تەرجىمىھال

جالالىدىن بەھرام

جالالىدىن بەھرام Jalalidin Behram

جالالىدىن بەھرام 1942-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غۇلجا شەھرىدە ھۆنەرۋەن (تىككۈچى) ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۈنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان خەلق ناخشىچىسى ھەم رەسسام ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ، خۇش-پېئىللىق ۋە چاقچاقچىلىق بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۇ زېرەك ھەم تېتىك چوڭ بولۇۋاتقان ئوغلىغا خەلق -چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەرخىل رەسىملەرنى كۆرسىتىپ، رەسساملىقنىڭ سېھرى-كۈچىنى تەرىپلەيتتى. شۇڭا، جالالىدىن بەھرام: «مېنىڭ يۇمران قەلبىمگە ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، رەسساملىق ۋە ئەدەبىيات بىخلىرىنى يېتىشتۈرگەن ئاتامنى ھەر دائىم مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن…» دەيدۇ. << داۋامى بار … “جالالىدىن بەھرام” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

غەنىزات غەيۇرانى

ئۇيغۇر قامۇسى

غەنىزات غەيۇرانى (1930-2007) كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1948-يىلىدىن 1950-يىلىغىچە شىنجاڭ دارىلفونۇنىدا ئوقۇغان. 1950-يىلىدىن 1953-يىلىغىچە سابىق ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1953-يىلىدىن 1955-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر دەرسلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1955-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تىلشۇناسلىق سىنىپىدا ئوقۇغان. 1957-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە مۇھەررىر، مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1962-يىلىدىن 1966-يىلىغىچە ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1980-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىدا تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. << داۋامى بار … “غەنىزات غەيۇرانى” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

قۇربان مامۇت

قۇربان مامۇت

تۆھپىكار ژۇرنالىست قۇربان مامۇت 1950-يىلى، كۇچار ناھىيەسى بېھىشباغ يېزا، بوستان كەنتىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، 1972-يىلدىن 1976-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1976-يىلىدىن 1984-يىلغىچە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ خىزمەت قىلغان، 1985-يىلىدىن باشلاپ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا مەسئۇل مۇھەررىر، باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ 2011-يىلى  پېنسىيەگە چىققان.

قۇربان مامۇت «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا مەسئۇل خىزمەتتە بولغان بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدىكى سەرخىل قەلەمكەشلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەققىدىكى بىر يۈرۈش نادىر ئەسەرلىرىنى تاللاپ مەزكۇر ژۇرنالدا ئېلان قىلغان. << داۋامى بار … “قۇربان مامۇت” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئۇيغۇر دوكتورلىرى

ئۇيغۇر قامۇسى

ئابدۇقادىر ھوشۇر (تىببىي، ياپونىيە)
ئاسىيە (تىببىي، فرانسىيە)
ئارزۇگۈل غۇلام (بېيجىڭ پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتى)
ئالىم تۇرسۇن (مۇھىت ئىلمى، جۇڭگو)
ئابدۇسالام جالالىدىن (جۇغراپىيە، ياپونىيە)
ئابدۇقادىر تاش (ئاخبارات، ئامېرىكا)
ئابدۇشۈكۈر ئېلىيۇف (فىزىكا)
ئاينۇر ئابدۇرازاق (كومپيۇتۇر، ئامېرىكا)
ئايجامال ئابدۇراھمان (ماتىماتىكا، گېرمانىيە)
<< داۋامى بار … “ئۇيغۇر دوكتورلىرى” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

كۈرەش ئىبراھىم

ئۇيغۇر قامۇسى

80- يىللارنىڭ بېشىدا، مەرھۇم شائىر نۇرمۇھەممەد ئەركىينىڭ «كىمنىڭ بار ئاشۇنداق ئالىمى قېنى، پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى» دېگەن ئىككى مىسرا نەقرات قىلىنغان غەزىلى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىي يازغان قامۇس «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك – تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەشرى بىلەن تەڭ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىغا تارقىلىپ كىشىلەرنىڭ، خۇسۇسەن ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياشلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە كەلتۇرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئوتلۇق قەلبىگە مەھمۇد قەشقىرىيدەك ئالىم بولۇش ئىستىكىنىڭ ئۆچمەس مەشئىلىنى ياققانىدى. مەملىكىتىمىزنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر دوكتور ئاشتى (postdoctor博士后) خىمىيە-فىزىكا ئالىمى كۈرەش ئىبراھىم مانا شۇ چاغلارىدىكى دىلىغا يۈكسەك غايىنى پۈككەن ياشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
<< داۋامى بار … “كۈرەش ئىبراھىم” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

رەشىد رەھمەتى ئارات ۋە ئۇيغۇرلار

رەشىد رەھمەتى ئارات ۋە ئۇيغۇرلار

ئاپتورى: يۈسۈپجان ياسىن (تەرجىمە ئەسەر)

رەشىد رەھمەتى ئارات قازان تاتارلىرىدىن يېتىشىپ چىققان دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە مەشھۇر تۈركولوگ.

ئۇ 1900- يىلى قازان شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كونا ئۈجۈمدە تۇغۇلغان. 1906-1910-يىللاردا باشلانغۇچ تەربىيىسىنى ئالغان. 1913- يىلى قىزىليار شەھىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1918- يىلى لىسە (تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ) نى تاماملىغان.

1917-يىلىدىكى بولشىۋېك ئىنقىلابىدىن كېيىن تۈرلۈك جەمئىيەتلەر قۇرۇلۇپ، ئۇلار قارمىقىدا ھەر خىل ژورناللار چىقىرىلىشقا باشلىغان. رەشىدى رەھمەتى ئارات دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە «بىرلىك» نامىدىكى بىر جەمئىيەتنى قۇرۇپ، «ياشلىق تېڭى» دېگەن بىر ژورنالنى چىقارغان ۋە دەستلەپكى قەلەم سىناقلىرىنى مۇشۇ ژۇرنالدىن باشلىغان. << داۋامى بار … “رەشىد رەھمەتى ئارات ۋە ئۇيغۇرلار” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

مەمتىمىن ھوشۇر

مەمتىمىن ھوشۇر

مەمتىىن ھوشۇر – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن يازغۇچىلاردىن بىرىدۇر. ئۇ ئاساسلىقى پروزا ساھەسىدە مۇھىم ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان. ئۇ ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتىنڭ ئەزاسى.

قىسقىچە ھاياتى
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر 1944-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1962-يىلى غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1967-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1968-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك باغۋەنچىلىك مەيدانىدا قايتا تەربىيىدە بولغان، 1972-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە غۇلجا شەھىرى كېپەكيۈزى يېزىسىدا خەلق ئىشلىرى كادىرى، 1975-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدە تەشۋىقات كادىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. << داۋامى بار … “مەمتىمىن ھوشۇر” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئەسەت سۇلايمان

ئەسئەت سۇلايمان

ئەسەت سۇلايمان 1969-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان. 1986-يىلى قۇمۇل شەھەرلىك راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1991-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنە شۇ فاكۇلتېتنىڭ ماگىستېر ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. 1994-يىلى فولكلور ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ماگىستېرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1995-يىلى 10-ئايدىن 1996-يىلى 5-ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىنستىتۇتىدا ھەمكارلاشما تەتقىقات تېمىسىنى ئىشلىگەن. 1996-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. << داۋامى بار … “ئەسەت سۇلايمان” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئىسلامجان شېرىپ

ئىسلامجان شېرىپ

ئالىم، تۆھپىكار تەرجىمان، زامانىمىزدىكى داڭلىق ئۇيغۇر نەشىرىياتچىسى، ناتىق ئىسلامجان شېرىپ 1947-يىلى 3-ئايدا قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان، بەشكېرەم، ئاۋات يېزا ۋە قەشقەر شەھىرىدە تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقىغان. 1976-يىلى ج ك پ گە كىرگەن. ئۇ «ش، ئۇ، ئا، ر ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» تەھرىر ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە، ئىدىيە تارىخى جەمئىيتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، «قۇداغۇبىلىك» ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، «ئون ئىككى مۇقام» تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ش، ئۇ، ئا، ر ئىجتىمائىي پەن ئەسەرلىرىنى باھالاش كومتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. ئۇ 1967-يىلى سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنى، 1985-يىلى ج ك پ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. << داۋامى بار … “ئىسلامجان شېرىپ” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئۇيغۇر بۇگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ يارقىن نامايەندىلىرىدىن، يىرىك شائىر ۋە يازغۇچى مول نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىستىداتلىق مەرھۇم ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923- يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇراھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆز ئاتا- ئانىسىدىن كىچىكىدىلا ئايرىلىپ، يېتىم قالغان. دادىسى تىلەش بېگىم ئارتۇش تىجەنلىك كىشى بولۇپ، ئالەمدىن ئۆتەر چېغىدا، ئەمدىلا تۆرت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى قۇمۇل مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان دوستى ئوسمان ھاجىغا ئوغۇللۇققا بېرىۋەتكەن. ئوسمان ھاجىم كۆپنى كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق، تەرەققىيپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ ئۆمۈر بويى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بولغاچقا، ئابدۇرېھىمنى ئىنتايىن ئارزۇلاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەن. ئۇنى ئۆزى ئوقۇتۇپ خەت-ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، دىنىي مەكتەپكە بەرگەن. << داۋامى بار … “ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!