ناماز ئوقۇش قائىدىسى

رەسىملىك ناماز ئوقۇش قائىدىسى

رەسىملىك ناماز ئوقۇش قائىدىسى

تۈزۈپ تارقاتقۇچى: ئۇيغۇر تورى

تارقىتىلغان ۋاقتى: 2022

بەت سانى:

كىتاب تىلى: ئۇيغۇرچە

ھۆججەت شەكلى: PDF

كىتابلارنى بۇ يەردىن ساقلىۋېلىڭ

1. بامدات نامىزى (1MB)

2. پىشىن نامىزى (تەييارلىنىۋاتىدۇ)

3. ئەسىر نامىزى (تەييارلىنىۋاتىدۇ)

4. شام نامىزى (تەييارلىنىۋاتىدۇ)

5. خۇپتەن نامىزى (تەييارلىنىۋاتىدۇ)

ناماز سۈرىلىرىنى بۇ يەردىن ساقلىۋېلىڭ

1. فاتىھە سۈرىسى (MP4-3MB)
2. فىل سۈرىسى (MP4-2MB)
3. قۇرەيىش سۈرىسى (MP4-2MB)
4. مائۇن سۈرىسى (MP4-3MB)
5. كەۋسەر سۈرىسى (MP4-1MB)
6. كافىرون سۈرىسى (MP4-3MB)
7. نەسر سۈرىسى (MP4-2MB)
8. تەببەت سۈرىسى (MP4-2MB)
9. ئىخلاس سۈرىسى (MP4-1MB)
10. فەلەق سۈرىسى (MP4-2MB)

ناماز سۈرىلىرىنىڭ مەنىسى

1. فاتىھە سۈرىسى
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. پۈتۈن ھەمدۇسانالار، يەنى شۈكۈر ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇلىرى ئالەملەرنىڭ يېگانە ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر. قىيامەت/ھېساب/جازا/دىن كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر. ئاللاھ بىزنى توغرا بولغان ئوتتۇرا يولغا، يەنى ئىنئام قىلىنغانلارنىڭ يولىغا باشلىغۇچىدۇر، ئازغان ۋە بۇ سەۋەبتىن ئازابقا دۇچار بولىدىغانلارنىڭ يولىدىن قوغدىغۇچىدۇر. ئىبادەت قىلىدىغان ۋە ئىلاھىي مەدەت تىلەيدىغان بىردىنبىر ئىلاھىمىز ئاللاھتۇر.

فاتىھە سۈرىسى، ئىسلام دىنىنى ئىلان قىلىش، شۇنداقلا ئىنساننى قۇل قىلغۇچىلارغا، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئىتىقاتلارغا، جەمئىيەتنى مالىمانچىلىققا ۋە زاۋاللىققا باشلاپ ئورتاق مەنپەئەتكە زىيان كەلتۈرىدىغان ئۆرپ-ئادەتلەرگە، ناھەقچىلىكلەرگە، ئادالەتسىزلىككە قارشى كۆرەش قىلىش چاقىرىقىدۇر. ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئىنقىلابىنى باشلىتىش چاقىرىقىدۇر.

ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «شەپقەتلىك» (راھمان) ئىبارىسىنى ھەممە نەرسىنى سۆيگۈ، شەپقەت، ئالدىن بېكىتىلگەن ئۆلچەم ۋە قانۇنىيىتى بىلەن ياراتقان ۋە قوغدايدىغان دېگەن مەنىدە، «مېھرىبان» (رەھىم) ئىبارىسىنى چەكسىز سۆيگۈ ۋە مەرھەمىتى بىلەن ھەق ۋە ھوقۇقنىڭ تەقسىماتىدا ئادىل بولغان، يەنى سۆيگۈ ۋە مەرھەمەتكە لايىق بولغانلار بىلەن جازاغا لايىق بولغانلارغا تېگىشلىكىنى بەرگەن دېگەن مەنىدە چۈشىنىشكە بولىدۇ.

ئايەتتىكى ھەمدۇسانالار، يەنى شۈكۈر ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇلىرى پەقەت ئاغزىمىزدا ئېيتىلغان «ئاللاھقا شۈكۈر» شەكلىدىكى قۇرۇق-قۇرۇق شۈكۈر ئېيتىش ئەمەس بەلكى ئاللاھ ياراتقان مەۋجۇداتلارغا بىرەر تۆھپە قوشۇش شەكلىدىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بولۇشى كېرەكلىكى سەبە سۈرىسىنىڭ 13- ئايىتى، زۇمەر سۈرىسىنىڭ 7- ئايىتى ۋە تەكاسۇر سۈرىسىنىڭ 8- ئايىتىدە ئالاھىدە تەكىنلەنگەن.

ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان قىيامەت/ھېساب/جازا/دىن كۈنى ھەم بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدا ھەم مەھشەر كۈنىدە تونۇپ يېتەلەيدىغان بىر ئاللاھ، بىر دىن ۋە بىر ئىنسانلىق چۈشەنچىسىگە ئېرىشىدىغان، پۈتۈن ئىنسانلار بۇ ئىلاھى ھەقىقەتلەرنى تونۇپ يېتىپ ھالاك بولۇش ۋە ھېساب بېرىشكە ئۆزىنى تەييار ھىس قىلىشقا باشلىغان بىر كۈندۇر.

نامازدا چوقۇم ئوقۇمىساق بولمايدىغان فاتىھە سۈرىسىنى پەقەت تەلەپپۇزى بىلەنلا ئوقۇپ بولدى قىلماستىن، بەلكى ھەر قېتىم ئوقۇغاندا مەنىسىنى چۈشۈنۈپ ۋە ئىدراك قىلىپ تۇرۇپ ئوقۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىساق ئاندىن بۇ سۈرىنىڭ ھېكمىتى ھاياتىمىزغا يېتەكچى بولالايدۇ.

(داۋامى تەييارلىنىۋاتىدۇ …)

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *