ئۇيغۇر قامۇسى

ئابلىكىم ئەمەت

فوتوگراق ئابلىكىم ئەمەت

فوتوگراق ئابلىكىم ئەمەت 1963-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋەتىنىمىزدىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى خوشۇت ناھىيەسىدە ئوقۇغان. ئالىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن. ئابلىكىم ئەمەت كىچىكىدىنلا گۈزەل-سەنئەتكە، رەسىم سىزىش ۋە ھۆسن خەت يېزىشقا ئئشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا نەشىر قىلىنغان نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ھۆسن خەت ۋە فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. ئابلىكىم ئەمەت پەۋقۇلئاددە تالانتلىق فوتوگراف، ئۇنىڭ سۈرەتكە ئالغان ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەنزىرىسى، دەريالىرى، تاغلىرى، قەدىمكى دەرەخلىرى <داۋامى بار…“ئابلىكىم ئەمەت”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

خالمۇرات غوپۇر

خالمۇرات غوپۇر

خالمۇرات غوپۇر 1960-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىن خەنزۇ تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1982- يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شاڭخەي جۇڭيى ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن. مەكتەپ تەشكىلى ئۇنى مەكتەپكە ئېلىپ قېلىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئانا يۇرت سۆيگۈسى، شىنجاڭ بىلەن شاڭخەي ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردىكى چوڭ پەرىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۇ يەنىلا ئۆز يۇرتىغا- تەڭرىتاغ ئېتىكىگە قايتىپ كەلدى. خالمۇرات غوپۇر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تەشكىلنىڭ تەقسىماتىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتى. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئەمدىلا چىقىپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ شاۋقۇنلۇق دەرياغا شۇڭغۇغان خالمۇرات غوپۇر <داۋامى بار…“خالمۇرات غوپۇر”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئابدۇراخمان قاھار

ئابدۇراخمان قاھار

ئابدۇراخمان قاھار 1936-يىلى 11ـ ئايدا غۇلجا شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1945-يىلىدىن 1952-يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىسىنى غۇلجا شەھىرىدە ئالغان. 1952-يىلى 9-ئايدا غۇلجىدىكى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىغا كىرىپ بىر يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1953-يىلى 9-ئايدا سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇشقا كىرگەن ۋە 1956-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىلاردا مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن، كېيىن ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1988-يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان ئابدۇراخمان قاھار، دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى، <داۋامى بار…“ئابدۇراخمان قاھار”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ھەققىدە

ئۇيغۇر دوپپا

ئاپتورى: ھەسەنجان ئابلىز

ئۇيغۇر دوپپىلىرى ئۇزۇن تارىخقا ۋە مول مەزمۇنغا ئىگە. ئۇيغۇر دوپپىلىرى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئېھتىياج ۋە ئىمكانىيەتكە ئاساسەن ئۆزگىرىپ، يېڭىلىنىپ، مۇكەممەللىشىپ ۋە رەڭدارلىشىپ كۈچلۈك مىللىي تۈسكە ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جىنىس ئايرىمىسى، ياش-قۇرام پەرقى، ياشىغان تەبىئىي شارائىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىغىغا مۇناسىپ ئۆزگىچە دوپپا كىيىش ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر دوپپىلىرى يالغۇز ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادەت خاراكتېرىدىن ھالقىپلا قالماي، بەلكى يەنە بىر پۈتۈن مىللىي كىملىك خاس ۋەكىلى بولۇپ مۇقىملىشىپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئۆرپ-ئادەت ئومۇمىيلىقى، مەدىنيەت ئىزچىللىقى ۋە ئىجتىمائىي خاس بەلگىسى بولۇپ شەكىللەندى. <داۋامى بار…“ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ھەققىدە”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ماقال-تەمسىللەر (ئا)

  • ئات ئالساڭ يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن ئال.
  • ئاتنى تەپمەيدۇ دىمە، ئىتنى چىشلىمەيدۇ دىمە.
  • ئاچچىق ئالدىدا يۈرىدۇ، ئەقىل كەينىدە يۈرىدۇ.
  • ئاختارمىنىڭ چالمىسى يامان، خوتۇن كىشىنىڭ لالمىسى يامان.
  • <داۋامى بار…“ماقال-تەمسىللەر (ئا)”>
 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ماقال-تەمسىللەر (ئە)

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ماقال-تەمسىللەر (ب)

  • بار نىمىنى دىگۈزمەيدۇ، يوق نىمىنى يىگۈزمەيدۇ.
  • باي يۇرتنىڭ ئوزۇقى، باتۇر يۇرتنىڭ قوزىقى.
  • بۆرىنى ئايىساڭ، قويلىرىڭغا زىيان.
  • بۆرىنىڭ بالىسى بۆرە.
  • <داۋامى بار…“ماقال-تەمسىللەر (ب)”>
 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ماقال-تەمسىللەر (پ)

  • پادا باققاندا دوست ئىدۇق. ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق.
  • پاكار ئېشەككە ھەر كىم مىنەر.
  • پالۋان دەرد يەيدۇ. بالىلىرى گۆش يەيدۇ.
  • پىچاق ئۆتكۈر بولسا ياغاچنىڭ قاتتىقى يوق.
  • <داۋامى بار…“ماقال-تەمسىللەر (پ)”>
 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ماقال-تەمسىللەر (ت)

  • تارتىنساڭ سۆزۈڭنى كىم قىلۇر. ئېرىنسەڭ ئىشىڭنى كىم قىلۇر.
  • تاغ يۆتكەلسە يۆتكىلەر، خۇي يۆتكەلمەس.
  • تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ.
  • تام تۈۋىدىن قېرىيدۇ، ئادەم ئىچىدىن قېرىيدۇ.
  • <داۋامى بار…“ماقال-تەمسىللەر (ت)”>
 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ماقال-تەمسىللەر (ج)

  • جاپا چەكمىگەن ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس.
  • جاپا چەكمەي ھالاۋەت يوق.
  • جاڭگال ئارقىسىدىكى كۆرۈنەر، بۇرۇن ئاستىدىكى كۆرۈنمەس.
  • جاڭگالدا ھاڭرىغان ئېشەك شەھەردە ھاڭرىيالماس.
  • <داۋامى بار…“ماقال-تەمسىللەر (ج)”>
 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!