ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي قورال – ياراق، مەشق ۋە ھەربىي تەشكىلىي تۈزۈمى ھۇن ۋە تۈركلەرنىڭكىگە ئاساسەن ئوخشاش ئىدى. ئۇيغۇرلار ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتە ئۇلارنىڭ بەزى ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلغان ئاساستا، ئۆزىگە خاس بولغان بەزى ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇللىرىنى ياراتقان ئىدى. ئۇيغۇرلار جەڭدە ئاساسلىقى ئاتلىق قوشۇن ئىشلەتكەنلىكى ۋە ئاتلىق قوشۇننىڭ جەڭدىكى مۇھىم رولىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇرۇشتا ئالدى بىلەن دۈشمەننىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرىنى تولۇق يوقىتىشقا تىرىشاتتى. بىزنىڭ بۇ سۆزىمىزگە بىلگە قاغاننىڭ « بىرىنچى كۈنى تابغاچنىڭ 17 مىڭ ئاتلىق ئەسكىرىنى يوقاتتىم، ئىككىنچى كۈنى پىيادە ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي يوقاتتىم »① دېگەن سۆزلىرى دەلىل بولالايدۇ. ئاتلىق قوشۇن ھەرىكەتچان ۋە جەڭگىۋار بولغاچقا، ئۇلار ئاتلىق قوشۇننىڭ يۇقىرىقى ئارتۇقچىلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. ئۇلار جەڭ قىلغاندا، كىچىك ئەترەتلەرگە بۆلۈنۈپ، دۈشمەن قوشۇنلىرىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەن قوشۇنلىرىنى ساراسىمىگە سېلىۋېتەتتى ۋە ئارقىدىنلا چوڭ قوشۇن باستۇرۇپ كېلىپ، دۈشمەن قوشۇنىنى قوغلاپ يوقىتاتتى. بۇ، ئەينى ۋاقىتتا دېھقانچىلىق مىللەتلىرىنىڭ ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئاۋال ھەر خىل ئۇرۇش سەپلىرىنى تۈزۈپ، ئۇرۇش سېپىغا تايىنىپ ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىغا قارىغاندا ناھايىتى زور ئىلغارلىق ھېسابلىناتتى. بۇنىڭدا، ئاتلىق قوشۇننىڭ سۈرئەتتىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ، دۈشمەن قوشۇنى سەپ تۈزۈپ بولغىچە ئۇلارنىڭ سېپىنى بۇزۇۋېتىپ، ئۇلارنى يوقىتىش مەقسىتىگە يېتىلەتتى، ئاتلىق قوشۇننىڭ سۈرئىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، ھەركەتچانلىقىدىن پايدىلىنىپ تېز ئىلگىرىلەپ، دۈشمەننىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىقىپ ئۇلارغا تۇيۇقسىز زەربە ئارقىلىق دۈشمەننى يوقىتىش، ئۇلارنىڭ يەنە بىر تاكتىكىسى ئىدى. مەسىلەن: مىلادىيە 151- يىلى قىرغىزلارنىڭ قارلۇق قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان بايانچۇر قاغان تېزلىكتە تەييارلىق قىلىپ، ئېرتىش دەرياسىدىن سال سېلىپ تۇيدۇرماي ئۆتۈپ، قىرغىزلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى تېخى يېتىپ كەلمىگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە بۇ جەڭدە غەلىبە قىلغانلىقى ” مەڭگۈ تاش » لاردا خاتىرىلەنگەن.
مەڭگۈ تاشلاردىكى « ئالدىن يۈرەر قىسىملىرىمنى ئەۋەتتىم …. ئاتلىق پايلاقچىلارنى مېنىڭ يىگىتلىرىم يېڭىپ < تىل > قىلىپ تۇتۇپتۇ »② دېگەن خاتىرىلەردىن، ئۇيغۇر قوشۇنلىرى جەڭگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن، قاغان دائىم دېگۈدەك چاققان ئايغاقچىلارنى ۋە ئالدىن يۈرەر قىسىملارنى ئەۋەتىش ئارقىلىق دۈشمەن ئەھۋالىنى رازۋېدكا قىلىپ دۈشمەن ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش پىلانىنى ئالدىن تۈزىۋالىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئۇلار يەنە جەڭ ۋاقتىدا كۈچلۈك دۈشمەنگە يولۇققاندا، ئۇنىڭ ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئارقا ياكى يان تەرەپتىن چىقىپ زەربە بېرىش تاكتىكىسىنىمۇ ئىگىلىگەن ئىدى. مەسىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىغا ياردەم بېرىپ « ئۆڭلۈك – سۆيگۈن توپىلىڭى »نى تىنجىتقاندا، دەل مۇشۇ تاكتىكىدىن پايدىلانغان ۋە توپىلاڭچىلارنى چېكىندۈرۈپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆز زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىشىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ھەققىدە « ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى »نىڭ 220- جىلدىدا « گو زىيى سەردارلىقىدىكى قوشۇن شىنديەندە باندىتلار بىلەن ئۇچراشقاندا، باندىتلار تاغ باغرىدا سەپ تۈزگەن ئىدى، گو زىيى دەسلەپكى ھۇجۇمدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. باندىتلار تاغدىن چۈشۈپ ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئۇيغۇرلار تاغنىڭ جەنۇبىدىن باندىتلارنىڭ ئارقا تەرىپىگە ھۇجۇم قىلىپ، جاھاننى چاڭ – توزان قاپلاپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا، باندىتلارغا قارىتىپ ئون نەچچە تال ئوقيا ئاتقاندىن كېيىن، باندىتلار ۋەھىمىگە چۈشۈپ < ئۇيغۇرلار كەلدى > دەپ چۇقان سېلىشىپ، تېرە – پىرەن بولۇپ كەتتى، پادىشاھلىق قوشۇن بىلەن ئۇيغۇر قوشۇنى باندىتلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، ئۇلارنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. دۈشمەن جەسەتلىرى پۈتۈن دالانى قاپلاپ كەتتى »③ دېيىلگەن بولسا، « يېڭى تاڭنامە » 217- جىلد « ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە »دە: « شاڭجى جېڭىدە پادىشاھ قوشۇنلىرى سەپ تارتقاندا، باندىتلار پادىشاھ قوشۇنىنىڭ سول تەرىپىگە ئاتلىق قوشۇن يوشۇرۇپ قويۇپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىماقچى بولدى. بۆكۈ قەيىن ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىنى باشلاپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، يوشۇرۇنۇپ ياتقان باندىتلارنى تولۇق تارمار قىلىپ، باندىتلارنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتتى، ئاندىن جىڭشى، بېيتىڭ ساتراپى لى سىيې بىلەن دۈشمەنگە ئىككى تەرەپتىن ھۇجۇم قوزغاپ، باندىتلارنى مەغلۇپ قىلدى ۋە چاڭئەننى قايتۇرۇۋالدى »④ دەپ خاتىرىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تاكتىكىسى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بېرىلگەن. ئۇيغۇر قوشۇنلىرى دۈشمەننى يەڭگەندىن كېيىن دۈشمەنلەرگە ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش پۇرسىتى بەرمەسلىك ئۈچۈن، ئۇلارغا داۋاملىق قوغلاپ زەربە بېرەتتى. يەنى يۇقىرىقى ياردەم ئۇرۇشلىرىدىمۇ ئۇيغۇر قوشۇنلىرى شى چاۋيىنى يەڭگەندىن كېيىن، ئۇنى تاكى خېبېيغىچە قوغلاپ بېرىپ ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن توختىغان. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى بولغان پۇسادمۇ تۈركلەرنى مەغلۇپ قىلغاندا مۇشۇ خىل قوغلاش تاكتىكىسىنى قوللانغان ئىدى.
كېچىدە ھۇجۇم قىلىش چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىشتىكى يەنە بىر خىل تاكتىكىسى ئىدى. چۈنكى دۈشمەنگە كېچىسى ھۇجۇم قىلغاندا، دۈشمەن قوشۇنلىرى باستۇرۇپ كەلگۈچىلەرنىڭ ئېنىق سانىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ساراسىمىگە چۈشۈپ قېلىپ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قوياتتى. ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ئاتلىق قوشۇننىڭ سۈرئەتتىكى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ دۈشمەن تەييارلىقسىز تۇرغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تۇيۇقسىز قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كېچىلىك ھۇجۇمى كۆپىنچە دۈشمەننىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلىشاتتى. مىلادىيە 764- يىلى ئۇيغۇر قوشۇنلىرى تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا ياردەملىشىپ، ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسى تەۋەسىدىكى لىنتەي دېگەن يەردە تۈبۈتلەرگە قارشى جەڭ قىلغاندا مۇشۇ تاكتىكىنى قوللىنىپ زور غەلىبىگە ئېرىشكەن⑤ .
ئوتتۇرا ئەسىردە قوشۇنلارنىڭ يۈرۈش قىلىشى ۋە ئۇرۇش قىلىش ۋاقتى كىلىماتنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرايتتى، چارۋىچى مىللەتلەر ئاساسلىقى ئاتلىق قوشۇن ئىشلەتكەچكە، چارۋىچىلىق ئىشلىرىنىڭ پەسىل خاراكتېرىگە ئاساسەن، كىلىماتنىڭ تەسىرىگە تېخىمۇ بەك ئۇچرايتتى.
ئۇيغۇرلار ياشىغان موڭغۇل دالاسىنىڭ ئىقلىمى قۇرغاق ھەم قىشلىقى سوغۇق ئىدى. شۇنداقلا ئاتلار ياز پەسلىدە يايلاقتا ئوبدان بېقىلغاچقا، كۈز پەسلىدە راسا سەمرىپ كۈچكە تولاتتى، شۇڭا ئۇيغۇرلارمۇ ھۇن، تۈرك قاتارلىق چارۋىچى مىللەتلەرگە ئوخشاش كۈز ۋە قىش پەسلىنى ئۇرۇش قىلىش ۋاقتى قىلىپ تاللايتتى. شۇڭا ئۇيغۇرلارمۇ كۈز ۋە قىش پەسلىدە جەڭگە چىقىپ، ئەتىياز كېلىشى بىلەن جەڭنى توختىتاتتى.
ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ ھەرىكەتچان ئۇرۇش قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ بىر جايدا مۇقىم تۇرماي ئوت، سۇ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرۈشى ـــ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىشىغا چەكلىمە پەيدا قىلاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا ياردەم قىلىپ ئۆڭلۈك – سۆيگۈن توپىلاڭچىلىرىنىڭ قولىدىن چاڭئەن بىلەن لوياڭنى تارتىۋالغانلىقىغا قارىغاندا، ئۇلار بەلكىم بۇرۇنقى ھۇن تۈرك قاتارلىق مىللەتلەر ئىگىلىمىگەن شەھەر – قەلئەلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋە قوغداش تېخنىكىسىنىمۇ ئىگىلىگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى قارا بالغاسۇن، خاتۇنبالىق ۋە بايبالىقتەك شەھەرلەرنى بىنا قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرنى قوغداش ۋە ئىشغال قىلىش تېخنىكىسىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. بىزنىڭ بۇ يەكۈنىمىزگە ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ بېشبالىقنى تۈبۈتلەرنىڭ قولىدىن قايتۇرىۋېلىشى، شۇنداقلا ئۆز ئېلىنى قوغداش ۋە قولدىن كەتكەن زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇشلىرى مىسال بولالايدۇ،
ئىزاھلار
① « بىلگە خاقان مەڭگۈ تېشى » جەنۇبىي يۈزى، 9- قۇر
② « بايانچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى »
③⑤ ليۇ زىشياۋ « ئۇيغۇر تارىخى » مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 1- قىسىم، 1- كىتاپ، 102- بەت
④ « يېڭى تاڭنامە » 6115- بەت.