UYGUR.COM
شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىك باياناتى
«ئۇيغۇر تورى» نى زىيارەت قىلغىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز. ئۇيغۇر تورى — دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىغا مۇناسىۋەتلىك كىتاب-ماتېرىياللار ۋە ئۇچۇر مەنبەلىرىنى ھەقسىز تەمىنلەش مەقسىتىدە قۇرۇلغان؛ ئۇيغۇر كۇتۇپخانىسى، ئۇيغۇر بالىلار كۇتۇپخانىسى، ئۇيغۇر تەتقىقات كۇتۇپخانىسى، ئۇيغۇر قامۇسى، ئۇيغۇر تېلېۋىزىيىسى ۋە ئۇيغۇر رادىئوسى قاتارلىق كۆپ خىل سەھىپىلەر ئارقىلىق ئاممىغا خالىس مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال بىلىم مۇنبىرى.
بىز سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىڭىزگە ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىمىز. تورىمىز سىزنىڭ ئىسمىڭىز، ئېلخەت ئادرېسىڭىز، تېلېفون نومۇرىڭىز ياكى تۇرۇشلۇق ئادرېسىڭىز دېگەندەك شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلىمايدۇ. لېكىن، تورىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن Jetpack ۋە زىيارەت ئېقىمىنى ئانالىز قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن Google Analytics قاتارلىق ئۈچىنچى تەرەپ تور قوراللىرى IP ئادرېسى، تور كۆرگۈچ تىپى ۋە زىيارەت قىلىنغان بەت ئۇچۇرلىرىنى خاتىرىلىشى مۇمكىن. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن، بىز بۇ قوراللارنى «IP ئادرېسنى يوشۇرۇش» (Anonymize IP) ھالىتىگە تەڭشىدۇق. بۇ ھەقتە سوئالىڭىز بولسا، بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ:
i n f o @ u y g u r . c o m