ماتېماتىكا

ئەركىن سىدىق

ئەركىن سىدىق

ئەركىن سىدىق 1950-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى جۇڭگودا باشلانغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ قالايمىقانچىلىقى ھەممە يەرنى قاپلىغان مەزگىللەردە ئاقسۇدا تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىنى ئۇيغۇر دىيارىنى ئاچارچىلىق بېسىپ كەتكەن مەزگىلدە قوسىقى تويغۇدەك تاماق يېيەلمەي ئۆتكۈزگەن. باشلانغۇچ مەكتەپنى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ قالايمىقانچىلىقى ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاقسۇ شەھەرلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان (بۇ مەكتەپ ھازىر خەنزۇ مەكتەپ قىلىۋېتىلگەن ‏ـــــ مۇھەررىردىن). ئوتتۇرا مەكتەپنى «دېڭ شياۋپىڭنى كۆرەش قىلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ قويۇپ مەكتەپ باشقۇرۇش» ھەرىكەتلىرى بولىۋاتقان دەۋىردە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. نۇرغۇن ۋاقىتلىرى سىياسىي ھەرىكەتكە قاتنىشىش ۋە يېزا ئىگىلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، يېزا-زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەش بىلەن ئۆتكەن. << داۋامى بار … “ئەركىن سىدىق” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!