چارلى ۋە شاكىلات زاۋۇتى (8)

چارلى ۋە شاكىلات زاۋۇتى

ئاپتورى: روئالد داھل

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەبىبە ئۇيغۇر

8-باب: يەنە ئىككى ئالتۇن بىلەت ئىگىسىنى تاپتى

ئۇ كۈنى ئاخشىمى بۇكېت ئەپەندىنىڭ گېزىتىدا پەقەت ئۈچىنچى بېلەتنىڭ ئەمەس،تۆتىنچى بېلەتنىڭمۇ تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

 بۈگۈن يەنە ئىككى بېلەت تېپىلدى، دېگەن تېما يوغان يېزىلغان ئىدى. پەقەت بىرلا بىلەت قالدى.

كەچلىك تاماقتىن كېيىن جو بوۋا، «ئەمدى،» دېدى «بېلەتلەر كىمگە چىقىپتۇ، ئوقۇپ كۆرەيلى قېنى.»

بۇكېت ئەپەندىنىڭ كۆزلىرى ياخشى كۆرمىگەچكە ۋە كۆز ئەينەك ئالىدىغان پۇلى بولمىغاچقا  گېزىتنى كۆزىگە ناھايىتى يېقىن تۇتۇپ ئوقۇشقا باشلىدى.

«ئۈچىنچى بېلەت ۋىئولىت بورگارد خېنىم تەرىپىدىن تېپىلدى. مۇخبىرىمىز تەلەيلىك خانقىزنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، بورگاردلارنىڭ ئۆيىدە چوڭ بىر خوشاللىق  ۋە ھاياجان بار ئىدى. فوتوگراف ئاپپاراتى ۋە كامىرالارنىڭ نۇرلىرى كۆزنى چاقنىتاتتى، ئادەملەر تەلەيلىك قىزغا يەنە ئازراق يېقىنلىشىش ئۈچۈن بىربىرىنى ئىتتىرىشەتتى. تەلەيلىك قىز ئۆينىڭ مېھمانخانىسىدا بىر ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، خۇددى تاكسى چاقىرىۋاتقاندەك قولىدىكى ئالتۇن بىلەتنى پۇلاڭلىتاتتى. ئەتراپىغا توپلىشىۋالغانلارغا يۇقىرى ئاۋازدا ئالدىراپ-تېنەپ بىرنەرسىلەر سۆزلەۋاتاتتى. لېكىن ئاغزىدىكى سېغىزنى چاكىلدىتىپ چاينىغانلىقى ئۈچۈن  گەپلىرىنى چۈشىنىش بەك تەس ئىدى.

قىزچاق « ئەسلىدە مەن بىر سېغىز مەستانىسى.» دەپ ۋارقىرىدى.«ئەمما ۋونكا ئەپەندىنىڭ بۇ بېلەت ئىشىنى ئاڭلىغان ھامان سېغىزنى تاشلىدىم، ماڭىمۇ چىقىشى مۇمكىن، دەپ ئويلاپ  ساراڭدەك شاكىلات ئېلىشقا باشلىدىم. يەنىلا خۇداغا شۈكرى، ئەمدى قايتا سېغىزلىرىمغا ئېرىشتىم. مەن سېغىزنى سۆيىمەن. سېغىزسىز ياشىيالمايمەن. كۈن بويى ئەتىگەندىن كەچكىچە سېغىز چاينايمەن، پەقەت  تاماق يەيدىغان چاغدىلا سېغىزىمنى ئاغزىمدىن چىقىرىپ، يوقاپ كەتمىسۇن، دەپ قۇلىقىمنىڭ كەينىگە چاپلاپ قويىمەن. ئوچۇقراق ئېيتىش كېرەك بولسا، ئاغزىمدا ھەر ۋاقىت سېغىز بولۇشى كېرەك، بولمىسا ھوزۇر ھېس قىلمايدىكەنمەن، قانداق قىلاي؟ ئاپام كەچكىچە سېغىز پاقىلدىتىپ يۈرۈشنىڭ ئالىجاناپ بىر خېنىمغا ياراشمايدىغانلىقىنى، مېنىڭدەك بىر قىزنىڭ ئېڭىكىنىڭ توختىماي مىدىرلاپ تۇرۇشىنىڭ ھېچ چىرايلىق كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى دەپ يۈرىدۇ، لېكىن مەن ئۇنداق قارىمايمەن. ھەم ئاپامنىڭ مېنى تەنقىدلىگۈدەك ھالى بارمىكەن، كۈن بويى ماڭا ۋارقىراۋاتقاندا ئۇنىڭ ئېڭىكىنىڭ قانداق مىدىرلايدىغانلىقىنى بىر كۆرۈپ باقساڭلار!»

قىستا- قىستاڭچىلىقتا دەسسىلىپ كەتمەسلىك  ئۈچۈن ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى پىئانىنونىڭ ئۈستىگە ئولتۇرۇۋالغان بورگارد خانىم «ۋىئولىت! نېمە دەپ يۈرۈيسەن؟» دەپ ۋارقىرىدى.

ۋىئولىت« ماقۇل ئاپا، مەن ھېچنەرسە دېمىدىم، سەن ئىشىڭنى قىلساڭچۇ!» دەپ ۋارقىرىغاندىن كېيىن قايتا گېزىتچىلارغا بۇرۇلدى. « ئەمدى چوقۇم دىققىتىڭلارنى تارتىدۇ، دەپ ئويلىغان بىرنەرسە دەپ بېرىمەن. بۇ ئېغىزىمدىكى سېغىزنى ئۈچ ئايدىن بېرى توختىماي چايناۋاتىمەن. بۇنىڭ بىر رىكورت ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەڭلەر بولىدۇ. ئەڭ يېقىن دوستۇم كورنەليا پرىنزمەتەل خېنىمنىڭ رىكورتىنى بۇزۇۋەتتىم. كورنەليانىڭ بەكلا ئاچچىغى كەلدى! ئەمدى مەن ئۈچۈن دۇنيادا بۇ سېغىزدىن مۇھىم نەرسە يوق. كەچتە ئۇخلايدىغان چاغدا كارۋىتىمنىڭ بېشىغا چاپلاپ قويىمەن، ئەتىگىنى قوپۇپ ئاغزىمغا سالغاندا ئازراق قاتتىق بولۇپ قالىدۇ، ئەمما ئازراق چاينىغاندىن كېيىن دەرھال يۇمشاپ بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىدۇ. دۇنيا رېكورتى يارىتىشنى قارار قىلىشتىن بۇرۇن كۈندە بىر سېغىز چاينايتتىم. ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتقاندا لېفىتتا سېغىز ئالماشتۇراتتىم. نېمىشقا لېفىتتا دەمسىز؟ تاشلايدىغان سېغىزنى لېفىتنىڭ نومۇر كۇنۇپكىلىرىنىڭ بىرىگە چاپلاپ قويۇشنى بەك ياقتۇرىمەن. مەندىن كېيىن لېفىتقا چىقىدىغان ئادەم ئۇ يەرگە باسقاندا سېغىز ئەخمەقلەرنىڭ بارمىقىغا چاپلىشىپ قالىدۇ. ھا-ھا-ھا! بەزىلىرى ئەتراپنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ قىممەتلىك پەلەي كىيگەن ئاياللار! ئاچچىقىدىن ئالۋاستىغا ئوخشاپ قالىدۇ! ئىشقىلىپ،مېنىڭ ۋونكا ئەپەندىنىڭ زاۋۇتىغا بارىدىغانلىقىم ئۈچۈن قانچىلىك خۇشال ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتەلمەيسىلەر، ئۇ ماڭا شۇنچىلىك كۆپ سېغىز بېرىدۇكى، ئۆمۈر بويى چاينىساممۇ تۈگىمەيدۇ. .. بەك ياخشى بولدى! ھۇررااا!»

جوسىفىن موما «نېمە دېگەن رەزىل قىز بۇ،» دېدى.

جورجىنا موما «بەكلا چاكىنا ئىكەن،» دەپ قوشۇپ قويدى. « شۇنچىلىك سېغىزنى چايناۋېرىپ ئاخىرى بىر يەرگە چاپلىشىپ قالىدۇ بۇ قىز، قاراپ تۇرۇڭلار.»

چارلى،«ئۇنداقتا، تۆتىنچى ئالتۇن بېلەت كىمگە چىقىپتۇ؟» دەپ سورىدى.

بۇكېت ئەپەندى « توختا، قاراپ باقاي.» دەپ گېزىتكە بىر قۇر قاراپ چىقتى. «ھە،مانا! تۆتىنچى ئالتۇن بىلەت، مايك تىۋى ئىسىملىك بىر بالىغا چىقىپتۇ.»

جوسىفن موما، «مانا يەنە بىر ئەركە بالا» دەپ غودۇڭشىدى. « مەيلى ئىشىنىڭلار، مەيلى ئىشەنمەڭلار.»

«گەپنى بۆلمەڭ، چوڭ ئانا،» دېدى بۇكېت خانىم.

بۇكېت ئەپەندى خەۋەرنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردى:

« مۇخبىرىمىز ئۇ يەرگە بارغاندا، تىۋىلارنىڭ ئۆيى توشۇپ كەتكەن ئىدى. ھاياجانلىنىپ كەتكەن مېھمانلار ئۆيدە قىقاس-چۇقان كۆتۈرۈۋاتقاندا مايك تىۋى بولۇۋاتقان ئىشلاردىن ناھايىتى بىئارام بولغاندەك كۆرۈنۈۋاتقان ئىدى. ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ «ھۇ دۆتلەر! تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقانلىقىمنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ راھەت ئولتۇرغىلىمۇ بولمامدۇ؟» دەپ ۋارقىرىدى.

توققۇز ياشلىق بالىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدىكى يوغان تېلىۋىزوردىن باشقىنى كۆرمەيتتى، ئۇ كۆرۈۋاتقان كىنودا بىر قاراقچىلار ئەترىتى بىلەن باشقا بىر قاراقچىلار ئەترىتى ئاپتومات بىلەن بىر- بىرىگە ئوق چىقىرىۋاتاتتى. بالىنىڭ بېلىدىكى تاسمىدا چوڭ كىچىك بىرمۇنچە ئويۇنچۇق تاپانچا بار ئىدى، تۇرۇپ تۇرۇپ ئورنىدىن سەكرەپ قوپۇپ، ئويۇنچۇق تاپانچىلىرىدىن بىرىنى چىقىرىپ ئالتە پاي ئوق ئاتاتتى.

مۇخبىرلاردىن بىرى سوئال سورىماقچى بولغاندا«ئاغزىڭنى يۇم!» دەپ ۋارقىرىدى. « مەن سىلەرگە مېنى ئارامىمدا قويۇڭلار دېمىگەنمىدىم! بۇ قاراقچى كىنوسى مەن ئۈچۈن ئىشلەنگەندەكلا! بەك پەيزى! مەن ھەر كۈنى مۇشۇنداق كىنولار كۆرىمەن. ئەڭ يامانلىرىنى، ھەتتا ئۇرۇپ چېقىش يوقلىرىنىمۇ كۆرۈۋېرىمەن. بۇلاڭچىلارنى، ئوغرىلارنى بەك ياقتۇرىمەن. قاراقچىلار بەكلا ھەيۋەتلىك!   تاپانچىلار گەپكە كېلىپ، پىچاقلار چىقىرىلىپ، قوراللار مېڭىلەرنىڭ قېتىقىنى چىقىرىۋەتكەندە ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويىمەن! ئاھ، شۇنداق بىرسى بولۇش ئۈچۈن ھەرقانداق نەرسەمنى بېرىشكە رازى بولاتتىم! مەن ئۈچۈن ھايات دىگەن مانا مۇشۇ! ئاجايىپ! دەھشەت!> دېدى.»

«بولدى قىل!» دەپ گەپكە ئارىلاشتى جوسىفىن موما. « ئەمدى تىڭشىغۇدەك تاقىتىم قالمىدى!»

جورجىنا موما «مېنىڭمۇ شۇ» دېدى. «ھازىرقى بالىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداقمۇ نېمە؟»

بۇكېت ئەپەندى، كارىۋاتتىكى قېرى مومايغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ «ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس.» دېدى. « بۇنداقلىرىمۇ بار ئەلۋەتتە. راستىنى ئېيتسام، كۆپىنچە بالىنى مۇشۇنداق دېگىلى بولىدۇ. لېكىن ھەممىسى ئەمەس.»

جورج بوۋا « بىر بىلەت قالدى مانا!» دەپ گەپكە ئارلاشتى.

جورجىنا موما، مەسخىرە قىلغان ئاۋازدا، «توغرا دەيسەن» دەپ جاۋاپ بەردى. «لېكىن ئەتە يەنە كاللەك سەي شورپىسى ئىچىدىغىنىمغا قانچىلىك ئىشەنسەم بۇ ئاخىرقى بىلەتنىڭمۇ ئاشۇ ئېلىشقا ھېچ ھەققى بولمىغان كىچىك ئالۋاستىلارنىڭ بىرسىگە چىقىدىغىنىغىمۇ شۇنچىلىك ئىشىنىمەن!»

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *