گەپ قىلىشقا بولمايدۇ (13)

گەپ قىلىشقا بولمايدۇ

ئاپتورى: ئاندرۇۋ كلېمىنتس

تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر ئۇيغۇر

13-باب: تىل تەجرىبىخانىسى

بۇرتون ئەپەندىم، ئوقۇغۇچىلار شۇ كۈننىڭ ئاخىرقى سائەتلىك دەرىسىگە كىرگەندە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى؛ ئەلۋەتتە ئوقۇغۇچىلىرىمۇ شۇنداق.

قوڭغۇراق جىرىڭلىدى ۋە ئوقۇغۇچىلار كۆزىنى ئۈزمەستىن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇۋاتقاندا بۇرتون ئەپەندىم ھەممە پارتىنىڭ يېنىغا بىر توپ قەغەز قويۇپ قويدى. كىيىن دوسكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۆۋەندىكىلەرنى يازدى.

بۈگۈن پەقەتلا خەت يازىمىز. دەرىس توشقاندا يازغان نەرسىلەرنى تاپشۇرۇپ بەرمەيسىلەر ئەمما بۇ بىر سائەتنىڭ ئىچىدە ھېچقايسىڭلار يېزىشنى توختىتىپ قويساڭلار بولمايدۇ ۋە ھەممىڭلارنىڭ ئاز دىگەندە تۆت ئادەم بىلەن يېزىشىشى كېرەك. يېزىشنى ئون بەش سىكۇنتتىن ئارتۇق توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

قەغىزىڭلارنى ئالغان ھامان باشلاڭلار.

بىر مىنۇت بولماستا پۈتۈن بالىلار بىردىن قەغەز ئېلىۋالغان،ئىككى مىنۇت بولماستا ھەممىسى يېزىشنى باشلىۋەتكەنتى.

تود كايلغا «بۇ گەپ قىلماسلىق ئىشى ماڭا يەنىلا ئەخمىقانە تۇيۇلۇۋاتىدۇ.» دەپ يازدى.

كايل خەتنى ئوقۇپ بېقىپ «مەن ياقتۇرۇپ قالغاندەك قىلىمەن. باشقىچىلا. خۇددى باشقىلارغا جەڭ ئېلان قىلغاندەك» دەپ يازدى.

بۇنىڭ بىلەن تود «جەڭ ئېلان قىلىش؟ نەدىكىنى! مۇئەللىملەر نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى ھېلىيتتىن بىلىپ بولدى. بۇرتون ئەپەندىمگە ئوخشاش. بىزنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ. گەپ قىلماسلىقىمىز ئۇنى بەك خۇشال قىلىۋەتتى. مەن گەپ قىلىشنى ياختۇرىمەن! »

كايل ئۇنىڭ خېتىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن جاۋاپ بەردى «بىچارە. ئاشۇ كوتكوت قىزلارنىڭ قانچىلىك قېينىلىۋاتقانلىقىنى بىر ئويلاپ باقە – مۇسابىقىدە بىز يېڭىپ چىقىمىز! قىزلارنى يېڭىمىز! قىزلارنى يېڭىمىز! قىزلارنى يېڭىمىز! چۈشەنگەنسەن؟ بۇ ئۈنسىز بىر تەنتەنە، ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدىكىدەك. قالتىس شۇنداقمۇ؟»

تودد، «قالتىس؟ بولدى قىلە، مېنىڭچە يېتەرسىز. مېنىڭ ئۈنسىز تەشۋىقاتىم مۇنداق: كايل بىر دۆت! كايل بىر دۆت! كايل بىر دۆت!» دەپ جاۋاپ بەردى.

كايل خەتنى ئوقۇپ باققاندىن كىيىن تودقا قاراپ چىرايىنى پۈرۈشتۈردى ۋە كەينىگە بۇرۇلۇپ ئېرىك بىلەن يېزىشىشنى باشلىۋەتتى. گەپ قىلمىغاندا كۆڭۈلسىز پاراڭنى ئۈزۈپ تاشلاش خېلىلا ئاسانغا توختايتتى.

باشقا بىر پارتىدا بولسا ئەمىلىي تارون بىلەن تازا قاتتىق مۇنازىرىلىشىۋاتقان ئىدى. «مەكتەپتىن قايتقاندا بىزنىڭ ئۆيگە كەلمە دىمىدىم. پەقەتلا نېمە مەنىسى بار دىدىم. گەپ قىلالمايدىغان تۇرساق. مۇشۇنچىلىكلا گەپقۇ»

تارون خەتنى ئوقۇپ باقتى، بېشىنى چايقاپ يېزىشنى باشلىدى: «مېنى كېللىينى ياختۇرغاندەك ياختۇرمايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇڭا يالغاندىن شۇنداق قىياپەتكە كىرىۋېلىۋەرمە.»

ئەمىلىي ئالىيىپ قويۇپ «بولدى قىلساڭچۇ» دەپ يازدى.

تارون مۆرىسىنى سىلكىپ قويۇپ «نېمىنى بولدى قىلاي؟» دەپ يازدى.

ئەمىلىي ئاچچىقىدىن سۆزلىرىنى چوڭ چوڭ قىلىپ مۇنۇلارنى يازدى؟ «ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇش، كۆرەڭلەش ۋە جىدەل قىلىشنى. بۇلارغا مەن ناھايىتى ئۆچ!»

«مانا قارا» دەپ يازدى تارون. «ئۆچ. دىمەكچى بولغىنىڭ مۇشۇغۇ. سەن ماڭا شۇنداق ئۆچ.»

ئەمىلىي «ساراڭدەكلا گەپ قىلىدىكەنسەن! مەن ساڭا ئۆچ ئەمەس. مەكتەپتىن قايتىدىغاندا بىزنىڭ ئۆيگە كەل. راست دەيمەن. قىلغۇدەك بىرەر ئىش چىقىپ قالىدۇ. ئەمما گەپ قىلغۇمىز كېلىدۇ. چوقۇم شۇنداق بولىدۇ. ئەمما گەپ قىلالمايمىز.» دەپ يازدى.

بۇنىڭ بىلەن تارون «كەلمەيمەن! سەن مېنى ساراڭ دەپ قارايدىكەنسەن» دەپ يازدى.

ئەمىلىي خەتنى ئوقۇپ باقتى ۋە ئارقىدىنلا قەغەزنى يىرتىپ پارچە پارچە قىلىۋەتتى. كىيىن قولىنى سوزۇپ، تاروننىڭ قولىنى تارتىپ ۋە يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ باشقا بىر قەغەزگە، «مەكتەپتىن چىقىپ، مېنىڭ ئۆيۈمگە؟ بولامدۇ؟» دەپ يازدى.

تارونمۇ كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭشىتتى.

سىنىپتىكى پۈتۈن بالىلار ئالاقىلىشىشنىڭ يېڭىچە بىر ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلىۋاتاتتى. كۆپىنچىسىگە يېزىش، گەپ قىلىشتىن قېيىنراق بىلىنىۋاتاتتى. يېزىشىش ئاستىراق ئىدى، خۇددى ئېلخەت ئەۋەتىشكەندەك -ئەمما ئۇنىڭچىلىكمۇ تېز ئەمەس ۋە ساقلىغاچ ھەپىلىشىدىغان كومپىيۇتىر بولمىغاچقا قىلچىمۇ كۆڭۈللۈك ئەمەس. پاراڭلىشىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئاز ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغىلى بولاتتى. تىنچلانمايدىغانلار بۇنىڭغا كۆنۈك ئەمەس ئىدى. ئەسلا كۆنۈك ئەمەس ئىدى.

دەيۋ بىلل بىلەن نېرۋىنى چارچىتىدىغان ئۇچۇرلىشىشنى يېڭىلا توختاتقانىدى.

بىلل پۇتبول مۇسابىقىسىدە قانداق قىلغاندا دائىرىدىن چىقىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى قەتئىي چۈشەنمەيۋاتاتتى. دەيۋ بۇنى ئۈچ خىل ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلدا چۈشەندۈرگەن، جەدۋەل، خەرىتە قاتارلىقلارنى سىزىپ كۆرىتىپ باققان بولسىمۇ بىلل تېخىچىلا چۈشەنمىگەنىدى.

بۇنىڭ بىلەن دەيۋ كەنتتىكى ياشلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ تالانتلىق تەنھەركەتچىلىرىدىن بىرى بولغان ئەدگە خەت يازدى. «بىل ئوفسايد قائىدىسىنى چۈشەنمەيۋاتىدۇ. قۇتقۇزۇڭلار!»

خەتنى ئوقۇپ باققان ئەد بېشىنى لىڭشىتىپ، قەغەزنىڭ ئۈستىگە ئېگىلىپ بىرنېمىلەرنىدۇر يېزىشقا كىرىشىپ كەتتى.

دەيۋ سۆزلىشىدىغان باشقا بىر دوست ئىزدەپ ئەتراپىغا كۆز يۈگۈرتۈۋاتقاندا لىينسېينىڭ ھېلېنا بىلەن يېزىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. پات پات باش لىڭشىتىپ كۈلۈشۈۋاتقانلىقىغا قارىغاندا پاراڭلىرى خېلى كۆڭۈللۈك بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. «چوقۇم غەيۋەت قىلىشىۋاتىدۇ» دەپ ئويلىدى دەيۋ. «تازا ئەخمىقانە بىر تېما ھەققىدە»

دەيۋ يېڭى بىر قەغەز ئەلدى ۋە لىينسېيگە ئاتاپ بىر پارچە خەت يازغىلى تۇردى: «سەن بىلەن مىكروپ تارقاتقۇچى بىر ئەخلەت چىلىكىنىڭ نېمە پەرقى بار؟» ئەمما كىيىن بۇ سېلىشتۇرمىنىڭ ئارتۇقچە قوپال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدى. ھەتتا لىينسېي ئۈچۈنمۇ. ھەتتا توغرا بولسىمۇ.

قەغەزنى پۈرۈشتۈرۈپ تاشلىۋېتىپ يېڭىسىنى ئالدى.

ئەمما يېزىشنى باشلاشتىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇردى، كىتاپ ئىشكابىنىڭ ئالدىغا بېرىپ بىر لۇغەت ئالدى.

بەتلەرنى تېز تېز ئۆتكۈزۈپ، بارمىقى بىلەن ئىشارەتلەپ بىر قۇر سۆزنى كۆرۈپ چىقتى. ۋە مانا شۇ يەردە تۇراتتىغۇ!

ھە: 1- بەزى ھېسسىياتلارنى كۈچەيتىش، ئىپادىلەش ئۈچۈن جۈملىنىڭ بېشىدا ياكى ئاخىرىدا كېلىدۇ. 2- بىر نەرسىنى تەستىقلاش ئۈچۈن «شۇنداق» دىگەن مەنىدىمۇ قوللانغىلى بولىدۇ.

قارىغاندا لىينسېي بىر قېتىم بولسىمۇ توغرا گەپ قىلىپتىكەن. ئەمما پەقەتلا بىر قېتىم.

دەيۋ ئورنىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ، مۇنداق يازدى «ھوي، يۈزبېشى بۇرگېس، ئەھۋالىڭلار قانداقراق؟ بولدى قىلامسىلەر يا؟»

دەيۋ جەيسوننى تۈرتۈپ خەتنى ئۇنىڭا تۇتقۇزۇپ لىينسېينى كۆرسەتتى.

جەيسون بولسا لىينسېينى تۈرتۈپ خەتنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى. لىينسېي ھاڭۋېقىپ قاراپ قېلىۋېدى بېشىنى لىڭشىتىپ ئارقىسىدىكى دەيۋنى كۆرسەتتى.

لىينسېي يۈزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، خۇددى ئېزىلىپ كەتكەن بىر پاقىنى تۇتقاندەك ئىككى بارمىقىنىڭ ئۇچىدا تۇتۇپ قەغەزنى ئالدى.

خەتنى ئوقۇدى، قىسقا بىر جاۋاپ يازدى ۋە جەيسوننى تۈرتۈپ قەغەزنى دەيۋگە قايتۇردى.

جاۋابى مۇنداق ئىدى: «گېنىرال بۇرگېس بولۇشى كېرەك. نومۇرغا قاراپ باقتىڭمۇ يوق؟ ھاماقەت! قىزلار يېڭىۋاتىدۇ، ئوغۇللار مەغلۇپ بولۇۋاتىدۇ. تازا ئوسال بولىدىغان بولدۇڭلاردە!»

جەيسون قەغەزنى دەيۋگە ئۇزاتتى. دەيۋ خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن قىزغا تازا بىر ئالىيىپ قويۇپ «ئۆزۈڭگە ئۇنچە ئىشىنىپ كەتمە. زادى داۋاملىق پو ئېتىشتىن باشقا ئىشىڭ يوق» دەپ يازدى.

ئورنىدا ئولتۇرۇپ، قاپىقىنى تۈرۈپ قەغەزگە تىكىلىپ تۇرغان دەيۋ يەنە بىر قېتىم لىينسېيگە كىمنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىر كۆرسىتىپ قويماقچى بولدى، تۇيۇقسىزلا ئىچىدە بۇ مەسىلىنى بىر قېتىمدىلا ھەل قېلىش ۋە ئۇنىڭغا ھەددىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئارزۇسى پەيدا بولدى. ۋە تۇيۇقسىزلا بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر ئامال تاپتى -ئەمىلىيەتتە بۇنۇ ئۇنتۇپ كەتسە تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتىدە…

ئەمما ئۇنداق قىلمىدى.

دەيۋ قەغەزگە قەلەمنى تېشىۋەتكۈدەك بېسىپ «ئىككىمىز، ئۆز ئارا، بىر گەپ-قىلىشقا-بولمايدۇ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزسەك قانداق؟» دەپ يازدى. «ھازىرلا باشلايمىز. سەن ۋە مەن. جاسارىتىڭ بولسا ئەلۋەتتە. يەڭگەن ئادەم مەغلۇپ بولغاننىڭ يۈزىگە چوڭ بىر ي يېزىپ قويىدۇ. ئۆچمەيدىغان قەلەم بىلەن. پەيشەمبە كۈنى چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن مەكتەپ باغچىسىدا. بۇنىڭغا قانداق دەيسەن؟» ۋە قەغەزنى جەيسونغا بەردى.

لىينسېي قەغەزنى جەيسوننىڭ قولىدىن يۇلۇپ ئېلىپ ئوقۇدى ۋە ئازراقمۇ ئىككىلىنىپ قويمىدى. دەيۋگە قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى ۋە بارمىقى بىلەن ھاۋاغا ي يازغاندەك قىلىپ دەيۋنى كۆرسەتتى. كىيىن بىر نېمىلەرنى يېزىپ قەغەزنى ھېلېناغا بەردى. ئۇمۇ ھەممىنى ئوقۇپ بىر نەرسىلەرنى يازدى ۋە قەغەزنى لىينسېيگە قايتۇردى. لىينسېي قايتىدىن بىر نېمىلەرنى يازغاندىن كىيىن قەغەزنى جەيسون ئارقىلىق قايتا دەيۋگە يوللىدى.

لىينسېي «ھېلېنا سەن گۇۋاھ، بۇ يەرگە قول قويۇپ بەر» دەپ يازغانتى. ھېلېنا ئىسمىنى يېزىپ ئاستىغا قول قويغان ئىدى. لىينسېي بولسا، ئۇنىڭ ئاستىغا مۇنداق قىلىپ قوشۇپ قويغان ئىدى: «ئەمدى گېپىڭدىن يېنىۋالالمايسان كوتكوت. سەن قايسى رەڭنى ئەڭ ياختۇرىسەن -قىزىل قەلەم ئىشلىتەيمۇ قارا قەلەممۇ؟»

دەيۋ ئۇنى كۆرسىتىپ كۈلۈپ تېلىقىپ قالغاندەك قىلسى. لىينسېي ئۇنىڭغا قاراپ تىلىنى چىقىرىپ قويدى ۋە كەينىگە بۇرۇلۇپ ھېلېنا بىلەن پاراڭلىشىشنى داۋاملاشتۇردى.

دەيۋ بۇ تارتىشىشتا ئۆزىنى مەغلۇپ بولغاندەك ھېس قىلدى. لىينسېي ھەر ۋاقىتتا گەپنى دەل جايىغا تەگكۈزۈشنى ئوبدان بىلەتتى.

ئەمما دەيۋ ئۇنىڭ پېشانىسىگە يوغان قىلىپ بىر ي ھەرىپى يېزىپ قويۇشنىڭ قانچىلىك قىززىقارلىق بولىدىغانلىقىنى خىيال قىلغانتى، كۈلكىسىنى ئاران بېسىۋالدى. ئەلۋەتتە، ئەگەر يېڭىۋالسا شۇنداق بولىدۇدە. بولمىسا…

دەيۋ ھېسسىياتىنى بۇ سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىسە قانچىلىك توغرا بولار بىلەلمەي قالدى، ئەمما تىمتاس سىنىپتا ئولتۇرۇۋاتقاندا كاشكى بۇ ئىشنى بىر جەڭگە ئايلاندۇرۇۋەتمىسەك بولۇپتىكەن دەپ ئويلاۋاتاتتى. چۈنكى… شۇ، بۇ ئىش زادى شۇنداق قىززىقارلىق بىر ئىش ئىدى. مۇسابىقىنىڭ قىززىقچىلىقى بولمىغان تەقدىردىمۇ، ھېچ گەپ قىلماسلىق زادى يېڭىلىق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمدى،بۇ ئىشقا، لىينسېي بىلەن باشلاتقان شەخسىي مۇسابىقىنىڭ خەتىرىمۇ قوشۇلغانتى.

تۇيۇقسىز لىينسېينىڭ بۇ ئىشقا بولغان كۆز قارىشىنى بىلگۈسى كېلىپ قالدى، پۈتۈن بولۇۋاتقان ئىشلار ھەققىدە. ئوي پىكىرلىرىنى ئۇنىڭغا سەمىمىيلىك بىلەن دەپ بېرەرمۇ؟

بۇنىڭ بىلەن دەيۋ باشقا بىر قەغەزگە «مېنىڭچە، ھەممىمىز بىللە بۇ ئىشقا -گەپ قىلىشقا بولمايدۇ دىگەن مۇسابىقىگە باشلاپ بەك ياخشى بولدى. مەسىلەن مەن <ھە> نىڭ بىر سۆز ئىكەنلىكىنى راستتىنلا بىلمەيتتىم. يا بولمىسا، ماڭا شۇنداقتەك بىلىنىۋاتىدۇ» كىيىن قەغەزنى جەيسونغا بەردى.

جەيسون لىينسېينىڭ قولىنى تۈرتۈپ يېڭى قەغەزنى ئۇنىڭغا بەردى. لىينسېي خەتنى ئوقۇپ بېقىپ دەيۋگە گۇمان بىلەن قاراپ قويدى. كىيىن ئېگىلىپ قەغەزگە بىر نېمىلەرنىدۇر يازدى.

جەيسون قەغەزنى ئۇنىڭغا بەرگەندىن كىيىن دەيۋ ئۇنىڭ مۇنداق يازغانلىقىنى كۆردى: «مېنىڭچىمۇ شۇنداق. كاللامدىن قەتئىي چىقمايدۇ. ئادەمنى شۇنداق ھاياجانغا سالىدۇ دېسە!»

دەيۋ كەينىگە بۇرۇلۇپ لىينسېيغا قارىدى، ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قېلىۋېدى بىربىرسىگە باش لىڭشىتىپ بىربىرىنى تەستىقلىشىپ قويۇشتى. بىر سىكۇنتىڭ ئوندا بىرىدەك قىسقىغىنە بىر ۋاقىت ئۈچۈن بولسىمۇ قىزلار ۋە ئوغۇللارنىڭ ئارىسىدىكى بۇ جەڭ توختىغاندەك قىلغان ئىدى. شۇ تاپتا ھەممىسى كۆڭۈللۈك بىر ئويۇننىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقان ئىككى ئەقىللىق بالىدىن ئىبارەت ئىدى.

جەيسون دەيۋگە يەنە بىر خەت بەردى -بۇ قېتىمقىنى ئۆزى يازغانتى. «مەن سىلەر ياللىۋالغان شەخسىي پوچتىكەش ئەمەس. بەلكىم لىينسېي ئىككىڭلار بىللە ئولتۇرساڭلار ياخشىراق بولارمىكىن – ھى ھى ھى!»

دەيۋنىڭ ئاچچىقىدىن يۈزى قىزىرىپ كەتتى. جەيسوننىڭ خېتىنىڭ ئاستىغا «ساراڭ!» دەپ يېزىپ ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ ئاتتى.

ئارقىدىنلا لىينسېي بىلەن يېزىشقان قەغەزگە «شۇنداق،ئەمما ياخشىسى بۇ مۇسابىقىنى ئۇتۇپ چىقىشتەك خام خىياللارنى قىلماڭلار. چۈنكى سەن ۋە ھاماقەت دوستلىرىڭ چوقۇم مەغلۇپ بولىسىلەر، نېمە دىگەن ياخشى!» دەپ يازدى.

كىيىن خەتنى جەيسوننىڭ بېشىنىىڭ ئۈستىدىن لىينسېينىڭ ئۈستىلىگە ئېتىۋېتىپ ئۇنىڭغا چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويۇپ، مەينەت بىر نەرسىنى قولىدىن قېقىپ چىقىرىۋاتقاندەك قىلىپ قويدى.

لىينسېينىڭ ئىنكاسىنى كۈتمەستىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ باشقا بىر خەت يېزىشنى باشلىۋەتتى. سكوتقا.

يەتتىنجى سائەتلىك دەرىس ئاخىرلاشقىچە بۇرتون ئەپەندىم ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ سىنىپتىكىلەرنى كۈزەتتى. ئۆزى پايدىلىنىش ئۈچۈن بەزى نەرسىلەرنى خاتىرىلىۋالدى.

ھەممىسى قىلچىمۇ ئىكىلەنمەستىن ئىشقا كىرىشىپ كەتتى.

يېزىشىش بىرئاز قېيىن بىلىندى -ئاستا داۋاملىشىۋاتىدۇ.

ئاندا ساندا ئاچچىقلىشىپ قېلىۋاتىدۇ.

كۆپ مىقتاردا تەستىقلاش، چىراي ئىپادىسى، ئانچە مۇنچە قول بىلەن ئىشارەتلىشىش.

دىققەت تارتىش ئۈچۈن ئۈستەلگە، قولىغا ۋە مۆرىسىگە نوقۇش، بەزىدە تۈرتۈش.

ئېغىزدىن غەلىتە ئاۋاز چىقىرىش -تىلنى چاكىلدىتىش، پۈۋلەش.

بەزى ھايۋان ئاۋازلىرى – غاقىلداش، ئىسقىرتىش، ھاۋشىش؛ بەزىدە دىققەت تارتىش، بەزىدە بىئارام قىلىش ئۈچۈن.

قىز-ئوغۇل، ئوغۇل-قىز سۆزلىشىش ئانچە كۆپ ئەمەس – ئەمما يەنىلا مەن بۇ گرۇپپىدىن كۈتكەندىن كۆپراق.

پات پات كۈلۈمسىرەش، قاپاق تۈرۈش ۋە باشقا خىلمۇ خىل ئىشارەتلەر.

ھېچكىم بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.

بۇرتون ئەپەندى ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئۆلكە ئۇنۋېرستىتىدا دەرىسكە قاتنىشاتتى. دەرىسنىڭ ئىسمى ئىنسان تەرەققىياتى ئىدى ۋە ئۇلار تەتقىق قىلىدىغان تېمىلاردىن بىرى بولسا بالىلارنىڭ تىلنى قوللىنىشنى قانداق ئۆگىنىدىغانلىقى ئىدى.

ئەلۋەتتە بۇ يەردە، بالىلارنىڭ تىلنى قوللىنىشنى قانداق ئۆگىنىدىغانلىقىنى كۈزەتمەيتتى. بۇ بالىلار تىلدىن قانداق پايدىلىنىشنى ئوبدان بىلەتتى. ھەتتا كۆپىنچە ۋاقىتتا ئارتۇق كېتەتتى.

ياق، بۇ، تىلنى يېڭىچە بىر ئۇسۇلدا قوللىنىشقا تىرىشىۋاتقاندا، بالىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنى قانداق ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۈزىتىش ئىدى.

بۇرتون ئەپەندىم ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتكەنتى. ئۆزىگە خاس بىر تىل تەجرىبىخانىسىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى. «تەپسىلى خاتىرە تۇتۇۋالسام ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنى بۇ ھەقتە يازسام بولىدۇ! قايتا گەپ قىلىشنى باشلىغان ۋاقتىدا بالىلار بىلەن سۆزلىشىپ باقارمەن. باشقا مۇئەللىملەردىن ئۇچۇر توپلىساممۇ بولىدۇ. پايدىلانسام بولىدىغان ناھايىتى سۈپەتلىك ماتىرياللارغا ئېرىشىدىغان بولدۇمدە! ئەجەپ ياخشى بولدى!» دەپ ئويلىدى.

قوڭغۇراق ئاۋازى ئاڭلانغاندا بۇرتون ئەپەندىم دەرىسنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا مەيۈسلەندى. چارشەنبە كۈنكى تۇنجى دەرىسنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتاتتى.

بەشىنچى سىنىپلار ئۈچۈن بولسا ئاخىرقى قوڭغۇراقنىڭ باشقا بىر مەنىسى بار ئىدى. دەرىسلەر ئاخىرلاشتى دىگەن گەپ ئەمىلىيەتتە…

ئۇلار ئاپتوبۇسقا چىقىشى كېرەك دىگەن گەپ. ئەمما گەپ قىلىشقا بولمايدۇ.

تەنەركەت مەشىقىگە، ئۇسۇل ياكى مۇزىكا دەرىسىگە بارىدۇ دىگەن گەپ. ئەمما گەپ قىلىشقا بولمايدۇ.

ئۆيگە قايتىپ، ئاپا، دادا، ئاچا، ئاكا، قېرىنداش، قوشنا ۋە باشقا ھەممە ئادەم بىلەن ئۇچرىشىدۇ دىگەن گەپ. ئەمما گەپ قىلىشقا بولمايدۇ.

ھېچقايسىسى بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنى تېخى بىلمەيدۇ – ھەم دەيۋمۇ شۇنداق.

ئەمما دەيۋ بىلىدىغان بىر ئىش بار: ئۇ ھەممە قېيىن ۋەزىپىنى توپتولۇق ئورۇندايدۇ. چۈنكى ئەگەر بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپلا قالدى دىگەن گەپ، پەيشەنبە كۈنى چۈشىن كىيىن پېشانىسىدە يوغان بىر ي ھەرىپى بىلەن سازايى بولىدۇ دىگەن گەپ.

مانا بۇ بولسا، قەتئىي بولمايدىغان ئىش.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *