ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ

ئۆزگە تىللار ئۇلۇغلىنىپ شاخلايدۇ،
يىلتىزىدىن ئورۇن ئېلىپ بىخلايدۇ.
تۇيدۇرماستىن سىڭەر-ئىچەر سۈيىدەك…
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ.

سۆزلەنسە ئۇ ھېچ قۇلاققا ياقمايدۇ،
بەزى ئۆز-ئۆزىگىمۇ ئاقمايدۇ.
ئۆزقەۋمىمۇ ئىكرام بىلەن باقمايدۇ…
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ.

«بابا» دەيدۇ تىلى چىققان بوۋاقمۇ،
«گەيزى» دېيىلۇر ۋاقتى كەلسە تۇۋاقمۇ.
دەڭلار قېنى ساقمۇ بىز يا چولاقمۇ؟
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ

«بەنمىيەن زوۋ»دەپ لەغمەننى ماڭدۇرار،
زۇۋانىنى ئۆزگە تىلغا قايدۇرار،
شۇنداق تۇرسا بىزگە كىممۇ ئار تۇرار،
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ

مېھمان كىرسە«جاۋخو»دەيدۇ خوجايىن،
«چۆپ قوش»دېسە «جامىيەن»دەيدۇ ئاتايىن.
بىلىپ كېتىشى ئۆزگە تىلنى ناتايىن،
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ.

مىڭكوخانە شەھرى مەركەز ئادىمى،
شىركەت،ھۆكۈمەت،بانكا،پوچتا خادىمى.
بولسا شۇنداق بولمىغىيدى ماتىمى،
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ

بىرى دەيدۇ روس تىلى بەك ياخشىكەن،
بىرى دەيدۇ ياپۇن تىلى ياخشىكەن.
ئۆز تىلىدەك سۆيۈملۈك تىل نەدىكەن؟
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ.

مەھمۇد بوۋام ساپلاشتۇرغان بىر چاغدا،
ئەرەب-پارس تىلنى قويغان مىڭ داغدا.
دەر شۇ ھېكمەت پاساھىتىم نە قايدا؟
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ.

مېنى قوغدار ئەۋلادلىرىم بارمۇ؟دەپ،
دىلدىن سۆيەر پاك زاتلىرىم بارمۇ؟دەپ،
لەيلاسىمەن پەرھاتلىرىم ئارمۇ؟دەپ…
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ

ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىم قايدا؟دەپ،
باغدا ئىدىم بولۇپ قالدىم سايدا دەپ.
ئەركىنلىكىم زادى قانداق جايدا دەپ،
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ.

پاكلىنارمەن دەيدۇ قاچان تەلمۈرۈپ،
گۈللەنگىنىنى كۆزئالدىغا كەلتۈرۈپ.
دەيدۇ مېنى قوغداڭلارچۇ بەل تۈرۈپ،
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ.

شېئىر مەنبەسى: http://mmtys.blogbus.com/logs/32905231.html

Author: ئۇيغۇر

7 thoughts on “ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ

  1. ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئويلاندۇرغۇدەك ئېسىل شېئىركەن بۇ!!!!
    ئانا تىلىنى سۆيمىگەن ئىنساننىڭ قەدرى بولماس!!!

  2. ئۇلۇق دېنىمىزنى،گۈزەل تېلىمىزنى تىرشىپ قوغدايلى!!!
    ‹‹ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا!!››دىگەن شىئېرنى يوللاپ قويغان بولساڭلا ئاللاھ رەھمەتقىلسۇن!

  3. شېئىرنى يامان دېگىلى بولمايدىكەن! شۇغىنىسى بۇ تىلغا تىغ سالغان كىم؟ پۈتكۈل ئۇيغۇر! بۇنداق دېسەم چىچچاڭشىپ كېتىدىغانلار تەييار تۇرىدۇ، ئەمما ھەقىيقەت شۇنداق!ئانا تىلنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن قاقيشايدىغان بىرى ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرەر يىغىنىغا قاتناشسۇنچۇ قېنى، تەرجىماننى يېنىدا گۆشەيتىپ قويۇپ خەنزۇ تىلىنى بۇزۇپ زورۇقۇپ سۆزلىمىگىنىنى مەن بىر كۆرەي!

  4. توغرا دەپتۇ، مەن بىر بالىلار يەسلىسى دىن بىرنى ئاچاي دىگەن شۇ ئىقتىساد قىستاپ قويدى ئەمەسمۇ!!! بۇ ئىشلارغا ئەسلا چىدۇغۇچىلىكىم قالمىغان ئىددى. مۇمكىن بولسسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلىرىمىزمۇ قاراپ تۇرماي مەبلەغ سېلىپ بالىلار يەسلىسى ئېچىش ۋە باشقا ئورۇن-يۇتلارغا ۋاكالەتچىلىك قىلىپ ئاچسىمۇ بوللاتتى!!!!!!!!!!

  5. ئىنتايىن ياخشى چىقىپتۇ.دېمىسىمۇ ھازىر ئۈرۈمچىدە،يالغۇر ئۇ يەردىلا ئەمەس،شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە مىنكاۋخەن بالىلىرىدىن پەخىرلىنىپ يۈرىيدىغان ئاتا-ئانىلارمۇ ئاز ئەمەس.ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى،قوللايلى!!!
    ياشا ئۇيغۇر تىلى!!!!!!!!

Leave a Reply