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ قەبرىلىرى يەنىلا ئوخشاش شۇنچىۋالا ئادەمنىڭ تاۋاپ ۋە زىيارەتگاھىغا ئايلانغان

ئىككىنچى، 《ئاق تاغلىق》 ۋە 《قاراتاغلىق》 خوجا ئەۋلادلىرى شىنجاڭ رايونىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۆزئارا جىددىي رىقابەتلىشىشكە ۋە بىر – بىرىگە سۇيقەست ئىشلىتىشكە كىرىشكەن بولۇپ، بىر ئامال قىلىپ قارشى تەرەپنى بېسىپ چۈشۈشكە، قارشى تەرەپنىڭ ئابرويىنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ھەرىكەتلەنگەن. ئۇلارنىڭ كۈرىشى بەزىدە مازارنى دەۋر قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان، نەتىجىدە، مازار ياساش ۋە مازارپەرەسلىك ئەۋج ئېلىپ كەتكەن. ئاپاق خوجىنىڭ دادىسى خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ ئۆلۈش ئالدىدا ئۆزى ئۈچۈن كەلگۈسىدە تىكلەنگۈسى مازارنىڭ ئورنىنى بەلگىلەپ بېرىپ، مازارنىڭ ئۇلۇغلۇق دەرىجىسىنى ھەم ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئۇ مۇنداق ۋەسىيەت قىلغان: 《جانابى رەسۇلۇللا ۋە پۈتۈن خوجىلار، يار مۇھەممەد باي بىزگە نەزىر قىلىپ بەرگەن يەرنى بىزنىڭ دەپنە قىلىنىدىغان يېرىمىز قىلىپ بەلگىلىدى. بىزنىڭ پاك قەبرىمىز شۇ يەردە بولىدۇ. يارمۇھەممەد بۇرۇن نەزىر قىلىپ بەرگەن يەر ئەتراپىدىن يەنە 10 پەرسەخ (6 كىلومېتىر ئەتراپىدا) يەرنى قوشۇپ بەردى. مۇرىتلىرىمدىن مۇشۇ جايغا دەپنە قىلىنغانلار قىيامەت كۈنى مىنىڭ مۇخلىسلىرىم قاتارىدا ئورۇن ئېلىپ، مەھشەرگاھقا ھازىر بولغۇسى》.

خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ يۇقىرىقى ۋەسىيىتى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇنداق بىر قانچە مۇھىم نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ:⑴خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ ھەزرەتتە دەپنە قىلىنىشىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە خوجىلار بەلگىلەپ بەردى دېگەن گەپ، بۇ قەبرە ئاددىي قەبرە ئەمەس، مازار قىلىپ تىكلىنىشقا تېگىشلىك دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.⑵بىزنىڭ پاك قەبرىمىز دېگەن سۆز بىلەن ئۆزىنىڭ ئەۋلىيا ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلماقچى بولىدۇ.⑶پاك قەبرە دەپ ئاتىغان جاي يالغۇز ئۆزىنىڭ قەبرىسى جايلاشقان يەرلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 10 پەرسەخ كېلىدىغان جاينىڭمۇ مۇقەددەس جاي ھېسابلىنىدىغانلىقى ۋە بۇ جايلارغا دەپنە قىلىنغان ئادەملەرنىڭ قىيامەت كۈنى خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى ئىشارەت قىلىنىدۇ. دېمەك، خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ ھايات ۋاقتىدىلا ئۆز قەبرىسىنىڭ كىشىلەر كېلىپ تاۋاپ قىلىدىغان مازار بولۇپ قىلىشى توغرىسىدا ئالدىنئالا جامائەت پىكرى ھازىرلاشقا كىرىشكەن.

ئۇچىنچى، مۇشۇ دەۋر تارىخىي، ئىجتىمائىي شارائىت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پارتلىغان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ غەلىبە مېۋىسى، يەرلىك فېئودال پومىشچىكلار سىنىپىنىڭ ۋە ئىسلام دىنى يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىنىڭ ئالقىنىغا چۈشۈپ كەتكەن. نەتىجىدە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىقىغا، يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىسى ۋە زۇلۇمىغا قارشى قوزغالغان داغدۇغىلىق، ھەققانىي كۈرەش، ھۆكۈمرانلارنى ئالماشتۇرۇپ، يەرلىك تەپرىقچى ھاكىمىيەت بەرپا قىلىدىغان قورالغا ئايلىنىپ قالغان. مەيلى خوتەن، كۇچا، ئىلى خەلقلىرىنىڭ قوزغىلاڭلىرى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئاقىۋىتى ئوخشاش بولغان. يەنى ھەممىسىنىڭ غەلىبە مېۋىسى بۆلۈنمە، تەپرىقچى كۈچلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. خوتەندە ھەبىبۇللا، كۇچادا راشىدىن خوجا، ئىلىدا مەزەمزات، قەشقەردە ئاقتاغلىقلارنىڭ دىنىي كاتتىبېشى توختى مامۇت، كېيىنچە قىرغىزلارنىڭ كاتتىېىشى تاشمىلىقلىق سىدىقلار ئىنقىلابنىڭ ئىگىلىرىگە ئايلانغان. دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئىستىقبالى سۇغا چىلاشقان، كەڭ خەلق ئاممىسى بۇرۇنقىدىنمۇ بەتتەررەك كۈنگە قالغان. فېئودالىزمغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان دېھقانلار قوزغىلىڭى، ئاخىرقى ھېسابتا ھەر قايسى جايلاردىكى بۆلۈنمە، تەپرىقچى كۈچلەرنىڭ ئۆزئارا يېغىلىقلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ھەر قايسى بۆلۈنمە، تەپرىقچى ھاكىمىيەتلەر بىر- بىرى بىلەن بولغان ئۆز- ئارا بۆلۈشۈۋېلىش، تالان- تاراج قىلىش، ھۇجۇم قىلىش جەڭلىرىدە، ئۆز مۇداپىئە كۈچلىرىنى ئاجىزلىتىپ ۋە خورىتىپ ماڭغان. بۇ ھال، ياقۇپبەگ ۋە چارروسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بېسىپ كىرىشىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەن. نەتىجىدە، پۈتۈن شىنجاڭنى يېغىلىق، قىرغىنچىلىق قاپلاپ سانسىزلىغان بىگۇناھ خەلق ئاشۇ مالىمانچىلىق قاپلىغان يىللاردا ھاياتى، مال- مۈلۈكى ۋە يۇرت- ماكانىدىن ئايرىلغان. مەسىلەن، 1864- 1865- يىللىرى بۇزرۇكخان تۆرىنى ئەگەشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭ نامىنى سۈيئىستمال قىلىپ، قەشقەر، يېڭىسار، يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلارنى تاجاۋۇزچىلىق بىلەن بېسىۋالغان ياقۇپبەگنىڭ خوتەندىكى قىرغىنچىلىقلىرى توغرىسىدا، موللا مۇسا سايرامى : «بىر جايدا بىر تۈمەن (10 مىڭ)، ئادەم ئۆلسە، بىر مۇردا (بىر ئۆلۈك) قولىنى كۆتۈرىدۇ. ئىككى تۈمەن ئادەم ئۆلسە، ئىككى مۇردا قولىنى كۆتۈرىدۇ. ئەگەر 10 تۈمەن ئادەم ئۆلسە، بىر مۇردا ئورنىدىن دەس قوپىدۇ»دەپ يازغان. دېمەك، شۇ قىتىم 4 مۇردا قولىنى كۆتۈرگەن بولۇپ، 4 تۈمەن (40 مىڭ) ئادەم ھالاك بولغان بولسا كىرەك.

«شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ئەسەردىمۇ ئاشۇ ۋەقە توغرىسىدا « ياقۇپبەگ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى كۈرەش (خوتەندىكى جەڭ) بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشتى. 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قىرغىنچىلىققا ئۇچرىدى، سېپىل خەندەكلىرى ۋە بارلىق ئېرىق – ئۆستەڭلەر ئادەم جەسەتلىرى بىلەن تولۇپ كەتتى»دېيىلگەن. بۇلاردىن باشقا، «نۇرغۇن ئۇيغۇر ۋە باشقا ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەزىز پەرزەنىتلىرىنى خالىغانچە تۇتۇۋىلىپ، ۋەتىنىدىن ئايرىپ قۇل ئورنىدا پەرغانە، بۇخارا، بەدەخشان، ئىستانبۇل، ھىندىستانلارغىچە ئاپىرىپ ساتقان».

دېمەك، يۇقىرىقى مانا شۇ مەلۇماتلاردىن، تارىخىي داۋالغۇش، پاتپاراقچىلىق، قىرغىنچىلىق، بۇلاڭ- تالاڭ قاپلىغان يىللارنىڭ، ئەسلىدىنلا نامراتلىق، كەمبەغەلچىلىك ئىچىدە ياشاپ كەلگەن خەلقنى تېخىمۇ ئېغىر كۈنگە مۇپتىلا قىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن «مازايى- ماشايىقلارنى تاۋاپ قىلىش» نىڭ تەبىئىي ھالدا ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. شۇنداق قىلىپ مازار – ماشايىقلار ئېغىر كۈنگە دۇچار بولغان سانسىزلىغان خەلقنىڭ روھىي تەسەللى ئىزلەيدىغان، دەردمەنلەر ئۇچرىشىدىغان، سەدىقە، خەير- ساخاۋەتكە ئېرىشىدىغان سورۇنىغا ئايلانغان بولۇپ، مازارلىقلار ئىسسىق جىنىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ غېمىدە يۈرگۈچىلەرنىڭ ماكانى ۋە قونالغۇسىغا ئايلانغانىدى.

تۆتىنچى، خوجا – ئىشانلار ئۆزلىرىنى بارلىق كەشپۇ- كارامەت، مۆزىجە- تىلسىماتلارنى روياپقا چىقارغۇچى، ئۇنى ئاشكارىلۇچى دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، «پىر» (يول باشلىغۇچى، يېتەكلىگۈچى) قارىشى ۋە «ۋاسىتىچىلىك» ئىدىيىسى، ئاشۇ بىر توپ سوپى- ئىشانلارنىڭ مازارلىرىغا تېۋىنىشنىڭ مەنىۋى ئاساسىغا ئايلانغان.

تارىخىمىزدا ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد داۋاملىشىپ خېلى ئۇزۇن تەسىرىنى كۆرسىتىپ كەلگەن مەخدۇم ئەزەم جەمەتى، ئۆزلىرىنى تەرىقەتنىڭ پىرى- مۇرشىدلىرى دەپ ئاتاپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر رايۇنغا كېلىشتىكى مەقسىتىنى، «تەرىقەتتە يول تاپالمىغانلارنى تەرىقەتكە باشلاش ئۈچۈن»دەپ چۈشەندۈرگەندىن باشقا، باقىي ئالەمدە 《كىشىلەرنى جەننىتى ۋە دوزىقى دەپ ئايرىغۇچى》، 《ئۇلارنىڭ بارلىق چوڭ- كىچىك گۇناھلىرىغا كاپارەت بەرگۈچى》 دەپ ئاتاپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بەندە بىلەن خۇدا ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك (ۋاسىتىچى) رولىنى تەشۋىق قىلىپ، «ھەر قانداق بىر ئادەم ھاياتىي دۇنيادا ئىسلامنىڭ بارلىق ئەقىدە- ئەھكاملىرىغا تولۇق ئەمەل قىلىپ، بارلىق پەرز، سۈننەت، ۋاجىپ، مۇستەھەبلەرنى تولۇق ئادا قىلغان بىلەن، ئەگەر پىرى ھەزرەتنىڭ ھۇزۇرىغا كىلىپ ئۇنىڭغا قول بەرمىسە، قىلغان ئەمەل ۋە ئىبادەتلىرىنىڭ ھەممىسى بىكار بولۇپ كېتىدۇ.»دېگەن سەپسەتىنى بازارغا سالغان. شۇنىڭ بىلەن ئەينى دەۋردە ئىسلام يولىنى تۇتۇپ ئىخلاسمەنلىك قىلىش، ھاجەت، مەقسەت- مۇددىئالىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پەقەت ۋە پەقەت خوجا- ئىشانلارغا قول بېرىپ، ئۇلارنىڭ تەرىقىتىگە ئەگىشىشتىن، ئۇلارنى ۋاسىتە قىلىشتىن، ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مازار- مەقبەرەلىرىگە سېغىنىپ، تاۋاپ قىلىش ۋە چوقۇنۇشتىن باشقا ھېچقانداق يول يوقتەك بىر خىل كەيپىيات پۈتۈن جەمئىيەتنى قاپلىغان. يەنە «ئاللا ھەر خىل ئىلاھىي بىشارەتلەرنى جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزسە، ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى خوجام (ئاپاق خوجا) غا يەتكۈزەتتى، ئاشكارا قىلاتتى»دېيىش ئارقىلىق، ئەسلى ئىسلام قاراشلىرىنى بۇرمىلاپ، بارنى يوق، يوقنى بار قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزۈپ، بۆھتان چاپلاپ، ئۆزلىرىنىڭ «ۋاسىتىچى» لىق رولىنى توقۇپ، ئويدۇرۇپ چىقىپ، سانسىزلىغان نادان، ساددا، بىلىمسىز ئادەملەرنى ئۆز دېپىغا ئۇسسۇل ئويناتقۇزغان. ئەسلى ئىسلامدا ئىلاھ بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچى ياكى كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان شەخىس يەنى خىرىستىياننىڭ پوپلىرىغا ئوخشاش شەخىسلەر مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئەمما تارىخىمىزدا ئۆتكەن ئىشانلار ئۆزلىرىنى ئالاھىدە ۋەزىپىنى زېممىسىگە ئالغۇچىلار، يەنى بەندە بىلەن ئاللا ئوتتۇرىسىدىكى 《ۋاسىتىچى》 ياكى 《كۆۋرۈك》 دەپ قارىغان ۋە مۇشۇ خىل ئىدىيە ۋە تەلىماتنى كەڭ تارقاتقان. نەتىجىدە، خوجا- ئىشانلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشى بىلەن، ئاشۇ خىل ئىدىيىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەر، ئەنە شۇنداق سەپسەتىلەرنى بازارغا سالغان سوپى- ئىشانلار ھايات ۋاقتىدا ئۇلارغا قول بەرگەن بولسا، ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن مازار- مەقبەرەلىرىنى داۋاملىق تاۋاپ قىلىدىغان بولغان.

يۇقىرىقى ئىدىيىنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن كىشىلەر (تەرىقەتكە كىرگەن ياكى كىرمىگەن بولسۇن) ئاشۇ سوپى – ئىشانلارنىڭ مازار – مەقبەرەلىرىنى 《خۇداغا يېقىنلاشقۇچىلار》 نىڭ قەبرىسى ياكى 《خۇداغا يېقىنلاشقۇچىلارنىڭ جايى》 دەپ قاراپ ئۇلۇغلاپ كەلگەن، كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ 《ئۇلۇغ كىشىلەر》 نىڭ ئاللانىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تىلىۋېلىشىنى، ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ قويۇشنى ئۆتۈنگەن ۋە ئاشۇ زۆرۈرىيەت بىلەن، شۇ مازارلار باشتىن – ئاخىر كىشىلەرنىڭ ئارزۇ – ئارمان، غەم – قايغۇ، قايغۇ – ھەسرەتلىرىنى تۆكىدىغان، ياخشىلىق تىلەپ، يامانلىقتىن پاناھلىق تىلەيدىغان جايىغا ئايلانغان.

تارىخىمىزدا ئۆتكەن سوپى- ئىشانلارنىڭ «خۇدا پەرىشتىلەرنى ئادەمگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان. پۈتۈن پەرىشتىلەر ئادەمگە سەجدە قىلىپ، خۇدانىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلغان. ئەمما شەيتان سەجدە قىلىشتىن باش تارتىپ، تەكەببۇرلۇق قىلىپ كاپىر جۈملىسىدىن بولغانغا ئوخشاش، بىزگە باش ئەگمىگەنلەر ھەم كاپىر بولىدۇ»دەپ چالۋاقاپ يۈرۈشلىرى، تەبىئىي ھالدا بۇرۇندىن تارتىپ ئۇلارنىڭ يۈكسەك ئىززەت- ھۆرمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقان خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ئۇلارغا بولغان قۇلچىلىقنى، ئۆلگەندىن كېيىن بولسا ئۇلارنىڭ مازارلىرىغا چوقۇنۇشنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرغان.

بەشىنچى، شۇ دەۋرلەردە تەرىقەت پىرلىرى بولغان خوجا- ئىشانلارغا ئوقۇلغان مەدھىيە، ماختاشلار بىلەن يىزىلغان تۈرلۈك تەزكىرە- قوليازمىلار، ئۇلارنى باشتىن- ئاخىر كەشپۇ- كارامەت، مۆجىزە- تىلسىمات، سېھىر ئېگىسى قىلىپ ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈپ، مۇبالىغە قىلغان بولۇپ، بۇ قوليازما، تەزكىرەلەرنىڭ ئەل ئارىسىدا كەڭ تارقىلىشى، ۋائىز- مەدداھلارنىڭ ھەر خىل سورۇنلاردا سۆزلىشى، تەبىئىي ھالدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ روھىي- مەنىۋىي دۇنياسىغا سېڭىپ كىرىپ، ئۇلاردا خوجا- ئىشانلارغا قارىتا ناھايىتى كاتتا ھۆرمەت تۇيغۇسى پەيدا قىلغان. مەسىلەن، تەزكىرە – قوليازمىلاردىكى قايسى بىر 《ۋەلى》 (ئەۋلىيا – بۇ ئاپاق خوجىنى كۆرسىتىدۇ) نىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھىرا غارىدا تۇنجى ۋەھىي كەلگەندە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ۋەھىينى تەڭ ئاڭلىغانلىقى، مىراجدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىراجدا بۇ ئەۋلىيانى كۆرۈپ ھەيران قالغانلىقى ۋە جىبرائىلدىن : 《بۇ قايسى پەيغەمبەر؟》 «دەپ سورىغانلىقى توغرىسىدىكى قىپقىزىل يالغانچىلىق بىلەن تولغان ئەپسانە – رىۋايەتلەر، ئاشۇ 《ۋەلى》 نىڭ كارامىتى قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، يەنە ئۇنىڭ قاناتسىز كۆكتە ئۇچقانلىقى، كېمىسىز سۇدا يۈرگەنلىكى… كۆكتە قاغىدەك ئۇچقانلىقى، سۇدا قۇرۇق ياغاچتەك لەيلەپ ئاققانلىقىغا ئوخشاش 《كارامەت – مۆجىزە》 لىرى سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ روھىي – مەنىۋى دۇنياسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، يالغۇر ھايات سوپى- ئىشانلارنى ئۇلۇغلاش، ھۆرمەتلەش، قول بېرىپ مۇرىت بولۇش، سىزغان سىزىقىدىن چىقماسلىقلا ئەمەس، بەلكى ئۆلگەن سوپى – ئىشانلارنىڭمۇ مازار – مەقبەرەلىرى ئەتراپىغا خانىقا، مەسجىت ۋە تۈنەكخانا قاتارلىق پائالىيەت سورۇنلىرىنى بىنا قىلىپ، ھەلقە – سۆھبەت، زىكىر –ساما ئېلىپ بېرىش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مازارلىقلىرىنى زىيارەتگاھ ۋە تاۋاپگاھقا ئايلاندۇرۇۋېلىشتەك ئىشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولغان. شۇ دەۋرلەردە سوپى – ئىشانلارنىڭ ئاجايىپ 《كارامەت – مۆجىزىلەر》 ىگە ئىشەنمەيدىغان ئادەم ناھايىتى ئاز بولۇپ، بەزى كىشىلەر دىننى چۈشەنمەسلىكتىن، بىلمەسلىكتىن، نادانلىق ۋە ساددىلىقتىن ھەيرانلىق ئىلكىدە ئىشەنگەن بولسا، بەزىلەر ئۇلارغا بولغان ئالىي ھۆرمەت ۋە ئىززەت – ئىكرامنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ئىشەنگەن، يەنە بەزىلەر سوپى – ئىشانلارنىڭ 《كىمدە – كىم بىزنىڭ كارامەتلىرىمىزگە ئىشەنمىسە، دىنسىز، كاپىر بولىدۇ دېگەندەك سۆزلىرىنىڭ تەسىرىدە ئىشەنگەن. نەتىجىدە، سوپى – ئىشانلارنىڭ 《مۆجىزىلىك – كارامەتلەر》 ىگە ئىشىنىش، تەبىئىي ھالدا ئۇلارغا بولغان چوقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چوقۇنۇش ھىيلىگەر شەيخلەرنىڭ خەلقنى توزاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ياسىغان، توقۇپ چىققان 《مۆجىزە – كارامەتلەر》 ىنىڭ تەسىرىدە ئەمەلگە ئاشقان بولۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇلارنىڭ 《مۆجىزە – كارامەتلەر》 ى بايان قىلىنغان تەزكىرە – قوليازمىلارنى 《مۇقەددەس كىتاب》 قاتارىدا كۆرۈپ ساقلىغان، ئوقۇغان، ئوقۇشنى بىلمىگەنلەر باشقىلارغا ئوقۇتۇپ ئاڭلىغان، ياكى ۋائىز – مەدداھلارنىڭ يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئاجايىپ سېھىرلىك قىلىپ سۆزلىگەن سۆزلىرىدىن بىلگەن، نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭغا ئىشەنگەن. بۇ خىل ئەھۋالمۇ ئۇلارنىڭ مازارلىرىغا بولغان چوقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئالتىنچى، ياقۇپبەگ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى قىسمەن جايلارنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، مازار – مەقبەرەلەرنى ئومۇميۈزلۈك رېمۇنت قىلىپ، قايتىدىن كېڭەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىر ياۋرۇپا موناستىرلىرىدىن قېلىشمىغۇدەك ھەر خىل گۈمبەزلىك مازارلىقلارنى بىنا قىلغان. بۇ، مازار تاۋاپ قىلىش، مازارغا چوقۇنۇش ئەھۋاللىرىنى مىسلىسىز ئەۋج ئالدۇرغان.

ياقۇپبەگ ئۆزىگە خەۋپ دەپ قاراپ كەلگەن مەخدۇم ئەزەم ئەۋلادلىرىنى بىر- بىرلەپ كۆزدىن يوقاتقىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ «ئۇلۇغ بوۋىسى» ئاپاق خوجا (خوجا ھىدايەتۇللا ئىشان) قاتارلىقلارنىڭ مازار- مەقبەرەلەرىنى ئومۇميۈزلۈك رېمۇنت قىلىپ، قايتىدىن كېڭەيتىپ ياساپ، خۇددىي موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ئەمىنىيە» ناملىق ئەسىرىدە : «شەھەر- شەھەرلەردىكى ئەمەلدارلارغا بۇيرۇق بېرىپ، ئۇستا بېشىلارنى تەيىنلەپ، بۇ يەتتىشەھەر دائىرىسىدىكى ئۇلۇغ مازارلارنىڭ سەھنىلىرىنى كېڭەيتىپ، بىنالىرىنى يېڭىۋاشتىن ياسىتىپ چىقتى. مەسچىت- خانىقالارنىڭ پەشتاقلىرىنى ئېگىز ۋە ھەيۋەتلىك قىلىپ رەڭلىك كاھىش خىشلار بىلەن زىننەتلەپ، گۈل نەقىشلەرنى چىقىرىپ جۇلالىق قىلىپ ياساتتى. شەھەر ئىچىدىكى مەسچىت ۋە خانىقالارنىڭ كۆپچىلىكىنى پۇختا، مۇستەھكەم خىشلار بىلەن قايتىدىن رېمونت قىلدۇردى. شۇ جۈملىدىن قەشقەردىكى ھەزرىتى ئاپاق خوجا يەنى ھىدايەتۇللا ئىشاننىڭ مازار، خانىقا- مەسچىتلىرىنى ياساتتى. خۇسۇسەن گۈمبەزلىرىنى بۇزۇپ كېڭەيتىپ، پۇختا خىش، گۈزەل كاھىشلار بىلەن قايتىدىن گۈمبەز بىنا قىلدى. بۇ يەتتىشەھەر ئىچىدە بەلكى موغۇلىستان ئۆلكىسىدە بۇنداق ئالىي گۈمبەز ھىچ زاماندا ياسالمىغان بولۇشى مۇمكىن.» دەپ تىلغا ئالغاندەك، قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچا ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ئومۇمىيۈزلۈك مازار- مەقبەرە، مەسچىت ۋە خانىقا قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، مازار تاۋاپ قىلىش قىزغىنلىقى كۈچلۈك بولغان خەلقنىڭ مايىللىقىنى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن.

ھەقىقەتەن 17- ئەسىردىن 20 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىغا قەدەر بولغان تارىخىمىزدا مازار تاۋاپ قىلىش، مازارغا چوقۇنۇش ئەھۋاللىرى مىسلىسىز ئەۋج ئالغانىدى. ياقۇپبەگ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە، ئوتتۇرا ئەسىر ياۋرۇپا موناستىرلىرىدىن قېلىشمىغۇدەك ھەر خىل گۈمبەزلىك مازارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئورنى ۋە تەسىرىنى ياخشى بىلگەچكە ۋە چۈشەنگەچكە، شۇنداقلا ئاشۇ قەبرىلەردە ياتقان كىشىلەرنى يەرلىك خەلقنىڭ «ئاللاھنىڭ نەزىرى چۈشكەن كىشىلەر» دەپ بىلىپ، ئۆز ئارزۇ- ئىستەك، دەردى – ھالىنى ئۇلارنىڭ مازار- مەقبەرەلەرىنىڭ ئالدىدا تۆكۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەچكە، ھەر قانداق بىر جاينى بېسىۋىلىشتىن بۇرۇن، «مازار تاۋاپ قىلىش»، «مازار زىيارەت قىلىش» نى باھانە قىلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىي قارانىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

ياقۇپبەگنىڭ «مازار شېرىپ زىيارىتى» گە بېرىشنى باھانە قىلىپ خوتەن شەھىرىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، بۇزرۇكخان تۆرەمنىڭ نامىدا بىر پارچە خەت پۈتۈپ مەقسەت- مۇددىئالىرىنى ئاشۇ ھىيلە- نەيرەڭلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى بۇنىڭ پولاتتەك دەلىلى بولالايدۇ. موللا مۇسا سايرامى ؛ «تارىخىي ئەمىنىيە» دە : «گەپنىڭ قىسقىسى شۇكى، مەن قەشقەر زېمىنىغا كەلگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. بۇ جايلاردىكى مازار- ماشايىخلارنى قەدىر- ئەھۋال كەڭتاشا زىيارەت قىلدىم. ئەمدىكى ئارزۇيۇم ئىمام جەئىفەرى سادىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەۋەرۇك قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىش ئىدى. ھاجى پادىشاھ ئاغام مەرھەمەت قىلىپ رۇخسەت ئەيلەپ يول بەرسە، زىيارەت قىلىپ يانسام دېگەن ئۈمىد بىلەن مەقسىتىمنى ئىزھار قىلىپ بۇ نامىنى يازدىم ۋەسسالام.»دېگەن ۋەقەنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ياقۇپبەگنىڭ قورچاق ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن، ھەرخىل ھىيلە- مېكىر، قاپقان- توزاقلارنى قۇرۇپ، خوتەندىكى ھەبىبۇللا ھاجى پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، خوتەننى بىسىۋالغانلىقىنى تەپسىلى بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، «ئۆزى باش بولۇپ ئۇلۇغ مازارلارغا نەزىر- نۇزۇراتلار قىلىپ، خەتمە- قۇرئان ئوقۇتۇپ، ساۋابىلىرىنى مازارلارنىڭ روھىلىرىغا بېغىشلىغان» ھەمدە بۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان بولۇپ، مەيلى قەشقەر، يەكەن ياكى ئاقسۇ، كۇچا بولسۇن، قەيەرنى بېسىۋالغان بولسا، شۇ جايدا كەڭ كۆلەملىك نەزىر- چىراغ پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. شۇ ئارقىلىق «مازار تاۋاپ قىلىش»، «مازار زىيارەت قىلىش» پائالىيەتلىرىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇۋەتكەن ۋە كەڭ ئاۋام خەلقنىڭ رايىنى ئۆزىگە مايىل قىلىۋالغان.

دېمەك، يۇقۇرىقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، كېيىنكى تارىخىمىزدىمۇ گەرچە مازار تاۋاپ قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان سوپى- ئىشانلار ئاللىقاچان تارىخ سەھنىسىدىن غايىپ بولۇپ، قارا تۇپراقنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئوخشاش ئۇلارنىڭ مازار- مەقبەرەلىرى تاكى زامانىمىزغىچە كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق تاۋاپگاھلىرىغا ئايلىنىپ كەلگەن. بۇنى 50- يىللارنىڭ باشلىرىدىكى «ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىپ، يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش » مەزگىلىدە، قەشقەرگە خىزمەت گۇرۇپپىسى بولۇپ چۈشكەن زاھىر ساۋدانوفنىڭ «قەشقەر تەسىراتلىرى» ناملىق ئەسلىمىسىدىكى: « ئاپاق خوجام مازىرى يېنىغا بارغاندا، يول جاي-جايلاردىن كەلگەن ئات – ئۇلاغ، ھارۋا، ئادەملەر بىلەن تولغانىدى، بۇ نېمە ئىشتۇ، دەپ بىر مويسېپىت ئادەمدىن سورىدىم. ئۇ كىشى ماڭا : بۇلار يېزا- يېزىلاردىن، ناھىيە- ناھىيىلەردىن دۇئا – تىلاۋەت قىلغىلى كەلگەنلەر. بۇنداق پائالىيەت ھەر يىلى بىر قېتىم بولىدۇ، بۈگۈن شۇنداق كۈن. بەزىلەر قوي سويۇپ، بەزىلەر يوپۇق يېپىپ، ئىش قىلىپ قانچىلىك ئاتىيالىسا، شۇنچىلىك نەرسە ئەكىلىپ، نەزىر- چىراغ ئۆتكۈزۈپ، دۇئا- تىلاۋەت قىلىدۇ. بەزىلەر ئاپاق خوجامنى بىر ئايلىنىپ كېتىدۇ. بەزى ئاياللار ئاللادىن، ئەۋلىيا- ئەنبىيالاردىن بالا تەلەپ قىلىدۇ. بەزى ئاياللار ئەرلىرىگە ئىنساپ- تەۋپىق تىلەيدۇ، دەپ چۈشەندۈردى.»[دېگەن بايانىدىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

قىسقىسى، 16- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئومۇميۈزلۈك كۈچىيىشكە باشلىغان سوپى – ئىشانلىق 20 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىغا قەدەر بولغان ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدىكى كۆلىمى ئەڭ كەڭرى، تەسىرى ئەڭ چوڭ، قاتناشقۇچىلىرى ئەڭ كۆپ، داۋاملاشقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان مازار تاۋاپچىلىقى ھادىسىسىنى پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى نۇرغۇن ئەقىدە، كۆز قاراشلىرى ئىسلامىيەت ئىدىيىسى ۋە ئادەتلىرى ئىچىدە ئىسلامىيەت تەلىماتلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغانلىقنىڭ مەھسۇلى ۋە يەرلىك، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇيغۇر ئىسلام دىنىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنىڭ دەلىلى ئىدى.