ئىكابوگ (5)

ئىكابوگ - نەسلىخان ئۇيغۇر

ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ

تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر

بەشىنچى باپ: دېيزى لاچىنقۇيرۇق

لاچىنقۇرۇق خانىمنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمىدىن كېيىن بىر نەچچە ئاي ئۆتتى ۋە پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلدى. بىرىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر لاچىنقۇيرۇق خانىمنىڭ ئۆلۈمى پادىشاھ فرەدنىڭ خاتالىقى ئىكەنلىكى توغرىلىق پىچىرلىشاتتى. ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر بولسا، بۇ يەردە بىر مەسىلە بارلىقى ۋە پادىشاھنىڭ كىيمىنى تىكىپ پۈتكۈزۈشنى بۇيرۇشتىن ئاۋۋال، ئۇنىڭ قاتتىق ئاغرىپ قالغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىغا ئۆزلىرىنى ئىشەندۈرمەكچى بولۇشاتتى.

تورت ئۇستىسى خۇشخۇي خانىم ئىككىنچى گۇرۇپپىدىن ئىدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا دائىم ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. ھەتتا بەزىدە ئۇنى تاماق ئۆيىگە چاقىرتىپ، ئۇ كۈنى بەكرەك مەززىلىك تېتىغان «بەگلەرنىڭ كەيپى» ياكى «ئۈنچە مارجان» تورتلىرى ئۈچۈن ئۇنى تەبرىكلەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇمۇ پادىشاھنىڭ ئەدەپ- قائىدىلىك، سېخىي ۋە كەڭ قورساق ئىكەنلىكىكە ئىشىنەتتى.

«مانا ماۋۇ يەرگە قول قويالايمەنكى، بىرى پادىشاھقا ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالغان گەپ.» دېدى ئېرى مىڭبېشى خۇشخۇيغا. «پادىشاھ ئاغرىق خىزمەتچىسىنى ھەرگىزمۇ ئىشقا سالمايدۇ. بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار سەۋەپلىك ئۆزىمۇ ناھايىتى بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى جەزم قىلالايمەن.»

«شۇنداق» دېدى مىڭبېشى خۇشخۇي، «مېنىڭچىمۇ جەزمەن شۇنداق.»

مايور خۇشخۇيمۇ ئايالىغا ئوخشاش، پادىشاھ ئۈچۈن ياخشى بولغاننى ئويلايتتى. چۈنكى ئۇمۇ دادىسى ۋە بوۋىسىغا ئوخشاش، ئوردا مۇھاپىزەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پادىشاھقا ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلاتتى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ فرەدنىڭ، لاچىنقۇيرۇق خانىمنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ناھايىتى خۇشخۇي يۈرگەنلىكىنى (پادىشاھ بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ جىق ئوۋغا باراتتى)، ئۇنىڭ ئۈستىگە لاچىنقۇيرۇق ئائىلىسىنىڭ مازارلىقنىڭ يېنىغا كۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى بىلسىمۇ، مايور خۇشخۇي يەنىلا پادىشاھنىڭ، تىككۈچىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلار ئۈچۈن كۆڭلىنىڭ يېرىم ئىكەنلىكىگە ۋە ئايالنىڭ قىزى بىلەن ئېرىنىڭ كۆچۈپ كېتىشى بىلەن بىر مۇناسىۋىتى يوقلىقىغا ئىشىنىشكە تىرىشاتتى.

لاچىنقۇيرۇق ئائىلىسىنىڭ يېڭى ئۆيى خىلۋەت ئىدى. كۈن نۇرى مازارلىقنى چۆرىدەپ تۇرغان دەرەخلەر سەۋەپلىك توسۇلۇپ تۇراتتى. يەنىلا دايسى ياتاق ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىن، قاپقارا شاخلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر بوشلۇقتىن، ئاپىسىنىڭ مازىرىنى ناھايىتى ئوچۇق كۆرەلەيتتى. بەرت ئۇنى قولىدىن كېلىشىچە كۆپ يوقلاپ تۇرسىمۇ، ئەمدى خوشنا ئۆيدە ئولتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن دايسى بىكار ۋاقىتلىرىدا ئۇنى بۇرۇنقىدەك جىق كۆرەلمەيتتى. يېڭى ھويلىسى ئويناش ئۈچۈن بۇرۇنقىدەك چوڭ بولمىسىمۇ، ئۇلار ئويۇنلىرىنى مۇشۇ يەرگە ماسلاشتۇرىۋالغان ئىدى.
لاچىنقۇيرۇق ئەپەندىنىڭ بۇ يېڭى ئۆيى ياكى پادىشاھ ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. بۇھەقتە باشقا خىزمەتكارلار بىلەن پاراڭلاشمايتتى، قىزى دايسىنى ئانىسىنىڭ يوقلۇقىدا چوڭ قىلىپ، كۆپرەك پۇل تېپىپ قىزىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولاتتى.

دادىسىغا ياردەم قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان دايسى دادىسى ياغاچچىلىق قىلىدىغان ئۆيدە ئىش فورمىسىنى ئۈستىگە كىيگەن ھامان خۇشال بولاتتى. ئۈستى بېشىنىڭ مەينەت بولۇپ كېتىشى بىلەن كارى يوقتى، كېيىم كېچەككىمۇ ئانچە كۆڭۈل بەرمەيتتى. يەنىلا ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى كۈنلەردە ئانىسىنىڭ مازىرىغا گۈل قويۇپ قويۇش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئايرىم بىر كۆينەك كىيدى. لاچىنقۇيرۇق خانىم ھايات ۋاقتىدا دائىم، قىزىنىڭ دىيىشىچە «كىچىك بىر خېنىم» دەك كۆرسىتىشكە تىرىشاتتى ۋە ئۇنىڭغا بىرمۇنچە ناھايىتى چىرايلىك كىچىككىنە كۆينەكلەرنى تىكىپ بەرگەن ئىدى. پادىشاھ فرەد ئۆزى ئۈچۈن تىكىلگەن مۇكەممەل كېيىملەردىن ئېشىپ قالغان رەختلەرنى سېخىيلىق بىلەن لاچىنقۇيرۇق خانىمغا بېرىۋېتەتتى. ئاپىسى دايسىنىڭ كىيىملىرىدىن بەزىلىرىنى مۇشۇ رەختلەردىن تىككەن ئىدى.

شۇنداق قىلىپ بىر ھەپتىلەر، ئايلار ئۆتۈپ، ھەش-پەش دېگۈچە بىر يىل بولۇپ قالدى. ئەمدى ئانىسى دايسىگە تىكىپ بەرگەن كۆينەكلەر كىچىك كېلەتتى. ئەمما دايسى ئۇلارنى ئىشكابىدا ئېھتىيات بىلەن ساقلايتتى. ئەتراپىدىكىلەر دايسىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالغاندەك تۇراتتى ياكى ئاپىسىنىڭ ئۆلۈمىگە كۆنۈپ كېتىشكەن ئىدى. دايسىمۇ بۇ ھالەتكە كۆنۈپ قالغاندەك قىلاتتى. ئەسلىدە تۇرمۇش قېلىپىغا چۈشكەندەك قىلاتتى. دادىسىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى، تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەيتتى ۋە ئەڭ ياخشى دوستى بەرت بىلەن ئوينايتتى، ئەمما ئاپىسى ھەققىدە ھېچ پاراڭ قىلىشمايۋاتاتتى. ھەم پادىشاھ ھەققىدىمۇ شۇنداق. دايسى ھەركۈنى كېچىسى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاي يورۇقىدا پارقىراۋاتقان ئۇزاقتىكى ئاپئاق مازار تېشىغا كۆزلىرىنى تىكىپ قارايتتى.