غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد 1971- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1988- يىلى قوشتاغ يېزىسىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1990- يىلىدىن 2002- يىلغىچە خوتەن پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2004- يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك يولۇچىلار توشۇش باش بېكىتىدە ئىشلەپ كەلمەكتە. ئەدەبىي ئىجادىيىتى «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 1990- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان «مېنىڭ جەننىتىم» ناملىق شېئىر بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرچە يېزىقتا چىقىۋاتقان ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 2000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە نەسىرلىرى ئېلان قىلىندى. 30 پارچىگە يىقىن شېئىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىندى. «مەشرەپ چۆلى»، «ئەرنىڭ ئېپپىتى»، «رەزىل ئاپتاپ»، «دۇتارچى ئايال» ناملىق 50 پارچىگە يىقىن شېئىرلىرى << داۋامى بار … “غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد”