خارى پوتېر ۋە پەلسەپە تېشى (2)

خارى پوتېر ۋە پەلسەپە تېشى

ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ

تەرجىمە قىلغۇچىلار: ماھىنۇر، ھەبىبە، نەسلىخان ئۇيغۇر

2- باب: غايىپ بولغان ئەينەك

دۆرسلېيلەر ئويغىنىپ ئىشىكنىڭ ئالدىدىن جىيەنىنى تاپقاندىن بۇيان ئون يىل ئۆتكەنىدى، ئەمما پرېۋىت درېۋ ئانچە ئۆزگىرىپ كەتمىگەنىدى. قۇياش ھەر كۈنى، يەنە شۇ، رەتلىك ھويلىلارنى يورۇتاتتى، دۆرسلېيلەرنىڭ ئىشىكىدىكى تۇچتىن ياسالغان تۆتىنچى نومۇر تاختىسى شۇ كۈننىڭ نۇرىدا پارقىرايتتى، كېيىن كۈن نۇرى مېھمانخانا ئۆيگە شۇڭغۇپ كىرەتتى، مېھمانخانا ئۆي، دۆرسلېي ئەپەندىم ئۇ نەس باسقان خەۋەرلەرنى كۆرگەن كېچىسى قانداق بولسا يەنە شۇنداق ھېساپلىناتتى. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى پەقەت تام مەشنىڭ ئۈستىدىكى ئىشكاپقا تىزىلغان رەسىملەرگە قاراپ بىلگىلى بولاتتى. ئون يىل بۇرۇن بۇ يەردە، ھالرەڭ، يوغان بىر «توپنىڭ» ھەر خىل رەڭلىك خىلمۇخىل پاسوندا، يۇپيۇمىلاق شىلەپىلەر كىيگەن بىر توپ رەسىمى بار ئىدى. ئەمما دادلېي دۆرسلېي ھازىر بوۋاق ئەمەس ئىدى. تۇنجى قېتىم ۋېلىسپىتكە مىنىۋاتقاندا، باغچىدا ئايلانما ياغاچ ئاتنىڭ ئۈستىدە، دادىسى بىلەن كومپىيۇتىر ئويۇنى ئويناۋاتقاندا، ئاپىسى ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈۋاتقاندا… ئەمما ئۇ يەردە ئۆيدە يەنە باشقا بىر بالىنىڭ ياشاۋاتقانلىقىغا ئىسپات بولالايدىغان ھېچنەرسە يوق ئىدى.
خارى پوتېر ئۇ ۋاقىتتا ئۇخلاۋاتاتتى، ئەمما ئۇيقۇسى ئۇزۇن داۋاملاشمايدىغاندەك قىلاتتى. پەتۇنيا ھاممىسى ئويغاق ۋە ئۆيدىكى جىمجىتلىقنى ئۇنىڭ چىرقىراق ئاۋازى بۇزدى.
«قوپ! قوپە! چاققان بول!»
خارى چۆچۈپ ئويغاندى. ھاممىسى ئىشىكنى قايتا چەكتى.
«قوپ دەيمەن!» دەپ ۋارقىرىدى. خارى ئاۋۋال ئۇنىڭ ئاياق تىۋىشلىرىنىڭ ئاشخانىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن، ئوچاققا قويۇلغان ساپلىقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى. قايتا ئوڭدىسىغا ياتتى، كۆرگەن چۈشىنى ئەسلەشكە تىرىشتى. ناھايىتى ياخشى بىر چۈش كۆرگەنىدى. چۈشىدە ئۇچۇۋاتقان بىر موتسىكلىت بار ئىدى. ئۇنىڭدا بۇ چۈشنى بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ كۆرۈپ باققاندەك غەلىتە بىر سېزىم پەيدا بولدى.
ھاممىسى يەنە ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلگەنىدى.
«تېخىچە قوپمىدىڭمۇ؟» دېدى.
«مانا ھازىرلا» دېدى خارى.
«چاپسان بول! چىقىپ قېزىغا قاراپ قوي! كۆيدۈرۈۋېتىپ سالما! دۇددىينىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ھەممە نەرسىنىڭ مۇكەممەل بولۇشى كېرەك.»
خارى غودۇڭشىدى.
ھاممىسى «نېمە دېدىڭ!» دەپ ۋالاقشىدى ئىشىكنىڭ كەينىدە تۇرۇپ.
«ھېچنېمە، ھېچنېمە…»
دادلېينىڭ تۇغۇلغان كۈنى، بۇنى قانداقسىگە ئۇنتۇپ قالغان بولغىيتتى؟ خارى ئاستا-ئاستا ئورنىدىن تۇردى ۋە پايپاق ئىزدىگىلى تۇردى. كارۋىتىنىڭ ئاستىدا بىر جۈپ تۇراتتى. خارى، بىر پېيىنىڭ ئۈستىدىكى ئۆمۈچۈكنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن پۇتىغا كىيدى. ئۆمۈچۈكلەرگە كۆنۈك ئىدى، چۈنكى پەلەمپەينىڭ ئاستىدىكى ئىشكاپتا بىرمۇنچە ئۆمۈچۈك بار ئىدى، خارى شۇ يەردە ياتاتتى.
كىيىپ بولغاندىن كىيىن ئاشخانىغا كىردى. ئۈستەلدە دادلېينىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن ئېلىنغان سوۋغات دۆۋىسى تۇراتتى. قارىغاندا دادلېي، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئۇ يېڭى كومپىيۇتىرغا ئېرىشكەندەك قىلاتتى. يەنە تېخى بىر تېلىۋىزور ۋە بىر مۇسابىقە ۋېلىسپىتى. ئەمىلىيەتتە دادلېينىڭ نېمە ئۈچۈن بىر مۇسابىقە ۋېلىسپىتى تەلەپ قىلغانلىقىغا خارىنىڭ ئەقلى يەتمەيتتى. چۈنكى دادلېي ئاجايىپ سېمىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدىنىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە بەك ئۆچ ئىدى. ئەلۋەتتە باشقا بىرسىنى مۇشتلىغان ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتتا… دادلېي ئەڭ ياقتۇرىدىغان قۇم خالتىسى بولسا خارى ئىدى، ئەمما دادلېي ئۇنى قوغلىغان ۋاقىتتا تۇتۇۋالالمايتتى. قارىماققا بەك بىلگىلى بولمىسىمۇ خارى خېلىلا چاققان ئىدى.
بەلكىم بۇنىڭ قاراڭغۇ ئىشكاپتا ياشىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن، ئىشقىلىپ خارى يېشىغا قارىغاندا ئىنتايىن ۋىجىك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دادلېينىڭ كونا كىيىملىرىنى كىيىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ۋىجىك كۆرۈنەتتى، چۈنكى دادلېي ئۇنىڭ تۆت ھەسسىسىچىلىك كېلەتتى. خارىنىڭ يۈزلىرى ئورۇق، ھەم ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى ئوچۇق بىلىنىپ تۇرىدىغان تىزى، قاپقارا چاچلىرى، ياپيېشىل كۆزى بار ئىدى. تاقىۋالغان يۇمىلاق كۆزئەينىكىنىڭ سۇنۇق يەرلىرى ناھايىتى كۆپ سۈزۈك پىلاستىر بىلەن چاپلانغان ئىدى، چۈنكى دادلېي داۋاملىق خارىينىڭ بۇرنىغا مۇشت ئاتاتتى. خارىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىدە ئەڭ ياقتۇرىدىغان يېرى پېشانىسىدىكى چاقماق شەكىللىك يارا ئىزى ئىدى. بۇ يارا ئىزى ئۆزىنى بىلگەندىن باشلاپ بار ؛ئۇنىڭ پەتۇنيا ھاممىسىدىن سورىغان تۇنجى سوئالى بۇ يارا ئىزىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى ئىدى.
«ئاپاڭ بىلەن داداڭ ئۆلگەن ماشىنا ۋەقەسىدە» دېگەنىدى ھاممىسى. «ئوشۇقچە سوئال سورىما»
سوئال سوراشقا بولمايدۇ، دۆرسلېيلەر بىلەن ياشاشنىڭ بىرىنچى قائىدىسى بۇ ئىدى.
خارى ساپلىقتىكى قېزىلارنى ئۆرۈۋاتقاندا ۋېرنون تاغا ئاشخانىغا كىردى.
خەيرلىك سەھەر دېيىشنىڭ ئورنىغا «چېچىڭنى تارىساڭ بولمامدۇ!» دەپ ھۆركىرىدى.
ۋېرنون تاغا بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرىچە بىرنەچچە قېتىم گېزىتىنىڭ ئارقىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ خارىنىڭ ساتىراشقا بېرىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتاتتى. ئەمىلىيەتتە خارى چېچىنى پۈتۈن ساۋاقداشلىرىنىڭكىنى قوشقاندىنمۇ جىق قىسقارتاتتى، ئەمما پايدىسى يوق، چېچى ناھايىتى تېز ئۆسەتتى.
دادلېي ئاپىسى بىلەن ئاشخانىغا كىرگەندە خارى تۇخۇم پىشۇرۇۋاتقان ئىدى؛ دادلېي ۋېرنون تاغىغا بەك ئوخشايتتى. يوغان، ھالرەڭ يۈزى بار ؛ بوينى يوقتەكلا كۆرۈنىدۇ؛ كۆزى كىچىك، نەمخۇش، كۆك رەڭلىك؛ سېرىق چاچلىرى يۇپيۇمىلاك بېشىغا چاپلىشىپ تۇرغان. پەتۇنيا ھامما ھەر ۋاقىتتا ئۇنى بوۋاق پەرىشتىگە ئوخشىتاتتى- خارى بولسا ئۇنى يالغان چاچ كىيىۋالغان چوشقىغا ئوخشىتاتتى.
خارى قېزا بىلەن تۇخۇمنى ئۈستەلگە قويدى، ئۈستەلدە بوش يەر قالمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىش خېلىلا تەسكە توختىدى. بۇ ئارىدا دادلېي سوۋغاتلىرىنى ساناۋاتاتتى. تۇيۇقسىز قاپاقلىرى چۈشۈپ كەتتى.
ئاپىسى بىلەن دادىسىغا قاراپ«ئوتتۇز ئالتە!» دىدى. «ئۆتكەن يىلدىكىدىن ئىككى تال كەمغۇ!»
«قوزام، مارج ھامما بەرگەن سوۋغاتنى سانىمىدىڭ؛ قارا مانا بۇ يەردە بىز بەرگەن بۇ يوغان سوۋغاتنىڭ ئاستىدا.»
دادلېي قېپقىزىل بولۇپ كەتتى. «بوپتۇ! ئوتتۇز يەتتە بولسۇن ئەمىسە!» دېدى. دادلېينىڭ پارتلاي دەپ قالغانلىقىنى سەزگەن خارى، نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، بەلكىم دادلېي ئۈستەلنى ئۆرۈۋېتىشى مۇمكىن دەپ قېزىغا ئاچ بۆرىلەردەك ئېتىلدى.
پەتۇنيا ھاممىمۇ خەتەرنى سەزگەن ئوخشايدىكەن، دەرھال،«بۈگۈن سىرتقا چىققاندا ساڭا يەنە ئىككى تال سوۋغات ئېلىپ بېرىمىز قوزام!» دەپ گەپكە ئارىلاشتى. «قانداق قۇشقىچىم؟ يەنە ئىككى تال. ئەمدى بولدىمۇ؟»
دادلېي بىر ھازا ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. بۇ ئىنتايىن قىيىن بىر مەسىلە ئىدى. كىيىن «ئۇنداقتا» دېدى، «ئوتتۇز… ئوتتۇز…»
«ئوتۇز توققۇز قوزام» دېدى پەتۇنيا ھامما.
«ھە» دادلېي ئۆزىنى ئورۇندۇقىغا ئاتتى، ئەڭ يېقىندىكى بولاققا قولىنى ئۇزاتتى. «مەيلى ئەمىسە»
ۋېرنون تاغا پىخىلداپ كۈلدى.
«شوخ بالا، ھەققىنى تولۇق تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، دادىسىدەكلا، ئاپىرىن دادلېي!» دادلېينىڭ چېچىنى سىلاپ قويدى.
تېلىفۇن جىرىڭلىدى. پەتۇنيا ھامما تېلىفۇننى ئالغىلى كەتتى، خارى بىلەن ۋېرنون تاغا، دادلېينىڭ مۇسابىقە ۋېلىسپىتىنىڭ، كىنوخانىدا ئىشلىتىدىغان كامېراسىنىڭ، تىزگىنەكلىك ئايروپىلانىنىڭ، ئون ئالتە يېڭى كومپىيۇتىر ئويۇنىنىڭ ۋە سىن ئالغۇسىنىڭ قېپىنى ئاچقىنىغا قاراپ ئولتۇردى. دادلېي ئەمدىلا ئالتۇن سائىتىنى قولىغا ئالغاندا پەتۇنيا ھامما قايتىپ كەلدى، قاپاقلىرى چۈشۈپ كەتكەن ھەم جىددىيلىشىپ قالغان ئىدى.
«شۇم خەۋەر، ۋېرنون» دېدى، «فىگس خانىمنىڭ پۇتى سۇنۇپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايدىكەن» بېشى بىلەن خارىنى كۆرسەتتى.
دادلېي ھەيرانلىق ۋە ئاچچىق بىلەن ئاغزىنى ئاچتى. خارى بولسا ھاياجانلىنىپ كەتتى. دادلېينىڭ ھەر تۇغۇلغان كۈنىدە دۆرسلېيلەر ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىر دوستىنى تەڭ سەيلە قىلغىلى ئېلىپ چىقاتتى. باغچىغا، ھامبۇرگ بولكىسى يىگىلى ياكى بولمىسا كىنوخانىغا… خارى بولسا ھەر يىلى ئۆيى دۆرسلېيلەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئىككى كوچا يۇقىرىسىدىكى شۇ ساراڭ خوتۇننىڭ، فىگىس خانىمنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ تۇراتتى. خارى ئۇ يەرگە ناھايىتى ئۆچ ئىدى. ئۆي ھەر ۋاقىتتا بەسەي پۇرايتتى؛ فىگىس خانىم بولسا بىر ئۆمۈر باققان پۈتۈن مۈشۈكلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ چىقاتتى.
«ئەمدى قانداق قىلىمىز؟» دىدى پەتۇنيا ھامما، خۇددى بۇ ئىشنى خارى ئورۇنلاشتۇرغاندەك ئۇنىڭغا ئاچچىق بىلەن قارىدى. خارى فىگىس خانىمنىڭ پۇتىنىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكىگە قايغۇرۇشنى ئۈمىد قىلسىمۇ، بۇ ئىش ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس ئىدى؛ نەتىجىدە سنوۋىينى، تىبىلسنى، پوۋس ئەپەندىمنى، تافتىينى بىر يىل كۆرەلمەيدىغان بولغانتى ئەمەسمۇ؟
ۋېرنون تاغا «مارجقا خەۋەر قىلساقچۇ؟» دىدى.
«ئاجايىپ گەپ بولدى-دە، ۋېرنون، مارج ئۇنىڭغا بەك ئۆچ!»
دۆرسلېيلەر خارىنى داۋاملىق مۇشۇنداق تىلغا ئالاتتى، خۇددى ئۇ بۇ يەردە ئەمەستەك ياكى ئۇ دىگەن گەپلەرنى چۈشەنمەيدىغاندەك، خۇددى كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۈرىدىغان بىر نەرسىدەك، بىر قۇرتتەكلا…
«ئۇنداق بولسا ھېلىقى… ئىسمى نېمىتى؟ دوستۇڭ، ئىۋونچۇ؟»
پەتۇنيا ھامما «ماژوركاغا ساياھەتكە كەتكەن» دەپ كېسىپ تاشلىدى.
خارى ئۈمىد بىلەن «مەن ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۇرساممۇ بولىدۇ» دەپ گەپكە قوشۇق سالدى. (بۇ كۈتۈلمىگەن بىر يېڭىلىق بولغان بولاتتى، تېلىۋىزوردا خالىغان نەرسىسىنى كۆرسە، يا بولمىسا دادلېينىڭ كومپىيۇتىرىنى ئىشلىتىپ باقسىمۇ بولاتتى)
پەتۇنيا ھامما خۇددى پۈتۈن بىر لىموننى يەۋەتكەندەك چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ قارىدى. «ئۆينى خالىغانچە مالىماتاڭ قىلالىشىڭ ئۈچۈنمۇ؟» دەپ غودۇڭشىدى.
«ئۆينى پارتلىتىۋەتمەيمەن-دە» دېدى خارى، ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمايۋاتاتتى.
پەتۇنيا ھامما تەڭقىسلىقتا قالغاندەك «ئۇنىمۇ ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئاپارساق بولىدۇغۇ» دېدى، «ماشىنىدا ئولتۇرۇپ تۇرسا بولىدۇ…»
«ماشىنا تېخى يېپيېڭى تۇرسا، يالغۇز ئولتۇرسا بولمايدۇ…»
دادلېي ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلىدى. ئادەتتە بەك يىغلىمايتتى، بۇ خۇيىنى تاشلىغىلى نەچچە يىل بولغان ئىدى، ئەمما چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئىڭراپ قويسا، ئاپىسىنىڭ ئۆزى خالىغان ھەممە نەرسىسىنى قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
«ۋاي ۋۇي، ئومىقىم، يىغلىما، ئاپاڭ ئۇ شۇمتەكنىڭ ئەڭ گۈزەل كۈنۈڭنى بەربات قىلىشىغا قاراپ ئولتۇرمايدۇ» دەپ ۋارقىرىدى پەتۇنيا ھامما ۋە دادلېينى چىڭ قۇچاقلىۋالدى.
دادلېي يالغاندىن ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ «ئۇ… ئۇنىڭ… كېلىشىنى خالىمايمەن» دەپ ۋارقىرىدى. «داۋاملىق ھەممە ئىشنى بۇزىدۇ!» ئاپىسىغا كۆرسەتمەي تۇرۇپ خارىغا سەت ھىجايدى.
ئەمما شۇ ۋاقىتتا بىرسى ئىشىكنى چەكتى. «ۋاي خۇدايىم! ئۇلار كەلدى مانا!» دېدى پەتۇنيا ھامما تەمتىرەپ تۇرۇپ، بىردەمدىن كېيىن دادلېينىڭ ئەڭ يېقىن دوستى پىيەرس پولكىس ئاپىسى بىلەن ئۆيگە كىردى. پىيەرس ۋىجىك بىر بالا ئىدى، يۈزى چاشقانغا ئوخشايتتى. ئادەتتە دادلېي ئۇرماقچى بولغان بالىلارنىڭ قولىنى كەينىگە قايرىپ تۇتۇپ تۇراتتى. دادلېي يالغان يىغىسىنى دەرھال توختاتتى.
خارى يېرىم سائەتتىن كېيىن دۆرسلېيلەرنىڭ ماشىنىسىنىڭ كەينى ئورۇندۇقىدا پىيەرس ۋە دادلېي بىلەن، ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم ھايۋانات باغچىسىغا قاراپ يولغا چىققاندا، قانچىلىك تەلەيلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلمەي قالغان ئىدى. ھاممىسى ۋە ۋېرنون تاغىسى باشقا ئامال قىلالمىغان ئىدى، ئەمما يولغا چىقماستا ۋېرنون تاغا خارىنى بىر تەرەپكە تارتىپ، ئاچچىقىدىن كۆكىرىپ كەتكەن يوغان يۈزىنى خارىنىڭكىگە يېقىنلاشتۇرۇپ «ئەسكەرتىپ قوياي!» دېگەنىدى، «ماڭا قارا شۇمتەك، سېنى دەسلەپتىلا ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، بىرەر مەككارلىق قىلىدىغان بولساڭ، ھەرقانداق بىر چاتاق تېرىپ قويساڭ… يېڭى يىلغىچە ئىشكاپتىن چىقمايسەن.»
«مەن ھېچنىمە قىلمايدىغان تۇرسام» دېدى خارى، «قەسەم قىلاي».
ئەمما ۋېرنون تاغا ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى. ھېچكىم ھېچقانداق ۋاقىتتا ئىشەنمەيتتى.
بۇ يەردىكى مەسىلە، خارى بار يەردە غەلىتە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى ئىدى، دۆرسلېيلەرگە ھەرقانچە ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلار بىلەن بىر ئالاقىسى يوقلىقىنى ئېيتسىمۇ پايدىسىز ئىدى.
بىر قېتىم خارىنىڭ ساتراشخانىدىن ئۆيگە قايتىپ بولغىچىلا چېچىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىدىن زېرىككەن پەتۇنيا ھامما ئاشخانىدىكى قايچىنى ئېلىپ چېچىنى كېسىۋەتكەن، ئۇنى ئايپاڭباش قىلىپ قويغان ئىدى. پەقەت پېشانىسىدىكى «قورقۇنۇچلۇق ئىزنى» يېپىپ تۇرسۇن دەپ ئالدىدىكى بىر تۇتام چاچقا چېقىلمىغان ئىدى.
دادلېي خارىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ تازا كۈلگەن ئىدى؛ خارى بولسا ئەتىسى مەكتەپكە بارغاندا بېشىنى يەردىن قانداق كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئويلاپ، كۆزىگە ئازراقمۇ ئۇيقۇ كەلمىگەن ئىدى، زادى ئۇنىڭ تاغاردەك ئىشتىنىنى، پىلاستىر بىلەن چاپلانغان كۆزئەينىكىنى كۆرگەن ھەممە ئادەم ئۇنى مەسخىرە قىلاتتى. ئەمما ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا چېچىنىڭ ئۆسۈپ پەتۇنيا ھامما كېسىشتىن بۇرۇن قانداق بولسا، يەنە شۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى كۆردى. چېچىنىڭ قانداقسىگە بۇنداق تېز ئۆسكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى، ئەمما پەتۇنيا ھامما خارى دېگەن ھېچنىمىگە ئىشەنمىگەنىدى، شۇڭا ئۇنىڭغا بىر ھەپتە ئىشكاپتىن چىقماسلىق جازاسى بەرگەن ئىدى.
يەنە باشقا بىر كۈنى، پەتۇنيا ھامما ئۇنىڭغا دادلېينىڭ كونا، ناھايىتى سەت بىر پوپايكىسىنى (قوڭۇر رەڭ، قىزغۇچ سېرىق چېكىتلىك) كىيگۈزمەكچى بولغانىدى. كىيگۈزمەكچى بولۇپ زورلىغانسىرى پوپايكا كىچىكلەپ كېتىۋاتاتتى، ئاخىرى كىچىكلەپ، قونچاققا كەلگۈدەك بولۇپ قالدى، ئەمدى خارىنىڭ كىيىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. پەتۇنيا ھامما پوپايكىنى يۇيغاچقا كىچىكلەپ كەتتى دەپ ئويلىدى، خارى بولسا ھاممىسى ئۆزىنى ئەيىپلەپ جازالىمىغاچقا، كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى.
يەنە تېخى، مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىنىڭ ئۆگزىسىدە تۇتۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن بالاغا قالغانىدى. دادلېي ۋە ئۇنىڭ گورۇھى ئۇنى يەنە قوغلاۋاتقاندا، خارى تۇيۇقسىز تۈڭلۈكنىڭ يېنىغا چىقىپ قالغانىدى، ئۆزىمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا بۇ ئىشقا ھەيران قالغان ئىدى. دۆرسلېيلەر بولسا مەكتەپ ئىدارىسىدىن خارىنىڭ تاملارغا يامىشىپ يۈرۈشىنى تەنقىدلەيدىغان بىر خەت تاپشۇرۇۋالدى. خارى قىلماقچى بولغان بىردىن بىر ئىش (ۋېرنون تاغىسىغا قۇلۇپلاقلىق ئىشكاپنىڭ ئىچىدە ۋاقىتتا ۋارقىراپ ئېيتقىنىدەك) ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى ئەخلەت تۇڭىنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتۈش ئىدى. ئاتلاۋاتقان ۋاقىتتا شامال مېنى ئۇچۇرۇۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايتتى خارى.
ئەمما بۈگۈن ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمەيتتى. ھەتتا دادلېي ۋە پىيەرس بىلەن بىر يەردە بولۇشمۇ مەكتەپ، ئىشكاپ يا بولمىسا فىگىس خانىمنىڭ بەسەي پۇرايدىغان مېھمانخانىسىدا كۈن ئۆتكۈزۈشتىن ياخشى ئىدى.
ۋېرنون تاغا ماشىنا ھەيدەۋاتقاندا بىر تەرەپتىن توختىماي نېمىدۇر بىر نەرسىلەردىن شىكايەت قىلىۋاتاتتى. نېمە بولۇشدىن قەتئىينەزەر، ۋېرنون تاغا ھەرقانداق بىر نەرسىدىن ئاغرىنىشتىن ھوزۇرلىناتتى؛ ئىشچىلار، خارى، ھەيئەت يىغىنى، خارى، بانكا ۋە خارى ئۇ ئەڭ جىق ئاغرىنىدىغان مەسىلىلەردىن بىرنەچچىسى ئىدى. بۈگۈن ئەتىگەن موتسىكلىتلاردىن ئاغرىنىۋاتاتتى.
يېنىدىن بىر موتسىكلىت تېزلىك بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا «…ياش لۈكچەكلەر، ساراڭدەك تېز ھەيدەيدىكەن بۇ بىر نېمىنى» دېدى.
خارىنىڭ تۇيۇقسىز ئېسىگە كېلىپ قالدى. «چۈشۈمدە بىر موتسىكلىت كۆردۈم» دېدى، «ئۇچۇۋاتاتتى.»
ۋېرنون تاغا ئالدىدىكى ماشىنىنى سوقۇۋەتكىلى تاس قالدى. كەينىگە قاراپ خارىغا ۋارقىرىدى، ئۇنىڭ يۈزلىرى يوغان ھەم قىزىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرۇتى بار بىر تۇرۇپقا ئوخشاپ قالغانىدى: «موتسىكلىتلار ئۇچمايدۇ!»
دادلېي ۋە پىيەرس پىخىلداپ كۈلۈشتى.
«بىلىمەن ئۇچمايدىغانلىقىنى» دېدى خارى، «بۇ پەقەتلا بىر چۈش، خالاس.»
«بىر نەرسە دېمىسەم بوپتىكەن» دەپ ئويلىدى. دۆرسلېيلەرنىڭ، سوئال سوراشتىن بەكرەك ئوغىسىنى قاينىتىدىغان بىر ئىش بولسا ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ، ئاجايىب-غارايىپ ئىشلارنى سۆزلىشى ئىدى؛ كارتون فىلىم بولسىمۇ، چۈش بولسىمۇ ئوخشاش… بۇنداق قىلسا ئۇ غەلىتە يەنى، خەتەرلىك خىياللارغا چۆكىدۇ، دەپ ئويلامدىكىن تاڭ؟
بۇ شەنبە ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق ئىدى. دۆرسلېيلەر باغچىغا كىرمەستە دادلېي بىلەن پىيەرسكە چوڭ شاكىلاتلىق ماروژنى ئېلىپ بەردى، ساتقۇچى ئايال خارىيدىنمۇ نېمە يىگۈسى بارلىقىنى سورىغاچقا ئۇنىڭغىمۇ ئەرزان بىر لىمونلۇق ماروژنى ئېلىپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. «يامان ئەمەسكەن،» دەپ ئويلىدى خارى، ئۇ بىر تەرەپتىن ماروژنىسىنى يىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن دادلېيگە ئاجايىپ ئوخشايدىغان بىر ئورانگۇتاننى تاماشا قىلىۋاتاتتى، سېرىق بولغان بولسا دادلېينىڭ ئۆزىلا بولاتتى-دە.
بۇ، خارى ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ كۆڭۈللۈك سەھەر بولدى. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغا يېقىن ھايۋانلاردىن زېرىكىپ قالغان پىيەرس بىلەن دادلېينىڭ كەيپى تۇتۇپ قالسا، يەنە تاياق يەپ يۈرمەي دەپ ئۇلارنىڭ نەچچە قەدەم نېرىسىدا مېڭىۋاتاتتى. دۆرسلېي ئائىلىسى ۋە خارى چۈشلۈك تاماقنى ھايۋانات باغچىسىنىڭ ئاشخانىسىدا يىدى. دادلېي ماروژنى كىچىككەن دەپ تازا جېدەل قىلدى، ۋېرنون تاغا ئۇنىڭغا باشقىسىنى ئېلىپ بەردى، خارىغا بولسا دادلېي يىمىگەن ماروژنىنى يىيىشكە يول قويدى.
خارى بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەسلىكىنى كېيىنچە بىلىپ قالاتتى.
تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار بار بۆلۈمگە كىردى. بۇ يەر سالقىن، گۇڭگا ئىدى. تاملارغا ئىچى يورۇتۇلغان ئەينەك قەپەسلەر يۆلەپ قويۇلغانىدى. ئەينەكلەرنىڭ ئارقىسىدا ھەر خىل كەسلەنچۈكلەر ۋە يىلانلار تاش ۋە ياغاچ پارچىلىرىنىڭ ئۈستىدە ئۆمىلەۋاتاتتى. دادلېي بىلەن پىيەرسنىڭ چوڭ زەھەرلىك كۆزئەينەكلىك يىلانلار بىلەن ئىنسانلارنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويالايدىغان چوڭ بوغما يىلانلارنى كۆرگۈسى كەلدى. دادلېي كىرگەن ھامان ئۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ يىلاننى تاپتى. يىلان شۇ قەدەر چوڭ ئىدىكى، ۋېرنون تاغىنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئەتراپىغا ئىككى قېتىم يۆگىشىپ ئېزىۋېتەلەيتتى ھەتتا ئۇنى بىر ئەخلەت تۇڭىچىلىك قىلىپ قويالايتتى. ئەمما شۇ تاپتا ئۇنىڭغا بۇنداق ئىشلار بەك خوشياقمىغاندەك قىلاتتى. ئەمىلىيەتتە ئۇ راھەتلىنىپ ئۇخلاۋاتاتتى.
دادلېي بۇرنىنى ئەينەككە تىرەپ تۇرۇپ يىلاننىڭ پارقىراق قوڭۇر رەڭ قاسراقلىرىغا ھەيرانلىق بىلەن قاراۋاتاتتى.
«ئاۋۇنى ئويغاتقىنە!» دېدى دادىسىغا. ۋېرنون تاغا ئەينەكنى چېكىپ باقتى، ئەمما يىلان مىت قىلىپ قويمىدى.
«قايتا!» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى دادلېي. ۋېرنون ئەينەكنى يەنە بىر قېتىم چەكتى، ئەمما يىلان ئۇخلاۋەردى.
«نېمە دېگەن زېرىكىشىك…» دەپ غودۇرىدى دادلېي، ئاندىن باشقا يەرگە كېتىپ قالدى. خارى بولسا ئەينەك قەپەسكە يېقىنراق كېلىپ يىلانغا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن قاراپ تۇردى. يىلان زېرىكىپ ئۆلگەن بولسا بەك ھەيران قالمايتتى. نەتىجىدە ئۇنىڭ، بىر كۈن كەچكىچە ئەينەكنى چېكىپ ئۇنى بىئارام قىلىدىغان ئەخمەق ئادەملەردىن باشقا ھېچ يېقىنى يوق ئدى. بىر ئىشكاپنى ياتاق ئۆي قىلىپ ياشاشتىن نەچچە ھەسسە بەتتەر بولغىيتى-بۇ، گەرچە ئۇ يەردە سېنى يوقلاپ تۇرىدىغان بىردىنبىر كىشى سېنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئىشىكنى مۇشتلايدىغان پەتۇنيا ھامما ئىدى، ئەمما يەنىلا ئۆينىڭ ئىچىدە ئەركىن ئازادە ئايلىنىپ يۈرگىلى بولاتتى.
يىلان تۇيۇقسىز مارجاندەك كۆزلىرىنى ئاچتى. ئاستا، ناھايىتى ئاستا بېشىنى كۆتۈردى، كۆزى خارىنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگۈچە…
ئۇ، كۆز قىسىپ قويدى.
خارى ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قارىدى. كېيىن ئۇلارغا قاراۋاتقان بىرەر كىشى بارمىدۇ، دەپ ئەتراپىغا قاراپ باقتى. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇمۇ يىلانغا قاراپ كۆز قىسىپ قويدى.
يىلان بېشىنى ۋېرنون تاغا بىلان دادلېي بار تەرەپكە ئۇزاتتى، كېيىن تورۇسقا قارىدى. كېيىن قايتا خارىغا قارىدى. نېمە دىمەكچى بولغانلىق ئېنىق ئىدى: «ھەر دائىم ئوخشاش خارى.»
«بىلىمەن» دەپ پىچىرلىدى خارى. گەرچە ئۇ ئەينەكنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى يىلان، ئۇ دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىيالامدۇ-يوق، ئېنىق بىلمەيتتى، «چوقۇم بەك زېرىكىشلىك.»
يىلان ھاياجانلانغان ھالدا باش لىڭشىتتى.
«ھە راست، سەن نەدىن كەلگەن؟» دەپ سورىدى خارى.
يىلان قۇيرۇقىنى ئەينەك قەپەسنىڭ يېنىدىكى كىچىك لەۋھەگە ئۇزاتتى. خارى لەۋھەگە قارىدى.
بوغما يىلان، برازىليە
«ئۇ يەر چىرايلىقمىدى؟»
يىلان قايتا خەتنى كۆرسەتتى، خارى لەۋھەنىڭ داۋامىنى ئوقۇدى.
بۇ يىلان ھايۋانات باغچىسىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن.
«ھە ئەمدى چۈشەندىم- دىمەك سەن برازىليەگە بېرىپ باقماپسەندە؟»
يىلان بېشىنى سىلكىۋاتقاندا خارىنىڭ كەينىدە بىرسى ۋارقىراپ ئىككىلىسىنى چۆچۈتۈۋەتتى.
«دادلىي! دۆرسلېي ئەپەندىم! كېلىپ قاراپ بېقىڭلار بۇ يىلانغا! قىلىۋاتقان ئىشىغا چوقۇم ھەيران قالىسىلەر!»
دادلېي ئېرغاڭلاپ مېڭىپ، تېزلىك بىلەن يېتىپ كەلدى.
«ئۆتە بىر تەرەپكە!» دېدى دادلېي خارىنىڭ قوۋۇرغىسىغا بىر مۇشت قويۇپ. خارى كۈتۈلمىگەن بۇ زەربىدىن يىقىلىپ چۈشتى. كېيىن يۈز بەرگەن ئىشلار شۇنداق تېز يۈز بەردىكى، ھېچكىم قانداق بولغانلىقىنىمۇ بىلەلمەي قالدى. بىر سېكۇنتتىن كېيىن، ئەينەكنىڭ ئالدىدا تۇرغان پىيەرس بىلەن دادلېي چۆچۈپ ۋارقىراپ كەينىگە قاچتى.
خارى ئورنىدىن تۇرۇپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرگەن ۋاقىتتا داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى؛ بوغما يىلان بار قەپەسنىڭ ئەينىكى يوقاپ كەتكەن ئىدى. گىگانت يىلان يەر بېغىرلاپ قەپەستىن چىقىۋاتاتتى، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار بۆلۈمىدىكى ئىنسانلار چىرقىرىغان پېتى چىقىش ئىشىكىگە قاراپ يۈگۈرۈۋاتاتتى.
يىلان خارىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا «برازسسىلييە… مانا مەن كېلىۋاتىمەن… رەھمەت سسساڭا بۇرادەر…»
بۇ بۆلۈمنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىسى بولسا ۋەھىمە ئىچىدە قالغان ئىدى.
«ئەمما ئەينەكچۇ؟» دەۋاتاتتى توختىماي. «ئەينەك زادى قەيەرگە كەتتى؟»
ھايۋانات باغچىسىنىڭ مۇدىرى ئۆز قولى بىلەن پەتۇنيا ھاممىغا قېنىق دەملەنگەن، كۆپ قەنت سېلىنغان چاي بەردى، ھەم قايتا قايتا ئەپۇ سورىدى. پىيەرس بىلەن دادلېي بولسا بىمەنە ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى. خارىنىڭ كۆرگەنلىرى بولسا، يىلان يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا چاقچاق ئارىلاش مۇنداقلا ئۇلارنىڭ پۇتىغا سۈركىلىپ قويغانتى شۇ، ئەمما دادلېي يىلاننىڭ پۇتىنى ئۈزۈۋەتكىلى تاس قالغانلىقىنى ئېيتسا، پىيەرس يىلاننىڭ ئۆزىنى بوغۇۋەتمەكچى بولغانلىقىغا قەسەم قىلاتتى. ئەمما خارى ئۈچۈن ئەڭ يامان بولغىنى پىيەرسنىڭ ئۆزىنى بىرئاز بېسىۋالغاندا «خارى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى ،شۇنداقمۇ خارى؟» دېيىشى بولدى.
ۋېرنون تاغا خارىغا كايىش ئۈچۈن پىيەرس ئۆيدىن ساق-سالامەت چىقىپ كەتكۈچە ساقلىدى. شۇنداق تېرىككەن ئىدىكى، ئاغزى گەپكە كەلمەي قالغانىدى. «ماڭ – ئىشكاپ – ئولتۇر – تاماق – يوق» دېيەلىدى ئاخىرى،ئاندىن بىر سافاغا ئولتۇرۇپ قالدى، پەتۇنيا ھاممىنىڭ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭغا چوڭ بىر ئىستاكان براندى ھارىقى ئەكىلىپ بېرىشىگە توغرا كەلدى.
نەچچە سائەتتىن كىيىن خارى قاراڭغۇ ئىشكابىدا ئولتۇرۇپ، بىر سائىتى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ قالدى. سائەتنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. دۆرسلېيلەرنىڭ ئۇخلىغان ياكى ئۇخلىمىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ھەم، ئۇلار ئۇخلىماستا ئاشخانىغا كىرىپ بىر نەرسە يىيىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى.
دۆرسلېيلەر بىلەن ياشاۋاتقىلى ئون يىلدەك بولۇپ قالغانىدى، ئۆزىنى بىلگەندىن، بوۋاق ۋاقتىدىن، ئاتا ئانىسى بىر ماشىنا ۋەقەسىدە قازا قىلغاندىن بېرى ئۇلار بىلەن بىر ئۆيدە ياشاۋاتاتتى. ئاپىسى بىلەن دادىسى ئۆلگەندە ئۆزىمۇ ماشنىدا بولغىيمىتى؟ ئېسىدە يوق ئىدى. بەزىدە ئىشكاپتا ئۆتكۈزگەن ئاشۇ ئۇزۇن سائەتلەردە ئۆزىنى ئەسلەشكە تىرىشىپ باقسىمۇ، كۆز ئالدىغا ناھايىتى غەلىتە بىر سەھنە كېلەتتى: كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ناھايىتى كۆپ يېشىل نۇر چېچىلىۋاتقان، پېشانىسى ناھايىتى ئېچىشىۋاتقان… ھەرھالدا ماشىنا ۋەقەسىنىڭ خاتىرىسى ئىدى بۇ، ئەمما ئۇ يېشىل نۇر قەيەردىن كەلگەن بولغىيتتى؟ ئاتا ئانىسىنى بولسا ھېچ ئېسىگە ئالالمايتتى. ھاممىسى ۋە ۋېرنون تاغا ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ گېپىنى قىلىشمايتتى، ئۇلار ھەققىدە سوئال سورىشى بولسا چەكلەنگەن ئىدى. ئۆيدە ئۇلارنىڭ رەسىملىرىمۇ يوق ئىدى.
كىچىك ۋاقتىدا، خارى ئۆزى ھېچ كۆرۈپ باقمىغان بىر تۇغقىنىنىڭ كېلىپ ئۆزىنى يىراقلارغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى خىيال قىلاتتى، ئەمما بۇنداق بىر ئىش ئەسلا يۈز بەرمىدى؛ دۆرسلېيلەر ئۇنىڭ بىردىنبىر ئائىلىسى ئىدى. گەرچە، سىرتتىكى بەزى ناتونۇش ئادەملەر خارىنى تونۇيدىغاندەكلا قىلاتتى (ياكى بولمىسا، بەلكىم ئۆزى شۇنداق خىيال قىلىدىغاندۇ). بۇلار بەك غەلىتە ئادەملەر ئىدى. بىر قېتىم پەتۇنيا ھامما ۋە دادلېي دۇكانغا بارغاندا سۆسۈن سىلىندىر شەپكىلىك، جۇغى كىچىك كەلگەن بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى. پەتۇنيا ھامما قاپاقلىرىنى تۈرۈپ تۇرۇپ، خارىغا ئۇ ئادەمنى تونۇيدىغان تونۇمايدىغانلىقىنى سورىغاندىن كېيىن ھېچنەرسە ئالماي، دادلېي بىلەن خارىنى ئەگەشتۈرۈپ دۇكاندىن ئالدىراپ چىقىپ كەتتى. كېيىن باشقا بىر كۈنى، ياپيېشىل كىيىملەر كىيگەن غەلىتە بىر قېرى ئايال ئۇنىڭغا قول پۇلاڭلاتتى. ئۆتكەندە كوچىدا ئۇزۇن، سۆسۈن بىر پەلتو كىيگەن، تاز بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن كېتىپ قالدى. بۇ ئادەملەرنىڭ ئەڭ غەلىتە يېرى بولسا خارى ئۇلارغا يەنە بىر قېتىم قاراپ باقماقچى بولغاندا تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىشى ئىدى.
مەكتەپتە بولسا خارىنىڭ ھېچ دوستى يوق بولۇپ، ھەممەيلەن دادلېي گوروھىنىڭ تاغاردەك كونا كىيىملەرنى كىيىدىغان، سۇنۇق كۆزەينەكلىك ئۇ غەلىتە بالىنى، خارى پوتېرنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى، ۋە ھېچ كىم دادلېينىڭ گورۇھى بىلەن تاكاللىشىپ قېلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *