ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى

ياپونىيىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات يۈزلىنىشى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى

1. كىرىش سۆز

ياپونىيە نۆۋەتتە غەربىي دىيار شىنجاڭنى تەتقىق قىلىش (ئۇيغۇرشۇناسلىق) جەھەتتىكى ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك دۆلەت. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بۇنىڭ بىرسى ياپونىيىدە بۇرۇندىنلا شەرقشۇناسلىق ئەنئەنىسى بار؛ ئىككىنچىسى ئوتانى تەكشۈرۈش ئەترىتى شىنجاڭدىن ناھايىتى كۆپ قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يازما پۈتۈكلەر ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىشىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. ياپونىيىدىكى شەرقشۇناسلىق ياپونىيىدە مىلىتارىزمىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن گۈللەنگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا يەنە «جۇڭگوشۇناسلىق» دەپمۇ ئاتالغان. ئەلۋەتتە بۇ تەتقىقاتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بۇرۇنقى بىلەن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ.

ياپونىيىدە گەرچە ھازىر «ئۇيغۇرشۇناسلىق» دەيدىغان مەخسۇس ئىلمىي ئاتالغۇ بولمىسىمۇ، لېكىن مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان كۈچلۈك ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بار، ئۇلارنىڭ تەتقىق قىلىدىغان ساھەلىرى كۆپ، تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ مەخسۇسلۇق دەرىجىسى ۋە ئىنچىكىلىكى يۇقىرى بولۇش جەھەتتە، ياۋروپا ئامېرىكا ئالىملىرىغا يەتمىسىمۇ لېكىن ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ ئۈلگە ئېلىشىغا ئەرزىيدۇ. ياپونىيىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنى شىنجاڭ مەسىلىسى تەتقىقاتىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. غەربىي يۇرت تەتقىقاتى ياپونىيىدىكى شەرقشۇناسلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇر تەتقىقاتى بولسا غەربىي يۇرت تەتقىقاتىنىڭ بىر قىسمى.

ياپونىيىنىڭ غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.

بىرىنچى باسقۇچى: ئالدىنقى ئەسىردىكى 1910- يىللاردىن 1930- يىللارغىچە بولغان دەۋر. بۇ دەۋردە ئاساسلىق تەتقىقاتچىلار شىراتورى كۇراكىچى، ئىشىخاما جۈنتارو، ئونوگاۋا خىدېمى، خانېدا تورۇ. فۇجىتا تويوخاچى، ئىشىدا مىكىنوسۇكې، قاتارلىق ئالىملار ئىدى. بۇ دەۋردىكى تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق يۆنىلىشى خەنزۇچە رەسمىي تارىخلارنى تەتقىق قىلىش بولۇپ، بۇ جەھەتتە خانېدا تورۇنىڭ تەتقىقاتى ئەڭ داڭلىق، ئۇ يالغۇز خەنزۇچە ماتېرىياللارغىلا تايىنىپ قالماستىن يەنە نۇرغۇنلىغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلارنىمۇ تەتقىق قىلىپ ئېلان قىلغان بولۇپ، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ پېشۋاسى دېيىشكە بولىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچى: 1940- يىلىدىن 1969- يىلىغىچە بولغان دەۋر. بۇ دەۋردە ئالدىنقى دەۋردىكى ئالىملار بىلەن ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتقىقاتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ، مەسىلەن: ماسۇدا خىسائو، ئېگامى نامىئو، ئېنوكى كازۇئو، ئۇچىدا گىنپۇ، خانېدا ئاكىرا، ساكۇچى تورۇ، مورى ماسائو، يامادا سازۇئو، ئاكىرا فۇجىئېدا قاتارلىقلار. بۇ ئالىملار بىرىنچى باسقۇچتىكى تەتقىقات مەزمۇنلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشتىن سىرت يەنە، غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادى ۋە تىل مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەھەتتە يېڭى بىر سەۋىيە يارىتىپ، ئۇيغۇر رايونىدىن تېپىلغان تارىخى ماتېرىياللارغا بولغان قىزىقىشنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى.

ئۈچىنچى باسقۇچى: 1970- يىلىدىن 1989- يىلىغىچە بولغان دەۋر. بۇ دەۋردە بىر قىسىم ياش ئالىملار مەيدانغا كەلدى مەسىلەن: ناگاساۋا كازۇتوشى، ئىكېدا ئون، مانو ئېيجى، ياماگۇچى زۇيخوئۇ، ئۇمېمۇرا خىروشى، مورىياسۇ تاكائو، خورى نائو، خورىكاۋاگىرې، شوگايتو ماساخىرو، كۇدارا كوگى، ئودا جۇتېن، خامادا ماسامى، ئوچىئائى مورىكازۇ، ئوچىئائى مورىكازۇ قاتارلىقلار، بۇ ئالىملارنىڭ بەلگىلىك خەنزۇ تىلى ئاساسى بولۇپلا قالماستىن يەنە كۆپ قىسمى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەدىمكى تىللارنى يەنى ئۇيغۇر تىلى، چاغاتاي تىلى قاتارلىق تىللارنى پىششىق بىلىدۇ. ئۆزى تەتقىق قىلىۋاتقان مىللەتنىڭ تىلىنى ۋە يازما يادىكارلىقلىرىنى بىلىش ياپونىيىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ۋە ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى. بۇ ئېلىمىزدىكى غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ ئۈلگە قىلىشىغا تېگىشلىك.

ياپونىيىنىڭ غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ئاساسلىقى تارىخ تەتقىقاتىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇرۇن غەرب ئالىملىرىنى دوراپ غەرب تىللىرىدىكى ۋە خەنزۇ تىللىرىدىكى يازما يادىكارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە خەنزۇچە يازما يادىكارلىقلارنى تەنقىد قىلىش جەھەتتە ناھايىتى كۆپ ساندىكى نادىر ماقالىلەرنى يازغان. لېكىن مەيلى خەنزۇ تىلىدىكى ماتېرىياللار ياكى ئەرەب تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلار بولسۇن ھەممىسىنىڭ كەمچىلىكى بولغاچقا، غەربىي يۇرت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا چوقۇم غەربىي يۇرتنىڭ ئۆزىدىكى ئەسلى ماتېرىياللار ئاساسىدا تەتقىق قىلىنىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا ئاساسەن تۆۋەندىكى جەھەتلەردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، يەنى: (1) ئەسلى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىش، مەسىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، تۈرك يېزىقى، تىبەت يېزىقى، دەشت ئاتا، تۇرپاندىن تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار، چاغاتاي يېزىقى ۋە خوتەن پۈتۈكلىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش؛ (2) يېقىنقى زامان تارىخى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش؛ (3) رايون خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، يەنى ئەسلىدىكى ماتېرىياللار بىلەن خەنزۇچە ماتېرىياللارنى بىرلەشتۈرۈپ، مەلۇم ئالاھىدە رايون، يەنى قۇجۇ، شاجۇ، بەشبالىق ۋە كۈسەن قاتارلىقلارنى ئۇنىۋېرسال خاراكتېردە تەتقىق قىلىش قاتارلىقلار.

يېقىندىن بۇيان، ياپونىيىدىكى غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى توغرىسىدىكى ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن: (1) غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئادەتتىكى ئىلمىي ماقالىلەر. (2) تېپىلغان تارىخ ماتېرىياللىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار. بۇ ياپونىيىدىكى ھازىر ئەڭ زور كۈچ چىقىرىلىۋاتقان تەتقىقات ساھەسى بولۇپ، بۇ جەھەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلار ھەققىدىكى تەتقىقات ئەڭ كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ. (3) «مىڭ سۇلالىسى ئوردا خاتىرىلىرى» ۋە «چىڭ سۇلالىسى ئوردا خاتىرىلىرى»دە بايان قىلىنغان مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەتقىقات بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلاردا ياش ئالىملارنىڭ پائالىيىتى ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ئائىت ئەسەرلەردىن نەچچە مىڭى نەشر قىلىندى

2. ئاساسلىق تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە نەشر ئەپكارلىرى

(1)شەرقى ئاسىيا مەدەنىيەت خەزىنىسى
بۇ 1924- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تەۋەلىكىدە ئون نەچچە كومىتېت بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا (غەربىي يۇرتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئىسلام دىنى، دەشت ئاتا يازما يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش كومىتېتى قاتارلىقلار بار. تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسەن ياپون ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ. ياپون تىلىدىكى قەرەللىك نەشر ئەپكارى شەرقىي ئوكيان ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا چىقىرىلىدىغان «شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژۇرنىلى» بولۇپ (قوشۇمچە سانىنىڭ نامى «شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت خەزىنىسى يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»)، ئىنگلىز تىلىدىكى قەرەلسىز نەشر ئەپكارى «شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ ياۋروپا تىللىرىدىكى ئەسەرلەردىن تاللانما». شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت خەزىنىسى مەخسۇس تېمىدىكى ئەسەردىن 60 خىلدىن ئارتۇقىنى نەشر قىلدۇردى. بۇندىن باشقا يەنە مەدەنىيەت خەزىنىسى يەنە نۇرغۇنلىغان قەدىمكى ھۆججەتلەرنى قايتا بېسىپ چىقتى ۋە كۆپەيتىپ «شەرقىي ئوكيان مەجمۇئەسى» دېگەن نام بىلەن ھازىرغىچە يۈز خىلدىن ئارتۇق نەشر قىلىندى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇلار قەدىمكى ئەسەرلەرنى تەھرىرلەشنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. 1964- يىلىدىن بۇيان ئۇلار ئارقا ئارقىدىن 4- 5 توملۇق «سىتەيىننىڭ دەشت ئاتادىن تاپقان يازما يادىكارلىقلار تەتقىقاتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە غەربىي يۇرتتىن تېپىلغان خەنزۇ تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلار تۈرلەر بويىچە ئايرىشنىڭ دەسلەپكى ئورىگىنالى»نى نەشر قىلدى. بۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنى ۋە ئىسلام تەتقىقات ئورنى يەنە «شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت خەزىنىسىدە ساقلىنىۋاتقان ئەرەبچە يازما يادىكارلىقلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنىڭ كاتالوگى»نى (1974- يىلى) ۋە «شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت خەزىنىسىدە ساقلانغان تۈركچە ۋە ئوسمان تۈركچە تىلدىكى يازما يادىكارلىقلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر كاتالوگى»نى تۈزۈپ چىقتى.

(2)توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنى
بۇ تەتقىقات ئورنى 1941- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ياپونىيىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئاسىيا تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ بىرى، ئاساسلىقى ئاسىيانىڭ قەدىمكى ۋە ھازىرقى جەمئىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ تەتقىقات ئورنى يەنە پان ئاسىيا، شەرقىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت بەش تەتقىقات ئورنىغا ۋە ئون بىر تەتقىقات ئىشخانىسىغا بۆلۈنگەن، بۇندىن باشقا يەنە «شەرقىي ئوكيان تەتقىقات مەركىزى» تەسىس قىلىنغان. چىقىرىدىغان نەشر ئەپكارىدىن «شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت تەتقىقاتىدىن تاللانمىلار»، «شەرقىي ئوكيان مەدەنىيىتى» قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ نەشر ئەپكارلىرىدا دائىم دېگۈدەك غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.

(3)كىيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە تەتقىقات ئورنى
1939- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى فىلولوگىيە ئىلمىنى تەتقىق قىلىدۇ، لېكىن بۇ تەتقىقات ئورنى غەربىي يۇرت تەتقىقاتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ تەتقىقات ئورنىدا ياپونىيە، شەرق ۋە غەرب تەتقىقات ئورنىدىن ئىبارەت ئۈچ تەتقىقات ئورنى بولۇپ، شەرق تەتقىقات ئورنىدا يەنە دەشت ئاتا تەتقىقات ئىشخانىسى بار. بۇ تەتقىقات ئورنى چىقىرىدىغان نەشر ئەپكارلىرىدىن «شەرقشۇناسلىق ئىلمىي ژۇرنىلى»، «فىلولوگىيە ئىلمىي ژۇرنىلى» ، «تاللانمىلار»، «شەرقشۇناسلىق ماتېرىياللار كاتالوگى» قاتارلىقلار بار.

(4)توكيو چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا ئافرىقا تىللىرى تىل مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنى
1965- يىلى قۇرۇلغان، ھازىر 16 تەتقىقات ئورنى بار، ئۇنىڭدا يەنە جۇڭگو 2- تەتقىقات ئورنى بولۇپ، ئاساسلىق تەتقىقات ئوبيېكتى تىبەت، يىزۇ، جۇاڭزۇ تىللىرى ۋە جۇڭگودىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىقلار.

(5)شەرقشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى
ئۇ ياپونىيىدىكى داڭلىق ئىلمىي جەمئىيىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىراجىتى دىپلوماتىيە ۋازارىتىنىڭ خەلقئارا ئالماشتۇرۇش فوندىدىن كېلىدۇ. بۇ جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق نەشر ئەپكارى «شەرقشۇناسلىق» ۋە غەرب تىلىدىكى «ئاسىياشۇناسلىق» قاتارلىقلار.

(6)غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى
1953- يىلى 1- ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئاساسلىقى ئوتانى ئەكەلگەن يازما يادىكارلىقلار ۋە دەشت ئاتا يازما يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەتقىق قىلىدۇ. 1958- يىلىدىن 1962- يىلىغىچە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ «غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تەتقىقاتى» دېگەن ئالتە توملۇق بۈيۈك ئەسەرنى نەشر قىلدۇردى. بۇنىڭ بىرىنچى تومى دەشت ئاتادىكى بۇددا دىنى تەتقىقاتى؛ ئىككىنچى، ئۈچىنچى تومى دەشت ئاتا ۋە تۇرپاننىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ماتېرىياللىرى؛ تۆتىنچى تومى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلار تەتقىقاتى؛ بەشىنچى تومى غەربىي يۇرتنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تەتقىقات؛ ئالتىنچى تومى بولسا مىللىي تىل يېزىق تەتقىقاتىدىن ئىبارەت.

(7)ئىچكى قۇرۇقلۇق ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى
بۇرۇنقى رەئىسى سۇڭتيەن شۇنەن. بۇ ئىلمىي جەمئىيەتتە مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى تەتقىق قىلىدىغان ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر بولۇپ، يامادا سازۇئو (ۋاپات بولغان)، مورى ماسائو، ساكۇچى تورۇ، مورىياسۇ تاكائو، ئۇمېمۇرا خىروشى، شوگايتو ماساخىرو قاتارلىقلار مۇشۇ تەتقىقات ئورنىدا.

(8)ئالتايشۇناشلىق ئىلمىي جەمئىيىتى
1964- يىلى قۇرۇلغان. بۇ جەمئىيەت ياپونىيىنىڭ ئالتايشۇناشلىق ئىلمىي تەتقىقاتىنى (ئاساسلىقى تۈركى تىللار ۋە موڭغۇل تىل يېزىقى تەتقىقاتى) ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەر يىلى يازدا بىر قېتىم يىغىن ئېچىشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ يىغىندا ئاساسلىقى ئىلىم ئالماشتۇرۇلىدۇ.
ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك نەشر ئەپكارلىرى:
«شەرقىي ئوكيان تارىخ تەتقىقاتى»
«تارىخشۇناسلىق ئىلمىي ژۇرنىلى»
«شەرقشۇناسلىق ئىلمىي ژۇرنىلى»
«شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژۇرنىلى»
«شەرق ئىلمىي ژۇرنىلى»

3. تارىخشۇناسلىق ۋە يازما يادىكارلىقلار تەتقىقاتى

قەدىمكى زامان تارىخى ۋە قەدىمكى يازما يادىكارلىقلار تەتقىقاتى

ياپونىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا خانېدا تورو (1882- 1955) ۋەكىللىك ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ ناھايىتى كۆپ ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىككى تۈرگە يەنى تارىخشۇناسلىق ۋە ۋەسىقىشۇناسلىقتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ۋەسىقىشۇناسلىقتا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى دىنىي ھۆججەتلەرنى تەتقىق قىلىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) ئۇنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى « تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەتقىقات » مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمى ”قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە تەتقىقات“ دېگەن قىسمىدا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ خەت شەكلى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكەن ۋاقتى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ھەم ئۇنىڭ يېزىق سىستېمىسى، تۈركەشلەر ۋە مانى دىنى مۇخلىسلىرى ئىشلەتكەن يېزىق، ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر نامى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە.
(2) «گراف ئوتانى ساقلىغان شىنجاڭ تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللارغا ئىزاھ» («شەرقشۇناسلىق ئىلمىي ژۇرنىلى» 1- جىلد 2- سان، 1911- يىلى)
(3) «تۈركى تىلدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر ئابىدىلىرى» ( «سەنئەت» 3- جىلد 2- سان، 1911- يىلى)
(4) « قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى < سەككىز يۈكمەك نوم> ھەققىدە » (« سەنئەت» 4 جىلد 2- سان، 1913- يىلى)
(5) « قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا نوملىرى» («تارىخشۇناسلىق ئىلمىي ژۇرنىلى» 25- جىلد 6- سان، 1914- يىلى)
(6) « قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى < ساددارما پۇندارىكا سۇترا>نىڭ پارچىلىرى» («شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژۇرنىلى» 5- جىلد 3- سان، 1915- يىلى)
(7) « قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايال سېتىۋېلىش ھەققىدىكى ھۆججەت » (« شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژۇرنىلى» 6- جىلد 2- سان)
(8) « توققۇز ئۇيغۇر ۋە Toguz Oguz نىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا » (« شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژۇرنىلى » 9- جىلد 1- سان، 1919- يىلى)
(9) « ئۇيغۇر تىلىدىكى < ئابىداراما كۇشاۋاردى شاستىرغا ئەنخۇينىڭ بەرگەن شەرھىسى > ھەققىدە » ( « دوكتور شىراتورىنى خاتىرىلەش شەرقىي ئوكيان مەجمۇئەسى » 1925- يىلى)
(10) « تۇرپاندىن تېپىلغان مانىي دىنى مۇرىتلىرىنىڭ ئىستىغپار خاتىرىسىنىڭ قالدۇق ھۆججەتلىرى » (« دوكتور كۇۋاخارانى خاتىرىلەش ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى » 1931- يىلى)
(11) « غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخىدىن ئومۇمىي بايان » (خىروخومى نەشرىياتى 1931- يىلى)
(12) « مەركىزىي ئاسىيانىڭ مەدەنىيىتى » (« ئىۋانامى لېكسىيىلىرى » ”شەرقىي ئوكيان ئىدېئولوگىيە دولقۇنى“ 14- سان )
(13) « غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى » (زويۇباۋ تەھرىراتى نەشرى 1948- يىلى)
(14) « قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى (بۇدداۋاتام ساكاماخاۋايپۇليا سۇترا) نىڭ پارچىلىرى » (« گۇەنشى ئۇنىۋېرسىتېتى غەرب، شەرق ئىلمىي تەتقىقات مەجمۇئەسى » 6- سان، 1953- يىلى)

ئۇنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى كېيىن « دوكتور خانېدانىڭ تارىخشۇناسلىق ئەسەرلىرى توپلىمى »غا كىرگۈزۈلگەن. (شەرقىي ئوكيان تارىخشۇناسلىق مەجمۇئەسىنىڭ 3- سانى، بۇنىڭ بىرىنچى تومى تارىخ، ئىككىنچى تومى تىلشۇناسلىق ۋە دىن قىسمى. شەرقىي ئوكيان تارىخى تەتقىقات ئورنى نەشرىياتى نەشرى، 1957- يىلى)

ئىشىخارا جۈنتارومۇ ئۇيغۇرلار تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى. ئۇلاردىن ئاساسلىقى:

(1) « مەركىزىي ئاسىيا ھەققىدە تەتقىقات » («شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى» 5 – جىلد 1- سان، 1915- يىلى)
(2) « دۇنخۇاڭ قەدىمكى كىتابلىرى ھەققىدە تەتقىقات » («شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژۇرنىلى»، 15 – جىلد 4- سان، 1926- يىلى)
(3) « ئۇيغۇرچە يېزىلغان بۇددا نوملىرى تەزكىرىسى » (« بۇددىزم تەتقىقاتى » 1- جىلد 3- سان، 1937- يىلى)
(4) « ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا نوملىرىنىڭ پارچىلىرى » («لوڭگۇ ئۇنىۋېرسىتېتى بۇددىزم تارىخ مەجمۇئەسى»، 1939- يىلى)
(5) « ئۇيغۇر يېزىقىدىكى پۈتۈك پارچىلىرى » (« دوكتور خانېدانى ئەسلەش مەجمۇئەسى » 1950- يىلى)
(6) « غەربىي يۇرت مەدەنىيەت ماتېرىياللىرىنىڭ رەتلىنىشى ۋە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى » (« ئۇنىۋېرسال تەتقىقات دوكلاتلىرىدىن تاللانما، 1954- يىلى)

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاساخىىنىڭ « ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا نوملىرى توپلىمى » (« دىنى ساھە » 6 – جىلد 2- سان، 1910- يىلى)؛ شىراتورى كۇراكېچىنىڭ « غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە يېڭى تەتقىقات (1- 4)» (« شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژۇرنىلى» 1- جىلد 4- سان، 2- جىلد 1- سان، 3- جىلد 1- 2- سان)؛ ئىشىدا مىكىنوسۇكېنىڭ « لېكوك ئىدىقۇت قەدىمكى خارابىسىدىن تاپقان (تۈرك تىلىدىكى مانى دىنى ھۆججەتلىرى)نىڭ 2- قىسمى » (« شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژۇرنىلى » 12- جىلد 3- سان، 1922- يىلى)؛ تارو كۇۋاتانىڭ « ئۇيغۇرلارنىڭ يىمىرىلىشى ھەققىدە تەتقىقات » (« شەرقشۇناسلىق ئىلمىي ژۇرنىلى » 17- جىلد 1- سان، 1928- يىلى) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.