تېجەشلىك قىز

تېجەشلىك قىز

تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، ئوغلىغا ياتلىق قىلىش ئۈچۈن بىر ياش قىز ئىزدەۋاتقان بىر سودىگەر باركەن. ئوغلىنى، تېجەشلىك بىر قىزغا ياتلىق قىلاي دەيدىكەن. لېكىن بۇنداق قىزنى نەدىن تېپىشنى بىلەلمەپتۇ. كېچە كۈندۈز باش قاتۇرۇپتۇ. ئاخىرى، ناھايىتى ياخشى بىر چارە ئويلاپ تېپىپتۇ.

دەرھال باغدىكى ئۆرۈكلەردىن تېرىپتۇ. كىيىن ھويلا تېمىدا ئولتۇرۇپ توۋلاشقا باشلاپتۇ،

– ئەخلەتلەرگە ئۆرۈك تېگىشىمەن، ئەخلەتلەرگە ئۆرۈك تېگىشىمەن!

بۇنى ئاڭلىغان خالايىق، تاپقان ئەخلەتلىرنى تېرىپ ئېلىپ كەلگىلى تۇرۇپتۇ. قانچە جىق ئەخلەت بەرسە، شۇنچىلىك ئۆرۈك ئالىدىكەن.

بىر كۈنى ناھايىتى چىرايلىق بىر قىزچاق، بىر ئاز ئەخلەت ئېلىپ كەپتۇ.

– مەنمۇ ئۆرۈك ئالسام بولامدۇ؟ – دەپ سوراپتۇ.

سودىگەر،

– بولىدۇ، لېكىن سوراپ باقاي، باشقىلار شۇنچە جىق ئەخلەت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، سىز قانداقسىگە بۇنداق ئاز ئەخلەت ئېلىپ كېلەلىدىڭىز؟

قىز يەرگە قاراپ جاۋاب بېرىپتۇ،

– مەن شۇ… بىزنىڭ ئۆيدىن بەكمۇ جىق ئەخلەت چىقمايدۇ، بىز نەرسىلەرنى تېجەشلىك ئىشلىتىمىز، بىكار ئەخلەت تاشلىمايمىز، شۇڭا مۇشۇنچىلىكلا ئەخلەتنى تېپىپ كەلدىم.

بۇ جاۋاب دەل سودىگەر كۈتكەن جاۋاب ئىكەن. بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ. قىزدىن نەدە ياشايدىغانلىقىنى سورىۋاپتۇ.

ئەتىسى، ئوغلى بىلەن قىزنىڭ ئۆيىگە مېڭىپتۇ. قىزنىڭ ئاتا ئانىسى بىلەن دىيىشىپتۇ.

شۇنداق قىلىپ سودىگەرنىڭ ئوغلى، تېجەشلىك قىز بىلەن توي قىلىپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇشال خۇرام ياشاشقا باشلاپتۇ.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *