ئۇيغۇر دوكتورلىرى

نىياز كېرىم شەرقى

نىياز كېرىم شەرقى

نىياز كېرىم شەرقىي 1948- يىلى 10-ئايدا تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر جۇڭگو خەتتاتلار جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەمدە جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتى تەھرىرلىك، نەشر قىلىش كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى . جۇڭگو تارىخ موزىيى گۈزەل سەنئەت گالىرىيىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارىخ مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئىتى، ئاپتونوم رايونلۇق چەتئەللەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەتتاتلار، رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت ئۇستازى.

<< داۋامى بار … “نىياز كېرىم شەرقى” >>
 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز

دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز

ئەركىنئاي ئابلىز 1976- يىلى بۈگۈر ناھىيىسىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1997- يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، باكلاۋۇر ئۇنۋانىنى ئالدى. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۆزلۈكىدىن رۇس تىلى ئۆگەندى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بۈگۈر ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۇ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئىرادە باغلاپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئۆزلۈكىدىن ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەندى. شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرانت تەربىيىلەش مەركىزىدە «قوللانما ماتېماتىكا» كەسپىدە ئىككى يىل دەرس ئالدى. ئامېرىكىدا ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار «توفىل» (TOEFL) دەپ ئاتىلىدىغان ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى بىلەن «GRE»دەپ ئاتىلىدىغان << داۋامى بار … “دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئىقبال تۇرسۇن

ئىقبال تۇرسۇن

ئىقتىدارلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېىسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى ئىقبال تۇرسۇن 1969- يىلى 8- سېنتەبىر قەشقەر شەھىرىدە خەلق سەنئەتكارى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ – تۇلۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى بۆرتالا ۋە قەشقەردە ئوقۇغان. 1986- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا تولۇق كۇرس ئوقۇشىقا قۇبۇل قىلىنغان. 1991– يىلدىن 1994- يىلغا قەدەر شۇمەكتەپنىڭ تۈركىي تىل-ئەدەبىياتى كەسپى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى يۆنىلىشى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇشنى تاماملىغان، شۇ يىلى 7– ئايدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا ئىشلەپ كەلمەكتە.ئىقبال تۇرسۇن خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر تۇلۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانتلارغا «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» << داۋامى بار … “ئىقبال تۇرسۇن” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

زۇلپىقار بارات ئۆزباش 1975- يىلى ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1992- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ تەرجىمە باشقارمىسىدا تەرجىمان، سابىق «شىنجاڭ باج ئىشلىرى» ژۇرنىلىدا تەھرىر ۋە مەزكۇر ئىدارىنىڭ «باج كادىرلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ئەدەبىي تەرجىمىگە 1992- يىلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىن باشلاپ كىرىشكەن بولۇپ، جۇڭگۇ ۋە چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى كۆپلىگەن داڭلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغان ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ماھارىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن. ئۇ تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەرنىڭ تىلى ئىنتايىن راۋان، يېقىشلىق، پاساھەتلىك، چۈشىنىشلىك بولۇپ، ئوقۇغان كىشىگە ئانا تىلدا يېزىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. << داۋامى بار … “زۇلپىقار بارات ئۆزباش” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

راھىلە داۋۇت

راھىلە داۋۇت

راھىلە داۋۇت (Rahile Dawut) 1966- يىلى 5- ئايدا ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1983- يىلى 9- ئايدىن 1987- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا تولۇق كۇرستا ئوقۇغان. 1987- يىلى 9- ئايدىن 1990- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. 1994-يىلى 9- ئايدىن 1995- يىلى 7- ئايغىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1995- يىلى 9- ئايدىن 1998- يىلى 7- ئايغىچە بىيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا فولكلور كەسپى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ مازار مەدەنىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. << داۋامى بار … “راھىلە داۋۇت” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئەركىن سىدىق

ئەركىن سىدىق

ئەركىن سىدىق 1950-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى جۇڭگودا باشلانغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ قالايمىقانچىلىقى ھەممە يەرنى قاپلىغان مەزگىللەردە ئاقسۇدا تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىنى ئۇيغۇر دىيارىنى ئاچارچىلىق بېسىپ كەتكەن مەزگىلدە قوسىقى تويغۇدەك تاماق يېيەلمەي ئۆتكۈزگەن. باشلانغۇچ مەكتەپنى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ قالايمىقانچىلىقى ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاقسۇ شەھەرلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان (بۇ مەكتەپ ھازىر خەنزۇ مەكتەپ قىلىۋېتىلگەن ‏ـــــ مۇھەررىردىن). ئوتتۇرا مەكتەپنى «دېڭ شياۋپىڭنى كۆرەش قىلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ قويۇپ مەكتەپ باشقۇرۇش» ھەرىكەتلىرى بولىۋاتقان دەۋىردە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. نۇرغۇن ۋاقىتلىرى سىياسىي ھەرىكەتكە قاتنىشىش ۋە يېزا ئىگىلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، يېزا-زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەش بىلەن ئۆتكەن. << داۋامى بار … “ئەركىن سىدىق” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئەسەت سۇلايمان

ئەسئەت سۇلايمان

ئەسەت سۇلايمان 1969-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان. 1986-يىلى قۇمۇل شەھەرلىك راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1991-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنە شۇ فاكۇلتېتنىڭ ماگىستېر ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. 1994-يىلى فولكلور ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ماگىستېرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1995-يىلى 10-ئايدىن 1996-يىلى 5-ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىنستىتۇتىدا ھەمكارلاشما تەتقىقات تېمىسىنى ئىشلىگەن. 1996-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. << داۋامى بار … “ئەسەت سۇلايمان” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئۇيغۇر دوكتورلىرى

ئۇيغۇر قامۇسى

ئابدۇقادىر ھوشۇر (تىببىي، ياپونىيە)
ئاسىيە (تىببىي، فرانسىيە)
ئارزۇگۈل غۇلام (بېيجىڭ پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتى)
ئالىم تۇرسۇن (مۇھىت ئىلمى، جۇڭگو)
ئابدۇسالام جالالىدىن (جۇغراپىيە، ياپونىيە)
ئابدۇقادىر تاش (ئاخبارات، ئامېرىكا)
ئابدۇشۈكۈر ئېلىيۇف (فىزىكا)
ئاينۇر ئابدۇرازاق (كومپيۇتۇر، ئامېرىكا)
ئايجامال ئابدۇراھمان (ماتىماتىكا، گېرمانىيە)
<< داۋامى بار … “ئۇيغۇر دوكتورلىرى” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

كۈرەش ئىبراھىم

ئۇيغۇر قامۇسى

80- يىللارنىڭ بېشىدا، مەرھۇم شائىر نۇرمۇھەممەد ئەركىينىڭ «كىمنىڭ بار ئاشۇنداق ئالىمى قېنى، پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى» دېگەن ئىككى مىسرا نەقرات قىلىنغان غەزىلى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىي يازغان قامۇس «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك – تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەشرى بىلەن تەڭ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىغا تارقىلىپ كىشىلەرنىڭ، خۇسۇسەن ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياشلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە كەلتۇرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئوتلۇق قەلبىگە مەھمۇد قەشقىرىيدەك ئالىم بولۇش ئىستىكىنىڭ ئۆچمەس مەشئىلىنى ياققانىدى. مەملىكىتىمىزنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر دوكتور ئاشتى (postdoctor博士后) خىمىيە-فىزىكا ئالىمى كۈرەش ئىبراھىم مانا شۇ چاغلارىدىكى دىلىغا يۈكسەك غايىنى پۈككەن ياشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
<< داۋامى بار … “كۈرەش ئىبراھىم” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئالىم ئەھەت

ئالىم ئەھەت

ئالىم ئەھەت، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ 1973- يىلى 6- ئاينىڭ 14- كۈنى شايار ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1980- يىلىدىن 1991- يىلىغىچە شايار ناھىيەلىك 1- باشلانغۇچ ۋە 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، 1991- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، 1995- يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكولتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1995- يىلى 9- ئايدىن 1996- يىلى 7- ئايغىچە بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان، 1996- يىلى 9- ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. << داۋامى بار … “ئالىم ئەھەت” >>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!