كىچىك پىل

كىچىك پىل

تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر

كىچىك پىلنىڭ، بەدىنى بەك يوغان بولغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلى يېرىم بولاتتى. ئۆز ئۆزىگە:

– مەن نىمە ئۈچۈن بۇنداق يوغان بولۇپ قالغاندىمەن. قۇرت- قوڭغۇزلارنى، سازاڭلارنى، چۈمۈلىلەرنى، مېڭىۋاتقاندا خالىماي تۇرۇپ ئېزىۋېتىمەن، دەپ ئويلىناتتى.

بىر كۈنى ئۇ يەنە ئورمانلىققا چىقىپتۇ. چۈمۈلىلەر ئۇنى كۆرۈپ قورقۇپ قېچىشىپتۇ. قۇرت- قوڭغۇزلار ئېزىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بىر چەتكە ئۆتۈۋاپتۇ. سازاڭلار تۇپراقنىڭ ئاستىغا مۆكۈۋاپتۇ. كىچىك پىل ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن قېچىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەنە كۆڭلى يېرىم بوپتۇ. چىدىماي يىغلىغىلى تۇرۇپتۇ. دەل شۇ چاغدا يېقىن بىر يەردىن ۋارقىرىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. بىرسى:

– قۇتقۇزۇڭلار قۇتقۇزۇڭلار، دەپ ۋارقىراۋاتقۇدەك.

كىچىك پىلنىڭ نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلگىسى كەپتۇ. ئاۋاز كەلگەن يەرگە قاراپ تېز سۈرئەتتە مېڭىپتۇ. ئۇ نىمە كۆرۈپتۇ دەيسىز؟ بىر تىيىننىڭ قۇيرۇقى يوغان بىر تاشنىڭ ئاستىدا قاپتۇدەك! تىيىنچاق ۋارقىراپ ياردەم سوراۋېتىپتۇ. قۇرت- قوڭغۇزلار، چۈمۈلىلەر، چىۋىنلار، مۈشۈكلەر، چاشقانلار، توشقانلار توپلىشىۋاپتۇ. لېكىن ھىچ قايسىسى تاشنى ئورنىدىن مىدىرتالماپتۇ. كىچىك پىل ئۇلارغا:

– يول قويۇڭلار مەنمۇ بىر سىناپ باقاي، دەپتۇ. يوغان تاشنى خورتۇمى بىلەن تۇتۇپتۇ. ئاسانلا ئورنىدىن قوزغىتالاپتۇ. بىچارە تىيىنچاق شۇنىڭ بىلەن قۇتۇلۇپ قاپتۇ. پىلغا رەھمەت ئېيتىپتۇ

شۇنىڭدىن كېيىن كىچىك پىلنىڭ يوغان بىر بەدىنى بولغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلى يېرىم بولمايدىغان بولۇپتۇ. خۇشاللىق بىلەن ياشاپتۇ.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *