تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر
بىر ۋاقىتلاردا ناھايىتى ئەقىللىق بىر ئالىم ياشايدىكەن. بۇ ئالىم ھەم ناھايىتى بىلىملىك، ھەمدە ناھايىتى ئاق كۆڭۈل ئىكەن. ئوقۇغۇچىلىرى بىر كۈنى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋاپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن سوراپتۇ،
– ئۆزىمىزگە كىمنى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك؟ بىلىملىكلەرنىمۇ، بايلارنىمۇ، باشقۇرغۇچىلارنىمۇ؟
– ھېچقايسىسىنى. – دەپتۇ ئالىم.
ئوقۇغۇچىلاردىن بىرسى،
– ماقۇل، – دەپتۇ. – ئۇنداقتا كىمنى ئۈلگە ئالىمىز؟
ئالىم،
– بالىلارنى. – دەۋىتىپتۇ.
ئالىمنىڭ ئەتراپىنى قورشىۋالغانلار، تېخىمۇ بەك ھەيران بولۇپتۇ.
– نىمە؟ بالىلارنى؟ – دىيىشىپتۇ.
– شۇنداق، بالىلارنى. – دەپتۇ ئالىم.
ئوقۇغۇچىلار قارشىلىق بىلدۈرۈپتۇ،
– ئەمما ئۇلار ھىچنەرسە بىلمەيدۇ، ھەمدە توختىماي كەپسىزلىك قىلىدۇ. – دىيىشىپتۇ.
ئالىم،
– ياق، خاتالاشتىڭلار،- دەپتۇ. – ئەسلىدە بالىلار ھەر ۋاقىت ئىشلەيدۇ. ھەرگىز بىكار تۇرمايدۇ. ھەر ۋاقىت ياخشى نىيەتلىك، ئەسلا ئەسكىلىك ئويلىمايدۇ. ھەمدە ئۇلار ھىچ نەرسە ئىستىمەستىن، ھەر ۋاقىت خۇشال تۇرالايدۇ.