ئىكابوگ (1)

ئىكابوگ

ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ

تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر

بىرىنچى باب: قورقماس پادىشاھ فرەد

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، كورنۇكوپيا ئىسىملىك كىچىككىنە بىر يۇرت بار ئىدى. بۇ يۇرت، يۈز يىللاردىن بۇيان سېرىق چاچلىق بىر پادىشاھلار نەسلى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان ئىدى. مەن بۇ يەردە سۆزلىمەكچى بولغان دەۋردىكى پادىشاھ قورقماس پادىشاھ فرەد ئىدى. ئەسلىدە «قورقماس» دىگەن نامنى تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمىدا ئۆز ئۆزىگە ئېلان قىلىۋەتكەن ئىدى،چۈنكى ھەم فرەد بىلەن بىللە ئېيتىلغان چاغدا پەيزى ئاڭلىناتتى، ھەمدە بىر قېتىم بىر ياۋا ھەرىنى ئۆزى يالغۇز تۇتۇپ مىجىۋېتەلىگەن ئىدى، ئەلۋەتتە بەش خىزمەتچى ۋە بىر موزدوزنىڭ ياردىمى بىلەن…

قورقماس پادىشاھ فرەد، چوڭقۇر سۆيگۈ ۋە ھۆرمەت سادالىرى ئىچىدە تەختكە ئولتۇردى. ئاجايىپ ئوماق سېرىق بۈدرە چاچلىرى ۋە ئىنچىكە قايرىلىپ تۇرغان بىر بۇرۇتى بار ئىدى، ھەمدە ئۇ شۇ دەۋرنىڭ ئادەملىرى كىيىدىغان چىلتەكلىك كۆڭلەكلەر، مەخمەل چاپان ۋە تار ئىشتانلار بىلەن ناھايىتى ئېسىل كۆرۈنەتتى. فرەدنى ناھايىتى سېخى دېيىشەتتى، ئۇنى قاچان كۆرسىڭىز كۈلۈمسىرەپ قول پۇلاڭلىتاتتى، ئوردىدىكى پۈتۈن قەسىرلەرگە ئېسىش ئۈچۈن تارقىتىلغان رەسىملىرىدە ئاجايىپ كېلىشكەن كۆرۈنەتتى. كورنۇكوپيا خەلقى يېڭى پادىشاھىدىن مەمنۇن ئىدى ۋە كۆپىنچىسى ئۇنىڭ دادىسىدىنمۇ، چىشلىرى ئەگرى- بۈگرى (ئەلۋەتتە ئۇ زامانلاردا خەلق بۇنى ئېغىزغا ئالمايتتى) ئادىل رىچارددىنمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

پادىشاھ فرەد، كورنۇكوپيانى باشقۇرۇشنىڭ ناھايىتى ئاسان ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئىچ ئىچىدىن راھەتلىنىپ قالغان ئىدى. ئەسلىدە يۇرت ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇۋاتقاندەك قىلاتتى. ئاساسەن ھەممە ئادەمنىڭ ئېشىپ- تېشىپ تۇرغۇدەك ئاشلىقى، سودىگەرلەرنىڭ كۇپ كۇپ ئالتۇنلىرى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر مەسىلە چىقىپ قالغۇدەك بولسا، پادىشاھنىڭ دانىشمەنلىرى دەرھال ھەل قىلىۋېتەتتى. ئەھۋال بۇنداق بولغاچقا، فرەد ئۈچۈن مەپىسى بىلەن ساياھەتكە چىقىپ خەلقىگە تەبەسسۇم ياغدۇرۇش ۋە ئەڭ يېقىن دوستلىرى گراف تۈكرەر ۋە گراف شالۋاق بىلەن ھەپتىدە بەش قېتىم ئوۋغا چىقىشتىن باشقا ئىش قالمايتتى.

تۈكرەر ۋە شالۋاقنىڭ بۇ يۇرتتا كۆپ زېمىنلىرى بار بولسىمۇ، ئۇلار ئۈچۈن پادىشاھنىڭ دىققىتىنى ئوردىدىكى گۈزەل خانىملاردىن ئۇزاق تۇتۇش، پادىشاھنىڭ نازۇ- نېمەتلىرىگە داخىل بولۇپ، بىللە كىيىك ئوۋلاپ، سارايدا تۇرمۇش كەچۈرۈش بەكرەك ئالاھىدە ۋە كۆڭۈللۈك ئىدى. ئۇلار فرەدنىڭ توي قىلىشىنى خالىمايتتى. چۈنكى خانىش ئۇلارنىڭ پۈتۈن كەيپىنى ئۇچۇرۇۋېتەتتى. بىر قېتىم ئۆزى ناھايىتى ئاقپىشماق ۋە كېلىشكەن فرەد، بۇغداي ئۆڭ ۋە گۈزەل ئېسلاندا خېنىمنى ياقتۇرۇپ قالغىلى تاس قالدى، بىراق تۈكرەر ئۇنىڭ ئارتۇقچە جىددىي ۋە بىلەرمەن ئىكەنلىكىگە پادىشاھنى قايىل قىلدى. فرەد ئەلۋەتتە گراف تۈكرەرنىڭ ئېسلاندا خېنىمغا خاپا ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. گراف تۈكرەر ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويغان، لېكىن رەت قىلىنغان ئىدى.

گراف تۈكرەر ناھايىتى ئورۇق، ھىيلىگەر ۋە زېرەك ئىدى. دوستى شالۋاق بولسا قىزىل يۈزلۈك ۋە ناھايىتى بودەك ئىدى. قوڭۇر رەڭلىك ئېتىغا مىنىش ئۈچۈن ئالتە ئادەمنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج قالاتتى. تۈكرەرچىلىك ئەقلى بولمىسىمۇ، پادىشاھتىن خېلىلا ئەقىللىق ئىدى.

ھەر ئىككى گراف خۇشامەت قىلىشقا ئۇستا ئىدى ۋە فرەدنىڭ توپ ئويناشتىن تارتىپ ئات مىنىشكىچە بولغان ھەممە ئىشتا نەقەدەر ماھىر ئىكەنلىكىگە ھەيران بولغاندەك قىلىشاتتى. تۈكرەرنىڭ ئالاھىدىلىكى، پادىشاھنى ئۆزىنىڭ دېگەن يېرىگە ئەكىلىشكە ماھىر بولۇشى ئىدى، شالۋاق بولسا، پادىشاھنى دۇنيادا ئەڭ يېقىن ئىككى دوستىدىن باشقا ھېچ كىمنىڭ ئۇنىڭغا بۇنداق سادىق بولالمايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈش تېمىسىدا، ئالاھىدە ئۇستا ئىدى.

فرەد، تۈكرەر ۋە شالۋاقنىڭ ناھايىتى ياخشى ئادەملەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. تۈكرەر ۋە شالۋاق فرەدتىن ئېسىل مېھماندارچىلىق، رەڭدار شىكار (دالا زىياپىتى) ۋە ھەشەمەتلىك زىياپەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلاتتى. چۈنكى كورنۇكوپيانىڭ يىمەكلىكلىرىنىڭ دۇنياغا پۇر كەتكەن داڭقى بار ئىدى. ھەر بىر شەھەر ئايرىم تائاملىرى بىلەن مەشھۇر ئىدى ۋە ھەر بىرسى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشىسى ئىدى.

كورنۇكوپيانىڭ پايتەختى خېمىرقورغان، دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقانىدى. كەڭرى كەتكەن باغلىرى، ئالتۇندەك ساپسېرىق بۇغداي ئېتىزلىرى ۋە ئاپئاق ئىنەكلەر ئوتلايدىغان زۇمرۇتتەك ياپيېشىل ئوتلاقلىرى شەھەرنى ئوراپ تۇراتتى. بۇ يەردىكى دېھقانلار ئىشلەپچىقارغان قايماق، ئۇن ۋە مېۋىلەر، خېمىرقورغاننىڭ ئۇنلۇق تاتلىق تۈرۈملىرىنى پىشۇرىدىغان ماھارەتلىك ئۇستىلىرىغا بېرىلەتتى.

ھازىر، ئۆمرىڭىزدە يەپ باققان ئەڭ مەززىلىك تورت ياكى پىرەنىكنى ئەسلەپ بېقىڭ. ئەمدى سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ ئۆتەيكى، ئۇلارنى خېمىرقورغاندا تىلغا ئېلىشتىن خېجىل بولۇشاتتى. چوڭ ئادەمدىن بىرى خېمىرقورغان تاتلىق تۈرۈملىرىدىن بىر پارچە يەپ باققىنىدا تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتمىسە، ئۇ تورت لەززەت ئۆلچىمىگە يەتمەيتتى ۋە ھەرگىز قايتا ياسالمايتتى. خېمىرقورغاندىكى تورتخانىلارنىڭ ئەينەكلىك پۇكەيلىرى ياش قىزلارنىڭ چۈشلىرى، پەرىشتىلەرنىڭ بۆشۈكى ۋە ئەڭ مەشھۇر بولغان جەننەت ئۈمىتلىرى دىگەندەك مەززىلىك تاتلىق تۈرۈملەر بىلەن توشۇپ كەتكەن بولاتتى، بۇ تورتلارنىڭ لەززىتى شۇنداق ئاجايىپ، شۇنداق شېرىن ئىدىكى، ئالاھىدە كۈنلەر ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ ساقلىناتتى ۋە كىملا يېسۇن، خۇشاللىقىدىن يىغلىۋېتەتتى. خوشنا دۆلەتنىڭ پادىشاھى پورفىرىيو، فرەدكە بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇنىڭغا ئۆمۈر بويى جەننەت ئۈمىتلىرى يەتكۈزۈپ بېرىشى شەرتى بىلەن قىزلىرىدىن خالىغان بىرسىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى لېكىن گراف تۈكرەر، فرەدكە پلۇرىتانىيالىق ئەلچىنىڭ گەپلىرىگە پەرۋا قىلماسلىقنى ئېيتقان ئىدى.

«ئۇ قىزلارنىڭ ھېچ قايسىسىنىڭ گۈزەللىكى جەننەت ئۈمىتلىرىنىڭ يېنىغىمۇ كېلەلمەيدۇ ئالىيلىرى!» دېگەنىدى تۈكرەر.

خېمىرقورغاننىڭ شىمال تەرىپىدە، قاپقارا ئىنەكلەر بىلەن بەختىيار ھالرەڭ چوشقىلار يېتىشتۈرۈلىدىغان ياپيېشىل ئوتلاقلار ۋە سۈپسۈزۈك سۇلىرى جىمىرلاپ تۇرىدىغان ئېرىق-ئۆستەڭلەر سوزۇلۇپ ياتاتتى. بۇلارمۇ يېيىقكەنت ۋە ھورشەھەر ئىسىملىك خوشنا كەنتلەرنىڭ خىزمىتىدە ئىدى. بۇ ئىككى شەھەر، كورنۇكوپيانىڭ ئەڭ چوڭ دەرياسى فلۇمانىڭ ئۈستىگە ياسالغان بىر چوڭ تاش كۆۋرۈك بىلەن ئايرىلىپ تۇراتتى، دەريادىكى رەڭگارەڭ كېمىلەر تۆت ئەتراپتىن مەھسۇلات توشۇيتتى.

يېيىقكەنتنىڭ بولسا پىشلىقى داڭلىق ئىدى: چوڭ ئاق رەڭلىك چاقلار، قاتتىق سېرىق توپلار، كۆك تومۇرلۇق يوغان تۇڭلار ۋە مەخمەلدىنمۇ يۇمشاق كىچىككىنە قايماق پىشلاق توپلىرى.

ھورشەھىرىنىڭ بولسا، ھورى چىقىپ تۇرىدىغان ۋە تاتلىق قىزارتىلغان كولباساسى داڭلىق ئىدى. يەنە سۈر گۆشلىرى، قېزىلىرى، ئېغىزدا ئېرىپ كېتىدىغان كالا گۆشى قىزارتمىسى ۋە كېيىك گۆشى بىلەن ياسالغان پۆرىسىمۇ شۇ.

ھورشەھەرنىڭ قىزىل كېسەكلىك تونۇرلىرىنىڭ تۇرخۇنىدىن كۆتۈرۈلىدىغان خۇشپۇراق تۇمانلار، يېيىقكەنتتىكى پىشلاقچىلارنىڭ ئىشىكلىرىدىن تارقىلىدىغان مېزىلىك پۇراقلار بىلەن ئارىلىشىپ ئاتمىش كېلومېتىر بويىچە شۇ گۈزەل پۇراقنى پۇرىغىنىڭىزچە ئاغزىڭىزغا سېرىق سۇ كەلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

يېيىقكەنت ۋە ھورشەھەرنىڭ شىمالىدىكى بىر نەچچە سائەتلىك يولدا، تۇخۇم چوڭلۇقىدىكى ئۈزۈملەر ئۆسىدىغان كۆز يەتكۈسىز ئۈزۈم باغلىرىنى ئۇچرىتاتتىڭىز، ئۈزۈملەرنىڭ ھەر بىرى پىشقان، تاتلىق ۋە سۇلۇق ئىدى. كۈن بويى يولنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، ئۈزۈم شەربىتى بىلەن مەشھۇر يوغانتۇڭ كەنتىگە كىرىپ قالاتتىڭىز. ئېيتىلىشىچە، بىرئاز خۇش كەيىپ بولۇش ئۈچۈن يوغانتۇڭ كەنتىنىڭ پەقەتلا كوچىلىرىدا ماڭسىڭىزلا يېتەتتى. ئەڭ ياخشى مەھسۇلات مىڭ نەچچە ئالتۇن قارشىلىقىدا سېتىلاتتى ۋە يۇرتتىكى ئەڭ بايلىرىدىن بەزىلىرى يوغانتۇڭلۇق شاراپ سودىگەرلىرى ئىدى.

لېكىن يوغانتۇڭنىڭ بىرئاز شىمالىدا غەلىتە ئىشلار يۈز بەرگەن ئىدى. خۇددى سېھىرلىك بىر بايلىققا ئىگە كورنۇكوپيا تۇپراقلىرى ئەڭ ياخشى ئوتلاقلارنى، ئەڭ ياخشى مېۋىنى، ئەڭ ياخشى بۇغداينى تېرىشتىن ھېرىپ ماغدۇرسىز قالغاندەك تۇراتتى. يۇرتنىڭ ئەڭ شىمال تەرىپىدىكى ئۇچى، پاتقاق دىيارى دەپ ئاتىلاتتى. ئۇ يەردە ئۆسۈدىغان ئالاھىدە بىردىنبىر نەرسە رېزىنكىدەك تەمسىز موگولار ۋە ئاجىز ئوت چۆپلەر ئىدى. بۇلارمۇ پەقەت بىر نەچچە ياۋايى قوينى توقلاشقا يېتەتتى.

قوي باقىدىغان پاتقاق ئاھالىسى، يوغانتۇڭ، ھورشەھەر، يېيىقكەنت ياكى خېمىرقورغان ئاھالىسىگە ئوخشاش نەپىس، سېمىز ۋە ياخشى كىيىنگەن ئەمەس،بەلكى ئورۇق ۋە بىچارە ئىدى. ياخشى بېقىلمىغان قويلىرى ھەم كورنۇكوپيادا، ھەم باشقا يەردە پۇلغا يارىمايتتى. شۇنىڭ بىلەن كورنۇكوپيانىڭ شەربىتىنىڭ، پىشلىقىنىڭ، گۆشلىرىنىڭ ۋە تاتلىق تۈرۈملىرىنىڭ تەمىنى تېتىپ باققان ناھايىتى ئاز پاتقاق ئادىمى بار ئىدى. پاتقاقلىقتا ئەڭ ياخشى بىلىنىدىغان تاماق مايلىق قوي گۆشىدىن قىلىنغان شورپا ئىدى. بۇ تاماق پۇلغا يارىمايدىغان قېرى قويلار بىلەن ئېتىلەتتى.

كورنۇكوپيانىڭ قالغان قىسمى پاتقاق ئاھالىسىنى غەلىتە دەپ قارايتتى: قوپال، قاسماق ۋە جېدەلخور ئىدى. ئاۋازى بۇزۇلۇپ قالغان كانايدەك چىقاتتى، باشقا كورنۇكوپيالىقلار گېلى قىسىلىپ قالغان قېرى قويلاردەك ئاۋاز چىقىرىپ ئۇلارنى دورايتتى. ئاددا-ساددىلىقى ۋە قىلىقلىرىنى دوراپ چاقچاق قىلىشاتتى.

كورنۇكوپيادىكى باشقىلارنىڭ نەزىرىدە، پاتقاق دىيارىدىن چىققان بىردىنبىر ئالاھىدە نەرسە، ئىكابوگ ئەپسانىسى ئىدى.