ئەركىنئاي ئابلىز 1976- يىلى بۈگۈر ناھىيىسىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1997- يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، باكلاۋۇر ئۇنۋانىنى ئالدى. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۆزلۈكىدىن رۇس تىلى ئۆگەندى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بۈگۈر ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۇ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئىرادە باغلاپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئۆزلۈكىدىن ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەندى. شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرانت تەربىيىلەش مەركىزىدە «قوللانما ماتېماتىكا» كەسپىدە ئىككى يىل دەرس ئالدى. ئامېرىكىدا ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار «توفىل» (TOEFL) دەپ ئاتىلىدىغان ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى بىلەن «GRE»دەپ ئاتىلىدىغان << داۋامى بار … “دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز”