ئۇيغۇرلارنىڭ قايماق تارىخى

ئۇيغۇرلارنىڭ قايماق تارىخى

قايماق- كالا ، ئۆچكە ، قوي قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ سۈتىدىن ئېلىنىدىغان ھەر خىل ۋىتامىنلارغا تويۇنغان بىر خىل ئەلا سۈپەتلىك ياغ بولۇپ ، ئۇ قەدىمكى ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە بىرىنچى دەرىجىلىك ھۆل تەبىئەتلىك ئىسسىق بولۇپ ، كونىرىغانچە ئىسسىقلىقى بىلەن ھۆللۈكى كېمىيىدۇ ۋە سەپراغا مايىل بولىدۇ ، دەپ قارالغان . بۇ ئەلا سۈپەتلىك ياغ ماددىلارنى پىشۇرۇش ، بەدەننى سەمرىتىش ، توسالغۇلارنى ئېچىش ، گالنىڭ يىرىكلىكىنى يوقىتىپ ، ئاۋازنى ساپ قىلىش ، قۇرۇق يۆتەلنى پەسەيتىش ، ئىچكى – تاشقى ئىششىقلارنى تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە دەپ قارىلىپ ، شۇ خىل كېسەلگە بۇيرۇلىدۇ .

قايماق يۇقارقىدەك ئەلا سۈپەتلىك دورىلىق قىممىتى بىلەن قەدىمكى زامانلاردا ئوتتۇرا ئېقلىم تېۋىپلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان . جەنۇبىي سۇلالىلەر دەۋرىدە ئۆتكەن تاۋخۇڭجىڭ دېگەن كىشى غەربىي يۇرت تېۋىپلىرى ھەققىدە يازغان ‹‹ مەشھۇر تىۋىپلار خاتىرىسى ›› ناملىق ئەسىرىدە غەربىي يۇرتتىن كىرگەن داڭلىق دورا قايماق ھەم ئۇنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيىتىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرا ئېقلىم تىۋىپلىرىغا تونۇشتۇرغان .

مىلادىيە 6 – ۋە 7 – ئەسىرلەردىن باشلاپ ، يىپەك يولىنى بويلاپ شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئېقلىمغا ئېلىپ بېرىلغان تىببى دورا – دەرمەكلەر قاتارىدا قايماقمۇ ئىچكىرى جايلارغا تونۇلغان . ھەتتا ‹‹ ئاممىباپ ماقالىلەر ›› قاتارلىق كىتاپلاردا قايماقنى ‹‹ غەلىتە يېمەكلىك ›› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاتاپ ، قايماقنى تىۋىپلاردىن باشقىلار چۈشەنمەيدىغانلىقى يېزىلغان .

تاڭ دەرۋرىدە قەشقەردە تۇغۇلغان بۇددىزم تەرجىمەشۇناسى ، نوم – تەپسىرلەر شەرھى ئۇستازى پىرخۇيلان ‹‹ بارلىق نوم تەپسىرلىرى ›› ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە قايماق ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن . شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تېۋىپ خەنباۋ ‹‹ يەن دورىگەرلىكى ›› دېگەن كىتابىدا ، ‹‹ قايماق مايغا ئوخشاش بولۇپ ، قىشتا ئۇيۇمايدۇ ، يازدا ئېرىپ كەتمەيدۇ ، غەربىي دىياردىن كېلىدىغان ئېسىل دورا بولغاچقا ، ئاز پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ ›› دەپ يازغان .

شىنجاڭدىن چىقىدىغان قايماق مىلادىيە 6 – ۋە 7 – ئەسىرلەردىن باشلاپ ئوتتۇرا ئېقلىم تېۋىپلىرىنىڭ تېببىي ئەسەرلىرىدە كۆرۈلۈپ ، ‹‹ ئېسىل دورا ، قالتىس شىپالىق ، ھەممە دورىلاردىن ئەلا ›› دېگەندەك ماختاشلارغا سازاۋەر بولۇپلا قالماي ، بەلكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تەرجىمە قىلىنغان بۇددىزىم نوم – سۇترالىرىدىمۇ ‹‹ ئۇيغۇر قايمىقى ›› دېگەن نام بىلەن ياخشى ئىش ، ياخشى ئادەملەرگە تەمسىل قىلىدىغان ئادەتمۇ شەكىللەنگەن .

شىنجاڭنىڭ قايمىقى يەنە ياپونىيىگىمۇ تارقىلىپ ، قالتىس شۆھرەتكە ئېرىشكەن . مەسىلەن : تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى ۋە بەش دەۋرى مەزگىلىدە ياپونىيىنىڭ 60 – ئەۋلات پادىشاھى ئۆزىگە ‹‹ قايماق ›› دەپ ئىسىم قويغان . بۇ سۆز ئەڭ ياخشى پادىشا دىگەن مەنىنى بىلدۈرگەن . مىلادىيە 5 – ئەسىرگە كەلگەندە قايماق دورىلىق بۇيۇم سۈپىتىدە يىپەك يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئېقلىمغا تارقىلىپ ئىشلىتىلگەن . مىلادىيە 8 – ۋە 9 – ئەسىردە شىنجاڭنىڭ قايماقلىرى يىپەك يولى ئارقىلىق تاكى ياپونىيىگە تارقىلىپ بارغان .

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە قايماق ئىزچىل ئىشلىتىپ كېلىنگەن ۋە نۇرغۇن رېتسىپلارغا كىرگۈزۈلىشى بىلەن بىللە ، دورا – دەرمەكلەرگە ئارىلاشتۇرۇپ ، ئىستېمال قىلىشمۇ تەۋسىيە قىلىنغان . مەسىلەن : قايماقنى مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل بىلەن يىسە ، كۆكرەكتىكى ئارتۇق خىلىتلارنى پىشۇرۇپ چىقىرىدۇ . قايماقتا سۈتنىڭ تەركىبىدە بولىدىغان ۋېتامىنلار ، يەنى نىكوتىن كىسلاتاسى ، كاروتىن قاتارلىق ۋىتامىنلار بار