جالالىدىن بەھرام 1942-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غۇلجا شەھرىدە ھۆنەرۋەن (تىككۈچى) ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۈنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان خەلق ناخشىچىسى ھەم رەسسام ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ، خۇش-پېئىللىق ۋە چاقچاقچىلىق بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۇ زېرەك ھەم تېتىك چوڭ بولۇۋاتقان ئوغلىغا خەلق -چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەرخىل رەسىملەرنى كۆرسىتىپ، رەسساملىقنىڭ سېھرى-كۈچىنى تەرىپلەيتتى. شۇڭا، جالالىدىن بەھرام: «مېنىڭ يۇمران قەلبىمگە ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، رەسساملىق ۋە ئەدەبىيات بىخلىرىنى يېتىشتۈرگەن ئاتامنى ھەر دائىم مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن…» دەيدۇ. << داۋامى بار … “جالالىدىن بەھرام”