چارلى ۋە شاكىلات زاۋۇتى (3)

چارلى ۋە شاكىلات زاۋۇتى

ئاپتورى: روئالد داھل

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەبىبە ئۇيغۇر

3-باب: ۋونكا ئەپەندى ۋە ھىندىستان شاھزادىسى

جو بوۋا «پوندىچەرى شاھزادە بىر كۈنى ۋىللى ۋونكا ئەپەندىگە بىر خەت ئەۋەتىپىتۇ.» دەپ ھېكايىسىنى باشلىدى. «ئۇنىڭدىن ھىندىستانغا كېلىپ پۈتۈنلەي شاكىلاتتىن ياسالغان چوڭ بىر ساراي سېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپتۇ.»

– ئۇنداقتا ۋونكا ئەپەندى ساراينى ياساپتۇمۇ بوۋا؟

– ئەلۋەتتە ياساپتۇ. ئاجايىپ كۆركەم دېگىنە! ساراينىڭ يۈز ھۇجرىسى بار ئىكەن، ھەممە نەرسە شاكىلاتتىن ياسالغانكەن، سۈتلۈك، قارا، ئاق، قاندىقىنى كۆڭلۈڭ تارتسا! خىشلار شاكىلات ئىكەن، سىمونتلار شاكىلات ئىكەن،دېرىزىلەر،تاملار، تورۇسلار شاكىلات ئىكەن. گىلەملەر، ئورۇندۇقلار،ئۈستەللەر،كارىۋاتلار، ھەممە نەرسە باشتىن ئاخىرىغىچە شاكىلاتتىن ياسالغان ئىكەن. مۇنچىدىكى تۇربىلارنى ئاچساڭ ئېرىتىلگەن ئىسسىق شاكىلات ئاقىدىكەن.

«ساراي پۈتكەندىن كىيىن ۋونكا ئەپەندى پوندىچەرى شاھزادىگە: قاراڭ، كىيىن ئەسكەرتىپ قويمىغانتى دىمەڭ، بۇ ساراي ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك ئەمەس، ئۇزۇن مەزگىل ساقلاپ قويغىلى بولمايدۇ، دەرھال يەۋېتىڭ.»

شاھزادە بولسا «قالايمىقان گەپ قىلماڭ ئەپەندىم!» دەپتۇ. «نېمىشقا سارىيىمنى يەۋەتكۈدەكمەن! بۇ پەلەمپەيلەرنى غاجاش، تاملارنى يالاش قىرق يىل ئويلىسام ئېسىمگە كىرىپمۇ قويماس! مەن بۇ سارايدا ياشاشنى خالايمەن، ئۇقتىڭىزمۇ!»

ئەلۋەتتە ئىشلار ۋونكا ئەپەندىنىڭ دېگىنىدەك بولۇپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ھاۋا ئىسسىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ. ئاپتاپ چىقىپ، تومۇز ئىسسىق بولغان بىر كۈنى ساراي ئېرىشكە باشلاپتۇ. ئاستا ئاستا ئۆرۈلۈپ چۈشكىلى تۇرۇپتۇ. ئۇ ۋاقىتتا سارايدا ئۇخلاۋاتقان شاھزادە كۆزىنى ئاچقاندا نېمە كۆرۈپتۇ دىمەمسەن؟ قوڭۇر رەڭ، يېپىش يېپىش بىر شاكىلات دەرياسىدا ئېقىپ كېتىۋاتقان!

چارلى كارىۋاتنىڭ ئۇچىدا ئولتۇرۇپ ھەيرانلىق بىلەن بوۋىسىغا قاراۋاتاتتى. ھاڭ تاڭ بولۇپ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ تۇرۇپلا قالغان ئىدى. «بۇ ئىشلار راستىنلا بولۇپتۇمۇ؟» دەپ سورىدى.« ياكى مېنى ئەخمەق قىلىۋاتامسەن؟»

قېرىلارنىڭ ھەممىسى بىللە «راستىنلا بولۇپتۇمۇ دىگىنىڭ نىمىسى؟» دەپ توۋلىدى. «ئەلۋەتتە راستىنلا بولۇپتۇ! خالىغان ئادەمدىن سوراپ باقساڭ بولىدۇ!»

جو بوۋا« خالىساڭ ساڭا راستىنلا بولغان يەنە بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي.» دىگەندىن كىيىن چارلىغا يېقىنلىشىپ قۇلىقىغا ئېگىلىپ، ناھايتى چوڭ بىر مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىماقچى بولغاندەك ئاستاغىنە پىچىرلىدى. «ئۇ يەردىن… تېشىغا… چىقىدىغانلار… يوق!»

چارلى «قەيەردىن» دەپ سورىدى پەس ئاۋازدا.

– ئىچىگە… كىرىدىغانلارمۇ… يوق!

چارلى بۇ قېتىم « قەيەرگە؟» دەپ ۋارقىرىدى.

– قەيەرگە بولاتتى، ئەلۋەتتە ۋونكانىڭ زاۋۇتىغا!

-بوۋا، نىمىلەرنى دەپ يۈرۈيسەن؟

– ئىشچىلارنى دەۋاتىمەن، چارلى.

– ئىشچىلار؟

– زاۋۇت دىگەن، ھەرە ئۇۋىسىغا ئوخشايدۇ،» دىدى جو بوۋا. «ئىشچىلار ئەتىگىنى كىرىپ كەچتە چىقىدۇ. لېكىن ۋونكانىڭ زاۋۇتى ئۇنداق ئەمەس! ھازىرغىچە ئۇ ئىشىكتىن كىرگەن ياكى چىققان بىرەسىنى كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟

چارلى قېرىلارنىڭ چىرايىغا سەپ سالدى. ئۇلار مېھرىبانلىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى، لېكىن ھەممىسىنىڭ چىرايى جىددى بىر تۈس ئالغانتى. ئۇلار چاقچاق قىلىۋاتقاندەك قىلمايتتى.

جو بوۋا « ھە، قېنى دىگىنە،» دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. « كۆرۈپ باقتىڭمۇ يوق؟»

چارلى «ھمم.. مەن… بىلمەي قالدىم بوۋا،» دەپ دۇدۇقلىدى. « مەن ئۇ يەردىن ھەر ئۆتكەندە، ئىشىكلىرى ھىم ئېتىك تۇرىدۇ.»

– مانا، مەنمۇ مۇشۇنى دەۋاتىمەنغۇ!» دىدى جو بوۋا.

– لېكىن ئۇ يەردە ئىشلەۋاتقان بىركىملەر بولمىسا قانداق بولىدۇ…

– بىركىملەر ئەمەس چارلى. دىمەكچى بولغىنىم بىز بىلىدىغان بىركىملەر ئەمەس.

چارلى ھاياجانلىنىپ « ئۇنداق بولسا كىملەر؟» دەپ ۋارقىرىدى.

– ئاھ… بىر بىلگەن بولساقچۇ… بۇمۇ ۋونكا ئەپەندىنىڭ شەيتانلىقلىرىدىن بىرسى مانا.

دەل شۇ ۋاقىتتا ئىشىكنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان بۇكېت خانىم «چارلى، بالام» دەپ چاقىردى. «ماڭ بېرىپ ئۇخلىغىن. بۈگۈن كېچە مۇشۇنچىلىك بولسۇن.»

– لېكىن ئاپا، تېخى تۈگىمىگەن…

– قالغىنىنى ئەتە تىڭشىساڭمۇ بولىدۇغۇ قوزام.

«ئاپاڭ توغرا دەيدۇ.» دىدى جو بوۋا. «قالغىنىنى ئەتە كەچتە سۆزلەپ بېرەي.»