تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر
ناھايىتى سوغۇق بىر قىش كۈنى ئىكەن. ئورۇق ۋە ئاجىز بىر بۆرە، سېمىز ۋە كۈچلۈك بىر ئىت بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ. ئىتقا قىزىقىپ سوراپتۇ:
– سەن نىمە ئۈچۈن بۇنچە سېمىز؟
ئىت:
– ئادەملەر مېنى باقىدۇ، – دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
بۆرە ھەيرانلىق بىلەن:
– شۇنداقمۇ، – دەپتۇ، – ئۇنداقتا مەنمۇ سەن بىلەن بىللە ماڭاي، ئۇ ياخشى يېمەكلىكلەردىن مەنمۇ يەي.
ئۇلار بىللە يولغا چىقىپتۇ. بۆرە ناھايىتى خۇشال ئىكەن. « بۇنىڭدىن كېيىن ئاچ قالمايمەن.» دەپ ئويلاپتۇ. مېڭىۋېتىپ ئىتنىڭ بوينىدا بىر يارا ئىزى كۆرۈپ قاپتۇ. قىزىقىپ سوراپتۇ:
– ئاداش، بۇ بوينۇڭدىكى يارا ئىزى نېمە؟
– تاسما ئىزى، – دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئىت.
– چۈشەنمىدىم، – دەپتۇ بۆرە، – تاسما دىگەن نىمە؟
ئىت چۈشەندۈرۈپتۇ:
– ئادەملەر كېچىلىرى مېنى زەنجىر بىلەن باغلاپ قويىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بوينۇمغا تاسما باغلايدۇ.
بۆرە نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي قاپتۇ. بىردەم جىمىپ قاپتۇ. كېيىن:
– مەن سېنىڭ بىلەن بىللە كېلىشتىن ۋاز كەچتىم، – دەپتۇ.
ئىت:
– نىمىشقا دەپ سوراپتۇ.
بۆرە:
– چۈنكى مەن ئەركىن بولمىسام خۇشال بولالمايمەن. زەنجىر بىلەن باغلىنىشنىڭ ئورنىغا ئاچ قالسام تېخى ياخشى، شۇڭا كېلىشتىن ۋازكەچتىم، – دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.