كىچىك قىز ۋە پۇرچىقى

كىچىك قىز ۋە پۇرچىقى

تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر

تۇبا، تېخى توققۇز ياشلىق بىر قىزچاق ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئاغرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئوپراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىر نەچچە كۈن دوختۇرخانىدا قالدى.

سېستىرا، تۇبانىڭ يېنىغا كەلدى.

– قانداقراق ئوماق قىزچاق. – دەپ سورىدى.

– ياخشى، ئوپراتسىيەدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى بولىمەن. – دەپ جاۋاب بەردى تۇبا.

بۇ جاۋاب سېستىرانى سۆيۈندۈردى. سېستىرا تۇبانى كۆزەتتى، تۇبانىڭ كارۋىتىنىڭ يېنىدا بىر كىچىك تەشتەك بار ئىدى. تۇبا ھەر كۈنى بۇ تەشتەكنى سۇغۇراتتى. سېستىرا ئۇنىڭدىن سورىدى،

– تۇبا، بۇ تەشتەك نەدىن كەلدى؟ ئۇنى نىمە قىلىسەن؟

– تۇبا كارۋىتىدا تەسلىكتە ئۆرۈلۈپ قارىدى. كىيىن سېستىراغا،

– بىلەمسىز، مەن دوختۇرخانىغا كىرگەندە، تەشتەككە بىر پۇرچاق تېرىپ قويغانىدىم. ئەمدى پۇرچاق بىلەن مۇسابىقىلىشىۋاتىمىز.

سېستىرا چۈشىنەلمىدى.

– قانداقسىگە؟- دەپ سورىدى.

– مەن ئوپراتسىيە بولىمەن، ئۇ تۇپراقتىن چىقىدۇ، پۇرچۇقۇم ۋە مەن ئاۋۋال كىم بېشىنى كۆتۈرىدۇ دەپ مۇسابىقىلىشىۋاتىمىز.

سېستىرا بۇ جاۋابتىن تەسىرلەندى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن تۇبا ئوپراتسىيەگە كىردى. ئوپراتسىيە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى. تۇبا ئوپراتسىيەدىن كېيىن، كۆزلىرىنى ئېچىپ پۇرچىقىغا قارىدى. تېخى تۇپراقتىن چىقمىغىنىنى كۆرۈپ،

– مەن غەلبە قىلدىم! – دەپ خۇشاللىقىدىن ۋارقىىرىۋەتتى.

سېستىرا تۇباغا،

– سېنى تەبرىكلەيمەن قىزچاق، ئەگەر قەلبىڭ بۇنداق گۈزەل بولمىسا ئىدى، ئۇنچىلىك تىز ساقايمايتتىڭ. – دىدى.

قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، تۇبا پۈتۈنلەي ساقايدى، پۇرچىقىمۇ ئۈنۈپ چىقىپ بارا بارا چوڭ بولدى.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *