تارىخ

تۇرغۇن ئالماس

تۇرغۇن ئالماس

تۇرغۇن ئالماس – 1924- يىلى 10- ئاينىڭ 30- كۈنى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ تاربوغۇز كەنتىدە نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.

ئۇ 1934- يىلىدىن 1939- يىلىغىچە، بۇلاقسۇ رايونى ئۆركەش يېزا باشلانغۇچ مەكتىپى بىلەن قەشقەر كونىشەھەردىكى نۇربېشى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇدى. 1939- يىلى 9- ئايدىن 1942- يىلى 8- ئايغىچە، ئۈرۈمچىدىكى سابىق ئۆلكىلىك پېداگوگىكا مەكتىپىدە، 1956- يىلى 6- ئايدىن 1957- يىلى 6- ئايغىچە، لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا ئوقۇدى.


دەسلەپكى ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرى
تۇرغۇن ئالماس 40- يىللاردىن باشلاپلا رۇس، فرانسۇز، ئىنگلىز كلاسسىك يازغۇچىلىرى ۋە سوۋېت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادى پائالىيىتىمۇ ئاشۇ يىللاردا باشلانغان. << داۋامى بار … “تۇرغۇن ئالماس” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

يالقۇن روزى

يالقۇن روزى

يالقۇن روزى 1966-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاتۇش شەھىرىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل تاغلىق يېزىسى ئاغۇدا توغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى 1973-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە ئاغۇ يېزىسىدا ئوقۇغان. 1980-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان.

1987-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئىستانسىسىغا قوبۇل قىلىنىپ، مۇخبىرلىق قىلغان. 1991-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 2005-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى دەرسلىك بۆلۈمىدە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش، تەھرىرلەش خىزمىتىنى قىلىۋاتىدۇ. << داۋامى بار … “يالقۇن روزى” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

قۇربان مامۇت

قۇربان مامۇت

تۆھپىكار ژۇرنالىست قۇربان مامۇت 1950-يىلى، كۇچار ناھىيەسى بېھىشباغ يېزا، بوستان كەنتىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، 1972-يىلدىن 1976-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1976-يىلىدىن 1984-يىلغىچە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ خىزمەت قىلغان، 1985-يىلىدىن باشلاپ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا مەسئۇل مۇھەررىر، باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ 2011-يىلى  پېنسىيەگە چىققان.

قۇربان مامۇت «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا مەسئۇل خىزمەتتە بولغان بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدىكى سەرخىل قەلەمكەشلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەققىدىكى بىر يۈرۈش نادىر ئەسەرلىرىنى تاللاپ مەزكۇر ژۇرنالدا ئېلان قىلغان. << داۋامى بار … “قۇربان مامۇت” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

رەشىد رەھمەتى ئارات ۋە ئۇيغۇرلار

رەشىد رەھمەتى ئارات ۋە ئۇيغۇرلار

ئاپتورى: يۈسۈپجان ياسىن (تەرجىمە ئەسەر)

رەشىد رەھمەتى ئارات قازان تاتارلىرىدىن يېتىشىپ چىققان دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە مەشھۇر تۈركولوگ.

ئۇ 1900- يىلى قازان شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كونا ئۈجۈمدە تۇغۇلغان. 1906-1910-يىللاردا باشلانغۇچ تەربىيىسىنى ئالغان. 1913- يىلى قىزىليار شەھىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1918- يىلى لىسە (تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ) نى تاماملىغان.

1917-يىلىدىكى بولشىۋېك ئىنقىلابىدىن كېيىن تۈرلۈك جەمئىيەتلەر قۇرۇلۇپ، ئۇلار قارمىقىدا ھەر خىل ژورناللار چىقىرىلىشقا باشلىغان. رەشىدى رەھمەتى ئارات دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە «بىرلىك» نامىدىكى بىر جەمئىيەتنى قۇرۇپ، «ياشلىق تېڭى» دېگەن بىر ژورنالنى چىقارغان ۋە دەستلەپكى قەلەم سىناقلىرىنى مۇشۇ ژۇرنالدىن باشلىغان. << داۋامى بار … “رەشىد رەھمەتى ئارات ۋە ئۇيغۇرلار” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!