ئۇيغۇرشۇناسلار

ئىقبال تۇرسۇن

ئىقبال تۇرسۇن

ئىقتىدارلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېىسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى ئىقبال تۇرسۇن 1969- يىلى 8- سېنتەبىر قەشقەر شەھىرىدە خەلق سەنئەتكارى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ – تۇلۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى بۆرتالا ۋە قەشقەردە ئوقۇغان. 1986- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا تولۇق كۇرس ئوقۇشىقا قۇبۇل قىلىنغان. 1991– يىلدىن 1994- يىلغا قەدەر شۇمەكتەپنىڭ تۈركىي تىل-ئەدەبىياتى كەسپى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى يۆنىلىشى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇشنى تاماملىغان، شۇ يىلى 7– ئايدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا ئىشلەپ كەلمەكتە.ئىقبال تۇرسۇن خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر تۇلۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانتلارغا «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» << داۋامى بار … “ئىقبال تۇرسۇن” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

زۇلپىقار بارات ئۆزباش 1975- يىلى ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1992- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ تەرجىمە باشقارمىسىدا تەرجىمان، سابىق «شىنجاڭ باج ئىشلىرى» ژۇرنىلىدا تەھرىر ۋە مەزكۇر ئىدارىنىڭ «باج كادىرلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ئەدەبىي تەرجىمىگە 1992- يىلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىن باشلاپ كىرىشكەن بولۇپ، جۇڭگۇ ۋە چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى كۆپلىگەن داڭلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغان ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ماھارىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن. ئۇ تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەرنىڭ تىلى ئىنتايىن راۋان، يېقىشلىق، پاساھەتلىك، چۈشىنىشلىك بولۇپ، ئوقۇغان كىشىگە ئانا تىلدا يېزىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. << داۋامى بار … “زۇلپىقار بارات ئۆزباش” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

راھىلە داۋۇت

راھىلە داۋۇت

راھىلە داۋۇت (Rahile Dawut) 1966- يىلى 5- ئايدا ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1983- يىلى 9- ئايدىن 1987- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا تولۇق كۇرستا ئوقۇغان. 1987- يىلى 9- ئايدىن 1990- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. 1994-يىلى 9- ئايدىن 1995- يىلى 7- ئايغىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1995- يىلى 9- ئايدىن 1998- يىلى 7- ئايغىچە بىيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا فولكلور كەسپى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ مازار مەدەنىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. << داۋامى بار … “راھىلە داۋۇت” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئىسلامجان شېرىپ

ئىسلامجان شېرىپ

ئالىم، تۆھپىكار تەرجىمان، زامانىمىزدىكى داڭلىق ئۇيغۇر نەشىرىياتچىسى، ناتىق ئىسلامجان شېرىپ 1947-يىلى 3-ئايدا قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان، بەشكېرەم، ئاۋات يېزا ۋە قەشقەر شەھىرىدە تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقىغان. 1976-يىلى ج ك پ گە كىرگەن. ئۇ «ش، ئۇ، ئا، ر ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» تەھرىر ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە، ئىدىيە تارىخى جەمئىيتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، «قۇداغۇبىلىك» ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، «ئون ئىككى مۇقام» تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ش، ئۇ، ئا، ر ئىجتىمائىي پەن ئەسەرلىرىنى باھالاش كومتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. ئۇ 1967-يىلى سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنى، 1985-يىلى ج ك پ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. << داۋامى بار … “ئىسلامجان شېرىپ” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

رەشىد رەھمەتى ئارات ۋە ئۇيغۇرلار

رەشىد رەھمەتى ئارات ۋە ئۇيغۇرلار

ئاپتورى: يۈسۈپجان ياسىن (تەرجىمە ئەسەر)

رەشىد رەھمەتى ئارات قازان تاتارلىرىدىن يېتىشىپ چىققان دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە مەشھۇر تۈركولوگ.

ئۇ 1900- يىلى قازان شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كونا ئۈجۈمدە تۇغۇلغان. 1906-1910-يىللاردا باشلانغۇچ تەربىيىسىنى ئالغان. 1913- يىلى قىزىليار شەھىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1918- يىلى لىسە (تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ) نى تاماملىغان.

1917-يىلىدىكى بولشىۋېك ئىنقىلابىدىن كېيىن تۈرلۈك جەمئىيەتلەر قۇرۇلۇپ، ئۇلار قارمىقىدا ھەر خىل ژورناللار چىقىرىلىشقا باشلىغان. رەشىدى رەھمەتى ئارات دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە «بىرلىك» نامىدىكى بىر جەمئىيەتنى قۇرۇپ، «ياشلىق تېڭى» دېگەن بىر ژورنالنى چىقارغان ۋە دەستلەپكى قەلەم سىناقلىرىنى مۇشۇ ژۇرنالدىن باشلىغان. << داۋامى بار … “رەشىد رەھمەتى ئارات ۋە ئۇيغۇرلار” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!