زوردۇن سابىرنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبى توغرىسىدا

مەريەم قۇربان

مۇھىم مەزمۇنى: زوردۇن سابىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 20- ئەسىردىكى ئەڭ بۈيۈك ئەدىبلىرىدىن بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە خاس مەنىۋى دۇنياسىدا ياشاپ، پۈتكۈل ئىجادىيەت مۇساپىسىدا ئۆزىنىڭ تاللىغان يولىدىن يانمىدى، دورىمىدى، ئالدىراپ ئەسەر ئېلان قىلمىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تېما ، ئىدىيە ، پېرسۇناژ ، تىل قۇرۇلما جەھەتتە جپىسلەشكەن بەدىئىي بىرلىكتە ئۆزگىچە يارقىن ئۇسلۇپ بىلەن نامايان بولىدۇ. ئۇسلۇپ يازغۇچىنىڭ تەبىئىتى ۋە بەدىئىي ماھارىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشىدۇر.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: زوردۇن سابىر ھېكايە-رومانلار بەدىئىي ئۇسلۇب

ساددا دۇلقۇنلۇق كەيپىيات بىلەن لېرىك تۇيغۇدا ئىپادىلەنگەن پاساھەتلىك تۈس زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىكى خاسلىقتۇر. مەن ئاپتورنىڭ بۇ خىل ئۇسلۇبىنى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچەئامىللارغا يىغىنچاقلايمەن.

بىرىنچى، ئاپتور پۈتكۇل ئىجادىيىتىدە ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ساددا، ئەمما دولقۇنلۇق پۇرىقىنى ئەڭ جانلىق ئىپادىلىگەن يازغۇچىدۇر.

زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانلار تۇرمۇشىغا بېغىشلانغان بولۇپ ،شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ قىياپىتىنى، ئۆزگىرىشلىرىنى، دېھقان ھاياتىنىڭ رەڭدار، ئەمما ساددا مەنزىرىلىرىنى ئىنتايىن كەڭ ۋە پۇختا تەسۋىرلىدى. بىز ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى قىياپىتىدىن تارتىپ ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋە ئىسلاھات دەۋرىگىچە بولغان يىللاردىكى ئالاھىدە ئۆزگىچە بولغان ئىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى تاپالايمىز .

ئاپتور بۇ يىللاردىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېزىلاردىكى تەسىرىنى ئەمگەك ئەجرىدىن تاپقان خۇشاللىقىنى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى مۇھەببەت – نەپرەت ، ئۈمىد – ئارزۇ ،تېڭىرقاشلارنى ئىنتايىن سەمىمىي ۋە چىنلىق بىلەن تەسۋىرلىدى. ئۇنىڭ « كومبايىن » ،« باھار بوۋاينىڭ كۈنلىرى » ، « ئەپۇ » ، « قەرىزدار » ، « دولان ياشلىرى» ، « ئامەت » ، « قوشنىلار» ، « چايخورلار » ، « بوش كەلمە تۇرپانلىق » ،« خىيال ۋە سايە»،« ئېھ توپىلىق يول » ، « خەيرلىك ئىش »،« كاككۇك كېلىپ قونغاندا»، « سەھەردە كۆرگەن چۈش »،« سۈبىھى » ،« ۋاپادارلىق »، « ئاۋرال – شاماللىرى » قاتارلىق ئەسەرلىرى دېھقان ھاياتىنى ئوخشىمىغان تەرەپلەردە سۈرەتلىگەن نادىر ئەسەرلەردۇر.

ئۇ دېھقان تۇرمۇشىنى يازدى، دېھقان ھاياتىنى مىللىي پۇراق بىلەن يورۇتتى. ئۇ مىللىي ئالاھىدىلىكنى ئىپادىلەشتە كىيىم- كېچەك ، مىللىي ئۆرپ –ئادەت ، ئۆي – ئىمارەت قاتارلىق تاشقىي ئامىللار ئۈستىدىكى تەسۋىر بىلەن چەكلەنمەي، مۇھىمى پېرسۇناژلار خاراكتېرىدىكى مىللىي روھنى جانلىق سۈرەتلەش ئارقىلىق ئىپادىلىدى. « … ئۇسسۇل ئويناپ ، ناخشا ئېيتىپ يۈرگىنىمگە ئوتتۇز ئۈچ يىل بولۇپ قالدى. يەنە بىلىپ قوي ، مەن مۇشۇ ناخشا – ئۇسسۇلنى دوست تۇتۇپ يەنە ئوتتۇز يىل ياشىيالايمەن. ئۆلگەندە نامىزىمغا 11ئۆستەڭلىك يەرنىڭ ئادىمى كېلىدۇ. سەن شۇ چاغدا مەتيانى تىللىغان ئاغزىڭغا كاچات ئۇرىسەن بالا.» مانا بۇ ھاياتنىڭ قىممىتىنى ناخشا – ئۇسسۇل ۋە ئەقىدە بىلەن ئۆلچەيدىغان دېھقانلاردۇر.

« مەن ئۇلارغا ئۈزۈم ساتماقچى ئەمەس – دېدى نىياز خاپا ھالدا ئۈزۈملىرىم سېسىپ كەتسىمۇ ئۇلارغا ساتمايمەن، ئۇلار بىلەن تۆت ئېغىز گەپ قىلىشىپ ئالساملا بولدى.» مانا بۇ ساددا ، ھەق – ناھەق ئالدىدا چىداپ تۇرالمايدىغان ئادىمىيلىكنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان ئۇيغۇردۇر. ئاپتورنىڭ مىللىي روھنى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى مۇنداق ماھارىتى بىزنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. ئاپتور ئۇيغۇر خاراكتېرىنىڭ ئاساسىي تەرىپى بولغان ساددىلىق ، ئاقكۆڭۈللۈك، كەچۈرۈمچانلىق ۋە ئوتتەك قىزغىنلىقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئىزچىللىقى قىلدى. باشتىن – ئاخىر ئۆز مىللىتىنىڭ خاراكتېرىدىكى ئېسل پەزىلەتلىرىنى ئىنسان تەبئىتى نۇقتىسىدىن كۈزەتتى ۋە ئىپادىلىدى. ئۇنىڭ پېرسۇناژلىرى پايدا ئالسىمۇ ، زىيان تارتسىمۇ ، خۇشاللىق ياكى خورلىنىشتىمۇ، بايلىق ياكى گادايلىق ئىچىدىمۇ خۇددى توپا ئاستىدىكى ئالتۇندەك ئىنسانىي پەزىلەتلىرى بىلەن كۈلۈمسىرەيدىغان كىشىلەردۇر. بىز ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ھەيۋەتلىك ئالىيجانابلارنى ئەمەس، بەلكى يالاڭ ئاياق، ئەسكى چاپان، توپا ۋە تەر پۇراقلىرى ئىچىدە قەددىنى تىك تۇتۇپ ياشاۋاتقان ئەمگەكچان، قانائەتچان ۋە ساددا، ئەمما سۆيۈملۈك كىشىلەرنى كۆرىمىز. زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىدىكى بۇ خىل ئىستېتىك غايىۋىيلىككە تويۇنغان پېرسۇناژلار ئۇنىڭ دەسلەپكى يازغان « ئاۋرال شاماللىرى » رومانىدىن تارتىپ ئاخىرقى ئەسىرى « ئانا يۇرت» قىچە سىڭگەن. بۇ زوردۇن سابىرنىڭ « مەن مىللەتنىڭ ئىللەتلىرىنى يازغاندىن كۆرە كىشىلەرنى تۇرمۇشقا ئۈندەيدىغان ئامىللارنى كۆپرەك يېزىشنى خالايمەن، چۈنكى مىللىتىمىز ئىلھاملاندۇرۇشقا مۇھتاج » ( زودۇن سابىرنىڭ ئىلى پېداگوكىكا ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرىغا سۆزلىگەن لېكسىيىسىدىن) دەيدىغان ئىجادىيەت مەقسىتىدىن كەلگەن. ئاپتور ئۆز مىللىتىگە بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتىنى پېرسۇناژلىرىغا سىڭدۈرۈپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشلىرىنى ئىپادىلىدى.

تېما ۋە ئاددىي كىشىلەر ئوبرازى، ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدا ناھايىتى جانلىق ئىپادىلەنگەنلىكى ئەسەرنى ساددا يېقىملىق كەيپىياتقا ئىگە قىلغان بولسا ،پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرى ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئالىيجاناپلىق، مەرتلىك، ئۈمىدۋارلىق ۋە گۈزەللىك ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىنسان مەڭگۈ ئىنتىلىدىغان غايىۋى مۇھىتنى ھاسىل قىلىدۇ. مانا بۇ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئاددىي ساددىلىق ئىچىدە ساقلىنىپ قالغان گۈزەللىك ۋە مەردانىلىقتۇر.

پېرسۇناژلارنى مۇرەككەپ توقۇنۇشلار ئىچىدە يارىتىش، زوردۇن سابىر ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك تەرەپ. زوردۇن سابىر يۇقىرىقىدەك پەزىلەتلىك پېرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىشنى ئىجادىيىتىدىكى ئاساسىي تەرەپ قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئاددىيلاشتۇرۇش يولىنى تۇتمىدى. ئەكسىچە پېرسۇناژلارنى مۇرەككەپ توقۇنۇشلار ئىچىدە ھەرىكەت قىلدۇردى. بولۇپمۇ خاراكتېر توقۇنۇشى ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى كۆرسىتىش ئۇنىڭ ئىزچىللىقى بولدى.

مەسىلەن، « قەرزدار» دىكى تۇرغان لېۋىر بىلەن بەرىز، «قوشنىلار » دىكى سالى بىلەن جامى، « خەيرلىك ئىش » تىكى ھەمدۇل بوۋاي بىلەن روسۇل، « ئىزدىنىش » تىكى ئەلا بىلەن رەقىپ، « بوش كەلمە تۇرپانلىق » تىكى نىياز بىلەن ياقۇپ ، « ئارچا ياپرىقى » دىكى ئەلى بىلەن كامىلجان قاتارلىقلار ئەنە شۇنداق توقۇنۇشتا تۇرۇپ ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئوخشىمىغان تەرەپلىرى جانلىق يورۇتۇلغان پېرسۇناژلاردۇر . ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى مۇنداق باي خاراكتېر تەسۋىرلىرى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە گۈزەللىك بىلەن خۇنۈكلىك ،چىنلىق بىلەن ساختىلىق سېلىشتۇرما ھالەتنى ھاسىل قىلىپ، ئەسەرلىرىگە كۈچلۈك دولقۇنلۇق كەيپىيات بېغىشلايدۇ. « ئانا يۇرت» تىكى نۇرى، « ئىزدىنىش » تىكى ئەلا، « سۈبھى» دىكى ئەسئەت ،راھەت ، سۈبھى قاتارلىقلار جاھالەت ۋە جاراھەت بىلەن تولغان يىللارنىڭ ئىسكەنجىلىرى ئىچىدە تاۋلىنىپ، ئۆز ئەقىدىسى ئۈچۈن كۆرەش قىلغان ۋەتەنپەرۋەر ، بىلىم سۆيەر كىشىلەر بولسا، « قوشنىلار » دىكى سالى، « ئامەت » تىكى بېشىر ، « غەزنە » دىكى ئەخمىدى ، « قەرزدار » دىكى تۇرغان لېۋىر تۇرمۇشىمىزدىكى ئاق كۆڭۈل ئەمگەكچان مەرت كىشىلەرنىڭ تىپىدۇر.

دېمەك ، ئۇيغۇر تۇرمۇشى ۋە ئاددىي كىشىلەر ئوبرازى ئاپتور ئەسەرلىرىنى ساددا، يېقىملىق كەيپىياتقا ئىگە قىلغان بولسا، پېرسۇناژلىرىنى مۇرەككەپ توقۇنۇشلار ئىچىگە قويۇش ۋە ئاساسىي پېرسۇناژلىرىنىڭ خاراكتېرى ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن مەرتلىك ۋە گۈزەللىك ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى كۈچلۈك رېتىمدارلىققا، جەلپكارلىققا ۋە غايىۋىيلككە ئىگە قىلغان .

زوردۇن سابىر ئەسەرلىرى تەسۋىرنىڭ ئىنچىكە ، ھېسسىياتنىڭ كۈچلۈك، ئەسەر كەيپىياتىنىڭ لېرىكىلىققا باي بولۇش بىلەنمۇ خاراكتېرلىنىدۇ.

زوردۇن سابىر ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇدرىتىدىن پايدىلىنىپ پېرسۇناژلارنىڭ ئىچى ۋە تېشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلەيدۇ. ئاپتورنىڭ پورتېرىت تەسۋىرى ئىككى خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە . بىرى خاراكتېرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بېرىلگەن تەسۋىر، يەنە بىرى خاراكتېرىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە پېرسۇناژلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان تەسۋىر.

ئۇ، پېرسۇناژلارنىڭ چىرايىدىكى كۆپ خىل ئۆزگىرىشلەرنى بىرىكتۈرۈپ تەسۋىرلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، پېرسۇناژلارنىڭ مۇھىتقا قايتۇرغان ئىنكاسىنى تەبىئىي ئىپادىلەيدۇ. ئاپتورنىڭ پورتېرىتنى مۇنداق تەسۋىرلەش ئۇسۇللىرى دەسلەپكى بەزى ئوبزورلاردا تەنقىدلەندى. مېنىڭچە بۇ تەرەپ ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىكى كەمچىلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە ھەر خىل ئەدەبىيات ئېقىملىرىنىڭ تەسۋىرگە بولغان قارىشى ۋە تەلىپى ئوخشاش ئەمەس. ئەمما رېئالىستىك ئەدەبىيات پورتېرىتنى تولۇق تەسۋىرلەشنى چەتكە قاقمايدۇ. مەسىلەن: « ئايۇپنىڭ كۆتمەك بۇرۇتلىرى لىپىلداپ كەتتى . قويۇق قاشلىرى ھۆرپىيىپ ،كۆزلىرىدە بىر دىنلا قىزىل يىپلار پەيدا بولدى. » ، « تۆھپە» ھېكايىسىدىكى بۇ تەسۋىردە زەردىسى بار ئەرنىڭ شۇ مۇھىتتىكى روھى دۇنياسى جانلىق ئىپادىلەنگەن .

« تىزىغا كېلىدىغان ساغۇچ كۆڭلىكى ، سۇغا چىلانغاندەك ھۆل تىزىغىچە تۈرۈگلۈك پۇشقاقلىرىدىن چىقىپ تۇرغان بۇقىنىڭ ئالدى پۇتىدەك توم مەزمۇت پاچاقلىرى توپا تەردىن خۇددى چالا ئۈكلەنگەندەك بولۇپ قالغان ، ئوچۇق مەيدىسىدىكى قويۇق يۇڭ تۆت چاسا يۈزىدىكى ساقال بۇرىتى، بۈرغاي قىيغاي كۆزلىرى ئۈستىدىكى چوتكىدەك قاشلىرىنىڭ مىدىرلىشى ئۇنىڭ يوغان گەۋدىسىدە بىر خۇشاللىقنىڭ سەكرەپ يۈرگەنلىگىدىن بىشارەت » (« چايخورلار» ھېكايىسىدىن).

بىز بۇ تەسۋىرلەردىن مەغرۇر، كەسكىن، ھېسسىياتچان خاراكتېردىكى ئادەمنىڭ چىرايىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپلا قالماي، بەلكى، ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىغاندەك بولىمىز.

ئاپتورنىڭ گۈزەللىكنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلغان تەسۋىرىمۇ ئالاھىدە بولۇپ ،ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ساھىبجاماللار گۈزەللىكتە كامالەتكە يەتكەن . ئاپتور بۇ خىل پېرسۇناژلارنى تەسۋىرلىگەندە ئىچى ۋە تېشىغىچە ئادەمنى مەھلىيا قىلغۇدەك دەرىجىدە تەسۋىرلەيدۇ. بىز بۇ يەردە ئاپتورنىڭ گۈزەلئاي ، سەبىخە ،زەيتۇنە ،ئەلا ، گۈلسارە قاتارلىق پېرسۇناژلار ئۈستىدىكى قەلىمىنى ئەسلىسەكلا كۇپايە. ئاپتورىنىڭ مۇنداق تەسۋىرلىرى ئەسەرنىڭ ئىستېتىك قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ، يېقىملىق ناخشىدەك قەلبىمىزگە گۈزەللىك ئۇرۇقىنى چاچىدۇ.

ئاپتورنىڭ پېرسۇناژلار خاراكتېرىنى سۈرەتلەش پورتېرىت تەسۋىرىدىن باشقا ئىندىۋىدۇئاللاشقان تىل ئارقىلىق خاراكتېر يارىتىشىمۇ ئاجايىپتۇر. ئاپتورنىڭ بۇ جەھەتتىكى تالانتىنى دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان يازغۇچىلار قاتارىغا قۇيۇشقا ھەقلىقمىز . ئاپتور تىلدىن پايدىلىنىپ سىيۇژىتنى راۋاجلاندۇرۇشتا دىئالوگدىن ئىبارەت ئىخچام قۇرۇلمىدىن پايدىلانغان . پېرسۇناژلار تىلىنى بەرگەندە تىلنى پۇختا ئىشلەپ شۇ پېرسۇناژنىڭ ئۆزىگىلا تەۋە بولغان تىلغا ئايلاندۇرغان، مەسىلەن:

-بىلەيزۇكۈڭگە قاراپ بالىمىكىن دېسەم ،سائەت تاقاپسەن، چوڭ بولغان ئوخشىمامسەن .

– كىنوغىمۇ، مەشرەپكىمۇ بارماي كۈن ئۆتكۈزگىنىڭىزگە قاراپ بوۋاي بولۇپ قالدىمىكىن دېسەم، تېخى قىزلارغا زەڭ قويۇپ يۈرۈپسىز . ياش ئوخشايسىز .

-تولا شېتىللىق قىلما!

-بىردەمدىن كېيىن چىتنىڭ يېنىغا كەلگەندە ،ساڭا بىر مۇھىم گىپىم بار، كېلەمسەن ؟

-مۇشۇ يەردە يېرىمىنى بولسىمۇ ئېيتىڭ .

-ماقۇل گەپنىڭ بېشى شۇ ئۇسسۇل ئويناشنى ، ناخش ئېيتىشنى تاشلايسەن . ( «دولان ياشلىرى »دىن )

-يامان ئۆگىنىپ قالىدۇ. گۆشنىڭ تەمىنى تېتىپ قالسا بالىلار قوتاندىكى قوينى تۈگىتىدۇ خېنىم ……….

-قوتاندىكى تۈگىسە ئېتىزدىكى بارىكەن ، ئېتىزدىكى تۈگىسە بانكىدىكى بارىكەن ، ۋاييەي.

-ئوغلۇڭغا دە قويۇۋەتسۇن – دېدى جامى ئايالىغا .

-ئالمايمەن دېسە زورلاپ ئېلىپ بەردىلە ،ئەمدى بالىنىڭ بۇ خوتۇنغا كۆڭلى چۈشۈپ قاپتۇ – دېدى ئايالى.

-نېمە كۆڭۈلكەن ئۇ، پول تاپمايدىغان ئادەمگە چۈشىدىغان قانداق ساراڭ كۆڭۈلكەن.

يۇقىرىدىكى دىئالوگلاردىن ئوخشاش بولمىغان پېرسۇناژلارنىڭ چىراي ھەرىكىتى ۋە ھېسسىياتىنى تولۇق ھېس قىلالايمىز . بۇ تىللار ھەم مىللىيلىككە ھەم يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەم شۇ پېرسۇناژلارنىڭ ئۆزىگە تەۋەدۇر. مۇنداق دىئالوگ شەكلى خاس خاراكتېر يارىتىش ئىجادىيەتتىكى ئەڭ قىيىن ئۇسۇللارنىڭ بىرى. ماكسىم گوركى بۇ ھەقتە توختىلىپ: « ھەممىمىزگە مەلۇمكى تىلنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش، ھەرىكەتنى تىلغا ئايلاندۇرۇشقا قارىغاندا قىيىن. يازغۇچىلار ھەرىكەتنى تىلغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە تىلنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر .» دېگەنىدى. چۈنكى تىل ئۆز خاسىيىتىدىن ئېيتقاندا ئومۇمىيلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئىچكى دۇنيادىكى يوشۇرۇنلۇقنى تىل بىلەن پېرسۇناژنىڭ ئۆز ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش بىر قەدەر يۇقىرى ماھارەتنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ .

زوردۇن سابىر تىلى يەنە ھېسسىياتقا باي بولۇپ ،ھېسسىيات قىسقا جۈملىلەر ئارقىلىق كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ .ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ھەر بىر دىئالوگ، ھەر بىر دېتال ۋە ھەر بىر تەسۋىرلەر قويۇق ھېسسىيات بىلەن سۇغۇرۇلغان بولۇپ، پېرسۇناژلارنىڭ ھەر قەدىمىدە ھېسسىيات تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ . زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىدىكى لېرىكىلىق ھېسسىياتلار ئۇنىڭ رەڭدار تەبىئەت تەسۋىرلىرى بىلەن زىچ بىرلەشكەن .

ئەدەبىي ئەسەرلەردە تەبىئەت تەسۋىرى پېرسۇناژلارنىڭ پائالىيەت زېمىنىنى كۆرسىتىش، گۈزەللىك ھاسىل قىلىش خاراكتېرى، كەيپىياتلارنى ئىپادىلەش ۋە روھىي بىشارەت ھاسىل قىلىش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ .ئاپتور تەبىئەت تەسۋىرىگە ناھايىتى ئۇستا بولۇپ ،تەبىئەتنىڭ رەڭدار ھالىتىنى سىزىپ گۈزەللىك يارىتىش بىلەن بىرگە ،روھنى تەبىئەت ئىچىدە گەۋدىلەندۈرىدۇ .ئۇ، پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرىدىكى نازۇك داۋالغۇشلىرىنى، ئۆزىنىڭ لېرىك تۇيغۇلىرىنى تەبىئەت تەسۋىرىگە سىڭدۈرۈپ ،ئەسەردە يېقىملىق ناخشىدەك لېرىك تۈس ھاسىل قىلىدۇ .

مەنزىرە بىلەن ھېسسىياتنىڭ بىرىكمىسىدىن ھاسىل بولغان تەسۋىرلەر زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىنى كۈچلۈك دولقۇنلۇق ھېسسىيات بىلەن لېرىك تۇيغۇغا ئىگە قىلغان .

چوڭقۇر پەلسەپىۋىلىكتىن ھاسىل بولغان لاتاپەت زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىگە باي ۋە چۇڭقۇر بولغان ھېكمەتلەرنى سىڭدۈرۈپ، ئۆزىگە خاس مەنىۋى چۇڭقۇرلۇق ھاسىل قىلدى .بىز ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا ،كۆپنى كۆرگەن، ھاياتقا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ھەمدە ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى ئەسەرگە سىڭدۈرگەن بىر پەيلاسوپ كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى خەلق ماقال – تەمسىللىرى، پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنيا توقۇنۇشلىرى، مەنزىرە تەسۋىرى، بىۋاسىتە مۇھاكىمە شەكىللىرىدە بېرىلگەن ھېكمەتلىرى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى كەڭلىككە ۋە چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلغان .

«ھايات بېقىندىلىق ،يۆنۈلۈش بولسا سۇنۇشلارنى رەت قىلمايدۇ .لېكىن ھەر قانداق بىر سودىنىڭ بولغىنىدەك يۇقىرىقى ئاتالمىلار ئىستېمال قىلىنغاندا ،ئۇنىڭ بەدىلىگە بىر نېمىگە ئېرىشىش زۆرۇرغۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان دەريادەك ھەرىكەتچان قۇم ئۈستىدە ئۆسكەن قومۇشتەق ئۈمىدۋار» («تارىم سۈيى كەينىگە ئاقمايدۇ» دىن )

ئاپتور ھاياتلىق ۋە ئۈمىد ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىدە يۇقىرىقىدەك مۇھاكمە يۈرگۈزسە، ئىنسان ۋە روھ ئۈستىدە مۇنداق يازىدۇ: «ئۆزىلا بىلىدىغان، ئۆمۈر بويى يوشۇرىدىغان رەزىل ئىشلار ھەر قانداق ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا مەۋجۇت، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنىڭ نىسبىتىلا ئوخشاشمايدۇ،خالاس.» («قۇياش ھىممىتى» دىن). ئۇنىڭ مۇھاكىمىلىرى ئۆزگىچە بولۇپ ،چۈشۈنىكسىز ،ھەيۋەتلىك سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ھېسسىي، جانلىق بولغان كۆرۈنۈشلەر، مەنزىرىلەر ئىچىدە ئىپادىلەنگەن .«ئەر – ئاياللارنىڭ ئەقىدە ئارزۇسى باشقا – باشقا بولسىمۇ ،ياستۇق بىر بولىۋېرىدۇ .بۇ نەچچە مىڭ يىللىق چىناردەك يىلتىزى چوڭقۇر شاخلانغان بىر ئادەت.» («تارىم سۈيى كەينىگە ئاقمايدۇ» دىن ).«بايرام بولغان كوچىلاردىن تاۋۇت كۆتۈرگەن ھازىدارلار ئۆتىدۇ ،بۇ ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى .» («ئانا يۇرت » تىن ).

قاراڭ ،بۇ مۇھاكىمىلەردە ئوبرازمۇ، مەنزىرىمۇ، ھېسسىياتمۇ بار .بۇ قۇرلارنى بىرلا ئوقۇغان ئادەم ناھايىتى چوڭقۇر چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولىدۇ. بېلىنىسكى«بۈيۈك ئەسەر ھەققىدە نېمىلا دېيىشمىسۇن ۋە قانداق قىلىشمىسۇن، ئىشىنىڭكى ھەممىدىن ئاۋۋال ئوقۇپ چىقىلىدۇ ۋە زوقلارنى،ئەقىلنى ئويغىتىدۇ.» دېگەنىدى. زوردۇن سابىر ئەسەرلىرى مانا شۇنداق قوللاردىن چۈشمەي ئوقۇلىۋاتقان، كىشىلەرگە چەكسىز لەززەت بېغىشلاۋاتقان سەر خىل دۇردانىلىرى بىلەن زېمىنىمىزنى تويۇندۇرۇپ، ئىشەنچ، پەزىلەت بېغىشلاۋاتقان ئېسىل ئابىدىلەردۇر .

ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى :شىنجاڭ ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتى

مەريەم قۇربان
مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى 2005 -يىل 1 -سان تەھرىر: دىلارە خەمىت