خەتتاتلار

ئابلىكىم ئەمەت

فوتوگراق ئابلىكىم ئەمەت

فوتوگراق ئابلىكىم ئەمەت 1963-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋەتىنىمىزدىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى خوشۇت ناھىيەسىدە ئوقۇغان. ئالىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن. ئابلىكىم ئەمەت كىچىكىدىنلا گۈزەل-سەنئەتكە، رەسىم سىزىش ۋە ھۆسن خەت يېزىشقا ئئشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا نەشىر قىلىنغان نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ھۆسن خەت ۋە فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. ئابلىكىم ئەمەت پەۋقۇلئاددە تالانتلىق فوتوگراف، ئۇنىڭ سۈرەتكە ئالغان ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەنزىرىسى، دەريالىرى، تاغلىرى، قەدىمكى دەرەخلىرى <داۋامى بار…“ئابلىكىم ئەمەت”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

نىياز كېرىم شەرقى

نىياز كېرىم شەرقى

نىياز كېرىم شەرقىي 1948- يىلى 10-ئايدا تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر جۇڭگو خەتتاتلار جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەمدە جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتى تەھرىرلىك، نەشر قىلىش كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى . جۇڭگو تارىخ موزىيى گۈزەل سەنئەت گالىرىيىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارىخ مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئىتى، ئاپتونوم رايونلۇق چەتئەللەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەتتاتلار، رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت ئۇستازى.

<داۋامى بار…“نىياز كېرىم شەرقى”>
 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

شېرىنگۈل يۇنۇس

شېرىنگۈل يۇنۇس

شېرىنگۈل يۇنۇس 1989- يىلى 12- ئايدا قومۇل شەھەرلىك پالۋانتۇر يېزا دۆربەجىن يوقىرى مەھەللە كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزنى قومۇلدا تاماملاپ، 2006- يىلى بېيجىڭ چاڭپىڭ 2- ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن. 2010- يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شەرقى شىمال ئورمانچىلىق ئىنىستىتوتىنىڭ باغۋەنچىلىك فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 2014- يىلى 7- ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قومۇلغا قايتىپ كەلگەن. شېرىنگۈل ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى تەربىيەسى ۋە ئوقۇتقۇچىسى تۇرسۇنجان ئىسھاقنىڭ تەسىرىدە، كىچىكىدىنلا خەتتاتلىققا ۋە رەسىم سىزىشقا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، 2003-يىلى تەتىل مەزگىلىدە ئۇستازى ئەسەت مۇھەممەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەتتاتلىقنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى تىكلىگەن.

<داۋامى بار…“شېرىنگۈل يۇنۇس”>
 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!