ئۇيغۇرتىلى ھەققىدە راي سىناش

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر دوستلار،

     جانلىق بىر مەۋجۇدات سۈپىتىدە تۇغۇلۇپ تەرەققىي قىلىدىغان تىل، ياشاشقا ماس كېلىدىغان شارائىتلاردىن ئايرىلغاندا ياشاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. يېقىنقى نەچچە ئون يىللىق دۇنيا ۋەزىيىتىگە قارايدىغان بولساق، دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ تىللىرى مەيلى ئۆز يۇرتىدا بولسۇن ياكى كۆچۈپ بارغان يېڭى ماكانلىرىدا بولسۇن ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەي تارىخ سەھنىسىدىن يوقىلىۋاتىدۇ، بۇ قىسمەت ئاللىقاچان ئۇيغۇرتىلىنىڭ بېشىغىمۇ كەلدى. ئەگەر جىددىي ئالدىنى ئالمىساق، ئالدىمىزدىكى ئون يىل ئىچىدە ئۇيغۇرتىلى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەي تامامەن ئۆلۈك بىر تىلغا ئايلىنىشى مۇقەررەر. ئۇيغۇرتىلىنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدىكى تەقدىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئورتاق تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرتىلىنىڭ تۈنجى ۋە ئاخىرقى ماكانى ھەر بىرىمىزنىڭ ئائىلىسىدۇر.

     ۋاقىتسىز ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، ئۇنى بايقاشقا، كېسەلگە توغرا ھۆكۈم قىلىشقا ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تىلىمىزنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ۋە تىلىمىزنىڭ يوقىلىش خەۋپىنىڭ دەرىجىسىنى بىلىش، بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ مەسىلىنى ۋاقتىدا توغرا بايقىشىغا ۋە ئۈنۈملۈك چارە – تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا، شۇنداقلا ئائىلە ئىچىدە ئۇيغۇرتىلىنى ئىشلىتىشكە سەل قاراۋاتقان ياكى بۇ توغرىلىق ئويلىنىپ باقمىغان ئاتا – ئانىلارنىڭ ئائىلىدە ئۇيغۇرتىلىنى تېخىمۇ ئىزچىل ئىشلىتىشىگە ۋە بالىلىرىغا ئەستايىدىل ئۆگىتىشگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن.

     يوللىرىنى ئايرىپ ئۆزلىرى ۋە بالىلىرى ئاللىقاچان باشقا بىر تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ مەنسۇپلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن ياكى كېتىۋاتقانلارنى ئەلۋەتتە ھىچقايسىمىزنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ ياشاشقا مەجبۇرلاش ھەققىمىز يوق، ئەمما ئىنسانىي خىسلەتلەرگە باي بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەجدادلىرىمىزدىن ئالغان ئامانەتنى ئەۋلادلارغا ھىچ بولمىغاندا ئۆز پېتى تاپشۇرۇپ بېرىشنى كۆپىنچىمىز بىر شان – شەرەپ مەسىلىسى دەپ بىلىمىز ۋە ئۇيغۇرتىلى ھەققىدىكى بۇ راي سىناش سۇئاللىرى دەل مۇشۇنداق قارايدىغان دوستلارنىڭ ئەستايىدىللىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن پىكىرلىرىنى ئورتاقلىشىشى ئۈمىدىدە تەييارلاندى. تولۇقلاشقا تېگىشلىك سوئاللار بولسا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويسىڭىز داۋاملىق قوشۇپ تۇرساق بولىدۇ.

     ئۇيغۇرتىلى ھەققىدىكى راي سىناشقا ھەركىم قاتناشسا بولىدۇ. راي سىناش نەتىجىسىنىڭ توغرا ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولىشى ئۈچۈن، سوئاللارغا ئەستايىدىل ۋە سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاپ بېرىشىڭىز تەلەپ قىلىنىدۇ. ھىچقانداق شەخسىي ئۇچۇر تەلەپ قىلىنمايدىغان ۋە كىملىكىڭىز بىلىنمەيدىغان بولغاچقا، ئەمەلىي ئەھۋال قانداق بولسا شۇنداق جاۋاب بەرگەيسىز. راي سىناش نەتىجىسىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا بۇ بەتنىڭ ئاستىدا كۆرەلەيسىز. راي سىناش سوئاللىرى ھەققىدە تەكلىپ- پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز. قاتناشقانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.

1. ئۇيغۇرتىلى سىزنىڭ ئانا تىلىڭىزمۇ ياكى ئىككىنچى تىلىڭىزمۇ؟

2. ئامېرىكىلىق تىلشۇناس مايكل كرائۇس (Michael E. Krauss) «بالىلار تەرىپىدىن ئانا تىل (بىرىنچى تىل) سۈپىتىدە ئۆگىنىلمىگەن تىل سەكراتتىكى تىلدۇر» دەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر تىلى سىزنىڭ ئائىلىڭىزدە سەكراتتىكى بىر تىلمۇ؟

3. ئىنگلىز تىلشۇناس دېيۋىد كريستال (David Crystal) «بىر تىل سۆزلىشىدىغان ئادىمى قالمىسا ئۆلىدۇ» دەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرتىلى سىزنىڭ ئائىلىڭىزدە ئۆلگەن بىر تىلمۇ؟

4. مۇتلەق كۆپ قىسىم تىلشۇناسلار دۇنيادىكى تىللارنى «بىخەتەر»، «خەتەر ئاستىدىكى» ۋە «ئۆلۈك» قاتارلىق ئۈچ دەرىجىگە ئايرىپ قارايدۇ. بۇنى ئائىلىڭىزگە تەدبىقلىغاندا، سىزنىڭچە، ئۇيغۇر تىلى سىزنىڭ ئائىلىڭىزدە قايسى دەرىجىگە تەۋە؟

5. ئائىلىڭىزدە قايسى تىلنى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىسىز؟

6. ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇپ تۇرامسىز؟

7. ئۇيغۇرچە كىنو - فىلم كۆرەمسىز؟

8. ئۇيغۇرچە خەۋەر ئوقۇمسىز؟

9. بالىلىرىڭىز بىلەن ئۇيغۇرچە پاراڭلىشامسىز؟

10. تىلى چىقىۋاتقان بالىڭىز بولسا ئىدى سىز ئاۋۋال قايسى تىلنى ئۆگىتىشنى خالايتتىڭىز؟

(بىر ياكى بىردىن كۆپ جاۋاب تاللىيالايسىز.)

11. تىلى چىقىۋاتقان بالىڭىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە قايسى تىلغا مايىل بولۇشى مۇمكىن؟

(بىر ياكى بىردىن كۆپ جاۋاب تاللىيالايسىز.)

12. بالىلىرىڭىز سىز بىلەن قايسى تىلدا پاراڭلىشىشقا مايىل؟

(بىر ياكى بىردىن كۆپ جاۋاب تاللىيالايسىز.)

13. ئۇيغۇر دوست - بۇرادەرلەر بىلەن ئۇيغۇرچە پاراڭلىشامسىلەر؟

14. ئۇيغۇر دوست - بۇرادەرلىرىڭىز بىلەن ئۇيغۇرچە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرامسىلەر؟

15. ئۇيغۇرچە ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتى بولسا قاتنىشىشنى خالامسىز؟

16. سىزنىڭچە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرىنچى تىل سۈپىتىدە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك تىل قايسىسى؟

(پەقەت بىرلا جاۋاب تاللاشقا بولىدۇ.)

17. بالىڭىزنى ئۇيغۇر تىلى دەرسخانىلىرىغا ئەۋەتىشنى خالامسىز؟

18. بالىڭىزنىڭ بىرىنچى تىلى ئۇيغۇرتىلىمۇ؟

19. سىزنىڭچە بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە تىلى ۋە ساۋادى چىقسىلا يېتەرلىكمۇ؟

20. ھازىرقى سۈرئەتتە ۋە يۆنىلىشتە داۋاملاشسا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇرتىلى قانچىلىك ۋاقىت ئىچىدە تامامەن ئۆلۈك بىر تىلغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن؟

(پەقەت بىرلا جاۋاب تاللاشقا بولىدۇ.)

راي سىناش نەتىجىسىنى كۆرۈش

ئىنكاس قالدۇرۇڭ

* بەلگىسى قويۇلغان يەرلەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.