گەپ قىلىشقا بولمايدۇ (6)

گەپ قىلىشقا بولمايدۇ

ئاپتورى: ئاندرۇۋ كلېمىنتس

تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر ئۇيغۇر

6-باب: كوللېكتىپ ھەرىكەت

دەيۋ تەڭ ئولتۇرغان بالىلار ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرى ئىدى. دەيۋ ئۇلارغا قائىدىلەرنى سۆزلەپ بەرگەندىن كىيىن ھەممىسىگە بىر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ ھىجايدى. «كەسكىن بىر مەيدان مۇسابىقە بولىدىغان بولدى ھە؟»

تود بېشىنى لىڭشىتتى. «مەن قاتناشمايمەن – بەك ئەخمىقانە بىر ئىش. كىممۇ ئۈن تىنسىز ئولتۇرۇشنى ياختۇرار؟ بۇ ئىش زادىلا، ئاشۇ قىز دىگەندەك مۇمكىن ئەمەس بىر ئىش.»

«سېنىڭچە قىزلار گەپ قىلماي تۇرالايدۇ يۇ ئوغۇللار تۇرالمايدۇ شۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى دەيۋ. «دىمەكچى بولغىنىڭ، ھېچ كۈرەش قىلمايلا بەل قويۇۋەتمەكچىمۇ؟ شۇنداقمۇ؟»

«ياقەي… ئەمما شۇ… يەنىلا ئەخمىقانە بىر ئىش» دىدى تود.

«ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟» دىدى دەيۋ. «بىر مۇسابىقە شۇ، ۋە ئوغۇللار يېڭىپ چىقىدۇ، كېلىشتۇق ھە؟ شۇڭا ھازىر قۇلاق سېلىڭلار. ئاۋال پۈتۈن ئوغۇللارغا خەۋەر يەتكۈزىمىز. ھەممىسى بىزگە ماسلىشىپ بەرمىسە بولمايدۇ. تىم فلانگېن بۈگۈن مەكتەپكە كەلمىدى. مەن ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلسام بولىدۇ، چۈنكى ئەتە مەكتەپكە كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. سىلەرمۇ باشكا كىم بار كىم يوق تېپىپ چىقىپ شۇنداق قىلىڭلار. ئۇلارنىڭ تېلىفۇن نومۇرىنى بىلمىسەڭلار، كەچتە ماڭا تېلىفۇن قىلساڭلار بولىدۇ، ئاپامدا بىر تېلىفۇن دەپتىرى بار. يەنە تېخى، بۈگۈن مەكەپكە كەلگەن پۈتۈن بەشىنچى سىنىپتىكى ئوغۇللارغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزىمىز. بۈگۈن. ماقۇلمۇ؟»

«دىمەكچى بولغىنىڭ، راستتىنلا گەپ قىلمامدۇق؟» دىدى جەيسىن، «ئىككى كۈن؟ بۇ… قانداق بولغىنى؟»

دەيۋ يانچۇقىدىن كىچىك خاتىرە ۋاراقلىرى ئالدى. ھېندىستان خاتىرىلىرىنىڭ كەينىگە «ئاسان» دەپ يازدى. كىيىن ئۇنى كۆتۈرۈپ پۈتۈن ئوغۇللارغا كۆرسەتتى.

ھەم، «ھازىر مەن گەپ قىلدىممۇ؟» دەپ سورىدى.

«ياق» دىدى جەيسىن.

«قاراپ تۇرۇڭلار» دىدى دەيۋ.

بېشىنى لىڭشىتتى.

بېشىنى لىڭشىتىپ تەستىقلىدى.

كۈلۈمسىرىدى.

قاپىقىنى تۈردى، چىشىنى كۆرسىتىپ ئىتقا ئوخشاش خىرىس قىلدى.

«گەپ قىلمىدىم شۇنداققۇ؟ ئەمما نېمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشەندىڭلار. گەپ قىلماسلىق دىگەن، پەقەتلە گەپ قىلماسلىق شۇ. چوقۇم قىززىقارلىق بولىدۇ – ئەمما ئۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ، بۇ دىگەن بىر مۇسابىقە. قىزلارغا قارشى. ۋە بىز يېڭىمىز، ماقۇلمۇ؟ پۈتۈن ئوغۇللارغا دەڭلار، قىسقا جۈملىلەر تۈزۈشنى مەشىق قىلسۇن، جىق بولغاندا ئۈچ سۆز.»

«مېنى بىزار قىلدىڭ!» دىدى جىم.

«ئاغزىڭ پۇرايدىكەن!» دىدى جەيسىن.

رىچارد «قاراڭلار، شەپەرەڭ-پالۋان! – ھەي، شەپەرەڭ-پالۋان بىر سۆز ھېساپلىنامدۇ ئىككىمۇ؟» دىدى.

بۇ بالىلار، مۇشۇنداق ساراڭلىق قىلىپ، ئەخمىقانە جۈملە تۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىۋەردى.

«بالىلار!» دىدى دەيۋ «قېنى، چاققان بولۇڭلار! دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ توشۇپ قېلىشىغا ئون بەش مىنۇت قالدى. بەشىنچى سىنىپتىكى ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى، شۇ تاپتا مۇشۇ يەردە، تاماق يەۋاتىدۇ – ھەممىگە خەۋەر قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق پەيت ھازىر. ھەم، بۇنى دىيىشمۇ مېنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ ئەمما، قىزلار ئالدىمىزغا ئۆتۈپ كەتتى.»

ئوغۇللار ئاخىرى ئاغزىنى يۇمۇپ ئەتراپىغا سەپسالدى.

لىينسېي، ئەننا، ئەمىلىي، تەرېن – ياندىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان تۆتەيلەن- تاماق زالىغا تارقاپ پۈتۈن قىزلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى. ھەننا بىلەن كەرىن بولسا مەكتەپ باغچىسىغا قاراپ ماڭغانتى.

دەيۋ، «ھەممىڭلار بىزنىڭ گرۇپپىغا نېمە دەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىسىلەرغۇ؟» دەپ سورىدى.

ئوغۇللار ئۇنىڭغا قاراپ باش لىڭشىتتى. ھازىر ھەممىسىنىڭ چىراي ئىپادىسى  جىددى بىر تۈس ئالغانتى.

«ئۇنداقتا ياخشى» دىدى دەيۋ. «قېنى باشلايلى.»

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *