خوتەننىڭ قەدىمقى تامغا مەدەنىيىتى

تامغا مەدىنىيىتى _نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ھەرقايسى خان – بەگلىكلەر ئوتتۇرسىدىكى سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى خەت – چەكلەردە ، جۈملىدىن خان ۋە بەگلەرنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىدا ، شۇنداقلا ئاۋام خەلنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان يازما ھۆججەتلەردە ئىشلىتىلىپ ، دۆلەت تەشكىلاتلىرى ۋە جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى ئوتتۇرسىدىكى ئىچكى مۇناسىۋەتلەرنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان قىممەتلىك مەدىنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇنىڭ تارىخى ھەقىقەتەن ئۇزاق .1901 – يىلى 1 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئەنگىلىيىلىك ئارخېئولوگ ئاۋرېل سىتەيىن يەرلىك دېھقان ئىبراھىمنىڭ يول باشلىشى بىلەن جوڭگو ۋە چەتئەلنى زىلزىلىگە سالغان < مەدىنىيەت موزېيى > — نىيە قەدىمكى شەھىرى خارابىسىدە ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش – قېزىش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ، 700 پارچىدىن ئارتۇق قارۇشتى يېزىقىدىكى تامغا بېسىلغان تارىشا پۈتۈكلەرنى تاپقان ، بۇ تارىشا پۈتۈكلەرگە بېسىلغان تامغىلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ تامغا مەدىنىيىتىنى تەتقىق قىلىشىمىزدىكى مۇھىم ماتىرىيالدۇر .كۆپچىلىككە مەلۇمكى ، قارۇشتى يېزىقى شىنجاڭدا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3 – ئەسىردىن مىلادىيە 4 – ئەسىرگىچە تەخمىنەن 700 يىل قوللىنىلغان بولۇپ ، بۇ خىل يېزىقتىكى تارىشا پۈتۈكنىڭ خوتەندىن كۆپلەپ تېپىلىشى ھەم ئۇنىڭغا ھەر خىل تامغا بېسىلغانلىقى بىزنى قىممەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ . 1901 – يىلى ئاۋرېل سىتەيىن نىيە خارابىسىنى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرگەندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان 10 نەچچە قېتىملىق ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشنىڭ ھەممىسىدە تامغا بېسىپ پېچەتلەنگەن قارۇشتى يېزىقىدىكى تارىشا پۈتۈكتىن 1000 پارچە ئەتراپىدا تېپىلغان . بۇ پۈتۈكلەرگە بېسىلغان تامغىلار ھەر خىل شەكىلدە بولۇپ ، بەزىلىرىگە گۈل نۇسخىسى ، بەزىلىرىگە ئادەم كۆرۈنىشى چۈشۈرۈلگەن .شىنجاڭ موزېيى ، ئارخېئولوگىيە ئەترىتىدىكىلەر 1959 – يىلى 10 – ئايدا نىيە خارابىسىدىن تاپقان قارۇشتى يېزىقىدىكى 66 تارىشا پۈتۈكنىڭ بىر قىسمى پېچەتلەنگەن بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى 16 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 5.7 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر جۈپ تارىشا پۈتۈكنىڭ يۈزى بىر – بىرىگە جۈپلىنىپ ، كەندىر يىپ بىلەن ئۈچ يەردىن چىگىلگەن . يىپنىڭ چىگىشى تارشىنىڭ ئۇيۇلغان يېرىگە كەلتۈرۈلۈپ ئۈستىگە يۇڭ ئارىلاشتۇرۇلغان سېغىز لاي سۇۋالغان . ئاندىن لاينىڭ ئۈستىگە تامغا بېسىلغان . تامغا تۆت چاسا بولۇپ ، تەرەپلىرىنىڭ ئۇزۇنلىقى 1.5 سانتىمېتىر كېلىدۇ . تامغا پېچەتنىڭ بىرسىدىكى شەكىل گۈل بەرگىگە ، يەنە بىرىنىڭ ئۈچ بۇرجەك شەكىلگە ئوخشايدۇ .تارشا پۈتۈكنىڭ ئارقا يۈزىگىمۇ ئىككى لاي تامغا بېسىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ بىرىدە قولىنى كۆتۈرۈپ زوڭزىيىپ ئولتۇرغان يوغان باش ، قاڭشارلىق ، ئورۇق ، يالىڭاچ ئادەمنىڭ كۆرۈنىشى بار ؛ يەنە بىرىدىكى رەسىم ئۆچۈپ كەتكەن بولۇپ ، پەرق ئەتكىلى بولمىغان .تارىشا پۈتۈكلەرگە بېسىلغان تامغىلار ئادەتتە خەتنى باشقىلارنىڭ ئوقۇۋېلىشىدىن ، مەخپىيەتلىكلەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشقا ئۈنۈملۈك رول ئوينىغاچقا ، كىشىلەر ئارىسىدا تامغا ئىشلىتىش ئادىتى كەڭ ئومۇملاشقان . نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى بىر تارىشا پۈتۈكنىڭ ئارقا يۈزىگە : مەزكۇر پۈتۈكنى باجگىر لېييا ( Lyipeyasa ) پېچەتلىگەن دېگەن خەتلەر پۈتۈلگەن . بۇنىڭدىن مەلۇمكى ، شۇ زاماندا ھەرقانداق شەخسنىڭ ئۆز تامغىسى بولغان ھەم خەت – چەكنى باشقۇرىدىغان قانۇنلۇق ئورگانلار تەسىسى قىلىنغان . بۇ ھەم بۇنىڭدىن 2000 يىللار بۇرۇنقى زاماندا خوتەندە ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ پوچتا خەت – ئالاقە تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ ، ھەم تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە خېلى زور دەرىجىدە ئومۇملاشقان تامغا مەدىنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى بېيىتقانلىقىدەك ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ .