پۇتىغا تىكەن سانچىلغان شىر

پۇتىغا تىكەن سانچىلغان شىر

تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر

بىر ۋاقىتلاردا ناھايىتى باي بىر سودىگەر بولغانىكەن. تۆگىسىگە ھەرخىل رەختلەرنى ئارتىپ، باشقا شەھەرلەرگە ئاپىرىپ ساتىدىكەن. بىر كۈنى يەنە تۆگىلىرى بىلەن يولغا چىقىپتۇ. يولدا ھېچكىم يوق ئىكەن. كەچكە يېقىن يولنىڭ قىرىدا يەردە يېتىۋاتقان بىر شىرنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ. بىچارە ھايۋاننىڭ پۇتىغا تىكەن سانچىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىنجىقلاۋاتقانىكەن. سودىگەر:

– ۋاھ بىچارە. دىمەك جېنىڭ ئاغرىۋىتىپتۇ. ئەمما كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، مەن ئۇ تىكەنلەرنى چىقىرىۋېتەي، – دەپتۇ.

شىرنىڭ قاناۋاتقان پۇتىنى قولىغا ئاپتۇ. تىكەنلەرنى بىردىن بىردىن چىقىرىپتۇ. كۆڭلىكىدىن بىر پارچە يىرتىپتۇ. شىرنىڭ پۇتىنى تېڭىپ قويۇپتۇ.

ئارىدىن ئايلار ئۆتۈپتۇ. سودىگەر بىر كۈنى يەنە شەھەرگە مېڭىۋاتقاندا تۆگىلىرىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ. قاقاس يوللاردا تۆگىسىنى ئىزدەۋاتقاندا، ئالدىغا يوغان بىر شىر ئۇچراپتۇ. سودىگەر،

– مانا مەن تۈگەشتىم. ئەمدى بۇ شىر مېنى پارچە پارچە قىلىۋېتىدۇ. – دەپ ئويلاپتۇ.

شىر ئۇنىڭغا قاراپ تېزلىكتە مېڭىپتۇ. بىچارە ئادەم قورققىنىدىن كۆزلىرىنى يۇمۇۋاپتۇ. بېشىنى قوللىرىنىڭ ئارىسىغا ئېلىۋاپتۇ. لېكىن ھەيران قالارلىقى، شىر تۇيۇقسىز سودىگەرنىڭ قوللىرىنى يالاشقا باشلاپتۇ. سودىگەر كۆزلىرىنى ئېچىپ قارىسا، يوغان شىر بىر ئاسلانچاقتەك ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا مىننەتتارلىق بىلەن قاراۋاتقانىكەن. شۇنىڭ بىلەن سودىگەر شىرنى تونۇپتۇ. بۇ شىر، پۇتىدىن تىكەنلەرنى ئېلىۋەتكەن ھېلىقى شىر ئىكەن. ھايۋانمۇ ئۆزىگە قىلىنغان ياخشىلىقنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *