ياقۇت جۇمھۇرىيىتى

ياقۇت جۇمھۇرىيىتى رۇسىيە فىدىراتسىيىسى قارمىقىدىكى جۇغراپىيلىك جەھەتتىن ياۋرو-ئاسىيانىڭ ئەڭ شەرقى شىمالىغا، تېنچ ئوكياننىڭ غەربى شىمالى قىسمى بىلەنشىم الى مۇز ئوكياننىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسىغا جايلاشقان تاغلىق ۋە ئىپتىدائىي ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان كىلىماتى ئىنتايىن سوغۇق جۇمھۇرىيەت بولۇپ، زىمىنىدا مول ياغاچ ماتېرىياللىرى بولغانلىقتىن دۇنيانىڭ ياغاچ ئامبىرى دىگەن نامى بار، ياقۇت جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر مەيدانى 3مىلىيۇن103مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ھىندىستاندىن سەل چوڭ، روسىيە يەر مەيدانىنىڭ18%نى يەنى ئالتىدىن بىرىنى كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ، روسىيە بويىچە شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەمۇرى رايون ھىساپلىنىدۇ. پايتەخت ياقۇتسكى شەھىرى موسكۋادىن 8468كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان.
ياقۇت جۇمھۇرىيىتى رۇسىيىنىڭ دۆلەت چېگرىسىغا تۇتاشقان بولۇپ، جەنۇبى تەرىپى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ياقۇت ۋىلايىتى بىلەن، شەرقى تەرىپى موڭغۇلىيە بىلەن ، غەربى تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. 5-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان شىمالى مۇز ئوكياندا شىمالى مۇز ئوكياندىكى ئامبارچىك پورت شەھرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى پورتلىرىغا بارغىلى بولىدۇ.
ياقۇت جۇمھۇرىيىتى رۇسىيە تەۋەسىدە شەرقتە چوكوتكا ئاپتونۇم رايونى، خاباروۋىسكى چېگرا رايونى، ماگادان ئوبلاستى بىلەن غەرپتە كىروسنايىرىسكى چېگرا رايونى بىلەن، جەنۇپتا ئىركۇتىسكى ۋە ئامۇر ئوبلاستى ، تاشقى بايقال چېگرا رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ.
رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ 2007-يىلىدىكى سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ياقۇت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاھالىسى 950.5مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە267مىڭ ئادەم پايتەخت ياقۇتسكى شەھرىدە ياشايدۇ.
ياقۇت جۇمھۇرىيىتى كۆپ مىللەتلىك بولۇپ، جۇمھۇرىيەتلىك ھوقۇقى يۈرگۈزۈۋاتقان ياقۇتلارنىڭ نوپۇسى 450مىڭ ئەتراپىدا ، ئۇلار پۈتۈن جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ ٪47نى ئىگىللەيدۇ. جۇمھۇرىيەتتە ياقۇتلاردىن قالسىلا رۇسلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ كوپ بولۇپ، ٪41 نى،ئۇكرائىنلار ٪3.6 ، ئېۋېنكېلار٪2 نى، تاتارلار 1%نى ئىگىللەيدۇ. رۇس قاتارلىق ياۋروپا مىللەتلىرى ئاساسەن دېگۈدەك بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ شەھەر بازارلىرىغا تارقالغان. قالدى ئاھالىلەر لىنا دەرياسىنىڭ (ئىلگىرىكى ياقۇت دەرياسى) غول ۋە تارماق ئېقىنلىرىدىكى تۈزلەڭلىكلەرگە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
ياقۇت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقلىمى ئىچكى قۇرۇقلۇق سوغۇق مۆتىدىل بەلباغ ئورمان ئىقلىمى، ۋە تۇندىرادىن ئىبارەت بولۇپ، ياز پەسلى قىسقا سالقىن، قىش پەسلى ئۇزۇن ۋە بەك سوغۇق بولغاچقا ئاشلىق زىرائەتلىرى ئاساسەن پىشمايدۇ.
ياقۇت زېمىنىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئورمانلىق ۋە تۇندرا يېرى بولۇپ، مۇزكايا چوقىسى(3011مەتەر) سىبىرىيەنىڭ ئەڭ ئىگىز نوقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ياقۇت جۇمھۇرىيىتى دۇنيادىن خىلۋەت شىمالى قۇتۇپقا يېقىن سوغۇق بەلباغدا ياشىغانلىقتىن جۇمھۇرىيەت تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار ئۇنچە تولۇق ئەمەس. ئەمما 1600-يىللىرى رۇسلار ياقۇت يېرىگە بارغاندا قالدۇرغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا ياقۇت رايونى تارىختىن بۇيان نىسپى مۇستەقىل قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ يېرىم ئىپتىدائى ھالەتتە ياشىغان. 1632-يىلى ياقۇت شەھرى بىنا قىلىنغاندىن كېيىن ياقۇت يېرى بارا-بارا رۇسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورمانچىلىق بازىسىغا ئايلانغان. رۇسلار شامان دىنىغا ئىشىنىدىغان ياقۇتلار ئارىسىدا پىروۋۇسلاۋ دىنىنى تارقىتىش بىلەن بىللە بۇ جايدا ياقۇت، ئالماس، ئالتۇن قاتارلىق قىممەت باھالىق مەدەنلەرنى بايقىغان ۋە ھەدەپ ئاچقان(ياقۇت دىگەن جاي نامى ۋە ياقۇتىسكى دىگەن شەھەر نامى ياقۇت دىگەن ئاتالغۇدىن پەيدا بولغان). 19-ئەسىردىن باشلاپ بۇ جايدا رۇس كۆچمەنلىرى پەيدا بولۇپ ياقۇت رايونىنىڭ ئاھالە تەركىبى ئۆزگىرىشكە باشلىغان. رۇسىيە بولشېۋىك ئىنقىلابىدىن كېيىن، ياقۇتلارنىڭ سىياسى ھاياتىدا ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن بولۇپ،1922-يىلى رۇسىيە فېدېراتسىيىسى قارمىغىداياقۇت ئاپتونوم ئوبلاستى بولۇپ قۇرۇلۇپ دەسلەپكى قەدەمدىكى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا سازاۋەر بولغان ،ئەمما 1948-يىلى بۇ نام ئۆزگەرتىلىپ، گورنا -ياقۇتسكىي ئاپتونوم ئوبلاستى دەپ ئاتالغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى مىخائىل گورباچېۋ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىنكى »قايتا قۇرۇش« دەۋرىدە ھەر قايسى ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسى قايتا مۇزاكىرە قىلىنغاندا 1990-يىلى ئوبلاسلىق خەلق ۋەكىللىرى كېڭىشى ياقۇت ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق سالاھىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ، تاغلىق ياقۇت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسىنى ئېلان قىلدى شۇنىڭدەك مەزكۇر ئاپتونوم ئوبلاست رەسمى ھالدا گورنا ياقۇت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالدى. 1991-يىلى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئاپتونوم سۆزى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ياقۇت جۇمھۇرىيىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن 1992-يىلى ياقۇت جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىلىپ، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى تەۋەسىدىكى فېدېراتسىيىلىك كېلىشىمگە قول قويغان ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلىنىپ، ئۆز ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىكى ھەر قانداق مەسىلىلەرنى مۇستەقىل تۈردە ھەل قىلالايدىغان ھۆكۈمەت قۇردى.
ياقۇت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ترانسىپورت ئالاقىلىرى بىراز ئارقىدا قالغان بولۇپ، تۆمۈر يول يوق، ھەر قايسى ئاھالە پونكىتلىرى ۋە شەھەرلەر ئارىسىدا پەقەت تاش يول قاتنىشى ( (80٪) ھەم ھاۋا قاتنىشى ھەمدە ئىچكى دەريالار ئارىسىدىكى ۋە شىمالى مۇز ئوكيان پورتلىرى ئارىسىدىكى يازلىق سۇ قاتنىشى يولغا قويۇلغان.
ياقۇت جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى مول بولۇپ، مەزكۇر بايلىقلار ئاساسى جەھەتتىن تېخى ئېچىلمىغان. ئالتۇن ، سىنىك، نېفىت تەبىئى گاز ۋە باشقا يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ زاپىسى يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئورمان بايلىقىنىڭ كۆلىمىمۇ زور ، ئېنېرگىيە مەنبەسى جۈملىدىن سۇ ئېنېرگىيە مەنبەسى ئىنتايىن مول.
ياقۇت جۇمھۇرىيىتى رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق نوقتىسى بولۇپ، دۆلەت ھاكىمىيەت سىستېمىسى قانۇنى، ئىجرائىيە ھەم سوت ھاكىمىيتى ھەمدە جۇمھۇرىيەتلىك ۋە يەرلىك ئورگانلارنىڭ چەكلىك دائىرىدىكى ھوقۇقلۇق ھاكىمىيىتىدىن تۇزۇلگەن.
ياقۇت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ۋەكىلى «ياقۇت جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئالىي قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولغان دۆلەت مەجلىسى ياقۇت تىلىدا «ئىل تۈمەن» دەپ ئاتالغان، بۇ قۇرۇلتاي 41 ئەزادىن تەركىپ تاپقان.

جۇمھۇرىيەتنىڭ ئالىي ئىجرائىيە ئورگىنى ياقۇت جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بولۇپ، ئۇنى ياقۇت جۇمھۇرىيىتى پىرىزدېنتى باشقۇرىدۇ. ياقۇت جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئاساسىي قانۇنى ھەم دۆلەت گېربى ۋە دۆلەت بايرىقىغا ئىگە بولۇپ، رۇس ۋە ياقۇت تىللىرى ئوخشاش دەرىجىدە دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتىلگەن.