رەڭ
رەڭلىك ئاق ئېيىق
ماھىنۇر 2020-08-09
كۆك رەڭلىك ئات سىزغان رەسسام
ماھىنۇر 2020-08-09
UYGUR.COM & UYGUR BALILAR
ئۇيغۇر تورى – ئۇيغۇرتىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە ئائىت نادىر ئەسەرلەرنى توپلاش، قوغداش ۋە ئەۋلاتلىرىمىزغا يەتكۈزۈش مەقسىتىدە بىر ئائىلە كىشلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە ئائىلە دوستلىرىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئورتاق مۈلكى بولۇشقا يۈزلىنىۋاتقان بىر تور بىكەت بولۇپ، ھەرقانداق بىر ئورگان ياكى تەشكىلاتقا تەۋە ئەمەس، ھېچبىر ئورۇندىن ئىقتىسادىي ياردەم قوبۇل قىلمايدۇ. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ۋاقتىمىز يار بەرگەن دائىرىدە ئۇيغۇر تورىدا داۋاملىق يېڭى مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىشقا تېرىشىپ كېلىۋاتىمىز. مەقسىتىمىز ھەرخىل مەدەنىيەتنىڭ كەسكىن رىقابىتى ئاستىدا ئېزىلىپ، ئەسلىمىزدىن بارغانسىرى ئۇزاقلىشىپ كېتىۋاتقان ئەۋلاتلىرىمىزنى مول مەزمۇنلۇق مەنىۋىي ھايات شارائىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ھەم ئۇيغۇر بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا، ھەمدە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۇنياغا پايدىسى تېگىدىغان، دۇنيا نىممەتلىرىدىن ھالال تەرى بىلەن بەھرىمان بولالايدىغان ياراملىق ئىنسانلارغا ئايلىنىش جەريانىغا زەررىچىلىك بولسىمۇ تۆھپىمىزنى قوشۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر بىرىمىز بالىلارنىڭ تەلىم-تەربىيىسىگە پايدىلىق ئەسەرلەر ياكى ئەسەر ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەش ئارقىلىق ياكى ئۇيغۇر تورى ھەققىدە بالىلىرى بار ئائىلىلەرنى خەۋەردار قىلىش ئارقىلىقمۇ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا تۆھپە قوشالايمىز.
پەرزەنتلىرىمىزنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىمىزنى، ئۇلارنى ئىنسانيەتكە قانچىلىك ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەپ چىقالىغانلىقىمىز بىلەن، مىللىتىمىزنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىمىزنى، پەرزەنتلىرىمىزنى ئۇيغۇر قىلىپ تەربىيىلەپ چىقالىغان ياكى چىقالمىغانلىقىمىز بىلەن ئۆلچەشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلمايدۇ، ھەر بىرىمىزنىڭ ئائىلىسىدىن تەربىيىلىنىپ چىقىدۇ. ئاتا-ئانىمىزدىن ئالغان مىللىي ئامانەتنى ئائىلە ئىچىدە پەرزەنتلەرگە يەتكۈزۈش كۆچمەنلىك ھاياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان تارىخىي بۇرچى. پەرزەنتى بار ياكى پەرزەنتلىك بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇ قەدەر مۇشەققەتلىك ۋە تارىخىي ھەل قىلغۇچ بىر مەزگىلدە ياشاۋاتىمىزكى، ئەگەر ئالدىمىزدىكى ئون يىل ئىچىدە ئائىلىلىرىمىزدە ناھايىتى مۇكەممەل ۋە ئىزچىل بىر ئائىلە ئىچى تەلىم- تەربىيە ئەنئەنىسىنى يېتىلدۈرەلمىسەك، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئائىلە ئىچىدە ئۆزىمىز يوق قىلغان ۋە تارىخ بېتىدىن ئۆزىمىز ئۆچۈرۈپ تاشلىغان بولۇپ قالىمىز خالاس.
Copyright © 2021 UYGUR.COM