ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى

ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
(ئالتە توملۇق نەشىرى)

تۈزگۈچىلەر: ئابلىز ياقۇب، غەنىزات غەيۇرانى، زايىت ھېۋېل، ئىسمائىل قادىر، ھەمدۇللا ئابدۇراخمان، ئابلىز ئەمەت، پەرھات نۇر

نەشىر قىلغۇچى: مىللەتلەر نەشرىياتى

نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 1990-1998

ئەسەر تۈرى: لۇغەت

كىتاب تىلى: ئۇيغۇرچە

ھۆججەت شەكلى: PDF

ئەسەرنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلاردىن ساقلىۋىلىڭ:

1-توم: ئا، ئە، ب، پ
(1-ئۇلىنىش، 2-ئۇلىنىش)

2-توم: ت، ج، چ، خ
(1-ئۇلىنىش، 2-ئۇلىنىش)

3-توم: د، ر، ز، ژ، س، ش، غ، ف
(1-ئۇلىنىش، 2-ئۇلىنىش)

4-توم: ق، ك، گ، ڭ، ل
(1-ئۇلىنىش، 2-ئۇلىنىش)

5-توم: م، ن، ھ، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ
(1-ئۇلىنىش، 2-ئۇلىنىش)

6-توم: ۋ، ئې، ئى، ي
(1-ئۇلىنىش، 2-ئۇلىنىش)


ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە:

1. «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» تىلىمىزنىڭ ھازىرغىچە تۈزۈلگەن ئىزاھلىق لۇغەتلىرى ئىچىدە سۆزلۈكلەر ئەڭ كۆپ، سۆزلۈكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋارىيانتلىرى تولۇق كىرگۈزۈلگەن لۇغەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ئېنسىكلوپېدىيەلىك لۇغەتلەردە بولۇشقا تېگىشلىك شەرتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ لۇغەت نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدا بىرمۇنچە يېڭى ئىزاھلىق لۇغەت تۈزۈلۈپ نەشر قىلىندى. بۇنىڭغا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان بىر توملۇق «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» (قىسقارتىلمىسى)، «ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلغان ئالتە قىسىملىق «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ئۈچ قىسىملىق «تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» قاتارلىقلارنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. دېمەك، ئالتە توملۇق «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ھازىرغا قەدەر تۈزۈلۈپ نەشر قىلىنغان ئىزاھلىق لۇغەتلەرنىڭ ئانا لۇغىتىدۇر.

2. بىر توملۇق «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» (قىسقارتىلمىسى). بۇ لۇغەت شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا 1999– يىلى 10– ئايدا نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭغا تىلىمىزدا كەڭ قوللىنىلىۋاتقان 50 مىڭغا يېقىن تۈپ، ياسالما، قېتىلغان سۆزلەر ۋە بىر قىسىم تۇراقلىق ئىبارە، سۆز بىرىكمىلىرى، ئۇيغۇر ھۈنەر–كەسىپ ئاتالغۇلىرى، دىيالېكت سۆزلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ لۇغەت ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنىڭ ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلىرى، ئاخبارات–نەشرىيات خادىملىرى ۋە ئۇيغۇر تىلىغا قىزىققۇچىلارنىڭ ئىخچام، قولايلىق ھەم مۇكەممەلرەك بىر لۇغەتكە بولغان ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلۇپ، يۇقىرىقى ئالتە توملۇق «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» نى تولۇقلاش، تۈزىتىش ئاساسىدا تۈزۈپ چىقىلغان. لېكىن، مەزكۇر لۇغەتنىڭ ئالتە توملۇق «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دىن ئالاھىدە پەرقى شۇكى، ئالتە توملۇق «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ئاساسىي جەھەتتىن تۈپ ۋە يەككە سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، كەڭ مەنىلىك سۆزلەرنىڭ باشقا ۋارىيانتلىرىغا ئىزاھ بېرىلمەي، ئايرىم–ئايرىم ئىزاھ بېرىلگەن ئاساسلىق سۆزلەمگە ھاۋالە قىلىنغان.

3. «ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى». مەزكۇر لۇغەت 2001– يىلى 5– ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭغا جەمئىي 10 مىڭدىن ئارتۇق سۆز كىرگۈزۈلگەن. «ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە تېخنىكوملاردىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى، ئاخبارات – نەشرىيات خادىملىرى، شۇنداقلا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا قىزىققۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى لېكسىكىسىغا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن. بۇ لۇغەتكە ئۇيغۇر تىلىغا چەت ئەل تىللىرىدىن تارىختا ۋە كېيىنچە كىرگەن تۈپ سۆز ۋە ھەر ئىككىلا تەركىبىي چەت ئەل تىلىغا تەۋە بولغان، يەنى سۆزنىڭ ھەر ئىككىلا تەركىبىي ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەندىن كېيىن ياسالغان ياسالما سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئېلىنغان. بۇ لۇغەتنىڭ تۈزۈلۈشىگە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ «ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»نى ئىشلەش ھەققىدىكى تەكلىپلىرى تۈرتكە بولغان.

4. «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۈك». مەزكۇر قىسقىچە سۆزلۈك 1986– يىلى 6– ئايدا بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان. بۇنىڭغا تەخمىنەن 15 مىڭچە سۆزلۈك كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر سۆزلۈكتىكىلەرنىڭ ئازغىنا بىر قىسمى قەدىمكى ۋە يېقىنقى زاماندىكى (چاغاتاي دەۋرىدىكى) تۈركىي سۆزلەر بولۇپ، كۆپى ئەينى زاماندا قوللىنىلغان ئەرەبچە – پارسچە سۆزلەردۇر. بۇ سۆزلەرنىڭ ئازغىنا بىر قىسمى ھازىرقى ئەدەبىي تىلىمىزدا ساقلىنىپ قالغاندىن تاشقىرى، كۆپى ئىستېمالدىن قالغان. شۇڭا، بۇ سۆزلەرنىڭ كۆپىدىن، بولۇپمۇ ئەرەبچە – پارسچە سۆزلەردىن مەدەنىي مىراسلارنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ. بۇ لۇغەتتە كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدە ئۇچرايدىغان سۆزلەرنىڭ مەنىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش تۈپ مەقسەت قىلىنغان.

5. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق فىرازىئولوگىيەلىك بىرىكمىلەر سۆزلۈكى». مەزكۇر لۇغەت 1984– يىلى 3– ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان. ئۇ ماھىيەتتە كىچىك ھەجىملىك ئىزاھلىق لۇغەت بولۇپ، ئۇنىڭغا 1700 دىن ئارتۇق تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى، ئىدىيوملار كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا لۇغەتكە كىرگۈزۈلگەن سۆزلەرنىڭ ئىچىدە يەنە سۆز ۋە سۆز بىرىكمىسى، فىرازىئولوگىيەلىك بىرىكمىنىڭ ئورنىدا كېلىدىغان تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرىمۇ ئىلاۋە قىلىنغان.

6. «باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تىل–ئەدەبىيات دەرسلىكى ئۈچۈن ئىزاھلىق لۇغەت». (1-يىللىق، 2-يىللىق، 3-يىللىق، 4-يىللىق) مەزكۇر ئىزاھلىق لۇغەت باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاتالغان بولۇپ، 1991– يىلى 11– ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭغا 1500 دەك سۆزلەم كىرگۈزۈلگەن، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تىل–ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن تاللانغان. ئۇنىڭدىكى سۆزلەرنى ئىزاھلاشتا شۇ سۆزنىڭ تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئاساسلىق مەنىلىرى كۆزدە تۇتۇلغان. بۇ ئىزاھلىق لۇغەت ئۆسمۈر–بالىلارنىڭ ھەر خىل دەرسنى ياخشى ئۆگىنىشى ۋە ئۆزلەشتۈرۈشى، شۇنداقلا ئۆز ئانا تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشى، ئۇنىڭ قائىدە–قانۇنلىرىنى، مول سۆز بايلىقىنى، سۆزلەرنىڭ ھەر خىل مەنىسىنى توغرا ئىشلىتىشىگە پايدىلىق، ئەلۋەتتە.

7. «ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى». بۇ لۇغەت 1988– يىلى 7– ئايدا بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئەدەبىياتشۇناسلىقتا بۇرۇن قوللىنىلغان ھەم ھازىرمۇ قوللىنىلىۋاتقان، شۇنىڭدەك ئەدەبىيات ساھەسىدە بىرقەدەر ئومۇملاشقان ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئىزاھلانغان.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *