ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتتە چېكىنىشىدىكى تارىخى سەۋەپلەر

غالىب بارات ئەرك

ئۇيغۇرلار قەدىمكى دەۋردە تەرەققى قىلغان شەرق خەلقلىرىدىن بىرى ئىدى، ئەمما يېقىنقى 3- 4 ئەسىردە تەرەققىياتى ئەڭ قالاق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟

1 . تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى تېنچلىق بولمىغان

تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق بىلەلەيمىزكى 1600- يىلىدىن 1900- يىلىغىچە بولغان 300 يىل ئۇيغۇر جەمئىيىتى پۈتۈنلەي ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالغان ھەممە يەرنى قان ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان جەمىيەتكە ئايلانغان. سەئىدىيە خاندانلىغىنىڭ ئادىللىغى بىلەن داڭ چىقارغان سۇلتانى ئابدۇكېرىمخاننىڭ قەستكە ئۇچرىشى بىلەن خاندانلىق خارابلىشىشقا يۈزلەندى. خانلىق دائىرىسى خانزادىلەرنىڭ ئۈستۈنلۈك، بايلىق، خانلىق، تېروتورىيە (زېمىن) تالىشىدىغان ئۇرۇش سەھنىسىگە ئايلاندى، بىر مەزگىل گۈللەنگەن بۇ دۆلەت ھالاكەتكە يۈزلەندى. سۇلتان سەئىدخاندىن باشلانغان سۇپىلارغا مۇرىت بۇلۇش ئەۋجىگە چىقىپ پۈتكۈل خەلق بىرقانچە توپقا بۆلۈندى، ئەسلىدىن خانىقالاردا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان سوپىلار ھۇقۇق تالىشىش كۈرەشلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى ھەمدە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، مۇرىتلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ ھاكىميەت تالىشىش كۈرەشلىرىدە ئاز بولمىغان قىرغىنلارنىڭ بىۋاستە سەۋەپپكارىغا ئايلاندى. ئاخىرقى ھىساپتا سوپىلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ۋە ھىلە مېكىرلىرى، سەئىدىيە ئەۋلاتلىرىنىڭ ئىقتىدارسىزلىغى تۈپەيلى 1680- يىلى ھاكىميەت ئۇيغۇرلاردىن جوڭغارلارنىڭ قولىغا ئۆتتى، سوپىلار جوڭغارلارنىڭ سادىق غالچىلىرىغا ئايلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ قورچاق ھاكىميىتىنى تىكلەشكە مۇيەسسەر بولدى. سوپىلارنىڭ جوڭغارلار ياردىمىدە تىكلەنگەن بۇ قورچاق ھاكىمىيىتى ئەمەلىيەتتە خەلقنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىپ بايلىق توپلاپ ئۇنى خوجايىنلىرىغا سوۋغا قىلىپ خەلقنى تېخىمۇ دەھشەتلىك ۋەيرانچىلىققا گىرىپتار قىلدى. سوپىلارنىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمى ئاستىدا ئۇيغۇر خەلقى جوڭغارلار ئۈچۈن سېلىق تۆلەپ، قۇل دېدەك تۇتۇپ بەردى. پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارى سوپىلارنىڭ ”ئاق تاغلىق“ ۋە ”قارا تاغلىق“ تىن ئىبارەت ئىككى مەزھەپنىڭ ھاكىمىيەت، مۇرىت، بايلىق تالىشىدىغان، ئۆز- ئارا قىرغىنچىلىق قىلىشىدىغان ھالاكەت مەيدانىغا ئايلاندى. بۇ ئىككى مەزھەپ قىرغىنچىلىق قىلىشقاندىن سىرت ئۆزلىرىنىڭ سوپىستىك ئېدىيىسى بويىچە مەدەنىيەتنى قاتتىق تەقىپ قىلىپ مەدەنىيەتنى خەلق تۇرمۇشىدىن ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن يۇقاتماق بولدى، جۈملىدىن مەدەنىيەت ئەرباپلىرىنىمۇ قىرغىن قىلىپ يۇقاتتى. ھاكىمىيەت جوڭغارلار ۋە ئۇلارنىڭ ھامىيلىغىدىكى سوپىلارنىڭ قولىدىن مانجۇ – چىڭ ئىمپىرىيىسىگە ئۆتكەندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چېرىك ھۆكۈمرانلىرى بىر تۈركۈم يەرلىك فىوداللار بىلەن ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ، خەلققە ئېغىر زۇلۇملارنى سالدى. نەتىجىدە پۇقرالار ئېغىر زۇلۇمغا قارشى كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ قىلغان بولسىمۇ ئىنتايىن دەھشەتلىك باستۇرۇلدى، ئۈچتۇرپان جىگدە يېغىلىغى ( پۈتۈن خەلق قىرغىن قىلىپ يۇقۇتۇلغان دىگەن مەلۇماتلار بار ) ۋە ھەر قېتىملىق قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن خەلقنىڭ يۇرت ماكانىنى تاشلاپ باشقا يۇرتلارغا كۆچىشى، شىمالى شىنجاڭدا قىرغىن قىلىپ ئادەم قالمىغاندا ( مەھمۇدكاشغەرى ‹‹ تۈركى تىللار دىۋانى ›› دا بۇ يەردە خېلى ۆكپ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىغى، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى بولغانلىغىنى يازغان) جەنۇپتىن ئاھالە كۆچۈرۈشى شۇنىڭ مىسالىدۇر.
خەلقنىڭ قوزغىلاڭلىرى ھە دىگەندىلا مەغلۇپ بۇلۇپ تۇردى، سەۋەبى ئۇلارنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى شەكىللەنمىگەن، تارىخ دانكو ياكى ئاتا تۈرك مۇستاپا كامال كەبى رەھبەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرمىگەنىدى، ئازاتلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ نىشانى پەقەت زۇلۇمنى يۇقۇتۇشلا بولغىنى ئۈچۈن ئىنقىلاپتىن خوجىلارمۇ پايدىلىنىپ ئۆز ھاكىميىتىنى تىكلەشكە تىرىشتى، خوجىلارنىڭ توپىلاڭلىرىمۇ خەلقنىڭ تالاپەت تارتىشىغا سەۋپچى بۇلۇپ زىيانلارنىمۇ كەلتۈردى.
19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە خەلق بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئازاتلىق ئۈچۈن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ خوتەن، قەشقەر، كۇچار ۋە غۇلجىلاردا ھاكىمىتىنى تىكلىدى، لېكىن ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلغۇدەك باشچىلار بولمىغانلىقتىن خوتەندە ھەبىبۇللا ھاجى، كۇچاردا راشادىنخان كەبى سوپى- زاھىت ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن خەۋەرسىزلەر رەھبەرلىك قىلىپ بۆلۈنمە ھالەتتە خانلىق قىلىشتى. ئۇلاردا ۋەتەن، خەلق، مىللەت ئېڭى بولمىغانلىقتىن بىرلىشىپ ھاكىميەت قۇرۇپ خەلقچىل سىياسەت يۈرگۈزۈشكە قادىر بولالماي ئاقىۋەت خەلقنىڭ غالىبىيەت مېۋىسىنى قوقانلىق رەڭۋاز ياقۇپبەگنىڭ ھىلە- مىكرى ئالدىدا تارتقۇزۇپ قويدى. ئىلى سۇلتانلىغى، ئۈرۈمچى- سانجى خۇيزۇ ھاكىمىيىتى، كۇچار راشىدىنخان خوجا ھاكىمىيىتى، خوتەن ھەبىبۇللا خوجا ھاكىمىيىتى ۋە قەشقەر بۇزرۇك خوجا (ئەمەلىيەتتە بەدۆلەت ھاكىمىيىتى بۇلۇپ ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جاھانگىر خوجىنىڭ ئوغلى بۇزرۇك خوجىدىن پايدىلانغان) نىڭ ئۆز- ئارا ئىستىلا ئۇرۇشلىرى يۈز بەردى ۋە ياقۇپبەگنىڭ جەنۇبى شىنجاڭ ھەم تۇرپان، ئۈرۈمچىلەرنى ئىگەللەپ ئاتالمىش ” بەدۆلەت يەتتە شەھەر ھاكىمىيىتى“ نى قۇردى. 1878- يىلى چىڭ سۇلالىسى ھەممىنى يېڭىپ ئۆزىنىڭ نىسپى ھالدىكى تېنىچلىق ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزگىچە يەنىلا ئۇرۇش داۋام قىلىپ كەلدى. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ باقساق، جۈملىدىن ئەينى ۋاقىتتا ئۇرۇشقا بىۋاستە قاتناشقان، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىغىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن تارىخچى ئالىمىمىز موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخى ھەمىدى» ، « تارىخى ئەمىنىيە» كىتاپلىرىنى كۆرىدىغان بولساق بۇ ھەقتە يېتەرلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز. مىسال:
«ئاتالىق غازى يىگىتلىرى، سەرۋازلىرى ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن چارچىدى، قوللىرى قاپاردى. ئاتىلىق غازى قۇشۇنىغا ئەگىشىپ كەلگەن قاسساپلارنى ۋە خوتەندىكى ياقا يۇرتتىن كەلگەن مۇساپىر قاسساپلارنى چاقىرىپ كېلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىدى. قاسساپلار خەندەك لېۋىدە تۇرۇپ ئادەملەرنى بۇغۇزلاپ خەندەككە ئىتتىرىۋەردى…. شۇ قېتىم تۆت تۈمەن ئادەم ھالاك بولغان بولسا كېرەك.»
قەدىرلىك كىتاپخانلىرىمىزغا بۇ خىل قىرغىنچىلىقتىن تېخىمۇ كۆپ پاكىتلارنى كۆرسىتىپ بېرەلەيمىز. چۈنكى بىزنىڭ تارىخىمىز بۇ خىل قىرغىنچىلىقلار بىلەن تۇلۇپ كەتكەن. قان ھىدى، ئادەم ئۇستىخانلىرى تارىم ۋادىسىنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىغان ئىدى. ” ئۇيۇشقاق، يەڭگۈچى، ئەقىللىق“ مەنالىرىغا ئىگە خاسىيەتلىك نامى بار ئۇيغۇر خەلقىمۇ بىر ئۇچۇم مەزھەپچى، بايلىقخۇمار، ھۇقۇقپەرەست، ئۇرۇشپەرستلەر تەرىپىدىن ئۇرۇش قاينىمىغا مەجبۇرى سۆرەپ كىرىلدى. خەلق ئۆز ھاياتىغىمۇ كېپىللىك قىلالمايدىغان، ئەتىسىگىمۇ ئىشەنچ قىلالمايدىغان بۇلۇپ قالدى. ئەشۇ بىر ئۇچۇم رەزىل شەخسلەر ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەتى، پاراغەتلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن مىللەتنى، خەلقنى، ۋەتەننى، كەلگۈسىنى، ئەۋلاتلارنى پۈچەك پۇلغا (ئەرزىمەس شەخسى مەنپەئەتىگە) سېتىۋەتتى، ئۇيغۇر دىيارى ھالاكەتكە يۈزلەندى.
1678 – يىلىدىن 1685- يىلىغىچە جوڭغارلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىستىلا قىلىش ئۇرۇشلىرى بولدى، ئاق تاغلىقلارنىڭ داھىسى ئاپپاق خوجا دالاي لاماغا باش ئۇرۇپ مەدەت تىلىشى بىلەن پۇرسەت كۈتۈۋاتقان جوڭغارلار سەئىدىيە ئۇيغۇر دولىتىگە ھۇجۇم قىلدى. ئاپپاق خوجىنىڭ ئاق تاغلىق مۇرىتلىرى ئىچىدىن ماسلاشتى، شۇنىڭ بىلەن جوڭغارلار غەلىبە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ھۆكۈمرانلىغىغا ئالدى.
1755 – يىلى چىڭ سۇلالىسى شىمالى شىنجاڭنى ئىستىلا قىلدى.
1759 – يىلى چىڭ سۇلالىسى چوڭ – كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلاڭىنى تىنچىتىپ شىنجاڭنى ئۆز ھۆكۈمرانلىغىغا ئالدى. قارا تاغلىق ۋەتەنپەرۋەرلەر ئاق تاغلىق دۈشمەنلىرىنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسىنىڭ غەلىبە قىلىشىدا ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىپ زور تۆھپىلەرنى قوشتى.
1765- يىلى ئۈچتۇرپان ئۇيغۇرلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈردى، بۇ مەشھۇر جىگدە يېغىلىغى بۇلۇپ چىڭ سۇلالىسى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن بارلىق ئاھالىنى قىرغىن قىلىپ تۈگەتتى.
1803- يىلى يۈسۈپ خوجىدىن پايدىلىنىپ قوقەنلىكلەر پاراكەندىچىلىك سالدى.
1820- يىلىدىن 1828 – يىلىغىچە جاھانگىر خوجىنىڭ كۆپ قېتىملىق توپىلاڭى بولدى.
1845 – يىلى قەشقەردە ئۇيغۇر ۋە قىرغىز دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.
1847- يىلى يەتتە خوجا توپىلىڭى بولدى.
1852- يىلى ۋەلىخان تۆرە تۆت قېتىم بېسىپ كىرىپ نۇرغۇن قىرغىنچىلىق قىلغان ۋە جاللاتلىق قىلىپ نەچچە كاللا مۇنارى ياسىغان.
1854- يىلى قەشقەردە دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.
1857- يىلى ئاتۇش مىس كان ئىشچىلىرى، مەمتىلى باشچىلىغىدا كۇچار دېھقانلىرى، خوتەننىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلاڭ قىلغان، ۋەلىخان تۆرىمۇ توپىلاڭ كۆتۈرگەن.
1858- يىلى قەشقەردە بىر قىسىم دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.
1860 – يىلى يەكەندە، 1862- يىلى خوتەن، كۇچار، بايلاردا قوزغىلاڭ بولغان.
1864- يىلى كۇچا دېھقانلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غەلىبە قىلغان ھەمدە راشىدىنخان ھاكىميىتى تىكلەنگەن.
1864- يىلى خوتەن دېھقانلىرى قوزغىلاڭ قىلىپ غەلىبە قىلغان ھەمدە ھەبىبۇللا ھاجى ھاكىميىتى تىكلەنگەن.
1864- يىلى ئىلى خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غەلىبە قىلغان ھەمدە ئىلى سۇلتانلىغىنى قۇرغان.
1864- يىلى سىدىق بەگ قەشقەرنى ئىشغال قىلغان.
1865 – يىلى قوقەنتلىك قوشبېگى ياقۇپبەگ ئاق تاغلىقلاردىن بۇزرۇگ خوجىنى ئۆزىگە قالقان قىلىپ قەشقەرگە كىردى ھەم ئاق تاغلىق خوجىلار بۇزرۇگ خوجا ئۈچۈن ئۇلارنى قوللىدى. ئۇ چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن يۇقۇتىلغىچە ھەر خىل ئۇرۇش ۋە قىرغىنلار بۇلۇپ تۇردى.
1871- يىلى چارروسىيە چىڭ سۇلالىسى بىلەن تۈزۈلگەن توختام بويىچە ئىلى سۇلتانلىغىنى ئىشغال قىلدى.
1875- يىلى چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنلىرى شىنجاڭغا يۈرۈش قىلدى. 1878- يىلى چىڭ سۇلالىسى پۈتۈن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ جەنۇبى شىنجاڭ ۋە ئۈرۈمچى، تۇرپان رايۇنلىنى ئىشغال قىلدى.
1881- يىلى چىڭ سۇلالىسى(قاراخان) چارروسىيە (ئاقخان) غا 70 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر زېمىن ۋە بەش مىليون 9000 سەر كۆمۈش ئۇرۇش چىقىمى تۆلەپ ئىلىنى قايتۇرىۋالدى.
يۇقۇرىدا كۆرگىنىمىزدەك نۇرغۇن قوزغىلاڭ ھەم توپىلاڭلار بولدى، خەلقنىڭ غەلىبە قىلغان، مەغلۇپ بولغان دەۋىرلىرىمۇ بولدى، ئەمما كەڭ خەلق ئاممىسىغا ھىچبىر مەنپەئەت نېسىپ بولمىدى. چۈنكى خەلق ئىنتايىن تۆۋەن ئاڭ سەۋىيىدە بولغىنى ئۈچۈن پەقەت چېرىك، مۇستەبىت ھاكىميەتنى ئاغدۇرۇشنىلا مەقسەت قىلغان بۇلۇپ كونكىرىت نىشان بولمىغان، ئۇلادا مەخسۇس ھاكىميەتچىلىكنى چۈشەنگۈدەك سەۋىيە، سىياسى پېروگىرامما تۈزگۈدەك ئىقتىدار بولمىغانلىقتىن غەلىبە مىۋىسى ھە دىگەندە بىر ئۇچۇم سوپى – زاھىت، خوجا- ئىشانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى ياكى شۇلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلدى، خەلق ئىككى سوپىلار مەزھىپىنىڭ مۇرىتلىرىغا ئايلىنىپ كەتكىنى ئۈچۈن بىر توپ قوزغىلاڭ قىلسا ئىككىنچى بىر تەرەپ ئۇلارغا قارشى تۇردى، نەتىجىدە ھۆكۈمرانلار ئۇيغۇرلارنىڭ ”ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورىدى“.
سەئىدىيە ئۇيغۇر دۆلىتى دەۋرىدىن باشلاپ ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىقلار ھاكىميەت يۈرگۈزسە ياكى ھاكىميەتكە تەسىر كۆرسىتەلىسە ئىككىنچى بىرتەرەپنى قاتتىق قىرغىن قىلدى، ئەگەر بىر مەزھەپ خەلق قوزغىلاڭى بىلەن ھاكىميەت تىكلىسە ياكى قوزغىلاڭغا ئىشتىراك قىلسا ئىككىنچى بىرى ئۇلارغا قارشى مەيداىدا تۇردى، مەسىلەن: ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ رەھبىرى قارا تاغلىقلار تەسىرىدىكى سەئىدىيە خانلىغىنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن دالاي لاماغا باش ئۇرۇپ جوڭغارلارنى باشلاپ كېلىپ مۇرىتلىرىنى ئىچكى جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر خەلقىنى جوڭغارلارغا قۇل قىلىپ بەردى. قارا تاغلىق خوجىلار بولسا جوڭغارلار ۋە ئۇلارنىڭ ھامىلىغىدىكى ئاق تاغلىق خوجىلار ھاكىمىيىتىنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسىغا يول باشلىدى (قارا تاغلىق خوجىلار شۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر زېمىنىدە ۋاڭ، گۇڭ مەنسەپلىرىگە ئېرىشىپ بىر مەزگىل خەلقنى ئېزىپ پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈردى، قۇمۇل ۋاڭلىرى، كۇچار ۋاڭلىرى، تۇرپان- ئىلى خوجىلىرى شۇلارنىڭ مىسالى) ۋە مۇرىتلىرى ئىچكى جەھەتتىن ماسلاشتى. گەرچە كۇچا ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا ھاكىميەت تىكلەنگەن بولسىمۇ خەلققە نەپ ئېلىپ كېلەلمىدى. بۇ ھەقتە تارىخچى موللا مۇسا سايرامى ئەپسۇسلانغان ھالدا «… كۇچا خوجىلىرىدىن راشىدىن خوجام دىگەن مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىنىڭ مازىرىدا دۇئا تەلەپ بىلەن ياتقان، ھىچ كىشى بىلەن ئارىلاشمايدىغان ۋە دەرۋىش تەرىقىسىدە ئۆمۈر ئۆتكۈزىۋاتقان بىر ئادەم ئىدى … ئاق كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ، بۇرۇنقى سۇلتانلىق قائىدىسى بويىچە خانلىق تەختىدە ئولتۇرغۇزدى … بۇ شەھەرلەردە ناھايىتى كۆپ غەزىنە- مۈلۈك، قورال- ياراقلارغا ئىگە بولدى، ناھايىتى كۆپ غەزىنە توپلاندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇلۇق مۇھەممەت ياقۇپ بېك ئاتالىق غازىنىڭ قولىغا چۈشتى. ئۇلار شۇنچىلىك دۆلەت ھۆكۈمەتكە ئىگە بۇلۇپ، نۇرغۇن مال- مۈلۈك توپلىغان چاغلاردا يا ئۆزىنىڭ بىرەر ئۇرۇق- قاياشلارىغا رەھىم ۋە شەپقەت قىلىپ باقمىدى، يا بىرەر دۇئاگۇي، ئەھلى پەزىل ۋە ھۈنەرۋەنلەرگە كەڭرى ئىنئام ۋە ئېھسان قىلىپ، ئۇلارنىڭ مال دۇنياغا بولغان ئېھتىياجىدىن چىقمىدى، يا بىرەر دەريا- ئۆستەڭگە كۆۋرۈك سالدۇرۇپ ياخشىلىق قىلمىدى، يا مېچىت خانىقا بىنا قىلىپ، كۆل قۇدۇقلارنى كولىتىپ ۋەخپە ئەشيالار توختاتمىدى …. نەمۇنە ئەسەر قالدۇرماي نام نىشانسىز كەتتى. ئۇلاردىن ھىچبىر نەمۇنە يادىكار ياكى ياخشى ئىش باقى قالمىدى …. » دەپ لەنەت ئۇقۇيدۇ. ئالىمنىڭ بايانىغا قارىغاندا بۇ خىل لەنەتكە يەنە خوتەن پادىشاھى ھەبىبۇللا ھاجىمۇ دۇچار بۇلۇپ ئۇمۇ خەلق ئىنقىلاپ قىلىپ ھاكىميەتنى ئېلىپ پادىشاھلىققا ئولتۇرغۇزسا ئۇمۇ ئوخشاشلا خەلق ئۈچۈن قىلچىلىك ياخشى ئىش قىلىپ بەرمەستىن غەزىنىنى ئالدى بىلەن بەدۆلەتنىڭ كېيىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ قولىغا ئوشۇغى بىلەن چۈشۈشىگە سەۋەپچى بولغان. ئىلى سۇلتانلىغىنى ئېيتساق 10 يىللىق ھاياتىدا قانچە سۇلتان ئالماشتى؟ شۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە.
ۋەلىخان تۆرەنىڭ قىلمىشىنى كۆرسەك: ” ۋەلىخان تۆرەم كاشىغەرنى مۇھاسىرە قىلىپ، قىشلاق ۋە كەنتلىرىنى قولغا كىرگۈزۈپ …. تۆت كاللا مۇنارىسى ياساپتۇ. مۇنارنىڭ ئىگىزلىگى ئون ئىككى گەز مىقدارى كېلەتتى دەيدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئۆزى بەڭ چېكىش، ھاياسىز ئىشلارنى قىلىش ۋە قان تۆكۈشتىن ھىچقانداق ئۆزىنى تارتىپ ئېھتىيات قىلمايدىكەن.“ خەلق ئېتىقات قىلغان خوجىلار مەغلۇپ بۇلۇپ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاچقىنىدا قىرغىنچىلىققا يەنىلا ئازاتلىققا، باراۋەرلىككە ئىنتىلگەن، باراۋەرلىك، ئادەمدەك ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان خەلق قانلىق قىرغىندا قالدى. ئىلى قايتۇرىۋېلىنغاندا 50 نەچچە مىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ يۇرت ماكانىنى تاشلاپ چاروسىيە دائىرىسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈشى، روسىيەلىك ظا.ن. كۇرپاتكىننىڭ « قەشقەرىيە » ناملىق كىتابىدا يازغان «جوڭگۇلۇقلار بۇ ۋەقەنى ” خوجىلار يېغىلىقى“ دەپ ئاتايدۇ. بۇ ۋەقەنىڭ نەتىجىسىدە 20000 تۈتۈن يەنى 100000 كىشى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقىنىدىن ، قەشقەر، يەكەن ۋە ئاقسۇلاردىكى يۇرت ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، خوجىلارنىڭ كەينىدىن تاغقا چىقىپ كەتتى … بۇ قېتىمقى قاچ- قاچ 1- ئايدا يۈز بەردى. شۇ كۈنلەردە شىۋىرغان ئارىلاش قاتتىق قار يېغىۋاتقان بۇلۇپ، بۇ ئاچ يالىڭاچ كەمبەغەللەرنىڭ كۆپچىللىگى ئىز دېرەكسىز يوقالغان»، بۇ ۋاقىئەلەر ھەر قېتىملىق قوزغىلاڭلار ھەم قوزغىلاڭلار مەغلۇبىيىتىدىن كېيىنكى قاتتىق قىرغىنچىلىقلار بولغانلىغىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ھەقىقەت شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردىكى گەرچە خەلق قوزغىلىپ مۇستەبىت ھەم چېرىك ھاكىميەتنى ئاغدۇرۇشنى كۆزلىسىمۇ ئۇلاردا ئەشۇ زۇلۇمنى يۇقۇتۇشتىن ئۆزگە نىشان بولمىغان، ئۇلاردا بىرەر سىياسى پېروگىرامما بولمىغان ھەم بولىشىمۇ مۈمكىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى خەلقتە ئۇنچىلىك ئىقتىدار بولمىغان، ئۇلاردا بىرەر سىياسى نىشان ئورتاق ئېتىقات بولمىغىنى ئۈچۈن قان تۆكۈپ ئىنقىلاپ قىلسىمۇ بىرلىشەلمەستىن بۆلۈنۈپ ياشاپ بۆرىگە يەم بولغان. ئۇلارنىڭ قىسقا ھاكىميەتلىرى، قوزغىلاڭلىرى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن خەلق يەنىمۇ قاتتىق دىشۋارچىلىققا دۇچار بولغان جۈملىدىن يۇرت ماكانىنى تاشلاپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان.
چارروسىيە ئىلىنى چىڭ سۇلالىسىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئاھالە روسىيە تېروتورىيىسىگە كۆچتى. موللا مۇسا سايرامى «بۇ يەتتە شەھەرنى سەرەنجام قىلغاندىن كېيىن، يەتتە شەھەردە قىرىق مىڭ چېرىك تۇرغۇزۇشقا ھۆكۈم قىلدى. لېكىن ئىلىنى ئىگەللىگەن چاغدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ھالاكەتكە گىرىپتار قىلغان ئىدى. نۇرغۇن ئادەم تەرەپ تەرەپكە قېچىپ ئىلى ئەتراپىدا ئادەم گۇروھى ئاز قالدى… » ، دىسە « خاقان مەنسەپدارلىرى بۇ يەتتە شەھەردە تۆرەمگە يار بولغان ياكى تۆرەمنىڭ ئىشىنى تۇتۇپ خىزمەت قىلغان ئادەملەرنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ چارۋا مال ۋە زېمىنلىرىنى ئولجا قىلىپ، ئونمىڭدىن كۆپرەك خوتۇن-قىز ۋە ئوغۇل رىسىدە- نارىسىدە بالىلارنى ئولجا ئەسىر قىلىپ ئۇ تەرەپ لەنجۇ ئۆلكىسى، بۇ تەرەپ ئىلى، چۆچەككە ئېلىپ بېرىپ، خىتايلارغا تاپشۇرۇپ ۋە خىزمىتىگە تۇتۇپ بەردى» دەيدۇ.
2. ئىسلامىيەتتىن چەتنىگەن سوپىستىك دىنى ئەسەبىلىكنىڭ ئېلىپ كەلگەن جاھالەتنىڭ ۋەيرانچىلىغى
قازاق ئالىمى چوقان ۋەلىخانۇپنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى سوپىلارنىڭ ئىككى گۇروھىغا بۆلۈنۈپ كەتكەن بۇلۇپ قەشقەر، ئاقسۇ، كۇچارلاردا ئاقتاغلىقلار مەزھىبىدىكى ئاھالە كۆپ بولسا، يېڭىسار، ياركەند، خوتەنلەردە قاراتاغلىق خوجىلارغا مۇرىت بولغان ئاھالىلەر كۆپ بولغان. ئۇلار ھەربىر شەھەر يۇرتلاردىمۇ مۇرىتلىرى ئارقىلىق خەلقنى پارچىلىغان بۇلۇپ ئۆز- ئارا ئالاقىمۇ قىلمايدىغان بولغان ( مىسال قىلساق قەشقەر شەھرى ئاھالىسىنىڭ شەرقى شىمال تەرەپتىكىلىرى ئىچىدە ئاق تاغلىقلار كۆپ ساننى، غەربى جەنۇپ مەھەللە كەنتلىرىدە قارا تاغلىقلار كۆپ بولغان)، ئۆز- ئارا پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاق ۋە قارا تاقى كەيگەن، ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق ناملىرىمۇ شۇندىن كەلگەن. بىز تارىخى پاكىتلاردىن ئەينى ۋاقىتتا سوپىزىمنىڭ قانچىلىك يامراپ كەتكەنلىگىنى، نادان خەلقنىڭ سوپىزىمنىڭ كىشەنلىرىدە مەنىۋىيەت جەھەتتىن قانداق خاراپلاشقانلىغىنى كۆرۈپ باقايلى:
« ئاللا خاسلىغى خوجاملارغا خاس ياكى ’ئاللا خوجام‘ دەپ خوجاملارغا ھەددىدىن زىيادە ئەقىدە ۋە ئىخلاس قىلىپ، ئۇلارنى ھەممىدىن يۇقۇرى مەرتىۋىلىك دەپ ھىساپلاپ، ئاللا بىلەن خوجاملار ئارىلىقىدا تۇرىدىغان ھىچقانداق بىرەر يۇقۇرى مەرتىۋىلىك ئىنسان ياكى جاننىڭ بۇلىشىنى ئېتىراپ قىلمايدىكەن ۋە يول قويمايدىكەن … ئۇلارغا ناھايىتى يۇقۇرى ئەقىدە باغلاپ ، ئاتلىرىنى يىلقا ئۇيۇرى بىلەن، قويلىرىنى قوتىنى بىلەن ۋە قىزلىرىنى قىزلىق ئىپپەتلىرى بىلەن، سىكىلەك بولسا سىكىلەكلىكى بىلەن ئېلىپ كېلىپ خوجاملارغا تارتۇقلاپ، نەزىر ھەدىيە قىلىپ ’ئەمدى بىزگە ھىچقانداق نەرسە لازىم ئەمەس‘ دەپ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ ’ئاللا خوجام‘ دەپ تونىغان ئىدى.»
بۇندىن باشقا يەنە« تەزكىرەئى ھىدايەت» قاتارلىق ئەسەرلەردىنمۇ سوپىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىسلام دىنىغا مۇخالىپ، كۇپرىلىق بىلەن ئۆزلىرىنى ئاللا بىلەن تەڭ ئۇرۇنغا قۇيۇپ تەرغىپ قىلغانلىغىنى بىلىۋالالايمىز. بىز گەرچە پۇقرالارنى سوپىزىمغا ھەممىسى بۇ دەرىجىدە ئىخلاس قىلىدۇ دەپ قارىمىساقمۇ ، سوپىزىمنىڭ تەسىرىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر بولغانلىغىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۆزلىرىنى ئاللا بىلەن تەڭ ئۇرۇنغا قويغان بۇ سوپىلار نىمىنى تەرغىپ قىلىدۇ؟ دوتسىنىت ئىبراھىم نىياز بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«سوفىزىمنىڭ تۈپ غايىسى ئىنسانلارنى تەركى دۇنيالىققا باشلاپ، رىئال دۇنيادىن، ئىجتىمائى تۇرمۇشتىن يۈز ئۆرۈپ خىيالى دۇنيادا كۆرىدىغان <راھەت> غېمىنى قىلىشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت ».
خەلقىمىز ئەقىدە قىلغان« ئۆزلىرىنى دىنى ئىسلامغا بېغىشلىغان خۇدانىڭ ئاشىقلىرى» ئىسلام ئەقىدىلىرىگە مۇخالىپ بولغان قىلمىش ئەتمىشلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى ”سەئىد- مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى“ دىيىشىپ ساپ ئەقىدىلىك مۇسۇلمانلارنى ئالداپ، خەلقنىڭ مۇھەممەت ئەلھەيكىسلامغا بولغان ئەقىدىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنى نىقاپلاپ خەلقنى تەركى دۇنيالىققا باشلاپ ئۆزلىرىگە ئىخلاس قىلغۇچىلارنى › جەننەت‹كە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، خەلقنى ئۆزلىرىگە مايىل قىلىشتى، بۇ دۇنيانىڭ ياخشىلىغىغا مۇيەسسەر بولالمىغان خەلقىمىز ئۇ دۇنيادا جەننەتتە بولسىمۇ راھەت كۆرۈشنى، ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ ئادەمدەك ياشاشنى ئىستىدى، شۇڭا خوجىلارغا ئىشىنىپ ئۇلارغا مۇرىت بولدى. سوفىزىمنىڭ بۇنچە كۈچۈيۈپ كېتىشىدە ئەينى دەۋىرنىڭ قەلەمدە ھەم ئەلەمدە يېتىلگەن پادىشاھلىرى سۇلتان سەئىدخان ۋە سۇلتان ئابدۇرەشىتخانلارنىڭ سوپىلارغا مۇرىت – مۇخلىس بولغانلىغىمۇ سەۋەپچى بولغان ئىدى، ئۇلار خان- سۇلتانلارنىڭ ئۆزلىرىگە مۇرىت بولغان پۇرسەتتە سىياسى جەھەتتىنمۇ پايدىلىنىپ (مەسىلەن، مۇرىتلىرىنىڭ باج- سېلىغىنى كەچۈرۈم قىلىشىنى تەلەپ قىلىش) ئۆز مۇرىتلىرىنى كۆپەيتكەندىگەن قاراشلارمۇ بار.
خوجا ئىشانلار ئۆزلىرىنى ھەق كۆرسىتىش ئۈچۈن « سۇدا ماڭالايمىز، ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەيمىز، ئاسماندا ئۇچالايمىز، توپىنى يىمەك ئىچمەك، ئالتۇن كۆمۈشكە ئايلاندۇرالايمىز، يامغۇر ياغدۇرالايمىز، بىرلا ۋاقىتتا بىرقانچە جايدا زاھىر بولالايمىز، سۈپكۈشلەپ كېسەل داۋالايمىز، غايىپنى بىلىمىز، قول تەككۈزمەستىن نەرسىلەرنى يۆتكىيەلەيمىز، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلار بىلەن سۆزلىشەلەيمىز» دەپ ساختا كارامەتلىرىنى ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ، ھەرخىل ھىيلە- مىكىرلەرنى قوللىنىپ خەلقنى ئالداپ، ئۇلارنىڭ ئەقىدە- ئىشەنچىگە ئېرىشكەندىن كېيىن خەلقىمىزنىڭ ماددى – مەنىۋى دۇنياسىغا ھۇجۇم قىلدى. نەتىجىدە ئۇلار بارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۇرۇپ چاقتى، بۇزدى، ئوت قويدى، ۋەيران قىلدى. مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇپ، مەدەنىيەت سورۇنلىرىنى سوپىلىق پائىلىيەت سورۇنلىرى خانىقالارغا ئايلاندۇردى. خەلقنىڭ مەدەنىيەت سورۇنلىرى – مەكتەپ، مەدرىس، كۈتۈپخانىلار سوپىلارنىڭ ئاياغ ئاستىدا ۋەيران بولدى. ئاۋامنى مەدەنىيەتتىن ۋاز كېچىشكە قىستاپ مەدەنىيەتنى مەنئى قىلدى. كىمىكى سوپىلار بىلەن قارشىلاشسا خۇددى خوجا جاھان ئەرشى، بابا رەھىم مەشرەپ ۋە مىرزا شاھ مەھمۇت جوراس كەبى قەستكە ئۇچراپ پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ھەقتە« جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا» ناملىق ئەسەردە يېزىلغاندەك:« ئاپپاق خوجا ۋە ئاپپاق خوجىچىلار (بىز بۇ يەردە ئاق تاغلىق خوجىلارنىلا ئەمەس، قارا تاغلىق خوجىلارنىمۇ بىر قاتاردا تۇنۇشىمىز لازىم) زامانىسىدا قەشقەرىيەدە مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىلىم – پەن، ئەدەبىيات – سەنئەت، مۇزىكا، ناخشا، ئۇسۇل، گۈزەل- سەنئەت، تىياتىر، سېرىكچىلىك، تىبابەتچىلىك، مەتبەچىلىك، تەرجىمە, خەتتاتلىق … قاتارلىق بارلىق ئىلمىي پائىلىيەتلەرنىڭ ھەممىسى قەتئى مەنئى قىلىۋېتىلگەن. بۇنداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ”كاپىر“ ، ”جادۇگەر“، ”مۇرتەد“لەر ھىساپلىنىپ جازاغا تارتىلىپ تۇرغان، ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ھەتتا خەت يېزىشنى ئۈگۈنۈش، ساز ئۈگۈنۈش، ياساش، مەشرەپ ئويناش، ئويۇن- كۈلكە، خوتۇن-قىزلار پەرەنجىسىز ئاشكارە يۈرۈش قاتارلىق ئادەتتىكى ئىجتىمائى ئىنسانچىلىق خىسلەتلىرىمۇ قەتئى مەنئى قىلىۋېتىلگەن. پۈتۈن جەمئىيەتتە قۇرئان ۋە ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق يېزىلما ئەسەرلەر، بۇلۇپمۇ مىللى ئەسەرلەر، خاتىرە، نەمۇنىلەر، كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، يوق قىلىپ تاشلانغان. ئىلىم- مەرىپەت ئورۇنلىرى بۇزۇۋېتىلگەن، چەكلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئورنىغا زىكرى سۆھبەت خانىقالىرى، گۈلەخ، سازايى ھەمىدانلار (توۋا قىلدۇرۇش ئورۇنلىرى)، خوجا، ئىشانلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى، ئەمەلدار بىنالىرى دەسسىتىلگەن.
پۈتۈن جەمئىيەتتە دۇئا- تىلاۋەت، خەتمە، ئىستىغپار ئۇقۇش (ئاللاھتىن گۇناھىنى تىلەپ تۇرۇش) ئاممىۋى ئىجتىمائى مەشغۇلاتقا ئايلاندۇرۇلغان.»
«تەزكىرەئى ئەزىزان» قاتارلىق ئەسەرلەردىن مەلۇمكى ” ئاق تاغلىق“، ”قارا تاغلىق“ خوجىلارنىڭ دەستلەپكى باشچىلىرى بىر تۇغقان بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا نوپۇز تىكلەش ئۈچۈن كۆز قاراشلىرىدا ماھىيەتلىك پەرق بولمىسىمۇ خەلقنى ئىككىگە بۆلۈپ مەزھەپچىلىك قىلغان. ئۇلار ئۆز- ئارا نىزاھ قىلىشىپ، خەلقنى ئۇرۇش جىدەلگە سېلىپ قان تۆكۈپ مەڭگۈ ئورنىنى تولدۇرۇپ بولغۇسىز تارىخى جىنايەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بارلىق پاجىئەلىرى، يامان كۈنلەرگە قېلىشى پۈتۈنلەي سوپىلارنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرىدىن بولغان. پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى جاھالەت قاپلاپ پۈتۈن خەلق قاراڭغۇلۇق دۇنياسىغا غەرق بولدى.
3. ئېغىر زۇلۇم خەلقنى ھالىدىن كەتكۈزىۋەتكەن
ھاكىميەت بېشىدا ئولتۇرغان ھەرقانداق ھۆكۈمران ئۆز ھۆكۈمىنى قول ئاستىدىكى ئەمىر ئەكابىرلىرى ئارقىلىق يۈرگۈزىدۇ، ھۆكۈمران قانچە چېرىك، خىيانەتچى ۋە پارىخور بولسا قول ئاستىدىكىلەرمۇ شۇنچە چېرىك، پارىخور ۋە خىيانەتچى بولىدۇ. تارىخىمىزنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق ئەنە شۇنداق چېرىك، پارىخور، خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ كۆپ ئۆتكىنىنى بىلەلەيمىز. ھۆكۈمران ۋە قولچۇماقلىرىنىڭ چېرىكلىگى، پارىخورلىغى تۈپەيلىدىن خەلق ئۈستىدىكى باج سېلىق كۆپۈيۈپ كەتكەن، خەلق قاتمۇ- قات زۇلۇم دەستىدىن ياشاشقىمۇ ئامالسىز قالغان. بىر تەرەپتىن خان ۋە ئۇنىڭ ئامبال، دوتەيلىرى زۇلۇم قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن، نائىنساپ بەگلەر، خوجىلار، شەرىئەتنى دەستەك قىلىۋالغان موللىلار ھەرخىل ئالۋاڭ- ياساق، باج- سېلىق، ئۆشرە- زاكات، پىترە يىغىپ زۇلۇم سالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ سادىق قۇل غالچىلىرى بەگلەر بولسا باج ۋە سېلىقنى ھەسسىلەپ يىغىپ ئۆزىنى بېيىتىش بىلەن بىرگە ئامبال، دوتەيلەرگە سوغا – سالام ، پارا بېرىپ تېخىمۇ چوڭ ئىمتىيازلار ئۈچۈن (توغرىسى خەلقنىڭ قېنىنى تېخىمۇ بەك شوراش ئۈچۈن) ھەرىكەت قىلدى، خەلق قاڭغىر قاخشاپ جان تەسلىم قىلىۋاتسا ئامبال، دوتەي، بەگ- غوجانلار ئۆزلىرىنىڭ پاراغەتلىك تۇرمۇش پەيزىنى سۈردى، نەتىجىدە زۇلۇمغا چىدىمىغان خەلق نۇرغۇن قېتىملىق قوزغىلاڭلار قىلىپ مۇستەبىت، چېرىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرماق بولدى. خوتەنلىك تارىخچى مۇھەممەت ئەلەمنىڭ « تارىخى ۋەتەن ۋاقىئاتى خوتەن» ناملىق ئەسىرىدە ئەينى دەۋىردىكى باج- سېلىقنىڭ 65 خىلى خاتىرلەنگەن ئىكەن. چىرىك چىڭ سۇلالىسى چېرىكلىكتە مەنسەپنى باھا قۇيۇپ ئېلان چىقىرىپ سېتىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن بۇلۇپ ئەمدى بىز چىڭ سۇلالىسىنىڭ مەنسەپ سېتىش ھەققىدىكى ئېلانىغا مۇناسىۋەتلىك باياننى كۆرۈپ باقايلى:
«ھەرقانداق پۇلى بار ئادەم كۈمۈش پۇل سوۋغا قىلسا مەنسەپ بېرىمىز، دەپ بازار گۈزەرلەرگە ئېلان چاپلىدى… ھەرقانداق نامى نىشانى يوق ، ئوغرى، قىمارۋاز، سەرگەردان بولسىمۇ پۇل بەرسە ئۇنىڭغا مەنسەپ بېرىلدى…. مەنسەپنى سودىلىشىپ باھا قويۇپ ئاشكارە ساتىدىغان بولدى.»
مانا بۇنىڭدىن شۇ چاغدىكى ھاكىميەتنىڭ قانچىلىك چېرىكلەشكەنلىگىنى، بۇ سەۋەپلىك خەلقنىڭ قانچىلىك رىيازەت چەككەنلىگىنى، قانچىلىك زۇلۇمغا دۇچار بولغىنىنى قىياس قىلىش مۈشكۈل ئەمەس. دىمەك ئەينى تارىخى دەۋردە ھۇقۇق ئاچكۆز، بايلىق پەرست، پارىخورلارنىڭ، ئوغرى، قىمارۋازلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ«سۇ ئاقىدۇ سايغا، پۇل ئاقىدۇ بايغا» دىگەندەك ۋەزىيەت داۋام قىلغان، پۇقرالار ئۈستىدىكى زۇلۇم تېخىمۇ كۈچەيگەن.
قەرز ئۈچۈن، ئالبان ئۈچۈن بولدى مېنىڭ ھالىم خاراپ،
ھەزرىتى چۈنۋاڭ بېگىم ھالىمغا رەھىم ئەتكەي يانا.
كەلسەلەر ئالبانچىلار خېنە پۇلى دەپ تۇتسىلەر،
پۇل تاپالمايمەن تىنەپ ، دىشۋار بولۇر ھالىم يانا.
كېچىلەر، كۈندۈزلەرى ھەم دەرس ئوقۇر ئېردى بالام،
قەرز ئۈچۈن، ئالبان ئۈچۈن، ھەم دەرستىن قالدى يانا.
ئاقسۇلۇق مۇئەللىپ موللا توختى مۇندىن يۈز نەچچە يىل مۇقەددەم يازغان ئەسىرى«ئەرزىيەت » تىكى يۇقۇرقى بايانلار ئارقىلىق شۇنىمۇ بىلەلەيمىزكى ، زۇلۇم شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى بەگ- غوجاملار ئۆزلىرىنى ئاغىچىلىرى ئۈچۈن خېنىگىمۇ ئالۋاڭ يىغقان. بۇ خىل ئالۋاڭ، باج سېلىقلارنىڭ كۆپلىگىدىن، زۇلۇمنىڭ ئېغىرلىغىدىن خەلق ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان. دىنى ئۆلۈما، تارىخچى ئىمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇم بىر شېئىرىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:
ئۆتمۈشتە بۇ شىنجاڭغا شەن دوتەي ئىكەن مانجۇ،
ماگازا، تاۋا توكۇ، كىيگەنلىرى ساپ پاڭچۇ.
راھەتتە ياتار ئۇخلاپ پۇخراغا كۆتەرتىپ جذ،
پۇقرانى ھاقارەتلەپ سىڭكۇ بىلەن دەپ چەنتۇ،
داتاڭغا قاداپ قويغان نەيزە قېلىچ ھەم چەيدۇ.
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخ، ئەينى دەۋردىكى رىئاللىق. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى دەۋرى ۋە باشقا دەۋرلەردە بولسۇن ھۆكۈمرانلارنىڭ ئېغىر زۇلۇملىرى خەلقنى پۈتۈنلەي ھالىدىن كەتكۈزىۋەتكەن. مۇشۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا تېنچلىقنىڭ بولماسلىغى، سوفىزىمنىڭ بېسىمى، ئىقتىسادى قىيىنچىلىق خەلقنى ئۆزىنىڭ مەدىنىي مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلەلمەيدىغان قىلىپ قويغان. خەلق ماددى، مەنىۋى بايلىقلىرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولغان.
”پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا“ دەيدۇ ئۇيغۇر دانالىرى، دەرھەقىقەت پۇل بولمىسا ھىچ ئىش ئاقمايدۇ، پۇل دىمەك ئىقتىساد، كاپىتال، مەبلەغ دىمەكتۇر. يۇقۇرىدا كۆرگىنىمىزدەك ئۇرۇش ۋە دەھشەتلىك ئېزىشلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىگىلىگىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغان بۇلۇپ سوپىزىمنىڭ تەركى دۇنياچىلىق تەشەببۇسى بۇ ۋەيرانچىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. مەيلى جوڭغارلار بولسۇن ياكى چىڭ سۇلالىسى بولسۇن خەلقنىڭ مەدەنىيەت مائارىپ ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشى، قوللىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى خەلق پەن- مائارىپ ئارقىلىقلا ھاياتلىق يولىنى، باراۋەرلىكنى ھەتتا ئۇلارنى ئاغدۇرۇپ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بۇلۇش يولىنى تاپالايتتى، ھۆكۈمرانلار ئۇيغۇرلارنى ئاداققى ئۆز ھۆكۈمىدە تۇتۇشنى مەقسەت قىلىدىغان تۇرسا بۇنى قانداقمۇ خالىسۇن؟ ئۆز – ئۆزىنى تۇنىغان، مىللەتپەرۋەرلىگى ۋۇجۇتقا كەلگەن مىللەتلا مەڭگۈ ئۆز مەۋجۇتلىغىنى كاپالەتلەندۈرەلەيدۇ، بۇنى پەقەت ھەقىقى پەن- مائارىپلا ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. شۇڭا بۈيۈك مۇتەپپەككۈر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىلىم بىلەن كۆككە چىققىلى بولىدىغانلىغى، قۇلنىڭ قۇللۇقتىن خالاس بولالايدىغانلىغىنى مۇندىن مىڭ يىل مۇقەددەم بىزگە جاكا قىلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى غالچىسى ياڭ زېڭشىننىڭ خەلقنى مەڭگۈ نادانلىق كىشەنىدە كىشەنلەپ تۇرۇش ئۈچۈن پەن مائارىپنى قاتتىق چەكلەپ، خۇراپى موللىلارنى سېتىۋېلىپ خەلقنى ئىدارە قىلغانلىغى بۇنىڭ پاكىتى ئەمەسمۇ؟ 20 – ئەسىردىن ئىلگىرى ئەرشى، فۇتۇھى، موللا مۇھەممەت سادىق قەشقىرى، زوھۇرى، موللا يۇنۇس يەركەندى، غېرىبى، نىزارى، كاتىبى، موللا مۇھەممەت تۆمۈرى، نازىمى، تەجەللى… گە ئوخشاش مۇۋەپپەقيەت قازانغان بىر تۈركۈم مەدەنىيەت ئەرباپلىرى يېتىشىپ چىققان، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقيەت قازىنىشىدا مەلۇم ئىقتىسادى ئارقا تېرىگى بار ئىدى. بۇلۇپمۇ 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنىقى يېرىمىدىكى مەدەنىيەت ئەرباپلىرىمىزدىن ئابدۇقادىر داموللا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، موللا مۇھەممەت ئوغۇز ھەمرا، ئىمىنجان باھاۋىددىن… قاتارلىق بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك كىشىلەر ئىقتىسادى جەھەتتىن ئازراق بولسىمۇ ئاساسى بولغاچقىلا چەتئەلگە چىقىپ ياكى ئۆلكە مەركىزىگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلالىغان، مەكتەپ ئېچىپ ئىلىم تارقىتالىغان. ئىقتىساد يەنى پۇل بولمىغانلىقتىن نۇرغۇن ئەقىللىق پەرزەنتلەر خۇددى موللا توختى يازغاندەك ئۇقۇشتىن قېلىشقا مەجبۇر بولغان. ئىقتىساد بولمىسا قۇرۇلۇش قىلغىلى بولمىغىنىغا ئوخشاش مەكتەپ مەدرىسلەرنى سېلىپ ئىلىم مەرىپەت تارقىتىش مۈمكىن بولمايدۇ، خەلقمۇ نادان قېلىپ مەڭگۈ ”ماڭقۇرت“ بۇلۇپ قالىدۇ.

4. سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقە ئازىيىپ بېكىنمىچىلىك كۈچەيگەن
خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتتا بۇنچىلىك قالاق ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى خەلقارا مۇھىت بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇر دېڭىزچىسى يىغمىشنىڭ غەرپكە بارىدىغان دېڭىز يولىنى ئېچىشى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خۇيزۇ دېڭىزچىسى جېڭ خېنىڭ دېڭىز قاتنىشىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرىشى بىلەن شەرق – غەرپ ئالاقىسى قۇرۇقلۇقتىن ( قۇرۇقلۇق يولى بىخەتەر ئەمەس ئىدى) كۆرە دېڭىز يولىغا كۆچتى. چۈنكى كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر- بىرىگە قارشى بىرمۇنچە ئۇششاق فىئودال خانلىقلار بارلىققاكەلدى. نەتىجىدە يىپەك يولىدىن ئىبارەت بۇ شەرق – غەرپ مەدەنىيەت، ئىقتىساد- سودا لېنىيىسى تېنچ بولمىغانلىقتىن ئاستا – ئاستا ئۆز رولىنى يۇقۇتۇپ بارىدۇ. بۇ ھەقتە سابىق سوۋېتلىك مۇئەللىپلەر گافىروف بىلەن مىروشىنكوۋلار مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«يىپەك يولىنىڭ توسۇلىشى ھەمدە ياۋرۇپالىقلارنىڭ ھىندىستان ۋە جوڭگۇغا بارىدىغان دېڭىز يولىنى ئېچىپ، ئۇنى ئىگەللىۋېلىشى سەۋەبىدىن مەركىزى ئاسىيانىڭ دۇنيا بىلەن بولغان سودا قاتناش ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. غەرپ بىلەن شەرقنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يولى ئۆزگىرىپ، مەركىزى ئاسىيانى جەنۇپ ۋە شىمال تەرەپتىن ئەگىپ ئۆتىدىغان بولدى. مەركىزى ئاسىيادا يەرلىك فىئودال ھۆكۈمرانلىق كۈچەيگەنلىكتىن، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتتە ناھايىتى تېز خاراپلىشىشقا قاراپ ماڭدى.»
ئامىرىكىلىق ئاتاقلىق تارىخشۇناس ستاۋرىئانۇس ئەپەندى دۇنيا تارىخىدىن يەكۈن چىقىرىپ ‹‹ دۇنيانىڭ ئومۇمى تارىخى ›› ناملىق كىتابىدا ” دۇنيا تارىخى ئىسپاتلىدىكى بىر ئىجتىمائى گۇروھنىڭ مەدەنىيەتتە تەرەققى قىلىشى ئۇنىڭ خوشنىلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى قۇبۇل قىلالىغان قىلالمىغانلىغى بەلگىلەيدۇ. بىر ئىجتىمائى گۇروھ ئېرىشكەن ھەر خىل كەشپىياتلارنى باشقا ئىجتىمائى گۇروھلارغا تارقىتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بېرىش كېلىش قانچە كۆپەيسە ئۆز ئارا ئۈگۈنۈش پۇرسىتىمۇ كۆپۈيىدۇ. ئومۇمەن ، مەدەنىيەتتە ئەڭ ئىپتىدائى ھالەتتىكى قەبىلىلەرمۇ ئۇزاق جەرياندا بېكىك ياشىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار خوشنا قەبىلىلەرنىڭ مەدەنىيەت مۇۋەپپەقيەتلىدىن پايدىغا ئېرىشەلمىگەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا باشقا جۇغراپىيىلىك ئامىللارغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچ مىللەتلەر ئارىسىدىكى يېقىنلىشىشقا باغلىق. باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۆز ئارا تەسىر كۆرسەتكەن ئەشۇ مىللەتلەر غايەت تەرەققىياتلارغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى ئىنتايىن زور . ئەمەلىيەتتە ، ئۇلارنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشىغا تۈرتكە بۇلىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇچ كېلىدىغىنى تەرەققىيات پۇرسىتى بۇلۇپلا قالماستىن يەنە شاللىنىش بېسىمىدۇر. ناۋادا ئۆز ئارا تەسىر پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ تەرەققى قىلمىسا چۇقۇملا ئاسلىماتسىيە بۇلىدۇ ياكى يۇقۇلۇش خىرىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەكسىچە بېكىك ھالەتتە ياشىغان مىللەت سىرتتىن كېلىدىغان ئىنرتسىيىگە ئېرىشەلمىسە ، يەنە خەۋپ – خەتەر بولمىسا شاللىنىش بېسىمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەۋجۇت بولمىسا ئۇلار ئەسلىدىكى ھالىتى بۇيىچە نەچچە مىڭ يىل ياشايدۇ“. ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ئۇيغۇر خەلقىمۇ يۇقارقى قانۇنىيەتنىڭ سىرتىدا ئەمەس.
بۇ چاغدا شىنجاڭدىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئەھۋالمۇ بۇنىڭغا ئاساسەن ئوخشاش بۇلۇپ مۇسۇلمان شەرق دۇنياسى خاراپلىشىشقا يۈزلىنىپ بۇرۇنقى مەدەنى گۈللۈنۈش پۈتۈنلەي تۈگەشكەن، بۇرۇنقى ئىلىم پەن گۈللۈنىشى ئاخىرلىشىپ خۇراپىلىق ۋە مەزھەپچىلىك كۈچۈيۈپ تەپرىقى ھاكىميەتلەر كۆپەيگەن، ئۆز- ئارا نىزالار كۆپىيىپ ئىگىلىك ۋە خەلق تۇرمۇشى خاراپلاشقان. ياۋروپادا بولسا ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە بۇلۇپ ئىسلاھات، رىقابەت جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، تەبىئى پەن، ئىجتىمائى پەنلەردە ۋە سانائەتتە يېڭى بۆسۈش بولىۋاتقان ۋە سانائەت، يېزا ئىگىلىگى تەرەققى قىلىپ ماشىنىلىشىۋاتقان بۇلۇپ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلغان ئىدى. بىز بولساق بۇلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ھالدا ” قۇدۇقنىڭ تېگىدىكى پاقىدەك“ ئاسمان مۇشۇ دەپ، يۈرۈۋاتاتتۇق. نەتىجىدە ئىنسانلار تەرەققىياتىغا تۆھپە قۇشۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى« ئۇچار گىلەم»، «ياغاچ ئات» تا ئەكىس ئەتكەن ھاۋا قاتناش ئارزۇلىرىمۇ شۇ بويىچە چۆچەك بۇلۇپ قېلىۋەردى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىلىم بىلەن كۆككە چىققىلى بولىدىغانلىغى، قۇل بولسىمۇ ئىلىم بىلەن ئازاتلىققا ئېرىشەلەيدىغانلىغى ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىمۇ بىزنى ئويغىتالمىدى، بىز ئەسىرلەرنى ئىشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ كەلدۇق، ئىشەك ھارۋىسىنى ئالاھىدە قاتناش قورالى، كالا بىلەن ساپاننى ئىشلەپچىقىرىش قورالى قىلىپ ئەسىردىن ئەسىرگە كۆچۈپ كەلمەكتىمىز. ئۆزىمىزنى بېكىك ھالەتتە ساقلاپ كەلگىنىمىز ئۈچۈن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ جۈملىدىن پەرەڭ ۋە ئورۇس، جوھوت – ئەجنەبىلەرنىڭ قانداق تەرەققى قىلغىنىنى پىسەنتىمىزگە ئالمىدۇق، ۋەلسىپىت ياسىسا ”شەيتان ھارۋا“ دەپ ئاتىدۇق، مۇشۇ ئەسىردە ھەتتا ئايرۇپىلانغا «نىمە دىگەن چوڭ قۇش بۇ دەپ دان چاچقان» لىغىمىز نىمىنى ئىسپاتلايدۇ؟

5. مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتتىن تارلىققا يۈزلەنگەن
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركى خەلقلەر ياشاپ كەلگەن ئانا ماكان بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئەل فارابى، مۇھەممەت خارەزەمى، مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، جامال قارشى، ئەھمەت يۈكنەگى، ئىمائىددىن كاشغەرى، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ … كەبى بىرمۇنچە پەيلاسوپ، ئەدىپ- ئالىملار ياشىغان بۇلۇپ ماتىماتىكا (ئەلجەبىر)، ئەدەبىيات، ئىلمىي كىمىيا، ئىلمىي مەنتىق، ئىلمىي نۇجۇم، پەلسەپە، تىبابەت، ناخشا-ساز قاتارلىق ساھەلەردىن خېلى ياخشى ئىلمىي مۇۋەپپەقيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. موڭغۇللار دەۋرىگە كەلگەندە ئالىملىمىزنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى موڭغۇل ئىمپىرىيىسى بىلەن ناھايىتى كەڭ دائىرىگە تارقىلىپ ئۆزىنى نامايەن قىلدى ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. مەسىلەن: ئەدىپلەردىن سەئدۇللا، سەۋىنىچ ھىيا، مازۇچاڭ، شۈئاڭفۇلارنى، يېزا ئىگىلىك ئالىمى تۆمۈر تۆبرۈك (لۇ مىڭسەن)، ئۇزۇقلۇقشۇناس قۇسقۇي، يېزىقشۇناس تاتاتۇڭا ۋە چوسگىخودرىز، تەرجىمان ئەنتساڭ ۋە بىلاناشىل، سىياسىئون لىئەن شىشەن، ئەھمەت، ئۆمەر، ئاستۇرنوم جامالىددىن، بىناكار ئەختەرىدىن، ياراغشۇناس ئالاۋىددىن ۋە ئىسمايىل، رەسسام گاۋكۇكۇن، ئالىملاردىن چىنشىمىڭ ۋە شەمسىدىن، دېڭىزچى يىغمىش، تارىخشۇناس لىئەنخۇيشەن…. قاتارلىقلارنىڭ تۆھپىسى سۆزىمىزگە دەلىل بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا باشقىلارنىڭ ئىلغار ئىلىم ۋە تەخنىكىلىرىنى ئۈگۈنۈش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئىلغار نەرسىلىرىنى خوشنا ئەللەرگە ئۈگەتكەن. تۆمۈر، كۆمۈر، مىس، بۇغداي، پاختا … لارنىڭ شىنجاڭدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن بالدۇر بولىشى، خەنزۇ تىلىدىكى تۆمۈر سۆزىنىڭمۇ تۈركى تىلدىكى تۆمۈردىن قىسقىراپ 铁 بۇلۇشى، يۇقارقى تەخنىكىلارنىڭ شىنجاڭ ئارقىلىق ئىچكىرىگە تارىلىشى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانداقتۇر ئەكىلىشپەرۋەر مىللەت بولماستىن، باشقىلار مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى قۇبۇل قىلالايدىغان ھەم ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرىنى باشقىلارغا تەغدىم قىلالايدىغان مىللەت ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەمما ئۇيغۇر جەمئىيىتى 16- ئەسىردىن باشلاپ سوپىزىمنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىدى، سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ ئادالەتلىك سۇلتانى سەئىدخاندىن باشلاپ خانلارنىڭ سوپىلارغا مۇرىت بۇلۇشى تۈپەيلىدىن خوجا- ئىشانلار رايۇنىمىزدا ناھايىتى تېز كۆپەيدى، مۇرىتلىرى كۈنسىرى ئاشتى. تەسىر دائىرىسى زورايغان سوپىلار قۇرئان، ھەدىس ۋە سوپىلىق كىتاپلىرىدىن باشقا بارلىق مەدەنىيەتنى چەكلىشى ھەم بۇ خىل تەقىپنىڭ ئۇزۇن داۋام قىلىشى ئۇيغۇر خەلقىنى مەڭگۈ تولدۇرۇپ بولمايدىغان زىيانلارغا گىرىپتار قىلدى. ئۇيغۇر خەلقى سوپىلارنىڭ دەھشەتلىك روھى قۇل قىلىشى، ئۇلارنى غالىبىيەت يولىغا، ھۆرلۈككە باشلايدىغان ئىلىم يولىدىن مەھرۇم قىلىشى بىلەن ئۇلار روھى قۇللۇققا چۈشۈپ قالدى. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مىللەت روھى يۇقۇلىدىكەن شۇ مىللەت يوقالماي قالمايدۇ، ئۇيغۇر روھى يۇقالغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىتى ئەۋۋەل جوڭغارلارغا ئاندىن چېرىك چىڭ سۇلالىسىغا ئات- ئىشەك ئورنىدا ئىشلىدى.
سوپىلار ئۆزلىرىنى ئاللا بىلەن تەڭ ئۇرۇنغا قۇيۇپ، ئىسلام ئەقىدىلىرىگە مۇخالىپ ئىش قىلىپ، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پۈتمەس، تۈگۈمەس ۋەيرانچىلىق ۋە خارلىق ئېلىپ كەلدى. ئۇلار مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى بۇزۇپ، مەدەنىيەتنى مەڭگۈلۈك يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن تىرىشتى. مەكتەپ مەدرىسلەرنى سوپىزىملىق پائىلىيەت سورۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ساپ ئەقىدىلىك ئۇيغۇر خەلقىنى روھى قۇللارغا ئايلاندۇردى. سوپىلار ھاكىميەت بېشىغا چىققان ۋە قورچاق ھۆكۈمدار بۇلۇپ تۇرغان ۋاقىتلاردا قۇرئان ۋە ھەپتىيەك بىردىنبىر ئۇقۇشلۇققا ئايلاندى. قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىمۇ سوپىزىم ئىدىيىلىرى بويىچە تەپسىرلەندى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەنى سوپىلار تەخىتتىن چۈشكەن ئەمما تەسىرى يەنىلا چوڭقۇر بولغان چاغلاردا مائارىپ ئاستا- ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى، ئەمما ئىجتىمائى پەنلەر مۇتلەق ئاساسى ئورۇننى تەشكىل قىلدى. تەبىئى پەنلەر ۋە تېخنىكىلار (ھۈنەر سەنئەت) ئاساسەن ئۇنتۇلدى، ئۇقۇتۇش دائىرىسى بەكمۇ تار بۇلۇپ قالدى. نەشىرياتچىلىق، باسما ئىشلىرىمۇ ئۇنتۇلۇپ قولدا كۆچۈرۈدىغان قالاق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. شۇ دەۋىر ئىجتىمائى جەمئىيىتىگە نەزەر سالساق پەقەت شائىر، تەرجىمان، تىۋىپلەرلا يېتىشىپ چىقتى، ھۈنەر سەنئەت يەنىلا ناتۇرال ئىگىلىك باسقۇچىدا تۇرۇپ قالغىنى ئۈچۈن ھىچقانداق تەرەققىياتقا ئېرىشەلمىدى. ھۆكۈمران چىڭ سۇلالىسىمۇ ئەسلىدىنلا قالاق بىر مەدەنىيەتنىڭ ۋەكىلىگە ئايلانغىنى ئۈچۈن ئۇلارمۇ ئۇيغۇر خەلقىگە ھىچقانداق بىر مەدەنىيەت ئاتا قىلالمىدى، ئەكسىچە ھۆكۈمرانلىغىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پايدىلىق توڭچى (تەرجىمان) يېتىشتۈرىدىغان مەكتەپتىن بىرقانچىنىلا ئاچتى. شۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلاردا تەسىر قىلغۇدەك، ئۇلاردا ئويغۇنۇش پەيدا قىلغۇدەك بىرەر مەدەنىي تەرەققىيات، يۈكسىلىش بولمىغىنى ئۈچۈن خوشنىلىرىمۇ ئۇيغۇرلارغا ھىچقانداق ئىجابى تەسىر ئاتا قىلالمىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن مۇسۇلمانلار دۇنياسى خارابلىشىپ، چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن بۇلۇپ ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئەنە شۇ ئىسلامىيەت دۇنياسى بىلەن ئالاقە قىلاتتى، ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكۈدەك بىرەر ئىلغار مەدەنىيەت ئۆز خوشنىلىرى ئارىسىدا بولمىغىنى ئۈچۈن دوكتۇر ئەسەد سۇلايمان ئېيتقاندەك ” ئەسھابۇل كەھەب“ ئۇيقۇسىغا غەرق بولغان ئىدى. ”تەغدىر تۇغۇلۇشتىنلا پىشانىسىگە يېزىلغان بۇلىدۇ“ دەپ قارىغان خەلقىمىز ھەممىنى خۇدادىن، مازار ماشايىقلاردىن ئاھ ئۇرۇپ ئىزلەيدىغان روھ چىرمىۋالغان بۇلۇپ، ”يارىتىش مېنىڭدىن يارىلىش ئۆزۈڭدىن“ نى ئۇنتۇغان ئىدى، ”جەننەت قېلىچ سايىسىنىڭ ئاسىتىدا“ دىگەننى چۈشەنگەنۇ جەننەتنى قانداق ھالدا قۇرۇشنى بىلمىگەن.
ئۇيغۇر خەلقى پۈتۈنلەي ئەنە شۇنداق چۈشكۈن، قالاق دۇنيا مۇھىتىنىڭ ئىچىدە بۇلۇپ غەرىپنىڭ يېڭى مەدەنى مۇۋەپپەقيەتلىرىدىن پەقەت 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى توغرىراقى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خەۋەر تاپتى ؤة« … بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس، ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىدۇر! جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس ئىلىم- پەن دەۋرىدۇر. سۇسلۇق ۋە بىكارلىق دەۋرى ئەمەس تىرىشىش ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر. باشقا مىللەتلەر ئىلىم مەرىپەت سايىسىدە ھاۋادا ئۇچۇپ پەرۋاز قىلماقتا، سۇ ئاستىدا بولسا خۇددى قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك ئەركىن ئۈزۈشمەكتە. بىز تېخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتماقتىمىز. ئۇيقۇ ئۆلۈمنىڭ بۇرادىرى ۋە مۇقەددىمىسىدۇر. بۇ ھالەتتە دائىم ئۇخلىماق يۇقۇلىش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر !ھېلىھەم ۋاقىت ۋە پۇرسەت بار… » دەپ چۇقانلار سالدى. 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىغا كەلگەندە ئاندىن بۇ ھالەت ئۆزگىرىشكە باشلىدى.
خۇلاسە قىلغاندا، ئۇيغۇرلار 1600- يىلىدىن 1900- يىلىغىچە بولغان 300 يىل جەرياندا تۈرلۈك قىسمەتلەرگە دۇچار بۇلۇپ مەدەنىيەتتە چېكىنىپ كەتتى، بۇرۇنقى جەڭگىۋارلىغىنى يۇقاتتى. ئەمما ئۇ ئۆتمۈش، ھەرگىزمۇ ھازىر مەدەنىيەتتە ئالغا باسالماسلىغىمىزنىڭ سەۋەبى ئەمەس، ھازىر مەسئۇلىيەتنى ئۇلاردىن ئىزلەش ئۆز مەسئۇلىيىتنى باشقىلارغا ئىتتىرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، لېكىن تارىخى ساۋاقلارنى قۇبۇل قىلىشىمىز ، سەۋەنلىكلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ ئۇنى تۈزۈتىشىمىز لازىم. ئەمدى، مانا ئىنسانىيەت 21- ئەسىرگە ئۆزىنىڭ تۈرلۈك يېڭىلىقلىرى بىلەن زامانىۋىلىشىپ كىرسىمۇ بىز تولىمۇ تۆۋەن ئاڭدا مەس ۋە ئەلەڭ- سەلەڭ ھالدا، كۆپىمىز ئىشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ كىرىپ كەلدۇق، بىز داۋاملىق مۇشۇنداق يۈرسەك ئەۋلاتلىرىمىز بىز توغرىلىق نېمە دەپ يەكۈن يازار تارىخ بېتىگە؟