يىپەك يولىدىكى بىباھا بايلىق-ئۇيغۇر ئەدەبىياتى

يىپەك يولىدىكى بىباھا بايلىق-ئۇيغۇر ئەدەبىياتى

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

مەلۇمكى، ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا – ئەڭ قەدىمكى بىر ئانتروپولوگىيىلىك رايون، ئەڭ قەدىمكى بىر مەدەنىيەت رايونى، جۈملىدىن شەرق – غەرب مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى بىر بەلبېغى. بۇ ئۈچ نۇقتا تۈپەيلى ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا مەدەنىيىتى ئادەتتىكى مەھەللىۋىي مەدەنىيەت كاتېگورىيىسىدىن ھالقىپ، ئالەمشۇمۇل تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. بىز ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ قەدىمكى تارىخىدىن شەرق ۋە غەرب خەلقلىرىگە ئالاقىدار ئانتروپولوگىيىلىك، ئېتنوگرافىيىلىك ئامىللارنى بايقىيالايمىز. بىز ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلغىنىمىزدا، « غەرب مەركەزلىك » ياكى « شەرق مەركەزلىك » نەزەرىيىلىرىنىڭ ئىنتايىن بىر تەرەپلىمىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. ئامېرىكا تارىخچىسى ۋىليام مىكگوۋرىن « مەركىزىي ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر » ناملىق كىتابىدا بۇ ھەقتە ئادىللىق بىلەن مۇنداق دەپ يازغان : « ئۇزاق يىللاردىن بۇيان بىزنىڭ ياۋروپا مەدەنىيىتىمىزنىڭ كۆپ قىسمى رىم ۋە گرېتسىيە ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن دەپ ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن ئىدۇق. . . يېقىنقى تەتقىقات بىلەن ئارخېئولوگىيىلىك ئېنىقلاشلار مۇنداق نەزەرىيىنىڭ ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. . . ياۋروپا، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ مەدەنىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتى مەركىزىي ئاسىيانىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان ».

ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا شەرق ۋە غەربنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا، ئۆزىگە خاس يايلاق خاراكتېرلىك مىللىي ئۇسلۇب ياراتقان، ئارىلاشما خاراكتېرلىك مەدەنىيەت بەرپا قىلغان، مەدەنىيەتتە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. بۇ ئۈچ نۇقتىنى ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي خۇسۇسىيىتى دەپ قاراش مۇمكىن.
يايلاق خاراكتېرلىك مەدەنىيەت ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ ئەسلىدىكى مىللىي ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ساقلانغان. ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ئۈچۈن يايلاق – يۇرت، يايلاق – ئىگىلىك، يايلاق – رېتىم ۋە ئۇسلۇب بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇر ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىدىكى تۇرمۇش ئالاھىدىلىكلىرى، كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى، پىكىر ۋە تەسەۋۋۇر خۇسۇسىيەتلىرى، ئەدەبىيات – سەنئەت ئۇسلۇبلىرى مۇشۇ يايلاق خاراكتېرىنى مەركەز قىلغان. ئۇلاردىكى بىر قاتار تۇرمۇش ئادەتلىرى، مېھماندوستلۇق، تەبىئەتتىن ئۆزگىچە زوقلىنىش، مەشرەپ ۋە سەيلى ئايەم پائالىيەتلىرى، سۈت – قېتىق، چارۋا ھېرىسلىقى قاتارلىقلار ھەممىدىن ئىلگىرى ئولتۇراقلاشقان بۇ مەدەنىيەتلىك مىللەتتە يايلاق خاراكتېرىنىڭ ھازىرمۇ ئېغىر ساقلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئارىلاشما خاراكتېرلىك مەدەنىيەت ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىدىكى يەنە بىر تارىخىي خۇسۇسىيەت. بىز ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىدىن شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ كۆپلىگەن ئامىللىرىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس تارىخىي ئۇسلۇبتا ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا، ئاساسلىقى، شامانىزم، ئاتەشپەرەسلىك، بۇددىزم، مانىخىزم، نىستۇرئانچىلىق ۋە ئىسلام دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان. ئۇلار گرېك يېزىقى، سوغدى يېزىقى، خەن يېزىقى، ئورخۇن يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئەرەب يېزىقى قاتارلىق ئاساسلىق يېزىق شەكىللىرىدىن پايدىلانغان. مانىخىزم ۋە بۇددىزم دىنلىرى ئۆزى پەيدا بولغان جايغا قارىغاندا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخىمۇ كۈچلۈك ھامىيلىققا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى، گرېك مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا تەسىرى قويۇق بولغان.
بىز ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئەپسانە ۋە مەسەللەر بىلەن گرېك ۋە ھىندىستان ئەدەبىياتىدىكى ئېزوپ مەسەللىرى، « كەلىلە ۋە دېمىنە » ھېكايىلىرىنىڭ تولىمۇ يېقىن ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. مىلادىدىن ئىلگىرى جاڭ چيەن چاڭئەنگە ئېلىپ كەتكەن « ماھادۇر مۇقامى »بىلەن قەدىمكى گرېك مىلودىيىلىرىدىكى « دۇرۇس»مىلودىيىسىنىڭ ھازىرقى شىنجاڭنىڭ قۇمۇل رايونىدىكى « ئۇلۇغ دور مۇقامى »نىڭ تارىخىي مۇناسىۋىتى كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. گرېكلەشكەن مەدەنىيەت ( ئېللېنىزم ) دەۋرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاتالمىش « شەرق ئېللېنىزمى » تىپىدىكى مەدەنىيەت ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئەپسانە، دىن، پەلسەپە ۋە بىناكارلىق، نەققاشلىق، رەسساملىق، تىياتىر سەنئىتىدە ئىپادىلەنگەن.

تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا مەي مەشرەپلىرى ۋە مەسخىرەۋازلىق تىياتىرىنىڭ گرېك ئىئۇنىس بايراملىرى ۋە ماسكارا تىياتىرلىرى بىلەن بىللە داۋام قىلغانلىقىنى، بۇددىزم سەنئەت يادىكارلىقلىرىدا، بولۇپمۇ تاش كېمىر سەنئىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا دىيار، ئىران ۋە گرېك گۈزەل – سەنئەت ئۇسلۇبىنىڭ كۈچلۈك ئارىلاشما پەيدا قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. مۇنداق ئارىلاشمىچىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى لوقمان، ئارىستوتىل، پىلاتون، پەرھات – شېرىن، خىسراۋ، رۇستەم، سىياۋۇش، ئاخرۇمازدا، ئەخرەمەن قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەسۋىرلەردە گەۋدىلىنىپ تاكى ھازىرغىچە ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرمەكتە.
شۇنىمۇ ئىزاھلاش ھاجەتكى، ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى قانداقتۇر ھەر خىل مەدەنىيەت ئۇسلۇبلىرىنىڭ ئەينەن، نوقۇل، يۈزەكى ئارىلىشىشى ياكى ئاددىيلا ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى بولماستىن، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا يەرلىك مىللىي مەدەنىيىتىنى گەۋدە قىلغان ۋە بۇ مەدەنىيەت تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن گارمۇنىك بىرىكمىدىن ئىبارەت. ئاتالمىش ئېللىنىزم مەدەنىيىتىمۇ نوقۇل گرېك مەدەنىيىتى بولماستىن، بەلكى گرېك مەدەنىيىتى بىلەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەين قوشۇنلىرى يېتىپ كەلگەن كەڭ شەرق مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدە توقۇلمىسىدىن ئىبارەت. گرېكلەر، كېيىنچە رىملىقلار ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ شەرق مەدەنىيىتىدىن داۋاملىق ئوزۇقلىنىپ تۇردى، مەشھۇر يىپەك يولىدىن ئىبارەت خەلقئارالىق غايەت زور سودا ۋە مەدەنىيەت يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ بىر قاتار دىنىي قاراشلىرى خرىستىيان دىنىغا تەسىر كۆرسەتتى. باكتىرىيەدە شەكىللەنگەن قۇياش ئىلاھى مېتىراغا سېغىنىش كىچىك ئاسىيا، گرېتسىيە، رىم ۋە ئۇ يەردىن دوناي ۋادىسى، قارا دېڭىز ساھىلى، ھەتتا برېتانىيەدىكى خرىستىيان مۇراسىملىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن. بىز ئېلىمىزنىڭ غەربكە ساياھەت خاتىرىسىدىكى سۈن ۋۇكۇڭ ۋە جۇ باجيې ئوبرازلىرىدا قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەپسانىۋىي قەھرىمانى مېتىرا بىلەن ئۇنىڭ چوشقا قىياپەتلىك ياردەمچىسى ۋىرترانگادىرنىڭ پروتوتىپىنى ئۇچرىتىمىز. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرق خەلقلىرىنىڭ پەلسەپە، تىبابەتچىلىك ۋە سەنئەت قاراشلىرى گرېكلارغا تۈرلۈك يوللار بىلەن تەسىر قىلغان. بۇنىڭغا ئېپوگرات، ئىپىدىكىلنىڭ تۆت زات ( تۆت فىزىس ) قاراشلىرىغا قارا دېڭىز بويىغا كۆچۈپ بارغان سىكىفلار ئېلىپ بارغان « تۆت تادۇ » قارىشىنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش كۇپايە.

ياۋروپالىقلارنىڭ مەدەنىيەت ئويغىنىش دەۋرىدە قەدىمكى گرېك پەلسەپىسى ۋە تەبىئەت ئىلمى يادىكارلىقلىرىنى ئەبۇ نەسىر فارابى ۋەكىللىكىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالمىش « ئەرەب يېزىقىدىكى ئاپتورلار » ئارقىلىق قايتا تېپىۋالغانلىقى تاسادىپىي بولمىغان.
ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا خەلقى ئەڭ دەسلەپ « ئات مەدەنىيىتى »نى ( جۈملىدىن « قاڭقا مەدەنىيىتى » ) ئىگىلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى كەڭ ياۋرو – ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا كۆپ قېتىملىق يۆتكىلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇلار ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيادىن ئىبارەت قۇرۇقلۇق قاتناش بېكىتى ئارقىلىق شەرق ۋە غەربنىڭ بىر قىسىم مەھەللىۋىي مەدەنىيەتلىرىگە، بولۇپمۇ گرېك – رىم مەدەنىيىتى، كۇشان – كۆسەن مەدەنىيىتى، سۈي – تاڭ مەدەنىيىتى، ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشىدىن ئىبارەت ئالەمشۇمۇل بەش چوڭ مەدەنىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەسسە قوشتى.
ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيادا ياشىغان ئەجدادلىرى ئۇزاق ۋە ئالاھىدە تارىخىي مۇھىت ئىچىدە مول، رەڭگارەڭ ماددىي، مەنىۋىي مەدەنىيەت ياراتقان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىناكارلىقى، تاش كېمىر سەنئىتى، ھەيكەلتاراشلىقى، رەسساملىق سەنئىتى، مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل سەنئىتى، تەرجىمەشۇناسلىقى، بولۇپمۇ مول ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە كىلاسسىك يازما ئەدەبىيات بايلىقى – يىپەك يولىدىكى بىباھا بايلىق بولۇپ، بۇ خىل مەنىۋىي بايلىق بىلەن تونۇشماي تۇرۇپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىي غەزىنىسىنى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلاملىرىنى، شۇنداقلا شەرق ۋە غەربنىڭ تەرەققىيپەرۋەر ئەنئەنىۋىي پىكىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر روھىيىتىدىكى ئىزچىل ئىپادىلىرىنى يورۇتۇش مۇمكىن ئەمەس.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى – يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا لىنىيىسىدىكى ئۈلگىلىك ئەدەبىي تىل – ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن يارىتىلغان، خەلق ئەدەبىياتى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ باي ۋە رەڭگارەڭ ژانېرلىرى بىلەن ئۆزىنى گەۋدىلەندۈرگەن، ئۆز ئالدىغا ئىزچىل بىر سىستېما ۋە ئۇسلۇب شەكىللەندۈرگەن.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھۇلى ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى بولۇپ، ئۇ ھەر خىل تېما، ھەر خىل بەھىردىكى خەلق قوشاقلىرى، خەلق داستانلىرى، چۆچەك، لەتىپە، تېپىشماق، رىۋايەت، ئەپسانە، ماقال – تەمسىل، ئەقلىيە سۆزلىرى قاتارلىق ژانېرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىي جامائە ۋە ئۇنىڭ ئاخىرقى دەۋرىنى ئىپادىلەيدىغان ئەپسانىلار، رىۋايەتلەر، قەھرىمانلىق دەۋرى ھېكايەتلىرى، ھەر خىل جەڭ، ئەمگەك، مەرسىيە، مەدھىيە، مۇھەببەت، تەنبىيە، بايرام – مەشرەپ قوشاقلىرىنىڭ بارلىقىنى، ھەر خىل تارىخىي قوشاقلارنىڭ تارىخىي قاتلام ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ قوشاقلارنىڭ كۆپچىلىكى كۈچلۈك رېتىمدارلىققا ئىگە بولۇپ، ناخشا – ئۇسسۇل، لەتىپىلەرگە تېكىست قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى ئۇزاق تارىختا يىپەك يولىدا كەڭ تارقالغان، غەرب، شەرق خەلق ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇنىڭدىن تەسىر ئالغان. مەسىلەن، قۇياش ئىلاھى مېتىرا، سۇ ئىلاھى خۇببى، جەڭ ئىلاھى مىررىخ قاتارلىق خەلق ھېكايىلىرى، كىرىستال كەش، بېلىق قىز قاتارلىق ماقال- تەمسىللەر باشقا خەلقلەر ئارىسىدا ساقلانماقتا. يازما ئەدەبىيات – ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئىش قوشۇش، ئۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۇنىڭ ئەنئەنىۋىي خەلقپەرۋەر ۋە ئالغا ئىنتىلگۈچى روھىنى قايتا گەۋدىلەندۈرۈش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى خەلقنىڭ ئۆلمەس ئارزۇ ۋە غايىلىرىنى تېىخىمۇ يۇقىرى بەدىئىي ۋاسىتىلەر بىلەن گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، خەلق ئەدەبىياتىنىڭ مەھسۇلىدىن ئىبارەت.

يازما ئەدەبىيات ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سىستېمىسىدا ناھايىتى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى ئوتتۇرا ئاسىيا كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى، ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ تەسىرلىك بىر تارمىقىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى « ئوغۇزنامە »، « چىستانى ئىلىك بەگ » قەھرىمانلىق داستانى، ئورخۇن – يەنسەي ئابىدىلىرى، ھەتتا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك »تە مىسال كەلتۈرۈلگەن ئاجايىپ مول ئەدەبىي پارچىلار ھازىرمۇ بىر قاتار ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت تارىخىنى ئىزاھلاشتا بىرىنچى قول ماتېرىيال بولۇپ خىزمەت قىلماقتا. ئۇيغۇرلاردا يازما ئەدەبىياتنىڭ قاچان باشلانغانلىقى ئېنىق ئەمەس، شۇنداقتىمۇ بۇددا سۇتىرالىرى، بۇددا ھېكايىلىرى، بۇددا شېئىرلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى تەرجىمىسى، ئىجادىي شەرھىي تەرجىمىسى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىدا كۆرۈنەرلىك ئىپادىسىنى تاپقان. بىز كۆسەن ۋە بېزەكلىكتىكى بۇددا تاش كېمىرلىرىغا سىزىلغان كۆپلىگەن رەسىملەردىن ئەينى زاماندىكى تەسىرلىك ھېكايە ۋە چۆچەكلەرنى كۆرۈۋالالايمىز. ئەدەبىياتشۇناسلار « ئالتۇن يارۇغ »نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى ئەنە شۇ خىل ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ بىر ئۈلگىسى دەپ قارىماقتا. يېقىندىن بېرى ئەدەبىياتشۇناسلار « مايترى سىمىت » دىراممىسىنى ئەنە شۇنداق يازما ئەدەبىياتنىڭ دىرامما ژانېرىغا مىسال قىلىپ مۇھاكىمە قىلماقتا. كۈلتىكىن، تۇنيۇقۇق، ماڭلىئان، بىلگى خاقان، كۈلىنچۇر، مويۇنچۇر مەڭگۈ تاشلىرىنى، يازما ئەدەبىيات شەكلىگە ئېلىنغان « ئوغۇزنامە» ئېپويىسىنى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ يەنە بىر قاتلام ئۇتۇقى دېيىش مۇمكىن. ئاپرىنچۇر تىكىن، ئاسىخ تۇتۇڭ، چىسۇيا تۇتۇڭ، قالىم كەيشى، پىراتيا ياشىدى، كىكى، جۈملىدىن « دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك »تە تىلغا ئېلىنغان بىر قاتار يازما ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئىسلامىيەتكىچە كۆرۈنەرلىك راۋاجلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇ بىلىگ » داستانى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئالەمشۇمۇل تارىخىي ئەھمىيەتلىك يېڭى تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى نامايەن قىلدى. قارا خانىلارنىڭ « خاقانىيە تىلى » دەپ ئاتالغان قەشقەرىيە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بۇ چاغدا ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەدەبىياتىنىڭ ئۆلچەملىك تىلىغا ئايلانغان ئىدى. بىر قاتار ئىلمىي ئەسەرلەر، جۈملىدىن ئەخمەت يۈكنەكىنىڭ دىداكتىك داستانى « ئەتەبەتۇلھەقايىق»مۇ خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېزىلغان.
چاغاتاي تىلى نامى بىلەن مەشھۇر بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى خاقانىيە تىلىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ يازما ئەدەبىيات 13 – 14 – ئەسىرلەردا غايەت زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. بۇ دەۋردە مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتى شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.
نەسىردىن رانجۇزى « قىسسەسۇل رانجۇزى»ناملىق ئەسىرى بىلەن ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىدا نەسرى – رومانچىلىقنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. ئاتايى، سەككاكى، لۇتىپى ۋە ئەلىشىر ناۋايى قاتارلىقلار ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە شېئىرىي گۈزەللىكنىڭ مىسلىسىز يۈكسەك دەرىجىسىنى ياراتتى. لۇتىپىنىڭ « گۈل ۋە نەۋرۇز » داستانى شېئىرىي رومانچىلىقنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.

ئەلىشىر ناۋايى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخىدا تەڭداشسىز ئەزىمەت، ھازىر 15 تومغا سىغدۇرۇلغان ناۋايى ئەسەرلىرى ئۇنىڭ كۆپ تەرەپلىمە تالانتىنى ۋە بىلىم دائىرىسىنىڭ كەڭلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ناۋايى لىرىك شائىر سۈپىتىدە 4263 غەزەل ( سونېت )، كۆپلىگەن مۇستەزاد، مۇخەممەس، مۇسەددەس، تەرجىبەند، قىتئە، رۇبائى، لۇغىز، چىستان، مۇئەمما، تۇيۇق فەردلەر يازغان. ناۋايى شەرق خەمسەچىلىكىنىڭ ئەڭ ئالىي ۋە شۆھرەتلىك ۋەكىلى سۈپىتىدە 57 مىڭ مىسرالىق بەش چوڭ داستان ياراتقان، ئۇنىڭ بىرى «ھەيرەتۇل ئەبرار »دىن ئىبارەت دىداكتىك داستان بولۇپ، قالغان تۆتى « پەرھات ۋە شېرىن »، « لەيلى – مەجنۇن »، «سەبى سەييار »، « سەددى ئىسكەندەر » قاتارلىق تۆت چوڭ شېئىرىي روماندۇر.

ئەلىشىر ناۋايى تىل، ئەدەبىيات، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، ئەدەبىيات تارىخى توغرىسىدا خاس ئەسەرلەر قالدۇرغان. ئەلىشىر ناۋايى يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە پەلسەپىۋىي پىكىر تەرەققىياتىدىكى يەنە بىر جاھانشۇمۇل نامايەندە.

ئەلىشىر ناۋايىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاساس سالغان، ئەلىشىر ناۋايى زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇرغان ئىدىيىۋىي مەزمۇن ۋە بەدىئىي ۋاسىتىلەرنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئۈزۈلمەس دولقۇنلۇق ئېقىمىنى ھاسىل قىلدى. سەئىدى، رەشىدى، ئاماننىساخان، قېدىرى، ئايازبىك، خىرقىتى، زەلىلى، نۆبىتى، مۇھەممەد ساىق كاشىغەرى، خامۇش ئاخۇن، ئابدۇرېھىم نىزارى، زىيائى، غېرىبى، سۇبۇرى، بىلال نازىمى، تەجەللى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئەدىبلەر مانا مۇشۇ ئۈزۈلمەس دولقۇنلۇق ئېقىننىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى ئاساسلىق ۋەكىللىرى.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلاردىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىياتىدىكى نادىر تارماق ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرق ئەدەبىياتى مۇنبىرىدىكى قىممەتلىك بايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى غەزىنىسىنى كۆپ تەرەپلىمە تونۇشتۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىش ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى مەركىزىي ھالقا.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ بارلىق ژانېرلىرى رېئالىزم، رومانتىزم، لىرىكىزم ۋە دىرامماتىزملىق ئۇسلۇبلار بويىچە چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنىڭ ساختىلىق، يامانلىق، خۇنۈكلۈككە قارشى كۈرەشنى ئىزچىل گەۋدىلەندۈرۈپ كەلدى ھەمدە پۈتكۈل غەرب ۋە شەرق خەلقلىرىگە ئورتاق بولغان ئۆلمەس كىلاسسىك تېمىلارنى ئۆزىنىڭ باش ئىدىيىۋىي مەزمۇنى قىلىپ كەلدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ياراتقان ئوغۇزخان، چىستانى ئىلىك بەگ، كۈلتىكىن، ئىككى تىكىن، ئۈگدۈلمىش، پەرھات، گۈل ۋە نەۋرۇز، نەسىردىن ئەپەندى، نازۇگۇم قاتارلىق مەشھۇر بەدىئىي پېرسوناژلار ئەنە ئۇنىڭ تىپىك ئوبرازى بولدى.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ غايىۋىي مەزمۇنلىرى ئىچىدە شەرق ۋە غەرب تېماتىكىسىنىڭ مەشھۇر ئۈلگىلىرىنى تېپىش مۇمكىن. ئەلىشىر ناۋايى « پەرھات ۋە شېرىن»، « سەددى ئىسكەندەر » ناملىق ئىككى شېئىرىي رومانىدا بۇ مەسىلىگە ئۈلگە تىكلىگەن.

چىن خاقانىنىڭ ئوغلى شاھزادە پەرھات ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ شەرققە يۈرۈشىدە خوتەن شاھىغا بەرگەن « جاھاننەما » ئەينىكى ئارقىلىق ئەرمەن مەلىكىسى شېرىننىڭ جامالىنى كۆرۈپ ئاشىق بولىدۇ. شەرقتىن غەربكە ۋىسال سەپىرى باشلىغان پەرھات چىن خەلقىنىڭ ھۈنەر ماھارىتى ۋە گرېك مۇتەپەككۇرى سوقراتنىڭ ئۈگەتكەن ھېكمىتى بىلەن قوراللىنىپ شېرىننىڭ مۇھەببىتىگە نائىل بولىدۇ. ناۋايى «سەددى ئىسكەندەر » ناملىق شېئىرىي رومانىدا گرېك شاھزادىسى زۇلقەرنەيىننىڭ غەربتىن شەرققە يۈرۈش قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئارىستوتىل پەلسەپىسى ۋە شەرق خەلقلىرىنىڭ داراغا قارشى كۈرەشتە ئۇنىڭغا ياردەم قىلغانلىقىغا تايىنىپ شەرقتە ئادالەت ئورناتقانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ، ئەلىشىر ناۋايى گرېك پەلسەپىسىنىڭ ئىززەت – ھۈرمىتى تۈپەيلى تارىختىكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندىن تۈپتىن پەرقلىق بولغان غايىۋىي پادىشاھ ئوبرازى ئارقىلىق شەرق ھاكىممۇەتلەقلىقىنى مەسخىرە قىلغان. چاغاتاي ئەدەبىياتىدا « راھەتۇل قۇلۇپ » ( قەلب ھۇزۇرى ) چىن مەلىكىسى بىلەن غەرب شاھزادىسى ئوبرازىنى ياراتقان ئىدى.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ غايىۋىي مەزمۇنلىرى ئىچىدە غايىۋىي جەمئىيەت ۋە غايىۋىي پادىشاھ توغرىسىدىكى ئوتوپىك ئىدىيىۋىي تېما ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. مۇنداق غايىۋىي جەمئىيەت ۋە غايىۋىي پادىشاھ ئوبرازى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ئىزچىل تەسۋىرلەنگەندىن تاشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر ناۋايى، موللا ئەلەم شەھيارى، مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا خاراباتى قاتارلىقلارنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە نۇقتىلىق گەۋدىلەنگەن.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۇيغۇر مەنىۋىي ھاياتىنىڭ ھەممە تارماقلىرىغا تۇتاشقان، ئۇ ماھىيەتتە پەلسەپە، ئاسترونومىيە، تىبابەتچىلىك، تارىخ ۋە ئەخلاقشۇناسلىقتىن ئىبارەت. « ئوغۇزنامە »، « زەپەرنامە »، « سەپەرنامە»، « غازات دەر مۈلۈك چىن » قاتارلىق ئەسەرلەر بىلەن « تەزكىرى بۇغراخان »، « تەزكىرى ئارسلانخان »، « تەزكىرى خوجىخان » قاتارلىقلار ماھىيەتتە بەدىئىي شەكىلدە يېزىلغان تارىختىن ئىبارەت. بىز كۆپلىگەن دىداكتىك ئەسەرلەردىن، رۇبائىي ۋە قىتئەلەردىن، ماقال – تەمسىللەردىن مول پەلسەپىۋىي، ئەخلاقىي مەزمۇنلارنى بىلىۋالالايمىز.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەرجىمە ئەدەبىياتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان. « ئالتۇن يارۇغ » ئىجادىي تەرجىمىنىڭ مۇھىم بىر نامايەندىسى، تۇرپاندىن « ماخاپخاراتا »، « رامايانا » قاتارلىق ھىندىستان داستانلىرى بىلەن« ئىنجىل »نىڭ تەرجىمە نۇسخىلىرى تېپىلدى. «مىڭ بىر كېچە »، « كەلىلە ۋە دېمىنە »، « شاھنامە »، « شۈەن جۇاڭنىڭ تەرجىمىھالى »، « قابۇسنامە »، « زەپەرنامە » قاتارلىق شەرق ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشتا سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ، لۇتىپى، موللا خامۇش، موللا مۇھەممەت تۆمۈرى، سىراجىدىن مەھمۇت قاتارلىق مەشھۇر تەرجىمەشۇناسلار ئىجادىي ئەمگەك سىڭدۈرگەن. موللا مۇھەممەت تۆمۈرى تەرجىمىسىدىكى « كەلىلە ۋە دېمىنە » ئابدۇللا مۇقەففا ئىشلىگەن ئەسلى نۇسخىسىدىن مەزمۇنلۇق چىققان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان پەلسەپىۋىي ۋە شېئىرىي پارچىلار بىلەن بېزەلگەن. ئەينى تەرجىمە ۋە بەدىئىي ئىش قوشۇپ تەرجىمە قىلىش ئۇيغۇر تەرجىمە ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم بىر ئەنئەنىۋىي ئۇسۇل.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا فارابىنىڭ ئەرەبچە، باۋايى ۋە تەجەللىنىڭ پارسچە شېئىر يازغىنىدىن باشقا، يەنە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە سەيدۇل، سەۋىنچ قايار ( گۈەن يۈنشى )، جامالىدىن، ئارقۇن سالى، تىكىن ساڭيا قاتارلىق ئەدىبلەر ئىچكى ئۆلكىلەردە ياشاپ خەنزۇ يېزىقىدا ئەسەر يېزىپ، خەنزۇ ئەدەبىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى ئىلىمنىڭ بىر تارمىقى سۈپىتىدە ئۆتمۈشتە مەدرىسلەردە ئۆتۈلۈپ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىنقى زاماندا ئۇنتۇلۇش ھالىتىگە يېقىنلاپ قالغانىدى. ئۇيغۇر خەلقى « ئوغۇزنامە»، « قۇتادغۇ بىلىگ»، « دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك »، « چاھار دىۋان»، « خەمسە »، « دىۋان زەللى »، « دىۋان نىزارى » قاتارلىق ئاساسلىق كىلاسسىك ئەدەبىيات دەستۇرلىرىنى كەڭ نەشىر قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ بولالمىغان ئىدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى تەتقىقاتى ھەر خىل ھاقارەتلىك ناملار ئاستىدا تەقىپ قىلىپ كېلىنگەنىدى. ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىيات، يېڭى دەۋر ئەدەبىياتى بويىچە ئايرىم – ئايرىم دەرس قىلىپ ئۆتۈلۈشكە باشلىدى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنىشقا، تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يىپەك يولىدىكى بىباھا بايلىق. بىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ ھەر قايسى ئەللەردە مەيدانغا كېلىشىنى قارشى ئالىمىز. شۈبھىسىزكى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى شەرق ۋە غەرب مەدەنىي ئالاقە تارىخىنى يورۇتۇشتا، يىپەك يولى مەدەنىيىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى تارىخىنى يورۇتۇشتا يەنىمۇ زور ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ.

مەنبە: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىنىڭ يىپەك يولىدىكى بىباھا بايلىق -ئۇيغۇر ئەدەبىياتى