ئالىم ئەھەت

يىلتىزىدىن قۇرۇتماق

← يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىماق: كۈنچىقىشتىن كۈن چىقتى، يۇرتىمىزنى يورۇتتى. بىزنى ئەزگەن زالىمنى، يىلتىزىدىن قۇرۇتتى .

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

يىلتىزىغا پالتا چاپماق

قاتتىق زەربە بەرمەك، ھالاكەتكە يۈزلەندۈرمەك:-خەلقىمىز بىر كۈنى بولمىسا بىركۈنى كۆتۈرۈلۈپ، جاھالەتنىڭ يىلتىزىغا پالتا چاپماي قويمايدۇ،-دېدى پەرھات گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

يىلتىزىنى قۇرۇتماق

← يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلىماق: سەن ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلمەيسەن. ئۇ بىرى بىلەن ئېيتىشىپ قالسا، يىلتىزىنى قۇرۇتمىغىچە توختىمايدۇ.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

يىلتىزىنى قىرقىماق

← يىلتىزىغا پالتا چاپماق: ھازىر بۇ يەردە بەگنىڭ يىلتىزىنى قىرقىيدىغان يىگىتلەر پەيدا بولدى. جاھان ئۆزگىرەرمىش، ھەققىمىزنى ئالىدىغان ئوخشايمىز.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

يىلتىزسىمان

سۈپەت. يىلتىزغا ئوخشايدىغان، يىلتىزغا ئوخشاش: يىلتىزسىمان غول. *ئۇنىڭ مېۋىسى غوزىلىق، ئۇرۇقى قارا كېلىدۇ، تېبابەتچىلىكتە يىلتىزسىمان غولى دورا قىلىنىدۇ.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!