ب

بائىس

ئىسىم [ئەرەبچە] <يېزىق تىلى> سەۋەب، ۋەج: ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ تەزىم قىلدى-دە:-شاھىنشاھ. ساتىراشنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ بائىسى نېمىدۇر؟ دەپ سورىدى.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

باب، بابى

ئىسىم [ئەرەبچە] ①كىتاب، ئەسەر، ماقالە قاتارلىقلارنىڭ ھەربىر ئايرىم بۆلىكى؛ قىسمى: كىتابنىڭ بىرىنچى بابى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. دەۋر، سەھىپە: ئىسلاھات شىنجاڭ تارىخىدا يېڭى باب ئاچتى. ③ئامال، چارە: ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن، جايلايدۇ ھەر باب بىلەن (ماقال). ④سۈپەت [پارسچە] ماس، مۇناسىپ، توغرا، مۇۋاپىق؛ لايىق: باب كەلمەك. ئاشپەز ئۇستىلار قازانغا باب ساپلانغان يوغان كەپكۈرلەر بىلەن شويلىنىڭ ئوبدان بولۇشى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلماقتا.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

باببىت

ئىسىم [رۇسچە<ئىنگلىزچە] <خىمىيە> قەلەي، قوغۇشۇن ياكى ئاز مىقداردىكى باشقا مېتاللاردىن پايدىلىنىپ ياسالغان، سۈركىلىشكە ئىنتايىن چىداملىق ھەمدە كۆزەينەكنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى قىلىنىدىغان بىر خىل قېتىشما.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

بابلاشماق

«بابلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى: -بۇ مۇناپىق ئىپلاسنى باتۇرلار تازا بابلىشىپتۇ-دە!-دېدى ساقىلى قاردەك ئاقارغان بىر مويسىپىت كىشى زۇنۇننىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قاراپ.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

بابلىماق

پېئىل ①ئەدىپىنى، جازاسىنى بەرمەك؛ جايلىماق:-يەپ تويماس باجگىرلارنى راسا بابلاپتۇ-دە!-دېدى خېرىدارلاردىن بىرى. ②بىرەر ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك، مۇۋاپىق بېجىرمەك، بەجا كەلتۈرمەك؛ ئورۇندىماق: بۇ شەكىللەرنى ئۆزىگە خاس ئورۇنلىرىغا بابلاپ ئىشلەتمىسەك، ئاسانلا خاتالىقلار كېلىپ چىقىدۇ. ③بىرەر ئىش ياكى گەپتە باشقىلارنى ئالدىماق، گوللىماق: ئۇ:-بۇ قېتىم مېنى قالتىس بابلاپ كەتتى،-دېدى سودىگەر يېنىدا كېتىۋاتقان خوتۇنىغا ھەسرەتلىك بىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!