سەنئەت

نىياز كېرىم شەرقى

نىياز كېرىم شەرقى

نىياز كېرىم شەرقىي 1948- يىلى 10-ئايدا تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر جۇڭگو خەتتاتلار جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەمدە جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتى تەھرىرلىك، نەشر قىلىش كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى . جۇڭگو تارىخ موزىيى گۈزەل سەنئەت گالىرىيىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارىخ مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئىتى، ئاپتونوم رايونلۇق چەتئەللەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەتتاتلار، رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت ئۇستازى.

<< داۋامى بار … “نىياز كېرىم شەرقى” >>
 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

شېرىنگۈل يۇنۇس

شېرىنگۈل يۇنۇس

شېرىنگۈل يۇنۇس 1989- يىلى 12- ئايدا قومۇل شەھەرلىك پالۋانتۇر يېزا دۆربەجىن يوقىرى مەھەللە كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزنى قومۇلدا تاماملاپ، 2006- يىلى بېيجىڭ چاڭپىڭ 2- ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن. 2010- يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شەرقى شىمال ئورمانچىلىق ئىنىستىتوتىنىڭ باغۋەنچىلىك فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 2014- يىلى 7- ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قومۇلغا قايتىپ كەلگەن. شېرىنگۈل ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى تەربىيەسى ۋە ئوقۇتقۇچىسى تۇرسۇنجان ئىسھاقنىڭ تەسىرىدە، كىچىكىدىنلا خەتتاتلىققا ۋە رەسىم سىزىشقا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، 2003-يىلى تەتىل مەزگىلىدە ئۇستازى ئەسەت مۇھەممەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەتتاتلىقنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى تىكلىگەن.

<< داۋامى بار … “شېرىنگۈل يۇنۇس” >>
 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

غازى ئەمەت

غازى ئەمەت

داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت ئەپەندى 1935-يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ قوغان (ھازىرقى نەزەرباغ) يىزىسىدا دىنى زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى ئەخمەت قازىئاخۇنۇم ئۇقۇمۇشلۇق ئادەن بولغاچقا غازى ئەمەتنى ئەتراپلىق تەربىيلىگەن، 1946-يىلىدىن 1950-يىلغىچە دىنى بىلىم ئالغان. كىچىكىدىن رەسىم سىزىشقا، رەسساملىققا ھەۋەس قىلىپ كەلگەن غازى ئەمەت بالىلىق ۋاقىتلىرىدىلا رەسىم سىزىپ باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. غازى ئەمەت 1952-يىلى قەشقەر سىفەن مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ شۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىپ رەسساملىق ساھەسىگە چۇڭقۇر ئۇل سالغان. ئۇ 1954-شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسىم فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە ئۇ يەردىمۇ تىرىشىپ رەسىم ئىجادىيىتىگە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەشىق قىلغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن شۇ مەكتەپتە ئىشلىگەن. << داۋامى بار … “غازى ئەمەت” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

تاھىر ھامۇت

تاھىر ھامۇت

شائىر، رېژىسسور تاھىر ھامۇت 1969-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1986-يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان. 1992-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى) نىڭ ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ھازىرغىچە يۈز پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرى، تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە ماقالىلىرى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ خەنزۇچە يېزىلغان «ياز بىر سۈيقەست»، «ئارىلىق» دېگەن ئىككى پارچە شېئىرى خېيلوڭجىياڭ خەلق خەلق نەشرىياتى 1994-يىلى نەشر قىلغان «ئەسىر ئاخىرى: جۇڭگودىكى غوللۇق 500 شائىر» دېگەن توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى «يۈرەكسىز سۆيگۈ» (1996)، «قەشقەردىكى يەر شارى» (2000) قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. 2000-يىلى ئۇنىڭ «غەرب مودېرنىزىم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى» دېگەن كىتابى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. << داۋامى بار … “تاھىر ھامۇت” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!