تۆمۈر چەينەك

تۆمۈر چەينەك

تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر

بىر ئادەم پولاتتىن چەينەك ياسىماقچى بوپتۇ. ئەمما پولات بەكلا قاتتىق ئىكەن. پولاتقا قانداق شەكىل بېرىشنى ئويلىنىشقا باشلاپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ھەرە:

– مەن بۇ ئىشنى قىلالايمەن. – دەپتۇ.

ئۇنىڭ ئىتتىك چىشلىرى پولاتنىڭ ئۈستىدە ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپتۇ. ئەمما قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ چىشلىرى سۇنۇپ كېتىپتۇ.

بۇنى كۆرگەن بولقا:
– ئۇ ئىشنى ماڭا قويۇپ بەر، – دەپتۇ.

پولاتنى قاتتىق ئۇرۇشقا باشلاپتۇ. تېخى ئىككىنى ئۇرمايلا، بولقىنىڭ بېشى ئورنىدىن چىقىپ كېتىپتۇ.

ئۇنىڭدىن پالتا:

– سىلەرنىڭ بىر ئىشقا يارىمايدىغانلىقىڭلارنى بىلەتتىم. قاراڭلار مەن سىلەرگە كۆرسىتىپ قوياي، – دەپتۇ دە پۈتۈن كۈچى بىلەن پولاتنى سوقۇشقا باشلاپتۇ. ئەمما ھەر ئۇرۇلغىنىدا بىر پارچىسى سۇنۇپ قاپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا پالتىنىڭ ئۇرغۇچىلىك ھالى قالماپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پولاتتا ھېچبىر ئۆزگىرىش بولماپتۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا ئوت:
– مەنمۇ بىر سىناپ باقايمۇ،- دەپتۇ.

ئوت كۈچلۈك ۋە قاتتىق پولاتنى قۇچاقلاپتۇ. ئۇنى ئىللىق قوللىرىدا ئىسسىتىپتۇ، ئىسسىتىپتۇ، ئىسسىتىپتۇ…

پولات ئىسسىققا چىدىماي ئاخىرى ئاستا ئاستا ئېرىپتۇ. ئادەم ئېرىگەن پولاتنى ناھايىتى ئاسانلا شەكىلگە كىرگۈزۈپتۇ ۋە ناھايىتى چىرايلىق بىر چەينەك ياساپتۇ.