غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

1971- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1988- يىلى قوشتاغ يېزىسىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1990- يىلىدىن 2002- يىلغىچە خوتەن پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2004- يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك يولۇچىلار توشۇش باش بېكىتىدە ئىشلەپ كەلمەكتە. ئەدەبىي ئىجادىيىتى «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 1990- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان «مېنىڭ جەننىتىم» ناملىق شېئىر بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرچە يېزىقتا چىقىۋاتقان ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 2000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە نەسىرلىرى ئېلان قىلىندى. 30 پارچىگە يىقىن شېئىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىندى. «مەشرەپ چۆلى»، «ئەرنىڭ ئېپپىتى»، «رەزىل ئاپتاپ»، «دۇتارچى ئايال» ناملىق 50 پارچىگە يىقىن شېئىرلىرى ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «كۆكنۇر شېئىرىيەت مۇكاپاتى»، «يالقۇنتاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ۋە «ئاقيول شېئىرىيەت مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئىرىشتى. 2012- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «مۇقام خۇمارى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىندى. 2014- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ئۇنىڭغا «21- ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى تۆھپىكار شائىر» دەپ نام بەردى. ئۇ يىقىندا 10 پارچە يۈرۈشلۈك توپلىمىنى نەشىرىياتقا تاپشۇرغان بولۇپ، توپلاملىرى نەشىردىن چىىقش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۈرەك قان تۇمۇر يېرىلىش سەۋەبى بىلەن بۈگۈن (7-ئاينىڭ 12-كۈنى) ئەتتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 1:40 ئۆتكەندە خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە 47 يېشىدا ۋاپات بولدى.

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد بىلەن چاغداش ياش شائىرلارنىڭ سۆھبىتى

سۆھبەتكە ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئابدۇراخمان مۇھەممەت تۈركىي

تەھرىر ئىلاۋىسى:

«بىر دەۋردە شېئىر ئوقۇيدىغانلار ئازلاپ كەتسە ياكى يوقالسا، ماددىيەتكە بولغان چوقۇنۇش باش كۆتۈرىدۇ. ئىنساننىڭ تەبىئىتى بۇزۇلىدۇ ياكى ئەسلىدىن يىراقلىشىدۇ» (قاھار نىياز) بىز ژورنىلىمىزنىڭ 2010-يىللىق 3-سانىغا بېرىلگەن قاھار نىيازنىڭ «مېنىڭ نەزىرىمدىكى شېئىر» دېگەن ماقالىسى بىلەن ئابلىكىم تۇرسۇننىڭ «4-يول شېئىرغا ئىزاھ» دېگەن ماقالىسىغا كەلگەن ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ناھايتى ياخشى ئىنكاسلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھەقىقىي شېئىرلارنى چۈشىنىدىغان ۋە ئوقۇيدىغانلارنىڭ يەنىلا كۆپلىكىنى ھېس قىلدۇق. شۇ سەۋەپتىن تىرەن پىكىرلىرى، ئۆزگىچە شېئىرىي تۇيغۇلىرى بىلەن ئەلنىڭ قەلبىگە سىڭىپ بېرىۋاتقان غوجىمۇھەممەت مۇھەممەتنىڭ ئابدۇراخمان مۇھەممەت تۈركىينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر قىسىم ياش شائىرلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەدىئىي زوقىغا سۇندۇق.

ئابدۇراخمان مۇھەممەت تۈركىي: ئاۋۋال ئۆزىڭىز ھەققىدە ئازراق توختىلىپ باقامسىز؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: چوغلان مۇنبىرىدە تەرجىمىھالىم تونۇشتۇرۇلدى، سۈرىتىممۇ چاپلاندى. سىلەر ئاشۇ ئورۇق ۋە ئىگىز، چىرايىدىن غەم-قايغۇ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان كىشىنىڭ غوجىمۇھەممەد ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولدۇڭلار. مەتبۇئاتلاردا، تور مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرىدىن ئۇنىڭ شېئىرىي تالانتىنىڭ ۋاي دەپ كەتكۈدەك ئەمەسلىكىنىمۇ ھېس قىلىپ يەتتىڭلار. بىراق، ئۇنىڭ يازغان شېئىرلىرى يۇلتۇزلاردەك كۆپ بولسىمۇ، قۇياش بولۇشتىن خېلىلا يىراق. ئاسماندىكى ھەممە يۇلتۇزلار بىرلىشىپمۇ قۇياشقا تەڭ بولالمايدىغانلىقى ئۇنىڭغا ئايان. ئۇ شېئىرىيەت سورۇنلىرىدا، مەتبۇئاتلاردا، مۇنبەرلەردە يەتكۈدەك ماختاپ ئۇچۇرۇلدى. ھەر قېتىم ماختالغاندا ئۇ تارتىنىپ، قىزىرىپ تۇرۇپ ئىچىدە يوشۇرۇن تەنتەنە قىلدى. گاھىدا ئۇ ئۆزىنى ھەقىقەتەن كاتتا شائىرمەن دەپ ئويلاپ ئۆز-ئۆزىدىن مەست بولۇپمۇ يۈردى… لېكىن ئۇنىڭ يالغۇز قالغاندا ئۆزىنى ۋىجدان تارازىسىدا جىڭلاپ كۆرۈپ، ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ ھەتتا ئۆزى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمىغان بىر لەۋزە سۆزىچىلىكمۇ ۋەزنى يوقلىقىنى بىلىپ قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى، نالە قىلغانلىقىنى سىلەر بىلمەيسىلەر… ئۇ بۇ مەخپىيىتىنى ھېچكىمگە دېمىگەن ئىدى. ئەيتاۋۇر، بۇ راست! ئۇ 39 يىللىق ئۆمرىنى بىر تىنىق-بىر تىنىقتىن ياشاپ توشقۇزدى. 20 يىلدىن بېرى بىر ھەرپ-بىر ھەرپتىن يېزىپ 2000 پارچىغا يېقىن شېئىرلارنى روياپقا چىقاردى. بۇلارنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ئۇ مۇشۇنداق ياشىسا ھېچكىمگە زىيان تەگمەيدۇ. ناۋادا بىركىم ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق پايدا تاپماقچى بولسا، ئېنىقكى، بۇ ئىككىلا تەرەپ ئۈچۈن بىھۇدە ئىش. ئۇ ئەڭ زور، جاھىلانە تىرىشچانلىقى بىلەن داۋاملىق شېئىر يازماقچى.

ئابدۇراخمان مۇھەممەت تۈركىي: شېئىرنى بەزىلەر مەنا سەپىرى دەپ ئاتىسا، يەنە بەزىلەر تۇيغۇ سەنئىتى، يەنە بەزىلەر قوراشتۇرما سەنئەت دەپ قارايدىكەن، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: شېئىر ھەققىدە تالاي شائىرلار نۇرغۇن تەبىرلەرنى بەرگەن. بۇ تەبىرلەر بىر-بىرىدىن پاساھەتلىك ۋە سەمىمى. مەن يەنە شېئىر توغرىلىق ھېچنىمە دېمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن. ئۇنى «كەتمەيدىغان، كەلمەيدىغان قىز» دېسەم ئاراڭلاردىن باش لىڭشىتىدىغانلار چىقماي قالمايدۇ. ئۇ ئۆزىنى تىرىك دەپ ھېسابلىسا ئەتراپىدا ھاياتلىق بولىدۇ. شېئىر نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنىڭ تۈگىمەيدىغان ئازاب ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. شېئىر بىزگە تۈگىمەيدىغان ئازابنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن خۇشالمىز. ئازابقا ئېرىشكىنىمىزدىن خۇشال بولالمىساق شېئىرغا يۈز كېلەلمەيمىز. شېئىرنىڭ ئازابى خۇددى تەڭرىگە ئاشىق بەندىنىڭ تۈگىمەس ئۆلۈملىرى… كىمنىڭمۇ ئۆزىنى ياراتقان مۇبارەك زاتنى كۆرۈپ باققۇسى كەلمىسۇن؟ بىراق بۇ ئۆلمەي تۇرۇپ ئەمەلگە ئاشمىغاچقا شېئىر ئارقىلىق ئۆلۈمنى باشتىن كەچۇرۈۋاتقاندەك قىلىمىز. شېئىر سىياسى ئەمەس، شۇڭا ئۇ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ. شېئىر ۋەتەنپەرۋەر ئەمەس، شۇڭا ئۇ ئۇرۇش قوزغىمايدۇ،

ساجىدە سۇلايمان (نازى): سىزنى شېئىرىيەت مەنزىلىگە باشلاپ كىرگەن قايسى ئىلھام ۋە قانداق كۈچتۇ؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن شەرەپ بىلەن مېنى شېئىرىيەت مەنزىلىگە باشلاپ كىرگەن كۈچ ۋە ئىلھام ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان 32 ھەرپ دەيمەن. بۇ گەپ ماڭا خېلى قويۇق مىللەتپەرۋەرلىك تۈسىنى بېرىپ قويسىمۇ، ماڭا تىكىلىپ تۇرغان سانسىز كۆزلەرنىڭ ئالدىدا يالغان ئېيتالمايمەن. پۈتكۈل ھاياتىمدا ئىچىمدىكىنى ۋە تېشىمدىكىنى مۇشۇ تىل ۋە يېزىق بىلەن ئىزھار قىلغىنىمغا ئوخشاش، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ قىلمىش-ئەتمىشلىرىمنى مۇشۇ تىل ئارقىلىق بايان قىلىدىغىنىم ماڭا ئايان. سىز مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا ھېچقانداق تىلنى بىلمەيدىغانلىقىمنى تېخى بىلمەيسىز.

ساجىدە سۇلايمان (نازى): سىز ئادەتتە قانداق ۋاقىتلاردا ئىجادىيەت قىلىسىز؟ شېئىر يېزىش، كىشىگە لەززەت ئاتا قىلغۇدەك مىسرالارنى پۈتۈش ئۈچۈن قايسى ۋاقىتتا ئىجادىيەت قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايسىز؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىجاد قىلىمەن. مەن ھېچقاچان ئىلھامنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ باققان ئەمەس. بىراق ئاخشىمى شېئىر يازسام تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىيالمايدىغانلىقىم ئۈچۈن ئەتىسى مۇھىم ئىشىم بار كەچلەردە قولۇمغا قەلەم ئالمايمەن. ماڭا بېرىلگەن ۋاقىت ئاساسەن ئىجاد قىلىش ۋاقتىدۇر، ئىجاد قىلمىسام ۋاقىتنىڭ ئىگىسىگە يۈز كېلەلمەيمەن… كىشىگە لەززەت ئاتا قىلالىغۇدەك شېئىرلارنى پۈتۈش ئۈچۈن ھەسرەت چېكىڭ، چۈنكى قايغۇ-ھەسرەت سىزنىڭ باشقىلارغا قىلىدىغان ئەڭ شىرىن سوۋغىتىڭىز. ئادەملەر تورغاينى يىغلىتىش ئۈچۈن قەپەزگە سولاپ قويىدۇ ۋە ئۇنىڭ پايانسىز ساينى، كەڭرى ئاسماننى سېغىنىپ چەككەن نالە-پىغانلىرىدىن لەززەت ئالىدۇ

ساجىدە سۇلايمان (نازى): سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئاجايىپ ھاياجان بىلەن سۆيۈپ ئوقۇغاندىن سىرت، «ئەرنىڭ ئىپپىتى» دېگەن نەسىرىڭىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن. سىز بىرەر ئەسەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كاللىڭىزدا تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، قۇرۇلمىسىنى كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن ئاندىن قولىڭىزغا قەلەم ئالامسىز، ياكى قەلىمىڭىزگە بويسۇنۇپ يېزىپ چىقامسىز؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: شېئىر يېزىشتىن ئىلگىرى كاللام قۇپقۇرۇق، ھېچقانداق روھىي تەييارلىقسىز ھالەتتە ئۈستەلگە ئولتۇرىمەن. بۇ خۇددى مەقسەت-نىشانسىز سەپەرگە ماڭغان يولۇچىنىڭ ھالىتىگە ئوخشايدۇ. بۇنداق يولۇچىنى قەدەمدە بىر يېڭىلىق كۈتۈۋالىدۇ. مۆجىزە قانداق يۈز بېرىدۇ؟ كۈتۈلمىگەندە ۋە تاسادىپىيلىق ئىچىدە. تەرتىپلىك ھاياتتا مۆجىزە يۈز بېرىشى تەس، بۇنداق ھاياتنىڭ قانداقمۇ زىل-زىلىسى بولسۇن؟ مەن ھەر بىر شېئىرىمنى ئەنە شۇنداق نىشانسىز قىلغان سەپەردىكى تاسادىپىيلىق دەپ قارايمەن. شېئىر يېزىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ھېچقانداق شەكلى بولمايدىغان، ھەتتا ئۇنىڭ بار ياكى يوقلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان تۇرسا، ئۇنىڭغا قۇرۇلما بېكىتىش مۇمكىنمۇ؟ بۇ بەلكىم مېنىڭ شېئىر يېزىش ئادىتىمدىن شەكىللەنگەن، ماڭىلا ماس كېلىدىغان قاراشتۇر.

ساجىدە سۇلايمان (نازى): مېنىڭ ئەدەبىياتقا مۇھەببىتىم چوڭقۇر. بۇ چىرايلىق يولغا قەدەم باسقان كۈنۈمدىن باشلاپ، پروزا ئىجادىيىتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېلىۋاتىمەن، يېقىندىن بېرى قەلبىمدە شۇنداق بىر ئىستەك پەيدا بولۇپ قالدى. قەلبتە يىغىلىپ قالغان گۈزەل ھېس-تۇيغۇلارنى پروزىغا قارىغاندا، مىسرالاردا ئەينەن، ھاردۇقى چىققۇدەك ئىپادە قىلغىلى بولىدىكەن، دەپ ئويلاپ قالدىم. بۇنى سىزنىڭ ھەم باشقا ئۇستازلارنىڭ شېئىرلىرىدىن ئالغان ئېستېتىك زوقتىن تونۇدۇم. بۇنىڭ ئۈچۈن قايسى قەدەملەرنى پۇختا بېسىشىم كېرەك؟ غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مېنىڭچە ئەسەر يازماقچى بولغاندا ژانىر تاللاپ ئاۋارە بولماڭ. ئەڭ مۇھىم مەسىلە ژانىر مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ قەلبىنى تونۇش، راستچىل ۋە جاسارەتلىك بولۇشتۇر. شەكىلنى سىز يازماقچى بولغان ئەسەرنىڭ ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ئەسەر يېزىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن ژانىر مەسىلىسىنى مەغلۇپ قىلىش كېرەك، شۇندىلا تۇيغۇلىرىڭىز ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ. قەلەمنى ئۇنتۇڭ، ماھارەتنى بىتچىت قىلىڭ، شۇندىلا قەلبىڭىز شېئىرىي قۇللۇقتىن ئازاد بولىدۇ.

رىسالەت مەردان: شېئىرىيەتتە كىملەرنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىدىم دەپ قارايسىز؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئۇلارنى ساناپ بېرەي، ئەڭ ئاۋال ئىمىن ئەخمىدىنىڭ شېئىرلىرىنى دورىدىم، كېيىن ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروراننىڭ شېئىرلىرى بىلەن مۆكۈشمەك ئوينىدىم، ئۇندىن كېيىن بوغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرىنى دەستەك قىلدىم، كېيىن ھەممىسىگە مىڭلارچە رەھمەتلەر بىلەن خوش دەپ، ئۆزۈمگە تۇتۇلدۇم. ھازىر ئۆزۈمنى تەقلىد قىلماقتىمەن، بۇ رەزىل كىشى مېنى ھېچبىر قويۇپ بېرەر ئەمەس، ئۇنىڭ سايىسى مەندىنمۇ يورۇق بولۇپ، مېنى كۆلەڭگىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا ئۇرۇنماقتا. مەن بىلىمەن، ئۆزۈمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆتمۈشنى تەلتۆكۈس ئادالىۋېتىشقا توغرا كەلگەچكە ئىلگىرى ئېرىشكەن ئازغىنە شان-شۆھرەتلەرگە قىيالمايۋاتىمەن. ئۆتمۈشتىن مۇستەسنا بولمىغان ھاياتتا ئىجادىيلىق بولمايدۇ.

رېسالەت مەردان: ھازىرقى شېئىر ئىجادىيىتىڭىزنى قايناق بىر مەزگىلدىن كېيىنكى سۈكۈت پەسلىگە كىردى دەپ قارامسىز؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: بۇ سۇئالىڭىزدىن سىزنىڭ شۇنداق قارايدىغانلىقىڭىز ماڭا ئايان بولدى. مەن نەچچە يىللار ئىلگىرى باشقىلاردىن قايناق شېئىرىي ئىجادىيەت مەزگىلىمنىڭ بولغانلىقىنى ئاڭلىغان. مەن دائىم جىمجىت ياشايمەن ۋە جىمجىت ئىجاد قىلىمەن، قانداقلىقىمغا ئانچە پەرۋا قىلمايمەن. مەن ھەقتىكى گەپلەرنى بولسا باشقىلاردىن ئاڭلايمەن. ئاشۇ باشقىلار ۋە سىزنىڭ گەپلىرىڭىز راست بولسا كېرەك. نۇرغۇن ئوقۇرمەنلىرىم مېنىڭ يېقىندىن بۇيان شېئىرىيەتتە چېكىنىپ كەتكەنلىكىمنى، ھازىرقى شېئىرلىرىمدىن بۇرۇنقىدەك زوق ئالالمىغانلىقىنى يۈزتۇرانە ۋە ھاۋالە بىلەن ئېيتىشتى. تېخى ئوننەچچە كۈننىڭ ئالدىدا توقسۇلۇق يۈسۈپجان نىياز ئەلقۇت دېگەن بۇرادىرىم توقسۇدىكى بۇرادەرلەرنىڭ سالىمىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى(ئۇ سۆزلەۋاتقاندا يېنىمىزدا قەدىناس شائىر بۇرادىرىم ئابدۇرېشىت ئېلىمۇ بار ئىدى): «شېئىرلىرىڭىز قۇرغاقلىشىپ كەتتى، بۇرۇنقىدەك قىزغىن كەيپىيات يوق. سىز ھازىر تېخنىكىغا تايىنىپ يېزىۋاتىسىز. توقسۇدىكى قەلەمكەش بۇرادەرلەر «غوجىمۇھەممەد ئەمدى ئۆزۈمنى يارىتىپ بولدۇم، قانداق يازسام بولىۋېرىدۇ دەپ ئويلىسا كېرەك، دېيىشىۋاتىدۇ» دېگەندە مەن بەزىبىر باھانە سەۋەبلەر بىلەن ئۆزۈمنى ئاقلىدىم، بىراق ئىچىمدە قانچىلىك بىئارام بولغانلىقىمنى ئابدۇرېشىت تۇيدى. يەنە بىر باھانە-سەۋەب بىلەن ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى بولسام، كونا گەپنى تەكرارلاپ مۇنداق سۆزمەنلىك قىلىمەن: «نام-ئاتاق گوياكى قاراڭغۇ تۈرمە، ساڭا ئۈمىد ۋە ئارمان بىلەن تىكىلگەن سانسىز كۆزلەر بۇ تۈرمىنىڭ گۇندىپايلىرىدۇر. سېنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىڭ، ھەر بىر ئېغىز گېپىڭ ئاشۇ گۇندىپايلارنىڭ نەزەربەنتى ئاستىدا. ئۇلار سەندىن تەلەپ قىلىدۇ، تەلەپ قىلغان نەرسىنىڭ سەندە بار-يوقلۇقى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. سېنىڭ خالىغانچە يېزىش ۋە يازالىغانچە يېزىش ھوقۇقۇڭ ئاللىقاچان تارتىۋىلىنغان. ئاھ بىچارە قۇل…» بىراق مېنىڭ بۇ نالەمگە ئىچ ئاغرىتماڭ. پات ئارىدا مەن يەنە باشقىلاردىن يېڭى-يېڭى گەپلەرنى ئاڭلىشىم مۈمكىن.

رىسالەت مەردان: سىز شېئىرىيەتنىڭ جېنىنى مەنادا دەپ قارامسىز ياكى شەكىل دىمۇ؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: شېئىر يېزىشتا مەقسەت-مۇددىئا بولمايدۇ، شېئىر يېزىش پەقەتلا مۇھەببەت سەۋەبىدىندۇر. ھەرقانداق ئىدىيە ۋە كۆز قاراشلار كونىرايدۇ، تىلنىڭ قۇدرىتى چەكسىز ھەم مەڭگۈلۈكتۇر. شېئىر ئەڭ بۈيۈك ئاشىقانىلىقتۇر، شائىردا ئۆزىنى بېغىشلاش ئىستىكى باركى، ئۇندىن ئارتۇق مەقسەت يوق… مەن قايسىدۇر بىر شامالنىڭ شائىرغا مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىغان: ئۆلۈپ تۇرۇپ ياز، تىرىكلەرنى سەگىتىدۇ؛ تىرىلىپ تۇرۇپ ياز، ئۆلۈكلەرنى ئويغىتىدۇ؛ شەكىلگە بەند قىلما، يىقىلمايدىغان ئىمارەت يوق؛ مەنىگە بېقىنما، كونىرىمايدىغان ئىدىيە يوق؛ جان ئاتا قىلما، جان بار يەردە قازا بار؛ روھ بەر، مەڭگۈ ياشايدۇ، چۆلدەك ئەمەس، بورانلاردەك ئەركىن-ئازادە، خۇشال بەختىيار…

رىسالەت مەردان: شېئىرىي ئىلھامنى نەدىن ئالىسىز؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن شېئىرىي ئىلھامنى ئىچىمدىكى ۋەسۋەسىدىن، بەندىلىك ئىزتىراپلىرىدىن، بېسىقماس ھەم ئەبەدىي ئۆچمەس مۇھەببەت يالقۇنلىرىدىن ئالسام كېرەك. بۇ مۇھەببەت مەن تۈركىينىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە قەيىت قىلغان «كەتمەيدىغان، كەلمەيدىغان قىز»غا بىغىشلانغان.

رېسالەت مەردان: شېئىرلىرىڭىزدىن ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىڭىز قايسى؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن شېئىر دېگەن قانداق بولسا شۇنداق بولىدۇ، دەپ قارىغاچقا ئادەتتە ئۇنى ياخشى-يامان دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايدىكەنمەن. بىراق مەن بەزىدە مېنى شۆھرەتكە ئىرىشتۈرگەن «ئەرنىڭ ئىپپىتى»، «دۇتارچى ئايال»قاتارلىق شېئىرلىرىمنى دوسىتلىرىمغا ئوقۇپ بېرىشكە ئامراق.

رېسالەت مەردان: سىزنىڭچە، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە يەنە نېمىلەر كەمچىل؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بارلىقىنى شېئىرغا بىغىشلىيالايدىغان، شېئىر ئۈچۈن رىيازەت چېكەلەيدىغان، ئۆزى توغرا دەپ قارىغان «مۇنداق» ئۈچۈن ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كەلگەن «شۇنداق»قا ئوت ئاچالايدىغان پىداكار شائىرلار كىرەك. قاراڭە، جاھاندا تەڭدىشى يوق پاساھەتلىك تىل، مۇكەممەل يېزىق، گاڭگىراش، ئازاب، «شەكىل ئۆزگىرىش»لەر… يەتكۈچە تۇرۇپتىغۇ. شۇنداق رىسالەت، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە شائىردىن باشقا ھېچنەرسە كەمچىل ئەمەس.

رېسالەت مەردان: زامانداش شائىر-شائىرەلەرگە دەيدىغىنىڭىز بارمۇ؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مېنىڭ زامانداش شائىر-شائىرەلەرنىڭ ھەممىسسىگە دەيدىغان نۇرغۇن-نۇرغۇن گېپىم بار. گېپىمنىڭ يىغىندىسى مەن ھەممىڭلارنىڭ دوستۇڭلار. مەن ھەممىڭلار بىلەن دوست بولغاچقا نۇرغۇن گەپلىرىمنى دېيىش ئۈچۈن ئىسمىڭلارنى بىر-بىرلەپ ئاتىشىم كېرەك. بىراق بۇنىڭغا ھازىرچە ۋاقىت ۋە شارائىت يار بەرمەيدۇ. بىرنەچچىڭلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ، يەنە بىر نەچچىڭلارنىڭ كۆڭلۈڭلارغا ئازار بەرگۈم يوق. ھاياتلا بولساق گەپلىرىمىزنى بىر-بىرلەپ دېيىشىۋالىمىز، ئاشۇ گۈزەل دەملەرگە يېتىش ئۈچۈن سىلەرگە ساغلاملىق، ئۇزۇن ئۆمۈر يار بولسۇن!

رىسالەت مەردان: سىز شېئىرىيەتتە ئۇسلۇب ياراتتىم دەپ قارامسىز؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئۇسلۇب خاسلىقتىن شەكىللەنسە، خاسلىق بىر خىللىقنى بىشارەتلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا مەن ئۇسلۇبقا قارشى. ۋەھالەنكى، كۆپ زامانلار ئىلگىرى مەن تولۇپ تاشقان قايناق ھاياجان بىلەن يۈرىكىمنى بېسىپ ياتقان ئەل-يۇرت تەشۋىشلىرىنى، ئىنسانلىق ئىزتىراپلىرىنى، ۋەسلىگە يەتكىلى بولمايدىغان مۇھەببەت ئىنتىلىشلىرىنى كۈيلىگەنىدىم. ئاۋازىم ئىنتايىن مىسكىن ۋە ئېغىر ئىدى، ۋارقىراپ يىغلايتتىم. ئايال!… دەيتتىم قۇرۇپ كەتكەن باياۋاندەك. بۇ بوزلاشلىرىم بىر-ئىككى يىللا داۋاملاشقان بولسىمۇ، مەن ناھايىتى كۆپ يىغلىغاچقا باشقىلار تەرىپىدىن «يىغلاڭغۇ» دەپ ئاتالدىم. ئاڭلىشىمچە، بەزى كىشىلەر سانسىز پەريادلار ئىچىدىن مېنىڭ يىغامنى ئاسانلا تونۇۋالىدىكەن. سىز دېگەن «ئۇسلۇب» مۇشۇ بولسا، مەن ۋاڭ مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىغا قوشۇلىدىغانلىقىمنى ئېيتىمەن: «مەن ئۇسلۇبلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيمەن، چۈنكى ئۇسلۇب قانچە ئۆزگىچە بولغانسېرى باشقىلار شۇنچە ئاسان تەقلىد قىلىدۇ-دە، مەنمۇ ئۇسلۇبۇمدىن شۇنچە ئاسان مەھرۇم قالىمەن… ئۇسلۇب-ئۆز ئىزىغا سەكرەش، ئۆزگىچىلىكنى تەكرارلاشلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما ئۆزگىچىلىكنىڭ جەلپكارلىقى، يوچۇنلۇقى ۋە تەسىرچانلىقى تەكرارلانماسلىقى كېرەك. سىز توختىماي ئۆز ئىزىڭىزغا سەكرىسىڭىز، بولۇپمۇ باشقىلار قارشى چىقمىغان شارائىتتا ئۆز ئىزىڭىزغا سەكرىسىڭىز، زوقلانغۇچىنى چارچىتىپ قويىسىز. سىز قانچە زورۇققانسېرى شۇنچە مەزىسى قالمايدۇ»

رىسالەت مەردان: بۇرۇنقى شېئىرلىرىڭىز بىلەن ھازىرقى شېئىرلىرىڭىزدا قانداق پەرقلەر بار دەپ قارايسىز؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: يۈرەكتىن ئىبارەت كۆكسۈمدىكى ئىلغۇغا ئېسىلغان تەڭرىنىڭ بۇ سەپەر سومكىسىنى تاشلىۋىتەلمىدىم. پانى دۇنيانىڭ ھەممە ئازاب-ئوقۇبەتلىرى قاچىلانغان بۇ سومكا ماڭا ھامان ئېغىرلىق قىلىدۇ. شۇڭا مەن ئۇنىڭدىن ئاز-ئازدىن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ئېلىپ سىلەرگە ھەدىيە قىلىش ئارقىلىق يېنىكلىمەكچى بولىمەن. بىراق ئالغانلىرىمنىڭ ئورنى يەنە نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىلەن تولۇپ تۇرىدۇ. سومكا كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ قەددىمنى پۈكىدۇ. دەسلەپ مەن بۇ سومكىدىكى ئەڭ جۇلالىق ۋە چىرايلىق بولغان خوتۇن-قىزلار ھەسرىتىنى ئېلىپ سىلەرگە بەرگەن ئىدىم، بىراق مەن خوتۇن-قىزلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ ھەسرەتلەر توزۇپ كەتتى. ئاندىن مەن بۇ سومكىدىن يۇرت، قوۋم ئىزتىراپلىرىنى ئالدىم. بۇ ئىزتىراپلار بەكلا سۆلكەتلىك ھەم جەزبىدار بولغاچقا، مېنى تولىمۇ ئالىيجاناب قىلىۋەتتى. كىشىلەر تەرەپ-تەرەپتىن ماڭا مەدھىيە، ئالقىشلارنى ياڭراتتى. بىراق سومكا تىخىمۇ ئىغىرلىشىپ قەددىمنى رۇسلىيالماس قىلىۋەتتى. بۇ سومكىدا خۇشاللىق دېگەن نەرسە يوق ئىكەن، ئازادىلىك، ساراڭلىقنىڭ بارلىقىدىن ئىغىز ئاچقىلىمۇ بولمايدىكەن. بۇ سومكىدا بۇرچ، مەسئۇلىيەتلەر ساماندەك تولۇپ يېتىپتۇ. يىلتىزى قۇرۇپ كەتكەن، چىرىپ سېسىپ كەتكەن، چېقىلىپ ياكى ئۈزۈلۈپ كەتكەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن. توۋا دەيمەن!… بۇ سومكىدا ھەممە نەرسە بار ئىكەن، بىراق مەن يوق ئىكەنمەن، مەنلا يوق ئىكەنمەن… بارا-بارا بۇ سومكىغا قول ئۇزاتماس بولدۇم-دە، كۆڭلۈمگە ئەگەشتىم. كۆڭۈل دېگەنگە ئىت-ئىشەكلەر ئەگىشىدۇ، دېدى كىمدۇ بىرى. شۇ چاغدا سىلەر مېنى شائىرلىق ھاياتى ئاخىرلاشتى دەپ ئويلىدىڭلار. مەن بىلەتتىم، بۇ ھايات ئاخىرلىشاتتى، شۇندىلا قەددىمنى پۈككەن ئېغىر سومكىدىن خالاس بولاتتىم. ھازىر مەن كوچا غەزەلخانلىرىغا مەپتۇن. ئۇلارنىڭ غەزەللىرى شۇ قەدەر ئەركىن-ئازادە بولۇپ، ھېچقانداق نەرسىنى ئۆزىگە يۈك قىلمايدۇ. يەتتە قات ئاسماننىڭ يەتتىنچى قەۋىتىدىن، يەتتە قات يەرنىڭ يەتتىنچى تەكتىگىچە يېتىپ بارالايدۇ. بۇ غەزەللەردىن ئۆزۈمنىڭ تامدىن تامغا ئارتىلىپ، ئوتلارنى ئۆچۈرۈپ ياكى ئۇلغايتىپ، سۇلارنىڭ ئۈستىدە شامالدەك يورغىلاپ كېتىۋاتقان توسقۇنسىزلىقىمنى كۆردۈم. مەن ھازىر يىغلاۋاتقان ئادەمنى كۈلۈشكە قىستىمايمەن. ئۆلۈۋاتقان ئادەمگە ھايات ھەققىدە ۋەز ئېيتىپ ئۇنىڭ ئۆلۈشتىن ئىبارەت مۇقەددەس يۈزلىنىشىگە كاشىلا قىلمايمەن. قارىسام ھەممە ئۆز يولىدا، ھەتتا يولسىزلىقمۇ يولنىڭ تېشىدا خاتىرجەم كېتىۋىتىپتۇ.

مەتتۇرسۇن ئېلى: سىز ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىمىزگە قانداق قارايسىز؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن ئۆزۈمنى ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىمىزگە باھا بېرەلىگۈدەك لاياقەتكە ئىگە ئەمەس، دەپ قارايمەن. بىراق نۆۋەتتىكى شېئىرىيىتىمىز ھەققىدە ھىس قىلغانلىرىمدىن بىر-ئىككى ئېغىز سۆزلەپ بېرەي: شېئىرىيىتىمىز ھازىر جىمجىت ۋە تىنجىق. 90-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدىكى شاۋقۇن-سۈرەنلىك ھالەتتىن ئەسەر يوق. شۇ مەزگىلدىكى شائىرلارنى خىلى ئۇزاقلارغىچە ئەسلەيدىغاندەك تۇرىمىز. يېڭى بىر شائىرنى كۈتۈپ كۆزلىرىمىز تۆت بولدى. دىققەت قىلسام، مەن قولۇمغا يېڭىدىن قەلەم ئالغان چاغ(1990-يىل)لارغا قارىغاندا ھازىر شائىرلار نەچچە ھەسسە كۆپىيىپتۇ، شېئىرىيەت يىغىلىشلىرى كۆپىيىپتۇ، بىراق شېئىر ھەققىدە بۇرۇنقىدەك زوق-شوق بىلەن سۆزلەيدىغانلار ئاز قاپتۇ. بۇرۇن بىرەر شېئىر توپلىمى ئەمەس، گېزىت-ژۇرناللاردا بىرەر پارچە ئېسىل شېئىر ئېلان قىلىنسىمۇ، ھەپتە-ئايلارغىچە زىلزىلىسى بېسىلمايتتى، تېلېفون، خەتلەر ئارقىلىق بىر-بىرىمىزگە ھاياجان بىلەن تەۋسىيە قىلاتتۇق. بىراق ھازىر ھەممىنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇرۇن شېئىر يېزىش ئۈچۈن قەلەم، قەغەز بولمىسا بولمايتتى، بىراق ھازىر قەلەم، قەغەز بولمىسىمۇ بولىدىكەن، كومپىيۇتىر ئۇلارغا كەڭرى سەينا ۋە شارائىت ھازىرلاپتۇ. شېئىر يازماق بەك ئاسانلىشىپ كېتىپتۇ، ئاسانلاشقانسېرى شېئىر ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى سىرلىق ۋە مۇقەددەسلىكىدىن يىراقلىشىپ مېڭىپتۇ. بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە شېئىر ھەتتا بىكارچىلىقتا يېزىپ ئوينايدىغان كۆڭۈل خۇشى ئىكەن. قارىسام ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە چۈشىنىكسىز جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقاندەك… لېكىن شېئىرىيىتىمىزدىكى جىمجىتلىقنىڭ قىستاپ كېلىۋاتقان گۈزەل بۇزۇلۇشى روھىمىزنى يەنە بىر قېتىم تىترىتىپ ئۆتمەي قالمايدۇ.

مەتتۇرسۇن ئېلى: تور ئەدەبىياتى بىلەن يېزىق ئەدەبىياتىنڭ پەرقى ۋە مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايسىز؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: بايقىشىمچە، تور ئەدەبىياتى بىر قەدەر ئەركىن بولىدىكەن. مەتبۇئات ئەدەبىياتىدەك تەكرار ۋە مۈشكۈل تەھرىرلىك باسقۇچلىرىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلمىگەچگە، قارىماققا سەل خامدەك، مۇكەممەل ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ئەسلى ئاۋازىنى ئەينەن ئاڭلىغىلى بولىدىكەن، تارقىلىش دائىرىسىمۇ كەڭرەك بولىدىكەن. ئەڭ مۇھىم تەرىپى، بىر ياخشى ئەسەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھەرھالدا زىلزىلىسى بولىدىكەن، مۇئەييەن باھالار بېرىلىدىكەن. كۆزنى يۇمۇشقا بولمايدىغان پاكىت شۇكى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەتبۇئات ئەدەبىياتى يەنىلا ئۈستۈنلۈك ۋە باشلامچىلىق ھالىتىدە تۇرۇۋېتىپتۇ. بىر ئەدىبنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى توردا قانچىلىق ئېسىل ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغىنىدىن قەتئىي نەزەر، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرنىڭ سانى ۋە سۈپىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىۋېتىپتۇ. ھازىر تور ئەدەبىياتىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يېڭى قان بولۇپ قېتىلىپ، كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تۈرگە ئايلىنىۋاتىدۇ. تور ئەدەبىياتىدىكى ئۇكا ئەدىپ ۋە ئەدىبەلەرنىڭمۇ مەتبۇئاتلارغا ئەسەر بېرىپ ئۆزىنى دەڭسەپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. گېپىمگە ئىشىنڭلار، مەتبۇئاتتا ئەسەر ئېلان قىلىشنىڭ بېرىدىغان ھوزۇرى ۋە ئىلھامى تېخىمۇ قالتىس.

مەتتۇرسۇن ئېلى: بىزنىڭ يېزىق ئەدەبىياتىمىزدا ساقلانغان مەسىلە نېمە دەپ قارايسىز؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مېنىڭچە، يېزىق ئەدەبىياتىمىزدا ساقلانغان ئەڭ چوڭ مەسىلە بۈيۈكلۈكتىن كۆرە قالتىسلىق، راۋانلىقتىن كۆرە سىرلىقلىق، ساپلىقتىن كۆرە ئەبجەشلىك… ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ تور ۋە تېلېۋىزۇر تارقىتىۋاتقان يالىڭاچلىق ۋە رەڭۋازلىقتا گالۋاڭلاشقان يۈرەكلەر… بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئەمدى كىملەر شېئىر يادلار؟ قايسى شېئىرنى يادلاپ ئېسىدە ساقلار؟ داستانچىلار بىر-بىرلەپ كەتتى، شاھمۇھەممەتتىن كېيىن خوتەندە داستانچى قالمىدى دېسەكمۇ بولىدۇ. ئەمدى بىزدىن يەنە داستانچى چىقارمۇ؟!… يېزىق ئەدەبىياتىمىز ئەمدى ئېغىز ئەدەبىياتىغا يىقىنلىشالمايدىغاندەك تۇرىدۇ. چۈنكى مۇھەممەتجان راشىدىن قاتارلىق ئىنتايىن ئاز ساندىكى شائىرلىرىمىزدىن باشقا ھايات ئەدىبلىرىمىزنىڭ تىلى بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. ئېغىز ئەدەبىياتى بولمىسا، يازما ئەدەبىياتنىڭ ئىشىكى تاقىلىپ قالىدۇ، بۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس.

مەتتۇرسۇن ئېلى: سىز شېئىردىن باشقا ژانىرلاردىمۇ ئەسەر يېزىپ باققانمۇ؟ يېزىپ باققان بولسىڭىز ئۇنىڭ تەسىرى قانداق بولدى؟ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزدە باشقا ژانىلاردىمۇ ئەسەر يېزىپ بېقىش ئويىڭىز بارمۇ؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن شېئىردىن باشقا ھېكايە، نەسىر، ئەدەبىي خاتىرە قاتارلىق ژانىرلاردىمۇ ئەسەر يېزىپ باققان. بۇلارنىڭ ئىچىدە نەسىر ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بىر قەدەر تەسىر قوزغىدى دەپ قارىغان ئەسىرىم «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئەرنىڭ ئىپپىتى» ناملىق چاتما نەسىر. مەن ئىجادىيەتنى مەلۇم پىلان ئىچىدە تەرتىپلىك ئېلىپ بارمىغاچقا كېيىن قانداق ژانىردا، قانداق ئەسەر يازىدىغانلىقىم توغرىسىدا ھازىر سىزگە ھېچنىمە دەپ بېرەلمەيمەن. بىراق شۇنىسى ماڭا ئايانكى، سالامەتلىك، خاتىرجەملىك… جەھەتلەردىكى شەرت-شارائىتىم دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىمىسىلا، مەن ئاخىرغىچە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىمەن. كېيىنكى ئىجادىيىتىمدە شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇشى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن، بىراق مەن ئىجادىيەتتە ژانىر مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قارىمىغاچقا، قەلبىمدىكى ھېس-تۇيغۇلارنى ئىپادىلەشتىكى ئىھتىياجغا قاراپ، بەلكىم يەنە نەسىر، ئەدەبىي خاتىرە، ماقالە، ھەتتا پوۋېست، رومانلارنىمۇ يېزىپ قېلىشىم مۇمكىن. بۇنىڭغا دەسلەپ «ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتى»نىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ شۆھرەت قازىنىپ، كېيىن ماقالە، رومانلىرى بىلەن ئەلنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كېلىۋاتقان ئابدۇقادىر جالالىدىن، پەرھات ئىلياس ۋە ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىت بەرقىيلەرنى مىسال كەلتۈرىمەن.

مەتتۇرسۇن ئېلى: مەن شېئىر يېزىش ئۈچۈن تۇغما ئىقتىدار بولۇشى كېرەك دەپ ئاڭلىغان. سىز تۇغما ئىقتىدار مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟ سىزدە تۇغما ئىقتىدار بارمۇ؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: بۇ گەپنى مەنمۇ ئاڭلىغان. مېنىڭ ئاڭلىغىنىمدا شېئىر يېزىشتىلا ئەمەس، ھەرقانداق كەسىپتە تۇغما ئىقتىدار بولىدۇ دېيىلگەن. مېنىڭچە بۇ بىزگە بېرىگەن ئەڭ چوڭ ئىلتىپاتتۇر. ھەر ئادەم قىلالايدىغان ئىشنى قىلىشى كېرەك، قىلالمايدىغان ئىشقا قىلالايدىغان ئادەم ھامان ئەۋەتىلىدۇ. شائىرلىق-ئاشىقلىق بولسا، شېئىر-كۆيۈك ئوتىدۇر. بۇ ئوت ماڭا سېلىنغان بولسا، يۈزمىڭ قەسەمكى، تا ئەبەدكىچە كۆيۈشكە قەسەم ئېچتىم.

ئابدۇرېھىم ياسىن قاينامى: شېئىر شائىرنى قەيەرگە ئېلىپ بارىدۇ؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن يېتىپ بارغاندا، يىراقتا كۆرۈنگەن بوستان چۆل ئىكەن، مەن يېتىپ بارغاندا مېنى تەشنا قىلغان دەريادا بىر تامچىمۇ سۇ يوق، مەن يېتىپ بارغاندا، مېنى سېغىندۇرغان پەرىزات قەبرىگە ئايلىنىپ قاپتۇ. شۇندىن بىرى ماڭدىميۇ، يېتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلمىدىم. توختىماي ئەجىر قىلدىميۇ، نەتىجىسىنى كۈتمىدىم. چۈنكى مەن ئاخىرقى نەتىجىنىڭ ئۈمىدسىزلىك، بەربادلىق ۋە ئېغىر ئازاب ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن.

ياسىن ئابدۇقادىر (كۆكيال): شائىرلىق بىلەن ئادىمىيلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىككى ئىغىز گەپ قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز؟ غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: سىز ئادىمىيلىك دەپ نېمىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىسىز؟ ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ئەدەپ-ئەركاننىمۇ؟ سىزنىڭچە بۇ ئادىمىيلىكنىڭ شەرتىمۇ؟ بەلكىم ئۇنداق دېمەكچى ئەمەستۇرسىز. بىراق مەن مۇنداق دەيمەن: ئادىمىيلىك-ئادەم بولماقتۇر. ئادەم بولماق-شائىر بولماقنىڭ نەق يولى… ئادەم قانداق بولغان؟ رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەلمىساقتا خۇدا «ئادەم»نى ياراتقانىكەن. ئۇ ئادەم يالغۇز ئىكەن، بىراق ئۆزىنىڭ يالغۇزلۇقىنى بىلمەيدىكەن. يالىڭاچ ئىكەن، بىراق يالىڭاچلىقىنى كۆرمەيدىكەن. ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئالەمنى بىلمەيدىكەن، بىراق بىلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئۇ ئۆلۈشنى بىلمەيدىكەن، شۇ سەۋەبتىن قەلبى چەكسىز ۋە بىپايان ئىكەن. ئەگەر بىر تال قوۋۇرغىسىدىن ئايال يارىتىلىش سەۋەبىدىن ئۇ يالغۇزلۇقىدىن مەھرۇم بولمىغان بولسا، ئۇ يالغۇزلۇقىدىن مەھرۇم بولغانلىق تۈپەيلىدىن بۇ ئالەمگە سانسىز بولۇپ چېچىلمىغان بولسا، بۇ ئالەمگە سانسىز بولۇپ چېچىلغانلىقى ئۈچۈن قەدىرسىز بولۇپ ھەممە يەردە نالە-زار قىلمىغان بولسا، بىز بۇ ھەسرەتلىك شېئىرلارنى يېزىپ ئولتۇرارمىدۇق؟ مەن بۇ ھېكايىنى تولا ئېيتىپ زېرىكتىم. باشقا ھېكايە ئېيتىپ بېرەي، ئاشۇ تۇنجى ھەم بىپايان ئادەم بۇ ئالەمدىكى بىرىنچى شائىر ئىدى. شائىر بولماقچى بولغان بەزىلەرنىڭ «ئۆزۈمنى ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلاندىم» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. سىز ئۆزىڭىزنى ئىزدەش سەپىرىڭىزدە تۇيۇقسىز نەچچە ئون يىللاردىن بىرى سىزنىڭ ئىسمىڭىز ۋە جىسمىڭىزدا ياشاۋاتقان كۆكيال ئىسىملىك كىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىز بولماستىن بەلكى ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان مەلۇم بىر ئىدىيىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، مەلۇم بىر خىل ئادەتنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگىنىڭىزدە، سىز بۇ ئازابلىق رېئاللىقنى قوبۇل قىلالامسىز؟… ئادەم ئادەم بولغانىكەن ئۇنىڭدا ئادەمچە قىلىقلار بولمىسۇنمۇ؟ ئادەم ئۆمرىدە بىرەر قېتىم مەست بولمىسا، ئۆزىنىڭ «ئادەم»لىكىنى بىر يانغا تاشلاپ قويالمىسا، بۇ ئۇزاق دۇنيانى قانداق ياشاپ بولغىلى بولىدۇ؟ سىز ئەسلى ئادەملىكىڭىزگە يېتەلمەي مەڭگۈ پەرياد چېكىسىز، ئادەملىك ئۈچۈن قىلغان ھەر بىر ئۇرۇنۇشىڭىز سىزنى ئادەملەردىن يىراقلاشتۇرىدۇ. بارغانسىرى يىراقلايسىز، يىراقلايسىز… بىر زامانلاردا ئەتراپىڭىزدىكى سانسىزلىغان ئادەملەر سىز ئۈچۈن گويا بىر توپ نامەلۇم دەرەخلەردۇر… سىز شائىرنىڭ ئادەم ئەڭ كۆپ جايدا ئەڭ قاتتىق يالغۇزسىرايدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمۇ؟

تۇراپجان مۇھەممەت (ئازغۇن): سىز ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۆزگىچە ئۇسلۇب ياراتتىڭىز. بۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئامىل زادى نېمە؟ بۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟ غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت: مەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە راستىنلا ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ياراتقان بولسام، بۇ قاراشقا يەنە كۆپلىگەن باشقا كىشىلەرمۇ قوشۇلسا، راستىنلا شۇنداق بولسا… قەدىرلىك دوستۇم، مەن قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتىمەن. مەن ھاياجىنىم بېسىلماستا شۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشكە ئالدىرايمەنكى، بۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئامىل-مەن ۋە مېنىڭ شېئىرلىرىمدۇر. ھېس قىلدىڭىزمىكىن؟ مەن باشقا سۇئاللارغا قارىغاندا مەن ھەققىدە سورالغان سۇئاللارغا باشقىچە قىزغىن مۇئامىلىدە بولىمەن. چۈنكى مەن ئۆزۈمگە قىزىقىمەن. ئۆزۈمنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن. مېنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغان شېئېىرلىرىممۇ دەل ئۆزۈمگە بولغان كۈچلۈك مۇھەببەتنىڭ ھاسىلاتى، خالاس. دۇنيادا ئۆزىگە بولغان مۇھەببەتتىن باشقا ھېچقانداق مۇھەببەت مەڭگۈلۈك ۋە مۇستەھكەم ئەمەس. ھەرقانداق مۇھەببەت ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ھەر بىر جۇدالىقنىڭ ئارقىسىدا بىر يېڭى مۇھەببەت ساقلاپ تۇرىدۇ. مېنىڭ شېئىرلىرىم ئۆزۈم ئۈچۈن يېزىلغان. ئۇ شېئىرلاردا مەن بار.

ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم (ياپچان): ھاياتنى چىڭ قۇچاقلاپ ياشاش ياكى خۇشاللىق بىلەن ئۆلۈش ئارقىلىق شېئىردىكى پايانسىز دۇنيادىن قۇتۇلغىلى بولامدۇ؟ غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: شېئىر يېزىۋاتقان شائىرنىڭ شېئىردىن باشقا رېئاللىقى يوق. شائىر شېئىردىكى رېئاللىقتىن ئۆزگە يەنە بىر رېئاللىقنى ھەرگىزمۇ چىڭ قۇچاقلىيالمايدۇ. ھاياتنى چىڭ قۇچاقلاپ ياشاشنى ئۇنىڭغا ئۆلۈم ئۆگەتتى. شېئىر-ئۆلۈمنىڭ ھاياتىدۇر. ئەجەبا، ئۆلۈم ئاتا قىلغان بۇ سۆيگۈ بىزنى شېئىردىكى پايانسىز دۇنياغا چاقىرىۋاتقاندا، نېمىشقا بىز تەكرار-تەكرار خۇشال ئۆلمەيمىز؟ ئەگەر سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز شېئىرنىڭ سىرتىدىكى كىشىنىڭ چىڭ قۇچاقلاپ ياشايدىغان ھاياتى ۋە ئۆلۈمى بولسا، ياكى بۇ كىشى ماددىي ھايات ۋە ماددى ئۆلۈم ئارقىلىق شېئىردىن قۇتۇلماقچى بولغان بولسا، بۇ كىشىگە بىز كۆز ئالدىدىكى كىچىككىنە دۇنيانىلا بەردۇق.

ئايسىمە ئېدرىس: سىز ئەسەرلىرىڭىز بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشقا دىققەت قىلامسىز؟ چۈنكى مەن ئەسەرلىرىڭىز بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ئوتتۇرىسىدا ئېچىۋىتىلگەن ئىشىك باردەك ھېس قىلىمەن.

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن شىنجاڭنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى گۇما ناھىيىسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىقىم سايلاردا قوي بېقىش بىلەن ئۆتكەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىككى قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئۆتەلمەي، بۇرۇن توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىشلىگەن، ھازىر يولۇچىلار توشۇش بېكىتىدە ئىشلەۋاتىمەن. تەرجىمىھالىمنى سۆزلەشتىن مەقسەت شۇكى مەن بىر قارا قورساق ئادەم. مېنىڭ ئۇيغۇرچىدىن باشقا ھېچقانداق تىل ياكى يېزىقتىن ساۋادىم يوق. تېلېۋىزۇر ۋە كىتابلارنى ھەمدە ئەتراپىمدىكى بىرنەچچە قىرىنداش مىللەتلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھېچقانداق ئۆزگە مەدەنىيەت بىلەن بىۋاستە ئۇچراشمىدىم. سەۋەب شۇنداق بولغاچقا ئاخىر مەن سىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغاندەك ئادەممەن. ئەگەر شېئىرلىرىم بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بولسا بۇ مېنىڭ بىۋاستە ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن بولۇشى مۇمكىن. بىراق مەن شېئىر يازغاندا ئۇلارغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىكەنمەن. ئەسەرلىرىم بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ئوتتۇرىسىكى ئېچىۋىلگەن ئىشىكتىن مېنىڭ كىرىپ-چىقىپ يۈرگىنىمنى كۆرگەن بولسىڭىز، ئىنىقكى-سىز بۇنى تۇنجى بايقىغۇچى ياكى بۇ ھەقتە تۇنجى قېتىم ئېغىز ئاچقۇچى. بەلكىم بۇ ئىشىك ئەزەلدىن ئوچۇق بولغىيتى. ئەسەرلىرىمگە كىرگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتى ياقىلىرىنى تۇتۇپ «توۋا!…» دېيىشمىگەندۇ-ھە؟! ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنىڭ قوينىغا كىرگەن شېئىرلىرىم «ئانا!…» دەپ ئەركىلىگىنىچە ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى سىيلاپ كەتكەندۇ ھەقىچان؟!… سىز بۇلارنى كۆرۈپ قاپسىز-دە!

ئۆمەرجان سالام (ياشلىق): سىلىنىڭ شېئىرلىرىدا نېمە ئۈچۈن «ئايال» سۆزى ئالاھىدە كۆپ ئۇچرايدۇ؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئەزەلدىن ئوتنىڭ قارشىسىدا سۇ بولغان، ئاقنىڭ قارشىسىدا قارا بولغان، ھاياتنىڭ قارشىسىدا ئۆلۈم بولغان، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە تەلپۈنۈشلرىنى بىز مەڭگۈ ھېس قىلىپ بولالمايمىز. ئوت سۇنىڭ ئۆزىنى ئۆچۈرۈشىگە تەشنا، ئاق قارىنىڭ ئۆزىنى يوق قىلىۋىتىشىگە تەشنا. ھايات ئۆلۈمنىڭ ئۆزىنى يۇتۇۋىتىشىگە تەشنا. چۈنكى ئوت-ئەسلى سۇدا ئىدى، ئاق-ئەسلى قارىدا ئىدى، ھايات-ئەسلى ئۆلۈمدە ئىدى. ئۇلار قاچان بىر-بىرىدىن جۇدا بولدى؟… شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئوت يالقۇنلاپ كۆيىدىغان بولدى. قارا زۇلمەتكە پېتىپ كائىناتنىڭ پىنھان تىۋىشلىرىنى تىڭشايدىغان بولدى. ھەر بىر ھايات ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ ۋەسلىگە يېتىپ مەڭگۈلۈككە ئېرىشىدىغان سەلتەنەتلىك كۈننى ۋەھىمە ۋە ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىدىغان بولدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ ئالەمنى مۇھەببەت قاپلىدى، سېغىنىش، ئىنتىزارلىق ھەممە يەردە جەۋلان قىلدى. ئايال ئەرنىڭ قارشىسىدا. ئايال-ئەسلى ئەردە ئىدى، ئۇلار بىر-بىرىدىن جۇدا بولدى. (ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن جۇدا بولغانلىق ھېكايىسىنى كۆكيالنىڭ شائىرلىق ۋە ئادىمىيلىك توغرىسىدىكى سۇئالىدا سۆزلەپ بولدۇق) شۇنىڭدىن بېرى يېنىمدىكى ئايالنى يىراقلاردىن ئىزدەيمەن. قۇچاقلاپ تۇرۇپ، سەن قەيەردە؟ دەپ توۋلايمەن. ئايالنىڭ باغرىدا تۇرۇپ جۇدالىق ھەسرىتىدە زارلايمەن. شۇنىڭدىن بىرى ئايال دېگەن سۆز قۇرىماس بۇلاقتەك تىلىمنىڭ ئۇچىدا شىلدىرلاپ تۇرىدۇ. شۇنىڭدىن بىرى ئايال دېگەن سۆز گويا ئۆتكۈر پىچاق بولۇپ يۈرىكىمگە سانچىلغان. شىرىن ئاغرىق ئىچىدە پەرياد قىلسام پىچاقنى تارتىۋەتمىگەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۇر، پىچاقنى تارتىۋەتسە ئۆلەتتىم… ئايال ئەسلى ئەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مۇقەددەس ۋەتەن ئىدى. ئەر ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ئايال دېگەن ۋەتەندە پادىشاھ ئىدى. ئەر ئۇنىڭدىن جۇدا بولدى… شۇنىڭدىن بىرى سۆيگۈ-مۇھەببىتىم ماكانسىزدۇر. شۇنىڭدىن بىرى توۋلايمەن:

بىر ئايال ۋەسلىگە يەتمىگەن كىشى

ۋەتەننىڭ ۋەسلىگە يېتىدۇ قانداق؟!…

ئۆمەرجان سالام (ياشلىق): ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى قەلەمكەشلىرىدە ھازىر كەم بولۇۋاتقىنى نېمە؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: يىراقلارنى قويۇپ گەپنى يېقىندىن، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا چوغلاندىن قىلايلى: سىزنىڭ تېما يوللىغاندىن كېيىن دەرھال كۆڭۈل بۆلىدىغىنىڭىز نېمە؟ باشقىلارنىڭ يازمىڭىز توغرىسىدىكى ئىنكاسلىرىنى كۆرۈش. ئەتىسى تورغا چىقىپ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىڭىز نېمە؟ يەنە ئۆز يازمىڭىزنى ئېچىپ باشىقىلارنىڭ ئىنكاس يازغان-يازمىغانلىقىغا قاراپ بېقىش. بىرسى يازمىڭىزغا ئىنكاس يازغان بولسا، يەنە كېلىپ بۇ ئىنكاس سىزگە خۇشياقىدىغان ماختاش جۈملىلىرى بىلەن تولغان بولسا، شۈبھىسىزكى بۇ ئىنكاسنى يازغان كىشىنىڭ ئىسمى خاتىرىڭىزدە مەھكەم ساقلىنىپ قالىدۇ ۋە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بىرەر يازما يوللىسا سىزمۇ كېلىشتۈرۈپ ئىنكاس يېزىپ ئۇ كىشىگە جاۋاب قايتۇرىسىز. بۇ مۇنبەردىكى ئومۇمىيلىق ئەمەس، لېكىن ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان قىسمەنلىك. ئەدەبىيات ساختىلىقنى كۆتۈرمەيدۇ، گەرچە ئۇ ماتىماتىكىدەك كەسكىن ۋە تەخىرسىز ھالدا ئىتىراز بىلدۈرمىسىمۇ سىزنى ھامان راست ياكى يالغانغا ئايرىيدۇ. سىز( سىز دېگەن سۆز بىر قاراتما، بەلكىم سىز بولماسلىقىڭىز مۇمكىن) گەرچە قاناتلىرى تېخى يېتىلمىگەن كىچىك قۇش بولسىڭىزمۇ، توردىن ئىبارەت كەڭرى سامادا پەرۋاز قىلىش ئۈچۈن سىزگىمۇ يېتەرلىك بوشلۇق بار. بۇ بوشلۇق سىزنى تېخىمۇ ئىگىز ئاسمانلارغا ئېلىپ چىقىشى ياكى شۇ يەردىنلا موللاق ئاتقۇزۇشى مۈمكىن. سىز تورنى ھەرگىزمۇ بىرنەچچە ئادەمنىڭ دوست-تارتىشىپ بىر-بىرىنى ماختايدىغان ياكى رەقىبلەرنىڭ خۇپىيانە ئىسىملار بىلەن بىر-بىرىنى تىللشىدىغان سورۇنى دەپ قارىماڭ. ئەدەبىياتنى ھەرگىزمۇ سۆزمەنلىك قىلىپ شۆھرەت تاپىدىغان ئەڭ ئاسان يول دەپ قارىماڭ. بىلىمەن، ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيىسىز. ئۇنداقتا ئەدەبىياتنىڭ سىزنى ئاقنى ئاق دېيىش ئۈچۈن كۆك، سىرىق، قىزىل، سۆسۈنە، بىنەپشە… قاتارلىق تالاي رەڭلەرنىڭ قاراڭغۇ كوچىلىرىدا ناھايىتى ئۇزاق ماڭدۇرسىمۇ ئاخىرى ئاقنىڭ ئۆزىنىڭ ئاقلىقىدىن ئىبارەت بۈيۈك مەنزىلىگە يەتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ. ئىلگىرى بىز ئەسەرلەرنى قەلەمدە يازاتتۇق. ئەسەر يازىدىغانلار باشقىلارنىڭ تىلىدا «قەلەمكەش» دەپ ئاتىلاتتۇق. «قەلەم» دېگەن سۆز بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇقەددەس ئىدى. ياخشى يازىدىغانلار توغرىسىدا پاراڭ سېلىشساق « مەن ئۇنىڭ قەلىمىگە قايىل» دەيتتۇق. دەرۋەقە، قەلەم بىر مېتال، ئۇ ئەسەر يازغاندا پەقەت كۆڭۈلدە ئويلىغانلىرىمىزنى قەغەز يۈزىگە چىقىرىپ بېرىش رولىغىلا ئىگە. بىراق ئىلگىرىكىلەر قەلەمنى بىر قەلەمكەشنىڭ مەسئۇلىيەت، بۇرچ، ھەتتا ۋىجدانىغا سىمۋول قىلغان. سىز بۇ بايانلىرىمدىن نېمە دېمەكچى بولغانلىرىمنى ئاللىقاچان ھېس قىلىپ بولدىڭىز، شۇنداقتىمۇ مەن يەنە دېمەكچى، ھازىر تور ئەدەبىياتى قەلەمكەشلىرىدە كەم بولۇۋاتقىنى «قەلەم».

ئەنۋەر ھىدايەت: ئاممىباب شېئىرلارغا قانداق قارايسىز؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: سۇئالىڭىزنىڭ ئۆزىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ. ئاممىباب شېئىرلار دېگەنلىك-ئاممىغا باب كېلىدىغان شېئىرلار دېگەنلىكتۇر. بۇ گەپتىن يەنە چىقىپ تۇرىدۇكى-ئاممىباب شېئىرلار بىر ئوقۇپلا چۈشەنگىلى بولىدىغان، ئاددى، يېقىشلىق، مەنتىقىلىك، راۋان تىلدا يېزىلغان شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئاممىباب شېئىرلار جەمئىيىتىمىزدىكى ئەڭ ئالقىشلانغان، ئەڭ كىتابخانلىق شېئىرلاردۇر. سەنئەت نۇقتىسىدىن چۈشەنگەندە، ھەرقانداق ئەسەر ھەم ئىجتىمائى قىممەتكە ھەم بەدىئى قىممەتكە ئىگە. ئاممىباب شېئىرلار مەلۇم بىر دەۋردىكى مەلۇم بىر خىل كىشىلەر توپىنىڭ ئىجتىمائى، ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى چۈشىنىشلىك قىلىپ ئىپادىلەپ بېرىشنى مەقسەت قىلغاچقا، ئۇ تارىخقا يېقىن تۇرىدۇ. ئۇنى ساپ سەنئەت نۇرلىرىغا قارىغاندا تارىخ ۋە ھەقىقەتنىڭ تامغىسى تېخىمۇ بۈيۈكلۈككە كۆتۈرگەن. ئەپسۇسلۇق يېرى شۇكى، كۆپىنچە ئاممىباب شېئىرلار مەلۇم بىر دەۋرگە ۋەكىللىك قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قىلىپ، تېخىمۇ ئۇزاق زامانلارغا يېتىپ بارالمايدۇ.

ئابلەت مۇھەممەت (كۈيزار): شائىر قانداق ئادەم؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد. شائىر-شېئىر يازىدىغان ئادەم دېسەم، جاۋابىمغا قايىل بولمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. بىراق مېنىڭ مەقسىتىممۇ سىزنى قايىل قىلىش ئەمەس. نۇرغۇن كىشىلەر «شېئىر يازىدىغان» دېگەن گەپنىڭ كەينىدىكى «ئادەم»دېگەن سۆزنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ، ئۇلار شائىرنى گويا «ئادەم ئەمەس»تەكلا ھېس قىلسا كېرەك. ئۇلار «ئادەم» دېگەن گەپ شائىرنىڭ سەلتەنەتىگە نۇقسان يەتكۈزىدۇ دەپ قارىسا، ئۇنى ئادەم ئەمەس، باشقا …. نەرسە دەپ باقسۇن، بۇنىمۇ ئاڭلاپ باقىمىز. بىراق مەن ئۇنى ئادەم دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىمەن. باشقىلار ئۇنىڭغا قانچىلىك مۇقەددەس بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى تېڭىشى ۋە ئۇلۇغلاپ كۆككە كۆتۈرۈشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئايال تەرىپىدىن ئەرلىكىدىن ئايرىلىپ ئىنسانلىقنىڭ مەھرۇملىقىدا بىر ئۆمۈر يىغلاپ ئۆتكەن ئەلىشىر نەۋائىنى، ئاپاق خوجا تەرىپىدىن ئاختا قىلىنىپ دەشتمۇ-دەشت ئەرز ئېيتىپ ئۆتكەن شاھ مەشرەپنى، مەن يەنە ئەرەب ئەللىرى بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقدا ياشاش ۋە ياشاش ئۈچۈن سەپەر قىلىۋاتقان ئادىل تۇنىيازنى، مۇھتاجلىق ۋە نامراتلىقتا ياشاپ ئاخىرى جەسىتى ئۈرۈمچى كوچىسىدا بىرنەچچە سائەت يالغۇز قالغان باتۇر روزىنى، مەن بىلەن بىليارت ئويناپ، تاماكا چېكىشكەچ قىزلار توغرىسىدا ھەزىل چاخچاقلارنى قىلىشىدىغان مۇتەللىپ ماڭسۇر بىلەن ئابدۇرېشىت ئېلىنى شائىر دەيمەن. مەن يەنە خوتەنگە كېلىپ خىزمەت، تۇرمۇش ئالدىراشلىقىدا مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە قەشقەرگە قايتار ۋاقتىدا ئاران يىرىم سائەتلا ۋاقىت چىقارغان چىمەنگۈل ئاۋۇتنى، قايسىدۇر بىر مۇرەككەپ مەسىلىنى مۇتائىلە قىلىۋاتقان پەرھات تۇرسۇننى ۋە ئۇنىڭ ئاغزىغا زوقمەنلىك بىلەن قاراپ ئولتۇرغان ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم بىلەن قەيسەر تۇرسۇننى شائىر دەيمەن. مەن ئۇلارنى شائىر دەۋاتقاندا ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە كىتابخانا، خوتەندە كىيىم-كېچەك دۇكىنى ئېچىپ ئىككى شەھەر ئارىلىقىدا يۈگرەپ يۈرگەن ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان، ئىجادىيەتچىلەر يېغىلىشىغا بېرىش ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرىدىن رۇخسەت ئالالماي تىرىكىپ تۇرغان ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك ۋە قورغاس ناھىيە مەركىزى سانائەت سودا بازىرى 24-دۇكاندا خېرىدار كۈتۈپ ئولتۇرغان ئابدۇرەھىم ياسىن قاينامىنىڭ شائىرلىقىنى ھېچقاچان تاشلاپ كېتەلمەيمەن. مەن ئۇلارغا ئەۋلىيالىقنىڭ كۆرۈنمەس تونىنى كىيدۈرۈپ قويۇپ كارامەت كۆرسەت دەپ قىستىغۇچىلارغا نەپرەتلىنىمەن. مەن بۈگۈن ئۇلارغا ياشاش، ئۆزىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن كوچىلاردا ئىككى پۇتى بىلەن مېڭىپ، ئىككى قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، ئىككى قولى بىلەن ئەمگەك قىلىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ شائىر ئىكەنلىكىنى دەپ قويماقچى. خالايىق، ئۇلارغا ئىنسانلىقنىڭ ئارامى جانى بولغان مەستلىكنى، ھەۋەس شەيتىنىنى ئازراق بولسىمۇ بېرىڭلار، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئادەم!…

ئابلەت مۇھەممەت (كۈيزار): شائىرلىقتىن ئۆكۈنگەن چاغلىرىڭىزمۇ بولغانمۇ؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن ھاياتىمدا كۆپ ئىشلاردىن ئۆكۈنگەن، بىراق شائىر بولۇپ قالغانلىقىمدىن ئۆكۈنگەن ئەمەسمەن. فابرىكىدىن ئايرىلىپ ئىشسىز قالغاندا، ئايالىمدىن ئاجرىشىپ ئىللىق ئائىلىدىن مەھرۇم بولغاندا، تىجارەت قىلىمەن دەپ زىيان تارتقاندا، باشقىلار بىلەن مۇشتلىشىپ تاياق يېگەندە… ئۆزۈمنىڭ بۇ دۇنيادا ئەڭ قاملاشتۇرۇپ قىلالايدىغان ۋە قىلالىغان ئىشىمنىڭ شائىرلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدىم. ئەگەر شېئىر يازىدىغان ئادەم بولمىغان بولسام، بەلكىم چۈشكۈنلۈك، ئامالسىزلىق ئىچىدە ئاللىقاچان تۈگىشىپ كېتىشىم مۈمكىن ئىدى. ئۆمرۈمنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ، ئەڭ ئەڭ مۇدھىش كۈنلىرىدە شېئىر روھىمنى بەربادلىقتىن ساقلاپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن.

توختى مامۇت ئىزچى: بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا توپلىمىڭىز چىقىدىكەن دەپ ئاڭلاپ ھېيتلىق ئالىدىغان بالىدەك خۇش بولۇشقان ئىدۇق. نەشرىيات ۋە ژۇرناللارنىڭ شېئىرلىرىڭىزغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن رازىمۇسىز؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: دەرۋەقە، بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا «مەشرەپ چۆلى» نامىدا بىر شېئىرلار توپلىمىم چىقماقچى بولغان، ئىككى يىل بۇرۇن ئۇ توپلىمىم بارلىق رەسمىيەتلەرنى تۈگىتىپ 5100 تىراژدا بېسىلىدىغان بولۇپ، ماڭا دەسلەپكى بىر نۇسخىسى كۆرۈپ بېقىشقا ئەۋەتىلگەن. سەۋەب نامەلۇم، كېيىن ئۇ توپلىمىم تارقىتىلمايدىغان بوپتۇ. بۇلتۇر خەلق نەشرىياتىدىكىلەر بىر توپلام بېرىشنى ئېيتتى(بۇ نەشرىياتتىكىلەرنىڭ ماڭا تۇنجى قېتىم توپلام دېيىشى، ئىلگىركى توپلامنى باشقىلار مەبلەغ سېلىپ چىقارماقچى بولغان) شۇنىڭ بىلەن چاقماق تېزلىكىدە بىر توپلام تەييارلىدىم-دە، ئۇنىڭغا «مەست مۇقام» دەپ ئات قويۇپ نەشرىياتقا يوللىدىم. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ يىل يىل ئاخىرىدا نەشر قىلىنىدىغاندەك. نەشرىياتنىڭ شېئىرلىرىمغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئەنە شۇنداق. ھەر ھالدا يامان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ. مېنى ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر «غوجىمۇھەممەد» دەپ بىلگەندىن بېرى ژۇرناللارنىڭ شېئىرلىرىمغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلدى. دەسلەپتە «كروران»، «ئىلى دەرياسى» ژۇرناللىرى مېنى كۆتۈردى، كېيىن باشقىلار ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان شېئىرلىرىمنى «تەڭرىتاغ» ۋە «تۇرپان» ژۇرنىلى باستى، ھازىر «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ۋە «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرناللىرى مېنى قوللاۋاتىدۇ. شېئىرلىرىمنى ئەڭ كۆپ باسقان ژۇرنال «يېڭى قاشتېشى»… سىزگە بىر مەخپىيەتلىكنى دەپ بېرەي، ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەن ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشر قىلىنىدىغان ھەممە ژۇرناللاردا شېئىر ئېلان قىلىپ باقماقچى بولغان، چۈنكى مېنىڭ نەزەرىمىدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرقانداق بىر مەتبۇئات ئىنتايىن مۇھىم ئىدى… شۇ چاغلاردا نەشر قىلىنىدىغان « قىزىل بايراق» ۋە «يىرىم ئايلىق سۆھبەت» ژۇرنىلىدىن باشقا ھەممە ژۇرناللاردا شېئىر ئېلان قىلغان ئىدىم. مەن شېئىر ئېلان قىلمىغان ھەتتا « شىنجاڭ تەنتەربىيىسى»، «شىنجاڭ پوچتا-تېلېگىرافى»، «يېزا پەن-تېخنىكىسى» قاتارلىق ژۇرناللارمۇ چالا قالمىغان. گەرچە ئۇ شېئىرلارنى ھازىر ياراتمىساممۇ، ئۆزۈم يازغاچقا شېئىرلىرىم ئېلان قىلىنغان شۇ ژۇرناللارنى ساقلاپ قويدۇم.

تۇراپجان تۆمۈر(ئاتقۇچى): تۇغۇلغان يۇرتىڭىز بولغان گۇمىغا ئالاھىدە ھۆرمىتىم بار. كېيىنكى ئىجادىيەت يۈكسىلىشىڭىزدە گۇمىدىكى بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك قەلەمكەشلەرنىڭ ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە تەسىرى بارمۇ؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: تۇغۇلغان يۇرتۇم گۇما توغرىلىق سۆزلىسەم تىلىم يايرايدۇ، چۈنكى جاھاندىكى ھەممە ئادەمگە ئوخشاش مېنىڭمۇ تۇغۇلغان يۇرتۇمغا ئالاھىدە مېھرىم بار. چۈنكى يۇرتۇمدا ئۆزىگە مېھرىمنى كۈنسېرى چوڭقۇرلىتىپ تۇرىدىغان پەرىشتىدەك ئانام، تاغدەك ئاكام، ئايدەك ئاچام، يۇلتۇزدەك سىڭلىم ۋە بىر-بىرىدىن شەپقەتلىك ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك، ئابلەت ئەخمەت چۆلتىكىن، ئابلىكىم ئابلىمىت تاغتىكىن، مۇھەممەت كامال خۇشخۇي، ئابلىكىم تالىپ، ئابدۇقادىر سادىر، ئابدۇلئەھەت داۋۇت تۈركزاد، توخسۇن ھۈسىيىن ئەلقۇت، ئابدۇرېشىت ئەمەت سەھرا، ئابلەت ئابلىكىم توغراق، ئابلىكىم مۇساق مىركالان، ئىدىرىس رۇسۇل تەمكىن، غوجىمۇھەممەد قابىز… قاتارلىق قەلەمكەش دوست-بۇرادەرلىرىم بار. گۇما ھەرقانداق قەلەمكەشنىڭ مىسالى ئۆز يۇرتىدۇر. شىنجاڭنىڭ ھەرقانداق يېرىدىن داڭلىق ياكى داڭسىز بولۇشىدىن قەتئى نەزەر قەلەمكەش كەلسە گۇمىغا چۈشۈپلا ئەخمەتجان تۇرۇپنى ئىزدىسۇن، ئۇ دەرھال گۇمىدىكى يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان بۇرادەرلەرگە تېلېفۇن ئۇرىدۇ. ئۇ بۇرادەرلەر مەيلى ھۆكۈمەتنىڭ مەيلى ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىشى بولۇشىدىن قەتئى نەزەر بېرەر رېستۇران ياكى ئارامگاھقا يىغىلىدۇ-دە، مېھماننىڭ ھۆرمىتىگە سورۇن راسلايدۇ. مېھمان گۇمىدا بېجىرىدىغان ئىشلىرىدىن ئەسلا غەم يېمىسۇن. ئۇ تەشۋىشىنى ئىيتسىلا بولدى، ئۇ سورۇندىن قوپۇپ بولغىچە ھاجىتى راۋا… ئەقلىمگە كېلىپ، شېئىر يېزىپ يۈرگەندە خوتەندە ئىدىم. كىيىن يەنە ئون ئىككى يىل خوتەندە ياشىدىم. بۇ جەرياندا ھەرقىتىم گۇمىغا چىقسام مەنمۇ ھېلى تىلغا ئېلىنغان داڭلىق ياكى داڭسىز مېھماندەك مېھمانلىقنىڭ پەيزىنى سۈردۈم. ھالا ئون ئىككى يىلدىن كېيىن تەقدىر مەندىن خوتەننى تارتىۋالدى. خوتەن قولدىن كەتتى… ئەمدى قايان بارىمەن؟!… ئاخىر ساياق بېشىمنى ئېلىپ سەرگەردانلىق كوچىسىغا كىردىم. قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، ئۈرۈمچىلەرنىڭ كوچىلىرىدا ئاياغ ئىزلىرىم قالدى، ئۆزۈم قالالمىدىم. ئېھ سەرگەردان، مالامەتتە قالغان غىرىب بېشىڭنى قەيەردە قويارسەن ئەمدى؟!… ئەجىبا، گۇمىغا بېرىش نېمىشقا ئېسىمگە كەلمىگەندۇ؟ ئويلىماپتىمەن، ئانام جان جەھلى بىلەن مېنى سېغىنىپتۇ ۋە ئاشۇ سېغىنىشلىرى بىلەن مەن ئۈچۈن قوشتاغنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. شائىر بۇرادەرلىرىم چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلەن ماڭا گۇمىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. قوشتاغقا كەلدىم، ئانام: «ئال ئوغلۇم، قوشتاغنى قولۇڭغا ئال» دېدى. گۇمىغا كەلدىم، شائىر بۇرادەرلىرىم: « ئال دوستۇم، گۇما سېنىڭ»دېدى. ھىچ ئويلىمىغان ئىكەنمەن، گۇما مەندىن ھېچكىم تارتىۋالالمايدىغان يەر ئىكەن ئەمەسمۇ؟!… گۇما مېنىڭ يۇرتۇم. مەيلى قەيەردە بولاي، گۇما قولدىن كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ئېھتىرام بىلەن مەن ئۇچۈن گۇمىنى ساقلايدىغان شائىر بۇرادەرلىرىم بار… كېيىن گۇمىدا توپتوغرا بەش يىل تۇرۇپ قالدىم. بۇ جەرياندا ئاشۇ بۇرادەرلەر، بولۇپمۇ ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك، ئابلەت ئەخمەت چۆلتېكىن، ئابلىكىم ئابلىمىت تاغتېكىن قاتارلىق جانجىگەرلەر بىر تاۋاقنى يالاپ، بىر تامبالنى يىرتىپ ئۆتتۈق. تۆتەيلەن سانسىز كېچىلەردىن چىققاندا قۇياش بىزدىن رۇخسەت ئالاتتى. ئىچ-باغرىمىزنى يېرىپ داستىخانغا تاشلايتتۇق-دە، ئاچكۆزلەرچە يېيىشكە باشلايتتۇق. بىز بىر-بىرىمىزنى بىر-بىرىمىزگە قوشۇۋەتتۇق. بىز بىر-بىرىمىزگە ئەنە شۇنداق قانمايتتۇق… ئۇلار مەندىن شېئىر يېزىشنى، يەنە يېزىشنى تەلەپ قىلىشتى. ماڭا توختىماي ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشتى. قوشتاغدا ياخشى يازالمىدىم دەپ ئاتايىن گۇمىغا كېلىپ ساق بىر قىش مۇھەممەت كامال خۇشخۇي ۋە ئابلەت ئابلىكىم توغراقلارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ شېئىر يازدىم. كۈنلەر ئۆتتى، ئايلار ئۆتتى… 2008-يىلى خوتەننى قايتا قولۇمغا ئالدىم. گۇمىدىكى دوستلىرىمغا يەنە مېھمانمەن. شۇنىڭغا قەتئى ئىشىنىمەنكى، ئۇلار چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلەن گۇمىنى ماڭا ساقلاپ تۇرىدۇ…

تۇراپجان تۆمۈر: تۇيغۇنى ھەشەمەتلىك ۋە چۈشىنىكسىز سۆز دۆۋىسى ئارقىلىق ئىپادە قىلىدىغانلارغا قارىغاندا، ئانا تىلىمىزدىكى ساپ سۆزلەر بىلەن سەنئەتلىك ئىپادە قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىسىز… مۇشۇ نۇقتىدىمۇ ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ قانداق؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: كىمدۇ بىرىگە ئىيتقىنىمدەك شېئىر يېزىۋاتقىنىمدا ھېچقانداق نەرسىنى ئويلىمايتتىم. راستىمنى ئېيتسام، ئۆزۈم يازغان شېئىرنى ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ شەرھىلەشنىمۇ ياقتۇرۇپ كەتمەيتتىم. بىراق ئۆمرۈمدىكى ئەڭ كۆپ سۆزلەپ يۈرگەن بۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى دېمىگەن گېپىم ئاز قالغاندەك قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ سۆزلىسەم سۆزلەي. مەن شېئىر يېزىۋاتقاندا سۆز تاللاپ ئولتۇرمايمەن. شېئىر دېگەنگە كېلىدىغان سۆزلەر ئۆزى كېلىدۇ. كەلمەيدىغان سۆز بولسا يەتتە پاتمان چاقىرسىڭىزمۇ كەلمەيدۇ. سۆزلەرنىڭ قەلەندىرى بولۇپ ئىشىك چېكىپ يۈرگۈچە يازماسمىنا ئاشۇ شېئىرنى… ئەمدى ئويلاپ باقسام، ئانا تىلىمىزدىكى ساپ سۆزلەر بىلەن سەنئەتلىك ئىپادىلەپ بېرەلىگىنىمگە قارىغاندا شېئىر يېزىۋاتقىنىمدا سۆزلەرنىڭ رېتىمىغا ئۇسۇل ئوينىمايدىكەنمەن، ئەكسىچە سۆزلەرنى تۇيغۇمنىڭ رېتىمىغا كەلتۈرۈپ ئوينىتىدىكەنمەن. لۇغەتكە قاراپ ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئۆلچەملىك شاھانە كۈيلىرىنى ئاڭلاشتىن كۆرە، سۆزلەرنى ئۆزۈم خالىغان كۈيگە ئۆزۈم چالىدىكەنمەن. سۆزلەرنىڭ مېنى تۆت تەرەپتىن قىستاپ كېلىشىگە، بۇرنۇمنى نوقۇشىغا، كىيىملىرىنى يىرتىشىغا، ئاياغ-ئاستى قىلىشىغا ھەرگىزمۇ تەخىر قىلىپ تۇرالمايدىكەنمەن. سۆزلەر ماڭا ئاشىقكەن، ئىشىكىم ئالدىدا ۋىسالىمغا زار بولۇپ تەلمۈرۈپ تۇرۇشۇپتۇ.

ئۆمەرجان تۇرسۇن: شېئىرنىڭ گۈزەللىكى نېمىدە ئىپادىلىنىدۇ؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: سەت ئايال يوق. ئايال دېمەك-گۈزەللىك دېمەكتۇر. ئايال-يالىڭاچ بولغاندا ئاندىن ئايال. ئايالنىڭ ماھىيىتى-يالىڭاچلىق. كۆرۈمسىز ئايال ئۇپا-ئەڭلىك ئارقىلىق گۈزەللىكىنى ئىپادە قىلىدۇ، ئىپپەتلىك ئايال ئەخلاق-ھاياسى بىلەن گۈزەللىكىنى ئىپادە قىلىدۇ. ئۇ گۈزەللىكىنى ئىپادە قىلىدىغان ئاشۇ نەرسىلەرنى سېلىۋەتكەندە، ئاھ خۇدا، ئۇ تىخىمۇ يالىڭاچ، تىخىمۇ گۈزەل… مەن ئەسلى شېئىرنىڭ گۈزەللىكى نىمىدە ئىپادىلىنىدۇ؟ دېگەن تېمىدا سۆزلىمەكچى ئىدىم. شۇنداق، شۇ تېمىدا سۆزلىمەكچى ئىدىم. قارىغاندا بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنىڭ ئاياللار بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئوخشايدۇ. ئۇنداق بولمىسا ھىچبىر سەۋەبسىزلا ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ يالىڭاچىلىقى ھەققىدە ۋاتىلداپ كېتەتتىممۇ؟ شېئىر يېزىپ يۈرگەن دەسلەپكى مەزگىللىرىمدە ئارۇز ۋە بارماق ۋەزىننىڭ ھەممە تۈرلىرىگە چېپىلىپ باققان ئىدىم. بارماق ۋەزىننىڭ بوغۇم، قاپىيە، رېتىملىرى ۋە قىلىپتا قۇيغاندەك تۆت چاسا كۇبلېتلىرى ماڭا ئىنتايىن مۇكەممەل ۋە نەپىس بىلىنەتتى. ئىشلەتكەن ئۆلچەملىك تىللار مەزمۇندىكى تېيىزلىقلارنى يېپىپ تۇراتتى. ئارۇزنىڭ سەلتەنىتىگە باش ئۇرغان چاغلىرىمدا بەھىر، رەمەل، قاپىيە، رادىف… لارنىڭ مەپتۇنلۇقىدا ئىدىم، ماڭا نە ناخشا، نە ساز تېتىماس ئىدى. ئارۇزدىكى ھەددىدىن تاشقىرى مۇستەھكەم شەكىل ۋە يىمىرىلمەس ئۆلچەم مېنى ئۆزىنىڭ سېھىرلىك قەسرىگە بەند قىلىۋالغان ئىدى. بىراق تاسادىپىي بۇ ئىككى ۋەزىننىڭ بەس-بەس بىلەن كۆتۈرگەن غەليانلىرى، نالە-پىغانلىرى، ئەسەبىي قۇتراشلىرىنى كۆرۈپ قالدىم. ئەسەبىي روھلار، ئەشەددىي نۇرلار، غايەت قاراڭغۇلۇق، مىسلىسىز چۇقانلار قەسىرنىڭ تاملىرىغا سوقۇلاتتى… ئاھ!… شېئىر ئۆزىگە پاتمايتتى… ھەرپلەر سۆزلەرگە، سۆزلەر مىسرالارغا، مىسرالار كۇبلېتلارغا زەرپ بىلەن ئۆزىنى ئۇراتتى. گۈمبۈرلەپ ئۆرۈلۈشلەر، تاراڭلاپ چېقىلىشلار، ۋەرت-ۋەرت يىرتىلىشلارنى سېزەتتىم. ئاچچىق ئىنجىقلاشلار، قايغۇلۇق ۋارقىراشلارنى ئاڭلايتتىم. سىقىلىش، ئازابلارغا چىدىيالماي ئۇ قەسىردىن بۇ قەسىرگە يۈگرەيتتىم…. كۈنلەرنىڭ بىرىدە شاھ مەشرەپنىڭ شېئىرلىرى بىلەن ئۇچراشتىم. ۋاي ئاللاھ!… كۆردۈمكى، يېرىلىپ تۇراتتى، يېرىقلاردىن ئاسمانلار ساڭگىلاپ تۇراتتى. سۆكۈلۈپ تۇراتتى، يوچۇقلاردىن دەشتى-باياۋانلار يۈگرەپ چىقاتتى…. شۇندىن بىرى شېئىرلىرىم ماڭا باقمىدى، قەسىرلەردىن ئۆزىنى قاچۇردى. كىچىككىنە بىخەستە بولسام كىيىملىرىنى يىرتىۋېتىشكە، ھەتتا يالىڭاچ بولۇپ كوچىلارغا يۈگرەشكە باشلىدى. مەن ئۇلارنى قەسىرگە ھەيدەش، كىيىم كىيدۈرۈش بىلەن ئاۋارە ئىدىم. قورقاتتىم، شېئىرلىرىم قەسىردە جىم ئولتۇرۇپ مېنىڭ پەرمانىم بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك ئىدى، ئۇلار قەسىر ئىچىدە ئىنتايىن بىخەتەر بولاتتى. شېئىرلىرىم قاپىيە، ۋەزىن، تىل… قاتارلىق كىيىملەر بىلەن ئەدەبلىك، نازاكەتلىك كۆرۈنەتتى. بىراق… كېچىككەن ئىدىم. ئەمدى ئۇلار مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمايتتى. مېنىڭچە، شېئىر يالىڭاچ بولغاندا ئاندىن شېئىردەك بولاتتى. بىراق، يالىڭاچلىق قورقۇنچلۇق گۈزەللىك، بۇ يالىڭاچلىقنىڭ چېكى يوق ئىدى. شېئىردىكى بۇ يالىڭاچلىق بارلىق يالىڭاچلىقنىڭ چېكىنى بۇزۇپ تاشلايتتى. شېئىردىكى بۇ گۈزەللىك بارلىق گۈزەللىكنىڭ، ھەتتا ئۆلۈمنىڭ بىپايان ۋە سىرلىق گۈزەللىكىنىڭ چېكىنىمۇ بۇزۇپ تاشلايتتى. بۇ چەكسىزلىكتە ئىنسانلار نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن قۇرۇپ چىققان بارلىق مۇقەددەسلىكلەر، بۈيۈكلۈكلەر، سەلتەنەتلەر؛ ئېرىشكەن نەتىجىلەر، شان-شەرەپلەر؛ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەت، يىمىرىلىش، گۇمران بولۇشلار؛ بارلىق ھەقىقەتلەر ۋە خاتالىقلار بىر دۆۋە سوغۇق كۈلگە ئايلانغان… بۇ بەجايىكى قىيامەتنىڭ ئۆزى ئىدى. شۇ دەقىقىدە دانىشمەن ئەجدادلارغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمدىم. ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ داۋاملىق مەۋجۇد بولۇشى ئۈچۈن ئاياللارنى كىيىمدىن چىقارمىغان ۋە شېئىرىي تۇيغۇلىرىنى قەسىرلەرگە باشلاپ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى پاساھەتلىك تىل، ئاھاڭدار رېتىم، قاپىيەلەر… بىلەن ئىپادە قىلغانىكەن.

ئۆمەرجان تۇرسۇن: ئىجادىيەت مۇساپىڭىزدە ئەڭ ئۆكۈنگەن ئىش قايسى؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: بۇ ھەقتە سورىغانلارغا 2003-يىلى ئۈرۈمچىگە 12-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» يىغىنىغا قاتناشقىلى چىقىپ، تۆت دانە خاتىرەمنى يوقىتىپ قويغىنىمنى ھازىرغىچە بولغان ئىجادىيەت مۇساپەمدىكى ئەڭ ئۆكۈنۈشلۈك ئىش دەپ قارايمەن. بۇ خاتىرىلەرگە 2000-يىلى 1-ئايدىن 2003-يىلى 8-ئايغىچە يازغان بارلىق شېئىرلىرىم قاچىلانغان ئىدى. بۇ مېنىڭ ئىجادىيەتكە تازا قىزغىنلىق بىلەن كىرىشكەن، رېئاللىقتا نە بىر خىزمەت، نە بىر ئائىلە، نە بىر ياشاش نىشانىم يوق، شېئىردىن باشقا ھېچنەرسەم قالمىغان چاغلىرىم ئىدى. شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىم ھازىرمۇ ئېسىمدە، مەن ئەمدى شېئىر يازمايمەن، دەپ ئويلىغان…

قاسىمجان ئوسمان (غازى): ھۆرمەتلىك دوستۇم، سىز بىلەن ھەم سىز ئىسمىنى ئاتاپ ئۆتكەن ۋۇجۇد ئىگىلىرى بىلەن دەۋرداش بولۇپ يۈرۈۋاتقانلىقىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن. مەن بۇ يىل خوتەنگە بارغاندا ئابدۇرېشىت ئېلىنىڭ ئۆيىدىن گىيۇتى يازغان «فائۇسىت» ناملىق شېئىرى ئوپىرانىڭ 1-قىسمىنى ئېلىپ چىقىپ ئوقۇپ شېئىرنى ئىلگىرىكىلەر يېزىپ بوپتىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. نۆۋىتىدە بىر سۇئال سوراي، سىز مەتبۇئاتلاردا، تور مۇنبەرلىرىدە كۆرگەن تەرجىمە شېئىرلارنى ئوقۇپ شېئىرنى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن دەپ باققانمۇ؟ دېمەكچى، تۇيغۇ ئالىمىڭىزدە سۆزلەرنى ئويناۋاتقىنىڭىزدا نىمىگە شۇنچە ھەيرانلىق پوزىتسىيىسىدە بولىسىز؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ھەرقانداق سۇئالغا قىلچە يالغاننى قاتماي، مۇبالىغە قىلماي راستچىللىق بىلەن جاۋاب بېرىشنىڭ بىرلا ئامالى بار. ئۇ بولسىمۇ جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئويلانماسلىق، سۇئال سورالغان شۇ دەقىقىدە كاللىغا كەلگەن ئىنكاسنى ئۇدۇل ئېيتىش، بۇ كۆڭۈلدىكى سۆزدۇر. مەنمۇ مۇشۇ ئەسنادا كۆڭلۈمدىن كەچكەن سۆزلەرنى ئۇدۇللا ئېيتاي. مەن ئېيتماقچى بولغان بۇ سۆزلەر بەلكىم سىزنى قايىل قىلالماس، چۈنكى ئۇ سۆزلەر سىزنىڭ كۆڭلىڭىز كۈتكەن سۆزلەر ئەمەستۇر. بىراق ئىشىنىمەنكى، سىزمۇ مەندىن كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى ئېيتىپ مېنى قايىل قىلىڭ دەپ ئەمەس، بەلكى كۆڭلىكىڭىزدىكى سۆزلەرنى ئېيتىڭ دەپ مەندىن بۇ سۇئالنى سورىدىڭىز. مەن مەتبۇئاتلاردا، تور مۇنبەرلىرىدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان شېئىرلارنى ئاساسەن دېگۈدەك تولۇق ئوقۇپ ماڭدىم. ئىنكار قىلمايمەنكى، ئىجادىيىتىمنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىدا ئوقۇغان چەتئەلنىڭ نادىر تەرجىمە شېئىرلىرى شۇ مەزگىلدىكى شېئىر ئىجادىيىتىمنىڭ مەيلى قۇرۇلما، مەيلى ئىپادىلەش جەھەتلىرىدە بولمىسۇن ئاز-تولا ئىپادىسىنى تاپتى. بىراق مەن ھېچقاچان «ئۇيغۇر قىزى لىرىكىسى» دېگەن شېئىرلار توپلىمىنى تۇنجى كۆرگەن چېغىمدىكى «شېئىرنى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن»دېگەن سۆزنى ئىككىنچى تەكرارلاپ باقمىدىم. كېيىنكى كۈنلەردە ئەرەپچىدىن تەرجىمە قىلىنىپ «سۇمرغ»، «ئەنقا» تورلىرىدا ئېلان قىلغان ئەرەپ شائىرلىرىدىن ئەدۇنىس، ئۇنسى ئەلھاج قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى كۆرۈپ قاتتىق ھەۋەس بىلەن «مۇنداق يېزىپ باقايمۇ-يا؟»دېگەن خىياللاردا بولدۇم. سىز ئېيتقان گىيۇتىنىڭ «فائۇسىت» دېگەن ئوپىراسىنى تېخى ئوقۇپ باقمىدىم، ئۇنى ئوقۇپ سىزنىڭ «شېئىرنى ئىلگىرىكىلەر يېزىپ بوپتىكەن» دېگەن قاراشقا كەلگىنىڭىزنى ئاڭلاپ، مەندە دەرھال ئۇ كىتابنى ئوقۇش ئىستىكى قوزغالدى. بەلكىم شۇ چاغدا مەندە يەنە بىر قېتىم «شېئىرنى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن»دېگەن ئوي تۇغۇلار، بەلكىم ئۇنداق بولماس… لېكىن مەن شېئىر دېگەن قانداق بولسا شۇنداق بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئۇنداق يازسىمۇ بولىدۇ، مۇنداق يازسىمۇ بولىدۇ، دەيدىغانلارنىڭ تەرەپدارى. تۇيغۇ ئالىمىڭىزدە سۆزلەرنى ئويناۋاتقىنىڭىزدا نېمىگە شۇنچە ھەيرانلىق پوزىتسىيىسىدە بولىسىز؟ دېگەن سۇئالىڭىز ئېسىمگە كەلدى. ئويناش-شادىمانلىق ئىچىدە بولىدۇ. بالىلارچە تەنتەكلىك، بىغۇبارلىق ۋە تەسۋىرلىگۈسىز قىزغىنلىق ئىچىدە ئويناش داۋاملىشىۋاتقاندا سىزدە مەستلىك ھەم ھاياجاندىن باشقا نېمە بار؟ مەست بولۇش-ئىدراكتىن خالاس بولۇش دېگەنلىكقۇ؟!… سۆزلەردىكى مەنىنى، پاساھەتنى، قۇدرەتنى يوق قىلىۋېتەلمىسىڭىز، ئۇلار سىزنى ئىدراكقا، تەپەككۇرغا، مەپتۇنلۇققا سۆرەيدۇ. ئۇ چاغدا سۆزلەر سىزنى ئوينايدۇ. دېمەكچىمەنكى، ئويناۋاتقان چېغىمدا شادىمانمەن، مەستمەن، بىھۇشمەن، سۆزلەر ماڭا ھەيران…

مۇھەممەد توختى(جالالىدىن): شېئىرىي شەكىل بىلەن مەزمۇننىڭ مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايسىز؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: شەكىل بىلەن مەزمۇن بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، خۇددى تەن بىلەن جاندەك. ھەرقانداق شەكىل مەزمۇنغا ئىگە، ھەرقانداق مەزمۇننىڭ شەكلى بار. جان تەندىن ھامان چىقىپ كېتىدۇ، بۇ بەئەينى شەكىلنىڭ مەزمۇندىن ئايرىلغىنىدۇر، بۇ-ئۆلۈشتۇر. بىراق گەپ شېئىر ئۈستىدە بولۇۋاتىدۇ، بىز بۇ يەردە تۇتىمنىڭ «شېئىرنىڭ گۈزەللىكى نېمىدە ئىپادىلىنىدۇ؟» دېگەن سۇئالىغا بەرگەن جاۋابنى تەكرارلاپ ئولتۇرمايمىز. بىز يەنە مەزمۇننىڭ شەكىلدىن چىقىپ شەكىلسىزلەشكەندىن ۋە شەكىلنىڭ مەزمۇندىن چىقىپ مەزمۇنسىزلاشقاندىن كېيىنكى «ئۆلۈم»ىنى شېئىرنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى دېگەن گەپتە چىڭ تۇرىمىز. «ئۆلۈم»دىن ئىبارەت بۇ پايانسىز يوقلۇقتا شېئىر ئەركىن قانات قاقىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ روھىمىز ئاشۇ يوقلۇققا تەۋە. بىز شېئىرلىرىمىز ئارقىلىق بارلىقنىڭ مەنزىلى يوقلۇق ئىكەنلىكىنى، بارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىشارەتلەيمىز. يەنىمۇ ئىنىقراق چۈشەنچە كېرەك بولغاندا تۇتىمنىڭ سۇئالىغا بېرىلگەن جاۋابلار بۇ يەرگە كۆچۈرۈلسۇن.

مۇھەممەد توختى( جالالىدىن): سىز مۇكەممەل بولماسلىق شېئىرنىڭ خاسلىقى دەپ قارامسىز؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئىنسانلار تەبىئەتنىڭ مۇكەممەللىكىگە ئەبەدىي مەپتۇن. سۆز ئويۇنىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىنساننىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى، مۇكەممەللىك ئىزدەپ مەنىۋىيەت چۆللىرىدە بىر ئۆمۈر سەرگەردان بولۇپ يۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىمىز. ئەگەر ئادەم تاسادىپىي تۇغۇلۇپ، تۇيۇقسىز ئۆلسە بۇ شېئىرنىڭ تۇيۇقسىز باشلىنىپ، تاسادىپىي ئاخىرلىشىدىغانلىقى، بۇ ھەم ئىنساننىڭ ئىككى ئۇچىنىڭ يوقلۇققا چىلىشىپ تۇرىدىغانلىقى… سىز دەۋاتقان مۇكەممەل بولماسلىقنىڭ شېئىرنىڭ شەكلىدىكى چۇۋالچاقلىق، مەزمۇنىدىكى مەنتىقىسىزلىك، رېتىمىدىكى تۇراقسىزلىق ئىكەنلىكى ماڭا ئايان. سىز دەۋاتقان ئۇ مۇكەممەل ئەمەس شېئىرلاردا پىرامىدالاردەك مەزمۇتلۇق ۋە ھەيۋەتلىك تۈس يوق، دەريالاردەك قىرغاق ۋە مۇقىم مەنزىل يوق. ئۇ شېئىرلار گويا باشلانمىغاندەك، ئاخىرلاشمىغاندەك…

ئابدۇرېشىت مۇھەممەتئېمىن: «شائىر تىلنىڭ ئادەتلىرىگە جەڭ ئېلان قىلغۇچى»دېگەنىدى بىر ئۇستاز. مەن بۇ سۆزنى قوللايمەن. شائىر ھەقىقەتەنمۇ بىز ئادەتلەنگەن تىل فورمىسىنى توختىماي بۇزۇپ تۇرغۇچىدۇر. بولمىسا ئۇزاق تارىختىن ئاۋاللا كېيىنكىلەرگە گەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىغان بولاتتى. دېمەك، شائىر قېلىپتىن چىقىپ قەلبكە يىقىنلاشقۇچى ئىكەن. ئىلگىرى «چاھار ماقالە» دېگەن كىتابنى كۆرگەن چېغىمدا مۇنداق مەزمۇندىكى بايانلارنى ئۇچراتقان ئىدىم: «شائىر بولماقچى بولغان كىشى ئۆزى بىلەن دەۋرداش ياكى ئىلگىرىكى دااڭلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن 20 مىڭ مىسرانى يادا بىلىشى كېرەك»… بۇ گەپ مېنى بەك چۆچۈتكەنىدى. چۈنكى شائىرلىققا ھەۋەس قىلساممۇ شېئىر يادلىمايتتىم. ئۆزۈم ياقتۇرغان شېئىرلارنى قايتا-قايتا ئوقۇيتتىم، ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا ئوخشىمىغان لەززەتنى ھېس قىلاتتىم. گەپكە قايتىپ كەلسەم، شائىر بولماقچى بولغان كىشى باشقىلارنىڭ 20 مىڭ مىسرا شېئىرىنى يادلىسا، ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتى تەقلىدچىلىككە پېتىپ قالامدۇ قانداق؟ سىزمۇ باشقىلارنىڭ شېئىرىنى يادلاپ باققانمۇ؟ ماڭا ۋە مەندەك ھەۋەسكارلارغا بۇ ھەقتە نېمىنى تەۋسىيە قىلىسىز؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: بۇ سۇئالىڭىز ۋە سۇئالغا مۇقەددىمە بولغان شېئىر ۋە شائىرلىق ھەققىدىكى شەرھلىرىڭىز سىزنىڭ بۇ ھەقتە خېلى چوڭقۇر ئويلانغانلىقىڭىزنى بىشارەتلەپتۇ، شۇنداقلا بۇ بىشارەتلەردىن ئۆزىڭىزگە ئايان بولغان ۋە توغرا دەپ قارىغان قاراشلىرىڭىزنى مەن ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرماقچى بولغانلىقىڭىزنى چۈشەندىم. دەرۋەقە، شائىر تىلنىڭ ئادەتلىرىگە جەڭ ئېلان قىلغۇچىدۇر. شائىر تىلنىڭ مەنە مۈمكىنچىلىكلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇر. شائىرنىڭ پائالىيەت مەيدانى تىل ياكى مەنە بولماستىن بەلكى تىل ۋە مەنە ئارىسىدىكى بوشلۇقتۇر. شائىر بۇ بوشلۇقتا تىلنى ئەزەلدىن بىر ياكى بىر نەچچىلا مەنىنى ئىپادىلەش بەخشەندىلىكىدىن ئازاد قىلىپ، چەكسىز مەنە مۈمكىنچىلىكىگە ئىرىشتۇرىدۇ. مەنىنى تىلنىڭ مۇستەھكەم ۋە يىمرىلمەس قورشاۋىدىن ئازاد قىلىپ، مەنىنىڭ ئاداققى مەنزىلى مەنىسىزلىك پايانىغا باشلايدۇ. مەن سىز ئىيتقان «چاھار ماقالە» دېگەن كىتابنى كۆرۈپ باقمىغان، بىراق «چاھار» دېگەن سۆز ئارقىلىق بۇ كىتابنىڭ كىلاسسىكلىرىمىزغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ھەر بىر ياخشى كىتاب ھەر بىر ھاياتلىق ۋە ئىجادىيەت باسقۇچلىرىمىزدا بىزگە مۇئەييەن تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بىز ھاياتىمىزدا نۇرغۇن كىتابلار بىلەن ئۇچرىشىمىز، بىز ئۇچراشقان ئۇ كىتابلار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ھەتتا بەزىلىرى بىر-بىرىنى رەت قىلىدۇ، بىراق بىز قەلبىمىزنىڭ بەرباد بولۇشىدىن قورقۇپ كىتاب ئوقۇشنى قەتئىي توختىتىپ قويالمايمىز، بىزنىڭ بەرباد بولۇش خەۋپى ئىچىدە تۇرغان ئاشۇ قەلبىمىز، تەۋەككۈلچىلىككە تولغان خارەكتىرىمىز ۋە مەڭگۈ ئاچ مەنىۋىيىتىمىز بىزنىڭ تىنىمسىز كىتاب ئوقۇش ئادىتىمىزنى بەلگىلىگەن. كىتابلارغا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىرى قاچىلانغان. كىتابلار ئۈزلۈكسىز نەشر قىلىنىپ تۇرىدۇ، كىتابلارغا قاچىلانغان بىلىملەرمۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ھاياتىمىز ۋە ئىجادىيىتىمىزنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا ئوقۇغان كىتابلار پەقەت ھاياتىمىز ۋە ئىجادىيىتىمىزنىڭ شۇ باسقۇچىغىلا تەۋە. «20 مىڭ مىسرا شېئىر» يادلاش بەلكىم ئەينى زاماندىكى شائىرلارنىڭ شېئرىي تاكامۇللۇققا يېتىشتىكى بېسىپ ئۆتكەن يولى بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم ھەددىدىن تاشقىرى شەكىل مۇكەممەللىكىنى تەلەپ قىلىدىغان ئارۇز ۋەزىن ئۈچۈن بۇنىڭ ئاز بولمىغان پايدىلىق تەرەپلىرى باردۇر. بىز كلاسسىكلارنىڭ تەشەببۇسلىرىنى رەت قىلمايمىز، بىراق ئەينى زامانغا تەۋە بولغان كىتابتىكى بىزنىڭ ھازىرقى ھاياتىمىز ۋە ئىجادىيىتىمىزگە ماس كەلمەيدىغان تەشەببۇسىنى ئۆزىمىزگە تاڭمايمىز. مەنمۇ شېئىر يادلاپ باققان، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇمنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ «مۇقام ھەققىدە مۇخەممەس»، ل. مۇتەللىپنىڭ «يىللارغا جاۋاب» ناملىق شېئىرلىرى ۋە چۇيۈەننىڭ «جۇدالىق زارى» دېگەن داستانىنىڭ دەرسلىك كىتابقا كىرگۈزۈلگەن قىسمىنى يادلىغان. كېيىن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى يادلىدىم. ئەينى چاغدا بۇ شېئىرلار ماڭا ئىنتايىن چىرايلىق تۇيۇلاتتى، ھەر بىر يادلىسام كۆڭلۈم تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەل ۋە يارقىن تۇيغۇلارغا چۆمۈلەتتى. بۇ شېئىرلارنى ھازىرمۇ يادلاپ بېرەلەيمەن، چۈنكى ئۇ پاك ۋە سەبىي ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمنىڭ ئۇنتۇلماس ئەسلىمىسى. گەرچە ئۆتمۈشنى ھازىرىمغا قويۇپ ئاڭا تىۋىنىش ئويىدا بولمىساممۇ ئەسلىمىنى تاشلىۋېتەلمەيمەن ۋە تاشلىۋېتىشنى يامان كۆرىمەن. شېئىر يادلاش ئۇنچىۋالا يامان ئىشمۇ ئەمەس، پەقەت مەلۇم مۇددىئا ئۈچۈن ئەمەس بەلكى قەلبىڭىزنى ئادالاش، گۈزەل تۇيغۇلارغا چۆمدۈرۈش ئۈچۈن شېئىر يادلىسىڭىز بۇنىڭ سىزگە ھېچقانداق زىيانلىق تەرىپى يوق. ھاياتىڭىز ۋە ئىجادىيىتىزنىڭ مەلۇم باسقۇچىغا تەۋە بولۇپ، كېيىن ئەسلىمىگە ئايلىنىپ كېتىدىغان بۇ شېئىرلارنى ئۆمۈرلۈك دەستەك قىلىۋالمىسىڭىزلا بولدى، 20 مىڭ مىسرا شېئىر يادلاشنىڭ ھاجىتى يوق، مەيلىڭىزگە بېقىڭ…

ئابدۇرېشىت مۇھەممەتئېمىن: ئۆزىڭىز ياكى ئەسەرلىرىڭىز توغرىلىق يېزىلغان ئوبزۇر-ماقالىلارغا قانداق قارايسىز؟

غوجىمۇھەمەد مۇھەممەد: شۈكرىكى، مەن ۋە شېئىرلىرىم توغرىلۇق يېزىلغان ئوبزۇر، ماقالىلار كۆپ ئەمەس. بۇ مېنىڭ ھازىرغىچە تىنچ-ئامان ۋە جىمجىت ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشىمغا ئاز بولمىغان پايدىلارنى ئېلىپ كەلدى. مەن بىلەن ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، مەن تىپىك كەمسۆز ۋە غەمكىن تەبىئەتتىكى ئىچ مىجەز كىشى. مەن ھېچقاچان بۇنچىلىك كۆپ سۆزلەپ باقمىغان. سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلماقچى بولغاندا بۇنچىلىك سۆزلىيەلەيدىغىنىمنىمۇ بىلمەيتتىم… مەن توغرىلىق يېزىلغان ماقالىلار مەمتىلى ھېلىمنىڭ «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد ئەگەر ناخشىچى بولۇپ قالغان بولسا…» ۋە نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئادىل تۇنىياز ۋە مەن ھەققىدە يېزىلغان «ئەركەكلىكنىڭ چىللىشى» بىلەن چەكلىنىدۇ. بۇ ماقالىلارنىڭ بىرىنچىسىدە مېنىڭ شېئىرنى دەپ ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقىم، ئەگەر ناخشىچى بولغان بولسام ئەقىلدىن كۆرە ھېسسىياتقا بەكرەك مايىل خەلقىمىزنىڭ مېنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدىغانلىقى، رېستۇران-قاۋاق، توي-بەزمىلەردە ئالغان ئۆرۈمىلەر بىلەنلا بايۋەتچىلەردەك كۈن كەچۈرىدىغانلىقىم… تەسىرلىك بايان قىلىنغان. ۋەھالەنكى بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغانغا قەدەر مەن بۇ ماقالىنىڭ مۇئەللىپى مەمتىلى ھېلىم بىلەن دىدار مۇلاقەتتە بولمىغان، تېلېفوندا كۆرۈشمىگەن، ھەتتا خەت-ئالاقە قىلىشىپمۇ باقمىغان ئىدىم. ئۇ شۇنىڭدىن بىر يىللار ئىلگىرى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «غوجىمۇھەممەدنىڭ بايانى» ناملىق سۆھبەت خاتىرىسى (مۇتەللىپ ئىقبال بىلەن ئېلىپ بېرىلغان) ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە تارقىلىپ يۈرگەن مەن ھەققىدىكى ئەپقاچتى گەپلەرنى ماتىرىيال قىلىپ بۇ ماقالىنى يېزىپتۇ. بۇ ماقالىدا تەسۋىرلەنگەن ئېچىنىشلىق تەقدىرىم مېنى خېلىلا بىئارام قىلدى. مەمتىلى ھېلىم گەرچە مەزكۇر ماقالىسى ئارقىلىق مېنىڭ شېئىر ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىم ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ مۇكاپاتقا ئىرىشەلمىگەنلىكىمدىن ئىبارەت رېئاللىقنى يازماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق تەقدىرىمنى بايان قىلغاندىكى ھەددىدىن زىيادە ئېچىنىشلىق تەسۋىرلەر ۋە مېنى بايرۇن، مىستىرال قاتارلىق دۇنياۋى شائىرلار بىلەن سېلىشتۇرۇشلار كۆڭلۈمگە تەگدى. مەن ماقالە ژۇرنالغا بېسىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ ماقالىدىن خەۋەر تاپتىم ۋە خىجىللىق ئىچىدە «ئەلھۆكمىلىللاھ» دېدىم. كېيىنكى ماقالە ئاپتۇرى نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن بىلەن خېلىدىن بېرى قويۇق باردى-كەلدى مۇناسىۋىتىدە ئىدىم. تالاي قېتىملىق ئۇچرىشىشلىرىمىز، كېچە-كېچىلەپ قىلىشقان پاراڭلىرىمىز ئارقىلىق ئۇ مەن ھەقتە ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ۋە مەزكۇر ماقالىنى ئېلان قىلىشتىن خېلى يىللار ئىلگىرى مەن ۋە شېئىرلىرىم توغرىلىق «روھ دارىدا تىرىلگەن ئىسيان» ناملىق ئوتتۇراھال ھەجىمدە ئەسەرمۇ يېزىپ پۈتتۈرگەن(بۇ ئەسەر مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئېلان قىلىنمىدى). ئۇنىڭ بۇ ماقالىسىدىكى مېنى شامال چىقسا ئۆرۈلۈپ كەتكۈدەك ئورۇق ۋە ئىگىز، چىرايىدىن چۈشكۈنلۈك ۋە چەكسىز ئازاب-ئوقۇبەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، جۇلدۇر-كېپەن سوپى تەلئەت قىلىپ تەسۋىرلەشلەردىن ھاڭ-تاڭ قالدىم. مەن ئويلىدىمكى، ئۇ مېنىڭ ئىچكى دۇنيايىمنى بايان قىلىش زۆرۈرىيىتى بىلەن تېشىمغا شۇنداق رەڭ بەرگەن. ھەر ئىككى ماقالە نەسىر تىلىدا تەسىرلىك يېزىلغان بولۇپ، كىملا ئوقۇسا شۈبھىسىزكى مەن بىلەن بىر قېتىم دىدارلىشىپ باققۇسى كېلىدۇ. شېئىرلىرىم توغرىلىق يېزىلغان ئوبزورلارمۇ پەقەت بىر نەچچىلا پارچە، ئۇلار ئەكبەر نۇرۇللارنىڭ «تۇرپان» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «تامغا سۆزلەش بۇلانغان ھەسرىتىمدە قالدىم يىگانە»، تۇردى سۇلتان ئىزچىنىڭ «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «غوجىمۇھەممەدنىڭ شېئىرىيەت قەلئەسىگە نەزەر» ۋە ھەزرىتىلى ئەلىنىڭ «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «شېئىر شائىرنىڭ قەلب تارىخى» قاتارلىقلاردۇر. بۇ ئوبزۇرلاردا شېئىرلىرىمغا يۇقىرى باھا بېرىلگەن ۋە يازغانلىرىمنىڭ «شېئىر» ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. شېئىر يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا تاشلىنىدۇ. ھەرقانداق ئوقۇرمەن ئۆز-ئۆزىگە مۇستەقىل ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك. بۇ دېمەك ھەرقانداق ئوقۇرمەننىڭ ھەرقانداق ئەسەرگە نىسبەتەن ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقى بار.

ئابدۇرېشىت مۇھەممەتئىمىن: مەن شېئىرلىرىڭىزدىن سىزنىڭ روھىيىتىڭىزدىكى ئىنتايى سۈزۈك بولغان بولغان بىرخىل شېئىرىي تۇيغۇنى ھېس قىلدىم. بەزىدە يەنە سىزنى مەشرەپ بىلەن بەيگىگە چۈشكەندەك ھېس قىلىپ قالىمەن. سىز ئۆزىڭىزنى زامانىمىزنىڭ تەسەۋۋۇپ شائىرى دەپ قارامسىز؟

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن ئۆزۈمنى ئۇنداق دەپ ھېس قىلمايمەن ھەم ئۇنداق دەپ قارىمايمەن. مەن پەقەت ئۈنسىز ۋە جىمجىت ئىجاد قىلىمەن. كىمدۇ بىرسىگە ئېيتقىنىمدەك مەن ۋە شېئىرلىرىم ھەققىدىكى قاراشلارنى باشقىلاردىن ئاڭلايمەن. بەزىلەرنىڭ ئىيتىشىچە، ھازىرقى شېئىرلىرىم «مۇقام»غا چۈشمەسمىش. ئەجەبا، ھەر كىشىنىڭ ئۆز مۇقامى بولغاننىڭ نېمە يامىنى بار؟ قانداق يارالغان بولسام شۇنداقمەن. ئەزەلدىن ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىش خىيالىدا بولمىدىمكى، ياشاشنىڭ جەبرۇ-جاپالىرى، ئىجتىمائىيەتنىڭ چاڭ-توزانلىرى بىلەن بۇلغانغان قەلبىمنى تازىلاش بىلەن مەشغۇلمەن. تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ، تېخىمۇ يالقۇنلاپ، ئۆز پايانىمغا يەتسەم دەيمەن. بۇ بۈيۈك مەقسىتىم ئۈچۈن پەرۋەردىگارىم ماڭا شېئىرنى بېرىپتۇ. قەلبىمنىڭ ئىچكىرىسىدىكى خىلۋەت كەپىدە ئولتۇرغىنى ئېتىكاپتىكى سوپى، شۈكرى-قانائەتچان كۆكتۆش ياكى سوۋۇپ كەتكەن جەسەد بولماستىن بەلكى ئىنسانىي كامالەت ئۈچۈن يۇلقۇنىۋاتقان بىر تىرىك ئەقىدە بولغاچقا، مەندىن تەۋەككۈلچى، ئەسەبىي مىسرالار روياپقا چىققاندۇ. مەن مۇشۇنداق بولسام شۇنداق پېتى قوبۇل قىلىڭ، قوبۇل قىلالمىسىڭىز سۈكۈت قىلىپ، ئۆز ئىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ. بىراۋنى ئۆز رايىڭىزدىكىدەك ئادەم بولۇشقا قىستىماڭ. ئىنساننى ئەسلى تەبىئىيتىدىن ئۆزگەرتىش مىسلىسىز جىنايەتكى، سىز ئۇنى ئازغۇنلۇققا، گۇمراھلىققا باشلايسىز. قەدىرلىك دوستۇم، مەشرەپنىڭ شېئىرلىرىنى ۋە تەسەۋۋۇپقا ئائىت كىتابلارنى زوق-شوق بىلەن ئوقۇغىنىمدىن تانمايمەن. بەلكىم ئۇ شېئىرلار ۋە كىتابلار روھىي دۇنيايىمغا يىقىن تۇرغاندۇ. بىراق ئۇ مېنىڭ ھاياتىم ۋە ئىجادىيىتىمنىڭ مەلۇم باسقۇچلىرىدىكى ھادىسە. ئۇ مېنىڭ كېيىنكى باسقۇچلاردىكى ھاياتىم ۋە ئىجادىيىتىمگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. مەن بىر چاغلاردىمۇ ئېيتقان: ئەدەبىياتنىڭ چېكى يوق، ئەدەبىيات ئىنسان روھى بىلەن تاشقى دۇنيانىڭ دىئالوگى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرقاچان يېڭىلىنىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىنسان ئاخىرلاشمايدىكەن، ئۇنىڭ پائالىيىتى داۋاملىشىۋېرىدۇ. ئىنساننىڭ ھەركىتى ھامان ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار قىلىش بىلەن راۋاجلىنىدۇ. بىر نۇقتىدا توختاپ قىلىش ئەدىب ئۈچۈن ھالاكەتتۇر، خالاس!

ۋەتەن ــ ئەرنىڭ ئىپپىتى

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

مەن شۇنداق ئويلايمەن ، ئەرنىڭمۇ ئىپپىتى بولىدۇ ، ئۇ ـــ ۋەتەن . يەنە شۇنداق ئويلايمەن ، ۋەتەنسىزلەرنى ئاللاھ كەچۈرمەيدۇ . ئۇلار جەننەتتىن ئۈمىد كۈتمىسۇن . جىنايەت ـــ روھتىكى يېڭىلمەس كۈچتۇر ، ھەققانىيەتنى ئاشۇ كۈچ يارىتىدۇ . يەنە شۇنداق ئويلايمەن ، ۋەتەنسىز ئەرلەر ـــ ئىپپەتسىز ئەرلەردۇر ، ئۇلارنى دۇنيا كەچۈرمەيدۇ ، ئۇلار باراۋەرلىكتىن ئۈمىد كۈتمىسۇن .

بالىلىقىمدا ۋەتىنىم ـــ مەھەللەم ئىدى ، چوڭ بولغاندا ئۇنى شەرقتىن تاپتىم . بالىلىقتىكى ۋەتىنىمنى قىزىلبايراق ئاستىغا كۆمۈپ قويدۇم ، يەنە شۇنداق ئويلايمەن ، ئېتىقاد ـــ ئوق ئۆتمەيدىغان قالقان . مەككىگە بارساڭمۇ ئىمان تېپىلمايدۇ . پەرۋانە شام ئالدىدا ئۆلدى . ھەييام بىر شاراپ ئىچمەي جام ئالدىدا ئۆلدى . دىۋانە نان ئالدىدا ئۆلدى . يىڭنە قۇلىقىدىن كارۋان تارتقانلار ئاپئاق ئۇستىخانلاردىن نۇرلۇق ئايۋانلارنى قۇرۇپ ، داپ ھالقىسىدىن ئەسەبى زامانلارنى ئۆتكۈزۈپ ، ساپايىسىدا باش سۆڭەكلىرىنى شاراقلىتىپ جەز قىلىپ ئاخىرى ۋەتىنىنى قۇملار ئاستىغا كۆمۈپ قويدى ـ دە ئۆز يېرىدە سەرسانە ئۆلدى .

يەنە شۇنداق ئويلايمەن ، ساقال ـ بۇرۇت قويغانلار مەن ئەر دېمىسۇن ، بۇغداي تېرىپ زاغرا نانغا تويغانلار مەن ئەر دېمىسۇن ، ئاھ خەلقىم دەپ دەرت يۇتۇپ ، مەيخانىدا قونغانلار مەن ئەر دىمىسۇن ، ئۇلارنىڭ جاينىمازدا ئىمانى نېسى ، ئەل ئالدىدا ۋىجدانى نېسى…

سۆيگۈ ئۈچۈن جان بېرىمەن دەپ بۆرىدەك ھۆركىرەپ ، ئەرلىك غۇرۇرى ئۇچۇن دەپ مۇشتلاشقانلار مەن ئەر دېمىسۇن ، ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە پىغانى نېسى ، مەشرەپ كەبى زارۇ – زار چۆللەردە ھېجرانى نېسى…

ئېتىقاد ۋە توغرا يول نى سۆزلەپ ، قۇياشنى تاپ ، شەرىققە قاراپ ماڭ دەپ ، ۋەزخانلىقتا شان – شەرەپ كۆزلەپ ، ئىچ -ئىچىدىن قۇرۇپ ئۆتكەنلەر مەن ئەر دىمىسۇن ، ئۇلارنىڭ سەپ ئالدىدا مەيدانى نېسى ، تىغ ئالدىدا تەن ، جېنى نېسى .

ناخشا – ناۋالاردا ئازابنى ھەيدەپ ، غىلجىڭ نازلاردا يىلىگىنى قۇرۇتۇپ ، ئەركىنلىكتە پۇت-قولىنى چىرماپ ، قېلىچتىن قورقۇپ بېشىنى ئىگىپ ، كاستۇم ئىچىدە تىترەپ يۇرگەنلەر مەن ئەر دىمىسۇن، ئۇلارنىڭ تۇمۇرىدا دولقۇنلىغان قان نېسى ، ھاياتىغا ئۆلۈم ھەمدە شان نېسى…

يەنە شۇنداق ئويلايمەن ، چۆلدە كارۋان ناخشىسى ئەمدى قايتا ياڭرىماس ، ئەمدى يول باشلاپ ساڭا جەڭلەردە بۆرە ئۇچرىماس . قەدىمى جەسەت باش سۆڭەكلىرى شاھىد ، لىكىن مىڭ توۋلىساڭمۇ بىر لەھزە زۇۋان چىقماس . سەن ئۆزۈڭگە قالدىڭ ئەر .

قاغا مىڭ يىل ياشىسىمۇ رەڭگى قارا ، بەختى قارا ، قۇش ئالتۇن قەپەزدە تۇرۇپمۇ كۆككە ئىنتىلەر . سەن ئۆزەڭنىڭ قۇلى ھەم زىندانىسەن . سەن ئۆزەڭگە قالدىڭ ئەي ئەر . خوتۇنىڭغا تۆلەپ تۈگەتكۈسىز قەرزدارسەن ، بالىلىرىڭنىڭ پېشانىسىدىكى مۇشتلىرى تۈگۈلگەن قىسمەت سايىسىنى كۆردۈڭمۇ ؟ ئەي ، ئەر . . . مەن شۇنداق ئويلايمەن . . .

مەنبە : تۇرپان ژۇرنىلى 2003 – يىل 2 – سان

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد شېئىرلىرى