ئۇيغۇرلارنىڭ تىل- يېزىق تارىخى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئۇيغۇرلارنىڭ تىل- يېزىق تارىخى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە ، بۇمەريەم سۇلتانئېزىز

بۇمەريەم سۇلتانئېزىز

ئۇيغۇر تىلى دېگەن بۇ سۆز ئېيتماققا ۋە يازماققا تولىمۇ ئاددىي ۋە قىسقا. ئەمما مەنە، خاراكتېر ۋە ئەھمىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ سۆز « ئۇيغۇر» سۆزى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە. چۈنكى ئۇيغۇر بولمىسا ئۇيغۇر تىلى ئۆلگەن تىل قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇيغۇر تىلى بولمىسا ئۇيغۇر دەپ بىر مىللەت بار دېگىلى بولمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى تۈركىي تىللار تۈركۈمىنىڭ شەرقىي تۈرك تىل تارمىقىغا تەۋە بولغان يېپىشقاق خاراكتېردىكى مەۋجۇت تىلدۇر. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچى ئالتاي تىللىرى بىرىمى باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچتا ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىدىكى مۇڭغۇل، مانجۇ، تۇڭگۇس، كورىيە، ياپون ۋە تۈركىي تىللار تېخى بىر- بىرىدىن تولۇق ئايرىلمىغان ئىدى.
ئىككىنجى دەۋر مىلادىدىن بۇرۇنقى 4- ئەسىردىن بۇرۇنقى ئىپتىدائىي ( ئانا) تۈركىي تىل دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەۋر تۈركىي تىللارنىڭ خۇددى قار پوڭزىكىدەك بىر- بىرىگە كىرشكەن پوم ھالەتتە ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىدىن ئايرىلغان باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئاقسېپىل خارابىسى، كىرورەن خارابىسى ( ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە)، نىيە ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىكى تەكلىماكان خارابىلىرى، شۇنداقلا خوتەن رايونىدىكى باشقا قەدىمىي خارابىلەردىن تېپىلىپ، شىنجاڭ مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى يازما يادىكارلىقلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىققا ئېرىشىش تارىخىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-4 ئەسىرلەرگە سوزۇشقا بولىدۇ. بۇ تارىخىي ھۆججەتلەر ھەم بىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئەڭ دەسلەپتە ئەرەم يېزىقىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن شەكلى بولغان كاروشتى يېزىقى بىلەن ئىپادىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل يېزىق تاكى 5- ئەسىرگىچە قوللىنىلغان. ئۈچىنجى دەۋر ھېسابلىنىدىغان مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردىن مىلادى 5- ئەسىرگىچە بولغان بۇ تىل- يېزىق باسقۇچى بارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە ئورتاق بولغانلىقتىن ئورتاق تۈركىي تىل دەۋرى دېسەك بولىدۇ.
4- دەۋر، مىلادى 5- ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەۋرى بولۇپ، ئالتە يۈز يىلدىن ئوشۇق بولغان بۇ تارىخىي دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ دىن ئۆزگەرتىشى، باشقا خەلقلەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە بۇنىڭ سايىسىدە يېزىق ئالماشتۇرىشى ئۇيغۇر تىلىغا نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئەڭ قەدىمكى يېزىقى دەل مىلادى 5- ئەسىردىن 8- ئەسىرگىچە قوللىنىلغان كۆكتۈرك يېزىقى ( قەدىمكى تۈرك يېزىقى ) بولۇپ، بۇ يېزىقتىكى تارىخىي مىراسلارنىڭ ئورخۇن- يېنسەي ۋادىلىرىدىن تېپىلغىنىغا قاراپ تۇرۇپ، تىلشۇناسلاردا بۇ دەۋردە قوللىنىلغان يېزىقنى ئورخۇن ئۇيغۇر يېزىقى ياكى ئورخۇن- يېنسەي يېزىقى دەپ ئاتاش ئادىتىمۇ بار.

ئورخۇن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى تۆۋەندىكىچە:

ئۇيغۇرلارنىڭ تىل- يېزىق تارىخى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە ، بۇمەريەم سۇلتانئېزىز

ئەنگىلىيىلىك تۈركولوگ كىلاۋسۇن ئورخۇن ئۇيغۇر يېزىقىنى سوغدى يېزىقى ۋە قەدىمكى گىرىك يېزىقىدىن كەلگەن دەيدۇ. بۇ خىل قاراشتىكى ئالىملار كىلاۋسۇن بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئەمما جۇڭگو ئالىمى گېڭ شىمىننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئورخۇن ۋادىلىرىدىن تېپىلغان ئورخۇن- يېنسەي يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنىڭ كونكېرت مەزمۇنى بىزگە بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىل ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تۇرۇپ تۈزۈپ چىققانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
مەسىلەن: يېرىم ئاي شەكلىدىكى ھەرىپى، « y,ay» تاۋۇشلىرىنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلغان. ئوق شەكلىدىكى بۇ بەلگە بولسا «q, uq, oq, qo, qu » تاۋۇشلىرىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، « oq» ( ئوق) سۆزى تا ھازىرغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەردە ئوخشاش مەنىنى ساقلىماقتا. ئۇندىن باشقا، ئۆي مەنىسىدىكى « eb» كەلىمىسى مۇنۇ ھەرىپنىڭ ئاستىغا ئادەمنىڭ بېشىغا ئوخشايدىغان كىچىك بىر چەمبەر سىزىش بىلەن ئىپادىلەنگەن. بۇ مىساللار ئورخۇن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ يېزىقى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
تارىخىي تېپىلمىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ئورخۇن يېزىقى 5- ئەسىردىن 8- ئەسىرگىچە قوللىنىلغان.
قەدىمكى تۈرك ( ئورخۇن) يېزىقىدا يېزىلغان ئەسەرلەردىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىرى، « تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى»، « كۈلتېكىن مەڭگۈ تېشى»، «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى »، « كۈلىچۇر مەڭگۈ تېشى»، « ئونگىن مەڭگۈ تېشى»، « مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى»، « سۇجى مەڭگۈ تېشى» ۋە باشقىلار.

8- ئەسىرگە كەلگەندە ئۇيغۇرلار بۇددا دىنى ۋە مانىي دىنىنىڭ تەسىرىدە، سوغدى ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىجاد قىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ تىل- يېزىق تارىخى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە ، بۇمەريەم سۇلتانئېزىز

قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى 9- ئەسىردىن 12- ئەسىرگىچە قوللىنىلغان بولۇپ، ئېلىپبەسى تۆۋەندىكىچە:

ئۇيغۇرلارنىڭ تىل- يېزىق تارىخى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە ، بۇمەريەم سۇلتانئېزىز

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۈچ ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە تۆت خىل دىن ئۈچۈن خىزمەت قىلغان يېزىق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ يېزىقتا يېزىلغان تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىرىدىن بۇددا دىنى، مانىي دىنى، تەرىقەت دىنى ۋە ئىسلام دىنىغا ئائىت ئەسەرلەر مەۋجۇت.
قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان بۇددىزىم ئەسەرلىرىدىن، « ئالتۇن يارۇق»، « شۈەنجۇانىڭ تەرجىمھالى»، « ئابىدارىم كوشاۋاردى شاستر»، « قۇانشى پۇسار»، « سەكىز يۈكمەك»، « سۇترا نوملىرى»، « ئامىتابا سۇتۇر»، « مايتىرىسىمىت» ( توخرى تىلىدا ئىجاد قىلىنىپ، قەدىمكى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان) ، « يىتىكەن سۇدۇر»، « ئامىتايۇس سۇترا» قاتارلىقلار بار.
مانىي ئەسەرلىرىدىن، « ئىكى يىلتىز نوم»، « مانىي مۇخلىسلىرىنىڭ تۆۋىنامىسى» قاتارلىقلار بار.
تەرىقەت ئەسەرلىرىدىن، «ئەۋانگەلىئۇم» قاتارلىقلار بار.
ئىسلامىي ئەسەرلەردىن بولسا، « قۇتادغۇبىلىك» (ۋېنا نۇسخىسى)، « ئەتەبەتۇل ھەقايىق».
ئەدەبىي ئەسەرلەردىن، « بەشنامە»، « ئوغۇزنامە»، « قەدىمكى تۇرپان قوشاقلىرى» قاتارلىقلار بار.
قۇرئان- كەرىمنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:

ئۇيغۇرلارنىڭ تىل- يېزىق تارىخى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە ، بۇمەريەم سۇلتانئېزىز

قۇرئان- كەرىمنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامغا كىرىشى بىلەن تەڭ ئەمەلدىن قالماستىن بەلكى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى « كاشىغەر ئۇيغۇر تىلى» ( قاراخانىيلار ئۇيغۇرچىسى) يېزىقى بىلەن بىللە بىر ئەسىردىن ئوشۇق قوللىنىلغان. قۇرئان كەرىمنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلىشى ۋە « قۇتادغۇبىلىك»، « ئەتەبەتۇل ھەقايىق» لارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋە كاشىغەرچە قوليازمىلىرىنىڭ بولۇشى بۇنىڭ ئىسپاتى. قۇرئان كەرىمنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، « قۇتادغۇبىلىك» قاتارلىق تارىخىي يادىكارلىقلار ئەرەبچە ئىسلامىي ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەڭدېشىنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى ئەڭ باي تىل پاكىتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

« قۇتادغۇبىلىك» نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋە كاشىغەرچە قوليازمىسى:

ئۇيغۇرلارنىڭ تىل- يېزىق تارىخى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە ، بۇمەريەم سۇلتانئېزىز

ئۇيغۇرلارنىڭ تىل- يېزىق تارىخى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە ، بۇمەريەم سۇلتانئېزىز

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى چۈشنىشكە بولغان ئېھتىياجى ۋە قۇرئان يېزىقىنى ئۇلۇغلىشى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەب، پارىس تىللىرىنى قوللىنىشقا يۈزلىنىشى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن بولغان يېزىشمىدا يېزىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش خاھىشى سەۋەبلىك قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاستا- ئاستا ئەمەلدىن قالدى ۋە بۇنىڭ ئورنىغا كاشىغەر ئۇيغۇر تىلى( قاراخانىيلار ئۇيغۇر تىلى) ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت تىلى بولۇپ قالدى. ئەمما چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كېيىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا، ئۇيغۇرلار تۈزۈپ بەرگەن مۇڭغۇل تىلى ئېلىپبەسى تا ھازىرغىچە مۇڭغۇللار تەرىپىدىن قوللىنىلماقتا.

كاشىغەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېلىپبەسى تۆۋەندىكىچە:

كاشىغەر ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاساسلىق ئەسەرلەرگە « دىۋانۇلۇغاتىتتۈرك»، « قۇتادغۇبىلىك» (قاھىرە نۇسخىسى)، « ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، « دىۋانى ھېكمەت»، قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ بەشىنجى دەۋرى، 13- ئەسىردىن 19- ئەسىرگىچە بولغان چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرى. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىمۇ ئەرەپ ھەرىپى ئاساسىدا تۈزۈلگەن. ئابدۇراھمان جامى، ئەلشىر نەۋايى قاتارلىق ئەدىبلەر چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ مۇكەممەللىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن بولسا موللا مۇسا سايرامى قاتارلىق تارىخچى، يازغۇچىلىرىمىز چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغىچە يەتكۈزۈپ بەرگەنلەر ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ تىل دەۋرىدىكى ئەرەپ- پارس تىللىرىنىڭ ئامىلى كاشىغەر ئۇيغۇر تىلىغا قارىغاندا كۆپ. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئالتە ئەسىر داۋام قىلغاچقا نۇرغۇن ئەسەرلەر مەۋجۇت. ئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستلىرى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ئازراقلا بۆلىكى خالاس. بۇ دەۋردىكى ئاساسلىق ئەسەرلەردىن، « مۇھاكىمەتۇللۇغەتەين»، « مەجالىسۇن نەفائىس»، « خەمىسە»، « چىڭگىزنامە»، « زەپەرنامە»، « تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»، « تارىخى ھەمىدى»، « تارىخى رەشىدى»، « غازات دەرمۈلكى چىن» ۋە بۇلاردىن باشقا ساناپ تۈگەتكۈسىز ئەسەرلەر مەۋجۇت. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى مۇكەممەللىشتىن كېيىنكى تۇرغۇنلۇق ۋە تۈرلۈك تارخىي بوران- چاپقۇنلار نەتىجىسىدە ئۆز ئورنىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا بوشاتتى. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن 70- يىللىرىغىچە ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ھالدا لاتىن ئېلىپبەسىنى قوللاندى. كېيىن لاتىن ئېلىپبەسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ھازىرقى زامان دۇنيا تىللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئىپادىلەش كۈچى يۇقىرى، تارىخى ئۇزۇن بىر تىل بولغىنى بىلەن تارىخىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر يېزىق تىلى چېچىلاڭغۇ بىر ھالدا تۇرماقتا. بۇنىڭ چوقۇم سۆزلەش ۋە ئىسلاھات قىلىش كېرەك بولغان بىر ئىپادىسى، يېزىق تىلىنىڭ ئۆزىنىڭ تىلنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە تىرىشماي، خۇددى تىل خاتىرىلەش بەلگىسىگە ئوخشاش، خەلقنىڭ سۆزلەرنى يۇمىشىتىۋېتىشىگە باش ئېگىشى. مەسىلەن، قوشۇمچە قوشقاندا ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا سۆز تومۇرىنى بىللە ئۆزگەرتىۋېتىش ۋە بۇ ئارقىلىق يېپىشقاق تىل بولغىنىغا قارىماي، سۆز تومۇرىنى ئايرىش تەس بولۇش.
باش، تاش، نان، ئەپكەش، كالا، ئۆچكە قاتارلىق سۆزلەرگە تەۋلىك كېلىش، 3- شەخىس بىرلىك قوشۇمچىسىنى قوشۇپ يېزىپ باقىدىغان بولسا يېزىق تىلىدىكى بۇ خىل خاتالىقنى بايقايمىز.بۇ خىل تىل ھادىسىسى ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاشلا يېپىشقاق تىل بولغان تۈرك تىلىدا يوق دېيەرلىك. تۈرك تىلى ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ قېلىپلاشقان تىللارنىڭ بىرى.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي باسقۇچلىرى يۇقىرىقىدەك. ئەجدادلار بىزگە ئۇيغۇرچىنى يوقىتىۋەتمەي ساق تاپشۇردى ئەمدى ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش ۋە ئۇنى كېيىنكىلەرگە قانداق تاپشۇرۇش بىزلەرنىڭ ۋەزىپىمىز.
پايدىلانمىلار: ①« بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز». قۇربان ۋەلى. شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى. 1988- يىل. 2- نەشىرى
② « ئورخۇن- يېنسەي ۋادىلىرىدىن تېپىلغان يادىكارلىقلارنىڭ تىلى»، ۋ.م. ناسىلوف (سوۋېت ئىتتىپاقى)، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2005- يىل 9- ئاي1- نەشىرى
③« قەدىمكى تۈرك يېزىقى ئابىدىلىرى تەتقىقاتى»، گېڭ شىمىن، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى 2005- يىلى 8- ئاي1- نەشىرى
④ « قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەدەبىي مىراسلار» . گېڭ شىمىن، مىللەتلەر نەشىرىياتى 2006- 6- ئاي 1- نەشىرى.

(ئەسەر ئاپتۇرى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى قەدىمكى تۈرك ئەدەبىياتى ماگېستىر ئوقۇغۇچىسى)

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تورى