خارى پوتېر ۋە پەلسەپە تېشى (4)

خارى پوتېر ۋە پەلسەپە تېشى

ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ

تەرجىمە قىلغۇچىلار: ماھىنۇر، ھەبىبە، نەسلىخان ئۇيغۇر

4- باب: ئاچقۇچ مۇھاپىزەتچىسى

گۈپ! ئۇلار يەنە ئىشىكنى مۇشتلىدى. دادلېي چۆچۈپ ئويغاندى.
«زەمبىرەك قېنى؟» دەپ سورىدى ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ.
ئارقا تەرەپتە بىرنەرسە قاراس قۇرۇس قىلدى ۋە ۋېرنون تاغا چاقماق تېزلىكىدە ھۇجرىغا كىردى. قولىدا بىر مىلتىق تۇراتتى – مانا ئەمدى ئۇ قولىدا كۆتۈرۈپ يۈرگەن ئىنچىكە ئۇزۇن قاپنىڭ سىررى ھەممىگە ئايان بولغان ئىدى.
«كىم سەن؟» دەپ ۋارقىرىدى. «سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، مەندە قورال بار!»
بىر ھازا جىمجىت. ئارقىدىن-
گۈپ!
ئىشىكنى بىرىلىرى شۇنداق كۈچەپ مۇشتلىدىكى، ئىشىكنىڭ مىخلىرى سۆكۈلۈپ، قۇلاقنى يارغۇدەك گۈلدۈرلىگەن ئاۋازدا قاراسلاپ ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
بوسۇغىدا دىۋىدەك بىر ئادەم تۇراتتى. ئۇنىڭ يۈزى، ئۇزۇن، چاتقالدەك چاچلىرى ۋە چىگىش چىگىش، ياۋايى ئادەمنىڭكىگە ئوخشايدىغان ساقىلى بىلەن پۈتۈنلەي يوشۇرۇنغاندەك كۆرۈنەتتى ئەمما سىز يەنىلا، سىنچىلاپ قارايدىغان بولسىڭىز، شۇنچە جىق چاچ ساقالنىڭ ئارىسىدىن ئىككى تال قاپقارا، قوڭغۇزدەك پارقىراپ تۇرىدىغان كۆزلەرنى كۆرەلەيتتىڭىز.
دىۋە مىڭبىر تەسلىكتە ئۆيگە كىردى، ئېگىلىپ تۇرسىمۇ چاچلىرى تورۇسنى سۈپۈرۈپ تۇراتتى. ئېگىلدى، ئىشىكنى ئېلىپ ئاسانلا ئورنىغا سېلىپ قويدى. تالادا بوراننىڭ بىرئاز جىمىققان ئىدى. بۇرۇلۇپ ئۆيدىكىلەرگە بىربىرلەپ قاراپ چىقتى.
«ھازىر بىر پىيالە چاي بولسىدى ھە؟ بۇ سەپەر ماڭا ئانچە ئاسانغا چۈشمىدى…»
ئۇ چوڭ چوڭ قەدەم تاشلاپ دادلېي قورقۇنچىدىن قېتىپلا قالغان سافاغا قاراپ ماڭدى.
«ھوي گۆش تاغىرى، بىر تەرەپكىراق ئولتۇرە،» دىدى دىۋە.
دادلېي چىرقىراپ بېرىپ، قورققىنىدىن تۈگۈلۈپ كەتكەن ۋە ۋېرنون تاغىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋالغان ئانىسىنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈۋېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ باردى.
« ھە، مانا خارى!» دىدى دىۋە.
خارى بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ، يىرتقۇچ، ياۋايى، قاراڭغۇ يۈزىگە قارىدى. قوڭغۇزنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان كۆزلىرىنىڭ پارقىراۋاتقانلىقىنى كۆردى.
«سېنى ئەڭ ئاخىرىدا كۆرگىنىمدە تېخى كىچىككىنە بىر بوۋاقتىڭ.» دىدى دىۋە. «داداڭغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەنسەن، ئەمما كۆزۈڭ… ئاپاڭنىڭكىنىڭ ئۆزى.»
ۋېرنون تاغا غەلىتە بىر ئاۋاز چىقاردى.
«دەرھال بۇ يەردىن يوقۇلۇڭ، ئەپەندىم!» دىدى. «ئۆيگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردىڭىز!»
«ۋاي ۋۇي، تولا كاپشىما دۆرسلېي. بىلەمسەن، خۇددى يوغان بىر ئۆرۈك قېقىغا ئوخشاپ قاپسەن!» دىدى دىۋە. قولىنى سافانىڭ ئارقىسىغا ئۇزاتتى، ۋېرنون تاغىنىڭ قولىدىن مىلتىقنى تارتىپ ئالدىدە خۇددى مىلتىق رېزىنكىدىن ياسالغاندەكلا، ئاسانلىقچە ئۇنى ئېگىپ ئۇچىنى چىگىپ قويدى ۋە ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا چۆرۈۋەتتى.
ۋېرنون تاغا يەنە غەلىتە بىر ئاۋاز چىقاردى، خۇددى قۇيرۇقىغا دەسسىۋالغان چاشقاننىڭكىگە ئوخشاش.
دۆرسلېيلەرگە تەتۈر قاراپ، «ھە نېمە بولسا- خارى،» دىدى دىۋە، «تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن. ساڭا بىر نەرسە ئەكەلدىم، ئېھتىمال يولدا كەلگۈچە بىر قېتىم ئۈستىگە ئولتۇرۇپ سالغاندىمەن. لېكىن ھەرھالدا تەمى ئۆزگىرەپ كەتمىگەندۇ.»
قارا جۇۋىسىنىڭ ئىچ يانچۇقىدىن ئازراق مىجىلىپ كەتكەن بىر قۇتىنى چىقاردى. خارى تىترەپ تۇرغان بارماقلىرى بىلەن ئۇنى ئاچتى. قۇتىنىڭ ئىچىدە يوغان، شىلىمشىق بىر شاكىلاتلىق تورت تۇراتتى، ئۈستىگە يېشىل قايماق بىلەن، «تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك خارى» دىگەن خەت يېزىلغان ئىدى.
خارى بېشىنى كۆتۈرۈپ دىۋىگە قارىدى. رەھمەت ئېيتقۇسى بارتى لېكىن سۆزلەر يولدا ئېزىپ قېلىپ ئاغزىغا بارىدىغان يولنى تاپالماي قالغاندەك قىلاتتى، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاغزىدىن« سىز كىم؟» دىگەن سۆز چىقتى.
دىۋە پىخىلداپ كۈلدى.
«توغرا،ئۇنتۇپ قاپتىمەن دىسە! ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي، مەن رۇبىۇس خاگرىد. خوگۋارتس ئاچقۇچ ۋە تۇپراقلىرىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى.»
قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئالاھىدە چوڭ قولىنى ئۇزاتتى، خارىنىڭ بىلىكى ۋە قولى ئۇنىڭ قولىنىڭ ئىچىدە يوقاپ كەتتى.
قوللىرىنى بىربىرىگە سۈركەپ «ئۇنداقتا چايچۇ؟» دىدى «شۇ تاپتا بىر پىيالە چاي بولسا تازا خوشياققان بولاتتى»
پۇرلىشىپ كەتكەن بولكا خالتىلىرى تۇرغان مەشكە قارىدى، بۇرنىنى تارتىپ قويۇپ غودۇڭشىدى. مەشنىڭ ئۈستىگە ئېگىلدى. ئۇنىڭ نىمە قىلىۋاتقىنىنى كۆرگىلى بولمايتى لېكىن دىۋە بىر سىكونتتىن كىيىن مەشنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە مەشتە گۈرۈلدەپ ئوت يېنىۋاتاتتى. ھەممە يېرى نەملىشىپ كەتكەن كەپە ئىللىق نۇرغا چۆمدى ۋە خارىنىڭ بەدىنى باشتىن ئاياغ ئىسسىق مۇنچىغا كىرىپ قالغاندەك راھەتلىنىپ قالدى.
دىۋە، ئېغىرلىقى ئاستىدا ئېزىلىپ كەتكەن سافاغا قايتىدىن ئولتۇردى. جۇۋىسىنىڭ يانچۇقىدىن خىلمۇخىل نەرسىلەر چىقارغىلى تۇردى: بىر مىس قازان، بىر خالتا ئېزىلىپ كەتكەن قېزا، بىر چۆمۈچ، بىر چەينەك، قىرلىرىغا دەز كەتكەن بىر قانچە ئىستاكان… چاي دەملەشنى باشلاشتىن بۇرۇن بىر يۇتۇم ئىچىۋالغان قوڭۇر رەڭ بىر سۇيۇقلۇق بىلەن توشقۇزۇلغان كىچىك بىر بوتۇلكا. بىردەمدە ئۆي مەززىلىك قېزىنىڭ پۇرىقى بىلەن تولدى. دىۋە ئىشلەۋاتقاندا ھېچكىم ئاغزىنى ئاچمىدى، لېكىن بودەك، مايلىق، قىزىرىپ پىشقان ئالتە قېزىنى چۆمۈچ بىلەن ئوچاقتىن ئېلىۋاتقاندا، دادلېي مۇنداق بىر قىمىرلاپ قويدى. ۋېرنون تاغا، «ئۇ بەرگەن ھىچنىمىنى تۇتقۇچى بولما، دادلېي،» دىدى قوپاللىق بىلەن.
دىۋە يەنە پىخىلداپ كۈلۈپ قويدى.
«زادى بۇ بولكىدەك كۆپۈپ كەتكەن ئوغلۇڭنىڭ يەنە ئازراق ياغ باغلىشى ھاجەتسىز دۆزرسلېي، ئۇنچە ئەنسىرەپ كەتمە»
قېزىلارنى خارىگە ئۇزاتتى. خارىنىڭ قورسىقى شۇنداق ئېچىپ كەتكەندىكى، ئۆمرىدە بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇنداق تەملىك نەرسىنى تېتىپ باقمىغاندەك تۇيۇلدى، ئەمما ئۇ يەنىلا كۆزىنى دىۋىدىن ئۈزەلمەيتى. ئاخىرى، قارىماققا بىرەرسى بىرەر ئىزاھات بېرىدىغاندەك قىلمىغاچقا، «كەچۈرۈڭ، لېكىن راستىنلا كىملىكىڭىزنى تېخىچە بىلەلمىدىم.» دىدى.
دىۋە چېيىنى بىر ئوتلاپ قويۇپ يېڭى بىلەن ئاغزىنى سۈرتتى.
«مېنى خاگرىد دەپ چاقىرساڭ بولىدۇ، ھەممە ئادەم شۇنداق قىلىدۇ. دىگەنتىمغۇ، مەن خوگۋارتستا مۇھاپىزەتچى – ئەلۋەتتە سەن خوگۋارتسنى بىلىسەن.»
«مەن – ياق» دىدى خارى.
خاگرىد داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى.
دەرھال، «كەچۈرۈڭ!» دىدى خارى.
«كەچۈرۈڭ!» دەپ ھۆركىرىدى خاگرىد، كۆزىنى قاراڭغۇ بۇلۇڭغا يوشۇرۇنۇۋالماقچ بولۇشىۋاتقان دۆرسلېيلەرگە قاداپ. «ئەسلى ئۇلار كەچۈرۈم سورىشى كېرەك! خەتلەرنىڭ قولۇڭغا چۈشمىگەنلىكىنى بىلەتتىم، لېكىن خوگۋارتسنى بىلمەيدىغىنىڭنى ئويلاپمۇ قويماپتىكەنمەن! ئاپاڭ ۋە داداڭنىڭ ھەممە نەرسىنى نەردىن ئۆگەنگەنلىكىگە قىززىقىپمۇ باقمىدىڭمۇ؟»
«ھەممە نەرسە؟ نېمە نەرسىلەر؟» دەپ سورىدى خارى.
«نېمە نەرسىلەر دەمسەن!» دەپ ھۆركىرىدى يەنە دىۋە. «بىر سىكونت توختاپ تۇرۇش!»
دىۋە ئولتۇرغان يېرىدىن سەكرەپ تۇردى. ئۇ ئاشۇ غەزەپلەنگەن ھالىتى بىلەن كەپىگە بىر كەلگەندەك كۆرۈنەتتى. دۆرسلېيلەر قورقۇپ تامغا چاپلىشىپ كەتتى.
دىۋە، « سىلەر ماڭا!،» دەپ ھۆركىرىدى. «بۇ بالا – مۇشۇ بالا – ھىچ نەرسە بىلمەيدۇ دىمەكچىمۇ! ھىچ نەرسە؟!»
خارى، ئۇ دىۋە سەل ئاشۇرۇۋەتكەندەك ھېس قىلدى. ھەر نىمە بولسا ئۇمۇ مەكتەپكە بارغاندە! نەتىجىسىمۇ ئانچە يامان ئەمەس ئىدى.
«ئەلۋەتتە بەزى نەرسىلەرنى بىلىمەن،» دىدى ئۇ. «قوشۇش ئېلىش دىگەندەكلەرنى ھەرھالدا قىلالايمەن.»
لېكىن خاگرىد،پەرۋا قىلمىغاندەك قولىنى بىر پۇلاڭلىتىۋېتىپ مۇنداق دىدى،« دىمەكچى بولغىنىم، بىزنىڭ دۇنيامىز ھەققىدە، سېنىڭ دۇنياڭ، مېنىڭ دۇنيام، ئاتا ئاناڭنىڭ دۇنياسى!»
«نىمە دۇنيا؟»
خاگرىد پارتلاپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى.
«دۆرسلېي!» دەپ ھۆركىرىدى.
تاتىرىپ كەتكەن ۋېرنون تاغا، «مە… مەن» دەپ بىرنەرسىلەرنى غودۇڭشىدى. خاگرىد خارىغا ھەيرانلىق بىلەن قارىدى.
«ئەمما سەن چوقۇم ئاتا ئاناڭنى بىلىسەندە، ئۇلار قىلغاننى؟» دىدى. «ئۇلار داڭلىق ئادەملەر. سەنمۇ داڭلىق.»
«نىمە؟ مېنىڭ… مېنىڭ ئاپام بىلەن دادام داڭلىق ئادەملەر ئەمەسقۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟»
«بىلمەيدىكەنسەن… بىلمەيدىكەنسەن…» خاگرىد چاچلىرىنى قاماللاپ ، خارىغا نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغاندەك قارىدى.
«نېمە ئىكەنلىكىڭنى بىلمەمسەن؟» دىدى ئۇ ئاخىرى.
ۋېرنون تاغا باياتىن يىتتۈرۈپ قويغان ئاۋازىنى تۇيۇقسىز قايتىدىن تېپىۋالدى.
«توختا!» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى ئۇ. «شۇ يەردە توختاپ قال ئەپەندى! بالىغا ئېيتىشىڭنى چەكلەيمەن!»
بۇ يەردىكىسى ۋېرنون دۆرسلېيدىن باتۇرراق بىر ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ، خاگرىدنىڭ ئۆزىگە بۇنداق غەزەپ بىلەن قادالغان كۆزلىرىنى كۆرگەندە قورقۇپ تىترەپ كەتكەن بولاتتى. خاگرىد سۆزلەشنى باشلىغاندا، گەپلىرىنىڭ ھەر بىر بوغۇمى غەزەپ بىلەن تىترەۋاتاتتى.
«ئۇنىڭغا ھېچنەرسە دەپ بەرمىدىڭلار شۇنداقمۇ؟ ھېچقانداق ۋاقىتتا؟ دامبېلدور قويۇپ قويغان خەتتىكى ھېچنەرسىنى سۆزلەپ بەرمىدىڭلار؟ مەن شۇ يەردە ئىدىم! دامبېلدورنىڭ ئۇ خەتنى قويۇپ قويغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، دۆرسلېي! دىمەك شۇنچە يىلدىن بېرى بۇنى ئۇنىڭدىن يوشۇرۇپسىلەردە!»
خارى،«مەندىن نىمىنى يوشۇرۇپتۇ؟» دىدى ئاخىرى چىدىماي.
ۋېرنون تاغا، «توختا! ساڭا يول قويمايمەن!» دەپ ئەنسىز ۋارقىرىدى.
پەتۇنيا ھامما قورققىنىدىن نەپەسمۇ ئالالماي قالدى.
«نىمە قىلساڭ قىلىش، ئىككىلەڭ!» دىدى خاگرىد. «خارى، سەن بىر سېھىرگەر.»
كەپە تىمتاسلىققا چۆمدى. پەقەتلا گۈر گۈر شامال ۋە دېڭىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
« مەن بىر نىمە؟» دىدى خارى ھاڭ تاڭ بولغان ھالدا.
«بىر سېھىرگەر ئەلۋەتتە» دىدى خاگرىد بارغانسېرى تېخىمۇ بەكراق چۆكۈپ كېتىۋاتقان، غىچىرلاشقا باشلىغان سافاغا قايتىدىن ئولتۇرۇپ «ھەتتا بىرئاز تەربىيلەنسەڭ تازا ئۇستا بولۇپ كېتىسەن . سېنىڭكىدەك ئاتا ئانىسى بار ئادەم باشقا قانداق بولاتتى؟ ھەھ، ئەمدى بۇ مەكتۇپنى ئوقۇشنىڭ ۋاقتى كەلدىغۇ دەيمەن.»
خارى ئاخىرى ساغىرىپ كەتكەن خەتنى ئېلىش ئۈچۈن قولىنى ئۇزاتتى. ئۈستىدە ياقۇتنىڭ يېشىلىدەك بىر سىياھ بىلەن « خ. پوتېر ئەپەندى، پول، قىيالارنىڭ ئۈستىدىكى كەپە، دېڭىز» يېزىغلىق ئىدى. خەتنى لېپاپتىن چىقىرىپ ئوقۇشنى باشلىدى:

 

خوگۋارتس جادۇگەرلىك ۋە سېھىرگەرلىك مەكتىپى

مۇدىر: ئالبۇس دامبېلدور
مەرلىن نىشانى، بىرىنچى سىنىپ، چوڭ ئۇستاز، باش سېھىرگەر، ئۇلۇغ باش بۇغ، مىللەتلەر ئارىسى سېھىرگەرلىك فېدىراتسىيەسى ئەزاسى…

قەدىرلىك پوتېر ئەپەندى،
خوگۋارتس جادۇگەرلىك ۋە سېھىرگەرلىك مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىڭىزنى ئۇقتۇرۇشتىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمىز. كېرەكلىك كىتاپ ۋە ئەشيالارنىڭ تىزىملىكى قوشۇمچە خەتتە مەۋجۇت.
دەرس يىلى توققۇزىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى باشلىنىدۇ. مۈشۈكياپىلىقىڭىزنى سەككىزىنچى ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە ئەۋەتىپ بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن،

مىنەرۋا مېك گوناگال- مۇدىر ياردەمچىسى

 

خارىنىڭ كاللىسىدىكى سوئاللار تۇيۇقسىز بىر توپ ساليوتتەك ئېتىلىشقا باشلىدى، شۇڭا ئۇ ئاۋال قايسىسىنى سوراشنى بىلەلمەيلا قالدى. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، كېكەچلەپ تۇرۇپ، «بۇ… بۇ… مۈشۈكياپىلىقىمنى ساقلاش… بۇ نىمە گەپ؟» دەپ سورىدى.
«ئۇچقۇر گورگونلار! ئەمدى ئېسىمغا كەلدى دېسە!» دەپ ۋارقىرىدى خاگرىد، پېشانىسىگە ئالقىنى بىلەن بىرنى ئۇردى، بۇ شاپىلاق شۇنداق كۈچلۈك ئىدىكى بىر ئاتلىق ماشىنىنى ئۆرۈۋېتەلەيتى. جۇۋىسىنىڭ باشقا بىر يانچۇقىدىن بىر مۈشۈكياپىلاق (ھەقىقى، جانلىق ئەمما بىرئاز پەرىشان كۆرۈنىدىغان بىر مۈشۈكياپىلاق)، ئۇزۇن بىر پەي قەلەم ۋە بىر توپ تېرە قەغەز ئالدى. تىلىنى چىشلەپ تۇرۇپ، خارى كەينىدىن قارىغاچقا تەتۈرىدىن ئوقۇغان، بىر قانچە جۈملە يازدى.


قەدىرلىك دامبېلدور ئەپەندىم،
خارىغا خېتىنى بەردىم.
ئەتە ئۇنى كېرەكلىك نەرسىلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئاپىرىمەن.
ھاۋا شۇنداق ناچار. سالامەتلىكىڭىزنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈمىدى بىلەن.
خاگرىد.


خاگرىد خەتنى يۆگەپ مۈشۈكياپىلاققا بەردى، مۈشۈكياپىلاق ئۇنى تۇمشۇقىغا قىستۇردى، خاگرىد ئىشىكنىڭ قېشىغا بېرىپ مۈشۈكياپىلاقنى بوران چاپقۇنلۇق كېچىگە قويۇپ بەردى. كىيىن ئۇ تېلفوندا پاراڭلاشقانغا ئوخشاشلا ئادەتتىكى بىر ئىشنى قىلغاندەك قايتىپ كېلىپ ئولتۇردى.
خارى ئاغزىنىڭ ئېچىلىپ قالغانلىقىنى بايقاپ قالدى ۋە ئالدىراشلا چىڭ يۇمۇۋالدى.
«نېمە دەۋاتاتتىم،» دىدى خاگرىد، ئەمما دەل شۇ ۋاقىتتا ۋېرنون تاغا يەنىلا كۈلرەڭ چىرايى ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن غەزەپلەنگەن ھالدا، مەش يورۇتۇپ تۇرغان يەرگە كەلدى.
«ئۇ بارمايدۇ،» دىدى.
خاگرىد غودۇڭشىپ قويدى.
«قېنى قاراپ باقايلى، سېنىڭدەك بىر يوغان قورساق ماگېل ئۇنى قانداق توختىتىپ قالىدىكەن؟» دىدى ئۇ.
«نېمە؟» دەپ سورىدى خارى قىززىققان ھالدا.
«بىر ماگېل،» دىدى خاگرىد. «ئۇنىڭدەك سېھرى يوق خەلىقنى شۇنداق ئاتايمىز. سېنىڭمۇ تەلىيىڭ باركەن ھە، مەن ئۆمرۈمدە كۆرگەن ئەڭ ساپ، ئەڭ زور ماگىل ئائىلىسىدە چوڭ بولۇپسەن.»
«ئۇنى تاپشۇرىۋالغىنىمىزدا، پۈتۈن بۇ ئەخمىقانىلىكلەرنى توسۇش ئۈچۈن قەسەم قىلغانتۇق،» دىدى ۋېرنون تاشا. «ئۇنى ئۇ ئادەمدىن يىراق تۇتۇشقا! سېھىرگەرلىك دىگەن ئاشۇ بىر نېمىدىنمۇ شۇ!»
«بىلەمتىڭلار!» دىدى خارى. « بىلەتتىڭلار شۇنداقمۇ؟ مېنىڭ… سېھىرگەر ئىكەنلىكىمنى؟»
«بىلەمتىڭلار؟» دەپ ۋارقىراپ تاشلىدى پەتۇنيا ھامما تۇيۇقسىزلا. «بىلەمتىڭلار؟ ئەلۋەتتە بىلەتتۇق! مېنىڭ شۇ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان سىڭلىم شۇنداق تۇرسا، سەن قانداق بولماڭچىدىڭ؟ ئۇمۇ مۇشۇنداقلا بىر خەت تاپشۇرىۋالدى ئارقىدىن تۇيۇقسىز غايىپ بولۇپ ئۇ يەرگە باردى – ئاشۇ مەكتەپكە – تەتىللەردە ئۆيگە كېلەتتى، يانچۇقلىرى پاقا بالىلىرى بىلەن تولقان، پىيالىلەرنى چاشقانلارغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان… ئۇنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە نېمە ئىكەنلىكىنى بىر مەنلا كۆرەلەيتتىم: بىر غەيرىي مەخلۇق! ئەمما ئاپام ۋە دادامدىن سورىساڭلار، ياق ياق، ئۇياققا ئۆتسە لىلى، بۇياققا ئۆسە لىلى! ئالەمگە پاتماس لىلى ئىدى ئۇ، ھەممىسى ئائىلىمىزدە بىر جادۇگەر بار دەپ مەغرۇرلىناتتى!»
چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋېلىش ئۈچۈن توختىۋالغاندىن كىيىن سۆزلەشنى داۋاملاشتۇردى. قارىماققا بۇ سۆزلەرنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىچىدە ساقلاپ كەلگەندەك، دىيىشكە پۇرسەت ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى.
«كىيىن ئۇ، مەكتەپتە پوتېر بىلەن تونۇشتى، كەتتى، توي قىلدى ۋە سەن تۇغۇلدۇڭ، بىلەتتىم، سېنىڭمۇ ئۇلاردەك بولىدىغانلىقىڭنى ئەلۋەتتە بىلەتتىم. خۇددى ئۇلاردەكلا غەلىتە، ئۇلاردەك… ئۇلاردەك بىنورمال! ئارقىدىن، كەچۈرگىن ئەمما، بېرىپ ئۆزىنى پارتلاتقۇزۇۋەتتى، سەن بولساڭ بىزنىڭ بېشىمىزغا قالدىڭ!»
خارى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. ئاۋازىنى قايتىدىن تېپىۋالغان ھامان «پارتلاش؟» دىدى. «سىلەر ماڭا ئۇلارنى ماشىنا ۋەقەسىدە ئۆلدى دىگەنتىڭلارغۇ!»
«ماشىنا ۋەقەسى!» دەپ ھۆركىرىدى خاگرىد. شۇنداق غەزەپ بىلەن چاچراپ قوپتىكى، دۆرسلېيلەر قايتىدىن ئۆزلىرى چىققان بۇلۇڭغا مۆكۈۋالدى. «قانداق بىر ماشىنا ۋەقەسى لىلى ۋە جەيمس پوتتېرنى ئۆلتۈرىدىكەن! ۋەھشىيلىك! تۆھمەت! بىزنىڭ دۇنيامىزدا ھەممە بالا خارىنىڭ ئىسمىنى بىلىدىغان يەردە خارى ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنىمۇ بىلمىسە!»
«ئەمما نېمە ئۈچۈن؟ نىمە بولغان؟» دەپ سورىدى خارى دەرھال.
خاگرىدنىڭ يۈزىدىكى غەزەپ ئىپادىسى نەلەرگىدۇر يوقاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئورنىنى تۇيۇقسىزلا چوڭقۇر ئەندىشە قاپلىدى.
«بۇنى كۈتمىگەنتىم،» دىدى خاگرىد يىنىك، مەيۈسلەنگەن ئاۋازدا. «دامبېلدور زادى دىگەن، سەن بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ قېيىنغا توختايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھىچ نەرسىدىن خەۋىرىڭ يوقلۇقىنىمۇ ئېيتقانىدى. ئاھ خارى،بۇنى ساڭا ئېيتىشقا تېگىشلىك ئادەم مەنمۇ، بىلمەيمەن. ئەمما بىرى چىقىپ دىيىشى كېرەكتە شۇنداقمۇ، بىر نەرسە بىلمەي تۇرۇپ خوگۋېرتسقىمۇ بارالمايسەندە.»
خاگرىد دۆرسلېيلەرگە سەت ئالىيىپ قويدى.
«ئۇھ، ئەڭ ياخشىسى مەن سۆزلەپ بېرەلىگۈچىلىك قىسمىنى بولسىمۇ بىلگەچ تۇر – گەرچە ھەممىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلىشىم ناتايىن، بۇ ھەقىقەتەنمۇ چوڭ بىر مەخپىيەتلىك، بەزى بۆلۈملىرى…»
ئۇ ئورنىدا، بىر ھازا مەشكە تىكىلىپ قاراپ ئولتۇردى ئارقىدىن مۇنداق دىدى «مېنىڭ بىلىشىمچە،ھەممە ئىش بىر ئادەم بىلەن باشلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى… ئۇنىڭ ئىسمى… كاساپەت، ئىسمىدىنمۇ خەۋىرىڭ يوق، ئەمما بىزنىڭ دۇنيامىزدا ھەممە ئادەم ئۇنى بىلىدۇ…»
«كىمنى؟»
« مەن – ئامالسىز قالمىساملا، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاغزىمغا ئالمايمەن. ھېچكىم ئاغزىغا ئالمايدۇ.»
«نىمىشقا؟»
«ۋاي توۋا، خارى، ئىنسانلار تېخىچە قورقىۋاتىدۇ! ۋاي خۇدايىمەي، قېيىن بىر ئىشكەنغۇ بۇ. ئىشقىىلىپ، بىر سېھىرگەر بار ئىدى ئۇ… يامان يولغا كەتتى. بىر ئىنسان بالىسى ماڭالايدىغان ئەڭ يامان يولغا. تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق. تېخىمۇ ئەسكى. بەتەرنىڭ بەتىرى. ئۇنىڭ ئىسمى…»
خاگرىد بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى. ئاغزىدىن بىر ئېغىزمۇ گەپ چىقماي قالدى.
«يېزىپ بەرسەڭ قانداق؟» دەپ سوراپ باقتى خارى.
«ياق- قانداق يېزىشنى بىلمەيمەن. بوپتۇلا- ۋولدېمورت.» خاگرىد تىترەپ كەتتى. «مېنى قايتا ئىسىمنى دىگىلى سالما بولامدۇ. ئىشقىلىپ، بۇ – بۇ سېھىرگەر، يىگىرمە يىللار ئىلگىرى، ئۆزىگە يانداش ئىزدەشكە باشلىدى. ھەمدە تاپتى، بەزىلىرى ئۇنىڭدىن قورقاتتى، بەزىلىرى بولسا ئۇنىڭ كۈچىدىن نېسىۋىسىنى ئېلىشقا تىرىشاتتى. چۈنكى ئۇ بارا بارا تېخىمۇ كۈچلىنىپ كېتىۋاتاتتى. زۇلمەتلىككە چۆمگەن كۈنلەر خارى. كىمگە ئىشىنىشنى بىلەلمەيتتۇق، ناتونۇش سېھىرگەر ياكى جادۇگەرلەر بىلەن ئارلىشىشتىن قورقاتتۇق… قورقۇنچلۇق ئىشلار بولدى. ئۇ ھەممىنى ئىلكىگە ئالايلا دىگەن ئىدى. بەزىلەر ئۇنىڭغا قارشى كەلدى، ئەلۋەتتە ئۇ، ئۇلارنى ئۆلتۈرىۋەتتى. بەئەينى بىر ئالۋاستىدەكلا. بىردىنبىر بىخەتەر جاي خوگۋارتس ئىدى. كىملىكىنى- بىلىسەن- سەن قورقىدىغان بىردىن بىر ئادەم، دامبېلدور ئىدى. مەكتەپنى قولغا چۈشۈرۈشكە پېتىنالمىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا پېتىنالمىدى دەيلى.»
«سېنىڭ ئاپاڭ ۋە داداڭ، مەن تونۇشقان ئەڭ تالانتلىق سېھىرگەرلەردىن ئىدى. خوگۋارتسنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى ئۇلار! غەلىتە يېرىمۇ مۇشۇغۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق، كىملىكىنى-بىلىسەن-سەن ھېچقانداق ۋاقىتتا ئۇلارنى يېنىغا تارتىپ كېتىشكە تىرىشمىدى… قارىغاندا ئىككىلىسىنىڭ دامبېلدورغا يېقىنلىقىنى ۋە قاراڭغۇ تەرەپتىكىلەر بىلەن ئىشى بولمايدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئوخشايدىكەن. »
« بەلكىم ئۇلارنى ئالدىيالىشىم مۇمكىن دەپ ئويلىدى… بەلكىم ماڭا پۇتلىكاشاڭ بولمىسۇن دىگەندۇ. ئەمما ھەممە ئادەمنىڭ بىلىدىغان بىردىنبىر نەرسە، ئون يىل بۇرۇن، جادۇگەرلەر بايرىمىدا، ئۇ، سەن ۋە ئائىلەڭ ياشايدىغان يېزىغا كەلدى. سەن تېخى ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن بوۋاق ئىدىڭ. ئۆيۈڭلارغا كىردى، كىيىن- ئاندىن…»
خاگرىد تۇيۇقسىز كىر ئىچىپ كەتكەن، قاسماق بىر قول ياغلىقنى يانچۇقىدىن چىقاردى، ۋە بۇرنىنى سۈرتىۋېدى مۈڭگۈز كانايدىن چىققاندە بىر ئاۋاز چىقتى.
«كەچۈرگىن،» دىدى. «ئەمما بۇ ئېچىنىشلىق بىر ئىش، ئاپاڭ داداڭنى تونۇيتتۇم، دۇنيادا ئۇلاردىن ياخشى ئادەمنى تېپىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى… بولدى-
«كىملىكىنى- بىلىسەن- سەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. كىيىن، ئەسلى سىر دەل مۇشۇ يەردە، سېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى بولدى، قارىغاندا ئىشنى پۇختا قىلغۇسى كەلگەن ئوخشايدۇ، يا بولمىسا ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئامراقلىقىدىنمىكىن تاڭ. ئەمما ئۇ بۇنى قىلالمىدى. پېشانەڭدىكى ئۇ يارا ئىزىنىڭ سەۋەبىگە قىززىقىپ باقمىغانمىدىڭ؟ ئۇ ئاددىي بىر كېسىك ئەمەس، كۈچلۈك ۋە قارا نىيەت بىر ئەپسۇن تەگكەندىن بولغان نەرسە. ئاپاڭنى، داداڭنى، ھەتتا ئۆيۈڭلارنىمۇ جايلىۋەتتى. ئەمما ساڭا چېقىلالمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن داڭلىق، خارى. ئۇ بىرسىنى ئۆلتۈرۈشنى نىيەت قىلغان بولسا ئۇ ئادەم ھەرگىزمۇ ساق قالمايتتى، پەقەت سەنلا ياشىيالىدىڭ. شۇ ئەسىرنىڭ ئەڭ ياخشى بەزى بىر جادۇگەر ۋە سېھىرگەرلەرنىمۇ ئۆلتۈرىۋەتتى، مېك كىننونلار، بونېسلار، پرېۋېتلار. پەقەت سەنلا، بىر بوۋاق تۇرۇقلۇق، ساق قالدىڭ. »
خارىنىڭ كاللىسى چىدىغۇسىز بىر خىل ئاغرىق بىلەن بىلەن تولغان ئىدى. خاگرىدنىڭ ھېكايىسى ئاخىرلىشاي دىگەندە، ئۇ يەنە، شۇ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان، يېشىل نۇرنى كۆردى، بۇرۇنقىدىنمۇ ئېنىقراق. يەنە تېخى، تۇنجى قېتىم، يېڭى بىر نەرسىنى ئەسلەپ قالدى، ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان، سوغۇق، زالىم بىر كۈلكە ئاۋازى.
خاگرىد مەيۈسلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا قارايتى.
« ئۇ خارابىلىققا ئايلانغان ئۆيدىن، دامبېلدورنىڭ بۇيرۇقى بىلەن سېنى مەن ئېلىپ چىقتىم. سېنى بۇ كالۋالارغا تاشلاپ بەر…»
«ھەممىسى يالغان،» دىدى ۋېرنون تاغا. خارى چۆچۈپ، ئولتۇرغان يېرىدە سەكرەپ كەتتى. دۆرسلېيلەرنىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. ۋېرنون تاغا جاسارىتىنى قايتىدىن تېپىۋالغاندەك قىلاتتى. مۇشتۇمىنى تۈرۈپ، خارگرىدقا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى.
«ھوي بالا، ئەمدى مېنىڭ گېپىمگە قۇلاق سال،» دىدى ئۇ خىرىس قىلىۋاتقاندەك بىر قىياپەتتە «سەندە غەلىتە بىر نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلىمەن، بەلكىم ئوبدان بىر تاياق ساقايتالمىغۇدەك نەرسە بولماسلىقى مۇمكىن. ئاپاڭ ۋە داداڭ ھەققىدە دىيىلگەنلەر بولسا… شۇنداق، ئۇلار ئاجايىپ ئادەملەر ئىدى. بۇنى رەت قىلىشنىڭ بىر مەنىسى يوق. ماڭا سورىساڭلار، دۇنيا ئۇلارسىز تېخىمۇ گۈزەل، ئۇلار كاللىسىغا كەلگەننى قىلىشتى، ئۇ غەلىتە سېھىرگەرلەر ئارىسىغا كىرىۋالدى، دەل مەن كۈتكەندەك بولدى، ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق يامان ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى بىلەتتىم…»
دەل شۇ ۋاقىتتا خاگرېد سافادىن چاچراپ قوپتى. جۇۋىسىنىڭ ئىچىدىن ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن، ھالرەڭ بىر كۈنلۈكنى سۇغۇرۇپ ئالدى. ئۇچىنى ۋېرنون تاغىغا، خۇددى بىر قىلىچتەك قارىتىپ، «سېنى ئاگاھلاندۇرىمەن دۆرسلەي – سېنى ئاگاھلاندۇرىۋاتىمەن – يەنە بىر ئېغىز سۆز قىلىدىغان بولساڭ – »
ساقاللىق بىر دىۋە تەرىپىدىن كۈنلۈك بىلەن زىخقا ئۆتكۈزۈلۈشتەك بىر ئاقىۋەتنىڭ خەتىرىنى ئويلاپ يەتكەن ۋېرنون تاغىنىڭ باياقى باتۇرلۇقى ئاللىقاياقلارغا يوقاپ كەتتى. كەينىگە داجىپ، يەنە تامغا چىڭ چاپلىشىپ جىمىپلا كەتتى.
«ياخشىراق بولدى،» دىدى خاگرىد، ئېغىر ئېغىر نەپەس ئېلىپ، قايتىدىن سافادا ئولتۇردى، بۇ قېتىم بىچارە سافا يەرگە تېگىپ قالايلا دىدى.
يەنە بىر ياندىن بولسا، خارىنىڭ يەنىلا كاللىسىدا سورايدىغان بىر دۆۋە سوئال بار ئىدى، يۈزلەرچە سوئال.
«ئەمسە ۋول- كەچۈرگىن كىملىكىنى- بىلىسەن- سەنگە نىمە بولدى؟»
«ياخشى سورىدىڭ خارى. يوق بولدى. يوقاپ كەتتى. سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كېچىسى. سېنى تېخىمۇ بەك داڭلىق قىلىۋەتتى. چۈشىنىسەنغۇ، ئەڭ چوڭ مەخپىيەتلىك دەل مۇشۇ. بارا بارا كۈچلىنىۋاتقان ئىدى نىمە ئۈچۈن تۇيۇقسىزلا كېتىپ قالدى؟
«رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ئۆلۈپتۇ. مېنىڭچە بۇ قۇرۇق گەپ، ئىچىدە ئۆلگىدەك بىر ئىنسان قالمىغانتى. يەنە بىر رىۋايەتكە قارىغاندا ئۇ تېخىچە ساق سالامەت، ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان توغرا پەيتنى كۈتۈپ ياتقانمىش. ئەمما ئۇنىڭغىمۇ ئىشەنمەيمەن. يانداشلىرى قايتىدىن بىزگە قوشۇلدى. بەزىلىرى خۇددى قاتتىق بىر ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك ئىدى. قايتىپ كېلىپ قالسا ئۇنداق قىلمايدىغان بولغىيتى.
«كۆپىنچىمىز ئۇنىڭ ياشاۋاتقىنىغا ئىشىنىمىز، لېكىن كۈچى قالمىدى دەپ قارايمىز. داۋاملاشتۇرالمىغۇدەك ماجالسىز، چۈنكى سەن ئۇنى تۈگەشتۈردۈڭ خارى. ئۇ كېچىسى ئۇ خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن بىر نەرسىگە دۇچ كەلدى. نېمىلىكىنى بىلمەيمەن. ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئەمما سەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر نەرسە ئۇنى تۈگەشتۈردى.»
خاگرىد كۆزلىرىدە بىر ئىللىقلىق ۋە ھۆرمەت بىلەن چاقناپ خارىغا قارىدى. ئەمما خارى مەغرۇرلىنىپ خۇشال بولۇشنىڭ ئورنىغا بۇ ئىشتا قورقۇنۇچلۇق بىر ئۇقۇشماسلىق باردەك ھېس قىلىۋاتاتتى. سېھىرگەر؟ ئۇ؟ ئۇ قانداقسىگە سېھىرگەر بولالايتى؟ پۈتۈن ھاياتىنى دادلېينىڭ مۇشتۇملىرىغا، پەتۇنيا ھامما ۋە ۋېرنون تاغىنىڭ زومىگەرلىكىگە چىداپ تۇرۇپ ئۆتكۈگەنىدى. ئەگەر بىر سېھىرگەر بولغان بولسىدى، ئۇلار ئۆزىنى ئىشكاپقا سولاشقا تىرىشقان ۋاقىتتا ئۇلارنى بىر پاقىغا ئايلاندۇرۇپ قويماسمىدى؟ ئەگەر بىر ۋاقىتلاردا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك سېھىرگەرنى جايلىۋەتكەن بولسا، دادلېي ئۇنى قانداقسىگە پۇتبول توپىنى تەپكەندەك ئۇياقتىن بۇياققا سۈر توقاي قىلىپ يۈرەلىگەنتى؟
«خاگرىد،» دىدى ئۇ جىمجىتلا، «قارىغاندا سەن خاتالاشتىڭغۇ دەيمەن، مەن سېھىرگەر ئەمەس، مېنىڭچە بۇ مۇمكىن ئەمەس.»
خاگرىدنىڭ پىخىلداپ كۈلگىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.
«سېھىرگەر ئەمەس؟ قورققان ياقى غەزەپلەنگەن ۋاقتىڭدا غەلىتە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەپچى بولمىغانمىدىڭ؟»
خارى مەشتە يېنىۋاتقان ئوتقا قارىدى. قايتا بىر ئويلىنىپ باقسا… ھاممىسى ۋە تاغىسىنى ساراڭ قىلىۋېتىدىغان بىر ئىش يۈز بەرگەن ۋاقىتلاردا ئۇ، خارى، يا ئەنسىز يا بولمىسا ئاچچىقلانغان بولاتتى. دادلېي گورۇھى ئۇنى قوغلاۋاتقاندا، ئۇ قانداقسىگە ئۆگزىگە چىقىۋالغان… ئاشۇ كۈلكىلىك چاچ پاسونى بىلەن مەكتەپكە بېرىشتىن خېجىل بولۇۋاتقان چاغدا چېچى قانداقسىگە ئۇزاپ كەتكەن… ھەتتا دادلېي ئاخىرقى قېتىم ئۆزىنى مۇشتلىغاندا ھەتتا ئۆزىمۇ ھېس قىلمايلا، ئۆچىنى ئېلىۋالمىغانمىدى؟ بىر بوغما يىلاننى قويۇۋەتمىگەنمىدى؟
كۈلۈمسىرەپ خاگرىدقا قارىغاندا ئۇنىڭمۇ كۈلۈمسىرەۋاتقانلىقىنى كۆردى.
«كۆردۈڭمۇ؟» دىدى خاگرىد. «خارى پوتېر، سېھىرگەر ئەمەس شۇنداقمۇ؟ قاراپ تۇر قېنى خوگۋېرتستا قانچىلىك داڭلىق بولۇپ كېتىدىكەنسەن.»
ئەمما ۋېرنون تاغىنىڭ ئاسانلا تەسلىم بولۇشقا نىيىتى يوق ئىدى.
«ساڭا بارمايدۇ دىمىدىممۇ؟» دىدى غەزەپ بىلەن. «ستونۋول ھايغا بارىدۇ، شۇ يەرگە بولسىمۇ بارغىنىغا مىننەتتار بولسا بولىدۇ تېخى. ئۇ خەتلەرنى ئوقۇدۇم، بىر مۇنچە نەرسە لازىمكەن، سېھىر كىتاپلىرى ۋە سېھىرلىك تاياقلار ۋە – »
«بېرىشنى خالىسا سەندەك بىر يوغان بىر ماگېل ئۇنى توختىتىپ قالالمايدۇ! » دەپ ھۆركىرىدى خاگرىد. «لىلى ۋە جەيمس پوتېرنىڭ بالىسىنىڭ خوگۋېرتسقا بېرىشىنى توسۇپ قالىسەن شۇنداقمۇ؟ سەن ساراڭ بولۇپسەن. ئۇنىڭ ئىسمى تېخى ئۇ تۇغۇلغاندىن باشلاپلا ھەممىمىزگە ياد بولۇپ كەتكەن. ئۇ، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى سېھىرگەرلىك مەكتىپىگە بارىدۇ. يەتتە يىل كېيىن ئۆزىنىمۇ تونۇيالماي قالىدۇ. ئۆزىگە ئوخشاشلار بىلەن ياشايدۇ ئۇنچىلىك ئۆزگىرىش نورمال. ئۇنى خوگۋارتس ئۇچراتقان ئەڭ چوڭ مۇدىر ئوقۇتىدۇ ، ئالبۇس دامبېلد…»
«ئۇنىڭغا ھەزىلكەشلىك ئۆگىتىپ قويسۇن دەپ كاللىسىدىن كەتكەن ھاڭۋقتى بىر قېرىغا پۇل تۆلىمەيمەن!» دەپ ۋارقىرىدى ۋېرنون تاغا.
ئەمما بۇ قېتىم ئۇ چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. خاگرىد كۈنلۈكىنى كۆتۈرگەن پېتى ئۇنىڭ كاللىسىغا بىرنى سالدى. «ھەرگىز– » دەپ ھۆركىرىدى. «مېنىڭ ئالدىمدا ئالبۇس دامبېلدورغا ھاقارەت قىلغۇچى بولما
كۈنلۈكنى ھاۋادا بىر پۇلاڭلىتىپ دادلېيگە توغرىلىدى، ھاۋادا بىر پارچە سۆسۈن نۇر چاقنىدى، بىر پاي ئوق ئېتىلىپ چىققاندەك ئاۋاز ئاڭلاندى، بىركىم قاتتىق چىرقىرىدى ۋە ئارقىدىنلا، دادلېي سېمىز كاسسىسىنى چىڭ تۇتۋېلىپ ئۆينىڭ ئوتتۇرسىدا ئۇسسۇلغا چۈشكەندەك سەكرەپ تاقلاۋاتقان، بىر تەرەپتىن بولسا بۆرىدەك ھۇۋلاۋاتقان ئىدى. دادلېي ئۇلارغا كەينىنى قىلغاندا خارى، ئۇنىڭ كاسسىسىدا، ئىشتىنىنى تېشىپ ئۆسۈپ چىققان، ئۇچى بۈدۈر بىر چوشقا قۇيرۇقىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
ۋېرنون تاغا يولۋاستەك ھۆركىرىدى. پەتۇنيا ھامما ۋە دادلېينى يەنە بىر ھۇجرىغا سۆرەپ ئېلىپ چىققاچ خاگرىدا ئاخىرقى قېتىم، چۆچۈگەن ھەم غەزەپكە تولغان بىر ئىپادە بىلەن ئالىيىپ قويدى.
خاگرىد كۈنلۈكىگە قاراپ، ساقىلىنى سىلاپ قويدى.
«ھەيي… ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالىغان بولسام ياخشى بولاتتىدە» دىدى ئۇ پۇشايمانلىق بىلەن، «ئەمما بولىدىغان ئىش بولۇپ بولدى. ئەسلى ئۇنى چوشقىغا ئايلاندۇرۇپ قويماقچىدىم ئەمما زادى چوشقىغا شۇنداق ئوخشايتتىكى ئارتۇقچە ئاۋارە بولۇشۇمغا كېرەك قالمىدى»
چاتقالدەك قاشلىرىنىڭ ئارىسىدىن خارىغا يانچىلاپ قاراپ قويدى.
«خوگۋارتستا بۇنى ھېچكىمگە ئېيتمىساڭ خۇشال بولاتتىم.» دىدى. «راستىمنى ئېيتقاندا مېنىڭ… سېھىر ئىشلىتىشىمگە يول قويۇلمايدۇ. سېنى كۈزەتلىشىم ۋە خەتلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىشىم ئۈچۈن بىرئاز ئىشلىتىشىمگە يول قويغانتى… بۇ ئىشنى قىلىشقا شۇنچىلىك قىززىققانلىقىمنىڭ يەنە بىر سەۋەبى مۇشۇ»
«سېھىر ئىشلىتىشىڭگە نىمىشقا يول قويۇلمايدۇ؟» دەپ سورىدى خارى.
«مەن- شۇ… مەنمۇ بىر چاغلاردا خوگۋارتسقا بارغانىدىم، ئەمما- ئەمما راستىنى ئېيتسام، مەكتەپتىن ھەيدەلدىم. ئۈچىنچى يىلىمدا. سېھىرلىك تايىقىمنى سۇندۇرىۋەتتى. ئوتتۇردىن ئىككى پارچە قىلىۋەتتى. ئەمما دامبېلدور مېنى قاراۋۇل ئورنىدا تۇتۇپ قالدى. قالتىس ئادەم مۇشۇ دامبېلدور.»
«نىمىشقا مەكتەپتىن ھەيدەلدىڭ؟»
«كەچ بولۇپ كەتتى، ئەتە جىق ئىشىمىز بار،» دىدى خاگرىد يۇقرى ئاۋازدا. «كەنتكە بېرىشىمىز كېرەك. كىتاپ دىگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋالىمىز.»
قېلىن، قارا جۇۋىسىنى چىقىرىپ خارىغا بەردى.
«بۇنى يېپىنىۋالغىن،» دىدى. «ئانچە مۇنچە مىدىر سىدىر قىلىپ قالسا كاللاڭغا تاقىۋالما، يانچۇقلارنىڭ بىرىدىكى بىر جۈپ چاشقان تېخىچە شۇ يەردىغۇ دەيمەن.»

 

ئىنكاس قالدۇرۇڭ

* بەلگىسى قويۇلغان يەرلەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.