خوتەن ۋىلايىتى

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالى:
خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىنىڭ جەنۇىي قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىدا، شەرقى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى بىلەن، جەنۇبى شىزاڭ ئاپتۇنۇم رايونى بىلەن، غەربىي قەشقار ۋىلايىتى بىلەن،شىمالىيئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربى جەنۇبى كەشمىر بىلەن چىگىرلىنىدۇ. خوتەن ۋىلايىتى خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيسى، قاراقاش ناھىيسى، گۇما ناھىيسى، لوپ ناھىيسى، چىرا ناھىيسى، كىرىيە ناھىيسى ۋە نىيە ناھىيسى قارايدۇ. ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمە خوتەن شەھىرىدە. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 2004-يىلنىڭ ئاخىرقى ئۇمۇمى نۇپۇسى 1 مىليۇن 772مىڭ 67 بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر 1 مىلىيۇن 710مىڭ673، خەنزۇ57مىڭ642، خۇيزۇ1376 ،تاجىك 890، قالدى مىڭ كىشى مىللەتتىن تەركىپ تاپقان.
تەبىي بايلىقى:
خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى ئگىز، شىمالى پەس بۇلۇپ، غەرىپتىن شەرىققە قىيپاش كەلگەن، جەنۇبى كۆپ چوققىلىق كوئىنلۇن تېغى، ئوتتۇرا قىسمى تاغ ئالدى يانتۇلۇق بەلۋاغ، شىمالىي قىسمى تاكلىماكان قۇملىقى، سۇ بايلىقىدىن خوتەن دەرياسى، يۇرۇڭقاش دەرياسى، كىرىيە دەرياسىقاتارلىق چوڭ كىچىك 36 دەرياسى بار. ھازىرغىچە بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قىزىلما بايلىقلىرىدىن كۆمۇر، مىس، تۆمۇر، ماگىنىي، ئالتۇن، ھاك تاش، قاشتاش قاتارلىق 60 خىلدىن ئارتۇق بار، ئۇنىڭ ئىچىدە خوتەن قاشتېشى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق. ياۋايى ھايۋانلاردىن ياۋا قوتاز، تىببەت قۇلىنى، تىببەت بۆكىنى، كۆكيامان، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۇسۇملىكلىرىدىن چوڭ سۇزاپ،تاغ لەيلىسى، چاكاندا،چۈچۈكبۇيا، يەر مادىكى قاتارلىقلاربار خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاغ چۆل-باياۋان ئىقلىمىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرچە تىمپىراتۇرسى 13.4 سېلسىيە گىرادوس، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل-يىغىن مىقدارى51.3 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى2504.6 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 236 كۇن.
ئىگىلىك ئىقتىسادى:
خوتەن ۋىلايىتى تارىخى ئۇزۇن سۇغىرىش تىپتىكى دېھقانچىلىق رايۇنى بۇلۇپ،ئەزەلدىن«ئاشلىق ئامبىرى»، «مېۋە-چىۋەماكانى»دېگەن گۈزەل نامى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلاردىن ئاشلىق ،پاختا، ياغلىق، دان قاتارلىقلاربار. باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلارنىڭ تۇرى كۆپ، كەڭ تارقالغان، ئۇنىڭ ئىچىدە قەغەز ياڭاق، ئۇجمە، ئاق ئۆرۇك قاتارلىقلاربىر قەدەر داڭلىق، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ سانائەت تەرەقىياتى نىسپەتەن تېز بۇلۇپ، توك تارقىتىش، كۆمۇر قىزىش، قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى،يىپەك، گىلەم، تۇقۇمچىلىق، قاشتېشى، ھاراق ئېچىتىش قاتارلىق تۇرلىرى بار. ئۇنىڭ .ئىچىدە خوتەن ھىقىق ئانىر سۇپەتلىك ئۇزۇمۋە قۇملۇقتىكى ياۋا قىزىل گۇلدىن چىقىردىغان خوتەن ئانارھارىقى ۋەكىللىگىدىكى يېشىل يىمەكلىك سانائىتى بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە. چارۋىچىلىقتا قوي، كالا، ئات، ئېشەك بېقىلىدۇ.خوتەن يېرىك يۇڭلۇق قۇيى ئاساس قىلىندۇ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەلا سۇپەتلىك مەھسۇلاتلىردىن ئەتلەس، خوتەن قاشتېشى، خڭتەن گىكىمى قاتارلىقلار بار.
قاتناش سانائەتچىلىكى:
خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاتنىشى قولايلىق، دۆلەت يولىنىڭ 315-،219-لىنيىسىپۇتۇن ۋىلايەتنى كىسىپ ئۆتىدۇخوتەن ۋىلايىتىدىكى پۇقرالار ئايرروترومىدا خوتەندىن ئۇچۇپ ئاقسۇدىن ئۆتۇپ ئۈرۈمچىگە باردىغان ھاۋا يولى ئېچىلغان، خوتەن ۋىلايىتى قەدىمىي «يىپەك يولى»نىڭ جەنۇبىدىكى تۇگۇنگە جايلاشقان بۇلۇپ، قۇيۇق مىللىي ئالاھىدىلىكى، ئاددىي-ساددا ئۆرپ-ئادىتى، ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللىي مەدىنيىتى، ئۆزىگە خاس تەبئىي مەنزىرسى، نۇرغۇن مەدىنيەت يادىكارلىقلىرى، مول گۇھەر بايلىقى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سايائەتچىلەر ئۆزىگە تەلپۇندۇردىغان جايغا ئايلاندۇرىدۇ. مەدىنيەت يادىيارلىقلىرىدىن نىيە خارابىسى راۋاق بۇتخانا خارابىسى، ئاقسېپىل قەدىمى شەھەر خارابىسى، ئەندىر قەدىمى شەھەر خارابىسى، ئۇلاچى قىيان تاش سىزىملىرىقاتارلىقلار بار.داڭلىق مەنزىرلىك جايلاردىن قۇملۇق تاشيولى، كوئىنلۇن تېغىدىكى سىرلىق مۇزلۇق، ئېگىز تاغدىكى كۆللەر، ئارشاڭلار، ۋولقانلار توپى ۋە ئۇزۇن كەتكەن ئۈزۈم كارىدورى، يۇز يىللىق ئەنجۇر پادىشاھى،مىڭ يىللىق ياڭاق پادىشاھى قاتارلىقلار بار.